سەپەردە ئېمىلداشنىڭ مەھرەم بولۇشى

سەپەردە ئېمىلداشنىڭ مەھرەم بولۇشى

سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم، ئېمىلداش سەپەردە مەھرەم بولسا بولامدۇ؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھى ۋەبەرەكاتۇھۇ.

بارلىق ھەمدۇسانالار جانابىي ئاللاھقا بولسۇن، دۇرۇد ۋە سالاملار پەيغەمبىرىمىزگە، ئۇ زاتنىڭ ئائىلە – تاۋابىئاتلىرىغا، ئەسھابلىرىغا ۋە ئۇ زاتقا تاكى قىيامەتكىچە ئەگەشكەنلەرگە بولسۇن!

نەسەب جەھەتتىن مەھرەم بولغانلار ئېمىلداشلىق جەھەتتىنمۇ مەھرەم بولىدۇ.

ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا: «تۇغۇت جەھەتتىن ھارام بولىدىغانلار ئېمىلداشلىق جەھەتتىنمۇ ھارام بولۇپ كېتىدۇ» دەيدۇ.(1)

ئىمام ئىبنى قۇدامە ئېيتىدۇ: «مەھرەم دېگەن: ئايالنىڭ ئېرى ياكى ئۇ ئايالنى نىكاھىغا ئېلىشى نەسەب ياكى مۇباھ سەۋەب جەھەتتىن مەڭگۈلۈك ھارام بولغان كىشى بولۇپ، مەسىلەن نەسەب ۋە ئېمىلداشلىق جەھەتتىن ئاتىسى، ئوغلى ۋە ئاكىسىغا ئوخشاش كىشىدۇر».(2)

مۇباھ سەۋەب جەھەتتىن مەڭگۈلۈك ھارام بولغان كىشى دېگىنى: ئېرى، قېيىنئاتىسى، ئۆگەي ئوغلى، ئېمىلداش ئوغلى، ئېمىلداش قېرىندىشى ۋە شۇلارغا ئوخشىغان كىشىلەرنى كۆرسىتىدۇ.

«مەڭگۈلۈك ھارام بولغان كىشى» دېگەن ئىبارىدىن ھەمشىرىسىنىڭ ئېرى چىقىپ كېتىدۇ. چۈنكى، بۇ كىشى ئۇ ئايالغا مەڭگۈلۈك ھارام بولمىغاچقا، ئايالغا ھەمشىرىسىنىڭ ئېرى مەھرەم بولالمايدۇ.

ۋەللاھۇ ئەئلەم بىسسەۋاب / ئاللاھ ئەڭ توغرىسىنى بىلگۈچىدۇر!

دوكتور ئابدۇلئەزىز رەھمەتۇللاھ

ھ. 1432، 24 – جامادىيەلئاخىر / م. 2011، 27 – ماي

«پەتۋالار مەجمۇئەسى»، 1 – توم، 111 – نومۇرلۇق پەتۋا.

—————–
1. «بۇخارىي»، (5239).
2. ئىبنى قۇدامە: «ئەلمۇغنىي»، 3/98.

Please follow and like us:

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ