تالاقتىن كېيىنكى ئۈچىنچى ھەيز كېچىكىپ كەتسە ئىددەتنى تاماملاش

سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ۋەرەھمەتۇللاھى ۋەبەرەكاتۇھۇ، بىزنىڭ بىر قېرىندىشىمىز ئېرىدىن ئاجرىشىپ كەتكەندىن كېيىنكى ئىككىنچى قېتىملىق ھەيزدىن كېيىن ئۈچىنچى قېتىملىق ھەيز كەلمەي 55 كۈن ئۆتۈپتۇ. بۇنداق ئەھۋال ئاستىدا ئىددەتكە قانداق ھۆكۈم قىلىمىز؟ ئۇنىڭ ئىددىتى توشقان ھېسابلىنامدۇ ياكى ئۈچىنچى قېتىملىق ھەيز كەلگۈچە داۋاملىق ساقلامدۇ؟ بىزگە مۇشۇ توغرىسىدا چۈشەنچە بېرىپ، بۇ ئىشنى قانداق بىر تەرەپ قىلىشىمىزغا ياردەم قىلىشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمىز.

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھى ۋەبەرەكاتۇھۇ.

بارلىق ھەمدۇسانا جانابى ئاللاھقا بولسۇن، شۇنداقلا پەيغەمبىرىمىزگە، ئائىلە – تاۋابىئاتلىرىغا ۋە ئۇنىڭغا تاكى قىيامەتكىچە ئەگەشكەنلەرگە دۇرۇت – سالاملار بولسۇن.

ھەيز كۆرىدىغان ئايال تالاق قىلىنغان ئەھۋالدا ئىددىتى تولۇق ئۈچ ھەيز بولىدۇ. كۈن ياكى ئاي بىلەن ھېسابلانمايدۇ.

ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە: [تالاق قىلىنغان ئاياللار ئۈچ ھەيز كۈتۈپ تۇرىدۇ] دېگەن.(1)

بۇ ھەيز كۆرىدىغان ئاياللار ھەققىدىكى ئايەت.

بۇنىڭغا ئاساسەن تالاقتىن كېيىن ئىككى ھەيز كۆرگەن بولسا، تاكى 3 – ھەيزنى كۆرۈپ ئۇنىڭدىن پاك بولغىچە ئىددەتتىن چىقمايدۇ.

ھەيزنىڭ بىنورمال بولۇشى ئىددەتنى تولۇق تاماملاشتىن توسۇپ قالمايدۇ. ئۇنداق بولغان ئىكەن، بۇ ئايال 3 – ھەيزنى كۈتۈپ تۇرۇشى لازىم.

ئەگەر 3 – ھەيز بەكلا كېچىكىپ كەتسە ئاخىرقى كەلگەن ھەيز توختىغان كۈندىن تارتىپ بىر يىل ئۆتسە ئاندىن ھەيز ئىددىتى توشقان بولىدۇ.

بىر كىشى ئايالىنى تالاق قىلىپ بىر ياكى ئىككى قېتىم ھەيز كۆرگەندىن كېيىن ھەيز كەلمەي قالغان ئايال توغرىسىدا ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دېگەن: «توققۇز ئاي ساقلاپ ئولتۇرىدۇ، ئەگەر بۇ مۇددەت ئىچىدە ھامىلىدارلىقى ئايان بولمىسا، ئۈچ ئاي ئىددەت تۇتىدۇ، بۇلارنىڭ توپلىمى بىر يىل بولغان بولىدۇ».(2)

«بۇ ۋەقەلىك مۇھاجىر ۋە ئەنسارلار بار سورۇندا بولغان، ئۇنىڭغا ھېچكىم ئېتىراز بىلدۈرمىگەن».(3)

يەنە باشقا ئالىملار: ئۆمرىنىڭ ئاخىرىغىچە تاكى ھەيز كۆرگىچە كۈتۈپ تۇرىدۇ، دەپ قارىغان بولسىمۇ، ئىددىتى ئۇزىراپ كەتسە ئەرگىمۇ ئايالغىمۇ نۇرغۇن زىيان كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان بولغاچقا، شۇنداقلا ھەزرىتى ئۆمەرنىڭ پىچىپ قويغىنى بىر خىل ئىجما بولغاچقا، كېيىنكى ئالىملارنىڭ قارىشىغا قارىغاندا ئالدىنقى ئالىملارنىڭ قارىشى ئەڭ مۇۋاپىق.

يۇقىرىقىلارغا بىنائەن، بۇ ئايال 3 – ھەيزنى كۆرمىگەن ئەھۋالدا تېخى ئىددەت ئىچىدە بولغان بولىدۇ، ئەگەر تالاق رەجئى تالاق بولغان بولسا بۇ مۇددەتتە ئېرى خالىسا ئەمرىگە قايتۇرۇۋالالايدۇ. بۇ ئىددەت ئىچىدە باشقا ھېچكىم ئۇ ئايال بىلەن توي قىلىش ئۈچۈن يا ئوچۇق يا ياپتا سۆز ئاچسا بولمايدۇ.

ۋەللاھۇ ئەئلەم.

دوكتور ئابدۇلئەزىز رەھمەتۇللاھ

2011. 7 . 20

«پەتۋالار مەجمۇئەسى»، 1 – توم، 414 – بەت. 105 – نومۇرلۇق پەتۋا.

—————————
1. «بەقەرە» سۈرىسى، 228 – ئايەت.
2. «موطأ» 2/582. 1212 – نومۇر. «مصنف عبد الرزاق» 6/339. 11095 – نومۇر. «مصنف ابن أبي شيبة» 4/167. 18997 – نومۇر. «دارمي» 1/241. 911 – نومۇر.
3. «المغني»، 8/89.

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز