بالىلارنىڭ ئاتا – ئانىدىن بۇرۇن ھەج قىلىشى

سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم، بىز بىر ئائىلە كىشىلىرىنىڭ سوئالى تۆۋەندىكىچە. ئانام بۇيىل 77 ياش تەن – سالامەتلىكى نورمال. بىز 6 قېرىنداش ئارىمىزدىن ئىككىنچى بالا بۇ يىل ھەرەمگە ھەج پەرزىنى ئۆتىگىلى ماڭماقچى ئىدى، ئەمدى تۇغقانلار بۇنىڭغا قوشۇلماي پىتنە قوزغاۋاتىدۇ سەۋەبى تۆۋەندىكىدەك:

1-   ئانا بارمىسا بالا بېرىشقا بولمايدۇ، دەپ.

2-   ئانام ھازىر ئۆي – ماكانسىز. ئانامغا ئۆي قىلىپ خاتىرجەم قىلىش شەرت دەيدۇ.

3-   كىچىك ئىنىمىزمۇ ھازىر ئۆي – ماكانسىز، ئىجارىگە ئولتۇرۇۋاتقان ھەم كۆپ قەرزدار بولۇپ قالغان.

مۇشۇ سەۋەبلەر راست بولغاچقا، بىز قانداق قىلىشنى بىلمەي قالدۇق. پەرز بولغان ھەجنى زادى قانداق قىلىش كېرەك؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھى ۋەبەرەكاتۇھۇ.

بارلىق ھەمدۇسانا جانابى ئاللاھقا بولسۇن، شۇنداقلا پەيغەمبىرىمىزگە، ئائىلە – تاۋابىئاتلىرىغا ۋە ئۇنىڭغا تاكى قىيامەتكىچە ئەگەشكەنلەرگە دۇرۇت – سالاملار بولسۇن.

مەلۇمكى، ھەج دېگەن ئىسلام پەرز قىلغان ئاساسلىق ئىبادەتلەرنىڭ بىرىدۇر، ئاللاھ تائالا مۇنداق دېگەن: [بېرىشنىڭ يولىنى قىلالىغانلارنىڭ كەئبىگە ھەج قىلىشى ئاللاھنىڭ ئۇلارنىڭ ئۈستىدىكى ھەققىدۇر، كىمكى تانىدىكەن، شۈبھىسىزكى، ئاللاھ ئەھلى جاھاندىن بىھاجەتتۇر].([1])

ئابدۇللاھ ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما رىۋايەت قىلىدۇكى، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: «ئىسلام دىنى بەش ئاساس ئۈستىگە قۇرۇلغان: بىر ئاللاھتىن باشقا ھېچ ئىلاھ يوق، مۇھەممەد ئاللاھنىڭ ئەلچىسى، دەپ گۇۋاھلىق بېرىش، نامازلارنى ئادا قىلىش، زاكات بېرىش، ھەج قىلىش، رامىزان ئېيىدا روزا تۇتۇش».([2])

ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىدۇكى، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمدىن:

_ قايسى ئەمەل ئەڭ ئەۋزەل؟ _دەپ سورالغان ئىدى،

_ ئاللاھ ۋە ئاللاھنىڭ رەسۇلىغا ئىشىنىش _ دېدى.

_ ئاندىن قايسى؟ _ دېيىلىۋىدى،

_ ئاللاھ يولىدا جىھاد قىلىش _ دېدى.

_ ئاندىن قايسى؟ _ دېيىلىۋىدى،

_ قوبۇل قىلىنغان ھەج _ دېدى.([3])

ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىپ دەيدۇكى: مەن رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى ئاڭلىغان: «كىمكى ئاللاھ ئۈچۈن ھەج قىلىپ ناشايان ئىشلارنى (جىمانى) ۋە گۇناھ ئىشلارنى سادىر قىلماي ھەجنى تاماملىسا، خۇددى يېڭى تۇغۇلغاندەك (گۇناھدىن پاك) ھالەتكە قايتىدۇ».([4])

يۇقىرىقىلارغا ئاساسەن ئىمكانىيىتى تۇرۇپ ھەج قىلمىغان كىشىنىڭ ئىسلامىي تولۇق بولمايدۇ. ھەج قىلالايدىغان تۇرۇقلۇق ھەجنى كېچىكتۈرسىمۇ چوڭ گۇناھ سادىر قىلغان بولىدۇ، چۈنكى ئاللاھ تائالانىڭ بۇيرۇقى، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ بۇيرۇقى ئورۇندىلىشى كېرەك. كېچىكتۈرگەن تەقدىردە، كېيىنچە، نامراتلىشىپ ياكى يول تاقىلىپ قېلىپ ياكى پاسپورتتىن ئايرىلىپ قېلىپ ياكى ئاغرىپ يېتىپ قېلىپ ياكى ئۆلۈپ قېلىپ ھەج بوينىدا قېلىشى مۇمكىن.

بۇنداق ئەھۋالدا، ھەج پەرز بولغان بىر ئوغۇل ھەجگە بارماقچى بولسا، باشقا قېرىنداشلىرىنىڭ، ئانىسىنىڭ ئۇنى ھەجدىن توسۇشى توغرا بولمايدۇ. توسقان تەقدىردىمۇ ھەج ۋاجىپ بولغان كىشى ئۇلارغا بويسۇنسا بولمايدۇ. چۈنكى، ياراتقۇچىغا ئاسىيلىق قىلىپ، مەخلۇققا بويسۇنۇش يوق.

بەزىدە رەسمىيەت جەھەتتىن ئانا بارالماي ئوغۇل بارالايدىغان بولۇپ قالىدۇ. بۇنداق ئەھۋالدا، ئوغۇل باشتا ھەج قىلسا بولۇۋېرىدۇ. ئانىسىدىن بۇرۇن ھەج قىلسا بولمايدۇ دەيدىغان بىر چەكلىمە يوق. لېكىن، ئانىسى ھەجگە بارالايدىغان بولسا، ئانىسىنى بىللە ئېلىپ بارسا بولىدۇ، ماددىي تەرەپتىن بىللە ئاپىرالمايدىغان بولسا، ئۆزى ھەج قىلىدىغان پۇلنى ئانىغا ئۆتۈنۈپ بەرسە، ئانىسى ئالدىن ھەج قىلسىمۇ بولىدۇ.

بۇ قېرىنداشلار ئانىسىنى ئۆز ئۆيلىرىدە تۇرغۇزۇپ خەۋەر ئالسا بولىدۇ، ئايرىم ئۆي ئېلىپ بېرىشى كېرەك ئەمەس. قېرىندىشىنىڭ قەرزىنى ئادا قىلىش مەجبۇرىيىتىمۇ يوق، ياردەم قىلسا، سىلە – رەھىم بولىدۇ، ياكى ئاكىلار زاكىتىنى بېرىپ ئىنىسىنى قەرزىدىن خالاس قىلىپ قويسىمۇ بولىدۇ.

ۋەللاھۇ ئەئلەم.

2011 – 7 – 29

—————————–
([1]) «ئال ئىمران» سۈرىسى، 97 – ئايەت.
([2]) سەھىھەين: «بۇخارى»، 8 – ھەدىس. «مۇسلىم»، 16 – ھەدىس.
([3]) «بۇخارى»، 1519 – ھەدىس.
([4]) «بۇخارى»، 1521 – ھەدىس.

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز