ئالدىن تۆلىۋەتگەن ئىجارە پۇلنىڭ زاكىتى

سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم، بىر سودىگەر يېڭىدىن سېلىنغان دۇكاندىن بىرنى ئىجارە ئالغان، 3 يىللىق ئىجارە پۇلنى 150000 سوم تۆلىدى. بۇ پۇلنىڭ زاكىتىنى كىم بېرىدۇ؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھى ۋەبەرەكاتۇھۇ.

بارلىق ھەمدۇسانا جانابى ئاللاھقا بولسۇن، شۇنداقلا پەيغەمبىرىمىزگە، ئائىلە – تاۋابىئاتلىرىغا ۋە ئۇنىڭغا تاكى قىيامەتكىچە ئەگەشكەنلەرگە دۇرۇت – سالاملار بولسۇن.

مەزكۇر دۇكان ئىجارىسى ئۈچۈن ئالدىن بەرگەن بۇ پۇلنىڭ زاكىتىنى دۇكاننى ئىجارىگە ئالغۇچى بەرمەيدۇ، چۈنكى بۇ پۇل دۇكان ئىگىسىنىڭ مۈلكى بولۇپ كەتكەن بولىدۇ. ئۇنداق بولغاندىن كېيىن بۇ پۇلنىڭ زاكىتىنى دۇكان ئىگىسى بېرىشى ۋاجىپ.

ئىجارىگە بەرگۈچى قولىغا كىرگەن ئىجارە كىرىمىنىڭ پۇلىنى قولىدىكى ئىقتىسادقا قوشۇپ، زاكات بېرىش ئۆلچىمىگە يەتسە قىرىقتىن بىرىنى زاكات بېرىدۇ.

زاكات كېلىدىغان ئۆلچەم 85 گرام ئالتۇن قىممىتىدۇر.

ۋەللاھۇ ئەئلەم.

دوكتور ئابدۇلئەزىز رەھمەتۇللاھ

2011. 7. 2

«پەتۋالار مەجمۇئەسى»، 1 – توم، 81 – نومۇرلۇق پەتۋا.

Please follow and like us:

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ