قەرز پۇلنىڭ زاكىتى توغرىسىدا

قەرز پۇلنىڭ زاكىتى توغرىسىدا

سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم، ئاتا – ئانا ئۆز پەرزەنتىگە، يەنى، (قىزى بىلەن كۈيئوغلىغا) ئۆي سېتىۋېلىشى ئۈچۈن ئاز – ئازدىن بىر نەچچە قېتىمغا بۆلۈپ ئالدىرىماي قايتۇرۇشى ئۈچۈن مەلۇم مىقداردا قەرز بېرىپ تۇرغان، بۇ ئاتا – ئانا بۇ پۇلنىڭ زاكىتىنى قاچان؟ قانداق ئايرىيدۇ؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھى ۋەبەرەكاتۇھۇ.

بارلىق ھەمدۇسانا جانابى ئاللاھقا بولسۇن، شۇنداقلا پەيغەمبىرىمىزگە، ئائىلە – تاۋابىئاتلىرىغا ۋە ئۇنىڭغا تاكى قىيامەتكىچە ئەگەشكەنلەرگە دۇرۇت – سالاملار بولسۇن.

قەرز بەرگەن پۇلنىڭ زاكىتىنى قەرز بەرگۈچى بېرىدۇ. چۈنكى، بۇ قەرز بەرگۈچىنىڭ مال – مۈلكىدۇر. قەرز ئالغۇچى بەرمەيدۇ، چۈنكى بۇ قەرز ئالغۇچىنىڭ مال – مۈلكى ئەمەس.

ئىسلام قۇرۇلتىيىغا تەۋە «ئىسلام فىقھى ئاكادېمىيىسى» 1985 – يىلىدىكى جىددە شەھىرىدە ئاچقان 2 – قۇرۇلتىيىدىكى قارارىدا مۇنداق كەلگەن: «1 – ئەگەر قەرز ئالغۇچى قايتۇرۇپ بېرىدىغان بولسا، قەرز پۇلنىڭ زاكىتى ھەر يىلى قەرز بەرگۈچىگە كېلىدۇ. 2 – ئەگەر قەرز ئالغۇچى قەرزنى قايتۇرۇپ بېرەلمەيدىغان ياكى قايتۇرۇپ بەرمەي سۆرەپ تۇرۇۋالىدىغان بولسا، قەرزنى قايتۇرۇپ ئالغان كۈندىن تارتىپ بىر يىل ئۆتكەندە قەرز بەرگۈچى قەرزنىڭ بىر يىللىق زاكىتىنى بېرىدۇ».

بۇنىڭغا بىنائەن، ئاتا – ئانىڭىز ھەر يىلى رامىزاندا زاكات بېرىپ كېلىۋاتقان بولسا، زاكات ئايرىيدىغان چاغدا ئۆز قولىدىكى ئىقتىسادقا سىزگە بېرىپ تۇرغان پۈتۈن قەرزنى قوشۇپ ھەممىگە %2.5 مىقداردا زاكات ئايرىيدۇ. سىزگە بېرىپ تۇرغان قەرز سىزنىڭ قولىڭىزدا قانچە يىل تۇرغان بولۇشىدىن قەتئىينەزەر قەرز پۇلغا زاكات بېرىۋېرىدۇ.

بەزى ئالىملار قايتۇرۇپ ئالالمايدىغان قەرزلەرنى قايتۇرۇپ ئالغاندا بىر قانچە يىل ئۆتۈپ كەتكەن بولسىمۇ قولىغا ئالغان شۇ بىر يىلغا زاكات بېرىدۇ، دەپ قارايدۇ. لېكىن، سىزنىڭ ئەھۋالىڭىزدا سىز قەرزنى بەرمەي تۇرۇۋالمىغاندىن كېيىن قەرز پۇلنى تاكى قايتۇرغانغا قەدەر قانچە يىل ئۆتسە، ئاتا – ئانىڭىز بۇ قەرزنىڭ زاكىتىنى خۇددى قولىدىكى پۇلغا ئوخشاش بېرىپ تۇرىدۇ.

ۋەللاھۇ ئەئلەم.

دوكتور ئابدۇلئەزىز رەھمەتۇللاھ

2011. 8. 4

«پەتۋالار مەجمۇئەسى»، 1 – توم، 75 – نومۇرلۇق پەتۋا.

Please follow and like us:

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ