يۈك ماشىنىلىرىنىڭ زاكىتى

سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم، بىزنىڭ بەش چوڭ يۈك ماشىنىمىز بار، كىشىلەرنىڭ يۈكىنى توشۇپ تۇرمۇش كەچۈرىمىز. بۇ ماشىنىمىزنىڭ تاپقان پۇلىغا زاكات ئايرىيمىزمۇ ياكى تاپقان پۇلى ۋە ماشىنىغىمۇ زاكات ئايرىيمىزمۇ؟ بەزەن ئۇستازلار: «تاپقان پۇلىغا ئايرىيسىلەر» دېسە، بەزەن ئۇستازلىرىمىز: «ئىككىلىسىگە ئايرىيسىلە» دەيدۇ. شۇڭا، بىز قانداق ئايرىساق شەرىئەتكە ئۇيغۇن بولىدۇ؟ ئايرىش ئۇسلۇبىنى چۈشەندۈرۈپ قويسىڭىز؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھى ۋەبەرەكاتۇھۇ.

بارلىق ھەمدۇسانا جانابى ئاللاھقا بولسۇن، شۇنداقلا پەيغەمبىرىمىزگە، ئائىلە – تاۋابىئاتلىرىغا ۋە ئۇنىڭغا تاكى قىيامەتكىچە ئەگەشكەنلەرگە دۇرۇت – سالاملار بولسۇن.

يۈك توشۇشقا ئىشلىتىلىدىغان ماشىنىلارنىڭ دىرىغا زاكات كەلمەيدۇ. چۈنكى، بۇ ئىشلىتىدىغان سايمانغا ئوخشاش نەرسىلەر. يۈك تۇشۇپ تاپقان پۇل قولىڭىزدىكى باشقا ئىقتىساد بىلەن زاكات كېلىدىغان ئۆلچەمگە يەتسە تاپقان پۇلغا %2.5 مىقداردا زاكات كېلىدۇ.

زاكات كېلىدىغان ئۆلچەم 85 گرام ئالتۇن قىممىتىدۇر.

قوشۇمچە ئىزاھات:

ئەسلىدە ئالىملار ئىجارە بېرىلىدىغان ئۆي، دۇكان، كىراغا سالىدىغان ماشىنا ۋە باشقا قاتناش ۋاسىتىلىرى شۇنداقلا ئىشلەپچىقىرىش زاۋۇتلىرى، تۈرلۈك ئۈسكۈنىلەر قاتارلىق نەرسىلەرنىڭ ھەممىنى «كىرىمىدىن پايدىلىنىدىغان نەرسىلەر» دەپ ئايرىم تۈرگە ئايرىيدۇ. بۇلارنىڭ زاكىتىنى قانداق ئايرىش مەسىلىسىدە بىر قىسىم ئالىملار ئاشۇ نەرسىلەرنىڭ قىممىتى باھالىنىپ پۈتۈن قىممىتىگە كىرىمى بىلەن قوشۇپ %2.5 مىقداردا زاكات بېرىدۇ، دەپ قارىغان. كۆپچىلىك ئالىملار شۇ نەرسىلەرنىڭ قىممىتىگە زاكات كەلمەيدۇ، تاپقان پۇلغا، كىرگەن كىرىمگە زاكات كېلىدۇ، دەپ قارايدۇ. بىز يۇقىرىدا شۇ قاراشنى تاللىدۇق. «دۇنيا زاكات شەرئى ھەيئىتى» مۇ مۇشۇ قاراشنى تۇتقاندۇر.([1])

كىرىمگە زاكات كېلىدۇ دەپ بېكىتكەندىن كېيىن قانچە پىرسەنت مىقداردا زاكات كېلىدۇ دېگەن مەسىلىدىمۇ ئالىملارنىڭ قاراشلىرى ئوخشاش ئەمەس. كۆپچىلىك ئالىملار تىجارەت قىلىدىغان تاۋار مال بىلەن پۇللارغا ئوخشاش كىرىمگە %2.5 مىقداردا زاكات بېرىدۇ، دەپ قارىغان.

ھازىرقى زامان ئالىملىرىدىن بىر قىسمى ئۇ نەرسىلەرنى تېرىلغۇ زېمىنغا قىياس قىلىپ كىرىمىدىن %10 ياكى %5 زاكات ئايرىيدۇ، دەپ قارىغان. ئىمام قەرداۋى ھەزرەتلىرىمۇ مۇشۇ كېيىنكى قاراشنى تەرجىھ قىلغان.([2])

بۇ قاراشقا ئاساسەن بارلىق چىقىملارنى چىقىرىۋەتكەندىن كېيىنكى قالغان ساپ كىرىمدىن %10 مىقداردا زاكات ئايرىلىدۇ. ئەگەر چىقىملارنى چىقىرىۋەتمىگەن ئەھۋالدا %5 مىقداردا زاكات ئايرىلىدۇ. لېكىن، چىقىرىۋېتىلىدىغان چىقىملارغا ئۆلچەم بېكىتىلمىسە زاكات جايىدا ئادا بولماي قالىدۇ. بۇلاردىن بەزىلەر ھەر قېتىم كىرىم قىلغاندا ئەمەس، يىل ئاخىرىدا بىر قېتىم بىراقلا زاكات بەرسە بولىدۇ، دەپ قارايدۇ. خالىغانلار بۇ قاراشنى تۇتسىمۇ بولىدۇ.

بىراق ئۇلارنىڭ بۇ ئۇسۇلى زاكاتنى ھېسابلاش جەھەتتىن قىيىن بولغاچقا، يەنە ئاساسلانغىنى قىياس بولغاچقا، ئۇنىڭغا قارىغاندا قەدىمكى ئالىملارنىڭ قىياسى تېخىمۇ جانلىق، قارىشى قولايدۇر. بىز يۇقىرىدا شۇ قاراشنى تاللىدۇق.

تاللىغان قاراشقا ئاساسەن بۇ تۈرلۈك كىرىملەرنىڭ زاكىتىنى ئايرىشتا مۇنۇلارغا دىققەت قىلىنىدۇ:

1 – بۇ خىل كىرىمنىڭ زاكىتى گەرچە بىر تەرەپتىن زىرائەت ھوسۇللىرىغا ئوخشاپ قالىدىغان بولسىمۇ، بىراق ھېسابلاش قولاي بولۇشى ۋە يەنە نامراتلارنىڭ مەنپەئەتى ئۈچۈن ھەر قېتىم كىرىم قىلغاندا ئەمەس، يىلنىڭ ئاخىرىدا بىر قېتىم زاكات بېرىلىدۇ. بەزىلەر ھەر قېتىم كىرىم قىلغاندا زاكات بېرىدۇ، دەيدۇ.

لېكىن، بەزىلەر ھەر كۈنى، بەزىلەر ھەر ئايدا بىر كىرىم قىلىدىغان بولغاچقا، بىرىنچىدىن: ھەر قېتىمقى كىرىملەر بەزىدە زاكات بېرىش ئۆلچىمىگە يەتمەيدىغان، بىر يىللىقىنى جەملىسە ئاندىن ئۆلچەمگە يېتىدىغان بولغاچقا، ئىككنچىدىن: ھەر قېتىم قىلغان كىرىمگە زاكات ئايرىپ ئولتۇرۇش ئىنتايىن قىيىن بولغاچقا، يىل ئاخىرىدا بىر قېتىم زاكات بېرىش مۇۋاپىق.

2 – بۇ تۈرلۈك كىرىمنىڭ زاكىتى بارلىق چىقىم ۋە رېمونت قىلىش، توك ۋە ماي سەرپىياتى، ئىشچىلارنىڭ مائاشلىرى قاتارلىق چىقىملارنىڭ ھەممىنى چىقىرىۋەتكەندىن كېيىن ساپ كىرىمگە كېلىدۇ.

3 – كىرىم قىلغان پۇل قولىدىكى باشقا ئىقتىساد بىلەن قوشقاندا، باشقىلارغا بېرىشى كېرەك بولغان قەرزلەرنى چىقىرىۋەتكەندىن كېيىن 85 گرام ئالتۇن قىممىتىگە يەتسە ئاندىن زاكات بېرىدۇ.

4 – بۇ كىرىملەر ئادەتتە، نەق پۇل بولغاچقا، زاكىتىمۇ نەق پۇلدىن بېرىلىدۇ.

5 – بۇ تۈرلۈك «كىرىمىدىن پايدىلىنىدىغان نەرسىلەر»نى سېتىۋەتكەن ئەھۋالدا زاكات شۇ نەرسىلەرنى ساتقان پۇلغىمۇ كېلىدۇ.([3])

خۇلاسىلەيدىغان بولساق، بۇ تۈرلۈك غەلىسىدىن پايدىلىنىدىغان نەرسىلەرنىڭ زاكىتىنى قانداق ئايرىش مەسىلىسىدە 3 خىل قاراش بار:

1 – دىرى بىلەن كىرىمگە يىلدا %2.5 مىقداردا زاكات ئايرىش.

2 – دىرىغا ئەمەس ساپ كىرىمگە %10 مىقداردا زاكات ئايرىش.

3 – ساپ كىرىمگە %2.5 مىقداردا زاكات ئايرىش.

ۋەللاھۇ ئەئلەم.

2011 – 8 – 4

————————
([1]) »دۇنيا زاكات شەرئىي ھەيئىتى» 1997 – يىلى كۇۋەيتتە ئېچىلغان »ھازىرقى زامان زاكات مەسىلىلىرى» 7 – قۇرۇلتاي قارارلىرى ۋە پەتىۋالىرى.
([2]) بۇ ھەقتە ئەتراپلىق مەلۇمات ئۈچۈن «فقه الزكاة»، 1/498 – 514 – بەتلەرگە قارالسۇن.
([3]) «محاسبة الزكاة»،  دوكتور ھۈسەين شەھاتە 155 – 166 – بەتلەر.

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز