زاكات بېرەلەيدىغان كىشىنىڭ بالىسىغا باشقىلار زاكات بەرسە بولامدۇ؟

سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم، زاكات بېرەلەيدىغان كىشى بالىسىغا ھاجىتىنى قامدىغۇدەك خەجلەپ بەرمىسە، بالىسىغا باشقىلار زاكات بەرسە بولامدۇ؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھى ۋەبەرەكاتۇھۇ.

بارلىق ھەمدۇسانا جانابى ئاللاھقا بولسۇن، شۇنداقلا پەيغەمبىرىمىزگە، ئائىلە – تاۋابىئاتلىرىغا ۋە ئۇنىڭغا تاكى قىيامەتكىچە ئەگەشكەنلەرگە دۇرۇت – سالاملار بولسۇن.

زاكات سەرپ قىلىنىدىغان سەككىز ئورۇننى ئاللاھ تائالا قۇرئاندا مۇنداق بايان قىلغان: [زاكات پەقەت پېقىرلارغا، مىسكىنلەرگە، ئۇنى يىغىدىغان خادىملارغا، دىللىرىنى ئىسلامغا مايىل قىلىش كۆزدە تۇتۇلغانلارغا، قۇللارنى ئازاد قىلىشقا، قەرزدارلارغا، ئاللاھنىڭ يولىغا ۋە ئىبنى سەبىللەرگە بېرىلىدۇ، بۇ ئاللاھنىڭ بەلگىلىمىسىدۇر، ئاللاھ (بەندىلىرىنىڭ مەنپەئەتىنى) ئوبدان بىلگۈچىدۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر].([1])

ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما رىۋايەت قىلىدۇكى، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇئاز ئىبنى جەبەل رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنى يەمەنگە ئەۋەتىپ مۇنداق دېگەن: «… ئاللاھنىڭ ئۇلارغا ئۇلارنىڭ بايلىرىدىن ئېلىنىپ، كەمبەغەللىرىگە قايتۇرۇلىدىغان زاكاتنى پەرز قىلغانلىقىنى بىلدۈرگىن، ئۇلار بۇ ھەقتە ساڭا ئىتائەت قىلسا، ئۇلاردىن زاكات ئالغىن…»([2])

يۇقىرىقىلارغا ئاساسەن باي كىشىگە زاكات ئېلىش دۇرۇس كەلمەيدۇ.

ئەمدى باي كىشىلەرنىڭ پەرزەنتلىرىگە كەلسەك، ئوغۇل بالىلار كىچىك ۋاقتىدا، شۇنداقلا قىز بالىلار چوڭ بولغاندىمۇ باقىدىغان ئېرى بولمىسا، پەرزەنت نەپىقىسى ئاتىسىنىڭ بوينىغا ۋاجىپ بولغاچقا، بۇ بالىلارنىڭ يېتەرلىك چىقىمىنى ئاتىسى قىلىپ بېرىشى كېرەك. ئەگەر ئاتىسى ئۇلارنى باقماي تاشلىۋەتكەن ياكى يېتەرلىك چىقىمىنى قىلىپ بەرمىگەن تەقدىردە، بۇ بالىلارنىڭ ھاجىتى قامدالمىسا، ئۇلار پېقىر دائىرىسىگە كىرىدۇ – دە، ئۇلارغا زاكات بەرسە بولىدۇ. ئەمما، ئاتىسى نورمال بېقىپ ھاجىتىنى قامداۋاتقان بولسا، ئۇلار پېقىر دائىرىسىگە كىرمەيدۇ. نەتىجىدە، ئۇلارغا زاكات بېرىش دۇرۇس بولمايدۇ.

چوڭ ئوغۇللارغا كەلسەك، ئۇلارنى ئىككى قىسىمغا ئايرىش مۇمكىن: بىرى، ئاتىسى بېقىپ كېلىۋاتقانلار. يەنە بىرى، ئۆزىنى ئۆزى بېقىپ كېلىۋاتقانلار. ئوقۇش ياكى كېسەللىك ياكى باشقا سەۋەبتىن ئاتىسى بېقىۋاتقان چوڭ ئوغۇللار يۇقىرىقىغا ئوخشاش.

ئۆزىنى ئۆزى بېقىپ كېلىۋاتقان پەرزەنتلەر پېقىر ياكى قەرزدار بولۇپ قالسا، ئاتىسى ئېھتىياجىنى قامدىمىسا ياكى قەرزىنى تۆلىۋەتمىسە، ئۇلارغا پېقىرلىق ۋە قەرزدارلىق سۈپەت بىلەن زاكات بېرىشكە بولىدۇ.

دېمەك، زاكاتنى ئېلىشقا لايىق بولۇش پېقىر بولۇشقا چېتىشلىق، پېقىر بولىدىكەن، باينىڭ بالىسى بولسىمۇ زاكات دۇرۇس كېلىدۇ. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:  [ئەھۋالنى ئۇقمىغانلار ئۇلارنىڭ نەرسە تىلىمىگەنلىكلىرىگە قاراپ ئۇلارنى باي دەپ گۇمان قىلىدۇ، ئۇلارنىڭ چىرايىدىن تونۇيسەن، ئۇلار كىشىلەرگە چاپلىشىۋېلىپ تىلەمچىلىك قىلمايدۇ، مېلىڭلاردىن نېمىنى خەير – ئېھسان قىلماڭلار، ئاللاھ ھەقىقەتەن ئۇنى بىلگۈچىدۇر].([3])

ئېھتىياجىنى باي ئاتىسى قامدىمايدىغان بالىلارنىمۇ ئەھۋالنى ئۇقمىغانلار ئۇلارنىڭ نەرسە تىلىمىگەنلىكلىرىگە، ئاتىسىنىڭ باي ئىكەنلىكىگە قاراپ ئۇلارنى باي دەپ گۇمان قىلىدۇ، شۇڭا، بۇ ئايەتكە ئاساسەن، ئاتىسى باي بولغاچقا، ئىقتىسادىي جەھەتتىن قىينالمايدۇ دەپ ئويلاپ قالىدىغان، لېكىن ئەمەلىيەتتە، ئاتىسى ياخشى قارىمىغانلىقتىن زاكات دۇرۇس كېلىدىغان دەرىجىدە نامرات پەرزەنتلەرگە باشقىلار زاكات بەرسە بولىدۇ.

ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىپ دەيدۇكى: رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: «بىر لوقما ياكى ئىككى لوقما تائام ئۇنى ئىشىكلەردىن قايتۇرۇۋەتكەن ئادەم مىسكىن ئەمەس، مىسكىن دېگەن، ئېھتىياجىنى قامداپ كېتەلىگۈدەك نەرسىسى يوق، كىشىلەردىن سوراشتىن خىجىل بولىدىغان ياكى كىشىلەرگە چاپلىشىۋېلىپ تىلەمچىلىك قىلمايدىغان كىشىدۇر».([4])

بۇ ھەدىستىمۇ ئېھتىياجىنى قامداپ كېتەلىگۈدەك نەرسىسى يوق كىشىنى رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مىسكىن دەپ ئاتىغان.

مەئىن ئىبنى يەزىد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما رىۋايەت قىلىپ دەيدۇكى: «رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمگە مەن، ئاتام ۋە بوۋام بەيئەت قىلغانمىز، رەسۇلۇللاھ ماڭا ئۆزى ئەلچى بولۇپ مېنى ئۆيلەپ قويغان ئىدى، يەنە تېخى مەن رەسۇلۇللاھنىڭ ئالدىغا دەۋالىشىپمۇ بارغان ئىدىم. ئاتام يەزىد بىر نەچچە تىللانى سەدىقە بەرمەكچى بولۇپ ئېلىپ چىقىپ (موھتاجلارغا بېرىۋەتسۇن دەپ) مەسچىتتىكى بىر كىشىنىڭ يېنىغا قويۇپ قويغان ئىكەن، مەن مەسچىتكە بېرىپ ئۇ سەدىقىنى ئېلىپ ئاتامنىڭ يېنىغا كەلسەم، ئاتام: «ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، مەن ساڭا بېرىشنى ئىرادە قىلمىغان» دەپ تۇرۇۋالدى، شۇنىڭ بىلەن مەن ئاتام بىلەن دەۋالىشىپ رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ئالدىغا بارسام، رەسۇلۇللاھ: «ئى يەزىد! نىيەت قىلغىنىڭ ساڭا بولسۇن، ئى مەئىن! ئالغىنىڭمۇ ساڭا بولسۇن» دېدى».([5])

بۇ ھەدىستىمۇ زاكات بەرگەن كىشىنىڭ پېقىر ياكى قەرزدار ئوغلىغا زاكات دۇرۇس بولغان. لېكىن، ئەلۋەتتە، ئاتىسى ئوغلىغا بېرىشنى مەقسەت قىلماستىن، ئاتىسىنىڭ ۋەكىلى ئۇقماستىن ئوغۇلغا بېرىپ سالغان. بۇ ئاتىنىڭ زاكىتى ئوغلىغا دۇرۇس بولمايدىغانلىقى، باشقىلارنىڭ زاكىتى ئوغۇلغا دۇرۇس بولىدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ.

ھەنەفىي مەزھەپ فىقھىدا مۇنداق كۆرسىتىلگەن: «باينىڭ بالىسى كىچىك بولسا زاكات بەرسە دۇرۇس بولمايدۇ. چۈنكى، ئۇ ئاتىسىنىڭ بايلىقى بىلەن باي ھېسابلىنىدۇ. ئەمما، چوڭ بالا كېسەل ياكى ئەما بولغانلىقتىن ئۇنىڭ نەپىقىسى ئاتىسىغا ۋاجىپ بولسىمۇ، لېكىن ئۇ ئاتىسىنىڭ بايلىقى بىلەن باي ھېسابلانمايدۇ. باينىڭ چوڭ قىزىدىمۇ بۇنداق ئۆزرىلەر تېپىلمىغان تەقدىردە، ئۇنى ئاتىسى باقسۇن ياكى باقمىسۇن ئۇنىڭغا زاكات بەرسە بولىدۇ. شۇنداقلا باي ئوغلى بار پېقىرغا بەرسىمۇ بولىدۇ».([6])

ۋەللاھۇ ئەئلەم.

دوكتور ئابدۇلئەزىز رەھمەتۇللاھ

2011 – 8 – 17
————————-
([1]) «تەۋبە» سۈرىسى، 60 – ئايەت.
([2]) سەھىھەين: «بۇخارى»، 1496 – ھەدىس. «مۇسلىم»، 19 – ھەدىس.
([3]) «بەقەرە» سۈرىسى، 273 – ئايەت.
([4]) سەھىھەين: «بۇخارى»، 1476 – ھەدىس. «مۇسلىم»، 1039 – ھەدىس.
([5]) «بۇخارى»، 1422 – ھەدىس.
([6]) «الهداية»، بىلەن «فتح القدير» 2/272.

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز