ھەيزدارلارنىڭ قۇرئان كەرىمنىڭ ئۇيغۇرچە تەرجىمىسىنى ئوقۇشى

سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم، ئاياللار ھەيزدار ھالەتتە قۇرئان كەرىمنى ئوقۇسا بولمايدۇ. ئۇنداقتا ھەيزدار ھالەتتە قۇرئان كەرىمنىڭ ئۇيغۇرچە تەرجىمىسىنى ئوقۇسا بولامدۇ؟ بۇ يەردىكى بەزى ئۇستازلار پەتىۋا بېرىپ: ھەيزدار تەرجىمە قۇرئان ئوقۇسىمۇ، ھەتتا بىسمىللا دېسىمۇ، ئايەتنىڭ ئەرەبچىسىنى كۆڭلىدە ئويلىسىمۇ بولمايدۇ دېدى. بەزى كىتابلاردا مەن ھەيزدار قۇرئاندىكى سۈرە «فاتىھە»دەك بەزى ئايەتلەرنى دۇئا تەرىقىسىدە ئوقۇسا بولىدۇ دەپ كۆرگەن ئىدىم. بۇلارنىڭ قايسىسى توغرا؟ بۇلارغا ئېنىق ھۆكۈم بارمۇ؟ ئاللاھ دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە ئەجىرلىرىنى بەرسۇن!

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھى ۋەبەرەكاتۇھۇ.

بارلىق ھەمدۇسانا جانابى ئاللاھقا بولسۇن، شۇنداقلا پەيغەمبىرىمىزگە، ئائىلە – تاۋابىئاتلىرىغا ۋە ئۇنىڭغا تاكى قىيامەتكىچە ئەگەشكەنلەرگە دۇرۇت – سالاملار بولسۇن.

كۈچلۈك قاراشقا ئاساسەن ھەيزدارلارنىڭ قۇرئاننى، تەپسىرىنى ۋە تەرجىمىسىنى تۇتۇپ ياكى تۇتماي يادا ياكى قاراپ ئوقۇشى جائىزدۇر. شۇنداقتىمۇ، بۇ ئالىملار ئوتتۇرىسىدا ئىختىلاپ بولغان مەسىلە بولغاچقا، پەلەي بىلەن تۇتۇپ ئوقۇغىنى ئەۋزەل.

ئەسلىدە «ھەيزدارنىڭ غۇسلى قىلىشتىن بۇرۇن قۇرئان ئوقۇشى جائىز بولمايدۇ، بۇنىڭدىن پەقەتلا دۇئا ياكى زىكىر تەرىقىسىدە ئېيتىلغانلىرى مۇستەسنا» دېگەن قاراش كۆپچىلىك ئالىملارنىڭ قارىشىدۇر.([1])

ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما رىۋايەت قىلىدۇكى، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: «ھەيزدارمۇ، جۇنۇپمۇ قۇرئاندىن ھېچنېمە ئوقۇمايدۇ».([2])

لېكىن، بۇ ھەدىس بارلىق ھەدىسشۇناسلارنىڭ نەزىرىدە ئاجىزدۇر.([3])

بۇلار يەنە ھەيزدارنى جۇنۇپقا قىياس قىلىپ ھەر ئىككىسى غۇسلى ۋاجىپ بولغان كىشى، بەلكى، تېخى ھەيزدارنىڭ تاھارەتسىزلىكى تېخىمۇ تەكىتلىك، دېگەن.

ئۇلار دەلىل قىلىپ كۆرسەتكەن ھەدىسلەرنىڭ كۆپىنچىسى سەھىھ ھالەتتە ئىسپاتلانمىغان ياكى سەھىھ دەپ قارالغان تەقدىردىمۇ تەۋىل قىلغىلى بولىدىغان ھەدىسلەر بولغاچقا، ئىمام مالىك ۋە بۇخارى قاتارلىق بەزى ئالىملار ھەزرىتى ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇمانىڭ: «جۇنۇپ كىشى قۇرئان ئوقۇسا مەيلى» دەپ قارايدىغانلىقىنى، ئىبراھىمنىڭ: «ھەيزدار بىرەر ئايەت ئوقۇسا ھېچ گەپ يوق» دېگەنلىكىنى، يەنە «پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەممۇ ھەرقانداق ئەھۋالدا ئاللاھنى زىكىر قىلاتتى» دېگەن ھەدىسنى ئاساس قىلىپ: زىكىر دېگەن قۇرئان ئوقۇش بىلەنمۇ بولىدۇ، شۇڭا، جۇنۇپ ۋە ھەيزدارلار قۇرئان ئوقۇسا بولىدۇ، دەپ قارىغان.([4])

سەئىيد ئىبنى مۇسەييەبتىن جۇنۇپ كىشى قۇرئاندىن بىر نەرسە ئوقۇمدۇ؟ دەپ سورالغاندا، ئۇ: ھەئە، دەپ جاۋاب بەرگەن.([5])

بۇلار يەنە مۇنداق دەلىل كۆرسەتكەن:

1 – جائىزلىق ئەسلى ھۆكۈم بولۇپ، ھەيزدارنىڭ قۇرئان ئوقۇشىنى چەكلەيدىغان سەھىھ، ئېنىق بىر دەلىل يوق. رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم زامانىدا ئاياللار ھەيز كۆرىدىغان تۇرۇقلۇق رەسۇلۇللاھ ئۇلارنى زىكىر بىلەن دۇئا قىلىشتىن توسمىغاندەكلا قۇرئان ئوقۇشتىنمۇ توسمىغان.

2 – ھەيزدار جۇنۇپتىن پەرقلىق، چۈنكى جۇنۇپ ئۆز ئىختىيارى بىلەن جۇنۇپلۇقنى يوقىتالايدۇ. ھەيزدار ساقىيىشنى كۈتۈپ تۇرماي باشقا چارە تاپالماي ھەيز مۇددىتى ئۇزىراپ كېتىدۇ.

3 – ھەيزدارنى قۇرئان ئوقۇشتىن چەكلەش ئوقۇ – ئوقۇتۇشتا قۇرئاننى ئۇنتۇپ قېلىشقا ئېلىپ بارىدۇ.([6])

بۇ ئىختىلاپ ئالدىدا قۇرئان ئوقۇغۇچى ۋە ئوقۇتقۇچى قىز – چوكانلار قانداق قىلىشى كېرەك؟ ئۇلار ھەر ئايدا بىر ھەپتە ياكى ئۇنىڭدىن كۆپ قۇرئان ئوقۇيالماي ياكى ئوقۇتالماي، يادا ئالغانلىرىنى ئۇنتۇپ كېتىپ قالىدىغۇ؟ ئەلۋەتتە، ئىمام بۇخارى ۋە ئىمام مالىك قاتارلىق ئالىملارنىڭ قارىشى بويىچە ئوقۇسا بولىدۇ.

كۆپچىلىك ئالىملارنىڭ قارىشىغا كەلسەك، ئۇلاردىن بەزىلىرى: «ئوقۇتقۇچى ئادەت كۆرگەندە بىر سۆزدىن بىر سۆزدىن ئۆگىتىدۇ» دېگەن، ئىمام تاھاۋى: «يېرىم ئايەتتىن يېرىم ئايەتتىن ئوقۇيدۇ» دېگەن، يېرىم ئايەت ئوقۇسا بولىدۇ دېگەن قاراش ئىمام ئەبۇ ھەنىفە رەھمەتۇللاھى ئەلەيھىدىنمۇ رىۋايەت قىلىنغان، يەنە بەزىلەر: «بەك قىسقا ئايەت بولسا مەيلى» دېگەن.([7])

مېنىڭچە، بۈگۈنكى كۈندە قۇرئان كەرىمنى يادلاش ۋە ئوقۇتۇش ئىشلىرىنىڭ ئۈزۈلۈپ قالماسلىقىنى كۆزدە تۇتۇپ ھەيزدار خانىم – قىزلارغا ئوقۇ – ئوقۇتۇش ۋە يادلاش دائىرىسىدە رۇخسەت قىلىش كېرەك. بۇ يۇقىرىقى سەھىھ دەلىللەرگە ئاساسلىنىدۇ، شۇنداقلا ئىسلام روھىغا زىت كەلمەيدۇ.

ئىمام مالىك رەھمەتۇللاھى ئەلەيھىمۇ ھەيزدار قۇرئان ئوقۇسا بولىدۇ دەپ رۇخسەت قىلغان، بۇ ئىمام ئەھمەد رەھمەتۇللاھى ئەلەيھىدىنمۇ كەلگەن بىر قاراشتۇر. تېخى ئىمام ئىبنى تەيمىيە رەھمەتۇللاھى ئەلەيھى: «ئايال كىشى قۇرئاننى ئۇنتۇپ قېلىش خەۋپى بولسا ھەيزدار بولسىمۇ قۇرئاننى تاشلىماي ئوقۇشى ۋاجىپ بولىدۇ»، دەپ قارىغان.([8])

ھەيزدار قۇرئاننى دىلى بىلەن ئوقۇسا ئەلۋەتتە بولىدۇ. زىكىر ياكى دۇئا نىيىتىدە «فاتىھە»نى ياكى دۇئا مەزمۇندىكى ئايەتلەرنى ئوقۇش ھەنەفىي ۋە باشقا مەزھەپلەردىكى توغرا ھېسابلىنىدىغان قاراشتا مەكروھ بولمايدۇ. زىكىر قىلسا، تەسبىھ، تەھلىل ۋە دۇرۇت ئېيتسىمۇ مەكروھ بولمايدۇ، بۇنىڭ دەلىلى ئىجما بىلەن سەھىھ ھەدىسلەردۇر.([9])

جۇنۇپ، ھەيزدار ۋە نىپاسدالارنىڭ قۇرئاننى تۇتۇشىنىڭ جائىز بولمايدىغانلىقىدا تۆت مەزھەپ ئارىسىدا ئىختىلاپ بولمىسىمۇ بىر قىسىم ئالىملار تۇتسا بولىدۇ، دەپ قارىغان.

كۆپچىلىك بۇ ئايەتنى دەلىل قىلغان:

[شەك – شۈبھىسىزكى، ئۇ ئۇلۇغ قۇرئاندۇر، ساقلانغان كىتابتىدۇر، ئۇنى پەقەت پاك بولغانلارلا تۇتىدۇ].([10])

ئۇلار ئايەتتىكى: «كىتاب» دېگەن سۆزنى قۇرئان دەپ تەپسىر قىلغان.

يەنە «قۇرئاننى پەقەتلا پاك كىشىلا تۇتىدۇ» دېگەن ھەدىسنى،([11]) يەنە «قۇرئاننى پەقەت پاك ھالىتىڭدىلا تۇتقىن» دېگەن ھەدىسنى([12]) دەلىل قىلغان.

لېكىن، ئۇلارنىڭ دەلىللىرى ئېتىرازغا ئۇچرىغان، ئايەتكە قارىتا بېرىلگەن ئېتىراز شۇكى، ئايەتتىكى: «كىتاب»تىن مەقسەت لەۋھۇلمەھپۇزدۇر، «پاك بولغانلار» دىن مەقسەت «پەرىشتىلەر»دۇر. ياكى كىتابتىن قۇرئان مەقسەت قىلىنسا، پاك بولغانلاردىن مەقسەت شېرىكتىن پاك بولغانلاردۇر، چۈنكى مۇشرىكلار نىجىستۇر، ئىمام ئىبنى قەييىم رەھمەتۇللاھى ئەلەيھى «ئەتتىبيان في ئەقسامىل قۇرئان» دېگەن كىتابىدا كىتابتىن مەقسەت پەرىشتىلەرنىڭ قولىدىكى لەۋھۇلمەھپۇز ئىكەنلىكىگە ئون تەرەپتىن دەلىل كەلتۈرگەن.([13])

كۆپچىلىك دەلىل قىلغان ھەدىسلەرگە قىلىنغان ئېتىرازلار شۇكى، 1 – ھەدىس ئاجىزدۇر، راۋىيلىرى ئارىسىدا ئاجىز راۋىي بولغاچقا، ئىمام ئىبنى ھەزم ۋە ئىمام نەۋەۋى بۇ ھەدىسنى «ئاجىز» دەپ باھالىغان، ئىمام ئىبنى ئابدۇلبەر ۋە ھاكىم قاتارلىق ئالىملار، شۇنداقلا كېيىنكى ئالىملاردىن شەيخ ئالبانىنىڭ «ئىرۋائۇل غالىيل»دا سەھىھ دېگەن باھاسىغا ئاساسلانغان تەقدىردىمۇ ھەدىستىكى «پاك بولغۇچى» دېگەن سۆز مۇسۇلمان كىشىگە، تاھارىتى بار كىشىگە، غۇسلى قىلىپ جۇنۇپلىقتىن پاك بولغان كىشىگە، شۇنداقلا بەدىنىدە نىجاسەت بولمىغان كىشىگە ئوخشاشلا ئىشلىتىلىدىغان ئورتاق بىر سۆزدۇر، مۇسۇلمان كىشى مەقسەت قىلىنىش ئېھتىمالى كۈچلۈك، چۈنكى قۇرئاندا: [مۇشرىكلار نىجىستۇر]([14]) دېگەن.

ئۇنداقتا ھەدىسنىڭ مەنىسى مۇنداق بولىدۇ: «قۇرئاننى پەقەتلا مۇسۇلمان كىشىلا تۇتىدۇ». ھەدىستىكى پاك بولغۇچىدىن تاھارىتى بولسۇن ياكى غۇسلى قىلىپ جۇنۇپلىقتىن پاك بولغان كىشى بولسۇن ياكى بەدىنىدە نىجاسەت بار كىشى بولسۇن مۆمىن كىشى مەقسەت قىلىنىدىغانلىقى چىقىپ تۇرىدۇ، چۈنكى پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم «سەھىھەين»دە: «مۆمىن دېگەن نىجىس بولمايدۇ» دېگەن.

2 – ھەدىستىمۇ ئاجىزلىق بار، چۈنكى راۋىيلىرىدىن بىرىدە كۆزقاراش ئوخشاش ئەمەس.([15])

ئاز سانلىق ئالىملار تۇتسا بولىدۇ دېگەن قارىشىغا پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ھىرەقلىگە ئايەت يېزىلغان مەكتۇپ يوللىغانلىقىنى، ھىرەقىل ۋە ئۇنىڭدىن باشقا مەكتۇپ يوللانغان مۇشرىكلارنىڭ جۇنۇپلۇقتىن پاكلانمايدىغانلىقىنى دەلىل قىلغان، كۆپچىلىك بۇنىڭغا: مەكتۇپ دېگەن قۇرئان دەپ ئاتالمايدۇ. بىرەر ئايەت بار مەكتۇپ ۋە بەزى دىنىي كىتابلارنى تۇتسا ھېچ گەپ بولمايدۇ، دەپ ئېتىراز بىلدۈرگەن.([16])

ھەر ھالدا چەكلەش دەلىللىرى ئېتىرازدىن ساقلىنىپ كېتەلمىگەن، شۇنداقتىمۇ، قۇرئاننى ھۆرمەتلەش جەھەتتىن جۇنۇپ، ھەيزدار ۋە نىپاسدارلارنىڭ ئۇنى تۇتۇشى ھېچ بولمىغاندا، پەلەي ياكى شۇنىڭغا ئوخشاش بىر نەرسە بىلەن بولسا ئەۋزەل.

ۋەللاھۇ ئەئلەم.

دوكتور ئابدۇلئەزىز رەھمەتۇللاھ

2011 – 4 – 28

———————————————————————————————————-
([1]) «بۇخارى»: «ھەيزدار ئايالنىڭ بەيتۇللاھنى تاۋاپ قىلىشىدىن باشقا بارلىق ھەج پائالىيىتىنى ئورۇندايدىغانلىقى توغرىسىدا» دېگەن باب. «فتح الباري»، 1/408.
([2]) «تىرمىزى»، 131 – ھەدىس.
([3]) «نصب الراية»، 1/195. ئالبانىمۇ «ئاجىز» دېگەن.
([4]) «بۇخارى»، «ھەيزدار ئايالنىڭ بەيتۇللاھنى تاۋاپ قىلىشىدىن باشقا بارلىق ھەج پائالىيىتىنى ئورۇندايدىغانلىقى توغرىسىدا» دېگەن باب. «فتح الباري»، 1/408.
([5]) «مصنف عبد الرزاق»، 1/337 – بەت. 1308 – نومۇر. ئىسنادى سەھىھ.
([6]) «المحلى»، 1/78 «المجموع»، 2/179 «المغني»، 1/96 «نيل الأوطار»، 1/284 – 285 «مجموع الفتاوى»، 21/460.
([7]) «حاشية ابن عابدين»، 1/172 – 173 «المحلى»، 1/78 «المجموع»، 2/179 «المغني»، 1/96.
([8]) «الاختيارات الفقهية»، 1/27.
([9]) «المجموع»، 2/181 ۋە «فتح القدير»، 1/168.
([10]) «ۋاقىئە» سۈرىسى77 – 79 – ئايەتلەر.
([11]) «موطأ»، 469 – ھەدىس.
([12]) ھاكىم «المستدرك»تە رىۋايەت قىلىپ: «ئىسنادى سەھىھ» دېگەن. 6051 – ھەدىس. تەبەرانى «المعجم الكبير»دە رىۋايەت قىلغان 3135 – ھەدىس.
([13]) «التبيان في أقسام القرآن»، 1/141 – 142.
([14]) «تەۋبە» سۈرىسى، 28 – ئايەت
([15]) «مجمع الزوائد»، 1/277.
([16]) «نيل الأوطار»، 1/259 – 260.

Please follow and like us:

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز