جۇنۇپ ھالەتتە بالا ئېمىتىشنىڭ ۋە باشقىلارغا قاراشنىڭ ھۆكمى

سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم، جىمادىن كېيىن يۇيۇنماستىن بالىسىنى ئېمىتسە بولامدۇ؟ «جۇنۇپ ھالەتتە باشقىلارنىڭ يۈزىگە قاراشقىمۇ بولمايدۇ» دېگەن گەپ توغرىمۇ؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھى ۋەبەرەكاتۇھۇ.

بارلىق ھەمدۇسانا جانابى ئاللاھقا بولسۇن، شۇنداقلا پەيغەمبىرىمىزگە، ئائىلە – تاۋابىئاتلىرىغا ۋە ئۇنىڭغا تاكى قىيامەتكىچە ئەگەشكەنلەرگە دۇرۇت – سالاملار بولسۇن.

جىمادىن كېيىن غۇسلى قىلماي تۇرۇپ بالا ئېمىتسە، بالىغا تاماق تەييارلىسا، يېگۈزسە، شۇنداقلا جۇنۇپ ھالەتتە بالىنىڭ ۋە باشقىلارنىڭ يۈزىگە قارىسا بولۇۋېرىدۇ.

ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دېگەن: جۇنۇپ بولغان ھالىتىمدە رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ماڭا ئۇچراپ قېلىپ، قولۇمنى تۇتۇپ مېنى ئۆزى بىلەن بىللە ئېلىپ مېڭىپ، بىر جايغا كەلگەندە ئولتۇردى، مەن سۇغۇرۇلۇپ چىقىپ، ئۆيۈمگە كېلىپ غۇسلى قىلىپ كەلسەم، رەسۇلۇللاھ ئولتۇرۇپتۇ. رەسۇلۇللاھ: «نەگە كەتتىڭ؟ ئى ئەبۇ ھۇرەيرە» دېدى. مەن رەسۇلۇللاھقا ئەھۋالنى ئېيتسام، رەسۇلۇللاھ: «سۇبھانەللاھ! ئى ئەبۇ ھۇرەيرە، مۆمىن دېگەن نىجىس بولمايدۇ» دېدى.([1])

قەتادە رىۋايەت قىلىدۇكى، ئەنەس ئىبنى مالىك رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ئۇلارغا مۇنداق سۆزلەپ بەرگەن: پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بىر كېچىدە ھەممە ئاياللىرىنى ئايلىنىپ چىقاتتى، ئۇ كۈنلەردە رەسۇلۇللاھنىڭ توققۇز ئايالى بار ئىدى.([2]) مۇسلىم رىۋايىتىدە: «پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ھەممە ئاياللىرىنى بىر غۇسلى بىلەن ئايلىنىپ چىقاتتى» دەپ كەلگەن.([3])

ئەتا: «جۇنۇپ ئادەم تاھارەت ئالماي تۇرۇپ قان ئالدۇرسا، تىرناقلىرىنى ئالسا، چېچىنى چۈشۈرسە دۇرۇس» دېگەن.([4])

ئۇنىڭ ئۈستىگە شەرىئىتىمىزدە بالا ئېمىتىش ئۈچۈن جۇنۇپلۇقتىن پاك بولۇشنى شەرت قىلغان بىرەر كۆرسەتمە يوق. ئەگەر ئۇنداق ھالەتتە بالا ئېمىتسە بولمايدىغان بولسا، ھەر ئائىلە دۇچ كېلىدىغان بۇنداق بىر ئىشقا قارىتا ئەلۋەتتە چەكلىمە كەلگەن بولاتتى.

ئەلۋەتتە، جۇنۇپ ھالەتتە بالا ئېمىتمەكچى بولغان ئايال كۆكسىنى يۇيۇۋېتىپ ئېمىتسە تېخىمۇ ياخشى، بالا يىغلاپ قالمىسا كىچىك تاھارەت ئېلىۋېتىپ ياكى غۇسلى قىلىۋېتىپ ئاندىن ئېمىتسە تېخى ياخشى، بۇنىڭ ئەۋزەللىكىدە، مۇستەھەپلىكىدە گەپ يوق. لېكىن، ئۇنداق قىلماي تۇرۇپ ئېمىتسە گۇناھ ياكى باشقا ئىش بولمايدۇ.

جۇنۇپ ھالەتتە ئۇخلاشتىن بۇرۇن غۇسلى قىلىۋېتىشنىڭ مۇستەھەپلىكىنى تۆۋەندىكى ھەدىسلەر كۆرسىتىدۇ:

ئەبۇ سەلەمە رىۋايەت قىلىپ دەيدۇكى: مەن ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھادىن: رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم جۇنۇپلۇق ھالىتىدە ئۇخلامتى؟ دەپ سورىسام، ئۇ: ھەئە، كىچىك تاھارەت ئېلىۋېتىپ ئۇخلايتتى، دېدى.([5])

ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما رىۋايەت قىلىدۇكى، ئۆمەر ئىبنى خەتتاب رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمدىن: بىرىمىز جۇنۇپلۇق ھالەتتە ئۇخلىسا بولامدۇ؟ دەپ سورىۋىدى، رەسۇلۇللاھ: «ھەئە، كىچىك تاھارەت ئېلىۋېتىپ جۇنۇپلۇق ھالەتتە ئۇخلىسا بولىدۇ» دېدى.([6])

ئابدۇللاھ ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دېگەن: مېنىڭ كېچىلىرى ئېھتىلام بولۇپ قالىدىغانلىقىم ھەققىدە دادام ئۆمەر ئىبنى خەتتاب رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمدىن يول – يورۇق سورىغاندا ماڭا: «ئەۋرىتىڭنى يۇيۇپ، تاھارەت ئېلىۋېتىپ، ئاندىن ئۇخلا» دېگەن.([7])

ئىمام نەۋەۋى مۇنداق دەيدۇ: «بۇ ھەقتە كەلگەن ھەدىسلەردىن چىقىدىغان مەزمۇن شۇكى، جۇنۇپ كىشى ئۇخلىسا، يەپ – ئىچسە، غۇسلى قىلىشتىن بۇرۇن جىما قىلسا بولىدۇ. بۇ بارلىق ئالىملار ئوتتۇرىسىدا بىردەك ئىتتىپاق بولغان مەسىلە. يەنە ئالىملار جۇنۇپ كىشىنىڭ بەدىنى بىلەن تەرىنىڭ پاكىزلىقىغا بىردەك ئىتتىپاق. بۇ ھەدىسلەردىن يەنە يۇقىرىقى ئىشلارنى قىلماقچى بولغان كىشىنىڭ كىچىك تاھارەت ئېلىۋېتىشى ۋە ئەۋرىتىنى يۇيۇۋېتىشىنىڭ مۇستەھەپلىكى چىقىدۇ».([8])

 

جۇنۇپ، ھەيزدار ۋە نىپاسدارلارنىڭ بەدىنى نىجىسمۇ؟

ئىمام نەۋەۋى يەنە مۇنداق دېگەن: «ئىماملىرىمىز شۇنداقلا باشقا ئالىملار: جۇنۇپ، ھەيزدار ۋە نىپاسدارلارنىڭ بەدەن ئەزالىرى ۋە تەرلىرى نىجىس ئەمەس پاكتۇر، بۇنىڭدا ئالىملارنىڭ ئوتتۇرىسىدا كۆزقاراش ئوخشاشماسلىقى يوقتۇر».([9])

ئەگەر ئۇلارنىڭ بەدىنى نىجىس بولىدىغان بولسا، خېمىر يۇغۇرۇش، تاماق ئېتىش، چاي دەملەش، باشقىلار بىلەن كۆرۈشۈش، بالا ئېمىتىش، ئەر – ئايال بىر كارىۋاتتا يېتىش، سۇ ئىشلىتىش قاتارلىق ئىشلار چەكلەنگەن بولاتتى، ئەمەلىيەتتە، ئىسلام كۆرسەتمىسىدە بۇنداق چەكلىمە يوق.

يەنە جۇنۇپ ھالەتتە باشقىلارغا قاراش، باشقىلار بىلەن پاراڭلىشىش، باشقىلار بىلەن كۆرۈشۈش، قان ئالدۇرۇش، چاچ – تىرناق ئېلىش بالىلارنى ئېمىتىش ياكى تاماق يېگۈزۈش ياكى جۇنۇپ كىشىگە قاراش قاتارلىق ئىشلار جائىزدۇر. ئاۋامۇنناس ئېتىقاد قىلغاندەك جۇنۇپ ھالەتتە باشقىلار بىلەن كۆرۈشسە، جۇنۇپ كىشىگە قاراپ سالسا پالاكەت باسىدۇ ياكى ئاپەتكە ئۇچرايدۇ ياكى نەس باسىدۇ دېگەندەك قاراشلارنىڭ ئىسلامدا ئاساسى يوق. بۇلار پەقەت يەھۇدىيلاردىن ئېقىپ كىرگەن قاراش بولسا كېرەك. چۈنكى، يەھۇدىيلار ھەيزدار ئايالنى نىجىس دەپ قارايدۇ.

 

جۇنۇپ كىشى غۇسلى قىلىشنى كېچىكتۈرسە بولامدۇ؟

كېچە ياكى كۈندۈز ھەرقانداق ۋاقىتتا جىما ياكى ئېھتىلامنىڭ ئارقىدىنلا دەرھال غۇسلى قىلىش ۋاجىپ بولمايدۇ، پەقەتلا ھەدىسلەردە كەلگەندەك تاماق يېمەكچى ياكى ئىچمەكچى ياكى ئۇخلىماقچى ياكى قايتا جىما قىلماقچى بولسا، بەدىنىدىكى شالتاقنى تازىلىۋېتىپ كىچىك تاھارەت ئېلىۋېتىشى مۇستەھەپ بولىدۇ، ۋاجىپ ئەمەس.

ئەمما، ناماز ۋاقتى بولۇپ قالسا ياكى ناماز ۋاقتى چىقىپ كېتىش ئېھتىمالى بولسا، دەرھال غۇسلى قىلىپ ناماز ئوقۇش ۋاجىپ بولىدۇ.

ئومۇمەن، باشقا بىر ئالدىراشچىلىق ياكى سەۋەب بولمىسا، غۇسلى قىلىشقا ئالدىراش ئەۋزەل، چۈنكى ھەر ۋاقىت تاھارەت بىلەن تۇرۇش ياخشىدۇر، تاھارەت بىلەن تۇرسا كىشى ئۆلۈپ كەتسىمۇ جۇنۇپلۇق ھالىتىدە ئۆلۈپ كەتمەيدۇ، رەھمەت پەرىشتىلىرىمۇ قاچمايدۇ، كېيىن غۇسلى قىلاي دەپ كېچىكتۈرگەن بولسا باشقا جىددىي ئىشلار بولۇپ قېلىپ غۇسلى قىلالماي قېلىش، ناماز ئوقۇيالماي قېلىش ئەھۋاللىرى كۆرۈلىدۇ.

غۇسلى قىلماي تۇرۇپ قايتا جىما قىلىشقا بولىدۇ. بۇنداق ئەھۋالدا، ئەۋرىتىنى يۇيۇۋېتىپ كىچىك تاھارەت ئېلىۋېتىشى مۇستەھەپ. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: «بىرىڭلار ئايالى بىلەن قايتا مۇناسىۋەت ئۆتكۈزمەكچى بولسا كىچىك تاھارەت ئېلىۋەتسۇن».([10])

 

جۇنۇپ ھالەتتە بىر نەرسە يەپ – ئىچىشكە بولامدۇ؟

ھەزرىتى ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا مۇنداق دېگەن: پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم جۇنۇپ ھالەتتە يەپ – ئىچمەكچى بولسا، ئىككى قولىنى يۇيۇۋېتىپ ئاندىن يەپ – ئىچەتتى.([11])

بۇ ھەدىسنى جۇنۇپ كىشى يەپ – ئىچمەكچى بولسا قولىنى ۋە ئاغزىنى چايقىۋېتىدۇ دەپ قارىغانلار دەلىل قىلغان. كاتتا تابىئىي سەئىيد ئىبنى مۇسەييەب مۇنداق دېگەن: «جۇنۇپ كىشى بىر نەرسە يېمەكچى بولسا ئىككى قولىنى يۇيۇۋېتىپ ئاغزىنى چايقىۋېتىپ يەيدۇ»، مۇجاھىد ۋە ئىمام زۇھرىلارمۇ ئىككى قولىنى يۇيۇۋېتىپ يەيدۇ دەپ قارىغان، ئىمام ئەھمەدمۇ شۇنداق قارىغان ۋە: «چۈنكى، تاھارەت ئالىدۇ دېگەن ھەدىسلەر ئۇخلىماقچى بولغان كىشى ھەققىدە كەلگەن» دېگەن.([12])

باشقا ئالىملار نامازغا تاھارەت ئالغاندەك تاھارەت ئېلىپ ئاندىن يەپ – ئىچىدۇ دەپ قارىغان، چۈنكى پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم جۇنۇپ ھالەتتە يەپ – ئىچمەكچى ياكى ئۇخلىماقچى بولسا، ئادەتتىكىدەك تاھارەت ئالاتتى.([13])

يەنە پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم جۇنۇپ كىشى يەپ – ئىچمەكچى بولسا ياكى ئۇخلىماقچى بولسا تاھارەت ئېلىۋېتىپ شۇنداق قىلىشقا رۇخسەت قىلدى.([14])

بۇ ئىككى خىل ھەدىسلەرنى مۇنداق بىرتەرەپ قىلىشقا بولىدۇ: «پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بەزىدە نامازغا تاھارەت ئالغاندەك تاھارەت ئالاتتى، بەزىدە ئىككى قولىنى يۇيۇش بىلەنلا بولدى قىلاتتى، لېكىن بۇ يەپ – ئىچىشكە خاس ئەھۋال. ئۇخلاش ياكى قايتا جىما قىلماقچى بولغىنىدا نامازغا تاھارەت ئالغاندەك تاھارەت ئالاتتى دەپ ئېنىق كەلگەن ھەدىسلەر بولغاچقا، ئاندىن بۇنىڭغا زىت كېلىدىغان بىرەر ھەدىس بولمىغاچقا، ئۇخلىماقچى ياكى قايتا جىما قىلماقچى بولغىنىدا نامازغا تاھارەت ئالغاندەك تاھارەت ئالاتتى».([15])

دېمەك، بۇ ھەدىسلەر بۇنداق تاھارەت ئېلىۋېتىشنىڭ مۇستەھەپلىكىنى بىلدۈرۈش بىلەن بىرگە تاھارەت ئالماسلىقنىڭ جائىزلىقىنى بىلدۈرىدۇ، بەزى ئالىملار تاھارەت ئالماي ئۇنداق قىلىش مەكروھ، دەپمۇ قارىغان.([16])

ۋەللاھۇ ئەئلەم.

دوكتور ئابدۇلئەزىز رەھمەتۇللاھ

2011 – 9 – 23

———————————————–
([1]) سەھىھەين: «بۇخارى»، 285 – ھەدىس. «مۇسلىم»، 371 – ھەدىس.
([2]) «بۇخارى»، 284 – ھەدىس.
([3]) «مۇسلىم»، 309 – ھەدىس.
([4]) «بۇخارى»: «جۇنۇب ئادەمنىڭ بازارغا ۋە باشقا جايلارغا چىقىپ يۈرۈۋېرىدىغانلىقى توغرىسىدا» دېگەن باب.
([5]) «بۇخارى»، 286 – ھەدىس.
([6]) «بۇخارى»، 287 – ھەدىس.
([7]) «بۇخارى»، 290 – ھەدىس.
([8]) «شرح صحيح مسلم»، 3/217.
([9]) «المجموع»، 2/170.
([10]) «مۇسلىم»، 308 – ھەدىس.
([11]) «مسند أحمد»، 24758 – ھەدىس.
([12]) «مصنف عبد الرزاق» 1081 – 1083 – نومۇر. «المغني»، 1/144 «نيل الأوطار»، 1/273.
([13]) «مۇسلىم»، 305 – ھەدىس.
([14]) «ئەبۇ داۋۇد»، 225 – ھەدىس. ئالبانى «ئاجىز» دېگەن.
([15]) «نيل الأوطار»، 1/273.
([16]) «شرح صحيح مسلم»، 3/217.

Please follow and like us:

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز