جەننەتنىڭ خۇشپۇرىقىنى ھايات ئادەمنىڭ پۇرىيالىشى

سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم، ھايات ئادەم جەننەتنىڭ پۇرىقىنى پۇرىيالامدۇ؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھى ۋەبەرەكاتۇھۇ.

بارلىق ھەمدۇسانا جانابى ئاللاھقا بولسۇن، شۇنداقلا پەيغەمبىرىمىزگە، ئائىلە – تاۋابىئاتلىرىغا ۋە ئۇنىڭغا تاكى قىيامەتكىچە ئەگەشكەنلەرگە دۇرۇت – سالاملار بولسۇن.

بىر نەچچە سەھىھ ھەدىسلەردە جەننەتنىڭ پۇرىقىنى پۇراش تىلغا ئېلىنغان.

مەسىلەن، ئەنەس ئىبنى نەزر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ جەڭگە ئاتلانغاندا: «جەننەتنى خالايمەن. ئاتام نەزرنىڭ رەببى بىلەن قەسەمكى، مەن ئوھۇدنىڭ يېنىدا جەننەتنىڭ بۇيىنى پۇراۋاتىمەن» دېگەن.([1])

بۇ ساھابە جەننەتنىڭ پۇرىقىنى بۇرنى بىلەن پۇراپ ئالالىغان بولۇشىمۇ ئېھتىمال، ئالىملاردىن بۇ ھەدىسنى زاھىرى بويىچە چۈشەنگەنلەرمۇ بار. يەنى، ئاللاھ تائالا جەننەتنىڭ پۇرىقىنى جەڭ مەيدانىدا پەيدا قىلىپ بەرگەن. سەھىھ ھەدىسلەردە ئۇنىڭ ھىدىنىڭ بەش يۈز يىللىق مۇساپىدىن كېلىپ تۇرىدىغانلىقى كۆرسىتىلگەن.([2])

ئىمام ئىبنى قەييىم رەھمەتۇللاھى ئەلەيھى مۇنداق دەيدۇ: «جەننەتنىڭ پۇرىقى ئىككى تۈرلۈك بولىدۇ: بىرى، دۇنيادا بولۇپ، بۇنى بەندىلەر پۇرىمىسىمۇ ئەرۋاھلار بەزىدە پۇرايدۇ. يەنە بىرى، خۇددى گۈل – چېچەكلەرنىڭ پۇرىقىنى پۇرىغانغا ئوخشاش پۇراش ئەزالىرى ئارقىلىق پۇرىلىدىغان پۇراق بولۇپ، بۇنى جەننەت ئەھلى ئاخىرەتتە يېقىندىن ھەم يىراقتىن پۇرايدۇ. ئەمما، دۇنيادا بولسا، ئۇنى ئاللاھ خالىغان پەيغەمبەرلەر پۇرايدۇ، ئەنەس ئىبنى نەزر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ پۇرىغان پۇراق مۇشۇ تۈردىكى پۇراق بولۇشىمۇ مۇمكىن، بىرىنچى تۈردىن بولۇشىمۇ مۇمكىن».([3])

يەنە بەزى ئالىملار بۇنى ھەقىقىي پۇراش ئەمەس ئوخشىتىش دەپ چۈشەنگەن. يەنى، ئوھۇدنىڭ يېنىدا ئۆلتۈرۈلۈش جەننەتكە كىرگۈزىدىغان ۋە ئۇنىڭ نازۇ – نېمەتلىرىگە نائىل قىلىدىغان، ھىدىنى ئالالايدىغان ئىش، دېمەكچى. ياكى ھەقىقەتەن بىر خىل خۇش پۇراق پۇرىغان بولۇپ، بۇ خۇش پۇراق ئۇنىڭغا جەننەتنىڭ خۇشپۇرىقىنى ئەسلەتكەن بولۇشىمۇ مۇمكىن. ياكى جەننەتكە مۇشۇنداق جايلاردا جىھاد قىلىش ئارقىلىق ئېرىشكىلى بولىدىغانلىقىنى يادىغا ئېلىپ شۇنداق ھېس قىلغان بولۇشىمۇ مۇمكىن.([4])

يۇقىرىقىلارنىڭ ھەممىسى ئېھتىماللىق.

ۋەللاھۇ ئەئلەم.

دوكتور ئابدۇلئەزىز رەھمەتۇللاھ

2011 – 4 – 19

————————
([1]) «بۇخارى»، 2805 – ھەدىس.
([2]) «شرح صحيح مسلم»، 13/48.
([3]) «حادي الأرواح إلى بلاد الأفراح»، 1/109.
([4]) «فتح الباري»، 6/23 «الديباج على المسلم»، 4/497.

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز