ئەلقەمە ۋەقەلىكىدىكى ھەدىس سەھىھمۇ؟

ئەلقەمە ۋەقەلىكىدىكى ھەدىس سەھىھمۇ؟

سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم، رىۋايەت قىلىنىدۇكى، «ئەلقەمە ئەسلىدە رەسۇلۇللاھنىڭ كاتتا ساھابەلىرىدىن ئىدى. ئۇ تولىمۇ تەقۋادار ئىدى. روزا تۇتاتتى، ناماز ئوقۇيتتى. ئۇ كېيىن توي قىلدى. ئايالىنى ئانىسىدىن بىر ئاز ئەۋزەل كۆرەتتى. كېيىن ئۇنىڭغا ئەجەل يېتىپ كەلگەندە ئۇ كەلىمە شاھادەت ئېيتالمىدى. رەسۇلۇللاھ ئۇنىڭ ئانىسىدىن ئۇنى كەچۈرۈۋېتىشنى سورىدى. لېكىن، ئانىسى ئۇنىمىدى. ئاندىن رەسۇلۇللاھ ئوتۇن ئەكىلىپ ئەلقەمەگە ئوت يېقىشقا بۇيرىدى. بۇنى كۆرۈپ ئانىسى ئەلقەمەنى كەچۈردى. ئاندىن ئەلقەمە شاھادەت كەلىمەسىنى ئېيتالىدى».

ئۇستاز! بۇ ھەدىس دىيارىمىزدا بەكمۇ مەشھۇر. لېكىن، بۇ ھەدىسنى ھەدىس كىتابلىرىدىن تاپالمىدىم. سىزنىڭچە بۇ ھەدىس سەھىھمۇ؟ قايسى ھەدىس كىتابىدا بار؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھى ۋەبەرەكاتۇھۇ.

بارلىق ھەمدۇسانالار جانابىي ئاللاھقا بولسۇن، دۇرۇد ۋە سالاملار پەيغەمبىرىمىزگە، ئۇ زاتنىڭ ئائىلە – تاۋابىئاتلىرىغا، ئەسھابلىرىغا ۋە ئۇ زاتقا تاكى قىيامەتكىچە ئەگەشكەنلەرگە بولسۇن!

ئەلقەمە دېگەن كىشىنىڭ بۇ ۋەقەلىكى بايان قىلىنغان ھەدىسنى ئىمام ئەبۇللەيس سەمەرقەندىي «تەنبىھۇل غافىلىين» دېگەن كىتابىدا، ئىمام زەھەبى «ئەلكەبائىر» دېگەن كىتابىدا، بەيھەقىي «شۇئەبۇل ئىمان» دېگەن كىتابىدا رىۋايەت قىلغان بولۇپ، بۇ رىۋايەتلەرنىڭ بەزىسىنىڭ سەنەدىدە «داۋۇد ئىبنى ئىبراھىم» دېگەن كىشى بار. يەنە بەزىسىدە «ئەبۇل ۋەرقاﺋ فائىد ئىبنى ئابدۇراھمان» دېگەن كىشى بار. بۇ ئىككىيلەن ھەدىسشۇناسلارنىڭ بىردەك ئىتتىپاقى بىلەن رىۋايەتى قوبۇل قىلىنمايدىغان زەئىف ياكى كاززاب راۋىيلاردۇر. دېمەك، بۇ ۋەقەلىك كەلگەن رىۋايەتلەر سەھىھ ئەمەس. ھەدىسشۇناسلار بۇنىڭ سەھىھ ئەمەسلىكىنى تەكىتلىگەن.

ئىمام ئەھمەدمۇ بۇ ھەدىسنى باشتا «مۇسنەد» دېگەن كىتابىغا كىرگۈزگەن، كېيىن زەئىف ۋە يالغان ھەدىسلەرنى تازىلىغاندا «مۇسنەد»تىن چىقىرىۋەتكەن. «مۇسنەد»تە مۇنداق كەلگەن: «قال أبو عبد الرحمن وكان في كِتَابِ أبي ثنا يَزِيدُ بن هَارُونَ أنا فَائِدُ بن عبد الرحمن قال سمعت عَبْدَ اللَّهِ بن أبي أَوْفَى قال جاء رَجُلٌ إلى رسول اللَّهِ صلى الله عليه وسلم فقال يا رَسُولَ اللَّهِ ان ههنا غلام قَدِ احْتُضِرَ يُقَالُ له قُلْ لاَ إِلَهَ إِلاَّ الله فَلاَ يَسْتَطِيعُ أَنْ يَقُولَهَا فقال أَلَيْسَ كان يَقُولُهَا في حَيَاتِهِ قال بَلَى قال فما مَنَعَهُ منها عِنْدَ مَوْتِهِ فذكر الحديث بِطُولِهِ فلم يُحَدِّثْنَا أبي بِهَذَيْنِ الْحَدِيثَيْنِ ضَرَبَ عَلَيْهِمَا من كِتَابِهِ لأَنَّهُ لم يَرْضَ حَدِيثَ فَائِدِ بن عبد الرحمن أو كان عِنْدَهُ مَتْرُوكَ الحديث» (1).

ئىمام زەھەبى بۇ ھەدىسنى «ئەلكەبائىر» دېگەن كىتابىدا مۇنداق كەلتۈرگەن: «حكي أنه كان في زمن النبي صلى الله عليه وسلم شاب يسمى علقمة وكان كثير الاجتهاد في طاعة الله في الصلاة والصوم والصدقة فمرض واشتد مرضه فأرسلت امرأته إلى رسول الله صلى الله عليه وسلم إن زوجي علقمة في النزع فأردت أن أعلمك يا رسول الله بحاله فأرسل النبي صلى الله عليه وسلم عمارا وصهيبا وبلالا وقال امضوا إليه ولقنوه الشهادة فمضوا إليه ودخلوا عليه فوجدوه في النزع فجعلوا يلقنونه (لا إله إلا الله) ولسانه لا ينطق بها فأرسلوا إلى رسول الله صلى الله عليه وسلم يخبرونه أنه لا ينطق لسانه بالشهادة فقال النبي صلى الله عليه وسلم هل من أبويه أحد حي قيل يا رسول الله أم كبيرة السن فأرسل إليها رسول الله صلى الله عليه وسلم وقال للرسول قل لها إن قدرت على المسير إلى رسول الله صلى الله عليه وسلم وإلا فقري في المنزل حتى يأتيك قال فجاء إليها الرسول فأخبرها بقول رسول الله صلى الله عليه وسلم فقالت نفسي لنفسه فداء أنا أحق بإتيانه فتوكأت وقامت على عصا وأتت رسول الله صلى الله عليه وسلم فسلمت فرد عليها السلام وقال لها يا أم علقمة أصدقيني وإن كذبتي جاء الوحي من الله تعالى كيف كان حال ولدك علقمة قالت يا رسول الله كثير الصلاة كثير الصيام كثير الصدقة قال رسول الله صلى الله عليه وسلم فما حالك قالت يا رسول الله أنا عليه ساخطة قال ولم قالت يا رسول كان يؤثر علي زوجته ويعصيني فقال رسول الله صلى الله عليه وسلم إن سخط أم علقمة حجب لسان علقمة عن الشهادة ثم قال يا بلال انطلق واجمع لي حطبا كثيرا قالت يا رسول الله وما تصنع قال أحرقه بالنار بين يديك قالت يا رسول الله ولدي لا يحتمل قلبي أن تحرقه بالنار بين يدي قال يا أم علقمة عذاب الله أشد وأبقى فإن سرك أن يغفر الله له فارضي عنه فوالذي نفسي بيده لا ينتفع علقمة بصلاته ولا بصيامه ولا بصدقته ما دمت عليه ساخطة فقالت يا رسول الله إني أشهد الله تعالى وملائكته ومن حضرني من المسلمين أني قد رضيت عن ولدي علقمة فقال رسول الله صلى الله عليه وسلم انطلق يا بلال إليه وانظر هل يستطيع أن يقول لا إله إلا الله أم لا فلعل أم علقمة تكلمت بما ليس في قلبها حياء مني فانطلق فسمع علقمة من داخل الدار يقول (لا إله إلا الله) فدخل بلال فقال يا هؤلاء إن سخط أم علقمة حجب لسانه عن الشهادة وأن رضاها أطلق لسانه ثم مات علقمة من يومه فحضره رسول الله صلى الله عليه وسلم فأمر بغسله وكفنه ثم صلى عليه وحضر دفنه ثم قام على شفير قبره وقال يا معشر المهاجرين والأنصار من فضل زوجته على أمه فعليه لعنة الله والملائكة والناس أجمعين لا يقبل الله منه صرفا ولا عدلا إلا أن يتوب إلى الله عز وجل ويحسن إليها ويطلب رضاها فرضى الله في رضاها وسخط الله في سخطها».(2)

ئىمام مۇنزىرىيمۇ «ئەتتەرغىيب ۋەتتەرھىيب» دېگەن كىتابىدا بۇ ۋەقەلىكنى زەئىفلەشتۈرۈش ئىبارىسى بىلەن رىۋايەت قىلىپ: «بۇنى تەبەرانىي بىلەن ئەھمەد قىسقىچە رىۋايەت قىلغان» دېگەن.(3)

يەنە ھەدىسشۇناسلاردىن ئىبنۇلجەۋزىي يالغان ھەدىسلەر توپلىمىدا بۇ ۋەقەلىكنى كەلتۈرۈپ: «بۇ ھەدىس سەھىھ ئەمەس» دېگەن.(4)

يەنە ئىمام شەۋكانىيمۇ بۇ ۋەقەلىكنى يالغان ھەدىسلەر توپلىمىغا كىرگۈزۈپ: «سەنەدىدە رىۋايەتى قوبۇل قىلىنمايدىغان ۋە كاززاب بار. ئۇنىڭ يەنە باشقا يوللىرىمۇ بار» دېگەن.(5)

باشقا يوللارنىڭ ھەممىسى يا يۇقىرىقى «داۋۇد ئىبنى ئىبراھىم»دىن ياكى «فائىد ئىبنى ئابدۇراھمان»دىن خالىي بولمىغانلىقتىن بۇ ھەدىس بەرىبىر سەھىھ ئەمەس.

شەيخ ئالبانىيمۇ «زەئىيفۇتتەرغىيب ۋەتتەرھىيب» دېگەن كىتابىدا بۇ رىۋايەتنى «بەكلا زەئىف»؛ «سىلسىلە زەئىيفە ۋەلمەۋزۇئە» دېگەن كىتابىدا: «توقۇلما» دېگەن.(6)

يۇقىرىقىلارغا ئاساسەن بۇ ھەدىسنىڭ بەكلا زەئىف ياكى توقۇلما ئىكەنلىكى ئايدىڭلىشىدۇ. شۇڭا، بۇ ۋەقەلىكنى ۋەز – تەبلىغلەردە سۆزلەش توغرا بولمايدۇ.

ئەگەر ئاتا – ئانىنى قاقشىتىش مەسىلىسىدە ۋەز – نەسىھەت قىلماقچى بولساق، «قۇرئان» ۋە سەھىھ ھەدىسلەردىكى كۆرسەتمىلەر يېتىپ ئاشىدۇ. زەئىف ھەدىسلەرنى پەزىلەتلىك ئەمەللەردە ئالىدىغان ئالىملارمۇ ھەدىسنىڭ زەئىفلىكى بەك ئېغىر بولماسلىقنى شەرت قىلىدۇ. شۇڭا، بۇ ھەدىس ئۇلارنىڭ شەرتىگىمۇ چۈشمەيدۇ.

ۋەللاھۇ ئەئلەم بىسسەۋاب / ئاللاھ ئەڭ توغرىسىنى بىلگۈچىدۇر!

دوكتور ئابدۇلئەزىز رەھمەتۇللاھ
ھ. 1433، 28 – رەبىيئۇلئەۋۋەل/ م. 2012، 20 – فېۋرال
«پەتۋالار مەجمۇئەسى»، 1 – توم، 10– نومۇرلۇق پەتۋا.

——————
1. «ئەھمەد»، (19430).
2. زەھەبى: «ئەلكەبائىر»، 1/45، 46.
3. مۇنزىرىي: «ئەتتەرغىيب ۋەتتەرھىيب»، (3799).
4. ئىبنۇلجەۋزىي: «ئەلمەۋزۇئات»، 3/87.
5. شەۋكانىي: «ئەلفەۋائىدۇل مەجمۇئە»، 1/231.
6. ئالبانىي: «زەئىفۇتتەرغىب»، 2/143؛ ئالبانىي: «ئەسسىلسىلەتۇززەئىفە»، 7/166.

Please follow and like us:

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ