پىلسىرات كۆۋرۈكى

پىلسىرات كۆۋرۈكى

سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم، پىلسىرات كۆۋرۈكىنىڭ سۈپەتلىرى قايسى؟ كىشىلەر ئۇنىڭدىن قانداق ئۆتىدۇ؟ بۇ توغرۇلۇق قانداق ئايەت، ھەدىسلەر بار؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھى ۋەبەرەكاتۇھۇ.

بارلىق ھەمدۇسانالار جانابىي ئاللاھقا بولسۇن، دۇرۇد ۋە سالاملار پەيغەمبىرىمىزگە، ئۇ زاتنىڭ ئائىلە – تاۋابىئاتلىرىغا، ئەسھابلىرىغا ۋە ئۇ زاتقا تاكى قىيامەتكىچە ئەگەشكەنلەرگە بولسۇن!.

پىلسىرات دوزاخ ئۈستىگە قويۇلغان بىر كۆۋرۈك بولۇپ، بۇ كۆۋرۈكتىن مۇئمىن بىلەن كافىر ئۆتىدۇ. مۇئمىن ئۆتۈپ جەننەتكە، كافىر بولسا ئۆتەلمەي دوزاخقا چۈشۈپ كېتىدۇ.

بەندىلەرنىڭ سىراتتىن ئۆتۈشىدىكى ھېكمەت شۇكى، مۇئمىنلەرنىڭ دوزاختىن قۇتۇلىدىغانلىقى نامايان بولۇش، بىللە ئۆتكەن مۇئمىنلەرنىڭ قۇتۇلۇپ كېتىشى بىلەن كافىرلارغا ھەسرەت – نادامەت بولۇشتۇر.

پىلسىرات ياكى «قۇرئان»دا كەلگەن ئىبارە بويىچە «سىرات» «قۇرئان» ۋە «ھەدىس»لەردە كەلگەنلىكى ئۈچۈن ئېتىقاد قىلىش كېرەك بولغان غەيبىييات(1) قاتارىدىن ھېسابلىنىدۇ. ئۇنى ئىنكار قىلغان كىشى كافىر بولۇپ كېتىدۇ.

ئايەت – ھەدىسلەردىن دەلىللەر: ﴿سىلەرنىڭ ئىچىڭلاردىن دوزاخقا بارمايدىغان بىرەر كىشىمۇ قالمايدۇ. بۇ پەرۋەردىگارىڭنىڭ ئۆزگەرمەس ھۆكمىدۇر. ئاندىن تەقۋادارلارنى جەھەننەمدىن قۇتقۇزىمىز، زالىملارنى جەھەننەمدە تىزلىنىپ ئولتۇرغان ھالدا قويىمىز﴾(19/«مەريەم»: 71، 72)

بۇ ئايەتتىكى «ۋۇرۇد» دېگەن سۆزدىن مەقسەت دوزاخقا كىرىشمۇ ياكى ئۈستىدىن ئۆتۈشمۇ؟ بۇ ھەقتە سەلەف ئالىملار ئوتتۇرىسىدا كۆزقاراش ئوخشاش ئەمەس. توغرا قاراش: «ۋۇرۇد» دېگەن سۆزدىن مەقسەت ئالدىغا بېرىش، سىراتتىن ئۆتۈش بولۇپ، بۇ دوزاخقا كىرىش ئەمەس. ئىبنى مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ، ھەسەن بەسرىي، قەتادە قاتارلىقلار شۇنداق تەفسىر قىلغان.(2)

بۇ ئۆتۈشنىڭ ئۆزى ئاللاھ تائالانىڭ يۇقىرىقى ئايەتتە قىلغان قەسىمىنى بۇزمايدىغان دەرىجىدە(3) دوزاخ ئۈستىدىن ئۆتۈپ كېتىشتىن ئىبارەتتۇر.

ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىدۇكى، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: «قايسىبىر مۇسۇلماننىڭ ئۈچ بالىسى ئۆلۈپ كەتكەن بولسا، دوزاخقا كىرمەيدۇ، پەقەتلا ئاللاھ تائالانىڭ قەسىمى بۇزۇلمايدىغان تەرىقىدە (ئۈستىدىن ئۆتۈپ كېتىدۇ)».(4)

ئىمام نەۋەۋىي: «توغرىسى، ئايەتتىكى «ۋۇرۇد» دېگەن سۆزدىن مەقسەت سىرات ئۈستىدىن ئۆتۈش بولۇپ، ئۇ جەھەننەم ئۈستىگە قويۇلغان بىر كۆۋرۈكتۇر، نەتىجىدە، دوزاخ ئەھلى ئۇنىڭغا چۈشۈپ كېتىدۇ، باشقىلار ئۆتۈپ كېتىدۇ» دەيدۇ.(5)

جابىر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىدۇكى، ئۇممۇ بىشر ماڭا مۇنداق سۆزلەپ بەرگەن: ئۇ رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ھەفسەنىڭ قېشىدا: «دوزاخقا دەرەخ ئاستىدا بەيئەت قىلغانلاردىن ھېچكىم كىرمەيدۇ» دېگەنلىكىنى ئاڭلىغان. ھەفسە: ياق كىرىدۇ يارەسۇلەللاھ! دېۋىدى، رەسۇلۇللاھ ئۇنىڭغا كايىدى. ھەفسە: ﴿سىلەرنىڭ ئىچىڭلاردىن دوزاخقا بارمايدىغان بىرەر كىشىمۇ قالمايدۇ﴾ دېگەن ئايەتنى ئوقۇۋىدى، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «ئاللاھ ئەززە ۋەجەللە: ﴿ئاندىن تەقۋادارلارنى جەھەننەمدىن قۇتقۇزىمىز، زالىملارنى جەھەننەمدە تىزلىنىپ ئولتۇرغان ھالدا قويىمىز﴾ دېگەن» دېدى.(6)

سىراتقا يەنە 36/«ياسىن»: 66 – ئايەت بىلەن 37/«ساففات»: 23 – ئايەتلەردىكى «سىرات» سۆزىمۇ دالالەت قىلىدۇ.

«سەھىھ» ھەدىستە مۇنداق كەلگەن: ﺋﻪﺑﯘ ﮪﯘﺭﻩﻳﺮﻩ ﺭﻩﺯﯨﻴﻪﻟﻼﮪﯘ ﺋﻪﻧﮭﯘ ﺋﯘﻻﺭﻏﺎ ﻣﯘﻧﺪﺍﻕ خەۋەر ﺑﻪﺭﮔﻪﻥ: «ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭ:

— ئى ﺭﻩﺳﯘلۇﻟﻼﮪ! ﻗﯩﻴﺎﻣﻪﺕ ﻛﯜﻧﻰ ﺭﻩﺑﺒﯩﻤﯩﺰﻧﻰ ﻛﯚﺭﻩﻣﺪﯗﻕ؟ — ﺩﻩﭖ ﺳﻮﺭﯨﯟﯨﺪﻯ، ﺭﻩﺳﯘﻟﯘﻟﻼﮪ:

— ﺗﻮﻟﯘﻥ ﺋﺎﻳﻨﻰ ﺑﯘﻟﯘﺗﺴﯩﺰ ﺋﺎﺳﻤﺎﻧﺪﺍ ﻛﯚﺭﯛﺷﺘﯩﻦ ﮔﯘﻣﺎﻧﻠﯩﻨﺎﻣﺴﯩﻠﻪﺭ؟ — ﺩﯦﺪﻯ. ﺋﯘﻻﺭ:

— ﮔﯘﻣﺎﻧﻼﻧﻤﺎﻳﻤﯩﺰ، ئى ﺭﻩﺳﯘلۇﻟﻼﮪ! — ﺩﯦﻴﯩﺸﺘﻰ. ﺭﻩﺳﯘﻟﯘﻟﻼﮪ:

— ﺑﯘﻟﯘﺗﺴﯩﺰ ﺋﺎﺳﻤﺎﻧﺪﺍ ﻛﯜﻧﻨﻰ ﻛﯚﺭﯛﺷﺘﯩﻦ ﮔﯘﻣﺎﻧﻠﯩﻨﺎﻣﺴﯩﻠﻪﺭ؟ — ﺩﻩﭖ ﺳﻮﺭﯨﯟﯨﺪﻯ، ﺋﯘﻻﺭ:

— يوقسۇ، — ﺩﯦﻴﯩﺸﺘﻰ. ﺭﻩﺳﯘﻟﯘﻟﻼﮪ ﻣﯘﻧﺪﺍﻕ ﺩﯦﺪﻯ:

— ﺭﻩﺑﺒﯩﯖﻼﺭﻧﻰ ئەنە ﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﺋﯧﻨﯩﻖ ﻛﯚﺭﯛﺳﯩﻠﻪﺭ. ﻗﯩﻴﺎﻣﻪﺕ ﻛﯜﻧﻰ ﺧﺎﻻﻳﯩﻖ ﻣﻪﮪﺸﺎﺭﮔﺎﮪﻘﺎ ﺗﻮﭘﻼﻧﻐﺎﻧﺪﺍ، ﺋﺎﻟﻼﮪ ﺗﺎﺋﺎﻻ: ‹ﻛﯩﻢ ﻧﯧﻤﯩﮕﻪ ﺋﯩﺒﺎﺩﻩﺕ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﺴﺎ، ﺷﯘﻧﯩﯖﻐﺎ ﺋﻪﮔﻪﺷﺴﯘﻥ!› ﺩﻩﻳﺪﯗ. شۇنىڭ بىلەن ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﺑﻪﺯﯨﻠﯩﺮﻯ ﻗﯘﻳﺎﺷﻘﺎ، ﺑﻪﺯﯨﻠﯩﺮﻯ ﺋﺎﻳﻐﺎ، ﺑﻪﺯﯨﻠﯩﺮﻯ ﺑﯘﺗﻼﺭﻏﺎ ﺋﻪﮔﯩﺸﯩﭗ ﻣﺎﯕﯩﺪﯗ، پەقەت ﻣﯘﺷﯘ ﺋﯜﻣﻤﻪﺗﻼ ﺋﺎﺭﯨﺴﯩﺪﯨﻜﻰ ﻣﯘﻧﺎﭘﯩﻘﻠﯩﺮﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯩﻠﻠﻪ ﻗﺎﻟﯩﺪﯗ. ﺑﯘ ﭼﺎﻏﺪﺍ ﺋﺎﻟﻼﮪ ﺑﯘ ﺋﯜﻣﻤﻪﺗﻜﻪ ﻛﯧﻠﯩﭗ: ‹ﻣﻪﻥ ﺳﯩﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺭﻩﺑﺒﯩﯖﻼﺭ ﺑﻮﻟﯩﻤﻪﻥ› ﺩﻩﻳﺪﯗ. ﺋﯘﻻﺭ: ‹ﺗﺎﻛﻰ ﺭﻩﺑﺒﯩﻤﯩﺰ ﺑﯩﺰﻧﯩﯔ ﺋﺎﻟﺪﯨﻤﯩﺰﻏﺎ ﻳﯧﺘﯩﭗ ﻛﻪﻟﮕﻪﻧﮕﻪ ﻗﻪﺩﻩﺭ ﻣﯘﺷﯘ ﺟﺎﻳﯩﻤﯩﺰﺩﺍ ﺗﯘﺭﯨﻤﯩﺰ، ﺭﻩﺑﺒﯩﻤﯩﺰ ﻛﻪﻟﺴﻪ، ﺋﯘﻧﻰ ﺑﯩﺰ ﺗﻮﻧﯘﻳﻤﯩﺰ› ﺩﻩﻳﺪﯗ. ﺷﯘﻧﯩﯔ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﺎﻟﻼﮪ ﺋﯚﺯ ﺳﯜﺭﯨﺘﯩﺪﻩ ﻛﯧﻠﯩﭗ: ‹ﻣﻪﻥ ﺳﯩﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺭﻩﺑﺒﯩﯖﻼﺭ› ﺩﻩﻳﺪﯗ، ﺋﯘﻻﺭ (ﺋﺎﻟﻼﮪﻨﻰ ﺗﻮﻧﯘﭖ): ‹ﺳﻪﻥ ﺑﯩﺰﻧﯩﯔ ﺭﻩﺑﺒﯩﻤﯩﺰ› ﺩﻩﻳﺪﯗ، ﺋﺎﻧﺪﯨﻦ ﺋﺎﻟﻼﮪ ﺋﯘﻻﺭﻧﻰ ﭼﺎﻗﯩﺮﯨﺪﯗ. ﺩﻭﺯﺍﺧﻨﯩﯔ ﺋﯜﺳﺘﯩﮕﻪ ﻛﯚﯞﺭﯛﻙ ﺳﯧﻠﯩﻨﯩﺪﯗ. ﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﭘﻪﻳﻐﻪﻣﺒﻪﺭﻟﻪﺭﻧﯩﯔ ﺋﺎﺭﯨﺴﯩﺪﯨﻦ ﺋﯜﻣﻤﯩﺘﯩﻨﻰ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﺋﻪﯓ ﺋﺎﻟﺪﯨﺪﺍ ﺳﯩﺮﺍﺕ ﻛﯚﯞﺭﯛكىدﯨﻦ ﺋﯚﺗﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﻛﯩﺸﻰ ﻣﻪﻥ ﺑﻮﻟﯩﻤﻪﻥ. ﺑﯘ ﻳﻪﺭﺩﻩ ﭘﻪﻳﻐﻪﻣﺒﻪﺭﻟﻪﺭﺩﯨﻦ ﺑﺎﺷﻘﺎ ھېچكىم ﺳﯚﺯ ﻗﯩﻠﻤﺎﻳﺪﯗ. ﭘﻪﻳﻐﻪﻣﺒﻪﺭﻟﻪﺭﻧﯩﯔ ﺳﯚﺯﻟﯩﺮﯨﻤﯘ: ‹ﺋﻰ ﺋﺎﻟﻼﮪ! ﺋﺎﻣﺎﻥ ﻗﯩﻠﻐﯩﻦ! ﺋﺎﻣﺎﻥ ﻗﯩﻠﻐﯩﻦ!› ﺩﯦﮕﻪﻧﺪﯨﻦ ﺋﯩﺒﺎﺭﻩﺕ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ. ﺩﻭﺯﺍﺧﺘﺎ ﺳﻪﺋﺪﺍﻧﻨﯩﯔ ﺗﯩﻜﯩﻨﯩﺪﻩﻙ(7) ﻗﺎﺭﻣﺎﻗﻼﺭ ﺑﺎﺭ. ﺳﯩﻠﻪﺭ ﺳﻪﺋﺪﺍﻧﻨﯩﯔ ﺗﯩﻜﯩﻨﯩﻨﻰ ﻛﯚﺭﮔﻪﻧﻤﯩﺪﯨﯖﻼﺭ؟

ﺳﺎﮪﺎبەلەﺭ:

— ﮪﻪﺋﻪ ﻛﯚﺭﮔﻪنمىز، — ﺩﯦﻴﯩﺸﺘﻰ. ﺭﻩﺳﯘﻟﯘﻟﻼﮪ ﺳﻪﻟﻠﻪﻟﻼﮪﯘ ﺋﻪﻟﻪﻳﮭﻰ ﯞﻩﺳﻪﻟﻠﻪﻡ:

— ﻟﯧﻜﯩﻦ، ﺋﯘﻧﯩﯔ ﻧﻪﻗﻪﺩﻩﺭ ﭼﻮﯕﻠﯘﻗﯩﻨﻰ ﺋﺎﻟﻼﮪﺘﯩﻦ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﮪﯧﭽﻜﯩﻢ ﺑﯩﻠﻤﻪﻳﺪﯗ. ﻗﺎﺭﻣﺎﻗﻼﺭ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ﻗﯩﻠﻤﯩﺸﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﻗﺎﺭﺍﭖ ئىلىۋالىدۇ. ﺋﯘﻻﺭﺩﯨﻦ ﻗﯩﻠﻤﯩﺸﻠﯩﺮﻯ ﺗﯜﭘﻪﻳﻠﯩﺪﯨﻦ ﮪﺎﻻﻙ ﻗﯩﻠﯩﻨﯩﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﺮىمۇ، ﻗﯩﭽﯩﻨﯩﯔ ﺩﺍﻧﯩﺴﯩﺪﻩﻙ ﭼﯧﭽﯩﯟﯦﺘﯩﻠﮕﻪﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ قۇﺗﯘﻟﯩﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﺮﯨﻤﯘ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ. ﺋﺎﻟﻼﮪ ﺗﺎﺋﺎﻻ ﺋﻪﮪﻠﻰ ﺩﻭﺯﺍﺥ ﺋﯩﭽﯩﺪﯨﻦ ﺧﺎھلىغاﻧﻼﺭﻏﺎ ﺭﻩﮪﻤﻪﺕ ﻗﯩﻠﻤﺎﻗﭽﻰ ﺑﻮﻟﺴﺎ، ﭘﻪﺭﯨﺸﺘﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ﺋﺎﻟﻼھقا ﺋﯩﺒﺎﺩﻩﺕ ﻗﯩﻠﻐﺎﻧﻼﺭﻧﻰ ﺩﻭﺯﺍﺧﺘﯩﻦ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﭼﯩﻘﯩﺸﻘﺎ ﺑﯘﻳﺮﯗﻳﺪﯗ. ﭘﻪﺭﯨﺸﺘﯩﻠﻪﺭ ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﭘﯧﺸﺎﻧﯩﺴﯩﺪﯨﻜﻰ ﺳﻪﺟﺪﻩ ﺋﯩﺰﻟﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﺋﺎﻟﻼﮪﻘﺎ ﺋﯩﺒﺎﺩﻩﺕ ﻗﯩﻠﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺗﻮﻧﯘﭖ، ﺋﯘﻻﺭﻧﻰ ﺩﻭﺯﺍختىن ﺋﯧﻠﯩﭗ ﭼﯩﻘﯩﺪﯗ. ﺋﺎﻟﻼﮪ ﺩﻭﺯﺍﺧﻘﺎ ﺋﺎﺩﻩﻡ ﺑﺎﻟﯩﺴﯩﺪﯨﻜﻰ ﺳﻪﺟﺪﯨﻨﯩﯔ ﺋﯩﺰﯨﻨﻰ ﻛﯚﻳﺪﯛﺭﯛﺷﯩﻨﻰ ﮪﺎﺭﺍﻡ ﻗﯩﻠﯩﯟﻩﺗﻜﻪندۇر، ﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺋﯘﻻﺭ ﺩﻭﺯﺍختىن ﻗﯘﺗﯘﻟﯩﺪﯗ. ﺋﺎﺩﻩﻡ ﺑﺎﻟﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﺳﻪﺟﺪﻩ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﺋﻪﺯﺍﻟﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﮪﻪﻣﻤﻪ ﺋﻪﺯﺍﺳﯩﻨﻰ ﺩﻭﺯﺍﺥ ﻛﯚﻳﺪﯛﺭﯨﺪﯗ. ﺩﻭﺯﺍختىن ﻛﯚﻳﯜﭖ ﻗﺎﺭﯨﺪﺍﭖ ﻛﻪﺗﻜﻪﻥ ﮪﺎﻟﻪﺗﺘﻪ چىققان ئادەم بالىسىنىڭ ﺋﯜﺳﺘﻰ – ﺑﯧﺸﯩﻐﺎ ﮪﺎﻳﺎﺗﻠﯩﻖ ﺳﯜﻳﻰ ﻗﯘﻳﯘﻟﯩﺪﯗ، ﺷﯘﻧﯩﯔ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﺋﻪﺯﺍﻟﯩﺮﻯ ﺧﯘﺩﺩﻯ ﻛﻪﻟﻜﯜن ﻻﺗﻘﯩﻠﯩﺮﯨﺪىن بىخ ئۇرغان ئۇرۇقتەك ﺗﯧﺰلا بىخ ئۇرىدۇ، ﺋﺎﻧﺪﯨﻦ ﺋﺎﻟﻼﮪ ﺑﻪﻧﺪﯨﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺋﺎﺭﯨﺴﯩﺪﺍ ﮪﯚﻛﯜﻡ ﭼﯩﻘﯩﺮﯨﺸﻨﻰ ﺗﺎﻣﺎﻣﻼﻳﺪﯗ، ﺋﯘ ﭼﺎﻏﺪﺍ ﺟﻪﻧﻨﻪﺕ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺩﻭﺯﺍﺧﻨﯩﯔ ﺋﺎﺭﯨﺴﯩﺪﺍ ﺩﻭﺯﺍﺥ ﺗﻪﺭﻩﭘﻜﻪ ﻳﯜﺯﻟﯩﻨﯩﭗ ﺗﯘﺭﻏﺎﻥ ﺑﯩﺮ ﺋﺎﺩﻩﻡ — ئۇ ﺟﻪﻧﻨﻪﺗﻜﻪ ﻛﯩﺮﯨﺪﯨﻐﺎﻥ ﺩﻭﺯﺍﺥ ﺋﻪﮪﻠﯩﻨﯩﯔ ﺋﺎﺧﯩﺮقىسىدۇر — ﻗﯧﻠﯩﭗ ﻗﺎﻟﯩﺪﯗ، ﺋﯘ ﺋﺎﺩﻩﻡ: ‹ﺋﻰ ﺭﻩﺑﺒﯩﻢ! ﺩﻭﺯﺍﺧﻨﯩﯔ ﺷﺎﻣﯩﻠﻰ ﺩﯦﻤﯩﻤﻨﻰ ﺳﯩﻘﯩﯟﻩﺗﺘﻰ، ﻳﺎﻟﻘﯘﻧﻰ ﻣﯧﻨﻰ ﻛﯚﻳﺪﯛﺭۈۋﻩﺗﺘﻰ، ﺷﯘﯕﺎ ﻳﯜﺯﯛﻣﻨﻰ ﺩﻭﺯﺍﺧﺘﯩﻦ ﺑﯘﺭﺍﭖ ﻗﻮﻳﺴﺎﯓ› ﺩﻩﻳﺪﯗ. ﺋﺎﻟﻼﮪ ﺋﯘﻧﯩﯖﻐﺎ: ‹ﺑﯘ ﺗﻪﻟﯩﯟﯨﯔ ﺋﻮﺭﯗﻧﺪﺍﻟﺴﺎ، ﺑﻪﻟﻜﯩﻢ ﺑﺎﺷﻘﯩﻨﻰ ﺳﻮﺭﺍﺭﺳﻪﻥ؟› ﺩﻩﻳﺪﯗ، ﺋﯘ ﺋﺎﺩﻩﻡ: ‹ﺋﻰ ﺋﺎﻟﻼﮪ! ﮪﻪﻗﻘﻰ – ﮪﯚﺭﻣﯩﺘﯩﯔ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻗﻪﺳﻪﻡ ﻗﯩﻠﯩﻤﻪﻧﻜﻰ، ﮪﻪﺭﮔﯩﺰﻣﯘ ﺑﺎﺷﻘﯩﻨﻰ ﺳﻮﺭﯨﻤﺎﻳﻤﻪﻥ› ﺩﻩﭖ، ﺋﺎﻟﻼﮪﻘﺎ ﻧﯘﺭﻏﯘﻥ ﯞﻩﺩﻩ – ﻗﻪﺳﻪﻣﻠﻪﺭﻧﻰ ﺑﯧﺮﯨﺪﯗ. ﺷﯘﻧﯩﯔ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﺎﻟﻼﮪ ﺋﯘﻧﻰ ﺩﻭﺯﺍﺧﺘﯩﻦ ﺑﯘﺭﺍﭖ ﺟﻪﻧﻨﻪﺗﻜﻪ ﻳﯜﺯﻟﻪﻧﺪﯛﺭﮔﻪﻧﺪﻩ، ﺋﯘ ﺟﻪﻧﻨﻪﺗﻨﯩﯔ ﮔﯜﺯﻩﻟﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﻛﯚﺭﯛﭖ ﺧﯧﻠﻰ ﯞﺍﻗﯩﺘﻘﯩﭽﻪ ﭼﯩﺪﺍﭖ ﺟﯩﻢ ﺗﯘﺭﯨﺪﯗ. ﺋﺎﻧﺪﯨﻦ: ‹ﺋﻰ ﺭﻩﺑﺒﯩﻢ! ﻣﯧﻨﻰ ﺟﻪﻧﻨﻪﺗﻨﯩﯔ ﺩﻩﺭﯞﺍﺯﯨﺴﻰ ﺋﺎﻟﺪﯨﻐﺎ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﺑﺎﺭﺳﺎﯓ› ﺩﻩﻳﺪﯗ. ﺟﺎﻧﺎﺑﻰ ﺋﺎﻟﻼﮪ: ‹(بايا) ﺳﻮﺭﯨﻐﺎﻥ ﻧﻪﺭﺳﻪﯕﺪﯨﻦ ﺑﺎﺷﻘﯩﻨﻰ ﺳﻮﺭﯨﻤﺎﺳﻠﯩﻘﻘﺎ ﯞﻩﺩﻩ – ﻗﻪﺳﻪﻣﻠﻪﺭ ﺑﻪﺭﮔﻪﻥ ﺋﻪﻣﻪﺳﻤﯩﺪﯨﯔ؟› ﺩﻩﻳﺪﯗ. ﺋﯘ ﻛﯩﺸﻰ: ‹ﺋﻰ ﺭﻩﺑﺒﯩﻢ! ﻣﻪﻥ ﺳﯧﻨﯩﯔ ﺋﻪﯓ ﺷﻪﻗﯩﻲ ﺑﻪﻧﺪﻩﯓ ﺑﻮﻟﻤﯩﻐﺎﻳﻤﻪﻥ› ﺩﻩﻳﺪﯗ. ﺋﺎﻟﻼﮪ ﺗﺎﺋﺎﻻ: ‹ﺋﻪﮔﻪﺭ ﺳﻮﺭﯨﻐﺎﻥ ﻧﻪﺭﺳﻪﯕﻨﻰ ﺑﻪﺭﺳﻪﻡ، ﺑﻪﻟﻜﯩﻢ ﻳﻪﻧﻪ ﺑﺎﺷﻘﯩﻨﻰ ﺳﻮﺭﺍﺭﺳﻪﻥ؟› ﺩﻩﻳﺪﯗ. ﺋﯘ ﻛﯩﺸﻰ: ‹ﻳﺎﻕ، ﺭﻩﺑﺒﯩﻢ! ﮪﻪﻗﻘﻰ – ﮪﯚﺭﻣﯩﺘﯩﯔ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻗﻪﺳﻪﻡ ﻗﯩﻠﯩﻤﻪﻧﻜﻰ، ﺋﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﻧﻪﺭﺳﻪ ﺳﻮﺭﯨﻤﺎﻳﻤﻪﻥ› ﺩﻩﭖ ﺋﺎﻟﻼﮪﻘﺎ ﻧﯘﺭﻏﯘﻥ ﯞﻩﺩﻩ – ﻗﻪﺳﻪﻣﻠﻪﺭﻧﻰ ﺑﯧﺮﯨﺪﯗ. ﺋﺎﻟﻼﮪ ﺋﯘﻧﻰ ﺟﻪﻧﻨﻪﺗﻨﯩﯔ ﺩﻩﺭﯞﺍﺯﯨﺴﻰ ﺋﺎﻟﺪﯨﻐﺎ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﺑﺎﺭﯨﺪﯗ، ﺋﯘ ﺟﻪﻧﻨﻪﺗﻨﯩﯔ ﺩﻩﺭﯞﺍﺯﯨﺴﻰ ﺋﺎﻟﺪﯨﺪﺍ ﺗﯘﺭﯗﭖ، ﺟﻪﻧﻨﻪﺗﻨﯩﯔ ﮔﯜﻝ – چېچەﻛﻠﯩﺮﯨﻨﻰ، ﺋﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻜﻰ ﮔﯜﺯﻩﻟﻠﯩﻚ ﯞﻩ ﺷﺎﺩ – خۇﺭﺍﻣﻠﯩﻘﻨﻰ ﻛﯚﺭﯛﭖ ﺧﯧﻠﻰ ﯞﺍﻗﯩﺘﻘﯩﭽﻪ ﭼﯩﺪﺍﭖ ﺟﯩﻢ ﺗﯘﺭﯨﺪﯗ، ﺋﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ: ‹ﺋﻰ ﺭﻩﺑﺒﯩﻢ! ﻣﯧﻨﻰ ﺟﻪﻧﻨﻪﺗﻜﻪ ﻛﯩﺮﮔﯜﺯﮔﯩﻦ› ﺩﻩﻳﺪﯗ. ﺋﺎﻟﻼﮪ ﺗﺎﺋﺎﻻ: ‹ﯞﺍﻱ ﺋﯩﺴﯩﺖ ﺳﺎﯕﺎ! ﺋﻰ ﺋﺎﺩﻩﻡ ﺑﺎﻟﯩﺴﻰ! نېمىدﯦﮕﻪﻥ ﮔﯧﭙﯩﯖﺪﻩ ﺗﯘﺭﻣﺎﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﺎﺩﻩﻣﺴﻪﻥ، ﺋﻮﺭﯗﻧﺪﺍﻟﻐﺎﻥ ﺗﻪﻟﯩﭙﯩﯖﺪﯨﻦ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﻧﻪﺭﺳﯩﻨﻰ ﺳﻮﺭﯨﻤﺎﻳﻤﻪﻥ ﺩﻩﭖ، ﯞﻩﺩﻩ – ﻗﻪﺳﻪﻣﻠﻪﺭﻧﻰ ﺑﻪﺭﮔﻪﻥ ﺋﻪﻣﻪﺳﻤﯩﺪﯨﯔ؟› ﺩﻩﻳﺪﯗ. ﺋﯘ ﺋﺎﺩﻩﻡ: ‹ﺋﻰ ﺭﻩﺑﺒﯩﻢ! ﻣﯧﻨﻰ ﺋﻪﯓ ﺷﻪﻗﯩﻲ ﺑﻪﻧﺪﻩﯓ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﻗﻮﻳﻤﯩﻐﯩﻦ› ﺩﻩﻳﺪﯗ. ﺋﺎﻟﻼﮪ ﺋﻪﺯﺯﻩ ﯞﻩﺟﻪﻟﻠﻪ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﮪﺎﻟﯩﺪﯨﻦ ﻛﯜﻟﯩﺪﯗ. ﺋﺎﻧﺪﯨﻦ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺟﻪﻧﻨﻪﺗﻜﻪ ﻛﯩﺮﯨﺸﯩﮕﻪ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺕ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺋﯘﻧﯩﯖﻐﺎ: ‹ﺋﺎﺭﺯﯗ – ﺋﺎﺭﻣﺎﻧﻠﯩﺮﯨﯖﯩﻨﻰ ﺩﯦﮕﯩﻦ› ﺩﻩﻳﺪﯗ. ﺋﯘ ﺋﺎﺭﺯﯗ – ﺋﺎﺭﻣﺎﻧﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﯧﻴﺘﯩﭗ (ﺭﻩﺑﺒﯩﺪﯨﻦ ﺗﯩﻠﻪﭖ) ﺋﺎﺭﺯﯗ – ﺋﺎﺭﻣﯩﻨﻰ ﭘﻪﻗﻪﺕ ﻗﺎﻟﻤﯩﻐﺎﻥ ﭼﺎﻏﺪﺍ، ﺋﺎﻟﻼﮪ ﺋﻪﺯﺯﻩ ﯞﻩﺟﻪﻟﻠﻪ ﺋﯘﻧﯩﯖﻐﺎ: ‹ﻣﺎﯞﯗ – ﻣﺎﯞﯗﻻﺭﻧﻰ ﺋﺎﺭﺯﯗ ﻗﯩﻠﻐﯩﻦ› ﺩﻩﭖ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﻳﺎﺩﯨﻐﺎ ﺳﯧﻠﯩﭗ ﻗﻮﻳﯩﺪﯗ. ﺋﺎﺧﯩﺮﻯ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺋﺎﺭﺯﯗ – ﺋﺎﺭﻣﺎﻧﻠﯩﺮﻯ ﺗﯜﮔﻪﭖ ﻗﺎﻟﻐﺎﻧﺪﺍ، ﺋﺎﻟﻼﮪ ﺗﺎﺋﺎﻻ ﺋﯘﻧﯩﯖﻐﺎ: ‹ﺑﯘ (ﺋﯧﻴﺘﻘﺎﻥ ﮪﻪﻣﻤﻪ ﺋﺎﺭﺯﯗ – ﺋﺎﺭﻣﺎﻧﻠﯩﺮﯨﯔ) ﺳﯧﻨﯩﯔ ﺑﻮﻟﺴﯘﻥ، ﻳﻪﻧﻪ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯩﺮ ﮪﻪﺳﺴﯩﺴﻰ ﺑﯩﻠﻠﻪ ﺑﻮﻟﺴﯘﻥ› ﺩﻩﻳﺪﯗ».(8)

ئەبۇ سەئىد ئەلخۇدرىي رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دېگەن: «ماڭا يېتىپ كەلدىكى، كۆۋرۈك قىلدىنمۇ ئىنچىكە، قىلىچنىڭ بىسىدىنمۇ ئۆتكۈر».(9)

ئىمام نەۋەۋىي دەيدۇ: «بۇ ھەدىستە سىراتنى ئىسپاتلاش بار بولۇپ، ھەق ئەھلىنىڭ مەزھەبى ئۇنى ئىپساتلاشتۇر، سەلەف ئۇنى ئىسپاتلاشتا بىردەك ئىجماﺋ قىلغاندۇر، ئۇ دوزاخ ئۈستىدىكى بىر كۆۋرۈك بولۇپ، بارلىق ئىنسانلار ئۇنىڭ ئۈستىدىن ئۆتىدۇ. مۇئمىنلەر بولسا ئۆزلىرىنىڭ ئەھۋاللىرى، مەرتىۋىلىرىگە يارىشا قۇتۇلۇپ كېتىدۇ، باشقىلار ئۇنىڭغا چۈشۈپ كېتىدۇ. كەرىم ئاللاھ بىزنى ئۇنىڭدىن ساقلىغاي! بىزنىڭ مۇتەكەللىملەر ۋە سەلەفلەردىن بولغان ئۇستازلىرىمىز ئەبۇ سەئىد ئەلخۇدرىي رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇشۇ بابتا رىۋايەت قىلغان ھەدىستە كەلگىنى بويىچە، سىرات قىلدىنمۇ ئىنچىكە، قىلىچنىڭ بىسىدىنمۇ ئۆتكۈر دەپ قارايدۇ. ۋەللاھۇ تائالا ئەئلەم».(10)

سىراتنىڭ بەزى تەپسىلىي سۈپەتلىرىدە ئالىملارنىڭ قاراشلىرى ئوخشاش ئەمەس. لېكىن، بىزنىڭ ئېتىقاد قىلىشىمىز كېرەك بولغىنى شۇكى، ئاخىرەتتە «سىرات» دېگەن نەرسە بار.

كىشىلەر دۇنيادىكى ئەمەللىرىگە قاراپ «سىرات»تىن ئۆتۈش ئەھۋالى ئوخشاش بولمايدۇ، ئۇلار ئىككى گۇرۇھ بولۇپ، بىرى، «سىرات»تىن دوزاخقا چۈشۈپ كېتىشتىن قۇتۇلۇپ قالىدۇ. يەنە بىرى، ئۇنىڭغا چۈشۈپ كېتىدۇ.

دوزاخقا چۈشۈپ كەتكەن گۇرۇھمۇ ئىككى قىىسمغا ئايرىلىدۇ، بىر قىسمى كافىر، مۇناپىقلار بولۇپ، ئۇنىڭدا مەڭگۈلۈك قالىدۇ. يەنە بىر قىسمى ئاللاھ تائالا خاھلىغان مۇددەتكىچە دوزاختا تۇرۇپ ئاندىن چىقىدىغانلار. ئۇلار بولسا، مۇئمىنلەرنىڭ ئاسىيلىرىدۇر.

دوزاختىن ئۆتۈش تېزلىكى بەزى ھەدىسلەردە لاپپىدە قارىغانغا شامالغا، ئۇچار قۇشقا، دۇلدۇلغا ئوخشىتىلغان بولسا، بەزىلىرى يۈگۈرۈپ، بەزىلەر مېڭىپ بەزىلەر ئۆمىلىگەن ھالدا ئۆتىدۇ، دېيىلگەن.

قىيامەت كۈنى بىر دەھشەتتىن ئۆتۈپ يەنە بىر دەھشەتكە، بىر قورقۇنچتىن يەنە بىر قورقۇنچقا ئۇچرايدىغان كۈن بولغاچقا، قەلبلەر دەھشەتكە تولۇپ قورقۇپ كېتىدۇ. «سىرات»تىن ئۆتۈش باسقۇچىمۇ ئاشۇ دەھشەتلىك باسقۇچلارنىڭ بىرى بولۇپ، دۇنيادا ئىمان ئېيتىپ، سالىھ ئەمەللەرنى قىلىشتا ساباتلىق بولغان ئادەم، قىيامەت كۈنىمۇ «سىرات»تا ساباتلىق بولىدۇ. بۇنىڭدىن ئۆتۈپ بولغاندىن كېيىن مۇئمىنلەر يەنە بىر كۆۋرۈككە سولاپ قويۇلىدۇ.

ئەبۇ سەئىد ئەلخۇدرىي رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىدۇكى، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: «مۇئمىن بەندىلەر دوزاخ ئۈستىدىكى پىلسىراتتىن ئۆتۈپ بولغاندىن كېيىن، دوزاخ بىلەن جەننەت ئارىسىدىكى چوڭ بىر كۈۋرۈك ئۈستىدە توختىتىپ قويۇلۇپ، دۇنيادىكى چاغلىرىدا بىر – بىرىدە قالغان قىساس ۋە ھەقلىرى ئېلىپ بېرىلىدۇ، ئاخىرى پاكلانغاندىن كېيىن، ئۇلارنىڭ جەننەتكە كىرىشىگە ئىجازەت قىلىنىدۇ. مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ جېنى ئىلىكىدە بولغان زات بىلەن قەسەم قىلىمەنكى، ئۇلارنىڭ بىرى جەننەتتىكى تۇرالغۇسىنى دۇنيادىكى ئۆيىدىنمۇ ياخشىراق تونۇيدۇ»([11])

قەدەملەر تېيىلىپ كېتىدىغان ئاشۇ دەھشەتلىك كۈندە ئاللاھ قەدەملىرىمىزنى مۇستەھكەم قىلسۇن، بىزنى ئۆز پەزلى كەرەمى بىلەن دوزاختىن قۇتقۇزۇپ جەننەت ئەھلىدىن قىلىۋەتسۇن! ئامىن.

ۋەللاھۇ ئەئلەم بىسسەۋاب / ئاللاھ ئەڭ توغرىسىنى بىلگۈچىدۇر!

دوكتور ئابدۇلئەزىز رەھمەتۇللاھ

ھ. 1432، 6 – شەئبان / م. 2011، 7 – ئىيۇل

«پەتۋالار مەجمۇئەسى»، 1 – توم، 20 – نومۇرلۇق پەتۋا.

—————-
1. غەيبىييات: ئىنسان ھېس – تۇيغۇلىرى بىلەن بىلەلمەيدىغان، پەقەتلا ۋەھىي ئارقىلىق بىلگىلى بولىدىغان مەلۇماتلار.
2. تەبەرىي: «جامىئۇل بەيان فى تەفسىرىلقۇرئان»، 16/110 ئەلۇسىي: «رۇھۇل مەئانىي»، 16/121؛ ئىبنى ئەتىييە: «ئەلمۇھەررەر ئەلۋەجىز»، 4/27.
3. يۇقىرىقى ئايەتتىكى ئاللاھ تائالانىڭ: ﴿سىلەرنىڭ ئىچىڭلاردىن دوزاخقا بارمايدىغان بىرەر كىشىمۇ قالمايدۇ﴾ دېگەن سۆزى قەسەمدىن ئىبارەت بولۇپ، تەقۋادارلار پەقەتلا ئاللاھ تائالانىڭ ئاشۇ قەسىمى بۇزۇلمايدىغان بىر تەرىقىدە دوزاخ ئۈستىگە بارىدۇ. ھىرەۋىي: «غەرىبۇل ھەدىس»، 2/17.
4. بىرلىككە كېلىنگەن ھەدىس: «بۇخارىي»، (1251)؛ «مۇسلىم»، (2632).
5. ئىمام نەۋەۋىي: «شەرھۇ سەھىھى مۇسلىم»، 16/58.
6. «مۇسلىم»، (2496).
7. ﺳﻪﺋﺪﺍن (السَّعْدَان): ئەرەب يېرىم ئارىلىدىكى نەجد رايونى قۇملۇق تۈزلەڭلىكلىرىدە يامغۇردىن كېيىن ئۆسۈپ، يازدا قۇرۇپ كېتىدىغان كاۋا ئائىلىسىدىكى بىر خىل چېچەكلىك ئوت بولۇپ، بۇ ئوتنى تۆگە ياخشى كۆرىدۇ. تەڭگىدەك ياپىلاق، توپارەڭ، تەملىك كېلىدۇ، ئۈستۈن تەرىپىدە بۇدۇشقاققا ئوخشايدىغان «زەفئانە (الضَّفْعانةُ)» دەپ ئاتىلىدىغان تىكەنلىك مېۋىسى بار. ئادەتتە تىكىنى ئاسمانغا قارىغان ھالەتتە چۈشۈپ قۇرۇپ قالىدۇ. قاراڭ: ئەينىي: «ئۇمدەتۇلقارىي»، 6/85؛ ئىبنى مەنزۇر: «لىسانۇلئەرەب»، 8/224.
8. بىرلىككە كېلىنگەن ھەدىس: «بۇخارىي»، (806)؛ «مۇسلىم»، (182). بۇخارىدىن نەقل قىلىندى.
9. «مۇسلىم»، (183).
10. ئىمام نەۋەۋىي: «شەرھۇ سەھىھى مۇسلىم»، 3/20.
11. «بۇخارىي»، (6535).

Please follow and like us:

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ