ئىمانىمىزنى قانداق كۈچەيتىمىز؟

سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم، مېنىڭ ئىمانىمنى كۈچەيتكىم بار، بىراق ئىبادەتلىرىم بەكلا ئاز، دىنغا قىزغىنلىقىم يۇقىرى ئەمەس. ماڭا يول كۆرسەتسەڭلار. ئۆزۈمنىڭ بىر ئىزدا توختاپ قالغىنىمغا ئاچچىقىم كېلىدۇ، بىراق ئىماننى كۈچەيتىشنى قانداق باشلاشنى بىلمەيۋاتىمەن.

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھى ۋەبەرەكاتۇھۇ.

بارلىق ھەمدۇسانا جانابى ئاللاھقا بولسۇن، شۇنداقلا پەيغەمبىرىمىزگە، ئائىلە – تاۋابىئاتلىرىغا ۋە ئۇنىڭغا تاكى قىيامەتكىچە ئەگەشكەنلەرگە دۇرۇت – سالاملار بولسۇن.

تەقۋادارلىقنى قولغا كەلتۈرۈپ، ئىماننى كۈچەيتىشنىڭ ئۈنۈملۈك يوللىرى كۆپ، تۆۋەندە بۇلاردىن بىرقانچىسى ئۈستىدە توختىلىپ ئۆتەي:

1. ئاللاھ سۈبھەنەھۇ ۋەتائالانىڭ ئاسمان – زېمىن، ئىنسان ۋە باشقا مەخلۇقلىرىدىكى قۇدرىتىنى تەپەككۇر قىلىش ئارقىلىق ئۇلۇغلۇقىنى ھېس قىلىپ تۇرۇش.

جانابى ئاللاھ بۇ ئايەتلەردە شۇنى كۆرسەتكەن:

[شۈبھىسىزكى، ئاسمانلارنىڭ ۋە زېمىننىڭ يارىتىلىشىدا، كېچە بىلەن كۈندۈزنىڭ نۆۋەتلىشىپ تۇرۇشىدا ئۆرە تۇرغاندىمۇ، ئولتۇرغاندىمۇ، يېنى ياتقاندىمۇ ئاللاھنى ئەسلەپ تۇرىدىغانلار، ئاسمانلارنىڭ ۋە زېمىننىڭ يارىتىلىشى توغرىسىدا پىكىر يۈرگۈزىدىغان، رەببىمىز بۇنى بىكارغا ياراتمىدىڭ، سېنى قاتتىق پاكلايمىز، شۇڭا، بىزنى دوزاخ ئازابىدىن ساقلىغايسەن، دەيدىغان ئەقىل ئىگىلىرى ئۈچۈن، ئەلۋەتتە، روشەن دەلىللەر باردۇر].([1])

بۇ ئايەتلەرنى رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم داۋاملىق ئوقۇپ تەپەككۇر قىلىپ تۇراتتى. كۇرەيب رىۋايەت قىلىدۇكى، ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما مۇنداق دېگەن: مەن ھاممام مەيمۇنەنىڭ ئۆيىدە قونۇپ قالدىم. رەسۇلۇللاھ ئايالى بىلەن بىردەم پاراڭلىشىپ، ئاندىن ئۇخلىدى. كېچىنىڭ ئاخىرقى ئۈچتىن بىرى قالغاندا، قوپۇپ ئولتۇرۇپ ئاسمانغا قاراپ: ﭽشۈبھىسىزكى، ئاسمانلارنىڭ ۋە زېمىننىڭ يارىتىلىشىدا، كېچە بىلەن كۈندۈزنىڭ نۆۋەتلىشىپ تۇرۇشىدا ئەقىل ئىگىلىرى ئۈچۈن، ئەلۋەتتە، روشەن دەلىللەر باردۇرﭼ دېگەن (ئون) ئايەتنى ئوقۇدى، ئاندىن ئورنىدىن تۇرۇپ تاھارەت ئېلىپ، مىسۋاك ئىشلىتىپ ئون بىر رەكەت ناماز ئوقۇدى، ئاندىن بىلال ئەزان ئېيتقاندىن كېيىن ئىككى رەكەت ناماز ئوقۇپ بولۇپ، مەسچىتكە چىقىپ بامدات نامىزىنى ئوقۇدى.([2])

2. ئاللاھنىڭ ئۇلۇغلۇقىنى ھېس قىلىپ تەپەككۇر قىلىپ تۇرۇش بىلەن بىللە پۈتۈن ۋۇجۇدىمىز بىلەن ئاللاھ سۈبھەنەھۇ ۋەتائالانى ياد ئېتىش، ئەسلەش، ھەقىقىي لايىقىدا ئىبادەت قىلىش ۋە ئۇنىڭغا تېخىمۇ يېقىنلىشىش ئۈچۈن كىرىشىش.

ئاللاھنى زىكىر قىلىپ تۇرۇشنىڭ پەزىلىتى ئىنتايىن كاتتىدۇر. بۇ ھەقتە كەلگەن ئايەت – ھەدىسلەر نۇرغۇن بولۇپ، بىر ھەدىس مىسال ئالايلى:

ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىدۇكى، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: «ھەقىقەتەن ئاللاھنىڭ يوللاردا ئايلىنىپ يۈرىدىغان پەرىشتىلىرى بار، ئۇلار زىكىر ئەھلىنى ئىزدىشىدۇ، ئۇلار ئاللاھقا زىكرى ئېيتىۋاتقان بىرەر قەۋمنى ئۇچرىتىپ قالسا، بىر – بىرىنى:

_ تېز بۇياققا كېلىڭلار! ئىزدىگىنىڭلار تېپىلدى، _ دەپ چاقىرىشىپ، ئۇلارنى بىرىنچى ئاسمانغا قەدەر قاناتلىرى بىلەن ئورۇۋېلىشىدۇ، ئۇلارنىڭ پەرۋەردىگارى ئۇلاردىن ئوبدان بىلىدىغان تۇرۇقلۇق ئۇلاردىن:

_ بەندىلىرىم نېمە دېيىشىۋاتىدۇ؟ _ دەپ سورايدۇ. پەرىشتىلەر:

_ ئۇلار ساڭا تەسبىھ ئېيتىۋاتىدۇ، تەكبىر ئېيتىۋاتىدۇ، ھەمدۇ ئېيتىۋاتىدۇ، سېنى ئۇلۇغلاۋاتىدۇ، _ دەپ جاۋاب بېرىدۇ.

_ ئۇلار مېنى كۆرۈپتىكەنمۇ؟

_ ياق، ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، ئۇلار سېنى كۆرۈپ باقمىغان.

_ ناۋادا ئۇلار مېنى كۆرگەن بولسا، قانداق زىكىر ئېيتىپ كېتەر ئىدى؟

_ ناۋادا ئۇلار سېنى كۆرگەن بولسا ساڭا تېخىمۇ قاتتىق ئىبادەت قىلغان بولاتتى، سېنى تېخىمۇ قاتتىق ئۇلۇغلاپ، ھەمدۇسانا ئېيتىپ، ساڭا تېخىمۇ كۆپ تەسبىھ ئېيتقان بولاتتى.

_ ئۇنداقتا ئۇلار مەندىن نېمە سورىشىۋاتىدۇ؟

_ سەندىن جەننەتنى سورىشىۋاتىدۇ.

_ ئۇلار ئۇنى كۆرۈپتىكەنمۇ؟

_ ياق، ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، ئى رەببىمىز، ئۇلار ئۇنى كۆرۈپ باقمىغان.

_ ناۋادا ئۇلار ئۇنى كۆرگەن بولسا، قانداق زىكىر ئېيتىپ كېتەر ئىدى؟

_ ناۋادا ئۇلار ئۇنى كۆرگەن بولسا، ئۇنىڭغا تېخىمۇ ھېرىسمەن بولغان بولاتتى، تېخىمۇ قاتتىق تىلىگەن بولاتتى ۋە ئۇنىڭغا تېخىمۇ قاتتىق خۇشتار بولاتتى.

_ ئۇنداقتا ئۇلار نېمىدىن پاناھلىق تىلىشىۋاتىدۇ؟

_ دوزاختىن.

_ ئۇلار ئۇنى كۆرۈپتىكەنمۇ؟

_ ياق، ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، ئى رەببىمىز، ئۇلار ئۇنى كۆرۈپ باقمىغان.

_ ناۋادا ئۇلار ئۇنى كۆرگەن بولسا، قانداق زىكىر ئېيتىپ كېتەر ئىدى؟

_ ناۋادا ئۇلار ئۇنى كۆرگەن بولسا، دوزاختىن تېخىمۇ بەك قاچقان بولاتتى ئۇنىڭدىن تېخىمۇ قاتتىق قورققان بولاتتى،

_ ئۇنداق بولسا سىلەرنى گۇۋاھ قىلىمەنكى، مەن ئۇلارنى مەغپىرەت قىلىۋەتتىم. پەرىشتىلەردىن بىرى:

_ ئۇلارنىڭ ئىچىدە (گۇناھكار) پالانىمۇ بار، ئۇ ئۇلاردىن ئەمەس، ئۇ بىر ئىش ئۈچۈن كېلىپ ئۇلارغا قوشۇلۇپ قالغان، _دەيدۇ. پەرۋەردىگار:

_ ئۇلار بىر سورۇندا ئولتۇرغانلاردۇر، ئۇلار بىلەن بىللە ئولتۇرغان كىشى ئۇلارنىڭ ئىززىتى ئۈچۈن بەختسىزلىككە يولۇقمايدۇ، _دەيدۇ.»([3])

3. جانابى ئاللاھقا پەرز ئىبادەتلەرنى تولۇق قىلىش، ھارام قىلغان ئىشلارنى تاشلاش، نەپلە ئىبادەتلەرنى كۆپ قىلىش دىلنى ئىسلاھ قىلىشتا، ئاللاھقا يېقىن بولۇشتا تەسىرى زور ئەمەللەردۇر.

ئەتا ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىدۇكى، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: «ھەقىقەتەن ئاللاھ دېدىكى: كىمكى مېنىڭ يېقىن بىر بەندەمگە دۈشمەنلىك قىلىدىكەن، ئۇنىڭغا جەڭ ئېلان قىلىمەن، بەندەم مەن ئۇنىڭغا پەرز قىلغان ئىبادەتلەردىنمۇ مەن ئۈچۈن سۆيۈملۈكرەك بىر نەرسە بىلەن ماڭا يېقىنلىشىشقا ئۇرۇنۇپ باقمىغاندۇر. بەندەم ماڭا (پەرزلەردىن سىرت) نەپلە ئىبادەتلەر بىلەن يېقىنلىشىشقا ئۇرۇنىۋەرسە، ئاخىرى ئۇنىڭغا ئامراق بولۇپ قالىمەن، ئۇنىڭغا ئامراق بولۇپ قالسام مەن ئۇنىڭ ئاڭلايدىغان قۇلىقى، كۆرىدىغان كۆزى، قاتتىق تۇتىدىغان قولى ۋە ماڭىدىغان پۇتى بولىمەن، ئەگەر مەندىن سوراپ قالسا، ئۇنىڭغا چوقۇم بەرمەي قويمايمەن، ئەگەر مەندىن پاناھلىق تىلىسە، چوقۇم ئۇنىڭغا باشپاناھ بولىمەن، مەن مۆمىن بەندەمنىڭ جېنىنى ئېلىشتا ئىككىلەنگەندەك قىلماقچى بولغان بىرەر ئىشتا ئىككىلىنىپ باقمىغان، چۈنكى ئۇ ئۆلۈمنى يامان كۆرىدۇ، مەن بولسام ئۇنىڭغا ئازار بېرىشنى يامان كۆرىمەن.»([4])

دېمەك، يۇقىرىقى ئاللاھنىڭ مەخلۇقلىرىدا تەپەككۇر قىلىش، ئاللاھنى ئەسلەش ۋە ئىبادەت قىلىش قاتارلىق 3 ئىشنىڭ بىرى كەم بولسا ئىمان ھەقىقىي كۈچلۈك بولمايدۇ.

4. دىلنى ئىسلاھ قىلىش ئۈچۈن ئاللاھتائالا تەلەپ قىلغان دىل ئىبادەتلىرىنى ئادا قىلىش لازىم. بۇنىڭ ئۈچۈن كىشى دىلدىكى ھەسەت، زەھەرخەندىلىك، تەكەببۇرلۇق، نەپسى خاھىشقا ئەگىشىش ۋە دۇنياغا بېرىلىش قاتارلىق خەتەرلىك ئىللەتلەرنى تازىلاپ، تازىلانغان دىلىنى پەرۋەردىگارىغا باغلاپ ئاللاھنىلا سۆيۈش، ئاللاھتىنلا قورقۇش، ئاللاھقىلا تەۋەككۈل قىلىش، ئاللاھتىنلا ئۈمىد قىلىش، ئاللاھنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشىغا رازى بولۇش، ئاللاھقا بويسۇنۇش، ئاللاھقا ئۆزىنى تۆۋەن تۇتۇش ئارقىلىق ئىماننىڭ ھالاۋىتىنى تېتىشقا، دىلىنى خاتىرجەم قىلىشقا تىرىشىشى زۆرۈر.

5. نەپسىنىڭ ياكى شەيتاننىڭ ئارقىغا كىرىپ بىرەر خاتالىق سادىر قىلىپ قالغاندا دەرھال ھەقىقىي تەۋبە قىلىپ، ئاللاھقا قايتىش.

جانابى ئاللاھ مۆمىن بەندىلىرىنى: ﭽ ﭑ ﭒ ﭓ ﭔ ﭕ ﭖ ﭗ ﭘﭼ

ﭽئى ئىمان ئېيتقانلار! ئاللاھقا راستچىل، سەمىمىي تەۋبە قىلىڭلار!ﭼ([5]) دەپ بۇيرۇغان.

ئەلھارىس ئىبنى سۇۋەيد رىۋايەت قىلىپ دەيدۇكى: ئابدۇللاھ ئىبنى مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بىزگە ئىككى ھەدىس سۆزلەپ بەردى، بىرى، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمدىن، يەنە بىرى، ئۆزىدىن. ئۇ مۇنداق دېدى: مۆمىن كىشى گۇناھلىرىنى خۇددى ئۈستىگە ئۆرۈلۈپ چۈشەي دەپ قالغان تاغدەك دەپ قارايدۇ، پاسىق كىشى گۇناھلىرىنى خۇددى بۇرنىدىن ئۆتۈپ كەتكەن چىۋىنگە مۇنداق قىلىپ قويغاندەك (يەڭگىل) دەپ قارايدۇ. بۇ ھەدىسنى رىۋايەت قىلغان ئەبۇ شىھاب قولى بىلەن بۇرنى ئۈستىگە ئىشارەت قىلدى. ئاندىن ئابدۇللاھ ئىبنى مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دېدى: «ھەقىقەتەن ئاللاھ بەندىسىنىڭ تەۋبىسىگە، ھالاكەتلىك بىر تۇرالغۇغا چۈشكەن، يېنىدا يېمەك – ئىچمىكى ئارتىلغان ئۇلىغى بار، بېشىنى قويۇپ ئازغىنە ئۇخلاپ ئويغىنىپ قارىسا، ئۇلىغى كېتىپ قالغان، ئۇنى ئىزدەپ ئاخىرى ئىسسىق بىلەن ئاچلىق دەستىدىن ھالىدىن كېتىپ جايىغا قايتىپ ئازراق مۈگدەپ قارىسا، ئۇلىغى قېشىدا تۇرغان بىر ئادەمدىنمۇ بەكراق خۇش بولىدۇ».([6])

6. قىلغىنى ئاز بولسۇن ياكى كۆپ بولسۇن ئۆزىدىن ئۆزى ھېساب ئېلىش. ئىمام ئىبنى قەييىم رەھمەتۇللاھى ئەلەيھى: ”دىلنىڭ تۈزىلىشى ئۆزىدىن ھېساب ئېلىش بىلەن، بۇزۇلۇشى ئۇنى تاشلىۋېتىپ ئارقىغا كىرىش بىلەن بولىدۇ“.([7])

ئىمام ئەلئىز ئىبنى ئابدۇسسالام مۇنداق دېگەن: ”قىلىپ بولغان ئىشلاردا ۋە بۇندىن كېيىن قىلىدىغان ئىشلاردا ئۆزىدىن ھېساب ئېلىشنىڭ ۋاجىپلىقىغا بارلىق ئالىملار ئىتتىپاققا كەلگەن. شۇڭا، ئاقىل دېگەن ئۆزىدىن ھېساب ئېلىپ ئۆلگەندىن كېيىنكى ئەھۋال ئۈچۈن ئىش قىلغان كىشىدۇر، ئاجىز كىشى بولسا ئۆزىنىڭ نەپسىنى ھاۋايى – ھەۋەسلىرىنىڭ ئارقىدىن ئەگەشتۈرۈپ گۇناھ – مەئسىيەتلەرنى قىلىۋېرىپ ئاللاھتائالا مەغپىرەت قىلىۋېتىدۇ، دەپ قۇرۇق ئارزۇ – ئۈمىد قىلىپ يۈرگەن كىشىدۇر“.([8])

7. قۇرئان كەرىمنى تىلاۋەت قىلىش بىلەن بىللە مەنىسىنى چۈشىنىش ۋە تەپەككۇر قىلىش. ئىمام ئىبنى قەييىم رەھمەتۇللاھى ئەلەيھى: ”ئومۇمەن، دىلغا قۇرئاننى مەنىسىنى چۈشىنىشكە تىرىشىپ تەپەككۇر قىلىپ ئوقۇشتەك پايدىلىق نەرسە يوق، چۈنكى ئۇ ئاللاھقا قاراپ ماڭغانلارنىڭ بارلىق مەرتىۋىلىرىنى، ئەمەل قىلغۇچىلارنىڭ ئەھۋاللىرىنى ۋە ئاللاھنى تۇنۇغۇچىلارنىڭ ماقاملىرىنى جەملىگەندۇر. مۇھەببەت، ئىشتىياق، قورقۇش، ئۈمىد، تەۋبە، تەۋەككۈل، رازى بولۇش، تاپشۇرۇش، شۈكۈر قىلىش، سەۋر ۋە دىلنىڭ ياشىرىشى ۋە كامالىنى كەلتۈرىدىغان بارلىق ئەھۋاللارنى پەيدا قىلىدىغانمۇ شۇ قۇرئاننى تەپەككۇر قىلىپ ئوقۇشتۇر. شۇنداقلا ئۇ دىلنى بۇزۇپ ھالاكەتكە تاشلايدىغان بارلىق ناچار ئىللەتلەردىن قاتتىق توسىدۇ. ناۋادا كىشىلەر قۇرئاننى تەپەككۇر قىلىپ ئوقۇشتا بار بولغان پايدىنى بىلسە ئىدى، باشقا ھەممىنى تاشلاپ قويۇپ شۇنىڭ بىلەنلا بولۇپ كەتكەن بولاتتى. شۇڭا، بىرەر ئايەتنى تەپەككۇر قىلىپ ئوقۇغىنىدا دىلىنى داۋالاشتا ئۇنىڭغا ئېھتىياجى بولسا، يۈز قېتىم بولسىمۇ، پۈتۈن كېچە بولسىمۇ تەكرارلاپ ئوقۇيدۇ. چۈنكى، بىر ئايەتنى تەپەككۇر قىلىپ چۈشىنىپ ئوقۇش پۈتۈن قۇرئاننى تەپەككۇر قىلماي، چۈشەنمەي ئوقۇغاندىن ئەۋزەل، دىلغا پايدىلىقراق، ئىماننى تاۋلاشقا، قۇرئاننىڭ ھالاۋىتىنى تېتىشقا تېخىمۇ پايدىلىق. بۇ سەلەفلەرنىڭ ئادىتى بولۇپ، ئۇلار بىر ئايەتنى تاكى تاڭ ئاتقانغا قەدەر تەكرار – تەكرار ئوقۇيتتى. رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭمۇ بىر ئايەتنى تاڭ ئاتقانغا قەدەر تەكرارلىغانلىقى سەھىھ ھەدىستە كەلگەندۇر، ئۇ بولسىمۇ ئاللاھتائالانىڭ: ﭽﯯ ﯰ ﯱ ﯲﯳ ﯴ ﯵ ﯶ ﯷ ﯸ ﯹ ﯺﭼ ﭽئەگەر ئۇلارغا ئازاب قىلساڭ، ئۇلار سېنىڭ بەندىلىرىڭدۇر، ئەگەر ئۇلارنى مەغپىرەت قىلىۋەتسەڭ، سەن ئەزىزدۇرسەن، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇرسەنﭼ دېگەن ئايىتىدۇر. دېمەك، قۇرئاننى تەپەككۇر قىلىپ ئوقۇش دىلنىڭ تۈزىلىشىنىڭ ئاساسىدۇر“.([9])

بەندىنىڭ دىلى تۈزەلسە، ئەھۋالى رۇس بولىدۇ، كۆڭلىدە خاتىرجەملىك پەيدا بولۇپ ئىماننىڭ لەززىتىنى تېتىيدۇ.

رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ مۇنداق دېگەن: «ئىنساننىڭ بەدىنىدە بىر چىشلەم گۆش بولىدۇ، بۇ گۆش تۈزەلسە، پۈتۈن بەدەن تۈزىلىدۇ، ئۇ بۇزۇلسا پۈتۈن بەدەن بۇزۇلىدۇ. ئۇ بولسىمۇ يۈرەكتۇر».([10])

8. ھارام ۋە شۈبھىلىك رىزىقتىن نېرى تۇرۇش. ھازىرقى تۇرمۇشىمىزدا پۈتۈن ئەتراپىمىزدا ھارام ۋە شۈبھىلىك كىرىم، يېمەك – ئىچمەكلەر ھەددى ھېسابسىز بولۇپ كېتىۋاتىدۇ. شۇڭا، تەقۋادارلىقنى يېتىلدۈرۈش ئۈچۈن ھارامغا يولۇقۇپ قېلىشتىن ئېھتىيات قىلىپ شۈبھىلىك نەرسىلەردىن يىراق تۇرۇش لازىم. ئاللاھتائالا مۇنداق بۇيرۇغان:

[ئى ئىمان ئېيتقانلار! بىز سىلەرنى رىزىقلاندۇرغان نەرسىلەرنىڭ پاكلىرىدىن يەڭلار].([11])

[ئى ئىمان ئېيتقانلار! سىلەر ئىشلەپ تاپقاننىڭ ۋە سىلەرگە بىز زېمىندىن چىقىرىپ بەرگەن نەرسىلەرنىڭ پاكلىرىدىن سەرپ قىلىڭلار].([12])

[ئى پەيغەمبەرلەر! پاك نەرسىلەردىن يەڭلار، ياخشى ئەمەللەرنى قىلىڭلار، چۈنكى مەن قىلىۋاتقىنىڭلارنى بىلىپ تۇرغۇچىمەن].([13])

ھارام نەرسىنى ئىستېمال قىلغان ئەھۋالدا بەدەن دوزاخقا لايىق بولۇپ قالىدۇ، قول كۆتۈرۈپ ھەرقانچە تىلىسىمۇ دۇئا ئىجابەت بولمايدۇ.

9. ياخشى كىشىلەر بىلەن ئارىلىشىش. ئەل – ئاغىنە، ساۋاقداش، دوست – بۇرادەرلەرنى ياخشى تاللاپ ئارىلاشقاندا ئاللاھقا يېقىن بولۇشقا ياردىمى زور بولىدۇ، شۇڭا، ھەقنى تەۋسىيە قىلىشىدىغان ئېسىل كىشىلەرنى تاللاپ ئارىلىشىش بەك مۇھىم.

جانابى ئاللاھ مۇنداق بۇيرۇغان:

[ئى ئىمان ئېيتقانلار! ئاللاھتىن قورقۇڭلار ۋە راستچىللار بىلەن بىللە بولۇڭلار].([14])

بۇنىڭغا ئاساسەن كافىر، مۇناپىق، كاززاپ، پاسىق كىشىلەر بىلەن بىللە ئولتۇرۇپ – قوپماسلىققا، بىرەر ئىشتا ئۇلارنىڭ مەسلىھەتىنى ئالماسلىققا ئالاھىدە دىققەت قىلىش لازىم.

ئەبۇ مۇسا رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ ئوغلى ئەبۇ بۇردە ئاتىسىدىن رىۋايەت قىلىدۇكى، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: «ياخشى ھەمراھ خۇددى ئىپار ساتقۇچىغا ئوخشايدۇ. ناچار ھەمراھ خۇددى تۆمۈرچىنىڭ كۆيۈكىگە ئوخشايدۇ. ئىپار ساتقۇچىدىن ئىپار ئالىسەن، يا پۇرىقىنى پۇرىۋالىسەن، تۆمۈرچىنىڭ كۆيۈكى بولسا، بەدىنىڭنى يا كىيىمىڭنى كۆيدۈرىدۇ، ياكى ئۇنىڭ سېسىق پۇرىقى بۇرنۇڭغا كىرىدۇ».([15])

دوسلارمۇ ھەر دائىم كۆرۈشۈپ تۇرالمايدۇ. كۆرۈشكەندىمۇ ھەر قېتىمدا بىر – بىرىگە نەسىھەت قىلىپ يۈرمەيدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ياخشى، دىندار كىشىلەردىن بىر نەچچە كىشى ھەر ھەپتە ئاز دېگەندە بىر سائەت بىر يەردە توپلىشىپ، قۇرئان ۋە پايدىلىق كىتابلارنى ئوقۇپ، بىر ـ بىرىگە ياخشى نەسىھەتلەرنى قىلىشىپ تۇرۇش لازىم. مۇشۇنداق قىلغاندا كىشى ئۆزىنىڭ ئىمانىنى كۈچەيتىپ، تەقۋادارلىقىنى ساقلاپ قالغىلى بولىدۇ. بولمىسا، ھەر قانچە ئالىم بولسىمۇ، ھەرقانچە ياخشى كىشى بولسىمۇ ئۆزى يالغۇز قالسا ئىبادەتلىرى ئازىيىپ، تەقۋادارلىقى سۇسلىشىپ قالىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن قېرىنداشلارنىڭ ھەپتىلىك ئۇچرىشىشنى ھەرگىز قولىدىن بەرمەسلىكى لازىم.

ياخشىلارغا ئارىلاشقان ئەھۋالدا شەيتان ۋەسۋەسىسىدىن يىراق تۇرۇشقا پايدىسى بولىدۇ. چۈنكى، شەيتان يالغۇز كىشى بىلەن بولىدۇ، بىر كىشىگە قارىغاندا شەيتان ئىككى كىشىدىن يىراقراق بولىدۇ.

ئارىلىشىپ تۇرىدىغانلار پەقەت دوست – بۇرادەرلەرلا ئەمەس، بەلكى توي قىلغاندا سالىھ جۈپتىنى تاللاشمۇ زۆرۈر. ئومۇمەن، ئائىلىدە ۋە ئەتراپىدا ياخشى مۇھىت بەرپا قىلىش، ئەگەر تۇرغان يۇرت ياكى مەھەللىسى تەقۋادار بولۇشىغا توسقۇنلۇق قىلىدىغان بولسا، ياخشىراق ئورۇنغا يۆتكىلىش پايدىلىق.

10. پەيغەمبەرلەر، سالىھلار، شېھىدلەر ۋە ئالىملاردەك كاتتىلىرىمىزنىڭ ئىش – ئىزلىرىنى، تەرجىمىھاللىرىنى، قىسسىلىرىنى ئوقۇش، ئۆگىنىش، چۈنكى بۇلارنىڭ ئىش – ئىزلىرى ئىسلامنىڭ ئەمەلىي تەتبىقلىنىشىدىن ئىبارەت بولۇپ، ئۇلارنىڭ تەرجىمىھاللىرىدىن ئازغىنە ئۆگىنىش، باشقا نۇرغۇن قۇرۇق نەزەرىيە بىلىمدىن ئۈنۈملۈك بولىدۇ. شۇنداقلا ئەتراپىمىزدا ھايات بار بولغان ئالىم، سالىھ كىشىلەرنى زىيارەت قىلىپ، سەپەر قىلىش كېرەك بولسا سەپەر قىلىپ سۆھبىتىدە بولۇش، ئۇلاردىن دۇئا ئېلىش، تەربىيە ئېلىش، بىلمىگەننى سوراپ تۇرۇش. بۇلار ئىماننى كۈچەيتىشتە ئىنتايىن پايدىلىق ئىش.

11. دۇئا قىلىشقا، يېلىنىشقا، پېقىرلىكىنى، موھتاجلىقىنى، چارىسىزلىقىنى ئىپادىلەشكە ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىش. بۇنىڭ ئۈچۈن قۇرئان ۋە سەھىھ ھەدىسلەردە كەلگەن مول مەزمۇنلۇق دۇئالارنى قىلىپ، ئاللاھتىن ھىدايەت، تەۋپىق تىلەش، شەيتاننىڭ شەررىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن پاناھلىق تىلەش، ئەتىگەن ئاخشامدا، ئومۇمەن، ھەر بىر ئىش قىلغاندا، ھەرقانداق ئەھۋالدا ئۆز لايىقىدا مۇناسىپ دۇئا – زىكىرلەرنى قىلىپ تۇرۇش. رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمگە ۋە ئائىلە – تاۋابىئاتىغا، ساھابە كىراملىرىغا دۇرۇت – سالام يوللاپ تۇرۇش. ئىسلام ۋە ئىمان نېمىتىگە، ھىدايەتكە قارىتا شۈكۈر ئېيتىپ، ئەمەلىي پائالىيىتى ئارقىلىق شۈكۈر قىلىش.

12. قەبرىستانلىقنى ۋە دوختۇرخانىلاردىكى بىمارلارنى يوقلاپ زىيارەت قىلىپ تۇرۇش ئىنسانغا ئۆزىنىڭ ئاجىزلىقىنى، ئۆلۈمنى، بۇ دۇنيا ھاياتىنىڭ قىسقىلىقىنى، پانىيلىقىنى ئەسلىتىدۇ. تەن سالامەتلىك نېمىتىنى ھېس قىلدۇرىدۇ.

13. بوش ۋاقىتلارنى ئىلىم ئېلىش، تەنتەربىيە قىلىش، ھالال يوسۇندا ئارىلاپ – ئارىلاپ كۆڭۈل ئېچىش قاتارلىق پايدىلىق پائالىيەتلەر بىلەن ئۆتكۈزۈش.

14. تەقۋادارلىقتا ئالاھىدە ئىلگىرىلىيەلمىگەن ئەھۋالدا چېكىنىپ كەتمەي بىر ئىزدا توختاپ ئەسلى ھالىتىنى ساقلاپ قېلىپ ئىلگىرىلەش لازىملىقىنى ھېس قىلىشمۇ بىر ئۇتۇق ھېسابلىنىدۇ.

جانابى ئاللاھ ھەممىمىزگە ھىدايەت ئاتا قىلغاي، ئىمانىمىزنى مۇستەھكەم، ساباتلىق قىلغاي. تەقۋادار بولۇشقا مۇيەسسەر قىلغاي، دۇنيادىن مۇسۇلمان كېتىشكە نېسىپ قىلغاي. ئامىن!!

ۋەللاھۇ ئەئلەم.

دوكتور ئابدۇلئەزىز رەھمەتۇللاھ

2012 – 3 – 1

 

————————————
([1]) «ئال ئىمران» سۈرىسى 190-191-ئايەتلەر.
([2]) ”سەھىھۇل بۇخارى“ 4569-ھەدىس.
([3]) سەھىھەين: «بۇخارى» 6408-ھەدىس. «مۇسلىم» 2689-ھەدىس.
([4]) ”سەھىھۇل بۇخارى“ 6502-ھەدىس.
([5]) ”تەھرىم“ سۈرىسى 8-ئايەت.
([6]) ”سەھىھۇل بۇخارى“ 6308-ھەدىس.
([7]) ”ئىغاسەتۇللەھفان“ 1/84.
([8]) ”مەقاسىدۇررىئايە“ 1/18.
([9]) ”مىفتاھۇ دارىسسائادە“ 1/187.
([10]) سەھىھەين: «بۇخارى» 52-ھەدىس. «مۇسلىم» 1599-ھەدىس.
([11]) «بەقەرە» سۈرىسى 172-ئايەت.
([12]) «بەقەرە» سۈرىسى 267-ئايەت.
([13]) ”مۆمىنۇن“ سۈرىسى 51-ئايەت.
([14]) «تەۋبە» سۈرىسى 119-ئايەت.
([15]) ”سەھىھۇل بۇخارى“ 2101-ھەدىس.

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز