ئۇستاز مۇھەممەد قاسىم ھاجىم خوتەنى

(پاكىستاندا يەرلىشىپ قالغان)

(1901_1984)

 

ئۇستازنىڭ ئەسلى ئىسمى مۇھەممەد قاسىمجان بولۇپ ئاتىسى مۇھەممەد بۇردى ئىدى. ئۇستاز 1901-يىلى شەرقىي تۈركىستاننىڭ خوتەن شەھىرى ئىلچى يېزىسىدا تۇغۇلغان. ئۇستازنىڭ ئاتىسى شەھەرنىڭ مۆتىۋەرلىرىدىن بولۇپ، يۈز-ئابرويلۇق، نوپۇزلۇق، دۆلەتمەن كىشى ئىدى. زور كۆلەمدە يەر-زېمىنى ۋە تىجارەتلىرى بار ئىدى. ھۆكۈمەت ئورگانلىرىدا ئالاھىدە ئىمتىيازلىق، سۆزى ئۆتكۈر ئىدى. قازى بولمىسىمۇ كىشىلەر ئارىسىدىكى تالاش-تارتىش ۋە بەزى ئىشلارنى بىر تەرەپ قىلىشتا يۈكسەك ئەقىل-پاراسىتى بىلەن مەشھۇر ئىدى. ئۇنىڭ دىنىي ۋە تىجارەت ساھەلىرىنىڭ ھەر قايسى قاتلاملىرىدا يېقىن-يورۇق ۋە ھەمكارلاشقۇچىلىرى بار بولۇپ، ھىندىستان، پەرغانە ۋە چىن قاتارلىق چەتئەل دۆلەتلىرىدىمۇ نامى پۇر كەتكەن ئىدى.

مانا بۇلار مۇھەممەد قاسىم ھاجىم خوتەنى ئائىلىسىنىڭ ئېسىل سۈپەتلىرى ۋە گۈزەل كارتىنىلىرىنىڭ بىر قىسمى بولۇپ، ئۇستاز ئەنە شۇنداق ئاتىنىڭ قولىدا تەربىيىلەنگەن ئىدى. ئۇستاز ئىلىم تەھسىلىنى شەيخ ئەللامە ئىسراپىل داموللام ۋە باشقا ئۇستازلارنىڭ يېنىدا باشلىغانىدى. تارىخ، جۇغراپىيە، ماتېماتىكا قاتارلىق تۈرلۈك پەنلەرنى 20-ئەسىرنىڭ كېيىنكى يېرىمىدا خوتەن شەھىرىگە ھىجرەت قىلىپ كەلگەن پەرغانە ۋىلايىتىنىڭ ئەنجان شەھىرى ئۆلىمالىرىدىن بىرى بولغان پەزىلەتلىك شەيخ خال مۇھەممەد قارىدىن ئۆگەنگەنىدى.

شۇنداقلا مەزكۇر پەنلەرنى تۈركىيىلىك ئۇستاز ھەققۇلبەگدىنمۇ ئۆگەنگەنىدى. ئۇ زامانلاردا دىن ھەم ۋەتىنى ئۈچۈن كۆيۈۋاتقان ئوت يۈرەك ساخاۋەتچى ھۈسەيىن باي ۋەتىنىمىزنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا ئىلمىي ساپانى يۇقىرى كۆتۈرۈش ھەمدە كېيىنكى پىلاندا زامانىۋى ئىنىستىتوت، فاكولتىتلارنى قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن ئاستانىدىن بىر قانچە ئۇستازلارنى تەكلىپ بىلەن كەلتۈرگەن بولۇپ، ئۇستاز ئەھمەد كامال تۈركمۇ ئۇلارنىڭ بىرى ئىدى. ئۇلار ھەرقايسى ۋىلايەتلەرگە تارقالغان ئىدى. ئۇستاز ئەھمەد كامال تۈركنىڭ كۈيئوغلى ئۇستاز ئىسمائىل ھەققۇلىبەگ بۇ تەلەيدىن نېسىۋىلىك بولغانلاردىن بىرى ئىدى.

ئۆسۈپ يېتىلىۋاتقان ياش يىگىت مۇھەممەت قاسىمجان 16 ياش ۋاقتىدا ئاتىسىنىڭ تىجارەت كارۋىنىغا قېتىلىپ شەرققە قاراپ يولغا چىقتى. ئۇ ئۈرۈمچى شەھىرىگە بارغاندا بۈيۈك ئۇستاز مەشھۇر ئىسلام پەيلاسوپى شەيخ مۇسا جارۇللا بىلەن ئۇچرىشىپ قالدى ۋە ئۇنىڭدىن بەزى ئومۇمىي مەلۇماتلارنى ئىگىلىگەندىن سىرت ھەرقايسى ئۆلكىلەرنىڭ ۋەزىيىتى، قايغۇ-ئەلەملىرىگە مۇناسىۋەتلىك ئەھۋاللاردىن خەۋەردار بولدى. بۇ ئىش مىلادى1917-يىلىغا توغرا كېلەتتى.

ئۇ ئاخىرى ھەر قايسى ئىسلام دىيارلىرى ھەققىدە چوڭقۇر ئىزدىنىش ئۈچۈن تەتقىقات ساياھىتىنى باشلىۋەتتى. ئۇ بۇنىڭدىن ئىلگىرىمۇ ئىسكەندىنافىيە ۋە شىمالى ياۋروپا قاتارلىق جايلاردا ساياھەتتە بولغانىدى. شۇنداق قىلىپ بۇ نەۋقىران يىگىت دىن ۋە ئەقىدە ئاساسىغا قۇرۇلغان ئىسلامىي ئىنقىلاب پىكىرلىرى شەربىتىنى ئىچكەن ھالدا ساياھىتىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ خوتەن شەھىرىگە قايتىپ كېلىدۇ. لېكىن ئۇنىڭ يېشىنىڭ كىچىكلىكى، ھاياتلىق تەجرىبىسىنىڭ كەمچىللىكى تۈپەيلىدىن بۇ پىكىرلەر يېشىغا نىسبەتەن چوڭ كېلىپ قالغان ئىدى.

ئۇ بۇ پىكىرلەرنى قەلبىنىڭ چوڭقۇر قاتلاملىرىغا يوشۇرۇپ تۇردى. نىھايەت ھىجرىيىنىڭ 1346-يىلى (مىلادى 1928-يىلى) 27 ياش ۋاقتىدا، ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ ھەمراھلىقىدا ھەج سەپىرىگە ئاتلاندى .شۇ يىلى ئاللاھ ئۇنىڭ ئانىسى ۋە قېرىنداشلىرى بىلەن ھەج قىلىشىنى خالىغانىدى.

ئۇ چاغدا مەككە مۇكەررەمەدە بۈيۈك پادىشاھ ئابدۇلئەزىز ئىبنى ئابدۇراھمان فەيسەلنىڭ تەكلىپى بىلەن يىللىق ئىسلام قۇرۇلتىيىغا چاقىرىلغان دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كەلگەن ئىسلام ھۆكۈمەتلىرىنىڭ ئۆمەكلىرى ۋە مۇسۇلمان خەلق ۋەكىللىرى بار ئىدى. پەلەستىننىڭ مۇفتىسى پەزىلەتلىك شەيخ ھاجى مۇھەممەد ئەمىن ھۈسەيىن شانۇ-شەۋكەتلىك شاھ ئابدۇلئەزىز (ئاللاھ قەبرىسىنى خۇشپۇراق قىلسۇن)نىڭ نازارىتى ئاستىدا قۇرۇلتاي رەئىسى بولغانىدى. شۇ ۋاقىتتا سوۋېت ئىتتىپاقى مۇسۇلمانلار ئۆمىكىنىڭ رەئىسى بۈيۈك ئىسلام پەيلاسوپى ئەللامە مۇسا جارۇللا بولغان ئىكەن. ئۇستاز مۇھەممەد قاسىم ھاجىم شەيخ بىلەن قۇرۇلتايغا بېرىشتىن بۇرۇن ھەرەمدە ئۇچرىشىپ قالىدۇ. شەيخ شاگىرتى مۇھەممەت قاسىم ھاجىمنى قۇرۇلتاي رەئىسى شەيخ ھاجى مۇھەممەت ئەمىن ھۈسەيىننىڭ قوشۇلىشى بىلەن قۇرۇلتايغا بىرگە ھەمرا قىلىپ ئېلىپ بارىدۇ. شۇنداق قىلىپ بۇ ياش قۇرۇلتايدىكى ئولتۇرۇشلاردا بۈيۈك ئۇستاز مۇسا جارۇللانىڭ سۆھبەتلىرىدە بولىدۇ. ھەتتا شانۇ-شەۋكەتلىك شاھ ئابدۇلئەزىز ئىبنى ئابدۇراھمان فەيسەلنىڭ سۆھبەتلىرىدە ۋە زىياپەتلىرىدە بولۇش شەرىپىگە نائىل بولىدۇ. پائالىيەتلەر ئاخىرلاشقاندىن كېيىن ھەممەيلەن ئۆز دىيارلىرىغا يول ئالىدۇ.

ۋەتەنگە قايتقان شۇ يىلدىن ئېتىبارەن بۇ ياش تۈرلۈك تىجارەت يوللىرىغا قەدەم ئالىدۇ. ئائىلىسى ۋە ئانا يۇرتىدىن ئايرىلىپ شەرقى تۈركىستاننىڭ ھەرقايسى تەرەپلىرىگە بېرىپ ئاخىرىدا تۇرپان شەھىرىدە ئولتۇراقلىشىپ قالىدۇ ۋە نۇرغۇن يەر-زېمىن سېتىۋالىدۇ. بۈيۈك مۇجاھىد گېنېرال مەھمۇت مۇھىتىنىڭ ئېسىل قىزى رەھىمە خانىم بىلەن توي قىلىپ، تۇرپاننىڭ كاتتا قەسىرلىرىدىن بىرىدە ئۆي تۇتۇپ ئولتۇرىدۇ، ئۇنىڭ تىجارىتى بارا-بارا زورىيىپ كېتىدۇ. كېيىن شەرقىي تۈركىستاننىڭ پايتەختى ئۈرۈمچىگە كۆچۈپ بېرىپ تىجارەت دائىرىسىنى خىتايلار تەرىپىدىن مونوپۇل قىلىۋېلىنغان قۇمۇل ۋە قۇمۇلدىكى تاغلىق رايونلارغىچە يەتكۈزىدۇ. پۈتۈن تىجارەت رەقىبسىز ھالدا ئۇنىڭ ئالقىنىغا كىرگەن بولسىمۇ، بىراق يەرلىك ئىستىمالچى خەلق ھېلىھەم خىتايلارنىڭ ئىسكەنجىسى ۋە ئېغىر ئالۋاڭ-سېلىقلىرى ئىچىدە ئىڭراۋاتاتتى. بۇ خىل زورلۇق-زومبۇلۇقلار ئۇلارنى قوزغىلاڭ كۆتۈرۈشكە، پىداكارلىققا ۋە قۇربان بېرىشلەرگە قىستايتتى.

بۇ چاغدا ئۇستاز مۇھەممەت قاسىم ھاجىم پىكرىنى بىر يەرگە توپلاپ، ئاچ-يالىڭاچ پۇقرالارنىڭ ھالى بىلەن توقلۇقتىن خام كېكىرىپ يۈرىيدىغان مۇشتۇمزورلارنىڭ ۋە لەنىتى كاپىتالىستلارنىڭ ئەھۋالىغا ئىنچىكىلەپ دىققەت قىلىۋاتقان ئىدى. ئۇ ئاۋام-خەلقنىڭ تومۇرىنى تۇتۇپ پۈتۈن ئىمكانىيەتلىرىنى پەرەز قىلىشقا تىرىشاتتى. شارائىتلىرىنى مۆلچەرلەپ قەيسەر، باتۇر كىشىلەرگە ئۈمىد بېغىشلايتتى. ھەرقايسى شەھەر، ۋىلايەت، يېزا-قىشلاق، تاغ-تۇرا، ئېگىزلىك-ئېدىرلىق، چۆل-جەزىرە، قۇرۇقلۇق-دەريا قاتارلىق تەبىئەت دۇنياسىنىڭ جۇغراپىيىلىك ئورۇنلىرىدىن خەۋەردار بولۇشقا تىرىشاتتى.

ئۆز قەۋمى ئاچلىق ئازابىدىن ئىڭراۋاتقان، تۈگىمەس ئالۋاڭ-سېلىقلار دەستىدىن بېلىنى رۇسلىيالماي يىل بويى جاپالىق ئىشلەۋاتقان پەيتتە، مۇھەممەد قاسىم ھاجىم ئۆزىنى ئۆزى ۋە تىجارىتىدىن باشقا بىر نەرسىنى ئويلىمايدىغان شەخسىيەتچى كىشى بولۇپ قالغاندەك ھېس قىلدى-دە، چىن دۆلىتىنىڭ چېگراسىغا شەرقىي شىمالدىكى سەددىچىن سېپىلى ئارقىلىق كىردى ۋە ئۇ يەردە ئولتۇراقلىشىپ قالغان ئۇيغۇر، خىتاي، موڭغۇل قاتارلىق مىللەتلەرنىڭ ئەھۋالىنى تەتقىق قىلدى. چىن دۆلىتىنىڭ ئىچىگە كىرىپ چىقىدىغان كىرىش-چىقىش ئېغىزلىرى ۋە يوللارنى بىلىپ يەتتى. يايلاقتا تۇغۇلۇپ يايلاقتا ئۆسكەن كىشىلەر ۋە ئۇلارنىڭ دانلىق زىرائەت، قۇرۇق مېۋە-چېۋە ۋە باشقا ئەشيالارنى كەلتۈرۈشتە چىنلىقلارنىڭ پايدىسى تۈركىستانلىقلارنىڭ زىيىنى ئۈچۈن چۆل-جەزىرىلەردە قاتناش ۋاستىسى بولۇپ ئىشلەۋاتقان ئات-تۆگە، قېچىر-ئېشەكلىرى ھەققىدىكى مەلۇماتلار بىلەن تونۇشۇپ چىقتى.

بىر قېتىم شەرقىي تۈركىستاننىڭ چېگرا سىرتىدا مېڭىۋاتقان پەيتتە، قۇمۇل تاغلىرىدا ئىنقىلاب قوزغالغانلىق خەۋىرى ئۇستازنىڭ قۇلىقىغا يېتىدۇ. ئۇستاز دەرھال قوشنا ۋىلايەت، ناھىيەلەرنى تەكشۈرۈپ ئىنقىلابنىڭ قورال-ياراق، تەجرىبە-ساۋاق قاتارلىق تۈرلۈك ساھەلەردە ياردەمگە موھتاج ئىكەنلىكىنى بىلىپ يەتتى ۋە ئاشۇ چۆللەردە تېڭىرقاپ قالغان چىن مۇسۇلمانلىرى (تۇڭگانلار)نىڭ ئىنقىلابتا مەغلۇب بولغان قالدۇق قوشۇنلىرى بىلەن ئۆزى بىۋاسىتە مۇناسىۋەت ئورنىتىپ ئۇلارنى قۇمۇلغا ئېلىپ كىردى. بىر قانچە قېتىملىق قاتتىق جەڭدىن كېيىن قەھرىتان سوغۇق ۋە ئاش-ئوزۇقنىڭ كەمچىللىكى تۈپەيلىدىن تۇڭگانلار ئىنقىلابچىلارنى تاشلاپ كەينىگىمۇ قارىماستىن قېچىشتى.

ئۇلار ئىنقىلابچىلارغا ھۇجۇم قىلىش ۋە قېچىشتىكى كېرەكلىك دەرسلەرنى ۋە شۇ دەۋرنىڭ مەلۇم قوراللىرىنى ئىشلىتىشنى ئۆگىتىپ قويغانىدى. ئۇلارنىڭ بەزى قىسىملىرى پۈتۈنلەي ھالسىزلانغان بولۇپ، يەنە بىر كىچىك قىسىم بولسا چىن ھۆكۈمىتىگە قارشى ئىنقىلاب قوزغىغان بىر چىنلىق كىشىنىڭ قوماندانلىقىدا ئىدى. لېكىن ئۇ نىشانسىز ھەرىكەت قىلاتتى. ئۇنىڭ قېرىندىشى بىر قانچە چاقىرىم يىراقلىقتىكى بىر جايدا تۇراتتى. ئۇ ئەسكىرىي مەلۇماتلىق، ھەربىي مەشىق كۆرگەن، قوماندان سالاھىيەتلىك، ئەسكىرىي بۇرژۇئازىيىنى قوللايدىغان بىرى بولۇپ، ئۇ دەل ماجۇڭيىڭ ئىدى.

شۇنداق قىلىپ ئىنقىلابچىلارنىڭ تەكلىپى بىلەن ما جۇڭيىڭ تۈركىستان زېمىنىغا كىرىپ بىر قانچە قېتىم ھەل قىلغۇچ جەڭلەرنى ئېلىپ بېرىپ نۇرغۇن غەنىيمەتلەرنى قولغا كەلتۈردى. تۈركىستانلىق ئىنقىلابچىلارغا قۇمۇل ۋىلايىتىدىكى شەھەرلەرنى فەتىھ قىلىش ۋە سېپىللارنى قولغا چۈشۈرۈشتە يېتەكچىلىك قىلدى. ئۇلار غەلىبە ئۈستىدىكى ئىشغالىيەتچى چىنلىقلارغا قارشى مەيداندا تۇرغان ئىدى. ئەپسۇس، تۇڭگانلار تەسلىم بولغان چىن ئەسكەرلىرىنىڭ قورال-ياراقلىرىنى يىغىۋالغاندا، ھىيلە-نەيرەڭ ئىشلىتىپ ماجۇڭيىڭغا خۇپىيانە تاپشۇرۇپ بەردى. ئولجا-غەنىيمەتتىن ھېچقانداق نېسىۋىگە ئېرىشەلمىگەن ئىنقىلابچىلار بىلەن ئىتتىپاقدىشى ماجۇڭيىڭ ئارىسىدا ئارازلىق پەيدا بولدى.

تۈركىستان ئىنقىلابچىلىرى بىلەن ئۇلارنىڭ ئىتتىپاقدېشى بولغان چىن مۇسۇلمانلىرى (تۇڭگانلار) ئارىسىغا چۈشكەن زىددىيەتنى بىلىپ يەتكەن چىنلىقلار (خىتايلار) تەرەپ-تەرەپتىن ھەربىي ئەمەلىيەتلىرىنى كۆپەيتىۋەتتى. ئىنقىلابچىلار ۋە ئۇلارنىڭ ئىتتىپاقدىشى بولغان چىن مۇسۇلمانلىرى تۈركىستاننىڭ جەنۇبىغا چېكىندى. بۇ چاغدا جەنۇپتىكى پۈتۈن شەھەرلەر ۋە ھەربىي قارارگاھلار ھازىرلىق ھالىتىدە ئىدى. ھەتتا بەزى جايلاردا قوراللىق قوزغىلاڭ باشلىنىپ كەتكەنىدى.

ئۇستاز مۇھەممەد قاسىم ھاجىم تۇرپانغا قايتىپ ھەشەمەتلىك قەسىرىگە كىرگەندە، ئايالىنىڭ كېسەل كارۋىتىدا ياتقانلىقىنى كۆردى. ئەمما ئۇزۇن ئۆتمەيلا ئايالى پانى ئالەمدىن باقى ئالەمگە سەپەر قىلدى. كېيىن مۇھەممەد قاسىم ھاجىم كۇچارغا بېرىپ ئۇ يەردە ئۆيلەندى ۋە بىر مۇددەت تۇرغاندىن كېيىن كىندىك قېنى تۆكۈلگەن، ئىنقىلاب ئوتى يانغان، ھېلىھەم كۈرەش بولۇۋاتقان خوتەن دىيارىغا بېرىشنى ئويلاپ 1933-يىلى خوتەنگە قاراپ يول ئالدى. بۇ چاغدا «شەرقى تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتى»نىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، مەشھۇر ئالىم، شېھىت، ئۇستاز سابىت داموللام ھىندىستان ۋە ئەرەب يېرىم ئارىلىدىكى دۆلەتلەرنى ئايلىنىپ ئاللىقاچان خوتەنگە كېلىپ، ئۇنىڭ ئۆيىدە تۇرۇپ قاسىم ئائىلىسىنىڭ مەدرىسىدە مۇدەررىسلىك قىلىۋاتقان ئىكەن، بۇ دەل 1933-يىلى رامىزان ئېيى ئىدى. ئۇستاز مۇھەممەد قاسىم ھاجىم ھادىسىلەرنىڭ ئېقىمىنى كۈزىتىش بىلەن بىرگە بەزى يىغىلىشلارغا ئېھتىياتچانلىق بىلەن ئىشتىراك قىلغان ئىدى.

ھىجرىيە -1352 يىلى 28-شەۋۋالدا خوتەن شەھىرىنىڭ ئىلچى يېزىسىدا شىددەتلىك بىر قوزغىلاڭ پارتلىدى. ئېنقىلابچى، مۇجاھىد ئەسكەرلەر جامائىتىدىن تۇنجى بولۇپ 68 نەپەر كىشى، ئاللاھ ئۇلار ھەققىدە مۇنداق دېگەن كىشىلەر قاتارىدىن ئورۇن ئالدى: «مۆمىنلەرنىڭ ئىچىدە (رەسۇلۇللاھ بىلەن غازاتقا چىققاندا ساباتلىق بولۇپ، شېھىت بولغانغا قەدەر دادىللىق بىلەن جەڭ قىلىش توغرۇلۇق) ئاللاھقا بەرگەن ئەھدىنى ئىشقا ئاشۇرغان نۇرغۇن كىشىلەر بار، ئۇلارنىڭ بەزىلىرى (ئەھدىگە ۋاپا قىلىپ) شېھىت بولدى، بەزىلىرى شېھىت بولۇشنى كۈتمەكتە، ئۇلار پەرۋەردىگارىغا بەرگەن ئەھدىسىنى ھەرگىز ئۆزگەرتكىنى يوق». ئەھزاب سۈرىسى: 23-ئايەت.

بۇ مۇجاھىت ئەسكەرلەر ئەسكىرى تەرتىپ ۋە ئىدارىي ھەيئەتلەرنى تۇرغۇزدى، ئالىيجاناپ كىشىلەردىن بىرىنى باشلىق سايلاپ ئىسلام ھۆكۈمىتى قۇردى. ياش يىگىت مۇھەممەت قاسىمجان تاشقى ئىشلار مىنىستىرى بولۇپ، ئىنقىلابىي قىسىملارنى بىرلەشتۈرۈشتە مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە بىر قانچە تەييارلىق خىزمەتلىرىنى ئىشلىگەنىدى.

ئېنقىلابىي قوشۇنلاردىن تەشكىللەنگەن يېڭى ھۆكۈمەت نۇرغۇن شەھەرلەرنى قولىغا ئېلىپ، تۈركىستان مۇسۇلمانلىرىنى كاپىرلاردىن قۇتۇلدۇردى ۋە ئۇ شەھەرلەرنى ئىسلام ۋە ساپ ئەقىدىنىڭ مۇستەھكەم قەلئەسىگە ئايلاندۇردى. نىھايەت ئۇلار قەشقەر شەھىرىگىچە يېتىپ بېرىپ ئۇ يەردە ھىجرىيە 1352-يىلى 7-ئاينىڭ 23-كۈنى تۈركىستان ئىسلام ئىنقىلابىنىڭ رەئىسى خوجىنىياز ھاجىمنىڭ باش رەئىسلىكى ۋە ئابدۇلباقى ئوغلى ئەللامە سابىت داموللامنىڭ مۇئاۋىن رەئىسلىكى بىلەن «شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتى» قۇرۇلغانلىقىنى ئېلان قىلدى. ئۇنىڭ ئەزالىرىدىن بىرى يېگانە شەخس ئۇستاز مۇھەممەت قاسىم ھاجىم تاشقى ئىشلار مىنىستىرى بولۇپ سايلانغانىدى.

شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلۇپ ھەرخىل ساھەلەردە زور نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى، ھەمدە پۈتۈن تۈركىستان خەلقىنىڭ قوللىشىغا ئېرىشىپ، بىر قانچە ئاي ئۆتكەندىن كېيىن رەھىمسىزلەرچە سۈيقەستكە ئۇچرىدى ۋە ھەرقايسى تەرەپلىرى داۋالغۇشقا باشلىدى. نىھايەت 1933-يىلى 4-ئايدا باش مىنىستىر ئەللامە سابىت داموللام باشچىلىقىدىكى بىر قانچە مىنىستىرلارنىڭ يەكەندە قولغا ئېلىنىشى بىلەن جۇمھۇرىيەت ئىچ-ئىچىدىن پارچىلىنىپ كەتتى. جۇمھۇرىيەتنىڭ پارچىلىنىشى – سۈيقەست ۋە خائىنلىق ئۈستىگە قۇرۇلغان پىلان-لايىھەلەرگە ئەگىشىپ ماڭغان مىللەتچىلەرنىڭ قولى بىلەن بولغان ئىدى.

ئۇستاز مۇھەممەد قاسىم ھاجىم بۇ زور ھادىسىلەر سەھنىسىدىن ئۆزىنى دالدىغا ئالدى-دە، تۈن قاراڭغۇسىدا تاغ-تۇرالارنى، بىپايان سايلىقلارنى، چۆل-جەزىرىلەرنى كېزىپ ئانا يۇرتى خوتەننىڭ ئىلچى يېزىسىغا يېتىپ كەلدى. ئەينى زاماندا خوتەن شەھىرىنى چىن مۇسۇلمانلىرى (تۇڭگانلار) بېسىۋالغانلىقى ئۈچۈن ۋاقىتلىق بولسىمۇ خاتىرجەم ئىدى. شۇنىڭ ئۈچۈن ئىنقىلابقا قاتناشقان كىشىلەر ئارقا-ئارقىدىن چەتئەلگە يۆتكىلىشكە باشلىدى.

ئەڭ ئاخىرىدا چەتئەلگە ماڭغان كىشى قېرىندىشىمىز ئۇستاز مۇھەممەد قاسىمجان مۇھەممەد بۇردى بولۇپ، ئۇ 1934-يىلى ھىندى يېرىم ئارىلى تەرەپكە ھىجرەت قىلغان ۋە ئىسلام دۆلىتى بولغان پاكىستاننىڭ كاراچى شەھىرىدە ياشىغان، مۇقەددەس دىيار (مەككە-مەدىنە)گە بىر قانچە قېتىم كەلگەن. ئۇنىڭ بىر ئوغۇل، ئۈچ قىزى بار ئىدى.

ئۇنىڭ ئەسلىمىلىرىمدىن بىرى: ئۇ 1943-يىلى ھىندىستاندا بۈيۈك ئۇستاز، مەشھۇر ئىسلام پەيلاسوپى شەيخ مۇسا جارۇللا بىلەن تەكرار كۆرۈشكەن. كېيىن ئۇ شەيخ ھىندىستاندىن ئەرەب دىيارلىرىغا كۆچۈپ يۈرۈپ ئاخىرىدا مىسىردا تۇرۇپ قالغان.

ئۇستازنىڭ شەرقىي تۈركىستان تارىخى ھەققىدە بىر قانچە ئەسەرلىرى بار. شۇنداقلا ئۇ بىر قانچە ئىسلامىي قۇرۇلتايلارنىڭ شەرەپلىك ئەزاسىدۇر. ئۇ ئىسلام دۇنياسىنىڭ شەرق ۋە غەربىدىكى نۇرغۇن كاتتا كىشىلەر بىلەن كۆرۈشەتتى، پارس تىلىنى پىششىق بىلەتتى، ئېنگىلىز تىلىنى بىمالال سۆزلىيەلەيتتى. ئۇنىڭ سىياسى ھاياتى بىلەن توشقان خاتىرە سۈپىتىدىكى قوليازمىلىرى، ھەرخىل ئىسلامى مەسىلىلەرگە مۇناسىۋەتلىك تەتقىقاتلىرى ۋە ئۈنئالغۇ لېنتىلىرى بار ئىدى .ئۇ ئۆز دىنىغا سادىق، بىر ئاللاھقا بولغان كۈچلۈك ئىمان-ئەقىدىسىنى ساقلاپ كەلگەن زات ئىدى.

بۇ ماقالىنىڭ ئارگىنالى باسمىخانىغا بېرىپ بولغىچە بىز تەرجىمىھالىنى يازغان بۇ زات ھىجرىيە 1404-يىلى رامىزان ئېيىدا بۇ دۇنيا بىلەن ۋىدالىشىپ ئاللاھنىڭ دەرگاھىغا كەتكەنلىك خەۋىرىنى ئالدۇق. ئۇستاز 84 يېشىدا پاكىستاننىڭ كاراچى شەھىرىدە ۋاپات بولغان بولۇپ، يېرىم ئەسىرگە يېقىن ئۆمرىنى ئۇ يەردە ئۆتكۈزگەنىدى.

ئۇنىڭ ۋاپاتى ھەققىدە پۈتۈن ھىندى رايونلىرى، پاكىستان، مىسىر، تۈركىيە قاتارلىق جايلاردا گېزىت-ژۇرناللاردا يازمىلار يېزىلدى. بۇلارنىڭ ئىچىدە ئۇنىڭ ياخشى ئىش-پائالىيەتلىرىنى تونۇشتۇرۇپ پەزىلىتىنى مەدھىيىلەيدىغان، پۈتۈن ھاياتىنى، ئېلىپ بارغان جىھادلىرىنى خاتىرلەيدىغان مەرسىيەلەر، قەسىدىلەر بار ئىدى.

ئۇنىڭ ۋارىسلىرى بولغان بىر ئوغۇل، ئۈچ قىزىنىڭ ھەربىرى ئۆز قابىلىيىتىگە يارىشا ئىسلام ۋە مۇسۇلمانلار مەسىلىلىرىگە ياردەم بېرىش يولىدا تىرىشىپ خىزمەت قىلىش بىلەن بىرگە دادىسىنىڭ ئەڭ ياخشى ئىزباسارلىرى بولۇپ، ئۇنىڭ خىزمىتىنى داۋاملاشتۇرۇش ئۈچۈن ئىزچىل كۈرەش قىلماقتا.

ئاللاھ ھەقنى ئىلھام قىلغۇچىدۇر، توغرا يولغا باشلىغۇچىدۇر

.

ئەدىب ئۇستاز مۇھەممەت قاسىم ئەمىننىڭ «الإعلام لبعض رجالات تركستان» ناملىق كىتابىدىن «ساجىيە ئىسلام بىلىملىرى تورى» تەرجىمە قىلدى. تەرجىمىدە: بېشارەت.

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز