كۈرەشچان ئەدىب، شەھىد ئابدۇخالىق ئۇيغۇر تۇرپانىي

كۈرەشچان ئەدىب، شېھىت ئابدۇخالىق ئۇيغۇر تۇرپانى

(ھ. 1314 – 1351 / م. 1896– 1932) (1)

ئابدۇخالىق ئۇيغۇرنىڭ تولۇق ئىسمى ئابدۇخالىق ئابدۇراھمان بولۇپ، «ئۇيغۇر» تەخەللۇسى بىلەن مەشھۇر. ئابدۇخالىق ئۇيغۇر باي بىر ئائىلىدە دۇنياغا كەلگەن. دادىسى ئابدۇراھمان چوڭ تىجارەتچى(2) بولۇپ، ئۇنىڭ تىجارىتى پۈتۈن تۈركىستاننى قاپلىغان ئىدى. شەرقىي تۈركىستاندىكى ئون ۋىلايەتتە ۋە يەنە رۇسىيەدە تارماق دۇكانلىرى بار ئىدى. دادىسىنىڭ تىجارىتى شۇ ۋاقىتتا گىرمانىيە، ئىتالىيەگە قەدەر كېڭەيگەن ئىدى. ئابدۇراھمان ئوغلى ئابدۇخالىقنى ئوقۇتۇشقا كىچىك ۋاقتىدىن تارتىپ ئەھمىيەت بەرگەن. ئابدۇخالىق كىچىك ۋاقتىدا مەسجىدلەرنىڭ يېنىغا سېلىنغان خۇسۇسىي مەكتەپلەردە ئوقۇغان(3).

1910 – يىلدىن بۇرۇن خىتاي تىلى مەكتىپى (شۆتاڭ) نى پۈتتۈرگەن(4) خىتاي تېررورىستلىرىنىڭ بۇ مەكتەپلىرى 1877 – يىلىدىكى مەغلۇبىيەتتىن كېيىن بۇ دىيارغا تارالغان ئىدى. بۇ ئەسىرنىڭ يىگىرمىنچى يىلى دادىسى ئۇنى قاراشەھەر ۋىلايىتىدىكى موڭغۇل مەكتىپىگە ئوقۇشقا بەرگەن(5) ئابدۇخالىق ئىلمىي ۋە ئەدەبىي جەھەتتىن ئۈچ خىل تىلنى پىششىق ئىگىلىگەن(6) ئابدۇخالىق ئەدەبىياتقا مايىل ئىدى، شېئىرغا قىزىقاتتى، سورۇنلاردا نەزمىلەرنى توقۇپ، ئوقۇيتتى.

دادىسى(7) ئۇنى شەرقىي ياۋروپا دۆلەتلىرىدىكى تىجارەت سەپەرلىرىدە بىللە ئېلىۋالاتتى. دادىسى ئۇنى ئەينى ۋاقىتتىكى شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئون ۋىلايىتىنىڭ ھەممىسىگە ۋە غەربىي تۈركىستاننىڭ بىر قىسىم مۇھىم شەھەرلىرىگە بىللە ئېلىپ بارغان. ياش يېگىت ئابدۇخالىق تەجرىبىگە ئېرىشىپ، بىلىمى ۋە ئەدەبىيات سەۋىيىسى ئاشقان، دادىسىنىڭ تىجارىتى روناق تېپىپ، كۆپلەپ پايدا ئالغان.

ئابدۇخالىق رۇسىيەگە قىلغان سەپەرلىرىنىڭ بىرىدە رۇسىيەدە بىر يىل ئەتراپىدا تۇرۇپ، رۇس تىلى ۋە ئەدەبىياتىنى ئۆگەنگەن(8). ئابدۇخالىقنىڭ دادىسى كۆپ سەپەر قىلىدىغان كىشى بولۇپ، تىجارەت سەپەرلىرىنىڭ كۆپىنچىسىدە ئابدۇخالىقنى بىرگە ئېلىۋالاتتى. 1920 – يىلدىن كېيىن ئابدۇخالىق تەرەققىي قىلغان جەمئىيەتلەردىكى ئەھۋاللارغا دىققەت قىلغان ۋە ئۇلارنى شەرقىي تۈركىستاندىكى ئەھۋاللار بىلەن سېلىشتۇرغاندىن كېيىن خەلقىنىڭ ئارقىدا قىلىشى ۋە قالاق بولۇشىنىڭ سەۋەبلىرى ھەققىدە ئويلىنىدۇ. ئۇ يەردىكى ئوقۇمۇشلۇق كىشىلەرگە خەلقىنىڭ ئەھۋالىنى سۆزلەپ بېرىدۇ، ئۇلارنىڭ تەھلىللىرىگە قۇلاق سالىدۇ. ئابدۇخالىق كىشىلەرنى ئازادلىققا چاقىرغۇچىلارنىڭ بىرى بولۇپ، كىشىلەرنى بەندىلەرگە قۇلچىلىق قىلىشنى ئىلىم مەرىپەت ئۆگىنش بىلەن تاشلاشقا، ئۆزلىرىنىڭ بېشىغا كەلگەن زۇلۇملاردىن مائارىپ، تەلىم تەربىيە، ئوقۇ – ئوقۇتۇش ئارقىلىق قۇتۇلۇشقا چاقىرىدۇ.

ئابدۇخالىق يەنە دادىسى بىلەن خىتاينىڭ ئىچكىرى ئۆلكىلىرىگىمۇ سەپەر قىلغان، ئۇ يەرلەردىكى كىشىلەرنىڭ پەرقلىق ئىكەنلىكىنى، ئۇلارنىڭ بەزىلىرىنىڭ يۇلتۇز ۋە ئۈكەر يۇلتۇزلىرىغا يەتكەن بولسىمۇ، كۆپىنچىسىنىڭ قويۇۋېتىلگەن ھايۋانلاردىنمۇ بەتتەر، چاكىنا، مەينەتلىكىنى، ئاۋۇلارنىڭ قىزىل تۆگىلەردەك قىممەتلىك بولسا، ماۋۇلارنىڭ ئەخلەتتىنمۇ تۆۋەن، ئېپرىنشەكتىنمۇ دۆتلىكىنى كۆرگەن.

ئابدۇخالىق بىر ئەرەب دانانىڭ «نەرسىسى يوق ئادەم بېرەلمەيدۇ» دېگەن سۆزىنى تولا تەكرارلايتتى. لېكىن، سىياسىي ۋەزىيەتلەر ئۇنى پىكىرلىرىدىن ۋاز كەچتۈرەلمەيتتى. ئاۋات ئۆيىنىڭ مەخسۇس بىر تەرىپىدە ئېتىكاپتا ئولتۇرۇپ، كۆپىنچە ۋاقتىنى كىتاب ئوقۇش ۋە مۇتالىئە قىلىش بىلەن ئۆتكۈزەتتى.

ئابدۇخالىقنىڭ ۋىجدانىنىڭ غۇنچىلىرى ۋاقتى كېلىشتىن بۇرۇن ئېچىلىپ قالغان ئىدى. ئائىلىسىدىكى ئىشلارنىڭ كۆپلىكى ۋە تىجارەت ساھەلىرىنىڭ كەڭرىلىكىگە قارىماستىن، ئۆزىنىڭ ئارزۇ – ئارمانلىرىغا يېتىش ئۈچۈن ئۆزىنىڭ ئىشىغا بېرىلىپ، ئۆزىنىڭ پرىنسىپلىرىدا مۇستەھكەم تۇرغان. مېھرىبان ئانىسى نىيازخان(9) ئۇنىڭغا: «نېمىشقا ئۆزۈڭنى بىر يەرگە سولىۋېلىپ، كۈنلەپ كېچە – كۈندۈز بۇ يەردىن ئايرىلمايسەن، كۆزۈڭنى كىتاب، دەپتەرلەردىن كۆتۈرمەيسەن، قولۇڭنى خەت يېزىش ۋە دۈۋەتتىن ئاجراتمايسەن، ئېسىق – سوغۇقنى ھېس قىلمايسەن؟ بىزنىڭ مال – دۇنيايىمىز بار تۇرسىمۇ، دۇكانلىرىمىزنىڭ بىرىگە بېرىپ، ئۆزۈڭنى ئارام ئالدۇرۇپ، ئىچ پۇشۇقۇڭنى ۋە ھاردۇقۇڭنى چىقارمايسەن …» دېگىنىدە، ئابدۇخالىق ئانىسىنىڭ ئۆزىگە بولغان مۇھەببىتى ۋە كۆيۈنۈشىنى ھېس قىلغاندىن كېيىن ئۆيىگە كېرىپ، قىممەت باھالىق بىر لوڭقىنى كۆتۈرۈپ چىقىپ، ئانىسىغا: «بۇ قىممەت باھالىق لوڭقىنى نېمىشقا ھارۋىلىرىمىزنىڭ بىرىگە ياغ كوزا قىلىپ ئىشلەتمەيمىز؟» دېگەن. ئانىسى: «ئوغلۇم، ھەر نەرسىنىڭ قىممىتى ۋە ئورنى بولىدۇ. بىز بۇنداق ئىشنى قىلىدىغان ھاماقەتلەردىن ئەمەسمىز» دېگەن. شۇنىڭ بىلەن ئابدۇخالىق: «قانداقسىگە مەن مال – مۈلۈك، تىجارەت ۋە يوقاپ كېتىدىغان دۇنيانىڭ نەرسىلىرىگە لايىق بولاي؟» دېگەن. ئابدۇخالىقنىڭ ئانىسى ئابدۇخالىققا ئۇنىڭ قەدىر – قىممىتىنى خاتا مۆلچەرلەپ قويغانلىقى ئۈچۈن ئۈزرە ئېيتقان.

ئابدۇخالىق پۇل بىلەن باھالىغىلى بولمايدىغان نۇرغۇن خەزىنە ۋە بايلىقلارنى قالدۇرۇپ كەتتى. بۇلار ئۇنىڭ نامىنى مەڭگۈلۈك قىلدى، ئۇنىڭ ئۆيىنى بۇ دۇنيادا خۇشپۇراققا پۈركىدى، ئاخىرەتتە ئاللاھ خاھلىسا ئۇنىڭ ئەھۋالىنى ياخشى قىلغاي! قانداقسىگە ئۇنداق بولمىسۇن؟! چۈنكى ئۇ دىنى ۋە ئەقىدىسى ئۈچۈن ئۆزىنى پىدا قىلىپ شەھىد بولغان، ھاياتىنى ئىسلام دىيارىنى قوغداشقا، ئەقىل نۇرىنى ئىسلام ئۈممىتى ئۈچۈن كۈرەش قىلىشقا ئاتىغان تۇرسا. ئۇنىڭ ساۋاقداشلىرى، كۈرەش يولىدىكى سەپداش ۋە ھەمراھلىرىدىن ئۇنىڭ پرىنسىپلىرىدا چىڭ تۇرۇپ ماڭغۇچىلارنىڭ ئارىسىدا شەھىد مەخسۇت مۇھىتىي، ھاجى ئىمىن داموللام قاتارلىق نۇرغۇنلىغان كىشىلەر بار ئىدى.

ئابدۇخالىق 1927 – يىلى ئىتالىيەدىن تۇرپانغا بىر زامانىۋى مەتبەئە ئۈسكۈنىسى كىرگۈزۈش ئۈچۈن مەتبەئە زاۋۇتلىرىدىن بىرى بىلەن كېلىشكەن، بىراق، بۇ سودا يۇرتتىكى زالىم كۈچلەرنىڭ قاتتىق توسقۇنلۇقىغا ئۇچراپ، بۇ ئارزۇسى ئەمەلگە ئاشمىغان. ئابدۇخالىق ئاسىيا ۋە ياۋروپادىكى نەچچىلىگەن تىللارنى تولۇق بىلىدىغان بولغاچقا، رۇس شائىرى تولستوينىڭ «ئاننا كارېنىنا» دېگەن كىتابىنى رۇسچىدىن ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلغان.

1932 – يىلى قۇمۇل ۋىلايىتىدە ئىسلام ئىنقىلابى قوزغالغاندىن كېيىن ئابدۇخالىق ئۇيغۇر تۇرپان ۋىلايىتىدىكى مۇسۇلمان ياشلارنىڭ ياخشىلىرىدىن بولغان ئون يەتتە كىشىدىن تەركىب تاپقان ئىنقىلاب ھەيئىتىنى تەشكىللەپ، بۇ ھەيئەتنى «ئىنقىلاب كومىتېتى» دەپ ئاتىغان. جىڭ شۇرېن سۈيقەستكە ئۇچراشتىن ئىلگىرى، ئۇنىڭ قۇماندانى، جىنايەتچى، قانخۇر شېڭ شىسەي بىر ئوچۇم ياللانما قوشۇنى بىلەن تۇرپان ۋىلايىتىدىن ئۆتكەن ۋاقىتتا، تۇرپان شەھىرىدە ئون بەش كۈن تۇرۇپ قالغان. بۇ جەرياندا شەھەر ئەتراپلىرىدا بەزى ئىنقىلابىي قوشۇنلار تەرىپىدىن كۈچلۈك قارشىلىقلارغا ئۇچرىغان، شىڭ شىسەينىڭ بۇ جايدا توختىشى لازىمى بولسا روزى موللىغا ئوخشاش بىر قېسىم گۇناھكار، خائىنلارنىڭ يولى ئارقىلىق بۇ رايوندىكى ئىنقىلابچىلار تەكشۈرۈپ يوقۇتۇش ئىدى. چۈنكى، شىڭ شىسەيگە تۇرپان ۋىلايىتىدە پالانچى، پالانچىلارنىڭ ئەزالىقىدا يېڭىدىن ئىنقىلاب ھەيئىتى تەشكىللەنگەنلىكى يەتكەنىدى. كۈرەشچان ئابدۇخالىق دادىسى، دوستلىرى ۋە يېقىنلىرىنىڭ قىزىقتۇرىشى بىلەن يوشۇرۇنۇۋېلىشقا تاس قالغان(10). ئابدۇخالىق ئېتىغا مىنىپ بولغاندىن كېيىن ئېتىدىن چۈشۈپ، «يا ئۆلۈم، يا كۆرۈم» دەپ دۈشمەنگە تېگىشلىك رەۋىشتە كۈرەش قىلىش بىلەن قارشى تۇرۇش ئىرادىسىگە كەلگەن. لېكىن، ئابدۇخالىق ۋە بارلىق سەپداشلىرى يامان بىر شارائىتتا قولغا ئېلىنىپ، 1932 – يىلى يەنى ھىجرىيە 1350 – يىلى مۇبارەك روزى ھېيت كۈنلىرى ھۆكۈمەت سارىيىنىڭ تۈۋرۈكلىرىگە باغلىنىپ، ئوق ئېتىلىپ شەھىد قىلىنغان(11).

ئى ئابدۇخالىق، ئاللاھ ساڭىمۇ تۈگىمەس مال – مۈلۈكلەر بولغان مەڭگۈلۈك جەننەتلەردە ياخشىلارغا ئوخشاش رەھىم – شەپقەت قىلسۇن!

ئەدىب ئۇستاز مۇھەممەد قاسىم ئەمىن تۈركىستانىينىڭ «بىر قىسىم تۇركىستان سەرخىللىرىنى تونۇشتۇرۇش / الإعلام لبعض رجالات تركستان» ناملىق كىتابىدىن «ساجىيە ئىسلام تەتقىقات مەركىزى» تەرجىمە قىلدى.

تەرجىمەدە: فۇرقان

———————————–
1. باشقا مەنبەلەردە كېلىشىچە، ئابدۇخالىق ئۇيغۇر 1901 – يىل 2 – ئاينىڭ 9 – كۈنى تۇغۇلۇپ، 1933 – يىل 3 – ئاينىڭ 13 – كۈنى قانخۇر شېڭ شىسەينىڭ جاللاتلىرى تەرىپىدىن قىلىچ بىلەن چېپىلىپ شەھىد قىلىنغان. تەپسىلىي مەلۇمات ئۈچۈن مۇھەممەد شاھنىيازنىڭ «ئابدۇخالىق ئۇيغۇر» دېگەن كىتابى بىلەن خېۋىر تۆمۈرنىڭ «بالدۇر ئويغانغان ئادەم» دېگەن كىتابىغا مۇراجەت قىلىنسا بولىدۇ. – ت.
2. ئابدۇخالىق ئۇيغۇرنىڭ ئاتىسى ئابدۇراھمان مەخدۇم ھاجى 1868 – يىلى تۇرپاننىڭ باغرى يېزىسىنىڭ باغرى كەنتىدە تۇغۇلغان. ئۇ ئاتىسى ۋە مەھەللىدىكى خۇسۇسىي دىنىي مەكتەپتە ئوقۇغان. باغرى مەدرىسەسىگە ئوقۇشقا كىرىپ، ئۇ يەردە ئون يىلدىن ئوشۇق ئوقۇپ ئەرەب ۋە فارس تىللىرىنى تولۇق ئىگىلەپ موللا بولۇپ يېتىشىپ چىققان. سودا قىلىش جەريانىدا خىتاي تىلىنىمۇ ئۆگىنىۋالغان. نۇرغۇن مەشھۇر كىتابلارنى يىغىپ ساقلىغان. بىر مەزگىل تۇرپانغا قازى بولغان. بالاغەتكە يەتكەندىن كېيىن تۇرپان يېڭىشەھەردە ئولتۇرۇشلۇق سودىگەر مەجىد ھاجىمنىڭ قىزى نىيازخانغا ئۆيلەنگەن. مەجىد ھاجىنىڭ شۇ زاماندا ئوغلى بولمىغاچقا، قۇدىسى ھىزبۇللاھ مۇفتىيغا تەلەپ قويۇپ كۈيئوغلى ئابدۇراھمان مەخدۇم بىلەن قىزى نىيازخاننى يېڭىشەھەرگە كۆچۈرۈپ ئەكېلىپ بىر ھويلىدا ئۆتكەن. شۇنىڭدىن باشلاپ، ئابدۇراھمان مەخدۇم قېيناتىسى مەجىد ھاجىنىڭ سودا – سېتىق ئىشلىرىدىكى كۈچلۈك ياردەمچىسى بولۇپ قالغان. ئابدۇراھمان مەخدۇم ھاجى بەش ئوغۇل، ئۈچ قىز پەرزەنتلىك بولغان. 1950 – يىلى سەكسەن ئىككى يېشىدا ئالەمدىن ئۆتكەن. (مۇھەممەد شاھنىيازنىڭ «ئابدۇخالىق ئۇيغۇر» دېگەن كىتابىدىن تاللاپ ئېلىندى –ت.)
3. 1907 – يىلى ئەتىيازنىڭ خەيرلىك بىر كۈنى ئالتە ياشقا كىرگەن ئابدۇخالىقنى مەجىد ھاجى بىلەن ئابدۇراخمان مەخدۇم ھاجى تۇرپان يېڭىشەھەردىكى قازىخانا مەسجىدى ئىچىگە جايلاشقان خېلىل موللامنىڭ مەكتىپىگە ئوقۇشقا ئاپىرىپ بەردى.

خېلىل موللام ياشلىقىدا ئاۋۋال تۇيۇقتىكى مەدرىسەدە ئوقۇغان، كېيىن لۈكچۈن خانلىق مەدرىسەنى تاماملاپ، قەشقەرگە بېرىپ قەشقەر خانلىق مەدرىسەدە ئوقۇپ ئىلىم تەھسىل قىلغان تەرەققىيپەرۋەر دىنىي زات ئىدى. ئۇ ئۇستا خەتتات بولۇپ، بىر قانچە خىل ھۆسنخەت نۇسخىلىرىغا كامىل ئىدى. شېئىرىيەتكىمۇ قىزىقاتتى، گاھى ئىلھامى كېلىپ قالغان چاغلاردا غەزەل، رۇبائىيلارنى يېزىپ قوياتتى.

خېلىل موللام ئابدۇخالىققا ئۆزى دەرس بەردى، خەلپەتلىرىگە تاشلاپ قويمىدى. يېرىم يىلدىن كېيىن خېلىل موللام ئابدۇخالىقنىڭ تولۇق ساۋاتى چىقىپ بولغانلىقىنى نەزەردە تۇتۇپ، ئۇنىڭغا «قۇرئان كەرىم» يادلاتقۇزۇشتىن تاشقىرى قۇشۇمچە ھۆسنخەت يېزىشنىمۇ ئۆگىتىشكە باشلىدى. ئابدۇخالىق ياندۇرقى يىلى ئەتىيازغىچە «قۇرئان كەرىم»نى يادلاپ تاماملىدى، شۇنىڭ بىلەن بىرگە ھۆسنخەتنىمۇ خېلىلا چىرايلىق يازالايدىغان بولدى.

ئابدۇخالىق خېلىل موللامنىڭ مەكتىپىدە ئىككى يىل ئوقۇدى. بۇ ئىككى يىل ئىچىدە ئابدۇخالىق ئىخلاس بىلەن تىرىشىپ ئوقۇپ باشلانغۇچ دىنىي ساۋاتلارنى ئەلا دەرىجىدە تاماملىدى.

1909 – يىلى 9 – ئايدا تۇرپان يېڭىشەھەردىكى مەدرىسەگە ئوقۇشقا كىردى. بۇ مەدرىسەنىڭ باش مۇدەررىسى تۇرپاننىڭ ئەئلەم ئاخۇنى بولغان ھەمدۇللاھ داموللام ئىدى. ھەمدۇللاھ داموللام ياشلىقىدا تۇرپاندىكى يار مەدرىسەدە ئوقۇغان. يار مەدرىسنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن قەشقەرگە بېرىپ، قەشقەر خانلىق مەدرىسەدە تۆت يىل ئوقۇپ مەكتەپنى ئەلا دەرىجىدە پۈتتۈرگەن ۋە داموللا ئۇنۋانىنى ئالغان. قەشقەر خانلىق مەدرىسەنى تاماملىغاندىن كېيىن ئوتتۇرا ئاسىيادىكى قوقەند شەھىرىگە بېرىپ خانلىق مەدرىسەدە ئىككى يىل ئوقۇغان. بۇخاراغا بېرىپ ئىسلام دۇنياسىدا داڭلىق بۇخارا مەدرىسەگە ئوقۇشقا كىرىپ، تۆت يىل ئوقۇغان. ھەمدۇللاھ داموللام بۇخارا مەدرىسەنى تاماملىغاندىن كېيىن تەكلىپ بويىچە رۇسىيەنىڭ ئوفا، قازان شەھەرلىرىگە بېرىپ ئۆلىما، ئالىملار بىلەن ھەمسۆھبەت ۋە بەھىس – مۇنازىرىلەردە بولۇپ داڭقى چىققان. ھەمدۇللاھ داموللام ئابدۇخالىققا دەرس بېرىشنى پېشقەدەم مۇدەررىس نىياز موللامغا تاپشۇرغان. ئىككى ھەپتىدە بىر قېتىم ئابدۇخالىقنىڭ ئۆگەنگەن دەرسلىرىدىن ئۆزى ئىمتىھان ئېلىپ تۇرغان. ئابدۇخالىققا ئوقۇشقا كىرىپ بىر يىل بولغاندا مەدرىسەدە ئۆتۈلىدىغان ئادەتتىكى دەرسلەرگە قوشۇپ، نىياز موللام فارس تىلىدىن، ھەمدۇللاھ داموللام ئەرەب تىلىدىن مەخسۇس دەرس ئۆتۈشكە باشلىغان. ئابدۇخالىق مەيلى خېلىل موللامنىڭ مەكتىپىدە بولسۇن، مەيلى مەدرىسەگە كىرىپ ئوقۇغاندا بولسۇن، تاكى مەدرىسەنى پۈتتۈرگىچە بىرەر قېتىممۇ ساۋىقىنى خاتا ئوقۇپ باقمىغان، تەنبىھمۇ ئاڭلىمىغان. ئابدۇخالىق ئون ئىككى ياشتىن ئاشقاندا مەدرىسەدە ئوقۇلىدىغان دەرسلەرنى تولۇق ئوقۇپ بولۇپلا قالماي، فارس ۋە ئەرەب تىللىرىنى ئىگىلەپ مەدرىسەنى ئەلىيۇل ئەلا دەرىجىدە پۈتتۈرگەن. (مۇھەممەد شاھنىيازنىڭ «ئابدۇخالىق ئۇيغۇر» دېگەن كىتابىدىن تاللاپ ئېلىندى –ت.)
4. ئابدۇخالىق 1918 – يىل 9 – ئاينىڭ 1 – كۈنى تۇرپان يېڭىشەھەردىكى شۆتاڭغا ئوقۇشقا كىرىپ، 1922 – يىل 6 – ئايدا شۆتاڭنى ئەلا دەرىجىدە پۈتتۈرگەن. (مۇھەممەد شاھنىيازنىڭ «ئابدۇخالىق ئۇيغۇر» دېگەن كىتابىدىن تاللاپ ئېلىندى –ت.)
5. 1927 – ، 1928 – يىللىرى ئەتراپىدا قاراشەھەرگە بېرىپ موڭغۇل تىل – يېزىقىنى ئۆگەنگەن. (ئابدۇلئەھەد ئابدۇرەشىد بەرقىينىڭ «كۆز ئىچىدىكى كۆز، سۆز ئىچىدىكى سۆز» دېگەن كىتابىنىڭ 200 – بېتىدىن ئېلىندى –ت.)
6. ئەرەب، فارس، تاتار، رۇس، موڭغۇل، خىتاي تىللىرىنى بىلەتتى –ت.
7. چوڭ دادىسى مەجىد ھاجى بولۇشى مۇمكىن –ت.
8. مەجىد ھاجى شائىر نەمەت خەلپەتنىڭ «ئابدۇخالىقنى چەتئەلدىكى ئالىي بىلىم يۇرتلىرىدا ئوقۇتسىلا» دېگەن مەسلىھەتى بىلەن 1916 – يىل 2 – ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىدا نەۋرىسى ئابدۇخالىقنى ئېلىپ مەخسۇت مۇھىتىي بىلەن بىللە رۇسىيەگە قاراپ سەپەرگە ئاتلىنىدۇ. 5 – ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىدا رۇسىيەنىڭ شەمەي شەھىرىگە يېتىپ كېلىدۇ. ھەر يىلى 5 – ئايدا شەمەيدە سودا يەرمەنكىسى بولاتتى. مەجىد ھاجى سودىلىرىنى ئاخىرلاشتۇرغاندىن كېيىن نەۋرىسى ئابدۇخالىقنى رۇس مەكتىپىدە ئوقۇتۇش ئۈچۈن شەمەيدە تۇرۇۋاتقان ئاغىنىسى، ساراي خوجايىنى ئىسھاققا تاپشۇرۇپ، ھەمراھلىرى بىلەن ۋەتەنگە قايتىپ كېتىدۇ. 1918 – يىلى 1 – ئاينىڭ بېشىدىكى ئۇرۇش مالىمانچىلىقى سەۋەبلىك شەمەيدىكى مەكتەپلەر تاقىلىپ، ئابدۇخالىقنىڭ ئوقۇشىمۇ توختاپ قالىدۇ. مېھمانساراي خوجايىنى ئىسھاق قورۇ – جايلىرىنى سېتىۋېتىپ، 3 – ئاينىڭ بىر كېچىسى بالىچاقىلىرىنى ئېلىپ يۇشۇرۇنچە چۆچەككە قاراپ يولغا چىقىدۇ. ئابدۇخالىقمۇ ئىسھاقنىڭ كارۋىنى بىلەن بىللە چۆچەككە كېلىدۇ. ئۇ يەردىن ئۈرۈمچىگە بارىدىغان سودىگەرلەر بىلەن ئۈرۈمچىگە كېلىپ ئۈرۈمچىدىن 7 – ئاينىڭ بېشىدا تۇرپانغا قايتىپ كېلىدۇ.

ئابدۇخالىق ئىككىنچى قېتىم 1923 – يىلى 5 – ئايدا موسكۋاغا ئوقۇش ئۈچۈن بېرىپ ئۈچ ئاي تەييارلىق قىلىپ، ئالىي مەكتەپكە قوبۇل قىلىنىدۇ. ئالىي مەكتەپتە تىرىشىپ ئوقۇپ، 1926 – يىل 6 – ئايدا مەكتەپنى ئەلا نەتىجە بىلەن پۈتتۈرىدۇ. مەكتەپ مۇدىرى ئابدۇخالىققا: «موسكۋادا قېلىڭ، بىرگە ئىشلەيلى» دەپ موسكۋادا قېلىشقا ئۈندەپ خېلى سۆزلىگەن بولسىمۇ، ئابدۇخالىق چىرايلىقچە رەت قىلىپ، تۇرپانغا قايتىپ كېلىدۇ. (مۇھەممەد شاھنىيازنىڭ «ئابدۇخالىق ئۇيغۇر» دېگەن كىتابىدىن تاللاپ ئېلىندى –ت.)
9. ئابدۇخالىق ئۇيغۇرنىڭ ئانىسى نىيازخان مەجىد ھاجىنىڭ قىزى بولۇپ، مەجىد ھاجى 1847 – يىلى چاتقالدا تۇغۇلغان. مەجىد ھاجى بالىلىق دەۋرىدە دىنىي مەكتەپتە ئوقۇپ ساۋاتلىق بولۇپ يېتىشكەن. ئۇ ئىلىم سۆيەر، كىتابخۇمار ئادەم ئىدى. ئۇ ياشلىقىدىن باشلاپلا ئەلىشىر نەۋائىي، شاھ مەشرەب، ھۈۋەيدا، سۇپى ئاللاھيار قاتارلىق شائىرلارنىڭ ئەسەرلىرىنى قىزغىن ئوقۇغان، نۇرغۇن داڭلىق كىتابلارنى يىغىپ ساقلىغان.

مەجىد ئاخۇن بالاغەتكە يەتكەندىن كېيىن، چاتقال يېزىسىنىڭ چوڭ ئاخۇنى موللا سادىق ئاخۇنۇمنىڭ چوڭ قىزى ئەرەمسىماخانغا ئۆيلەنگەن. ئەرەمسىماخان بالىلىق دەۋرىدە ئاتىسى موللا سادىق ئاخۇنۇمدا ئوقۇپ ساۋاتلىق بولۇپ يېتىشكەن. مەجىد ئاخۇن ئاتىسى ئابدۇلھەمىد كۈندى ئالەمدىن ئۆتكەندىن كېيىن تۇرپان يېڭىشەھەرگە كۆچۈپ كىرىپ سودا تىجارەت بىلەن شۇغۇللانغان.

مەجىد ھاجى نەۋرىسى ئابدۇخالىقنى بەك ياخشى كۆرگەچكە، ئۇنى ئۈچ يېشىدىن باشلاپلا ئۆز ئۆيىدە تۇرغۇزۇپ تەربىيەسىگە ئالغان، رۇسىيەگە بىللە ئېلىپ بېرىپ شەمەيدىكى رۇس مەكتىپىگە ئوقۇشقا بەرگەن. كېيىن ئابدۇخالىقنىڭ تۇرپاندىكى خىتاي تىلى مەكتىپى (شۆتاڭ)غا كىرىپ ئوقۇشىنى ۋە 1923 – يىلى سوۋېت ئىتتىپاقىغا بېرىپ موسكۋادا ئوقۇشىنى قوللىغان. مەجىد ھاجى 1930 – يىلى ئالەمدىن ئۆتكەن.

مەجىد ھاجى كىتابخۇمار ئادەم ئىدى. ئۇ ھەر يىلى رۇسىيەگە سودىغا بارغىنىدا، قازان، شەمەي شەھەرلىرىدىن يېڭى كىتابلارنى ئېلىپ كېلەتتى. ئۇ ئۆزىمۇ ئانچە – مۇنچە كىتاب ئوقۇيتتى، لېكىن كۆپ چاغلاردا كۈيئۈغلى ئابدۇراھمان مەخدۇمغا كىتاب ئوقۇتۇپ ئاڭلايتتى. بۇنداق چاغلاردا، كىچىك ئابدۇخالىق چوڭ دادىسى مەجىد ھاجىنىڭ ئېتىكىدە ئولتۇرۇۋېلىپ چوڭلار بىلەن كىتاب ئاڭلايتتى. مەجىد ھاجىمنىڭ ئايالى ئەرەمسىماخان ھاجىممۇ نەۋرىسى ئابدۇخالىققا كۈندە ئاخشىمى چۆچەك، رىۋايەت، لەتىپە، داستانلارنى ئوقۇپ بېرەتتى.

مەجىد ھاجىنىڭ قىزى، ئابدۇخالىق ئۇيغۇرنىڭ ئانىسى نىيازخان 1870 – يىلى تۇرپاننىڭ چاتقال يېزىسىدا تۇغۇلغان. ئائىلىسىدە ئاپىسى ئەرەمسىماخان ھاجىدىن تەلىم ئېلىپ، ئائىلىسىدە ئوقۇپ خەت ساۋاتلىق بولۇپ يېتىشكەن چېچەن، زېرەك، ئوقۇمۇشلۇق ئايال ئىدى. نىيازخان چوڭ ئوغلى ئابدۇخالىقنىڭ ھەر جەھەتتىن تەربىيەلىنىپ، ئۆسۈپ يېتىلىشىگە كۆڭۈل بۆلگەن. نىيازخان 1971 – يىلى تۇرپاننىڭ باغرى يېزىسىدا ئالەمدىن ئۆتكەن. (مۇھەممەد شاھنىيازنىڭ «ئابدۇخالىق ئۇيغۇر» دېگەن كىتابىدىن تاللاپ ئېلىندى –ت.)
10. ئابدۇخالىقنىڭ ئۇرۇق – تۇغقان ۋە يېقىنلىرى ئابدۇخالىقنى قاچۇرۇۋېتىش ئۈچۈن بىر ئاتنى تەييار قىلىپ، ئابدۇخالىقنى زورلاپ، يۆلەپ ئاتنىڭ ئۈستىگە چىقىرىپ قويۇپ، تىزگىنىنى ئۇنىڭ قولىغا بەرگىنىدە، ئابدۇخالىق ئاتتىن چۈشۈپ: «… جاللاتلار ئەزىز شەھىرىمىزنى بېسىۋالغاندا، مەن ئۇلارڭغا قارشى تاقابىل تۇرماقتا يوق، ئاتقا مىنىپ شەھەرنى تاشلاپ كەتمەيمەن، … مەن لەنەتكەردى قاچاق بولمايمەن» دەپ ئۆزىنىڭ قاچمايدىغانلىقىنى ئېيتىپ، ئۇلارنىڭ بۇ تەلىپىنى رەت قىلغان. تەپسىلاتى ئۈچۈن مۇھەممەد شاھنىيازنىڭ «ئابدۇخالىق ئۇيغۇر» دېگەن كىتابىغا مۇراجەت قىلىنسا بولىدۇ –ت.
11. باشقا مەنبەلەردە كېلىشىچە، 1933 – يىلى 3 – ئاينىڭ 13 – كۈنى قانخۇر شېڭ شىسەينىڭ جاللاتلىرى تەرىپىدىن قىلىچ بىلەن چېپىلىپ شەھىد قىلىنغان. –ت.

Please follow and like us:

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ