ئەللامە، فىقھشۇناس شەيخ ھىدايەتۇللاھ كورلاۋىي

ئەللامە، فىقھشۇناس شەيخ ھىدايەتۇللاھ كورلاۋىي

(ھ. 1328 – 1412 / م. 1910 – 1991)

شەيخ ھىدايەتۇللاھ ھەمىيدۇللا ئابدۇللاھ كورلاۋىي ھىجرىيە 1328 (م. 1910) – يىلى كورلا ناھىيەسىدە خېلى يۈز – ئابرويلۇق ۋە ئەخلاق – پەزىلەتلىك بىر ئائىلىدە دۇنياغا كەلگەن. ئۇ ۋاقىتلاردا قاراشەھەر ۋىلايەت بولۇپ، قاراشەھەر شەھىرى ئۇنىڭ ئەڭ چوڭ شەھىرى ۋە ۋىلايەت مەركىزى ئىدى. كورلا ناھىيەسى قاراشەھەر شەھىرىنىڭ تەخمىنەن ئەللىك كىلومېتىر جەنۇبىغا جايلاشقان ۋە ئۇنىڭغا ئەڭ يېقىن ناھىيەلەردىن ئىدى. تۇرپان، كۇچا، توخسۇن، لوپنۇر، ئۇششاقتال، چارقىلىق قاتارلىقلارمۇ قاراشەھەر ۋىلايىتىنىڭ ناھىيەلىرى ئىدى. 1940 – يىللاردا كۇچا ئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭ بىر ناھىيىسىگە ئۆزگەرتىلگەن.

بۇ ئائىلىدە ئىلىم ۋە ئىلىم ئەھلىنى ياخشى كۆرۈش ئەۋلادمۇئەۋلاد يىلتىز تارتقان. بۇ ئائىلە ئاللاھنىڭ ئۆز نەسلىدىن بارماق بىلەن سانىغۇدەك مەشھۇر بىر ئالىمنى چىقىرىپ بېرىشىنى بەكمۇ ئارزۇ قىلاتتى. ئاللاھ ئۇلارنىڭ بۇ ئارزۇسىنى ئوغلى ھىدايەتۇللاھ ئارقىلىق ئەمەلگە ئاشۇردى. ھىدايەتۇللاھ ئوقۇش يېشىغا يەتكەن ھامان ئاتىسى ئۇنى ئۆيىگە قوشنا مەدرىسەلەرنىڭ بىرىگە ئوقۇشقا بەردى ھەم ئۆزىنىڭ ئىلىم سەۋىيىسىگە يارىشا ئوغلىنىڭ ئوقۇشىغا ياردەملەشتى. بۇنى شەيخ ماڭا يازغان خەتلىرىنىڭ بىرىدە خەۋەر بەرگەن ئىدى. ئۇ خېتىدە يەنە ئۆزىنىڭ دەسلەپكى ئوقۇش باسقۇچلىرىنى قېرىندىشىنىڭ قولىدا ئوقۇغانلىقىنىمۇ تىلغا ئالغان. بۇنىڭغا ئاساسلانغاندا، بۇ ئائىلىدە شەيخ ھىدايەتۇللاھتىن بۇرۇنمۇ ئوقۇمۇشلۇق كىشى بار بولغان بولىدۇ. لېكىن، شەيخنىڭ بۇ قېرىندىشى ئۆلىما كىشىمۇ ياكى پەقەتلا ساۋاتلىق كىشىمۇ بۇ ھەقتە قولىمىزدا مەلۇمات يوق.

شەيخ ھىدايەتۇللاھ ھىجرىيە 1351 (م. 1933) – يىلى كۇچا شەھىرىگە بېرىپ 1362 (م. 1943) – يىلىغىچە مەشھۇر مۇھەددىس، قازى مۇسەييىب مەخسۇمدا ئوقۇيدۇ. ئۇنىڭدىن كېيىن قەشقەر شەھىرىگە بېرىپ 1368 (م. 1949) – يىلىغىچە ئەللامە، ئۇسۇلۇلفىقھ ئالىمى، ئىلمى كالامشۇناس، قازى ھامىد مەخسۇم، گرامماتىكاشۇناس شەيخ ئەمىن مەۋلەۋىي، ئەللامە، مۇفەسسىر، شەيخ ئابدۇللاھ داموللا بەشكېرەمىي، 1367 – يىلى مەدىنە مۇنەۋۋەرەدە ۋاپات بولغان مەشھۇر مۇھەددىس، قازى ھاشىم ئىبنى قاسىم داموللام قاتارلىقلارنىڭ قولىدا ئىلىم تەھسىل قىلىدۇ. بۇلارنى شەيخ ماڭا يازغان ئاخىرقى قېتىملىق خەتلىرىنىڭ بىرىدە تىلغا ئالغان ئىدى. (ئاللاھ شەيخنىڭ ئۆمرىنى ئۇزۇن قىلغاي، ئۇنى ئىلىم ۋە ئىلىم ئاشنالىرى ئۈچۈن زاپاس بايلىق قىلىپ بەرگەي.)

شەيخ 1368 (م. 1949) – يىلى قەشقەردىن كىندىك قېنى تۈكۈلگەن ئانا يۇرتى كورلىغا قايتىپ كېلىپ، ھازىرغىچە ئوقۇ – ئوقۇتۇش ۋە پەتۋا ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللىنىپ كەلمەكتە.

شەيخ 1949 – يىللىرى قەشقەردە ئىلىم تەھسىل قىلىۋاتقان كۈنلەردە مەنمۇ قەشقەردە ئىدىم. شەيخ بىزنىڭ قەشقەر شەھىرىدىكى ئۆيلىرىمىزنىڭ بىرىدە تۇرغان بولۇشىمۇ مۇمكىن. چۈنكى، شەيخ قوشنىلىرىمىزنىڭ بىرىنىڭ قىزى بىلەن توي قىلىپ، ئۇنىڭدىن بالىلىق بولغان. كېيىن ئايالىنى ئېلىپ كورلا شەھىرىگە قايتىپ كەتكەن. مەن ئۇنىڭ ئوقۇش پۈتتۈرۈش ماقالىسىنىڭ مۇھاكىمىسىگە قاتناشقان ئىدىم. شەيخلەر ئۇنىڭغا ئوقۇش پۈتتۈرۈش شاھادەتنامىسى بەرگەن ئىدى. بۇ مۇھاكىمە ھىجرىيە 1366 – يىلى ئەللامە، قازى ھاشىم داموللامنىڭ بېغىدا ئېلىپ بېرىلغان. شەيخ ئوقۇش پۈتتۈرۈپ كورلىغا كېتىپ، يەنە ئۇزۇن ئۆتمەي قەشقەرگە قايتىپ كەلدى. ئۇ بىزنىڭ يېنىمىزغا مەدرىسەگە كىلىپ تۇراتتى. 1949 – يىلنىڭ باشلىرىدا يۇرتىغا كېتىپ، قەشقەرگە قايتىپ كەلمىدى. ئۇ ھىجرىيە 1405 (م. 1985) – يىلى ھەجگە كەلگەندە، مەن ئۇنى ئاددىي كۈلبەمدە كۈتۈۋالغان ۋە ئۇنىڭ بىلەن نۇرغۇن مەسىلىلەردە پىكىر ئالماشتۇرغان ئىدىم. بىز ئۇنىڭ ئاخىرقى كىتابى «ثمرات المدينة من الروضة النبوية / پەيغەمبەر گۈلىستانىدىن ئۈزۈلگەن مەدىنە مېۋىلىرى» توغرىسىدا كۆپرەك پىكىرلەشكەن ئىدۇق.

شەيخ ھىدايەتۇللاھ «قۇرئان كەرىم» پەزىلەتلىرى ھەققىدە بىر كىتاب يازغان بولۇپ، بۇ كىتابنىڭ بىرىنچى قىسمىدىن ماڭا بىر نۇسخا سوۋغا قىلغان. بۇ كىتابنىڭ بىرىنچى قىسىمى تەخمىنەن ئالتە يۈز بەت ياكى ئۇنىڭدىن ئارتۇقراق ئىدى. شەيخ بۇ كىتابنىڭ ئىككىنچى قىسمىنىمۇ يېزىپ پۈتتۈرگەن بولۇپ، بۇ كىتاب ھازىر بېسىلىۋاتىدۇ. شەيخ ئىككىنچى قىسمىدىنمۇ بىر نۇسخا سوۋغا قىلىشنى ۋەدە قىلغان. ئاللاھ خاھلىسا بۇ كىتابنىڭ ئىككىنچى قىسمىمۇ پات يېقىندا قولىمىزغا تەگكۈسى! شەيخ بۇ كىتابىنىڭ ئىككىنچى قىسمىدا ۋەھيى ساھىبى، پەيغەمبەرلەرنىڭ ئاخىرقىسى مۇھەممەد سەللاللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ھەققىدە سۆزلەيدۇ. مەن كىتابنىڭ بۇ قىسمىنى پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ تەرجىمىھالىمىكىن دەپ ئويلايمەن. چۈنكى، شەيخ ئۇنى «شرح الشفاء» قاتارلىق ئىشەنچلىك كىتابلاردىن تاللاپ تەرجىمە قىلغانلىقىنى دېگەن ئىدى. شەيخ يەنە «إنقاذ المسلمين شرح تنبيه الغافلين / تەنبىھۇل غافىلىن شەرھى مۇسۇلمانلارنى قۇتقۇزۇش»، «الزواجر عن الفواحش والكبائر / چوڭ گۇناھ – مەئسىيەتلەر دىن توسۇش»، «نور الأربعين من مشكاة سيد المرسلين صلى الله عليه وسلم / پەيغەمبەر سەللاللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم تەكچەسىدىن قىرىق نۇر» قاتارلىق كىتابلارنىمۇ يازغان بولۇپ، بۇ كىتابلار ھېلىھەم قوليازما ھالىتىدە تۇرماقتا. بىز شەيخنىڭ «قۇرئان»، «ھەدىس»لەردە كەلگەن دۇئالارنى توپلاپ بىر كىتاب يېزىپ، ئۇنى «سلك الدرر في أدعية خير البشر / ئىنسانلارنىڭ ئەۋزىلىنىڭ دۇئالىرى ھەققىدە مەرۋايىت تىزماق» دەپ ئاتىغانلىقىنى ئاڭلىغان ئىدۇق. شەيخنىڭ مەدىنە مۇنەۋۋەرە ۋە رەۋزە شەرىفە (پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ مەدىنە مۇنەۋۋەرەدىكى ئۆيى بىلەن مەسجىدىدىكى مۇنبىرى ئارىلىقىدىكى مۇبارەك جاي) نىڭ قىسقىچە تارىخى ھەققىدە بىر كىتابى بولۇپ، شەيخ ئۇنى «ثمرات المدينة من الروضة النبوية / پەيغەمبەر گۈلىستانىدىن ئۈزۈلگەن مەدىنە مېۋىلىرى» دەپ ئاتىغان.

شەيخ ھازىرمۇ ئىسلام دەۋىتىنى تارقىتىش، ياشلارنىڭ قەلبلىرىنى يورۇتۇش، ئۇلارنىڭ ئىلمى قابىلىيىتىنى ئۆستۈرۈش، ئەرەب تىلى، ئەرەب تىلى گرامماتىكا – مورفولوگىيىسى، ئەرەب ئەدەبىياتى، قاتارلىق ئىلىملەرنى پۇختا بىلىش ئالاھىدىلىكلىرىنى ئىشقا سېلىپ، قۇرئان تىلىغا ئاشىق ياشلارنىڭ ئەرەب تىلى، ئەرەب ئەدەبىياتى، «قۇرئان كەرىم» ۋە ««ھەدىس شەرىف»»لەردىكى قىيىن سۆزلۈكلەرگە مۇناسىۋەتلىك قىيىنچىلىقلىرىنى ئاسانلاشتۇرۇش يولىدا ھارماي – تالماي كۈرەش قىلىپ كەلمەكتە.

ئۇنىڭ بۇ ياخشى ئىشلىرىنى دۇئا ئارقىلىق مۇكاپاتلاشتىن باشقا ئىش قولىمىزدىن كەلمەيدۇ.

ئاللاھ ئۆزىگە ئۇچراشقان كۈننى ئۇنىڭ كۈنلىرىنىڭ ئەڭ ياخشىسى قىلىپ بەرگەي، ئاللاھ ۋە ئاللاھنىڭ ئەلچىسىنىڭ يولىغا چاقىرىش يولىدا تارتقان قىيىنچىلىقلىرىغا ۋە باشقا ياخشىلىقلىرىغا ياخشى مۇكاپاتلارنى بەرگەي! ئاللاھ ئۇنى ئۆزىنىڭ «ئاللاھنىڭ بەندىلىرى ئىچىدە ئاللاھتىن پەقەت ئالىملارلا قورقىدۇ»(35/«فاتىر»: 28) دېگەن سۆزىدە تىلغا ئالغان ئۆزىدىن قورقىدىغان ئالىملار قاتارىدىن قىلغاي.

شەيخ ھىدايەتۇللاھ ھازىر يەتمىش ئالتە ياشقا كىرىپ قالدى. بىزنىڭ ھازىر شەيخ دائىم ۋە مەڭگۈ تەكرارلايدىغان «پەرۋەردىگارىمىز! بىزگە رەھمەت خەزىنىلىرىڭدىن ئاتا قىلغىن، بىزنىڭ ئىشلىرىمىزنى تۈزەپ، بىزنى ھىدايەت تاپقۇچىلاردىن قىلغىن» دېيىشتىن باشقا دەيدىغان گېپىمىز قالمىدى.

ئەدىب ئۇستاز مۇھەممەد قاسىم ئەمىن تۈركىستانىينىڭ «بىر قىسىم تۇركىستان سەرخىللىرىنى تونۇشتۇرۇش / الإعلام لبعض رجالات تركستان» ناملىق كىتابىدىن «ساجىيە ئىسلام تەتقىقات مەركىزى» تەرجىمە قىلدى.

—————-

تەرجىماندىن ئىلاۋە: ھاياتىنى دىنى ۋە خەلقىنىڭ دىنىي مائارىپى ئۈچۈن بېغىشلىغان، ئۈممەت قەلبىدىكى ئىمان – ئىسلام چىرىغىنى تېخىمۇ كۈچلۈك ياندۇرۇش، ئۆز خەلقىگە يېتەكچى بولالايدىغان دىنىي ئىزباسارلارنى يېتىشتۈرۈش يولىدا ھارماي – تالماي كۈرەش قىلغان بۇ سۆيۈملۈك ئۇستازىمىز 1991 – يىلى 12 – ئايدا دەل – دەرەخ ، ئوت – چۆپ، گۈل – گىياھ ھەممىسى مۇزلاپ ئۇيقۇغا كەتكەن، سوغۇق ئادەمنىڭ يۈزىگە نەشتەردەك سانجىلىدىغان زىمىستان قىش كۈنلىرىنىڭ بىرىدە بالا – چاقا، دوست – يارەن، تالىب – شاگىرتلىرىنىڭ قەلبىدە قايغۇ – ئەلەملەرنى قالدۇرۇپ تەبىئەت بىلەن تەڭ مەڭگۈلۈك ئۇيقۇغا كەتكەن. ئۇستازنىڭ نامىزى يۇرت – يۇرتلاردىن كەلگەن ئەھلى ئىلىم، تالىب – شاگىرت، يېقىن – يورۇق، قەۋم – جامائەتلەردىن ھاسىل بولغان ئادەم دېڭىزى ئىچىدە كورلا چوڭ جامەسىدە چۈشۈرۈلگەن. جامائەتلەر ئۇستازغا بولغان ھۆرمىتى سەۋەبلىك ئۇنىڭ جىنازىسىنى ماشىنا بىلەن يۆتكىمەستىن، قولدىن – قولغا ئېلىپ كۆتۈرۈپ ئون كىلومېتىر يىراقلىقتىكى قەبرىستانلىققا دەپنە قىلغان. ئاللاھ ئۇستازنى دۇنيادا دوست – يارەن، ئۇرۇق – تۇغقان، ئەھلى جامائەت ئالدىدا ئەزىز قىلغاندەك مەھشەر كۈنى بارلىق ئىنسانلار ئالدىدىمۇ ئەزىز قىلغاي، ئۇستازنىڭ تەربىيەلىگەن تالىب – شاگىرىت، تارقاتقان مەنپەئەتلىك ئىلىم، قالدۇرۇپ كەتكەن مەنپەئەتلىك كىتابلىرىنى ئۆركەشلەپ ئاققان قايدۇ دەرياسىدەك ئارقىسىدىن ئۈزۈلمەي ئاقىدىغان ساۋاب دەرياسى قىلىپ بەرگەي.

Please follow and like us:

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ