شەيخ توختى داموللام خوتەنىي

شەيخ توختى داموللام خوتەنىي

(ھ. 1309– 1371/ م. 1891 – 1951)

سەئىد ئوغلى تۇنىيازنىڭ ئوغلى توختى ھىجرىيە 1309 – يىلى خوتەننىڭ ئىلچى شەھىرىدە پاراۋان تۇرمۇش كەچۈرىدىغان باي ئائىلىدە تۇغۇلغان. ئۇ دائىم ئىلمىي سورۇنلار ۋە جەمئىيەتتىكى ئىلىم سورۇنلىرىغا بېرىپ بىلىم ئالاتتى، ئۆگىنىشنى قىزغىن سۆيەتتى. بولۇپمۇ دىنىي بىلىملەرنى چوڭقۇرلاپ ئۆگىنىشىنى ئالاھىدە ياخشى كۆرەتتى. ئۇ دەسلەپ ئوقۇشنى خوتەندە ئاساسىي دىنىي بىلىملەرنى، ئوقۇش – يېزىشنى، مورفولوگىيە ۋە گىرامماتىكا قائىدىلىرىنى ئۆگىنىشتىن باشلىغان. ئىلىمنى دەپ بىرگە ئويۇن – تاماشا قىلىدىغان ھەقەمسايىلىرىنى ۋە ئويۇن – تاماشالىرىنى تاشلىغان. بىرقانچە يىل ئۆتۈپ ئەرەب تىلىدا مەلۇم سەۋىيە ھازىرلىغاندىن كېيىن قەشقەرگە كېلىپ، داڭلىق ئۆلىمالارنىڭ قولىدا فىقھ، ھەدىس، تەفسىر ۋە تەفسىرشۇناسلىق، فارس تىلى ۋە فارس ئەدەبىياتى، ئىستىلىستىكا، لوگىكا، ئىلاھىيەتشۇناسلار پەلسەپەسى، ھېساب، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ تەرجىمەھالى، ئىسلام تارىخى، مەشھۇر زاتلار (رىجاللار) تەرجىمەھالى قاتارلىقلارنى ئوقۇغان. «ئىجازەت» ئالغاندىن كېيىن خوتەنگە قايتىپ كەلگەن ۋە ئوقۇتقۇچىلىققا تەيىنلەنگەن.

ئۇ ھىجرىيە 1371 – يىلى ئىلچى شەھىرىدە ۋاپات بولغان ۋە شۇ جايغا دەپنە قىلىنغان.

ئاللاھ تائالا شەيخكە رەھمەت قىلغاي!

ئەدىب ئۇستاز مۇھەممەد قاسىم ئەمىن تۈركىستانىينىڭ «بىر قىسىم تۇركىستان سەرخىللىرىنى تونۇشتۇرۇش / الإعلام لبعض رجالات تركستان» ناملىق كىتابىدىن «ساجىيە ئىسلام تەتقىقات مەركىزى» تەرجىمە قىلدى.

Please follow and like us:

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ