شەيخ توختاخۇن خەلپىتىم موش

شەيخ توختاخۇن خەلپىتىم موش

(ھ. 1309– 1373/ م. 1891 – 1953)

 تۇردى ئاخۇن ئوغلى شەيخ توختى ئاخۇن خەلپىتىم ھىجرىيە 1309 – يىلى قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ موش دېگەن يېرىدە تۇغۇلغان. ئوقۇشنى قەشقەر شەھىرىدە باشلىغان. قەشقەردىكى ئەللامە چوڭ يەئقۇب داموللام، باھائۇددىن مەخدۇم، مەھمۇد ئاخۇن داموللام، شەيخۇلئىسلام موللا سەلىم ئاخۇن ھاجىم، ئوبۇلقاسىم ئاخۇنۇم قاتارلىق ئالىملاردا ئوقۇغان ۋە كېرەكلىك ئىجازەتنامىلەرنى ئېلىپ يۇرتى موشقا قايتىپ ئوقۇ – ئوقۇتۇش بىلەن شۇغۇللانغان. ئۇ تەفسىر، ھەدىس، ھەنەفىي فىقھىسى، ئەرەب تىلى، فارس تىلى، مىراس قاتارلىق ئىلىملەرنى ئىگىلىگەنىدى. ئۇ زات سۈننەتكار فەقىھ ئىدى. ئۇ تاكى ھىجرىيە 1373 – يىلى ۋاپات بولغانغا قەدەر يۇرتىدا ئوقۇتۇش ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللانغان. ۋاپات بولغاندىن كېيىن ئۆز يۇرتىغا دەپنە قىلىنغان.

ئاللاھ تائالا مەرھۇمغا رەھمەت قىلغاي!

ئەدىب ئۇستاز مۇھەممەد قاسىم ئەمىن تۈركىستانىينىڭ «بىر قىسىم تۇركىستان سەرخىللىرىنى تونۇشتۇرۇش / الإعلام لبعض رجالات تركستان» ناملىق كىتابىدىن «ساجىيە ئىسلام تەتقىقات مەركىزى» تەرجىمە قىلدى.

Please follow and like us:

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ