شەيخ ئەمىن ۋاجىدى تۇرپانىي

شەيخ ئەمىن ۋاجىدى تۇرپانىي

(ھ. 1325– ؟/ م. 1908 – ؟)

شەيخنىڭ تولۇق ئىسمى ئەمىن ئابدۇلۋاھىد بولۇپ، تۇرپان شەھىرىدە ھال – ئەھۋالى ئوتتۇرھال ئائىلىدە تۇغۇلغان. دادىسى ئالىيجاناب، بىلىم دائىرىسى كەڭ، مەھەللىدىكىلەرنىڭ ئىش – كۈشلىرىگە مەسلىھەت بېرىپ يول كۆرسىتىدىغان كىشىلەردىن ئىدى. سەبىي ئەمىن بولسا ئائىلىنىڭ ئەركىسى ئىدى. دادىسى ئۇنى بىلىملىك كىشىلەردىن قىلىش ئۈچۈن توختىماي تىرىشچانلىق كۆرسەتكەنىدى. دادىسىنىڭ ئۈزلۈكسىز تىرىشىشىنىڭ نەتىجىسىدە ئەمىن شۇ ۋاقىتتىكى ( يەنى 20 – ئەسىرنىڭ 20 – يىللىرىدىكى) يېڭىچە مەكتەپكە ئوقۇشقا كىردى. دادىسىنىڭ ئارزۇسى بولسا ئۇنى دىنىي ئالىم قىلىش ئىدى. شۇڭا، ئۇ بىرقانچە يىل تۇرپاندىكى شەيخلەردىن بىلىم ئالغانىدى. 1930 – يىلى 23 ياشقا كىرگەن ئەمىن بىلىمىنىڭ موللىقى، ئەخلاق – پەزىلىتىنىڭ ئېسىللىقى بىلەن تونۇلۇپ، يېڭىچە مەكتەپكە ئوقۇتقۇچىلىققا تەيىنلەنگەن. ئۇ بۇ مەكتەپتە ئوقۇتقۇچىلىق قىلىپ ئىككى – ئۈچ يىل ئۆتكەندىن كېيىن ئىسلام ئىنقىلابى پارتلايدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇ، ئىنقىلابقا رەھبەرلىك سالاھىيىتى بىلەن قاتنىشىدۇ. بولۇپمۇ، ئەسكىرىي ئىشلارنى بىۋاسىتە قولىغا ئالىدۇ. قەشقەر شەھىرى سىياسىي ۋە جۇغراپىيەلىك كىلىمات ھەمدە ھەربىي ۋە سىياسىي ئىدارە قىلىش مەركىزى بولۇش جەھەتتىن ئىنقىلابنىڭ ئاساسلىق رەھبەرلىك ئورنى بولۇپ قالغان ئىدى. شۇڭا، ئۇ 1934 – يىلىدىن بېرى قەشقەر شەھىرىدە ئىدى.

بەزىلەر ئىسلام ئىنقىلابىنىڭ دەسلەپكى ئوتى يالقۇنجاشقا باشلىغاندا، ئۇ قەشقەردىكى ئىلمىي ئىنستىتۇتلارنىڭ بىرىدە ئوقۇغۇچى ۋە ئىنقىلابنىڭ ئاكتىپ قوللىغۇچىلىرىنىڭ بىرى ئىدى، ئاندىن جەنۇبىي شەرقىي تۈركىستان باش ھەربىي قوماندانىنىڭ قول ئاستىدا ھەربىي ئىشلارنى ئىدارە قىلىش ئورنىدا خىزمەت قىلغان دەيدۇ. ئۇنىڭ گېنېرال مەھمۇد مۇھىتىينىڭ يېنىدىن ئايرىمايدىغان ئەڭ يېقىنلىرىنىڭ بىرى ئىكەنلىكى ھەممىگە ئايان ئىدى. ئىشلارنىڭ پايدىسىز تەرەپكە تەرەققىي قىلىۋاتقانلىقىنى سەزگەن گېنېرال مەھمۇد مۇھىتىي ھەر تۈرلۈك ئاماللارنى ئىشقا سېلىپ مىللىي ھاكىمىيەتنى، ئىسلام شەرىئىتىنىڭ ھاكىملىق ئورنىنى ساقلاپ قىلىشقا، ئىسلام ئىنقىلابىنى داۋاملاشتۇرۇشقا كۆپ كۈچىگەن ئىدى. ئۇنىڭ تىرىشچانلىقلىرىنىڭ قاتارىدىن ھېسابلىنىدىغان ئىشىنىڭ بىرى، ئۇنىڭ جۇڭگو مەركىزىي ھۆكۈمىتىگە، شۇ ۋاقىتتا ياۋروپادا تۇرۇۋاتقان رەئىسىدىن، كېيىنكى ۋاقىتلاردا رۇسىيەنىڭ غالچىسى ئىكەنلىكى ئايان بولغان زالىم، يەرلىك مۇستەبىت شىڭ شىسەينى ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇپ، زۇلۇملىرىغا خاتىمە بېرىشنى تەلەپ قىلىپ ئەلچىلەر ئۆمىكى ئەۋەتىشى ئىدى. گېنېرال مەھمۇد مۇھىتىي ئەلچىلەرنىڭ چوقۇم سالاھىيەت جەھەتتىن شەرتى توشقىدەك كىشىلەردىن بولۇشى كېرەكلىكىنى ئويلاپ، شەيخ ئەمىن ۋاجىدىيغا ئابدۇلمۇئمىن ئىسىملىك كىشىنى ياردەمچى قىلىپ مەخپىي ھالدا يولغا سالغانىدى. ئۆمەك جۇڭگوغا يېتىپ بېرىپ، شۇ ۋاقىتتىكى پايتەخت نەنجىڭدا جاڭ كەيشىڭ بىلەن كۆرۈشىدۇ، ئۇ ئۆمەككە چىرايلىق ۋەدىلەرنى بېرىپ يولغا سالىدۇ. قايتىش سەپىرىدە شەيخ ئەمىن ۋاجىدىي شەرقىي تۈركىستانغا شەرق تەرەپتىن قوشنا بولغان لەنجۇ شەھىرىدە توختاپ ئۆتۈشنى ئىختىيار قىلىدۇ. ئۇ لەنجۇ شەھىرىدىكى ۋاقتىدا، ياردەمچىسى ئابدۇلمۇئمىن چېگرادىن ئوغرىلىقچە ئۆتمەكچى بولىدۇ ۋە بەختكە قارشى يەركەندلىك شاھباز قارىينىڭ باشچىلىقىدىكى چېگرا مۇداپىئە ئەترىتى تەرىپىدىن بايقىلىپ قالىدۇ. شاھباز قارىي ئابدۇلمۇئمىننى قولغا ئېلىپ، قاتتىق قېيىن – قىستاقتىن كېيىن، ئۆلۈپ كەتسۇن ئۈچۈن نىمجان ھالىتىدە ئۈرۈمچى تۈرمىسىگە ئەۋەتىدۇ.

شاھباز قارىي يەركەندلىك بولۇپ 1913 – يىلى تۇغۇلغان. ئۇ 1933 – يىلى يەرلىك ساقچى ئىنستىتۇتتىكى كۇرسقا قاتنىشىش ئۈچۈن ئۈرۈمچىگە كەلگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ قاتارىدا بار ئىدى. ئۇ 1934 – يىلى ئوقۇشىنى تاماملىغان ۋە ھاكىممۇتلەق، جاللات شىڭ شىسەي ھۆكۈمىتىگە سادىق بولۇپ ئاكتىپ ئىشلىگەن. ئۇنىڭ قىزغىنلىق بىلەن ئاكتىپ خىزمەت قىلىۋاتقانلىقىنى كۆرگەن شىڭ شىسەي ئۇنى ئۈرۈمچىدە ئېلىپ قالغان ۋە تۈركىستان بىلەن جۇڭگونىڭ چېگراسىنى مۇھاپىزەت قىلىدىغان بىر كىچىك ئەترەتنىڭ ئەترەت باشلىقلىقىغا تەيىنلىگەن ئىدى. ئۇ بۇ جايدا 1937 – يىلىغىچە تۇرغان. ئاندىن كىندىك قېنى تۆكۈلگەن ئانا يۇرتى يەركەندتىكى ساقچى مەكتىپىگە ئوقۇتقۇچى سالاھىيىتىدە يۆتكەپ كېلىنگەن. ئۇ نامدا ساقچى مەكتەپنىڭ ئوقۇتقۇچىسى دېيىلسىمۇ، ئەمەلىيەتتە ئاساسلىق ۋەزىپىسى ئەركىنلىك ئىستىگۈچى ۋەتەنپەرۋەرلەرگە قارشى تەكشۈرۈش ۋە جاسۇسلۇق قىلىش ئىدى. 1944 – يىلى شىڭ شىسەي تەختتىن چۈشكەندىن كېيىن، ئۇ، بىخەتەرلىك باش ئىدارىسىدە كادىر بولغان. 1946 – يىلىدىن كېيىن، ئۇنىڭ قاباھەتلىك، زۇلمەتلىك دەۋرى يەنە باشلانغان ۋە زاكىرجان قاتارلىق يۈزلىگەن ئەركىنلىك ئىستىگۈچىلەرنى (ئىنقىلابچىلارنى) ئۆلتۈرگەن. 1949 – يىلى يۇرتتىن چىقىپ كەتكەن.

1945 – يىلى شەيخ ئەمىن ۋاجىدىي ئۈرۈمچىگە كېلىپ، يەرلىك ھۆكۈمەتتە، كېيىن مىللىي ھۆكۈمەتتە، ئاندىن 1948 – يىلى بۇرھان شەھىدىي ھۆكۈمىتىدە ھەر خىل ۋەزىپىلەرنى ئۆتىگەن. 1402 (م. 1982) – يىلى ھەجگە كەلگەن. ھەجدىن كېيىن يۇرتقا قايتىپ كەتكەن. مەن شۇ ۋاقىتتا مەككە مۇكەررەمەدە شەيخ بىلەن كۆرۈشۈش شەرىپىگە نائىل بولغانىدىم. ئۇ ھېلىھەممۇ يۇرتى ۋە ئىسلام ئۈممىتىگە ياخشىلىقنى ئويلاپ، ئاللاھنىڭ شەرىئىتىنىڭ ئاشۇ تۇپراقلارغا ھۆكۈمران بولۇشىنى، يىرگىنىشلىك قارا چۈشتىن بالدۇرراق ئويغىنىشىنى ئۈمىد قىلىپ ياشىماقتا.

ئاللاھ شەيخكە ئۇزۇن ئۆمۈر ئاتا قىلسۇن!

(قوشۇمچە: بۇ تەرجىمەھالنى يازغان ۋاقىتتا شەيخ ئەمىن تېخى ھايات بولغاچقا ۋاپات بولغان ۋاقتى يېزىلمىغان – تەرجىماندىن).

ئەدىب ئۇستاز مۇھەممەد قاسىم ئەمىن تۈركىستانىينىڭ «بىر قىسىم تۇركىستان سەرخىللىرىنى تونۇشتۇرۇش / الإعلام لبعض رجالات تركستان» ناملىق كىتابىدىن «ساجىيە ئىسلام تەتقىقات مەركىزى» تەرجىمە قىلدى.

Please follow and like us:

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ