شەيخ، ئەللامە ئىسمائىل ئاخۇن خەلپىتىم

شەيخ، ئەللامە ئىسمائىل ئاخۇن خەلپىتىم

(ھ. 1306– 1364/ م. 1888 – 1944)

خەلپىتىمنىڭ ئىسمى ئىسمائىل ئىبنى يەئقۇب، قەشقەر شەھىرىگە يېقىن قېچىرچا دېگەن يۇرتتىن بولۇپ، بۇ يۇرتتىكى «يېڭى قەشقەر» دەپ ئاتالغان، كىچىك شەھەر ئىسكەتىدە سېلىنغان پۇختا بىر قەلئە ئىچىدە تۇغۇلغان. بۇ قەلئە كېيىنچە قەشقەر شەھىرىنىڭ سېپىللىرى بىلەن قوشۇپلا يوق قىلىۋېتىلگەن. خەلپىتىمنىڭ ئائىلىسى دېھقانچىلىق بىلەن شۇغۇللىناتتى. خەلپىتىم ئوقۇشنى قەشقەردە باشلاپ، قەشقەردە تاماملىغان ھەمدە پەزىلەتلىك كاتتا ئۆلىمالار قاتارىدىن ئورۇن ئالغان. ئۇ ئەللامە شەمسۇددىن داموللام، ئابدۇلقادىر داموللام، مەھمۇد ئاخۇن خەلپىتىم، سابىت داموللام قاتارلىق ئالىملاردا ئوقۇغان. ئۇ ئوقۇشنى تاماملاپ «ئىجازەت»نى قولىغا ئالغاندىن كېيىن «قازان مەدرىسەسى»دە ئوقۇتۇش ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللانغان. رەھمەتلىك داموللام مېنىڭ (مۇئەللىفنىڭ) ئۇستازلىرىمنىڭ بىرى بولۇپ، مەن ئۇنىڭدا كەئب ئىبنى زۇھەير ئىبنى ئەبى سەلمانىڭ «قەسىدە بۇردە» ناملىق قەسىدەسىنى، «مەقامات ھەرىرىي» ۋە باشقا ئەرەب ئەدەبىياتىغا دائىر كىتابلارنى ئوقۇغان. رەھمەتلىك داموللام سۆزمەن، ئىپادىلەش ئىقتىدارى ئىنتايىن ياخشى، سۈننەتكە تولىمۇ ئەھمىيەت بېرىدىغان، تەفسىر، ھەدىس، فىقھ ساھەلىرىدە مۇتەخەسسىس ئىدى. ئۇ «قەشقەر قەدىمىي جامەسى»دە خاتىب بولۇپ، ھەمدۇسانا ۋە دۇرۇدلاردىن كېيىن ئانا تىلىدا خۇتبە سۆزلەيتتى. ئۇ مېنى ئۆز پەرزەنتىدەك كۆرەتتى. مەن ئۇنىڭ كېيىنكى ئۆمرىدە ئازراق ۋاقىت خىزمىتىدە بولغان. رەھمەتلىك داموللام قەشقەر شەھىرىنىڭ ئوتتۇرىسىدا ھازىرقى تۆت يۇلتۇزلۇق مېھمانخانىغا باراۋەر كەلگىدەك ئۆلچەمدە «قونالغۇ سارىيى»دىن بىرنى بىنا قىلغان.

رەھمەتلىك خەلپىتىم بىزنى ئەتىگىنى ئۆيىنىڭ يېنىدىكى مەسجىدتە ئوقۇتاتتى، ئاندىن مەدرىسەگە باراتتى. مەدرىسەمۇ يېقىنلا جايدا ئىدى. مەن تېخى بويۇمغا يەتمىگەن چاغلاردا بەزى ئۆي ئىشلىرىغا بۇيرۇيتتى.

رەھمەتلىك خەلپىتىم «يۈرەك سەكتىسى» بىلەن تۇيۇقسىز ۋاپات بولغان. ئۇنىڭغا پۈتۈن قەشقەر شەھىرى يىغلىغان. بۇنى مەن دادام ئاتلىق ھالدا مەھكىمەدىن ئۆيىگە كېتىۋاتقان ئەللامە ھاشىماخۇن داموللامغا، رەھمەتلىك خەلپىتىمنىڭ مۇسىبەت خەۋىرىنى يەتكۈزگەن چاغدا، ھاشىماخۇن داموللامنىڭ يىغلىغانلىقىنى دادامنىڭ يېنىدا تۇرۇپ ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆرگەن ۋە يېغا ئاۋازىنى ئاڭلىغان. بۇ ھىجرىيە 1364 – يىلى ئىدى. رەھمەتلىك خەلپىتىم قەشقەر شەھىرىگە دەپنە قىلىنغان.

ئاللاھ ھەق سۇبھانەھۇ ۋە تائالا مەرھۇمغا رەھمەت ۋە مەغپىرەت قىلسۇن!

ئەدىب ئۇستاز مۇھەممەد قاسىم ئەمىن تۈركىستانىينىڭ «بىر قىسىم تۇركىستان سەرخىللىرىنى تونۇشتۇرۇش / الإعلام لبعض رجالات تركستان» ناملىق كىتابىدىن «ساجىيە ئىسلام تەتقىقات مەركىزى» تەرجىمە قىلدى.

Please follow and like us:

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ