شەيخ ئىسمائىل ئاخۇن خەلپىتىم

شەيخ ئىسمائىل ئاخۇن خەلپىتىم

(ھ. 1318– 1373/ م. 1900 – 1953)

شەيخنىڭ ئىسمى ئىسمائىل ئىبنى قۇرباننىياز بولۇپ، ھىجرىيە 1318 – يىلى يەركەندتە تۇغۇلغان. ئۇ ئۆمۈر بويى يەركەندتىن چىقمىغان. ئىلمىنىمۇ يەركەندتىكى داڭلىق ئالىملاردىن ئالغان. ئۇنىڭ ئۇستازلىرىنىڭ ئىچىدە ھەلىيمۇددىن ئاخۇنۇم، ئابدۇلقادىر مۇفتىي ئاخۇنۇم، ئابدۇلغەففار مۇفتىي ئاخۇنۇم ۋە ئابىد ئاخۇن داموللام قاتارلىقلار بار. ئۇ ھىجرىيە 1352 – يىلىدىن باشلاپ ئىلىم ئۆگىتىشكە كىرىشكەن بولۇپ، 20 نەچچە يىللىق ھاياتىنى ئىلىمگە ۋە ئىسلامىي تەلىم – تەربىيەگە بېغىشلىغان.

شەيخ ئىسمائىل ئاخۇن خەلپىتىم ھىجرىيە 1373 – يىلى يەركەندتە ۋاپات بولغان ۋە شۇ جايغا دەپنە قىلىنغان. ئاللاھ تائالا مەرھۇم خەلپىتىمنى رەھمەت ۋە مەغپىرەتلىرىگە نائىل قىلغاي!

ئەدىب ئۇستاز مۇھەممەد قاسىم ئەمىن تۈركىستانىينىڭ «بىر قىسىم تۇركىستان سەرخىللىرىنى تونۇشتۇرۇش / الإعلام لبعض رجالات تركستان» ناملىق كىتابىدىن «ساجىيە ئىسلام تەتقىقات مەركىزى» تەرجىمە قىلدى.

Please follow and like us:

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ