شەيخ ئىبراھىم داموللام

(1304-1383ھ)

(1886-1963م)

 

ئىبراھىم داموللامنىڭ ئەسلى ئىسمى ئىبراھىم سادىق يۈسۈپ بولۇپ ھېجرىيە 1304-يىلى خوتەن گۇمىدا تۇغۇلغان. دىنى ئىلىمنى دەسلەپتە خوتەندە ئوقۇغان. ياشلىق دەۋرىگە قەدەم قويغاندىن كېيىن يەركەنگە، ئۇ يەردىن قەشقەرگە بېرىپ، قەشقەردىكى ئۆلىمالاردا ئوقۇغان. ئۇ باھاۋۇددىن مەخدۇم، مەھمۇد ئاخۇن داموللام، شەمسىددىن داموللام، ئابدۇقادىر داموللام ۋە ئۇلاردىن باشقا يەنە نۇرغۇن ئۆلىمالاردا ئوقۇغان.

ئەينى دەۋىردە قەشقەردە ئىككى ئابدۇقادىر قازىكالان بولۇپ، بىرى ئابدۇلكەرىمخان مەخدۇمنىڭ چوڭ دادىسى، ياقۇببەگ دەۋرىدە ھېجرىيە 1284-يىلى شەيخۇلئىسلام بولغان، قەشقەرلىك ئابدۇقادىر قازىكالان. يەنە بىرسى بولسا، فەرغانىلىك ئابدۇقادىر قازىكالان.

شەيخ ئىبراھىم داموللام فىقھى، ھەدىس، تەفسىر، ئولۇمۇلقۇرئان قاتارلىق ئىلىملەرنى تەپسىلى ئىگىلىگەن بولۇپ، گۇمىدا مۇدەررىس بولۇپ نۇرغۇنلىغان ئوقۇغۇچىلارنى ۋە ئەتراپتىكى خەلىقنى تەربىيىلىگەن. شۇڭلاشقا تا ھازىرغىچە گۇمىدىكى ئۇنىڭ ئوقۇغۇچىلىرى ۋە خەلق ئۇنى ھۆرمەت بىلەن تىلغا ئېلىپ دۇئالىرىدا ئەسلىشىدۇ.

شەيخ ئىبراھىم داموللام ھېجرىيە 1383-يىلى گۇمىدا ۋاپات بولۇپ شۇ يەرگە دەپنە قىلىنغان.

 

ئاللاھ بۇ كىشىگە رەھمەت قىلغاي! ئامىن.

ئەدىب ئۇستاز مۇھەممەت قاسىم ئەمىننىڭ «الإعلام لبعض رجالات تركستان» ناملىق كىتابىدىن «ساجىيە ئىسلام بىلىملىرى تورى» تەرجىمە قىلدى.

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز