شەيخ ئىبراھىم ئاخۇن داموللام

شەيخ ئىبراھىم ئاخۇن داموللام

(ھ. 1293– 1375/ م. 1876 – 1955)

بۇ كىشنىڭ ئىسمى ئىبراھىم رەجەب ئوغلى بولۇپ، ھىجرىيە 1293 – يىلى قەشقەرنىڭ كاتتايلاق يېزىسىدا تۇغۇلغان. (ئەينى چاغدا ئاتۇشنىڭ ھازىرقى يېزىلىرى قەشقەرگە تەۋە ئىدى) پىشاۋۇردا ئىلىم تەھسىل قىلغان.

ئەينى چاغدا ئۇ ئافغانىستاننىڭ كابۇل شەھىرىگە بېرىپ ئىلىم تەھسىل قىلىشنى ئويلىغان بولسىمۇ، شارائىت يار بەرمىگەچكە بەدەخشاندىكى پىشاۋۇردا تۇرۇپ قېلىپ ئىلىم تەھسىل قىلغان. شۇ چاغلاردا كابۇل غەزنەۋىيلەرنىڭ مەدەنىيەت تەسىرى بىلەن ھەرخىل ئىلىملەر جۇش ئۇرۇپ راۋاجلىنىپ، شەرق ئۆلىمالىرىنىڭ قىبلىگاھى بولۇپ قالغان.

ئىبراھىم ئاخۇن داموللام ھىجرىيە 1327 – يىلى ئوقۇشنى تاماملاپ قەشقەرگە قايتىپ كېلىپ، ھاياتىنىڭ ئاخىرىغىچە قازان مەدرىسەسىدە مۇدەررىس بولغان.

ھىجرىيە 1375 – يىلى قەشقەردە ۋاپات بولغان ھەم شۇ يەرگە دەپنە قىلىنغان.

ئاللاھ بۇ كىشىگە رەھمەت قىلغاي! ئامىن.

ئەدىب ئۇستاز مۇھەممەد قاسىم ئەمىن تۈركىستانىينىڭ «بىر قىسىم تۇركىستان سەرخىللىرىنى تونۇشتۇرۇش / الإعلام لبعض رجالات تركستان» ناملىق كىتابىدىن «ساجىيە ئىسلام تەتقىقات مەركىزى» تەرجىمە قىلدى.

Please follow and like us:

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ