شەرىئەتتىكى پۇل - كۈچ شېرىكچىلىك تۈزۈمى(3)

شەرىئەتتىكى پۇل – كۈچ شېرىكچىلىك تۈزۈمى(3)

دوكتور ئابدۇلئەزىز رەھمەتۇللاھ

پۇل – كۈچ كېلىشىمىدە زىيان كىمگە بولىدۇ؟

پۇل – كۈچ كېلىشىمىدە ھەر ئىككىلا تەرەپ پايدىغا ئېرىشىشنى مەقسەت قىلىدۇ، پايدا چىقسا ئىككى تەرەپ پۈتۈشكەن بويىچە مەلۇم ئۈلۈش بويىچە تەقسىم قىلىپ ئالىدۇ. زىيان چىقسا ماددىي زىياننىڭ ھەممىسىنى پۇل چىقارغۇچى ئۈستىگە ئالىدۇ، كۈچ ئىگىسى تارتمايدۇ. كۈچ ئىگىسى پەقەتلا سەرپ قىلغان كۈچىنىڭلا زىيىنىنى تارتىدۇ(1).

بۇنداق ئەھۋال كۆرۈلسە ھەر ئىككى تەرەپ دەسمايە قىلغان نەرسىنى، يەنى پۇل ئىگىسى چىقارغان پۇلىدىن، كۈچ ئىگىسى چىقارغان كۈچىدىن زىيان تارتقان بولىدۇ. ئالىدىغان پايدا ئۈلۈشىمۇ مۇشۇنداق زىيان تارتىش ئېھتىماللىقىنى كۆزدە تۇتقان ھالدا بەلگىلىنىدۇ. زىيان تارتىش ئېھتىماللىقى بار بولسا، كۈچ ئىگىسى ئالىدىغان پايدىنى كۆپرەك بەلگىلەيدۇ. زىيان تارتىش ئېھتىماللىقى تۆۋەن بولسا، ئالىدىغان پايدا ئۈلۈشىنى تۆۋەنرەك بەلگىلەيدۇ.

ئەمما، كۈچ ئىگىسى پەۋقۇلئاددە بىپەرۋالىق قىلىپ، ئېنىق خاتالىقى بىلەن زىيان چىقىشقا سەۋەبچى بولغاندا، ياكى مالنى ئوبدان ساقلىماي، ئوغرىغا ئالدۇرۇپ قويغان ئەھۋالدا، ياكى توختامدىكى شەرتلەرگە رىئايە قىلمىغان ئەھۋالدا، زىياننى پەقەت ئۆزىلا ئۈستىگە ئالىدۇ. بۇنىڭدا پۈتۈنلەي ئامانەت ھۆكمى ئىجرا قىلىنىدۇ.

بارلىق ئالىملار پۇل – كۈچ شېرىكچىلىكىدىن چىققان زىياننى پۇل ئىگىسىلا تارتىدىغانلىقىغا، «كۈچ ئىگىسى زىياننىڭ بىر قىسمىنى تارتىدۇ» دەپ شەرت قىلىشىنىڭ پۇل – كۈچ كېلىشىمىدىكى باتىل شەرت ئىكەنلىكىدە بىرلىككە كەلگەن. بۇ ئەھۋالدا ھەنەفىي ۋە ھەنبەلىي مەزھەب قارىشىدا شەرت ئىناۋەتسىز، كېلىشىم توغرا بولۇپ مېڭىۋېرىدۇ(2). باشقىلارنىڭ قارىشىدا كېلىشىم پۈتۈنلەي ئىناۋەتسىز بولىدۇ. ھەر ئىككى قاراش بويىچە بۇنداق شەرت ئاساسىدا كېلىشىم قىلىشقا قەدەم قويۇشقا بولمايدۇ. ئەمما بىلمەي قەدەم قويۇپ بولغاندىن كېيىن كۈچلۈك قاراش بويىچە شەرت ئىناۋەتسىز قىلىنىدۇ.

بۇ ئىجمائنى كۆپلىگەن ئالىملار بايان قىلغان. مەسىلەن:

ئىمام ئىبنى رۇشد: «ئۇنىڭدا (يەنى پۇل – كۈچ مۇئامىلىسىدە) كۈچ ئىگىسى زىيانغا بىۋاسىتە سەۋەبچى بولمىسىلا، دەسمايىدىن بولغان زىياننى تارتمايدۇ» دېگەن.

ئىمام ئىبنى قۇدامە: «قاچانكى كۈچ ئىگىسىگە دەسمايە ياكى ئۇنىڭ بىر قىسمىغا كاپالەتلىك قىلىشنى شەرت قىلسا، بۇ شەرت باتىل بولىدۇ. بۇ ھەقتە ئوخشىمىغان قاراش بارلىقىنى بىلمەيمىز» دېگەن.

ئىمام زەيلەئىي: «پۇل – كۈچ شېرىكچىلىكى دېگەن بىر تەرەپتىن پۇل، بىر تەرەپتىن كۈچ چىقىرىلىدىغان شېرىكچىلىكتۇر. كۈچ ئىگىسى ئامانەت تۇتقۇچىدۇر، قىلغان ئىشلىرى بىلەن پۇل ئىگىسى ئۈچۈن ۋەكىلدۇر، پۇل – كۈچ شېرىكچىلىكى بۇزۇلغاندا ئىشلەمچىدۇر» دەيدۇ. «ئامانەت تۇتقۇچى» دېگەنلىكنىڭ مەنىسى «زىياننى تۆلىمەيدۇ» دېگەنلىكتۇر.

ئىمام ئىبنى ھەزم: «كۈچ ئىگىسى دەسمايىنى تۆلىمەيدۇ، ھەممىسى يوقاپ كەتكەن تەقدىردىمۇ شۇنداق. تارتقان زىياننىمۇ تۆلىمەيدۇ. پەقەتلا رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ: ›سىلەرنىڭ قانلىرىڭلار ۋە ماللىرىڭلار سىلەرگە ھارام‹ دېگەن سۆزىگە ئاساسەن، ئۇنىڭ بىپەرۋالىقىدىن كېلىپ چىققان خاتالىق سەۋەبىدىن بولغان زىياننى تۆلەيدۇ» دېگەن(3).

يۇقىرىقىلارغا ئاساسەن، «زىياننىڭ بىر قىسمىنى كۈچ ئىگىسى تارتىدۇ» دەپ شەرت قىلىپ، كېلىشىم تۈزگەن پۇل – كۈچ شېرىكچىلىكى بارلىق ئىسلام ئۈممىتىنىڭ ئىجمائسىغا (بىرلىككە كەلگەن كۆز قارىشىغا) زىت بولغانلىقى ئۈچۈن توغرا بولمايدۇ.

دېمەك، ئىسلام تۈزۈمى بويىچە مەبلەغ سېلىپ تىجارەت قىلىش بىلەن خەتەرگە تەۋەككۇل قىلىش ئوتتۇرىسىدا زىچ باغلىنىش بار. بۇ يەردىكى خەتەر ئاپەت ياكى ئوغرى ئېلىشتىن باشقا باھا چۈشۈپ كېتىش ياكى پۇل پاخاللىشىش سەۋەبىدىن زىياننىڭ مەيلى ھەممىسى ياكى بىر قىسمىنى تارتىشتىن ئىبارەت.

بۇ زىچ باغلىنىش ئەمەلىيەتتە ئىسلام كۆرسەتمىسى بويىچە خەتەرگە تەۋەككۇل قىلىپ مەبلەغ سېلىشنى قەرز ئىگىسىگە ئۆسۈم بېرىپ زىيانسىز كىرىمگە كاپالەتلىك قىلىدىغان جازانە تۈزۈمىدىن ئايرىپ تۇرىدىغان نېگىزلىك ئالاھىدىلىككە بېرىپ تاقىلىدۇ. ئىسلام تۈزۈمىدىكى بۇ پىرىنسىپنى پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ «پايدا زىيان تارتىشقا باغلىق»(4) دېگەن ھەدىسى بېكىتكەن بولۇپ، بۇ ھەدىسنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە، تاپقان پايدىغا ئىگە بولۇش زىياندىن كېلىپ چىقىدىغان مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئېلىشقا باغلىق بولىدۇ.

بۇ ھەدىسنىڭ مەزمۇنىدا بارلىق ئالىملار ئىتتىپاق بولغاچقا، پۇل – كۈچ شېرىكچىلىكىدىمۇ مەزكۇر ھەدىسنىڭ مەزمۇنى تەتبىقلانغان. دېمەك، ئالىملارنىڭ كۈچ ئىگىسى زىيانغا ئىگە بولمايدۇ دېگەن ئىجمائسىمۇ شۇ ھەدىسكە ۋە شۇ ھەدىسنىڭ مەزمۇنىدىكى ئىجمائدىن كەلگەن.

بۇ مەزمۇننى پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم «زىيىنىغا مەسئۇل بولمىغان نەرسىنىڭ پايدىسىنى ئېلىش ھالال بولمايدۇ»(5) دېگەن يەنە بىر ھەدىسىمۇ تەكىتلىگەن.

ئالىملار مەزكۇر ھەدىسلەرنىڭ روھىغا ئاساسەن: «پايدا ئېلىش زىيان تارتىش مەسئۇلىيىتىگە قاراشلىق» دېگەن فىقھىي قائىدىنى تۇرغۇزغان ۋە مۇئامىلىگە ئالاقىدار تۈرلۈك ئەھكاملاردا بۇ قائىدىنى تەتبىقلىغان. بۇنىڭغا ئاساسەن ئالغان پايدىغا ھالال ياكى ھارام دەپ ھۆكۈم قىلىش كېلىپ چىققان.

ئالىملارنىڭ كۈچ ئىگىسىنى ئامانەت تۇتقۇچى، پۇلنى كۈچ ئىگىسىنىڭ قولىدا ئامانەت دەپ مۇئەييەنلەشتۈرۈشىمۇ كۈچ ئىگىسىنىڭ تىجارەتتىكى ئادەتتىكى زىياننى تۆلىمەيدىغانلىقىنى تەكىتلەيدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە بارلىق شېرىكچىلىك مۇئامىلىلىرىدە زىيان سەرمايىگە بولىدۇ. پۇل – كۈچ شېرىكچىلىكىدە كۈچ ئىگىسى پۇل چىقارمىغان تۇرسا ئۇ قانداقسىگە پۇلنىڭ زىيىنىنى تارتىدۇ؟

خۇلاسە شۇكى، كۈچ ئىگىسى توختاملاشقاندا ئېنىق ياكى يېپىق ئىپادە بىلەن تىجارەتتە ئادەتتە كۆرۈلىدىغان زىياننى ئۆز ئۈستىگە ئالسا بۇ ئىش جازانىگە ئايلىنىدۇ. چۈنكى، بۇ ئەھۋالدا، پۇل ئىگىسى ھەدىس كۆرسەتمىسىگە زىت ھالدا زىيىنىغا مەسئۇل بولمىغان پايدىنى ئالغان بولىدۇ.

پۇل – كۈچ كېلىشىمىدە كۈچ ئىگىسىنىڭ قانۇنىي سالاھىيىتى

پۇل – كۈچ كېلىشىمىدە كۈچ ئىگىسى پۇل ئىگىسىنىڭ پۇلىنى ئۆز ئىختىيارى بويىچە تاپشۇرۇپ ئالغانلىقى ئۈچۈن، بۇ پۇل ئۇنىڭ قولىدا ئامانەت پۇل ھېسابىدا بولىدۇ. دېمەك، ئۇ ئامانەت ئالغۇچى سۈپىتىگە ئىگە بولىدۇ، كۈچ ئىگىسى بۇ پۇلغا نورمال باھادا بىرنەرسە سېتىۋالسا ياكى سېتىۋالغان تاۋارنى نورمال باھادا ساتسا، پۇل ئىگىسىگە ۋاكالىتەن سېتىۋالغان ۋە ساتقان بولىدۇ. دېمەك، كۈچ ئىگىسى ئېلىم – سېتىمدا پۇل ئىگىسىنىڭ ۋەكىلى ھېسابلىنىدۇ. نورمال باھادىن پەۋقۇلئاددە دەرىجىدە يۇقىرى باھادا سېتىۋالسا ياكى نورمال باھادىن پەۋقۇلئاددە ئەرزان سېتىۋەتسە، بۇ يەردىكى زىياننى كۈچ چىقارغۇچى كۆتۈرىدۇ. بۇنداق سودىغا پۇل ئىگىسى ماقۇل كەلگەندىلا ئاندىن بۇنىڭ پايدا – زىيىنى پۇل – كۈچ شېرىكچىلىكىنىڭ سەرمايىسىگە بولىدۇ. لېكىن، بەزىدە پەۋقۇلئاددە زىيان بىلەن مالنى سېتىۋەتمىسە تېخىمۇ ئېغىرراق زىيان چىقىپ قالىدىغان ئەھۋاللارمۇ بولىدۇ. شۇڭا، بۇنداق ئەھۋالدا، مالنى ئەرزان باھادا سېتىۋەتسە مەيلى بولۇشى كېرەك. بۇ تىجارەتتىن پايدا چىقسا كۈچ چىقارغۇچى كېلىشىمدە پۈتۈشكىنى بويىچە پايدىدا پۇل ئىگىسىگە شېرىك بولىدۇ.

مەلۇم سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن پۇل – كۈچ كېلىشىمى بۇ كېلىشىمدە بولۇشقا تېگىشلىك شەرتلەرگە ئۇيغۇن بولماي قالسا، پۇل – كۈچ كېلىشىمى كىراغا ئېلىش كېلىشىمىگە ئايلىنىپ كېتىدۇ – دە، كۈچ ئىگىسى پۇل ئىگىسىگە ئىشلەپ بەرگۈچى ھېسابىدا بولىدۇ. بۇنداق ئەھۋالدا، ئۇ پايدىغا شېرىك بولالماي، پەقەتلا قىلغان ئىشىغا لايىق ئىش ھەققى ئالىدۇ. شۇڭا، ئالىملار: «پۇل – كۈچ كېلىشىمى بۇزۇلۇپ كەتسە كۈچ ئىگىسى ئىشلەمچى بولىدۇ» دېگەن بىر قائىدىنى تۇرغۇزغان.

پۇل – كۈچ شېرىكچىلىكى مەلۇم بىر تەرەپتىن بۇزۇلۇپ كەتكەن ئەھۋالدا، كۈچ ئىگىسى ئىشلەمچى سۈپىتىدە ئىش ھەققى ئالىدۇ. لېكىن، پۇل – كۈچ شېرىكچىلىكىدىن پايدا چىقمىغان تەقدىردىمۇ ئىش ھەققى ئالامدۇ؟ بەزى ئالىملار: «پۇل – كۈچ كېلىشىمىدىن پايدا چىقسۇن ياكى چىقمىسۇن، كېلىشىمى بۇزۇلۇپ كەتسە كۈچ ئىگىسى ئوخشاش تۈردىكى خىزمەتچىلەرنىڭ ئىش ھەققىنى ئالىدۇ» دېگەن. لېكىن، بۇ قاراشتا پۇل ئىگىسىگە سەل ئېغىرچىلىق سېلىش بار. چۈنكى، پايدا چىقماسلىقى كۈچ ئىگىسىنىڭ تىرىشچانلىق كۆرسەتمەسلىكى سەۋەبىدىن بولۇشىمۇ مۇمكىن. شۇڭا، بۇ يەردە ئەڭ ئۇيغۇن قاراش ئىمام ئەبۇ يۈسۈفنىڭ قارىشى بولۇپ، ئۇنىڭچە، پۇل – كۈچ شېرىكچىلىكى مەلۇم شەرتلىرى تولۇق بولمىغانلىق جەھەتتىن بۇزۇلۇپ كەتكەن ئەھۋالدا، پۇل – كۈچ شېرىكچىلىكى تىجارىتىدىن پايدا چىققان بولسا كۈچ ئىگىسى ئۆز دېمەتتىكى كىشىلەر ئالىدىغان ئىش ھەققىنى ئالىدۇ، پايدا چىقمىغان بولسا ئىش ھەققى ئالمايدۇ. پايدا چىققان ئەھۋالدا كۈچ ئىگىسى ئالىدىغان پايدا پۇل – كۈچ كېلىشىمىدە ئېلىشقا كېلىشكەن پايدىدىن ئېشىپ كەتمىگەن بولۇشى كېرەك(6).

كۈچ ئىگىسى مال سېتىۋالغاندا، پۇل ئىگىسىنىڭ قويغان شەرتلىرىگە رىئايە قىلمىغان ھالدا سېتىۋالماسلىقى كېرەك. ناۋادا شۇنداق تاۋارلارنى سېتىۋالسا ياكى تىجارەت قىلماسلىققا شەرتلەشكەن ئورۇندا تىجارەت قىلسا، ئۇ باشقا بىرسىنىڭ پۇلىنى تارتىۋالغان كىشى ھېسابىدا بولىدۇ – دە، كېلىپ چىققان زىياننى يالغۇز ئۆزىلا تۆلەيدۇ.

قولىدىكى پۇل ياكى مال ئۇنىڭ سەھۋەنلىكىسىز يوقاپ ياكى بۇزۇلۇپ كەتسە، كۈچ ئىگىسى بۇ زىياندىن ھېچبىرىنى تۆلىمەيدۇ. چۈنكى، ئۇ پۇل ئىگىسىنىڭ ئامانىتىنى ساقلىغۇچى ھېسابىدا بولغاچقا، ئامانەت ساقلىغۇچىنىڭ سەھۋەنلىكى بولمىغان زىياندا ئامانەتنى تۆلىمەيدۇ.

بىرنەرسە زايە بولسا، يوقاپ كەتسە ياكى تىجارەتتىن زىيان چىقسا، كۈچ ئىگىسىنىڭ سۆزى ھېساب بولىدۇ. پۇل ئىگىسى ئۇنىڭ سۆزىگە ئىشەنمىسە، كۈچ ئىگىسى سۆزىنىڭ راستلىقىغا بىر قېتىم قەسەم قىلىپ بەرسىلا كۇپايە قىلىدۇ.

كۈچ ئىگىسى تىجارەت قىلىۋاتقان جاينىڭ تىجارەتچىلىرى ئەمەل قىلىپ كېلىۋاتقان ئۇسۇل بويىچە تىجارەت قىلسا بولىدۇ، مەسىلەن، مالنى نەق ۋە نېسى سېتىش، ئازراق تۆۋەن باھادا سېتىش، باشقىلارغا سېتىپ قويۇشقا بېرىش، ئامانەت قويۇش، ئادەم ئىشلىتىش، دۇكان، ماشىنا ۋە ئامبار كىراغا ئېلىش ۋە كىراغا بېرىش، رەنىگە قويۇش ۋە رەنىگە ئېلىش، باشقىلارنى ئېلىم – سېتىمدا ۋەكىل قىلىش، ھاۋالە قوبۇل قىلىش، پۇلنى ئېلىپ سەپەرگە چىقىش قاتارلىق ئىشلارنى قىلسا دۇرۇس بولىدۇ. چۈنكى، بۇنداق ئىشلار تىجارەتنىڭ ئېھتىياجلىرىدىندۇر. تىجارەت قىلىشتا زىيان چىقىۋاتقان ياكى تىجارەتچىلەر ئادەتتە قىلمايدىغان ئىشنى قىلسا بولمايدۇ. زىيان چىقىش ئېھتىماللىقى بولمىغان ئىشلاردا شۇ يۇرتتىكى تىجارەتچىلەرنىڭ ئادىتى بويىچە ئىش قىلسا بولىدۇ.

ئادەتتە نېسى سېتىش يۈرگۈزۈلۈۋاتقان بولسا ياكى پۇل ئىگىسى: «نەق بولسۇن ياكى نېسى بولسۇن، مۇئامىلە قىلىۋەرسەڭ بولىدۇ» دەپ رۇخسەت قىلغان بولسا، نېسى ساتسا بولىدۇ. پۇل چىقارغۇچى: «نېسى مال ساتمايسەن، پەقەتلا نەق مۇئامىلە قىلىسەن» دەپ شەرت قىلغان بولسا كۈچ چىقارغۇچى نېسى ساتسا بولمايدۇ. ئايرىم رۇخسەتمۇ قىلمىغان بولۇپ، تىجارەتچىلەر ئادىتىمۇ ھەر خىل بولسا كۈچلۈك قاراشقا ئاساسەن، نېسى سېتىپ مۇئامىلە قىلسا بولىدۇ. چۈنكى، تىجارەت دېگەن نەق ھەم نېسى بولىدۇ، بەزىدە نېسى ساتمىسا پايدا ئالغىلىمۇ بولمايدۇ. ئەمما، نېسى مۇئامىلە قىلىشقا پۇل ئىگىسى رۇخسەت قىلمىغان ئەھۋالدا، كۈچ ئىگىسى كېلىشىمنىڭ شەرتىگە رىئايە قىلماي نېسى مۇئامىلە قىلسا، بۇ چاغدا بۇنىڭدىن كېلىپ چىقىدىغان بارلىق زىياننى تۆلەيدۇ.

پۇل ئىگىسىنىڭ رۇخسىتىسىز پۇلنى باشقىلارغا پۇل – كۈچ كېلىشىمى تىجارىتى ئۈچۈن بەرسە بولمايدۇ ھەم بۇ پۇلنى ئۆزىنىڭ پۇلىغا ئارىلاشتۇرسىمۇ بولمايدۇ. پەقەتلا تىجارەتچىلەرنىڭ ئادىتىدە پۇل – كۈچ شېرىكچىلىكىنىڭ پۇلىنى ئۆزىنىڭكىگە قوشۇپ تىجارەت قىلىش بولسا، پۇل ئىگىسىنىڭ رۇخسىتىسىز ئارىلاشتۇرسا بولىدۇ.

پۇل ئىگىسىنىڭ رۇخسىتىسىز باشقىلاردىن قەرز ئالسا بولمايدۇ. ئۇنىڭ رۇخسىتىسىز قەرز ئالغان بولسا بۇ قەرز كۈچ ئىگىسىنىڭ زىممىسىدە بولىدۇ، پۇل ئىگىسى بۇ قەرزنى ئېتىراپ قىلمايدۇ. شۇنداقلا پۇل – كۈچ كېلىشىمىدىكى پۇلنى باشقىلارغا قەرز بېرىپ تۇرسىمۇ بولمايدۇ. ھەتتا پۇل – كۈچ كېلىشىمىدىكى پۇلنى ساۋابلىق ئىش ئۈچۈن پۇل ئىگىسىنىڭ رۇخسىتىسىز باشقىلارغا بېرىۋەتسىمۇ بولمايدۇ.

تىجارەتتىن زىيان چىقسا بۇ زىياننى پۇل ئىگىسى يالغۇز ئۈستىگە ئالىدۇ. ناۋادا ئالدىنقى قېتىمقى تىجارەتلەردىن پايدا چىققان بولسا ۋە بۇ پايدىنى بۆلۈشۈپ ھېسابنى پۈتۈنلەي بوغۇۋەتمىگەن بولسا، زىيان بۇرۇنقى پايدىدىن چىقىرىۋېتىلىدۇ(7).

«زىيان چىقسا ھەممە زىياننى كۈچ ئىگىسى كۆتۈرىدۇ» دەپ كېلىشىم قىلسا توغرا بولامدۇ؟

«ئىسلام فىقھى ئاكادېمىيەسى» بۇ ھەقتىكى قارارىدا مۇنداق دەپ مۇئەييەنلەشتۈرگەن: «پۇل – كۈچ كېلىشىمى كۈچ ئىگىسىنىڭ دەسمايىنى تۆلەيدىغانلىقىنى ياكى مەلۇم بىر مىقداردىكى پايدىنى يېنىدىن بېرىشنى ئۆز ئىچىگە ئالسا جائىز بولمايدۇ. ناۋادا كېلىشىم شۇنداق شەرتنى ئېنىق ھالدا ياكى مەزمۇن جەھەتتىن ئۆز ئىچىگە ئالغان بولسا، ›دەسمايىنى كۈچ ئىگىسىلا تۆلەيدۇ‹ دېگەن شەرت بىكار قىلىنىدۇ – دە، كۈچ ئىگىسى ئادەتتىمۇ شۇنداق پۇل – كۈچ شېرىكچىلىكى كېلىشىملىرىدىن ئالغىلى بولىدىغان پايدىغا ھەقلىق بولىدۇ»(8).

«ئىسلام فىقھى ئاكادېمىيەسى»نىڭ بۇ قارارى بۇرۇنقى بىر بۆلۈك ئالىملارنىڭ كۆزقارىشىغا يېقىن كېلىدۇ. ئۇلارنىڭ قارىشىدا، بۇنداق شەرت ئېتىراپ قىلىنمايدۇ. نەتىجىدە، پۇل – كۈچ كېلىشىمى توغرا ئۇسۇل بويىچە مېڭىۋېرىدۇ، چىققان پايدا كېلىشىم بويىچە بىر تەرەپ قىلىنىدۇ، زىيان چىقسا پۇل ئىگىسى ئۈستىگە ئالىدۇ. يەنە بىر بۆلۈك ئالىملار: «بۇ ئەھۋالدا پۇل – كۈچ شېرىكچىلىكى كېلىشىمى بۇزۇلىدۇ. چۈنكى، بۇنىڭدا پۇل – كۈچ كېلىشىمىگە زىت كېلىدىغان شەرت بار» دېگەن(9).

ئەمما، كېلىشىمدە بۇنداق بىر شەرت بايان قىلىنمىغان بولسا، كېيىنچە، پۇل – كۈچ شېرىكچىلىكى كېلىشىمىنىڭ نەتىجىسىنى بوغۇپ ھېساب قىلغاندا، كېلىپ چىققان زىياننى كۈچ ئىگىسى: «بۇ زىياننىڭ بىر قىسمىنى ياكى ھەممىسىنى مەن تۆلىۋېتەي» دەپ پىداكارلىق قىلسا بۇ جائىز بولىدۇ. چۈنكى، بۇ شەرت كېلىشىم تۈزۈلگەندە يېزىق ياكى ئېغىز ئارقىلىق بايان قىلىنمىغان(10).

پۇل – كۈچ كېلىشىمدىن چىقىدىغان زىياننى ئۈچىنچى بىر شەخس ئۆز ئۈستىگە ئالسا بولامدۇ؟

«ئىسلام فىقھى ئاكادېمىيەسى» ئۈچىنچى بىر شەخسنىڭ دەسمايىگە بەدەلسىز كاپالەتلىك قىلىشىنى «جائىز» دېگەن. تۆتىنچى قېتىملىق يىغىنىنىڭ بەشىنچى قارارىدا مۇنداق بايان قىلىنغان: «پۇل – كۈچ شېرىكچىلىكى كېلىشىمى ھۆججىتىدە كېلىشىم قىلىشقان ئىككى تەرەپتىن باشقا بىر شەخسنىڭ پۇل – كۈچ كېلىشىمىدىن كېلىپ چىقىدىغان زىياننى تۆلەپ بېرىشنى بەدەلسىز ھالدا ئۆز ئۈستىگە ئېلىشى شەرىئەتتە چەكلەنمەيدۇ. لېكىن، پۇل – كۈچ شېرىكچىلىكىنىڭ بۇندىن كېيىنكى داۋاملىشىشى ۋە بىر تەرەپ قىلىنىشى ئۇنىڭ بۇ كاپالىتىگە قاراشلىق بولۇپ قالماسلىقى كېرەك. يەنى كېپىل بولغۇچى كېيىنچە، بۇ ۋەدىسىدە تۇرمىسا، ئىككى تەرەپتىن بىرى: بىز مۇشۇ كاپالەتكە ئاساسلىنىپ، بۇ كېلىشىمنى تۈزگەن، بولمىسا تۈزمەيتتۇق، بۇ پۇل – كۈچ كېلىشىمى ئىناۋەتسىز، دەپ ئۆزىنىڭ بېرىشكە تېگىشلىكىنى بەرمەي تۇرۇۋالسا بولمايدۇ(11).

پۇل – كۈچ شېرىكچىلىكى توغرا ئاياغلاشقاندىن كېيىن ئىككى تەرەپنىڭ ھەققى قانداق بولىدۇ؟

پۇل – كۈچ شېرىكچىلىكى توغرا شەكىلدە داۋاملىشىپ ئاياغلاشقاندىن كېيىن ئۇنىڭدىن پايدا چىققان بولسا، پۇل ئىگىسى پايدىدىن كېلىشىمدە بەلگىلەنگەن نېسىۋىسىنى ئالىدۇ. پايدا چىقمىغان بولسا دەسمايىنىلا ئالىدۇ. زىيان چىققان بولسا دەسمايىدىن قېپقالغان مەبلەغنىلا ئالىدۇ. ئۇنىڭ كۈچ ئىگىسىدىن باشقا بىر ھەق تەلەپ قىلىش ھەققى بولمايدۇ.

كۈچ ئىگىسى پۇل – كۈچ شېرىكچىلىكىدىن پايدا چىققان بولسا پايدىدىن كېلىشىمدە بەلگىلەنگەن نېسىۋىسىنى ئالىدۇ. پايدا چىقمىغان بولسا ھېچنەرسە ئالمايدۇ. چۈنكى، ئۇ ئۆزىنىڭ پايدىسى ئۈچۈنلا ئىشلىگەن بولۇپ، ئىش ھەققى ئېلىشقا لايىق ئەمەستۇر.

پايدىنى تەقسىم قىلىشتىن ئىلگىرى دەسمايە پۇل ئىگىسىگە تولۇق تاپشۇرۇلۇشى كېرەك. دەسمايىنى پۇل ئىگىسىگە قايتۇرماستىن پايدا تەقسىم قىلىنسا توغرا بولمايدۇ. چۈنكى، بەزى ئەھۋالدا پايدىنى تەقسىم قىلىپ، بۆلۈشۈپ بولغاندىن كېيىن دەسمايىنى تېخى تاپشۇرۇپ بەرمىگەن بولسا، دەسمايە مەلۇم بىر سەۋەبتىن يوق بولۇپ ئىشلىتىلىۋېتىپ قالسا، پۇل ئىگىسى پايدىدىن تاپشۇرۇپ ئالغان پۇلنىڭ بىر قىسمى دەسمايىدىن بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. كۈچ ئىگىسىنىڭ پايدا ئورنىدا دەپ ئالغىنى دەسمايىدىن ئالغان قەرز پۇل ھېسابىدا بولىدۇ. دېمەك، توغرا ئۇسۇل بويىچە ئىش قىلىش نۇرغۇن جېدەل – ماجىرا ۋە باش ئاغرىقلىرىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ(12).

پۇل – كۈچ كېلىشىمىدە زىياننىڭ ھەممىنى پۇل ئىگىسى كۆتۈرۈشى ئادالەتسىزلىكمۇ؟

پۇل – كۈچ شېرىكچىلىكىدىكى كېلىشىمدە چىققان زىياننى پۇل ئىگىسى ئۆز ئۈستىگە ئالىدۇ. بۇ دېگەنلىك «كۈچ ئىگىسى ھېچقانداق زىيان تارتمايدۇ» دېگەنلىك بولمايدۇ. چۈنكى، زىيان چىققان ياكى ھېچ پايدا چىقمىغان تەقدىردە، كۈچ ئىگىسى كۈچىنى، ۋاقتىنى ۋە ئاققۇزغان تەرىنى زىيان تارتقان بولىدۇ. سەرپ قىلغان ۋاقىت بىلەن ئاققۇزغان تەرى ھەرگىز قىممەتسىز بىرنەرسە ئەمەس. پۇل ئىگىسىنىڭ زىيان تارتقان پۇلى چەكلىك بولىدۇ. بەزىدە پۇل ئىگىسىنىڭ تارتقان زىيىنى كۈچ ئىگىسىنىڭ زىيىنىدىن ئازراق بولىدۇ. مەسىلەن، «كۈچ ئىگىسى %60 پايدىنى ئالىدۇ» دەپ كېلىشكەن ئەھۋالدا، پۇل ئىگىسى كۈچ ئىگىسىنىڭ چىقارغان كۈچىنى ئۆزى چىقارغان پۇلدىن كۆپرەك قىممەتكە ئىگە دەپ قارىمىغان بولسا، ئۇ بۇنداق تەقسىماتقا رازى بولمىغان بولاتتى.

بىز ھەرقانداق بىر كېلىشىم ئاساسىدا تىجارەت قىلغاندا چوقۇم شەرىئەتنىڭ كۆرسەتمىلىرىنى يېتەكچى قىلىشىمىز، شەرىئەت بەلگىلىمىسىگە ئەمەل قىلىشىمىز كېرەك. «تىجارەتچىلەر شۇنداق ئادەتلەنگەن» دەپ، شەرىئەتكە خىلاپ ئىش قىلساق بولمايدۇ.

«ئىسلام ئىقتىسادى تەتقىقات مەركىزى»دىكى شاملىق تەتقىقاتچى دوكتور رەفىق يۇنىس ئەلمىسرىي مۇنداق دەيدۇ: «بەزىلەر: ›پۇل – كۈچ شېرىكچىلىكى تىجارىتى پايدا چىققان ئەھۋالدا ئادىل، ئەمما پايدا چىقمىغان ياكى زىيان بولغان ئەھۋالدا ئادىل ئەمەس بولغان شېرىكچىلىك تۈزۈمى ئىكەن‹ دېيىشىدۇ. بىز بۇنىڭغا مۇنداق بىر مىسال ئالايلى: «دەسمايە بىر مىليون دوللار، پايدا يۈز مىڭ دوللار، پايدا تەڭ يېرىمدىن تەقسىملىنىدۇ». بۇنداق كېلىشىم بىزگە شۇنى كۆرسىتىدۇكى، بۇ كېلىشىمدىكى كۈچ دەسمايىگە باراۋەر كېلىدىغان قىممەتكە ئىگە. يەنى كۈچنىڭ پايدا تېپىشتىكى رولى دەسمايە بىلەن باراۋەر. بۇ دېگەنلىك، كۈچ ھەر جەھەتتىن پۇلنىڭ ئورنىدا تۇرىدۇ، دېگەنلىك بولمايدۇ، بەلكى ھەربىرىنىڭ ئۆز ئالدىغا ھۆكۈملىرى بار. بۇ كېلىشىمدە ھەربىر تەرەپ ئەللىك مىڭ دوللاردىن پايدا ئالسا، يۇقىرىدا ئېتىراز بىلدۈرگۈچىلەرنىڭ نەزەرىدە بۇ ھېچقانداق مەسىلە ھېسابلانمايدۇ. چۈنكى، ئۇلار بۇنداق پايدا چىققان ئەھۋالدا پۇل – كۈچ شېرىكچىلىكى كېلىشىمى ئادىل بولدى، دەپ قارايدۇ. بىراق، پايدا چىقمىغان ياكى زىيان چىققان ئەھۋالدا كۈچ ئىگىسى بۇ زىياننى تارتىشقا شېرىك بولمىسا، ئۇلار ئادالەتسىزلىك بولدى، دەپ قارايدۇ. ئەمەلىيەتتە، ئۇلار پۇلنىڭ زايە بولۇپ كەتكەنلىكىگىلا قاراپ، كۈچنىڭ زايە بولۇپ كەتكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلمىغان. شۇنداقلا پۇل بىلەن كۈچنىڭ ھەربىرىدە قانچىلىك زىيان بولىدىغانلىقىغا قارىمىغان. ئەمەلىيەتتە، پايدا چىقمىغان ئەھۋالدا پۇل ئىگىسىگە دەسمايە سالغان پۇلى قايتىدۇ. كۈچ ئىگىسىگە بولسا دەسمايە سالغان كۈچى، ئاققۇزغان تەرى ۋە ۋاقتى قايتمايدۇ. بۇنىڭ مەنىسى شۇكى، كۈچ ئىگىسى كۈچىدىن زىيان تارتتى، پۇل ئىگىسى پايدىسىدىن. بۇنى باشقىچە قىلىپ ئېيتساق، پۇل ئىگىسى پۇلىدىن ھېچ زىيان تارتمىدى، كۈچ ئىگسى بولسا بارلىق كۈچىنى زىيان تارتتى، دېگەنلىك بولىدۇ.

زىيان چىققان ئەھۋالدىچۇ؟ مەسىلەن، زىياننى يۈز مىڭ دوللار دەيلى، بۇنداق ئەھۋالدا، پۇل ئىگىسىگە 900 مىڭ دوللار قايتىدۇ، كۈچ ئىگىسىگە بولسا ھېچ نەرسە قايتمايدۇ. بۇنىڭ مەنىسى شۇكى، كۈچ ئىگىسى بارلىق كۈچىدىن زىيان تارتقان بولىدۇ، بىراق پۇل ئىگىسى بولسا پەقەت پۇلىنىڭ بىر قىسمىدىنلا زىيان تارتقان بولىدۇ.

بۇ يەردە شۇنىڭغا دىققەت قىلىش كېرەككى، پۇل ئىگىسىنىڭ بۇ ئەھۋالدا تارتقان زىيىنى ئۆزى چىقارغان پۇل مىقدارى بىلەنلا چەكلىنىدۇ. زىيان دەسمايىدىن ئېشىپ كەتسە ئاشقان دەسمايىنى كۈچ ئىگىسى ئۆز يېنىدىن تۆلەيدۇ. بۇنداق ئەھۋاللار كۈچ ئىگىسى پۇل ئىگىسىنىڭ رۇخسىتىسىز باشقىلاردىن قەرز ئالغاندا يۈز بېرىدۇ.

زىيان پۇل ئىگىسىگە بولىدۇ. بەزىدە بۇ تارتقان زىيان دەسمايىدىن ئازراق بولىدۇ، بەزىدە دەسمايىنىڭ ھەممىسى بولىدۇ. بۇنىڭ ئەكسىچە، پۇل – كۈچ شېرىكچىلىكى تىجارىتىدىن پايدا چىقمىغان ئەھۋالدا كۈچ ئىگىسى چىقارغان پۈتۈن كۈچىنى زىيان تارتقان بولىدۇ، ئۇنىڭ زىيىنى كۈچىدىنلا ئىبارەت بولىدۇ. مەيلى ئازراق ياكى كۆپرەك زىيان بولسۇن، يەنىلا كۈچىدىن باشقا ئارتۇق زىيان تارتمايدۇ. دېمەك، ئۇنىڭ زىيىنى پايدا بولمىغان ئەھۋالدىن تارتىپ قانچىلىك زىيان بولغانغا قەدەر، ئۆزگەرمەي بىر خىل تۇرىدۇ. چۈنكى، پۇل – كۈچ شېرىكچىلىكى كېلىشىمى «پايدا بولۇپ قالار» دېگەن پەرەز ئۈستىگە قۇرۇلغان. پايدا چىقماي قالسا ياكى ئازدۇر – كۆپتۇر زىيان چىقسا، كۈچ ئىگىسىنىڭ زىيىنى مۇشۇ مىقداردىن ئۆزگەرمەيدۇ. ئەمما، پۇل ئىگىسىنىڭ بولسا دەل بۇنىڭ ئەكسىچە. بارلىق دەسمايە زىيان بولغان ئەھۋالدا پۇل ئىگىسى بارلىق پۇلىنى زىيان تارتقان بولىدۇ، كۈچ ئىگىسىمۇ بارلىق كۈچىنى زىيان تارتقان بولىدۇ.

ئېتىراز بىلدۈرگۈچىلەر مۇنداق دەيدۇ: «كۈچ ئىگىسى %99 پايدىنى، پۇل ئىگىسى %1 پايدىنى ئالىدىغان بولۇپ كېلىشىم قىلغان بولسا، كېلىپ چىقىدىغان زىياننىڭ ھەممىسىنى بىر پىرسەنت پايدا ئالىدىغان پۇل ئىگىسى تارتىشى، 99 پىرسەنت پايدا ئالىدىغان كىشى پەقەت زىيان تارتماسلىقى ئەقىلگە مۇۋاپىقمۇ؟ ئەمەلىيەتتە، بۇنداق دەيدىغانلار پايدىنىڭ تەقسىمات نىسبىتىنىڭ نېمىگە دالالەت قىلىدىغانلىقىغا دىققەت قىلمىغان. چۈنكى، پايدىنىڭ مۇشۇنداق نىسبەتتە تەقسىم قىلىنىشى كۈچ ئىگىسىنىڭ چىقارغان كۈچىنىڭ پۇل ئىگىسىنىڭ پۇلىدىن 99 ھەسسە يۇقىرى قىممەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ. مەسىلەن، بىز كۈچ ئىگىسى چىقارغان كۈچنى 99 دوللارغا باراۋەر دەپ قارىساق، پۇل بىر دوللار بولسا، زىيان بولغان ئەھۋالدا كۈچ ئىگىسى كۈچىنى زىيان تارتىدۇ. پۇل ئىگىسى بىر دوللاردىن ئارتۇق زىيان تارتمايدۇ. ئۇنداق بولسا بۇنىڭدا زۇلۇم بولامدۇ؟ بەلكى بۇنداق ئەھۋالدا، ئۇلارنىڭ دېگىنىنىڭ ئەكسىچە «كۈچ ئىگىسىگە زۇلۇم قىلىندى» دېيىلىشى مۇمكىن.

لېكىن، ئوبدان مۇلاھىزە قىلىدىغان بولساق بۇ پۇل – كۈچ كېلىشىمىنىڭ ئىككى تەرەپنىڭ ئوتتۇرىسىدا ئادىل بىر كېلىشىم بولغانلىقى ئېنىقلىنىدۇ. چۈنكى، زىيان دېگەن ھەر ئىككى تەرەپكە نىسبەتەن ئالىدىغان پايدىغا قاراپ بولىدۇ. پۇلىنىڭ ئاۋۇشى پۇل ئىگىسىگە نىسبەتەن پايدا ھېسابلىنىدۇ، كېمىيىپ كېتىشى زىيان ھېسابلىنىدۇ. مانا بۇ «پايدا زىيانغا قاراپ بولىدۇ» دېگەن قائىدىگە ئۇيغۇندۇر. چۈنكى، پۇل ئىگىسى ئالىدىغان پايدا كېلىشىمدە ئۇنىڭغا بەلگىلەنگەن ئۈلۈشتىن ئىبارەتتۇر. بۇ ئۇنىڭ زىيان بولغان ئەھۋالدا ئۆز ئۈستىگە ئالغان زىيىنىغا قارىتا بولىدۇ. كۈچ ئىگىسى ئالىدىغان پايدىمۇ كېلىشىمدە ئۇنىڭغا بەلگىلەنگەن ئۈلۈشتىن ئىبارەتتۇر. ئۇمۇ زىيان بولغان تەقدىردە، زىياننى ئۆزى چىقارغان كۈچىگە قارىتا تارتىدۇ. ئەمما، ئۇنىڭ زىيىنى پۇلدا بولمايدۇ. چۈنكى، ئۇ بۇ شېرىكچىلىككە ھېچقانداق پۇل قاتمىغان.

خۇلاسە شۇكى، پۇل – كۈچ شېرىكچىلىكى پايدا ئالغان ئەھۋالدىمۇ، زىيان تارتقان ئەھۋالدىمۇ ئادىل ھېسابلىنىدىغان شېرىكچىلىكتۇر. لېكىن، بۇ يەردە پايدىنى ئۆز لايىقىدا توغرا تەقسىم قىلىشقا كېلىشىش ئۈچۈن، كۈچ ئىگىسىنىڭ كۈچىنى توغرا باھالاشقا دىققەت قىلىش كېرەك. شۇنداقلا پايدىنىڭ تەقسىمات نىسبىتىنىڭمۇ كۈچ ئىگىسى چىقارغان كۈچنىڭ قىممىتىنى توغرا بەلگىلىيەلەيدىغانلىقىغا دىققەت قىلىش كېرەك. ئىمام سەرەخسىي مۇنداق دېگەن: «كېلىشىم تۈزگەندە مەنپەئەت مەلۇم قىممەت بىلەن باھالىنىدۇ. دېمەك، ئۇ ئىككى تەرەپنىڭ ھەربىرىنىڭ قوشقان نەرسىسى ئۆزى ئېلىشنى شەرت قىلغان پايدا بىلەن باھالىنىدۇ»(13).

پۇل – كۈچ كېلىشىمىدە ئىككى تەرەپ ئالىدىغان پايدا نىسبىتى قارىسىغا بەلگىلەنمەيدۇ، بەلكى كۈچ چىقارغۇچىنىڭ بازاردا ئىشلەپ ئالالايدىغان مۇقىم ئىش ھەققىگە باراۋەر كېلىدىغان مىقدارغا يېقىن ھالدا مۆلچەرلىنىپ بەلگىلىنىدۇ. بۇنىڭغا مەلۇم مىقداردا تەۋەككۇلچىلىك قىلىش بەدىلى قېتىلىدۇ. چۈنكى، ئۇنىڭ ئالىدىغان پايدىسى خەتەرگە تەۋەككۇلچىلىك قىلىدىغان ئېھتىماللىقى بار پايدىدۇر، ئۇنىڭ پۇل – كۈچ كېلىشىمىدىن زىيان تارتىشى ياكى پەقەت پايدا ئالالماسلىق ئېھتىمالىمۇ بار. دېمەك، ئۇنىڭ ئىش ھەققى مۇقىم بەلگىلەنگەن كاپالەتلىك ئىش ھەققى ئەمەس. تۈزۈلگەن پۇل – كۈچ كېلىشىمىمۇ ئادەتتە ھەم نەزەرىيە، ھەم ئەمەلىيەت جەھەتتىن ئېيتقاندا، كۈچ ئىگىسى ئۆزى قوبۇل قىلالايدىغان مەلۇم دەرىجىدە ئېھتىماللىقى بولغان مۇۋاپىق پايدىنى كۆزلىگەندىلا ئاندىن پۈتىدۇ. ئەلبەتتە، بۇ پايدا ئۇنىڭ بازاردا ئالىدىغان مۇقىم ئىش ھەققىگە قارىغاندا خەتەرگە تەۋەككۈل قىلغانغا لايىق دەرىجىدە ئارتۇق بولۇشى كېرەك. بولمىسا، ئۇ ئەلبەتتە، بازاردا ئىشلەپ، خەتىرى يوق مۇقىم پايدىنى ئېلىشنى تاللىغان بولاتتى»(14).

داۋامى بار…

«ساجىيە ئىسلام تەتقىقات مەركىزى»

——————
1. دوكتور زۇھەيلىي: «ئەلفىقھۇل ئىسلامىي ۋە ئەدىللەتۇھۇ»،4/837.
2. ئىبنى قۇدامە: «ئەلمۇغنىي»، 5/40.
3. ئىبنى رۇشد: «بىدايەتۇل مۇجتەھىد»، 2/226؛ ئىبنى قۇدامە: «ئەلمۇغنىي»، 5/184؛ زەيلەئىي: «تەبيىينۇل ھەقائىق»، 14/75، 76؛ ئىبنى ھەزم: «ئەلمۇھەللا»، 9/247.
4. «تىرمىزىي»، (1206). تىرمىزىي «ھەسەن، سەھىھ» دېگەن.
5. «تىرمىزىي»، (1234). ئالبانىي: «ھەسەن، سەھىھ» دېگەن.
6. كاسانىي: «بەدائىئۇسسەنائىئـ»، ئىبنى قۇدامە: «ئەلمۇغنىي»؛ ئىبنى رۇشد: «بىدايەتۇل مۇجتەھىد»؛ ماۋەردىي: «ئەلھاۋىي ئەلكەبىر». يۇقىرىقى بەتلەر.
7. كاسانىي: «بەدائىئۇسسەنائىئـ»، 6/87؛ ئىبنى رۇشد: «بىدايەتۇل مۇجتەھىد»، 2/234؛ ئىبنى قۇدامە: «ئەلمۇغنىي»، 5/69؛ دوكتور زۇھەيلىي: «ئەلفىقھۇل ئىسلامىي ۋە ئەدىللەتۇھۇ»،4/854؛ شەيخ ئابدۇلھەمىد تاھماز: «الفقه الحنفي في ثوبه الجديد»، 55/73 – 77؛ ئىلمىي گۇرۇپپا: «مەجەللەتۇل ئەھكامىل ئەدلىييە»، 1420 – 1422 – ماددا.
8. قرار «مجمع الفقه الإسلامي»، رقم 5 من الدورة الرابعة.
9. ئىبنى قۇدامە: «ئەلمۇغنىي»،5/53؛ ئىبنى رۇشد: «بىدايەتۇل مۇجتەھىد»، 2/236؛ دوكتور زۇھەيلىي: «ئەلفىقھۇل ئىسلامىي ۋە ئەدىللەتۇھۇ»،4/854.
10. «فتاوى المستشار الشرعي لمجموعة البركة»، 2 – توم، 107 – نومۇرلۇق پەتۋا.
11. قرار «مجمع الفقه الإسلامي»، رقم 5 من الدورة الرابعة.
12. ئىبنى قۇدامە: «ئەلمۇغنىي»،5/51؛ دوكتور زۇھەيلىي: «ئەلفىقھۇل ئىسلامىي ۋە ئەدىللەتۇھۇ»، 4/867 – 868 .
13. سەرەخسىي: «ئەلمەبسۇت»، 11/15.
14. ئەسلى تېكىستتىن ئازراق قىسقارتىپ ئېلىندى.

Please follow and like us:

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ