شەرىئەتتىكى پۇل – كۈچ شېرىكچىلىك تۈزۈمى(1)

نظام المضاربة في الشريعة الإسلامية

 

دوكتور ئابدۇلئەزىز رەھمەتۇللاھ

«پۇل – كۈچ شېرىكچىلىكى» دېگىنىمىز، بىر تەرەپنىڭ پۇل، يەنە بىر تەرەپنىڭ كۈچ چىقىرىشى بىلەن چىققان پايدىدا شېرىكلىشىش ئۈچۈن قۇرۇلغان شېرىكچىلىكتۇر. بۇنداق شېرىكلىشىش ئۇسۇلى ئىسلام فىقھىسىدا «ئەلمۇزارەبە» ياكى «ئەلقىراز» ۋە ياكى «ئەلمۇئامەلە» دەپ ئاتىلىدۇ. بۇنىڭ مەنىسى: پۇل ئىگىسى بىلەن كۈچ ئىگىسىنىڭ پايدىنى مەلۇم پىرسەنت بويىچە بۆلۈشۈش مەقسىتىدە، پۇل ئىگىسى چىقارغان پۇلنى كۈچ ئىگىسى چىقارغان كۈچ بىلەن ئايلاندۇرۇشقا كېلىشىشتىن ئىبارەتتۇر([1]).

بىز بۇ مۇئامىلە ئۇسۇلىنى ئۇيغۇرچىدا باشقا مۇئامىلە ئۇسۇللىرىدىن پەرقلەندۈرۈپ دەل ئىپادىلەش ئۈچۈن «پۇل – كۈچ شېرىكچىلىكى» دەپ ئاتىساق بولىدۇ. چۈنكى، بۇ ئاتالغۇ بۇ خىل شېرىكچىلىكنىڭ ماھىيىتىنى تىلىمىزدا چۈشىنىشلىك ئىپادىلەپ بېرىدۇ.

پۇل – كۈچ شېرىكچىلىكى سەرمايىدە ئەمەس، پايدىدا شېرىكلىشىشتىن ئىبارەتتۇر. چۈنكى، پۇل – كۈچ شېرىكچىلىكىدە پايدا چىقمىسا شېرىكلىك بولمايدۇ. ئەمما، باشقا شېرىكچىلىكتە بولسا ھەم سەرمايىدە، ھەم پايدىدا شېرىكلىشىدۇ. مانا بۇ پۇل – كۈچ شېرىكچىلىكى بىلەن باشقا شېرىكچىلىكنىڭ تۈپكى پەرقىدۇر. پۇل – كۈچ شېرىكچىلىكى تۈزۈمىدە پايدا چىقمىسا شېرىكلىشىش ۋۇجۇتقا چىقمىغاچقا، بەزى ئالىملار ئۇنى شېرىكچىلىك دەپ قارىمىغان. قانداقلا بولمىسۇن، پۇل – كۈچ شېرىكچىلىكىدە پايدا مەقسەت بولغاچقا، ئۇنى شېرىكچىلىك دەپ ئاتىۋەتسەكمۇ چوڭ مەسىلە يوق.

ئەمەلىيەتتە، پۇل – كۈچ شېرىكچىلىكى ھەربىر باسقۇچىدا كېلىشىمنىڭ بىر تۈسىنى ئالىدۇ، شۇڭا، پۇل – كۈچ ھەققىدە ئالىملارنىڭ مۇنداق بىر مەشھۇر سۆزى باردۇر: «پۇل – كۈچ شېرىكچىلىكى دەسلەپتە پۇل تاپشۇرغان چاغدا ئامانەت، پۇلنى ئايلاندۇرغاندا ۋاكالەت، پايدا چىققاندا شېرىكچىلىك، خىلاپلىق قىلغاندا تارتىۋېلىش، ›پايدىنىڭ ھەممىسىنى پۇل ئىگىسى ئالىدۇ‹ دەپ شەرتلەشكەندە سېتىپ قويۇش، ›پايدىنىڭ ھەممىسىنى كۈچ ئىگىسى ئالىدۇ‹ دەپ شەرتلەشكەندە قەرزدىن ئىبارەت بولىدۇ».([2]) يەنە بەزىلەر بۇ سۆزگە: «پۇل – كۈچ شېرىكچىلىكى بۇزۇلسا كۈچ ئىگىسى پەقەت ئىشلەمچىدىنلا ئىبارەت بولىدۇ» دېگەن سۆزنى قېتىپ قويۇشقان([3]).

 

پۇل – كۈچ كېلىشىمى نېمە ئۈچۈن ئەھمىيەتلىك؟

ئاللاھ تائالا بەندىلەرنى ئۆز ھېكمىتى بىلەن ھەر خىل ئىقتىداردا ياراتقان بولۇپ، ئۇلارنىڭ بەزىسى ئەقىللىق ۋە تەدبىرلىك، بەزىسى دۆت ۋە تەدبىرسىز، بەزىسى كۈچلۈك، بەزىسى ئاجىز، بەزىسى باي، بەزىسى نامرات، بەزىسى تىجارەت قىلالايدۇ، بەزىسى قىلالمايدۇ، بەزىسى ھەتتا قولىدا پۇل بولغىنى بىلەن ئۇنى قانداق كۆپەيتىشنى بىلمەيدۇ، بەزىلەرنىڭ پۇل ئاۋۇتۇش ئىقتىدارى بولغىنى بىلەن يېتەرلىك پۇلى بولمايدۇ. بىز ئادەتتە، بۇنداق ئەھۋاللارنى كۆپ ئۇچرىتىپ تۇرىمىز. مەسىلەن، بەزى كىشىلەرنىڭ قولىدا پۇل بولغىنى بىلەن ئۇنى ئايلاندۇرغىدەك كۈچ، ياكى ۋاقىت، ياكى ئەقىل، ۋە ياكى سالامەتلىكى يوق. ۋە ياكى تەجرىبىسى يوق بولغانلىقتىن قولىدىكى پۇلنى پايدىلىق بىر تىجارەتتە ئايلاندۇرالماي قالىدۇ. يەنە بىر قىسىم كىشىلەردە بولسا يېتەرلىك كۈچمۇ، ۋاقىتمۇ، ئەقىلمۇ، سالامەتلىكمۇ، تەجرىبىمۇ بار. شۇنداقلا بازار ئەھۋالى ۋە تىجارەتتىن خەۋىرىمۇ بار. ناۋادا ئۇلار تىجارەت قىلسا پايدا ئېلىشقا كۆزى يېتىدۇ. بىراق، بۇلاردا يېتەرلىك پۇل، سەرمايە يوق.

ئىسلام دىنى جەمئىيەتتىكى ھەربىر ئەزانىڭ ئۆزئارا ھەمكارلىشىپ، ئومۇمنىڭ مەنپەئەتى ئۈچۈن پايدىلىق ئىشلارنى قىلىشىنى تەشەببۇس قىلىدۇ ۋە زىيانلىق ئىشلارنى قىلىشىنى چەكلەيدۇ. پۇل – كۈچ شېرىكچىلىكى ئارقىلىق پۇلنى ئايلاندۇرۇش ئىشسىزلىقنى ئازايتىدۇ، موھتاج كىشىگە سەرمايە تەييارلاپ، ئۇنى ئىش بىلەن شۇغۇللاندۇرىدۇ، پۇلنى ئاۋۇتىدۇ، ئىقتىسادنى جانلاندۇرىدۇ. بۇ ئارقىلىق پۇل ئىگىسى بىلەن كۈچ ئىگىسى پايدىغا ئېرىشىپلا قالماي، جەمئىيەتكىمۇ مەنپەئەت يەتكۈزىدۇ.

پۇلنى بېسىپ يېتىپ ئاۋۇتمىغان تەقدىردە، بۇ پۇل تاكى زاكات ئايرىغۇدەك مىقداردىن ئازلاپ كەتمىگۈچە، زاكات ئايرىش ئارقىلىق كەملەپ ماڭىدۇ. پۇلنى ئاۋۇتماي بېسىپ ياتىدىغانلار پۇلنىڭ بۇنداق خوراپ كېتىشىگە چىداپ تۇرالمايدۇ – دە، زاكات بېرىشتىن باش تارتىدۇ. بۇنىڭ بىلەن ئۇلار ئىنتايىن خەتەرلىك ئاقىۋەت ــ گۇناھقا دۇچار بولىدۇ. چۈنكى، بۇلار پۇلنى بېسىپ يېتىۋېلىش ئارقىلىق پۇلنىڭ زاكىتىنى بەرمىگەنلىك ۋە پۇلنى ئىشقا سالماي، رولىنى جارى قىلدۇرمىغانلىقتىن ئىبارەت ئىككى چوڭ خاتالىقنى سادىر قىلغان بولىدۇ.

ئەمەلىيەتتە، ئىسلام دىنى پۇلنى بېسىپ يېتىۋالماي، ئۇنىڭ جەمئىيەتتىكى ئىقتىسادىي رولىنى جارى قىلدۇرۇشقا بۇيرۇغان. ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە پۇلىنى ئاللاھ يولىدا خەجلىمەي بېخىللىق قىلغانلارنى قاتتىق ئاگاھلاندۇرغان: ﴿ئالتۇن – كۈمۈش يىغىپ، ئۇنى ئاللاھنىڭ يولىدا سەرپ قىلمايدىغانلارغا ئەلەملىك ئازاب بىلەن بېشارەت بەرگىن. ئۇ كۈندە ئۇ بايلىقلار جەھەننەمنىڭ ئوتىدا قىزىتىلىپ، ئۇنىڭ بىلەن ئۇلارنىڭ پېشانىلىرى، يانلىرى ۋە دۈمبىلىرى داغلىنىدۇ. ئۇلارغا: «بۇ سىلەرنىڭ ئۆزۈڭلار ئۈچۈن يىغقان بايلىقىڭلار، يىغقان بايلىقىڭلارنىڭ ۋابالىنى تېتىڭلار» دېيىلىدۇ﴾([4]).

يەنە بىر تەرەپتىن، پۇل زاكات بېرىش ئارقىلىق خوراپ تۈگەپ كەتمەسلىكى ئۈچۈن، ئىسلام دىنى پۇلنى ئاۋۇتۇپ تۇرۇشنى تەشەببۇس قىلغان. رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: «كىم يېتىم – يېسىرنىڭ مال – مۈلكىدىن خەۋەر ئالىدىغان بولسا، ئۇنىڭدا تىجارەت قىلسۇن، زاكات ئۇنى خورىتىۋەتمەسلىكى ئۈچۈن تاشلاپ قويمىسۇن»([5]). ھەزرىتى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دېگەن: «يېتىم – يېسىرلارنىڭ مال – مۈلكىنىڭ زاكات بېرىش بىلەن خوراپ كەتمەسلىكى ئۈچۈن ئۇنى ئايلاندۇرۇپ تۇرۇڭلار»([6]).

يەنە بىر تەرەپتىن قارايدىغان بولساق، ھازىرقى جەمئىيەتتە كىشىلەردە ئامانەتكار بولۇش، ھارامدىن ساقلىنىش، باشقىلارنىڭ ھەققىنى يېمەسلىك، راستچىللىق دېگەندەك ھەربىر مۇسۇلماندا تېپىلىشى كېرەك بولغان ئاساسلىق ئەخلاقلار تېپىلغۇسىز دەرىجىدە كەم بولۇپ كەتتى. كىشىلەر بىر – بىرىگە ئىشىنىشمەيدىغان، «ئىشەنگەن تاغدا كىيىك ياتماپتۇ» دېگەندەك ئىشەنگەن كىشىلەر ئىشەنچسىز چىقىپ قالىدىغان، شېرىك شېرىكىنى ھەرخىل ئۇستىلىق ۋە ھىيلە – مىكىر بىلەن باپلىۋېتىدىغان، ھەتتا ئالغان قەرزنىمۇ بەرمەي تۇرۇۋالىدىغان ئەھۋاللار كۈندىلىك تۇرمۇشىمىزدا دائىم ئۇچراپ تۇرىدىغان ئادەتتىكى بىر ئەھۋالغا ئايلىنىپ قالدى. قىسقىسى، بىز مۇسۇلمانلار جەمئىيىتىدىمۇ باشقىلار بىلەن ئىقتىسادىي مۇئامىلە قىلىشتا خاتىرجەم بولالمايدىغان ۋەزىيەت شەكىللەندى. بۇنداق ئېغىر ۋەزىيەتتە باشقىلارغا ئىشەنچ قىلالمىغانلىقى ئۈچۈن، پۇل ئىگىلىرى پۇلىنى بىرسىگە بېرىپ ئايلاندۇرۇشتىن ياكى شېرىكلىشىشتىن قورقۇپ بانكىدا ساقلايدىغان، بۇنىڭ بىلەن ۋاسىتىلىق ياكى ۋاسىتىسىز ھالدا ئۆسۈم يەيدىغان، زاكات بەرمەيدىغان بولۇپ قالدى.

پۇلنى باشقا بىر ئۇسۇلدا ئايلاندۇرالماي قالغاندا تۆۋەندىكىدەك ئەھۋاللاردىن بىرىگە يولۇقىدۇ:

1. ھېچ ئىشقا ئىشلەتمەي بېسىپ يېتىش. بۇنداق ئەھۋالدا، زاكات ئايرىش پۇلنى تۈگىتىۋېتىدۇ ھەمدە پۇلنى ئاۋۇتۇش ئۈچۈن ئىشلەتمىگەنلىك گۇناھى يۈكلىنىدۇ.

2. ھېچ ئىشقا ئىشلەتمەي بېسىپ يېتىش ھەم زاكىتىنىمۇ بەرمەسلىك. بۇنداق ئەھۋالدا، نامراتلارنىڭ شەرىئەتتە بەلگىلەنگەن ھەققىنى بەرمىگەنلىك مەسئۇلىيىتىگە قالىدۇ. بۇندىن باشقا يەنە پۇلنى ئىشلەتمىگەنلىك گۇناھىمۇ يۈكلىنىدۇ.

3. پۇلنى ئايلاندۇرۇپ كۆپەيتمەي، باشقىلارغا ئۆسۈملۈك قەرز بېرىش ياكى بانكىدا ئۆسۈملۈك ئامانەت قويۇش. بۇ بارلىق ئەمەل – ئىبادەتنى بىكار قىلىۋېتىدىغان خەتەرلىك جازانە گۇناھىدۇر.

4. باشقىلارغا ئۆسۈمسىز قەرز بېرىپ تۇرۇش. بۇ ئەمەلىيەتتە، بىر ساۋابلىق ئىش بولۇپ، باشقىلارغا ئۆسۈمسىز قەرز بېرىپ تۇرغانلىقى ئۈچۈن ئەلۋەتتە، ئاللاھ تائالا قەرز بەرگۈچىنىڭ پۇلىغا بەرىكەت ئاتا قىلىدۇ. لېكىن، پۇلنى ئىشلەتمەي داۋاملىق قەرز بېرىپ تۇرۇۋەرگەندە، شۇ پۇل زاكات بېرىش ئارقىلىق تۈگەيدۇ. چۈنكى، باشقىلارغا قەرز بېرىپ تۇرغان پۇلنىڭ زاكىتىنى پۇل ئىگىسى بېرىشى كېرەك. بۇندىن باشقا يەنە قەرز ئالغۇچىلار ناچارلىق قىلىپ، قەرزنى قايتۇرماي ئاۋارە قىلىدىغان ئەھۋاللارمۇ كۆرۈلىدۇ.

5. پۇلنى باشقىلارغا پۇل – كۈچ شېرىكچىلىكى كېلىشىمى بويىچە پايدىنى تەقسىم قىلىش ئارقىلىق تىجارەتكە سېلىپ ئايلاندۇرۇش. بۇ يۇقىرىقى بىر قانچە ئىشقا قارىغاندا ئەڭ پايدىلىقى بولسا كېرەك. چۈنكى، پۇل – كۈچ شېرىكچىلىكىدە پۇل ئاۋۇيدۇ، زاكاتمۇ بېرىلىدۇ، بېسىپ يېتىش گۇناھىدىن، ئۆسۈم يېيىش ۋە يېگۈزۈش گۇناھىدىن ساقلىنىدۇ. پۇل تاپالمىغان كۈچ ئىگىسىگىمۇ ئىش باشلاش ئىمكانىيتى يارىتىپ، ئۇنىڭغا پايدا يەتكۈزىدۇ، جەمئىيەتتىكى ئىشسىزلىق نىسبىتىنىڭ تۆۋەنلىشىگە تۆھپە قوشىدۇ، شۇنداقلا تىجارەتنى تېخىمۇ جانلاندۇرىدۇ.

بىز مۇسۇلمانلار قوللىرىمىزدىكى ئىقتىسادىي بايلىقنى ھالال يول ئارقىلىق كۆپەيتىش ئۈچۈن يا پۇلنى ئۆزىمىز ئايلاندۇرىشىمىز، ياكى ئشەنچلىك، ئامانەتدار كىشىلەرنى تېپىپ، پۇل – كۈچ شېرىكچىلىكى قىلىش ئارقىلىق ئۇنى ئەمەلىي ئۈنۈمگە ئىگە قىلىشىمىز كېرەك. ئەلۋەتتە، جەمئىيەتتە ھەر زامان ئامانەتدار كىشىلەر بولماي قالمايدۇ، زىيان تارتىشقا تەۋەككۈلچىلىك قىلىشتىن قورقۇپ پۇلنى ئىشلەتمەي قالساق، ئاخىرى ئاللاھ پەرز قىلغان زاكاتنى بەرمەيدىغان بولۇپ قالىمىز ياكى بولمىسا، ئاللاھقا جەڭ ئېلان قىلىش دەپ سۈپەتلەنگەن جازانە يولىغا كىرىپ قالىمىز. پۇل – كۈچ شېرىكچىلىكى كېلىشىمىدە تارتىپ قېلىش ئېھتىماللىقى بولغان زىيان يۇقىرىقى دىنىي جەھەتتىكى زىيانلارغا قارىغاندا يەنىلا ئەڭ يەڭگىل زىيان ھېسابلىنىدۇ.

ھەقىقىي مۇسۇلمان دېگەن خىيانەت قىلمايدىغان، يالغان سۆزلىمەيدىغان، شېرىكىگە يامان نىيەتتە بولمايدىغان ئامانەتدار، راستچىل كىشدۇر. مۇشۇنداق كىشىلەردىن خاتىرجەم بولۇپ، ئۇلارغا پۇل – كۈچ شېرىكچىلىكى قىلىشقا پۇل بېرىشكە بولىدۇ. مۇشۇنداق كىشىلا پۇلنى قوغداپ، تىجارەتتە ئايلاندۇرۇپ پايدا تاپالايدۇ. بۇنداق كىشىلەر تېپىلمىسا، پۇلنى خىيانەت قىلىدىغان، بۇزۇپ – چېچىۋېتىدىغان ياكى تىجارەتنى ئوڭشاپ قىلالمايدىغان ئەبگار كىشىلەرگە تۇتقۇزۇپ، پۇل – كۈچ شېرىكچىلىكى قىلىشقا بولمايدۇ. چۈنكى، پۇلنى بۇنداق زايە قىلىۋېتىدىغانلارغا تۇتقۇزۇشنى جانابىي ئاللاھ بۇ سۆزى ئارقىلىق چەكلىگەن: ﴿ئاللاھ تىرىكچىلىكىڭلارنىڭ ئاساسى قىلغان مال – مۈلكۈڭلارنى ئەخمەقلەرگە تۇتقۇزماڭلار﴾([7]).

شۇڭا، پۇل – كۈچ شېرىكچىلىكىگە قەدەم قويغاندا ئىشەنچلىك، ئامانەتدار، راستچىل، ئېسىل كىشىلەرنى تاللاش ئىتايىن زۆرۈر. چۈنكى، پۇل – كۈچ كېلىشىمى پۈتۈنلەي ئامانەت ئۈستىگە قۇرۇلىدىغان كېلىشىمدۇر. شۇڭا، كۈچ ئىگىسى «پايدا چىقمىدى» ياكى «زىيان چىقتى» دېسە، ئۇ بىر قەسەم قىلىپ بەرسىلا، ئۇنىڭ سۆزى كۈچكە ئىگە بولۇپ كېتىدۇ.

شەخس ۋە جەمئىيەت ئىقىسادى ئۈچۈن پايدىلىق ھەم رولى چوڭ بولغانلىقى ئۈچۈن، ئىسلام شەرىئىتى پۇل – كۈچ شېرىكچىلىكىنى يولغا قويغان. تۆۋەندە بىز پۇل – كۈچ شېرىكچىلىكىگە ئائىت بىر قاتار ئەھكاملارنى بايان قىلىپ ئۆتىمىز:

 

پۇل – كۈچ شېرىكچىلىكىنىڭ جائىزلىقىنىڭ دەلىللىرى

1. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: ﴿يەنە بەزىلەر ئاللاھنىڭ پەزلىنى تىلەپ، يەر يۈزىدە سەپەر قىلىدۇ﴾([8]).

﴿جۈمە نامىزى ئوقۇلۇپ بولغان ھامان زېمىنغا تارىلىپ، ئاللاھنىڭ پەزلىدىن تەلەپ قىلىڭلار، مەقسىتىڭلارغا ئېرىشىش ئۈچۈن ئاللاھنى كۆپ ياد ئېتىڭلار!﴾([9]).

﴿پەرۋەردىگارىڭلاردىن رىزىق تەلەپ قىلساڭلار سىلەرگە ھېچ گەپ بولمايدۇٍ﴾([10]).

ئىمام ماۋەردى مۇنداق دېگەن: «بۇ ئايەتلەرنىڭ ئومۇمىي مەزمۇنى پۇل – كۈچ شېرىكچىلىكىنىڭ جائىزلىقىنى بىلدۈرىدۇ. چۈنكى، پۇل – كۈچ شېرىكچىلىكىدە ئاللاھتىن رىزىق تەلەپ قىلىش ۋە پۇل ئاۋۇتۇش مەنىسى بار»([11]).

2. رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: «كىشىلەرنى ئاللاھ ئۇلارغا بىر – بىرى ئارقىلىق رىزىق بېرىشى ئۈچۈن قويۇۋېتىڭلار»([12]). ئىمام ماۋەردى بۇ ھەدىسنى دەلىل قىلىپ مۇنداق دېگەن: «پۇل – كۈچ كېلىشىمىدە كىشىلەر بىر – بىرى ئارقىلىق رىزىق تېپىشىدۇ»([13]).

3. رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ھەزرىتى خەدىچە رەزىيەللاھۇ ئەنھا بىلەن پۇل – كۈچ كېلىشىمى قىلىپ شامغا تىجارەتكە بارغانلىقى، ھەزرىتى خەدىچەنىڭ ئۇنىڭ بىلەن مەيسەرە دېگەن بىر خىزمەتچىسىنى بىللە ئەۋەتكەنلىكى رىۋايەت قىلىنغان.([14]) رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ بۇ ۋەقەلىكنى پەيغەمبەرلىكتىن كېيىن سۆزلەپ بەرگەنلىكى ئۇنىڭ جائىزلىقىنى بىلدۈرىدۇ([15]).

4. رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ساھابىسى ھەكىم ئىبنى ھىزام رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىشىچە، ئۇ بىرسىگە پۇل – كۈچ شېرىكچىلىكى مۇئامىلىسىدە پۇل بەرگەندە، ئۇنىڭغا: «پۇلۇمغا تىرىك ھايۋان ئالمايسەن، دېڭىزغا سەپەرگە چىقمايسەن، سۇ ئاپىتىگە ئۇچرايدىغان رايونغا بارمايسەن، بۇلارنىڭ بىرىنى قىلساڭ پۇلۇمنى تۆلەيسەن» دەپ شەرت قوياتتى([16]).

5. ئىمام مالىك زەيدتىن، زەيد ئاتىسى ئەسلەمدىن رىۋايەت قىلىشىچە، ئۇ مۇنداق دېگەن: «ئۆمەر ئىبنى خەتتابنىڭ ئىككى ئوغلى ئابدۇللاھ ۋە ئۇبەيدۇللاھ بىر قوشۇن بىلەن ئىراققا يۈرۈش قىلدى. ئۇلار قايتىشىدا بەسرە شەھىرىنىڭ ۋالىيسى ئەبۇ مۇسا ئەلئەشئەرىينىڭ قېشىغا كىرىپ ئۆتتى. ئۇ بۇ ئىككىيلەننى قىزغىن قارشى ئېلىپ كۈتۈۋالدى، ئاندىن ئۇلارغا: «سىلەرگە پايدىلىق بىر ئىش قىلالايدىغان بولسام قىلىپ بېرەتتىم» دېدى، كېيىن ئۇ: «ھە راست! بۇ يەردە ئاللاھ يولىدا ئىشلىتىشكە ئاتالغان بىرئاز پۇل بار، بۇنى ئەمىرۇل مۇئمىنىنگە ئەۋەتمەكچى ئىدىم. مەن بۇ پۇلنى سىلەرگە قەرز بېرىپ تۇراي، سىلەر بۇ پۇلغا ئىراقنىڭ مېلىدىن ئېلىپ، ئۇنى مەدىنىگە ئېلىپ بېرىپ سېتىپ، ئانا پۇلنى ئەمىرۇل مۇئمىنىنگە بېرىڭلار، پايدىسى سىلەرنىڭ بولسۇن» دېدى. ئۇ ئىككىيلەن: «بىز بۇنى خالايمىز» دېيىشتى، شۇنداق قىلىپ ئەبۇ مۇسا پۇلنى ئۇلارغا بېرىپ، ئەمىرۇل مۇئمىنىنگە ئۇلاردىن ئانا پۇلنى تاپشۇرۇپ ئېلىش توغرۇلۇق مەكتۇپ يوللىدى. ئۇلار ئالغان ماللارنى سېتىپ پايدا ئالدى، ئاندىن ئانا پۇلنى ئۆمەرگە تاپشۇردى. ھەزرىتى ئۆمەر ئۇلاردىن: «سىلەرگە قەرز بەرگەندەك قوشۇندىكى ھەممە جەڭچىگە ئوخشاش قەرز بەردىمۇ؟» دەپ سورىدى، ئۇلار: «ياق» دېدى. بۇنى ئاڭلاپ ھەزرىتى ئۆمەر: «سىلەرنى ئەمىرۇل مۇئمىنىننىڭ ئوغۇللىرى دەپ قەرز بېرىپتۇ، ئانا پۇلنى پايدىسى بىلەن تاپشۇرۇڭلار» دېدى. ئابدۇللاھ لام – جىم دېمىدى، ئەمما ئۇبەيدۇللاھ: «ئى ئەمىرۇل مۇئمىنىن! بۇ مال كېمىيىپ ياكى يوقاپ كەتكەن بولسا بىز تۆلەيتتۇق ئەمەسمۇ؟ ئۇنداق بولغان ئىكەن، سىز بۇنداق قىلسىڭىز بولمايدۇ» دېدى. ئۆمەر: «پايدىسىنىمۇ تاپشۇرىسىلەر» دەپ چىڭ تۇردى. ئابدۇللاھ يەنە گەپ سۆز قىلمىدى، ئۇبەيدۇللاھ نارازىلىق بىلدۈرۈپ تۇردى. ھەزرىتى ئۆمەر بىلەن بىللە ئولتۇرغانلاردىن بىرى ئۇنىڭغا: «ئى ئەمىرۇل مۇئمىنىن! بۇنى پۇل – كۈچ شېرىكچىلىكى ھېسابىدا بىر تەرەپ قىلسىلا بولمامدۇ؟» دەپ تەكلىپ بەردى. ئۆمەر بۇ تەكلىپنى قوبۇل قىلىپ: «بۇنى پۇل – كۈچ شېرىكچىلىكى قىلىۋەتتىم» دېدى. شۇنداق قىلىپ ئۆمەر ئانا پۇل بىلەن پايدىنىڭ يېرىمىنى ئالدى، ئابدۇللاھ بىلەن ئۇبەيدۇللاھ پايدىنىڭ قالغان يېرىمىنى ئالدى([17]).

دېمەك، بۇ ۋەقەلىكتە ھەزرىتى ئۆمەر مەسىلىنى ھەم سۆز، ھەم ئەمەلىي ئىشى ئارقىلىق پۇل – كۈچ كېلىشىمى بويىچە بىر تەرەپ قىلغان. بۇ بەكلا مەشھۇر ۋەقەلىك بولغاچقا، شۇنداقلا سورۇندىكى ساھابىلەر بىرلىككە كېلىپ ماقۇل كەلگەن ۋەقەلىك بولغاچقا، ئىمام شافىئىي رەھمەتۇللاھى ئەلەيھى پۇل – كۈچ كېلىشىمىنى جائىز دېيىشتە مۇشۇ ۋەقەلىككە تايانغان([18]).

6. بۇ ھەقتە يەنە ھەزرىتى ئۆمەر، ئوسمان، ئەلى، ئىبنى مەسئۇد، ئىبنى ئۆمەر، ئابباس، جابىر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ۋە باشقا ساھابىلەردىن مۇشۇنداق پۇل – كۈچ شېرىكچىلىكى ئۇسۇلى بويىچە مۇئامىلە قىلغانلىقى رىۋايەت قىلىنغان([19]).

ئىمام شەۋكانى مۇنداق دېگەن: «ساھابىلەرنىڭ بۇ ئىشلىرىدىن مەلۇم بولىدۇكى، ساھابىلەر مۇشۇنداق پۇل – كۈچ شېرىكچىلىكىنى ھېچكىمنىڭ ئېتىرازىغا ئۇچرىماستىن قىلىشاتتى، بۇ ئۇلارنىڭ بۇنداق مۇئامىلە ئۇسۇلىنىڭ جائىزلىقىغا بىرلىككە كەلگەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ»([20]).

7. بارلىق ئىسلام ئۈممىتى پۇل – كۈچ شېرىكچىلىكىنىڭ جائىزلىقىدا بىرلىككە كەلگەن.

8. ئابدۇللاھ ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما مۇنداق دېگەن: «رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم خەيبەر ئاھالىسى بىلەن خەيبەر زېمىنىدىن چىقىدىغان مېۋە ۋە زىرائەت ھوسۇلىنىڭ يېرىمىغا شېرىكلىشىشكە كېلىشىپ مۇئامىلە قىلغان»([21]).

بۇ ھەدىستە دېيىلگىنى بىر تەرەپ زېمىن، يەنە بىر تەرەپ كۈچ چىقىرىش ئارقىلىق تېرىقچىلىق كېلىشىمى بويىچە ئىش قىلىش بولسىمۇ، بۇنىڭغا بىر تەرەپ پۇلنى، يەنە بىر تەرەپ كۈچنى چىقىرىدىغان پۇل – كۈچ كېلىشىمىنى قىياس قىلىشقا بولىدۇ. دېمەك، تېرىقچىلىق كېلىشىمىنىڭ جائىزلىقىنى كۆرسىتىدىغان بۇ ھەدىس پۇل – كۈچ كېلىشىمىنىڭ جائىزلىقىغا قىياس جەھەتتىن دەلىل بولىدۇ. چۈنكى، بۇ كېلىشىمنىڭ ھەر ئىككىسىدە ئىش قىلالمايدىغان مۈلۈك ئىگىسى بىلەن مۈلۈك ئىگىسى بولالمىغان كۈچ ئىگىلىرى تەڭ پايدىلىنىش بار([22]).

 

پۇل – كۈچ كېلىشىمىنىڭ جازانە كېلىشىمىدىن پەرقى

جازانە دېگەن باشقىلارنىڭ قان تەرىنى سۈمۈرۈش ۋە پۇرسەتپەرەسلىك قىلىشتىن ئىبارەتتۇر. چۈنكى، جازانە كېلىشىمىدە تەر ئاققۇزماستىن پايدا ئالىدۇ. پۇل – كۈچ كېلىشىمىدە پايدا چىقسا ھەربىر تەرەپ پايدىدىن نېسىۋىسىنى ئالىدۇ، زىيان چىقسىمۇ ھەربىر تەرەپ زىياندىن نېسىۋىسىنى ئالىدۇ. پۇل ئىگىسى پۇلىدىن ياكى كۆزلىگەن پايدىدىن، كۈچ ئىگىسى كۈچىدىن ياكى كۆزلىگەن پايدىدىن زىيان تارتىدۇ. پۇلنى باشقىلارغا بېرىپ، پەقەتلا زىيان تارتماي، مۇقىم، خەتىرى يوق پايدىغا ئېرىشىش بولسا كىشىنى ھۇرۇنلاشتۇرۇپ، ئىشلەپ ھەرىكەت قىلىش روھىنى يوق قىلىدۇ. دىلىنى قارايتىپ، پۇرسەتپەرەس، تەييارتاپ قىلىپ قويىدۇ. بۇنداق ئىللەتلەردىن جانابىي ئاللاھقا سىغىنىپ پاناھلىق تىلەش كېرەك([23]).

 

پۇل – كۈچ شېرىكچىلىكىدە كېلىشىم تۈزۈش ئۇسۇلى

پۇل – كۈچ شېرىكچىلىكىدە ئادەتتە، كېلىشىم تۈزۈش سالاھىيىتى بولغان ئاقىل، بالىغ ھەربىر كىشى كېلىشىم تۈزۈش سالاھىيىتى بار بولغان باشقا بىر كىشى بىلەن پۇل – كۈچ كېلىشىمى تۈزسە بولىدۇ. بىر تەرەپ تەكلىپ بەرسە، بىر تەرەپ قوبۇل قىلسا كېلىشىم پۈتكەن بولىدۇ. مەسىلەن، پۇل ئىگىسى: «بۇ مىڭ سومنى سىزگە پۇل – كۈچ كېلىشىمى بويىچە تىجارەت قىلىشقا بېرەي، سىز بۇنى تىجارەت قىلىپ ئايلاندۇرۇڭ. پايدىنىڭ يېرىمى ماڭا، يېرىمى سىزگە قالسۇن» دېسە، پۇلنى ئىشلىتىپ تىجارەت قىلىدىغان كىشى: «مەن بۇ شەرتنى قوبۇل قىلدىم» دېسە ياكى باشقا بىر سۆز بىلەن رازىلىقىنى بىلدۈرسە، پۇل – كۈچ شېرىكچىلىكى كېلىشىمى پۈتكەن بولىدۇ. ياكى بولمىسا، پۇل – كۈچ شېرىكچىلىكى دېگەن سۆزنى ئىشلەتمىسىمۇ، پۇل – كۈچ كېلىشىمىنىڭ مەزمۇنىنى ئىپادىلەيدىغان ھەرقانداق بىر ئىبارىنى ئىشلىتىپ كېلىشسە بولىدۇ. چۈنكى، كېلىشىم دېگەن سۆزنىڭ شەكلىگە قاراپ ئەمەس، بەلكى مەزمۇنىغا قاراپ بولىدۇ.

 

داۋامى بار.
———————————————————————————–
([1]) «الھداية»، 3/202؛ «المغني»، لابن قدامە، 5/15؛ «الفقه على المذاهب الأربعة»، 3/34؛ «الفقه الإسلامي وأدلته»، 4/874.
([2]) «درر الحكام شرح مجلة الأحكام»، 3/463؛ «التعريفات»، للجرجاني، 1/278.
([3]) «الفتاوى الهندية»، 4/288.
([4]) «تەۋبە»سۈرىسى، 34، 35 – ئايەتلەر.
([5]) «سنن الترمذي»، 641 – ھەدىس. تىرمىزى «ئاجىز» دەپ باھالىغان.
([6]) سنن البيهقي الكبرى، 7132 – ھەدىس؛ «سنن الدارقطني»، 2/210، 1996 – ھەدىس. ئىمام بەيھەقى «سەنەدى سەھىھ» دەپ باھالىغان.
([7]) «نىسا» سۈرىسى، 5 – ئايەتنىڭ بىر قىسمى.
([8]) «مۇززەممىل» سۈرىسى، 20 – ئايەتنىڭ بىر قىسمى.
([9]) «جۇمۇئە» سۈرىسى، 10 – ئايەت
([10]) «بەقەرە» سۈرىسى، 198 – ئايەتنىڭ بىر قىسمى.
([11]) «الحاوي الكبير»، 7/305؛ «الفقه الإسلامي وأدلته»، 4/837.
([12]) «مۇسلىم»، 15220 – ھەدىس.
([13]) «الحاوي الكبير»، 7/305.
([14]) «السيرة النبوية»، لابن هشام، 1/192.
([15]) «الحاوي الكبير»، 7/305.
([16]) «سنن الدارقطني»، 3077 – ھەدىس؛ «نصب الراية»، 3801 – ھەدىس.
([17]) «الموطأ»، 1389 – ھەدىس، بۇنى ئىمام دارىقۇتنىيمۇ رىۋايەت قىلغان. ھاپىز ئىبنى ھەجەر «سەنەدى سەھىھ» دېگەن؛ «نيل الأوطار»، 5/300.
([18]) «مختصر المزني مع الأم»، 3/60.
([19]) «نصب الراية»، 3800، 3807 – ھەدىسلەر؛ «السنن الكبرى»، للبيهقي، 6/111؛ «الموطأ»، 2/688.
([20]) «نيل الأوطار»، 5/300 – 301.
([21]) سەھىھەين: «بۇخارى»، 2328 – ھەدىس؛ «مۇسلىم»، 4044 – ھەدىس.
([22]) «الحاوي الكبير»، 7/306؛ «الفقه الإسلامي وأدلته»، 4 – توم، 839 – بەت.
([23]) «الفقه الحنفي في ثوبه الجديد»، 5/70.

Please follow and like us:

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز