شەرىئەتتە قەرز ئەھكاملىرى(4)

دوكتور ئابدۇلئەزىز رەھمەتۇللاھ

قەرزنىڭ ئۆسۈمىنى تۆلەش كېرەكمۇ؟

قەرزنىڭ ئۆسۈمى ئېنىق جازانە بولغاچقا، بىرەر جازانە مۇئامىلىسىگە كىرىپ قېلىپ كېيىن بۇ ھارام مۇئامىلىدىن قۇتۇلماقچى بولغان كىشى ئىختىيارىي ھالەتتە قەرزنىڭ ئانا پۇلىنى تۆلەيدۇ، ئۆسۈمىنى تۆلىمەيدۇ، تۆلىشى جائىز ئەمەس. چۈنكى، بۇ جازانە يېگۈزۈشتىن ئىبارەت لەنەت قىلىنغان ھارام ئىشتۇر. مەجبۇر بولۇپ قېلىش بۇنىڭ سىرتىدا.

 

قەرزگە بوغۇلغان كىشىنىڭ قەرزنى قايتۇرماي تۇرۇپ سەدىقە بېرىشى توغرىمۇ؟

قەرزنى ۋاقتىدا ئادا قىلىش ۋاجىپ، قەستەن ئارقىغا سۈرۈش زۇلۇم، سەدىقە قىلىش بولسا مۇستەھەپ ئىشتۇر. شۇڭا، قايتۇرۇش ۋاقتى كەلگەن قەرزنى تۆلىمەي تۇرۇپ سەدىقە قىلىشقا بولمايدۇ. زۇلۇمغا ئېلىپ بارىدىغانلىقى ئۈچۈن ئالىملار بۇ ئەھۋالدا سەدىقە بېرىشنى كۈچلۈك قاراشتا «ھارام» دېگەن([1]).

قەرز ئىگىسى قەرزىنى كېچىكتۈرۈپ ئېلىشقا ماقۇل بولسا ياكى قەرزنىڭ قايتۇرۇش ۋاقتى تېخى كەلمىگەن بولسا، «ۋاقتى كەلگەندە قەرزنى تۆلىيەلەيمەن» دەپ قارىسا، ئۇ چاغدا قەرزنى تۆلەشكە تەسىر كۆرسەتمىگۈدەك مىقداردا سەدىقە بەرگەچ تۇرسا بولىدۇ.

 

قايسىسىنىڭ قەرزىنى تۆلىشىگە ياردەم قىلىمەن؟

سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم! ئەگەر بىرى، مۇسۇلمان قېرىندىشىم، يەنە بىرى، قان قېرىندىشىم بولغان ئەھۋالدا، مەن قايسىسىنىڭ قەرزىنى تۆلىشىگە ياردەملەشكىنىم ئەۋزەلرەك؟ قان قېرىندىشىم قىماردىن قەرزدار بولغان، مۇسۇلمان قېرىندىشىمنىڭ بولسا ئۆسۈملۈك قەرز.

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. قىمارمۇ، ئۆسۈملۈك قەرزمۇ ئاللاھ ھارام قىلغان چوڭ گۇناھلار قاتارىدىندۇر. ئۇنداق ئىشلارنى قىلىپ سالغان كىشى دەرھال چىن كۆڭلىدىن تەۋبە قىلىپ، قايتا قىلماسلىققا بەل باغلىشى كېرەك.

ئەگەر ھەر ئىككىسى قىلمىشلىرىدىن تېخى تەۋبە قىلمىغان بولسا، ئۇلارنىڭ قەرزىنى تۆلەشكە ياردەم قىلىشنىڭ ئۆزى ھارام ئىشتۇر. چۈنكى، بۇ گۇناھقا، ئاللاھنىڭ چەك – چېگراسىغا تاجاۋۇز قىلىشقا ياردەم قىلغانلىقتىن ئىبارەتتۇر. ئەگەر بىرى، تەۋبە قىلىپ، يەنە بىرى، تەۋبە قىلمىغان بولسا، تەۋبە قىلغىنىغا ياردەم قىلسىڭىز بولىدۇ. چۈنكى، بۇ ياخشىلىق بىلەن تەقۋادار بولۇشقا ياردەم قىلغانلىق بولىدۇ.

ئەگەر تەۋبە قىلغىنى قىماردىن قەرزگە بوغۇلۇپ قالغىنى بولسا، ئاللاھقا تەۋبە قىلىپ، قىمار ئويناشتىن قولىنى ئۈزۈپ، بۇندىن كېيىن قەتئىي ئوينىماسلىققا بەل باغلىغان بولسا، بۇرۇن قىماردىن بوغۇلغان قەرزلىرىنى تۆلەپ قويۇشقا ياردەم قىلسىڭىز ئۇنىڭ بۇندىن كېيىن تۈزۈلۈپ كېتىشىگە، ھارامنى تاشلىشىغا ياردەم قىلغان بولىسىز.

ئۆسۈملۈك قەرز سەۋەبىدىن قەرزگە بوغۇلۇپ قالغان قېرىندىشىڭىزمۇ ئاللاھقا تەۋبە قىلىپ، ئۆسۈملۈك قەرزدىن قولىنى ئۈزۈپ، بۇندىن كېيىن قەتئىي تەكرارلىماسلىققا بەل باغلىغان بولسا، بۇرۇن ئۆسۈملۈك قەرزدىن بولغان قەرزلىرىنى تۆلەپ قويۇشقا ياردەم قىلسىڭىز ئۇنىڭ بۇندىن كېيىن تۈزۈلۈپ كېتىشىگە، ھارامنى تاشلىشىغا ياردەم قىلغان بولىسىز.

مەلۇمكى، قىمار ئويناش ئارقىلىق باشقىلارنىڭ پۇلى ئىگىدارچىلىقىغا ئۆتمەيدۇ، شۇڭا، باشقىلاردىن ئۇتقان پۇللارنى ئالسا ھارام بولىدۇ. ئۇتتۇرۇۋەتكەن پۇللارنى ئۇتقان كىشىگە بەرسىمۇ بولمايدۇ، ئۆسۈممۇ شۇنداق. يەنى، ئۆسۈم مۇئامىلىسى قىلىپ ئۆسۈمنى ئېلىشمۇ، باشقىلارغا بېرىشمۇ ھارام، ئۆسۈممۇ ھارام. چۈنكى، ئۆسۈمدە يېگۈچىمۇ، يېگۈزگۈچىمۇ ئوخشاش لەنەت قىلىنغان.

بۇنىڭغا ئاساسەن، قەرز بىلەن ئۆسۈمدىن پەيدا بولغان قەرزنى ئىگىسىگە قايتۇرسا بولمايدۇ. ئەلۋەتتە، قەرز ئىگىسى: «قايتۇرۇپ ئالىمەن» دەيدۇ. ئەگەر قەرز ئىگىسى ئۆزىنى مۇسۇلمان دەپ قارايدىغان كىشى بولسا، ئۇنىڭغا سۆزلەپ چۈشەندۈرۈپ بېقىش كېرەك. «ھارام بولغاندىكىن بولدى ئالماي» دېسە مەسىلە تۈگەيدۇ. قەرز ئىگىسى ھارامنى بىلمەيدىغان كاپىر بولسا، قايتۇرماي ئامال بولمىسا، ئەگەردە قەرزنى بەرمەي قېچىپ قۇتۇلۇپ كېتەلىسە، بەرمەي قۇتۇلۇش كېرەك. «ياق، بېرىسەن، بولمىسا ئۇنداق قىلىمەن ياكى بۇنداق قىلىمەن» دەپ تەھدىت سېلىپ تۇرۇۋالغان ئەھۋالدا، ئاندىن يۇقىرىقىدەك تەۋبە قىلغانلارغا ياردەم بېرىپ، بۇ ئىشتىن قول ئۈزدۈرسە بولىدۇ.

ھەر ئىككىسى تەۋبە قىلغان ئەھۋالدا، چوقۇم ئىككىسىنىڭ بىرىنى تاللاش كېرەك بولسا، مېنىڭچە، ئۆسۈملۈك قەرزى بارغا ياردەم قىلىش ئالدىنقى ئورۇندا تۇرسا كېرەك. چۈنكى، ئۆسۈملۈك قەرزدە ئانا پۇل ھالال، ئۆسۈم ھارام. دېمەك، بۇنىڭدا ھارام بىلەن ھالال ئارىلاش. ئەمما، قىماردا ئاساسەن ھەممىسى ساپ ھارام. يەنە بىر تەرەپتىن، ئۆسۈم ئىنتايىن ئېغىر جىنايەت. چۈنكى، ئۇنىڭ بىلەن شۇغۇللانسا بۇرۇنقى بارلىق ئەمەللىرى بىكار بولۇپ كېتىدۇ، ئاللاھقا ۋە ئاللاھنىڭ رەسۇلىغا جەڭ ئىلان قىلغانلىق بولىدۇ. قىمار بولسا ئۇنىڭدىن تۆۋەنرەك. شۇڭا، ئېغىرراق گۇناھتىن يېنىشىغا ياردەم قىلىش ئالدىنقى ئورۇندا تۇرىدۇ. يەنە بىر تەرەپتىن، قىمار ئوينىغان ئادەم تەۋبە قىلسىمۇ، لېكىن ئادەتتە، خۇمار بولۇپ قالغاچقا قىمارنى تاشلىيالمايدۇ، تاشلىسىمۇ بەك تەستە تاشلايدۇ. ۋەللاھۇ ئەئلەم.

 

كاپىردىن ھاراق سېتىۋېلىپ، كېيىن تەۋبە قىلغاندا ھاراق پۇلىنى كاپىرغا تۆلەش كېرەكمۇ؟

ئېنىقكى، ھاراق سېتىۋېلىش ھارامدۇر. بۇرۇن توغرا يولدا ماڭماي، كېيىن تەۋبە قىلىپ، ھارامدىن ساقلىنىشقا باشلىغان كىشىلەرگە نىسبەتەن، بۇرۇنقى چاغلىرىدا سېتىۋالغان ھاراقنىڭ پۇلىنى كېيىنكى ياخشىغا ئۆزگۈرۈپ كەتكەن چاغلىرىدا تۆلەش ياكى تۆلىمەسلىك مەسىلىسىگە كەلسەك، ئەگەر بىر كاپىرنىڭ ھارىقىنىڭ پۇلىنى تۆلىمەي قۇتۇلالايدىغان بولسا تۆلىمەسلىكى كېرەك. قۇتۇلالمايدىغان بولسا تۆلىسە بولىدۇ، ئەمما مۇسۇلماننىڭ ھارىقىغا پۇل تۆلىمەيدۇ. سېتىۋالغان بولسا، چېقىۋەتكەن بولسا ياكى ئىچىۋەتكەن بولسا ۋە ياكى ھەرقانداق شەكىلدە بۇزۇۋەتكەن بولسا تۆلەم كەلمەيدۇ. ئەگەر تۆلىسە لەنەتكە لايىق بولىدۇ، تۆلەم ئالغان ھاراق ئىگىسىمۇ لەنەتكە لايىق بولىدۇ.

ھاراق ساتقان نېسى پۇللارنى مەيلى مۇسۇلمان بولسۇن ياكى كاپىر بولسۇن، ھېچكىمدىن ئالسا بولمايدۇ. ئالسا ھەدىستە كەلگەندەك لەنەتكە لايىق بولىدۇ. ئاللاھ تائالا ھاراقنىڭ پۇلىنى ھارام قىلىۋەتكەن.

كاپىرنىڭ ھارىقىنى ئىچىپ قەرز بولغان بولسا، ئۇنىڭ پۇلىنى بەرمەي قۇتۇلالىسا بەرمەسلىكى كېرەك. بەرسە لەنەتكە لايىق بولىدۇ، قۇتۇلالمىسا ئامال يوق بېرىدۇ. پاسىققا ساتقان ھاراقنىڭ پۇلىنى ئالسىمۇ قەتئىي ھارام بولىدۇ. ئاللاھ تائالا ھەدىستە ھاراقنى ساتقۇچى، سېتىۋالغۇچى، ياسىغۇچى، ياساتقۇچى، توشۇغۇچى قاتارلىق ئون كىشىگە لەنەت قىلغان. ھاراقنىڭ، چوشقىنىڭ ۋە ئۆلۈپ قالغان ھايۋاننىڭ پۇلىنى ھارام قىلغان.

 

قەرزدىن پاناھلىق تىلەش ئۈچۈن ئوقۇلىدىغان دۇئالار

﴿رَبِّ إِنِّي لِمَا أَنْزَلْتَ إِلَيَّ مِنْ خَيْرٍ فَقِيرٌ﴾ تەرجىمىسى: رەببىم! سەن ماڭا چۈشۈرۈپ بېرىدىغان ھەرقانداق خەيرلىككە موھتاجمەن ([2]).

«اللَّهُمَّ إِنِّي أَعُوذُ بِكَ مِنْ الْمَأْثَمِ وَالْمَغْرَمِ» تەرجىمىسى: ئى ئاللاھ! مەن گۇناھ ۋە قەرزگە بوغۇلۇپ قىلىشتىن ساقلىنىش ئۈچۈن سەندىن پاناھلىق تىلەيمەن([3]).

«‏‏اللَّهُمَّ إِنِّي أَعُوذُ بِكَ مِنَ الْهَمِّ وَالْحَزَنِ وَالْعَجْزِ وَالْكَسَلِ وَالْبُخْلِ وَالْجُبْنِ وَضَلَعِ الدَّيْنِ وَغَلَبَةِ الرِّجَالِ‏»‏‏.‏ تەرجىمىسى: ئى ئاللاھ! غەم – قايغۇدىن، ئاجىزلىقتىن، ھۇرۇنلۇقتىن، بېخىللىقتىن، قورقۇنچاقلىقتىن، قەرزنىڭ ئېغىرلىقىدىن، كىشىلەرنىڭ بوزەك قىلىشىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن سەندىن پاناھلىق تىلەيمەن([4]).

«‏‏اللَّهُمَّ إِنِّي أَعُوذُ بِكَ مِنَ الْكَسَلِ وَالْهَرَمِ، وَالْمَأْثَمِ وَالْمَغْرَمِ، وَمِنْ فِتْنَةِ الْقَبْرِ وَعَذَابِ الْقَبْرِ، وَمِنْ فِتْنَةِ النَّارِ وَعَذَابِ النَّارِ، وَمِنْ شَرِّ فِتْنَةِ الْغِنَى، وَأَعُوذُ بِكَ مِنْ فِتْنَةِ الْفَقْرِ، وَأَعُوذُ بِكَ مِنْ فِتْنَةِ الْمَسِيحِ الدَّجَّالِ، اللَّهُمَّ اغْسِلْ عَنِّي خَطَايَاىَ بِمَاءِ الثَّلْجِ وَالْبَرَدِ، وَنَقِّ قَلْبِي مِنَ الْخَطَايَا، كَمَا نَقَّيْتَ الثَّوْبَ الأَبْيَضَ مِنَ الدَّنَسِ، وَبَاعِدْ بَيْنِي وَبَيْنَ خَطَايَاىَ كَمَا بَاعَدْتَ بَيْنَ الْمَشْرِقِ وَالْمَغْرِبِ‏» تەرجىمىسى: ئى ئاللاھ! ھۇرۇنلۇقتىن، بەك قېرىپ كېتىشتىن، گۇناھتىن، قەرزدارلىقتىن، گۆر سىنىقىدىن، گۆر ئازابىدىن، دوزاختىكى سوئال – سوراق سىنىقىدىن، دوزاخ ئازابىدىن، بايلىق سىنىقىنىڭ يامانلىقىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن سەندىن پاناھلىق تىلەيمەن، يەنە نامراتلىق سىنىقىنىڭ يامانلىقىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن سەندىن پاناھلىق تىلەيمەن، مەسىھ دەججال سىنىقىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن سەندىن پاناھلىق تىلەيمەن. ئى ئاللاھ! گۇناھلىرىمنى قار، مۆلدۈر سۇلىرى بىلەن يۇيۇۋەتكەيسەن، دىلىمنى گۇناھلاردىن خۇددى ئاق كىيىمدىن كىرنى تازىلىۋەتكەندەك تازىلىۋەتكەيسەن، مەن بىلەن گۇناھلىرىمنىڭ ئارىسىنى خۇددى مەشرىق بىلەن مەغرىب ئارىسىنى يىراق قىلغىنىڭدەك يىراق قىلىۋەتكەيسەن([5]).

 

قەرزگە بوغۇلۇپ قالغاندا ئوقۇلىدىغان دۇئالار

«اللَّهُمَّ اكْفِنِي بِحَلالِكَ عَنْ حَرَامِكَ وَأَغْنِنِي بِفَضْلِكَ عَمَّنْ سِوَاكَ» تەرجىمىسى: ئى ئاللاھ! ماڭا ھالالنى يېتەرلىك ئاتا قىلىپ، ھارامغا موھتاج قىلىپ قويمىغىن. مېنى ئۆز پەزلىڭ بىلەن سەندىن ئۆزگىدىن بىھاجەت قىلغىن([6]).

«اللَّهُمَّ رَبَّ السَّمَاوَاتِ وَرَبَّ الْأَرْضِ وَرَبَّ الْعَرْشِ الْعَظِيمِ رَبَّنَا وَرَبَّ كُلِّ شَيْءٍ فَالِقَ الْحَبِّ وَالنَّوَى وَمُنْزِلَ التَّوْرَاةِ وَالْإِنْجِيلِ وَالْفُرْقَانِ أَعُوذُ بِكَ مِنْ شَرِّ كُلِّ شَيْءٍ أَنْتَ آخِذٌ بِنَاصِيَتِهِ اللَّهُمَّ أَنْتَ الْأَوَّلُ فَلَيْسَ قَبْلَكَ شَيْءٌ وَأَنْتَ الْآخِرُ فَلَيْسَ بَعْدَكَ شَيْءٌ وَأَنْتَ الظَّاهِرُ فَلَيْسَ فَوْقَكَ شَيْءٌ وَأَنْتَ الْبَاطِنُ فَلَيْسَ دُونَكَ شَيْءٌ اقْضِ عَنَّا الدَّيْنَ وَأَغْنِنَا مِنْ الْفَقْرِ» تەرجىمىسى: ئى ئاللاھىم! ئى ئاسمانلارنىڭ، زېمىننىڭ ۋە بۈيۈك ئەرشنىڭ پەرۋەردىگارى! ئى بىزنىڭ ۋە بارلىق شەيئىلەرنىڭ پەرۋەردىگارى! دان ۋە ئۇرۇقلارنى بىخلاندۇرغۇچى، تەۋرات، ئىنجىل ۋە قۇرئان قاتارلىقلارنى نازىل قىلغۇچى ئاللاھ! ساڭا سىغىنىپ بارلىق نەرسىلەرنىڭ شەررىدىن پاناھ تىلەيمەن. ئۇلارنىڭ كوكۇلىسى سېنىڭ قولۇڭدىدۇر. ئى ئاللاھ! سەن ئەۋۋەلسەن، سەندىن ئىلگىرى بىرى يوق. سەن ئاخىرسەن، سەندىن كېيىن بىرى يوق. سەن ئاشكارىسەن (يەنى، مەۋجۇتلۇقۇڭ دەلىل – پاكىتلار بىلەن ئەقىل ئىگىلىرىگە ئاشكارىدۇر)، سېنىڭدەك ئاشكارا بىرى يوق. سەن مەخپىيسەن (يەنى، سېنى كۆز بىلەن كۆرگىلى بولمايدۇ، سېنىڭ زاتىڭنىڭ ماھىيىتىنى تونۇشقا ئەقىللەر يېتەلمەيدۇ)، سېنىڭدەك مەخپىي بىرى يوق. بىزنى قەرزدىن خالاس قىلغىن، نامراتلىقتىن قۇتقۇزغىن([7]).

«اللَّهُمَّ إِنِّي عَبْدُكَ، وَابْنُ عَبْدِكَ، وَابْنُ أَمَتِكَ، نَاصِيَتِي بِيَدِكَ، مَاضٍ فِيَّ حُكْمُكَ، عَدْلٌ فِيَّ قَضَاؤُكَ، أَسْأَلُكَ بِكُلِّ اسْمٍ هُوَ لَكَ، سَمَّيْتَ بِهِ نَفْسَكَ أَوْ عَلَّمْتَهُ أَحَدًا مِنْ خَلْقِكَ، أَوْ أَنْزَلْتَهُ فِي كِتَابِكَ، أَوْ اسْتَأْثَرْتَ بِهِ فِي عِلْمِ الْغَيْبِ عِنْدَكَ، أَنْ تَجْعَلَ الْقُرْآنَ رَبِيعَ قَلْبِي، وَنُورَ صَدْرِي، وَجِلَاءَ حُزْنِي، وَذَهَابَ هَمِّي» تەرجىمىسى: ئى ئاللاھ! مەن سېنىڭ بەندەڭدۇرمەن، بەندەڭنىڭ پەرزەنتىدۇرمەن، دېدىكىڭنىڭ پەرزەنتىدۇرمەن. مېنىڭ كوكۇلام سېنىڭ قولۇڭدىدۇر، مەندە سېنىڭ ھۆكمىڭ كۈچىگە ئىگىدۇر. مەندە سېنىڭ ھۆكمىڭ ئادالەتتۇر. سەن ئۆزۈڭنى ئاتىغان، ياكى بىرەر بەندەڭگە ئۆگەتكەن، ياكى كىتابىڭدا نازىل قىلغان ۋە ياكى ھېچكىمگە بىلدۈرمەي، ئۆز ھۇزۇرۇڭدا ساقلاپ قالغان بارلىق ئىسىملىرىڭ بىلەن سەندىن شۇنى تىلەيمەنكى، قۇرئاننى دىلىمنىڭ باھارى، كۆزۈمنىڭ نۇرى، ئىچى پۇشۇقىمنىڭ چىقىپ كېتىشى، غەم – قايغۇلىرىمنىڭ خالاس بولۇشى قىلغايسەن([8]).

«لَا إِلَهَ إِلَّا اللَّهُ الْحَلِيمُ الْكَرِيمُ سُبْحَانَ اللَّهِ رَبِّ الْعَرْشِ الْعَظِيمِ الْحَمْدُ لِلَّهِ رَبِّ الْعَالَمِينَ أَسْأَلُكَ مُوجِبَاتِ رَحْمَتِكَ وَعَزَائِمَ مَغْفِرَتِكَ وَالْغَنِيمَةَ مِنْ كُلِّ بِرٍّ وَالسَّلَامَةَ مِنْ كُلِّ إِثْمٍ لَا تَدَعْ لِي ذَنْبًا إِلَّا غَفَرْتَهُ وَلَا هَمًّا إِلَّا فَرَّجْتَهُ وَلَا حَاجَةً هِيَ لَكَ رِضًا إِلَّا قَضَيْتَهَا يَا أَرْحَمَ الرَّاحِمِينَ» تەرجىمىسى: ناھايىتى كۆيۈمچان ۋە كەرەملىك ئاللاھ تائالادىن باشقا ھېچبىر ئىلاھ يوقتۇر. بۈيۈك ئەرشنىڭ ئىگىسى ئاللاھ بارلىق ئەيىب – نۇقساندىن پاكتۇر. بارلىق مەدھىيە مەۋجۇداتلارنىڭ ئىگىسى ئاللاھ تائالاغا خاستۇر. ئى ئاللاھ! سەندىن رەھمىتىڭنىڭ ۋەسىلىلىرىنى، مەغپىرىتىڭنىڭ سەۋەبلىرىنى، ھەر ياخشىلىققا نېسىپ بولۇشۇمنى ۋە ھەر گۇناھتىن سالامەت قېلىشىمنى سورايمەن. ئى ئاللاھ! ھېچقانداق گۇناھىمنى قويماي كەچۈرگەيسەن، ھېچقانداق غەم – ئەندىشەمنى قويماي ھەممىگە چىقىش يولى ئاتا قىلغىن، بىرمۇ قەرز قويماي، ھەممىنى ئادا قىلىۋەتكىن، دۇنيا ۋە ئاخىرەتنىڭ ھاجەتلىرىدىن بىرمۇ ھاجەت قويماي، ھەممىنى ئۆز رەھمىتىڭ بىلەن راۋا قىلىۋەتكىن، ئى رەھىملىكلەرنىڭ ئەڭ رەھىملىكى!([9]).

«اللَّهُمَّ مَالِكَ الْمُلْكِ تُؤْتِي الْمُلْكَ مَنْ تَشَاءُ، وَتَنْزِعُ الْمُلْكَ مِمَّنْ تَشَاءُ، وَتُعِزُّ مَنْ تَشَاءُ، وَتُذِلُّ مَنْ تَشَاءُ بِيَدِكِ الْخَيْرُ إِنَّكَ عَلَى كُلِّ شَيْءٍ قَدِيرٌ، تُولِجُ اللَّيْلَ فِي النَّهَارِ، وتُولِجُ النَّهَارَ فِي اللَّيْلِ، وَتُخْرِجُ الْحَيَّ مِنَ الْمَيِّتِ، وَتُخْرِجُ الْمَيِّتَ مِنَ الْحَيِّ، وَتَرْزُقُ مَنْ تَشَاءُ بِغَيْرِ حِسَابٍ رَحْمَنَ الدُّنْيَا وَالآخِرَةِ وَرَحِيمَهُمَا، تُعْطِي مَنْ تَشَاءُ مِنْهُمَا، وتَمْنَعُ مَنْ تَشَاءُ، ارْحَمْنِي رَحْمَةً تُغْنِيني بِهَا عَنْ رَحْمَةِ مَنْ سِوَاكَ» تەرجىمىسى: ئى ئاللاھ! خالىغان ئادەمگە پادىشاھلىقنى بېرىسەن، خالىغان ئادەمدىن پادىشاھلىقنى تارتىپ ئالىسەن. خالىغان ئادەمنى ئەزىز قىلىسەن، خالىغان ئادەمنى خار قىلىسەن. ھەممە ياخشىلىق سېنىڭ قولۇڭدىدۇر، سەن ھەقىقەتەن ھەممىگە قادىرسەن. كېچىنى كۈندۈزگە كىرگۈزىسەن، كۈندۈزنى كېچىگە كىرگۈزىسەن. جانلىقنى جانسىزدىن چىقىرىسەن، جانسىزنى جانلىقتىن چىقىرىسەن. ئۆزەڭ خالىغان كىشىگە ھېسابسىز رىزىق بېرىسەن. ئى ئاللاھ! دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە  شەپقەتلىك ۋە مېھرىبان سەن. بۇ ئىككىسىدىن خالىغىنىڭنى بېرىسەن، خالىغىنىڭنى بەرمەيسەن. ماڭا باشقىلارنىڭ مەرھەمىتىگە موھتاج قىلمايدىغان رەھمەت ئاتا قىلغىن»([10]).

«اللَّهُمَّ أَنْتَ رَبِّي، لاَ إِلَهَ إِلاَّ أَنْتَ، خَلَقْتَنِي وَأَنَا عَبْدُكَ، وَأَنَا عَلَى عَهْدِكَ وَوَعْدِكَ مَا اسْتَطَعْتُ، أَعُوذُ بِكَ مِنْ شَرِّ مَا صَنَعْتُ، أَبُوءُ لَكَ بِنِعْمَتِكَ عَلَىَّ وَأَبُوءُ لَكَ بِذَنْبِي، اغْفِرْ لِي، فَإِنَّهُ لاَ يَغْفِرُ الذُّنُوبَ إِلاَّ أَنْتَ‏‏» تەرجىمىسى: ئى ئاللاھ! سەن مېنىڭ رەببىم سەن، سەندىن باشقا ئىلاھ يوق. سەن مېنى ياراتتىڭ، مەن سېنىڭ بەندەڭمەن. مەن ساڭا بەرگەن ئەھدەم بىلەن ۋەدەمدە كۈچۈمنىڭ يېتىشىچە چىڭ تۇرماقتىمەن، قىلمىشلىرىمنىڭ شەررىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن سەندىن پاناھلىق تىلەيمەن، ماڭا بەرگەن نېمەتلىرىڭنى ئېتىراپ قىلىمەن، گۇناھلىرىمنى ئىقرار قىلىمەن. مېنى مەغپىرەت قىلغىن. چۈنكى، گۇناھلارنى پەقەت سەنلا مەغپىرەت قىلىسەن([11]).

 

قەرز ئىگىسىنىڭ تارتىنچاقلىقىدىن پايدىلىنىپ ئۇنىڭ قەرزىنى تۆلەشنى كېچىكتۈرسە ھارام بولامدۇ؟

بەزىدە قەرز ئالغان كىشى قەرز ئىگىسىنىڭ ھايالىق، تارتىنچاق بولۇشىدەك ئېسىل ئەخلاق – پەزىلىتىدىن پايدىلىنىپ، قەرزىنى قايتۇرالايدىغان تۇرۇقلۇق دەل ۋاقتىدا قايتۇرماي تۇرۇۋالىدۇ. بۇ ئىسلام چەكلىگەن ئىشتۇر. چۈنكى، بۇ زۇلۇم جۈملىسىدىن بولۇپ، بۇنداق قىلغۇچىلار زالىملار قاتارىدىن ئورۇن ئالىدۇ ۋە ئۆزلىرىنى قەرزدار ھالەتتە ئۆلۈپ كېتىش خەۋپىگە دۇچار قىلغان بولىدۇ.

 

ئۆسۈملۈك قەرز ئېلىشقا ياردەم قىلىش

جازانىگە ياردەم بېرىپ، گۇناھتا شېرىك بولىدىغانلىقى ئۈچۈن، بىرەر كىشىنىڭ ئۆسۈملۈك قەرز ئېلىشىغا ياردەم قىلىش ھارامدۇر.

 

ئۆسۈملۈك قەرز ئېلىپ بولغاندىن كېيىن خاتالىقىنى تونۇپ يەتسە، قانداق تەۋبە قىلىش كېرەك؟

قولىدىكى زۆرۈر بولمىغان بارلىق مۈلكىنى سېتىپ بولسىمۇ قەرزنىڭ ھەممىنى تېزدىن قايتۇرۇۋېتىشى، چىن دىلىدىن پۇشايمان قىلىشى، كەلگۈسىدە قىلىپ سالماسلىققا بەل باغلىشى، ئاللاھتىن مەغپىرەت تىلىشى زۆرۈر.

 

قەرزگە تېنىپ تۇرۇۋالغان ئەھۋالدا ھەق دەۋا قانداق بىر تەرەپ قىلىنىدۇ؟

قەرز بەرگەندە مۇمكىنقەدەر يازما ئىمزالىق ھۆججەت ياكى ئىككى گۇۋاھچى ئارقىلىق ئىسپاتلاپ قويۇش زۆرۈر. ئۇنداق قىلمىغان ئەھۋالدا، قەرز ئالغۇچى «قەرز ئالمىدىم» دەپ تېنىۋالغان بولسا، قەرز ئالغۇچىنىڭ قولىدا بىرلا چارە قالىدۇ، ئۇ بولسىمۇ «ئاشۇ قەرزنى ياكى پۇلنى ئالمىدىم» دەپ قەسەم قىلدۇرۇش. ئەگەر قەرز ئالغۇچى ئاشۇنداق قەسەم قىلىپ بەرسە، ئۇنىڭغا قارىتا باشقا قىلىدىغان ئامال ياكى يول يوق.

ئەبۇ ۋائىل رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: ئابدۇللاھ ئىبنى مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى سۆزلەپ بەرگەن: «كىمكى مالغا ئېرىشىش ئۈچۈن يالغان قەسەم قىلسا، (قىيامەت كۈنىدە) ئاللاھنىڭ ئالدىغا ئاللاھ ئۇنىڭغا غەزەپ قىلغان ھالدا بارىدۇ». ئاللاھ تائالا بۇنى تەستىق قىلىپ: ﴿ئاللاھقا بەرگەن ئەھدىنى ۋە قەسەملىرىنى ئازغىنە بەدەلگە تېگىشىدىغانلارغا ئاخىرەتتە ھېچقانداق نېسىۋە يوقتۇر. قىيامەت كۈنى ئاللاھ ئۇلارغا سۆز قىلمايدۇ، ئۇلارغا قارىمايدۇ، ئۇلارنى پاكلىمايدۇ، ئۇلار قاتتىق ئازابقا قالىدۇ﴾([12]). دېگەن ئايىتىنى چۈشۈردى. ئاندىن ئەشئەس ئىبنى قەيس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بىزنىڭ قېشىمىزغا چىقىپ: «ئەبۇ ئابدۇرراھمان سىلەرگە نېمە ھەدىس سۆزلەپ بەردى؟» دېۋىدى، بىز ئۇ ھەدىسنى سۆزلەپ بەردۇق. شۇنىڭ بىلەن ئەشئەس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ: «ئۇ راست ئېيتىدۇ، ئۇ ئايەت مېنىڭ ھەققىمدە نازىل بولغان. مەن بىلەن بىر كىشى ئوتتۇرىسىدا بىر قۇدۇق ھەققىدە تالاش – تارتىش بار ئىدى. شۇنىڭ بىلەن بىز رەسۇلۇللاھنىڭ ئالدىغا دەۋالىشىپ بارساق، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ماڭا: ›ئىككى گۇۋاھچىڭ كەلسۇن، بولمىسا، ئۇ (يەنى، دەۋا قىلىنغۇچى) نىڭ قەسىمى كۇپايە‹ دېدى. ئاندىن مەن: ›ئۇ قورقماستىن قەسەم قىلىۋېرىدۇ‹ دېسەم، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: ›كىمكى مالغا ئېرىشىش ئۈچۈن يالغان قەسەم قىلىدىكەن، ئاللاھنىڭ ئالدىغا ئاللاھ ئۇنىڭغا غەزەپ قىلغان ھالدا بارىدۇ‹ دېدى. ئاندىن ئاللاھ بۇ سۆزنى تەستىقلاپ: ﴿ئاللاھقا بەرگەن ئەھدىنى ۋە قەسەملىرىنى ئازغىنە بەدەلگە تېگىشىدىغانلارغا ئاخىرەتتە ھېچقانداق نېسىۋە يوقتۇر، قىيامەت كۈنى ئاللاھ ئۇلارغا سۆز قىلمايدۇ، ئۇلارغا قارىمايدۇ، ئۇلارنى پاكلىمايدۇ، يەنە ئۇلارغا قاتتىق ئازاب باردۇر﴾ دېگەن ئايەتنى نازىل قىلغان» دېدى([13]).

يەنە بىر ھەدىستە رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «دەۋاگەر دەلىل كەلتۈرۈشى، ئۈستىدىن دەۋا قىلىنغۇچى قەسەم قىلىشى كېرەك» دېگەن([14]).

يەنە بىر ھەدىستە: «ناۋادا ئىنسانلارغا دەۋالىرى بويىچە ھۆكۈم قىلىپ بېرىلسە، ئادەملەرنىڭ قېنىنى ۋە مال – مۈلكىنى دەۋا قىلىشتىن تەپ تارتمايدۇ. لېكىن، ئىسپات دېگەن دەۋاگەرگە، قەسەم دېگەن تانغۇچىغا كېلىدۇ» دېگەن([15]).

ئەلۋەتتە، قەرزنى دۇنيادا ئىسپاتلىيالمىغانلىقى ئۈچۈن قايتۇرۇپ ئېلىشقا ئىمكانىيەت بولمىغىنى بىلەن ئاخىرەتتە ھەممىنى بىلگۈچى زاتنىڭ ھۇزۇرىدا قەرز ئالغۇچى ھېچ نەرسىگە تېنىپ تۇرالمايدۇ. ئۇنىڭ قوللىرى ئالغانلىقىغا گۇۋاھلىق بېرىدۇ. نەتىجىدە، ھەق ھەرگىز زايە بولمايدۇ.

 

قەرز ئىگىسىنى تاپالمىغانلىقتىن قەرزنى قايتۇرالماي قالغاندا قانداق قىلىش كېرەك؟

سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم! مەن نەچچە يىللارنىڭ ئالدىدا ئىككى بالىدىن ئازغىنە پۇل قەرز ئالغان ئىدىم، ھازىر ئۇلارنىڭ پۇلىنى بېرىشنى ئويلىدىم، ئەمما ئۇلارنى ئىزدەپ تاپالمىدىم. بۇ قەرز تا ھازىرغىچە كۆڭلۈمنى يېرىم قىلىپ كېلىۋاتىدۇ. مەن قانداق قىلسام بولار؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام! ئالغان قەرزىڭىزنى قايتۇرۇشقا مۇئەييەن ۋاقىت بەلگىلەنگەن بولۇپ، قايتۇرۇش ۋاقتى كەلگەندە پۇل ئىگىسىنى ياكى ئائىلىسىنى قولۇم – قوشنىلىرى، دوست – بۇرادەرلىرى، تۇرغان جايى ۋە ئىشلەيدىغان يەرلىرىدىن سوراپ، بىر يىل ئەتراپىدا ئىزدەيسىز. ئىزدەپمۇ ئىز – دېرىكىنى قىلالمىسىڭىز، ئەگەردە ئۆلگەنلىكى مەلۇم بولسا قەرزنى مىراسخورلىرىغا تاپشۇرىسىز. ئۆلگەنلىكى ئېنىق بولمىغان ياكى مىراسخورلىرىنىمۇ تاپالمىغان ئەھۋالدا، ئۇلارغا قايتۇرىدىغان قەرزنى شۇلارنىڭ نامىدا سەدىقە قىلىۋەتسىڭىز بولىدۇ. ئاللاھ تائالا قەرز ئىگىلىرىگە ھەققىنى يەتكۈزۈپ بېرىدۇ. كېيىنچە، پۇل ئىگىلىرى پەيدا بولۇپ، سەدىقە قىلغانلىقىڭىزغا رازى بولسا ئىش تۈگەيدۇ. رازى بولمىسا، ئۇلارغا قەرزنى قايتۇرىسىز، سەدىقە ساۋابى سىزگە بولىدۇ.

ئەگەر قەرز بەك چوڭ بولۇپ، پۇل ئىگىلىرى كېيىنچە، چوقۇم ئىزدەپ قېلىش ئېھتىماللىقى بولسا، «ئۆلۈپ كەتسەم مەندە پالانىنىڭ مۇنچىلىك قەرزى بار» دەپ ۋەسىيەت يېزىپ، ۋارىسلىرىڭىزنى بۇنىڭدىن خەۋەرلەندۈرۈپ قويۇپ، پۇلنى ئامانەت شەكلىدە سەل ئۇزۇنراق مۇددەت ساقلاپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىگىسىنىڭ پەيدا بولۇشىدىن پەقەتلا ئۈمىد ئۈزۈلگەندە ئاندىن يۇقىرىقىدەك سەدىقە قىلىۋەتسىڭىز بولىدۇ. ۋەللاھۇ ئەئلەم.

قەرزنى قەستەن قايتۇرماي تۇرۇۋالغان كىشىگە قانداق جازا كېلىدۇ؟

بوينىدىكى قەرزنى قايتۇرىدىغان ئىقتىسادى يوق كىشىگە مۆھلەت بېرىش لازىم بولىدۇ. ياكى قەرزنىڭ ھەممىسىدىن ياكى بىر قىسمىدىن ۋاز كەچسە تېخىمۇ ياخشى، پەزىلەتلىك ئىش بولىدۇ. ئاللاھ تائالا مۇنداق بۇيرۇغان: ﴿ئەگەر قەرزدارنىڭ قولى قىسقا بولسا، ئۇنىڭ ھالى ياخشىلانغۇچە كۈتۈڭلار. ئەگەر (خەيرلىك ئىش ئىكەنلىكىنى بىلسەڭلار، قىيىنچىلىقتا قالغان قەرزداردىن ئالىدىغان قەرزنى ئۇنىڭغا) سەدىقە قىلىپ بېرىۋەتكىنىڭلار سىلەر ئۈچۈن تېخىمۇ ياخشىدۇر﴾([16]).

بار تۇرۇقلۇق قايتۇرماي تۇرۇۋالغان كىشى بولسا زۇلۇم قىلغان بولىدۇ. چۈنكى، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ھەدىستە: «باي ئادەمنىڭ قەرزىنى ئارقىغا سوزۇپ، ۋاقتىدا بەرمەسلىكى زۇلۇمدۇر» دەپ كۆرسەتكەن([17]).

بۇ زۇلۇمغا قارىتا ھەق ئىگىسىنىڭ قولىدا بىر قانچە چارە بار:

1. قەرزنىڭ يېرىمىنى ياكى بىر قىسمىنى كۆتۈرۈۋېتىپ، قالغىنىنى ئېلىشقا رازى بولۇش. كەئب ئىبنى مالىك رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ ئوغلى ئابدۇللاھ ئاتىسى كەئب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىدۇكى، ئۇ مەسجىدتە ئىبنى ئەبى ھەدرەددىن قەرزىنى تەلەپ قىلىپ، ئۇ ئىككىسىنىڭ ئاۋازى رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئۆيىدە تۇرۇپ ئاڭلىغۇدەك دەرىجىدە كۆتۈرۈلۈپ كېتىۋىدى، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئۆيىنىڭ پەردىسىنى ئېچىپ تۇرۇپ:

ــ ئى كەئىب! _ دەپ چاقىردى. كەئىب:

ــ خوش، يا رەسۇلۇللاھ! -_ دېۋىدى، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم:

ــ ئېلىشىڭدىن مۇنچىلىكنى كۆتۈرۈۋەت! _ دەپ يېرىمىغا ئىشارەت قىلدى. كەئىب:

ــ كۆتۈرۈۋەتتىم، يا رەسۇلۇللاھ! _ دېۋىدى، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئىبنى ئەبى ھەدرەدگە:

ــ تۇر، قەرزىڭنى ئادا قىلىۋەت، – دېدى([18]).

2. قاتتىق سۆز قىلىش. مەسىلەن، «پۇلۇمنى بەرمەمسەن، ھەققىمنى قايتۇرمامسەن، قەرزنى يەۋالامتىڭ…» دېگەندەك سۆزلەرنى قىلىش.

ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق رىۋايەت قىلغان: بىر ئادەمنىڭ رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمدە ئېلىشى بار ئىدى. (ئۇ ئادەم كېلىپ رەسۇلۇللاھنى قوپاللىق بىلەن قىستىغان ئىدى) ساھابىلەر ئۇنىڭغا قاتتىق تەگمەكچى بولۇۋېدى، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «ئۇنى قويۇۋېتىڭلار، چۈنكى ھەقدارنىڭ قاتتىق سۆزى بولىدۇ» دېدى([19]).

ئەلۋەتتە، سىلىق – سىپايە، چىرايلىق گەپ قىلىش، كەڭ قورساقلىق قىلىش پەزىلەتتۇر. مۇھەممەد ئىبنى مۇنكەدىر جابىر ئىبنى ئابدۇللاھ رەزىيەللاھۇ ئەنھۇمادىن رىۋايەت قىلىدۇكى، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: «ساتقان، سېتىۋالغان ۋە قەرز سۈيلىگەن ۋاقىتلاردا كەڭ قورساقلىق قىلغان ئادەمگە ئاللاھ رەھمەت قىلسۇن»([20]).

3. قازىغا شىكايەت قىلىپ، ئۇنى تۈرمىگە سولىتىۋېتىش. چۈنكى، ئۇ زۇلۇم قىلغان، زۇلۇم بولسا ھارام قىلىنغان ئىشتۇر. شۇڭا، ئۇنى ئەدەپلەش يۈزىسىدىن بۇ ئىش جائىز بولىدۇ. رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمدىن: «باي ئادەمنىڭ قەرزنى قايتۇرماي تۇرۇۋېلىشى ئۇنى جازالاشنى ۋە تىللاشنى ھالال قىلىدۇ» دەپ رىۋايەت قىلىنىدۇ‏‏. بۇ ھەدىسنى سوفيان مۇنداق دەپ ئىزاھلىغان: تىللاش «پۇلۇمنى بەرمەي كېچىكتۈرۈۋەتتىڭ» دەپ دوق قىلىشتۇر. جازالاش سولاپ قويۇشتۇر([21]).

 

قەرزگە تېنىپ، يالغان قەسەم قىلىش چوڭ گۇناھتۇر

يالغان قەسەم ئىچىش دېگىنىمىز، بىرەر مەنپەئەتنى كۆزدە تۇتۇپ، بىرەر كىشىنى رازى قىلىش ياكى ئۆزرە ئېيتىپ تۇرۇۋېلىش ۋە ياكى مال – دۇنيا يەۋېلىش ئۈچۈن، ئۆتمۈشتىكى بىر ۋەقەنىڭ بولغان ياكى بولمىغانلىقىغا بىلىپ تۇرۇپ، يالغاندىن قەسەم ئىچىشتىن ئىبارەتتۇر.

بۇ تۈردىكى قەسەم ئىگىسىنى دۇنيادا گۇناھقا، ئاخىرەتتە دوزاخقا مەھكۇم قىلىدىغان قەسەم بولغاچقا، شەرىئەتتە «يەمىين غەمۇس»، يەنى، «ئىگىسىنى چۆمدۈرىدىغان قەسەم» دەپ ئاتالغان.

جانابىي ئاللاھ قۇرئان كەرىمدە مۇنداق دەپ بۇيرۇغان: ﴿قەسەملىرىڭلارنى ئۆز ئاراڭلاردا مىكىر ۋە خىيانەت ۋاستىسى قىلىۋالماڭلار، بولمىسا، قەدەملەر (ئىسلام يولىدا) مەزمۇت دەسسىگەندىن كېيىن تېيىلىپ كېتىپ، ئاللاھنىڭ يولىدىن توسقانلىقىڭلار تۈپەيلى دۇنيادىلا يامان ئازابنى تېتىپ قالىسىلەر. سىلەرگە يەنە ئاخىرەتتىمۇ ئېغىر ئازاب باردۇر.﴾([22])

يالغان قەسەم ئىچىش چوڭ گۇناھلار قاتارىدىن ھېسابلىنىدۇ. ئابدۇللاھ ئىبنى ئەمر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما رىۋايەت قىلىدۇكى، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: «گۇناھلارنىڭ ئەڭ چوڭى ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرۈش، ئاتا – ئانىنى قاقشىتىش، ناھەق ئادەم ئۆلتۈرۈش ۋە يالغان قەسەم قىلىشتۇر»([23]).

بۇ ھەقتە ئاللاھ تائالا مۇنداق دېگەن: ﴿ئاللاھقا بەرگەن ئەھدىنى ۋە قەسەملىرىنى ئازغىنا بەدەلگە تېگىشىدىغانلارغا ئاخىرەتتە ھېچقانداق نېسىۋە يوقتۇر. قىيامەت كۈنى ئاللاھ ئۇلارغا سۆز قىلمايدۇ، ئۇلارغا قارىمايدۇ، ئۇلارنى پاكلىمايدۇ، ئۇلار قاتتىق ئازابقا قالىدۇ﴾([24]).

ئاللاھ تائالا يەنە مۇنداق دېگەن: ﴿ئاللاھنىڭ ئەھدىگە ئەرزىمەس نەرسىنى تېگىشىۋەتمەڭلار! ئەگەر بىلسەڭلار، ئاللاھنىڭ دەرگاھىدىكىسى سىلەر ئۈچۈن ياخشىراقتۇر﴾([25]).

ئەبۇ ۋائىل رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: ئابدۇللاھ ئىبنى مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى سۆزلەپ بەرگەن: «كىمكى مالغا ئېرىشىش ئۈچۈن يالغان قەسەم قىلسا، (قىيامەت كۈنىدە) ئاللاھنىڭ ئالدىغا ئاللاھ ئۇنىڭغا غەزەپ قىلغان ھالدا بارىدۇ». شۇنىڭ بىلەن ئاللاھ تائالا بۇنى تەستىق قىلىپ: ﴿ئاللاھقا بەرگەن ئەھدىنى ۋە قەسەملىرىنى ئازغىنە بەدەلگە تېگىشىدىغانلارغا ئاخىرەتتە ھېچقانداق نېسىۋە يوقتۇر. قىيامەت كۈنى ئاللاھ ئۇلارغا سۆز قىلمايدۇ، ئۇلارغا قارىمايدۇ، ئۇلارنى پاكلىمايدۇ، ئۇلار قاتتىق ئازابقا قالىدۇ﴾([26]) دېگەن ئايىتىنى چۈشۈردى. ئاندىن ئەشئەس ئىبنى قەيس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بىزنىڭ قېشىمىزغا چىقىپ: «ئەبۇ ئابدۇرراھمان سىلەرگە نېمە ھەدىس سۆزلەپ بەردى؟» دېۋىدى، بىز ئۇ ھەدىسنى سۆزلەپ بەردۇق. شۇنىڭ بىلەن ئەشئەس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ: «ئۇ راست ئېيتىدۇ، ئۇ ئايەت مېنىڭ ھەققىمدە نازىل بولغان. مەن بىلەن بىر كىشى ئوتتۇرىسىدا بىر قۇدۇق ھەققىدە تالاش – تارتىش بار ئىدى. شۇنىڭ بىلەن بىز رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ئالدىغا دەۋالىشىپ بارساق، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ماڭا: ›ئىككى گۇۋاھچىڭ كەلسۇن، بولمىسا، ئۇ (يەنى، دەۋا قىلىنغۇچى) نىڭ قەسىمى كۇپايە‹ دېدى. ئاندىن مەن: ›ئۇ قورقماستىن قەسەم قىلىۋېرىدۇ‹ دېسەم، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: ›كىمكى مالغا ئېرىشىش ئۈچۈن يالغان قەسەم قىلىدىكەن، ئاللاھنىڭ ئالدىغا ئاللاھ ئۇنىڭغا غەزەپ قىلغان ھالدا بارىدۇ‹ دېدى. ئاندىن ئاللاھ بۇ سۆزنى تەستىقلاپ: ﴿ئاللاھقا بەرگەن ئەھدىنى ۋە قەسەملىرىنى ئازغىنە بەدەلگە تېگىشىدىغانلارغا ئاخىرەتتە ھېچقانداق نېسىۋە يوقتۇر، قىيامەت كۈنى ئاللاھ ئۇلارغا سۆز قىلمايدۇ، ئۇلارغا قارىمايدۇ، ئۇلارنى پاكلىمايدۇ، يەنە ئۇلارغا قاتتىق ئازاب باردۇر﴾ دېگەن ئايەتنى نازىل قىلغان» دېدى([27]).

بۇ قىلمىش ئىنتايىن ئېغىر بولغاچقا، بۇنداق قەسەم ئىچكەن كىشىگە كۆپچىلىك ئالىملارنىڭ نەزىرىدە كەفارەت يوق. يۇقىرىقى ئايەت ۋە ھەدىسلەردىمۇ كەفارەت بېرىش كۆرسىتىلمىگەن. ئىمام شافىئي قاتارلىق ئاز سانلىق ئالىملارنىڭ نەزىرىدە كەفارەت كېلىدۇ.

«كەففارەت يوق» دېگەنلىك «بۇ كەفارەتمۇ يۇيالمايدىغان ئېغىر گۇناھ» دېگەنلىكتۇر. كۆپچىلىك ئالىملارنىڭ قارىشىغا ئاساسەن، يالغان قەسەم ئىچىپ سالغان ئادەم بۇ قىلمىشىنىڭ گۇناھىدىن كەفارەت بېرىش ئارقىلىق قۇتۇلالمايدۇ. پەقەتلا سەمىمىي تەۋبە قىلىش، مەغپىرەت تىلەش، باشقىلارنىڭ ھەققىنى ئىگىلىرىگە قايتۇرۇش، زۇلۇم قىلغان بولسا رازى قىلىش ئارقىلىقلا پاكلىنىدۇ.

ئادەتتە، قەرزگە تانغاندا، ھەق دەۋا قىلىشقاندا، ئېلىم – سېتىم قىلىشقاندا يالغان قەسەم قىلىش كەڭ تارقالغان ئېغىر گۇناھلاردىن بولۇپ، يۇقىرىقى ئايەت ۋە ھەدىسلەردىكى تەھدىت بۇ قىلمىشنىڭ ھالاكەتكە ئېلىپ بارىدىغان چوڭ گۇناھلىقىنى كۆرسىتىدۇ. بۇ يالغان قەسەمنىڭ ئاخىرەتتىكى جازاسىنى تەكىتلەيدۇ.

يەنە ھەسەن دەرىجىلىك بىر ھەدىستە: «يالغان قەسەم دىيارلارنى تۈپتۈز قىلىپ تاشلايدۇ» دەپ كۆرسىتىلگەن. بۇ يالغان قەسەمنىڭ دۇنيادىكى نەتىجىسىنى كۆرسىتىدۇ. بۇ ھەدىسنىڭ مەنىسى: ئاللاھ تائالا يالغان قەسەم ئىچكەن كىشىنىڭ ئائىلىسىنى توزۇتۇپ، ئۇنىڭغا ئاتا قىلغان نېمەتلىرىنى ئۆزگەرتىپ، نامراتلاشتۇرۇپ، قولىدىكى مال – دۇنيانى يوقىتىۋېتىدۇ. شۇڭا، ھەرقانداق ئەھۋالدا يالغان قەسەم ئىچىشتىن ساقلىنىش لازىم.

 

قەرزگە بوغۇلۇپ قالغان كىشىگە زاكات بەرسە بولامدۇ؟

جانابىي ئاللاھ تەۋبە سۈرىسىنىڭ 60 – ئايىتىدە زاكات بېرىلىدىغان سەككىز تۈرلۈك كىشىنى بايان قىلىپ: ﴿زاكات پەقەت پېقىرلارغا، مىسكىنلەرگە، ئۇنى يىغىدىغان خادىملارغا، دىللىرىنى ئىسلامغا مايىل قىلىش كۆزدە تۇتۇلغانلارغا، قۇللارنى ئازاد قىلىشقا، قەرزدارلارغا، ئاللاھنىڭ يولىغا ۋە يولدا قالغۇچىلارغا بېرىلىدۇ. بۇ ئاللاھنىڭ بەلگىلىمىسىدۇر، ئاللاھ (بەندىلىرىنىڭ مەنپەتىنى) ئوبدان بىلگۈچىدۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر﴾ دېگەن. بۇ ئايەتتىكى قەرزدارلار بولسا ئىمام قۇرتۇبى تەپسىرىدە بايان قىلغاندەك قەرزگە بوغۇلۇپ قالغان، تۆلىيەلىگۈدەك ئىقتىسادى بولمىغانلاردۇر.

قەرزدارنىڭ زاكات ئېلىشىنىڭ جائىز بولۇشىنىڭ بىر شەرتى شۇكى، ئالغان قەرزنى گۇناھ ئىشقا، ئويۇن – تاماشىسىغا ئىشلىتىش ئۈچۈن ئالمىغان بولۇشى ياكى قىمار، ھاراققا ئوخشىغان گۇناھ ئىشتىن بوغۇلغان قەرز بولماسلىقىدۇر. ئەگەر بۇنداق قەرزدارلارمۇ تەۋبە قىلغان بولسا، زاكات بېرىلسە بولىدۇ. تەۋبە قىلمىغان بولسا، بېرىشكە بولمايدۇ.

قەرزدارغا زاكات بەرگەندە قەرزىنى ئادا قىلالىغۇچە بەرسە بولىدۇ. بەزى ئالىملار ئۆلۈپ كەتكەن كىشىنىڭ بوينىدىكى قەرزنى تۆلەپ قويۇش ئۈچۈن زاكات بەرسە بولىدۇ، ئۇمۇ ئايەتتىكى ›قەرزدار‹غا چۈشىدۇ، دەپ قارىغان. ئىمام ئەبۇ ھەنىفە رەھمەتۇللاھى ئەلەيھى قاتارلىق كۆپچىلىك ئۆلىمالار بۇنى جائىز دەپ قارىمىغان([28]).

 

ئۆسۈملۈك قەرز ئېلىپ تىجارەت قىلىپ ئالغان پايدىنى قانداق پاكلايمىز؟

سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم! ئىككى كىشى شېرىكلىشىپ كارخانا قۇرۇپتۇ. بىر تەرەپ بانكىدىن ئۆسۈملۈك قەرز ئالغان ئىكەن، يەنە بىرەيلەن بۇ ئەھۋالنى شىركەتنى ماڭدۇرۇپ دەسمايىنى ئۈسكۈنىگە ئايلاندۇرۇپ بولغاندىن كېيىن بىلىپتۇ. بۇ چاغدا ئامالسىزلىقتىن قىلىۋېرىپتۇ. بىر يىل بولغاندا ھېسابات قىلىپ، 30 مىڭ سومدىن پايدا ئاپتۇ. مەن بانكىدىن ئۆسۈملۈك قەرز ئالغان كىشى بىلەن شېرىك بولغاندىكىن پۇلۇمنىڭ پاك تۇرۇشى ئۈچۈن قانداق قىلىشىم لازىم؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام! ئۆسۈملۈك قەرز ئالغان پۇلدا ئىش قىلماقچى بولغان كىشى بىلەن شېرىك بولۇش جائىز ئەمەس. ئۇنىڭ ئۆسۈملۈك قەرز ئالغانلىقىنى بىلمەي تۇرۇپ، ئۇنىڭ بىلەن شېرىك بولغان بولسا، بىلگەندىن كېيىن شېرىكچىلىكتىن ئايرىلىشى كېرەك. ئايرىلماي شېرىكچىلىك قىلىۋېرىپ، ئاخىرىدا بۇ شېرىكچىلىكنىڭ نەتىجىسىدە پايدا ئالغان بولسا، بۇ پايدىغا ئۆسۈملۈك قەرزدىن كىرىپ قالغان ھارام پۇلنى مۇنداق تازىلىساق بولىدۇ:

ئۆسۈملۈك قەرز ئالغان پۇل ئومۇمىي سەرمايىنىڭ قانچە پىرسەنتىگە توغرا كەلسە، پايدىدىن شۇنچە پۇلغا تەۋە پايدىنى چىقىرىپ نامراتلارغا بېرىۋېتىمىز. سوئالدىكى ۋەقەلىكتە ھەربىر شېرىك ئالغان پايدا 30 مىڭ سومدىن جەمئىي 60 مىڭ سوم. بۇنى ئومۇمىي سەرمايىگە تەقسىم قىلساق، ھەر مىڭ سومغا قانچە سومدىن پايدا چىققانلىقى مەلۇم بولىدۇ. نەتىجىدە، ھېلىقى شېرىكنىڭ ئۆسۈملۈك قەرز ئالغان پۇلىغا لايىق پايدىنى تەڭ ئىككى قىسىمغا بۆلۈپ، ھەربىر شېرىك شۇنىڭ بىر قىسمىنى چىقىرىپ نامراتلارغا بېرىۋەتسە بولىدۇ.

ئۆسۈملۈك قەرز ئالغان مەبلەغ يۈز مىڭ سوم بولۇپ، بۇنىڭدىن چىققان پايدا ئون مىڭ سوم بولسا، ھەربىر شېرىك بەش مىڭ سومدىن چىقىرىپ نامراتلارغا بېرىۋەتسە، قالغان 25 مىڭ سومنى ھالال دەپ خەجلىسە بولىدۇ.

ئۇندىن باشقا يەنە تەۋبە قىلىشى ۋە بۇندىن كېيىن ئۇنداق مۇئامىلە قىلماسلىقى كېرەك. ۋەللاھۇ ئەئلەم.

 

مىراس قالغان قەرز توغرىسىدا

سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم! ئاكام كېسەل سەۋەبىدىن ئالەمدىن ئۆتتى. (ياتقان يېرى جەننەتتە بولغاي، ئامىن!) ئاكام بۇ يىل 30 ياشتا ئىدى، تىجارەت قىلاتتى. ئاكام ئالەمدىن ئۆتكەندىن كېيىن بىر كىشى ئاكامغا بەش يىلنىڭ ئالدىدا 50 مىڭ سوم قەرز بەرگەنلىكىنى، شۇ قەرزنى بىزنىڭ قايتۇرۇشىمىز كېرەكلىكىنى دەپ ئۆيگە كەپتۇ. قولىدا ئاكام يېزىپ بەرگەن قەرز ھۆججىتى يوق ئىكەن، پەقەت شۇ كىشىنىڭ ئاتا – ئانىسى گۇۋاھلىق بېرىپ، بەش يىلنىڭ ئالدىدا ئاكامغا 50 مىڭ سوم قەرز بەرگەنلىكىنى ئېيتتى. مەرھۇم ئاكام ھايات ۋاقتىدا قەرزى بارلىقى توغرىسىدا ھېچ گەپ قىلمىغان ئىدى. ئۇ كىشى ۋە ئاتا – ئانىسى: «ئاللاھ گۇۋاھ بولسۇن، 50 مىڭ سوم قەرز بەرگەنلىكىمىز راست، ئۇ چاغدا ئاكىلىرى بىلەن مۇناسىۋىتىمىز بەك يېقىن بولغاچقا، ھۆججەت ئېلىۋالماپتىكەنمىز» دېدى. بىز بۇ قەرزنى قايتۇرۇشىمىز كېرەكمۇ؟ قۇرئان ياكى ھەدىستە ۋاپات بولغۇچىنىڭ قەرز مۇئامىلىلىرىنى دەلىللەش ۋە قايتۇرۇش توغرىسىدا قانداق بەلگىلىمىلەر بار؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. ئەسلىدە قەرزنى يېزىپ قويۇش ياكى گۇۋاھچى ئارقىلىق ھۆججەتلەش ئاللاھ بۇيرۇغان ئىش. بۇ بۇيرۇققا ئەمەل قىلمىغان تەقدىردە، مانا مۇشۇنداق ئەھۋاللار كېلىپ چىقىدۇ. ھازىر بۇ مەسىلىنى بىر تەرەپ قىلىش ئۇسۇلى مۇنداق:

ئۇلار ئاكىڭىزغا قەرز بەرگەنلىكىگە دەلىل – ئىسپات (ھۆججەت ياكى گۇۋاھلىق) كەلتۈرىدۇ. ئەمما، ئاتا – ئانىسىنىڭ بالىسىنىڭ پايدىسىغا بەرگەن گۇۋاھلىقى ھېسابقا ئېلىنمايدۇ. ئۇلار ئىسپات كەلتۈرەلمىگەندىن كېيىن سىلەرگە قەسەم كېلىدۇ. سىلەر: «ياق، ئاكىمىزنىڭ ئۇنداق قەرزى يوق ئىدى» دەپ قەسەم قىلالىساڭلار، ئۇلارغا قەرز قايتۇرمىساڭلار بولىدۇ. دەۋا تۈگەيدۇ.

ھەدىستە: «ناۋادا ئىنسانلارغا دەۋالىرى بويىچە ھۆكۈم قىلىپ بېرىلسە، ئادەملەرنىڭ قېنىنى ۋە مال – مۈلكىنى دەۋا قىلىشتىن تەپ تارتمايدۇ. لېكىن، ئىسپات دېگەن دەۋاگەرگە، قەسەم دېگەن تانغۇچىغا كېلىدۇ» دېگەن([29]).

بۇ ئىشتا سىلەرمۇ ئېنىق بىلمىگەندىكىن، شۇنداقلا دەۋا قىلغۇچىلارنىڭ راستچىل ياكى يالغانچى بولۇش ئېھتىماللىقى بولغاندىكىن خاتالىق بولۇپ قالماسلىقى ئۈچۈن بۇ دەۋادا سىز ئاشۇ كىشىلەرنىڭ جەمئىيەتتىكى نام – ئاتىقىغا، دىيانىتىگە قاراپ، ئەگەردە راستچىل بولۇش ئېھتىماللىقى كۈچلۈك بولسا، ئۇلار دېگەن پۇلنى ئۇلارنى قەسەم قىلدۇرۇپ، ئاندىن بەرسىڭىز بولىدۇ. بەكلا پاسىق، يالغانچى بولۇش ئېھتىماللىقى كۈچلۈك بولسا، بەرمىسەڭلارمۇ بولىدۇ. ۋەللاھۇ ئەئلەم.

 

قەرزگە بوغۇلۇپ قالغان كىشىدىكى قەرزىنى زاكاتقا سۇندۇرۇۋەتسە بولامدۇ؟

قەرزگە بوغۇلۇپ قايتۇرالماي قالغان كىشىگە قارىتا ئۇنىڭغا مۆھلەت بېرىش، ياكى قەرزنىڭ ھەممىنى ياكى بىر قىسمىنى كۆتۈرۈۋېتىش ئىسلام تەرغىپ قىلغان ئىشتۇر.

ئاللاھ تائالا «بەقەرە» سۈرىسىنىڭ 280 – ئايىتىدە: ﴿ئەگەر قەرزدارنىڭ قولى قىسقا بولسا، ئۇنىڭ ھالى ياخشىلانغۇچە كۈتۈڭلار. ئەگەر ھەقىقەتنى ياخشى بىلىدىغان بولساڭلار، قىيىنچىلىقتا قالغان قەرزداردىن ئالىدىغان قەرزنى ئۇنىڭغا سەدىقە قىلىپ بېرىۋەتكىنىڭلار سىلەر ئۈچۈن تېخىمۇ ياخشىدۇر﴾ دېگەن.

كەئب ئىبنى مالىك رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ ئوغلى ئابدۇللاھ ئاتىسى كەئب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىدۇكى، ئۇ مەسجىدتە ئىبنى ئەبى ھەدرەددىن قەرزىنى تەلەپ قىلىپ، ئۇ ئىككىسىنىڭ ئاۋازى رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئۆيىدە تۇرۇپ ئاڭلىغۇدەك دەرىجىدە كۆتۈرۈلۈپ كېتىۋىدى، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئۆيىنىڭ پەردىسىنى ئېچىپ تۇرۇپ:

ــ ئى كەئىب! _ دەپ چاقىردى. كەئىب:

ــ خوش، يا رەسۇلۇللاھ! _ دېۋىدى، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم:

ــ ئېلىشىڭدىن مۇنچىلىكنى كۆتۈرۈۋەت! _ دەپ يېرىمىغا ئىشارەت قىلدى. كەئىب:

ــ كۆتۈرۈۋەتتىم، يا رەسۇلۇللاھ! _ دېۋىدى، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئىبنى ئەبى ھەدرەدگە:

ــ تۇر، قەرزىڭنى ئادا قىلىۋەت، _ دېدى([30]).

قەرزدار كىشى زاكات بېرىلىدىغان سەككىز تۈرلۈك كىشىنىڭ بىرى بولغاچقا، بەزى ئالىملار قەرزنى قايتۇرۇشقا قۇربى يەتمىگەن كىشىدىكى قەرزنى زاكاتقا ھېسابلىۋەتسە بولىدۇ، دەپ قارىغان. چۈنكى، قەرزدىن رازى بولۇپ كېتىش پۇل بېرىشنىڭ ئورنىدا تۇرىدۇ ۋە قەرزدارنى غەمدىن، دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە جاۋابكارلىقتىن خالاس قىلىدۇ. بۇلارنىڭ قارىشىدا، قەرزدارنىڭ قەرزنى قايتۇرالمايدىغان بولۇشى شەرتتۇر. قەرزدىن خالاس قىلىۋەتكەندە قەرزدارغا ئېيتىشى كېرەك. لېكىن، قەرزنى زاكاتقا ھېسابلىۋەتكەنلىكىنى ئېيتمىسىمۇ بولىدۇ.

بۇ قاراشنى تۇتقان تەقدىردە، يۇقىرىدا دېيىلگەندەك، قەرزدار قەرزنى قايتۇرالمايدىغان ئەھۋالدا بولۇشى لازىم. يەنە بىر قانچە نۇقتىغا دىققەت قىلىش لازىم. بىرى، بۇ ئىشنى زاكات بېرىشتىن قېچىپ، ئۈمىد ئۈزۈلگەن قەرزلەرنى زاكاتقا ھېسابلىۋېتىدىغان بولۇۋالماسلىق. يەنە نېسى سودا قىلىۋېرىپ، كېيىن ئالالمىغان قەرزىنى زاكاتقا سۇندۇرۇۋېتىدىغان بولۇۋالماسلىق. مېنىڭچە، يۇقىرىقىلارغا دىققەت قىلغان ئاساستا مۇشۇ قاراش بويىچە ئىش قىلسا بولىدۇ.

ئەمما، كۆپچىلىك ئالىملار ھېسابلىۋەتسە بولمايدۇ، چوقۇم زاكاتنى نىيەت قىلىپ، زاكاتنى قەرزدارنىڭ قولىغا تۇتقۇزۇشى كېرەك»، دەپ قارىغان. بۇلارنىڭ قارىشىچە، ئەگەر قەرز ئىگىسى زاكىتىنى قەرزدارغا بەرسە، قەرزدار زاكاتنى ئېلىپ، شۇ زاكاتتىن قەرزىنى قايتۇرسا، بۇرۇن بەرگەندە شۇنداق پۈتۈشۈپ ياكى شەرتلەشمىگەنلا بولسا توغرا بولىدۇ ۋە زاكات گەدىنىدىن ساقىت بولىدۇ. شۇ پۇلدىن قەرزنى قايتۇرۇشقا پۈتۈشۈۋالغان ياكى شەرتلەشكەن بولسا، ئۇنىڭغا زاكاتنى بېرىشى توغرا بولمايدۇ ۋە زاكات گەدىنىدىن ساقىت بولمايدۇ([31]).

 

ئۆسۈملۈك قەرز ئالغان پۇلنى قەرزىنى ئادا قىلىش ئۈچۈن بەرسە ئېلىشقا بولامدۇ؟

سوئال: بىر كىشى ماڭا مەلۇم مىقداردىكى پۇلغا قەرزدار بولۇپ، ئۇ كىشى بانكىدىن ئۆسۈملۈك قەرز ئېلىپ، ماڭا قەرزىنى قايتۇرماقچى بولدى. مەن قەرزىمنى قايتۇرۇۋېلىش ئۈچۈن ئاشۇ پۇلدىن ئالسام بولامدۇ؟

جاۋاب: بانكىدىن ئۆسۈملۈك قەرز ئېلىپ، قەرزىڭىزنى قايتۇرماقچى بولسا، قوبۇل قىلىپ ئالسىڭىز بولىدۇ. ئۆسۈملۈك قەرز ئالغان گۇناھ ئاشۇ كىشىنىڭ ئۆزىگە بولىدۇ. چۈنكى، ئۇ پۇلنىڭ ھارام بولۇشى ئۇ پۇلغا ئەمەس، ئۇ كىشىنىڭ گەدىنىگە ئالاقىدار بولغان. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇ كىشى ھارام ئۆسۈمنى سىزگە ئەمەس، بانكىغا تۆلىگەن. ۋەللاھۇ ئەئلەم.

 

قەرزىگە تېنىۋالغان ياكى قەرز مىقدارىنى قەرز ئىگىسىدىن يوشۇرغاندىن كېيىن تەۋبە قىلسا قانداق قىلىشى كېرەك؟

بۇنداق ئەھۋالدا، قەرزنى دەرھال تۆلىۋېتىش كېرەك. دەرھال تۆلىيەلمىسە ئىمكانىيەت بولغان ھامان تۆلىۋېتىش لازىم. ئەگەر قەرز ئىگىسىگە «سىزنىڭ قەرزىڭىزگە تېنىۋالغان ئىدىم»، ياكى «قەرزىڭىز بارلىقىنى يوشۇرغان ئىدىم، ئەمدى تەۋبە قىلدىم»، ياكى «ھېساباتنى قايتا تەكشۈردۈم، خاتا بولۇپ قاپتىكەن، مەندە مۇنچىلىك پۇلىڭىز بار ئىكەن» دېيەلىسە، تېخى ياخشى. مەلۇم سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن ئېنىق دېيەلمەيدىغان بولسا، توي – تۆكۈن ياكى مېھماندارچىلىقتەك بىرەر مۇناسىۋەت بىلەن ئىگىسىگە ھەدىيە سۈپىتىدە بولسىمۇ قايتۇرۇپ بېرىۋەتسە بولىدۇ. ۋەللاھۇ ئەئلەم.

 

ئاللاھقا قەرز بېرىشنىڭ پەزىلىتى

«ئاللاھقا قەرز بېرىپ تۇرۇش» دېگەن كېيىنكى ساۋابنى كۆزلەپ، ئەمەللەرنى ئالدىن ماڭغۇزۇشتىن ئىبارەت بىر مىسالدۇر. قەرز بېرىپ تۇرىدىغان ئەمەللەر قاتارىغا جان بىلەن مالنى ئاللاھ يولىدا سەرپ قىلىش، شۇنداقلا باشقا بارلىق سالىھ ئەمەللەر كىرىدۇ.

ئاللاھ تائالا «مۇززەممىل» سۈرىسىنىڭ 20 – ئايىتىدە مۇنداق دېگەن: ﴿ئاللاھقا ياخشى قەرز بېرىپ تۇرۇڭلار، ئۆزۈڭلار ئۈچۈن قايسىبىر ياخشى ئىشنى ئالدىن ماڭغۇزۇۋەتسەڭلار، ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا ئۇنى تېخىمۇ ئەۋزەل، ئەجىر جەھەتتىن تېخىمۇ كاتتا كۆرىسىلەر﴾.

«بەقەرە» سۈرىسىنىڭ 245 – ئايىتىدە ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: ﴿ئاللاھقا ياخشى قەرز بېرىپ تۇرسا، ئۇنىڭغا قەرزىنى نۇرغۇن ھەسسىلەپ بېرىدىغان كىم بۇ؟ ئاللاھ تارمۇ قىلىدۇ، كەڭمۇ قىلىدۇ، ئۇنىڭ دەرگاھىغا قايتۇرۇلىسىلەر﴾.

«ھەدىد» سۈرىسىنىڭ 11 – ئايىتىدە ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: ﴿ئاللاھقا ياخشى قەرز بېرىپ تۇرسا، ئۇنىڭغا قەرزىنى نۇرغۇن ھەسسىلەپ بېرىدىغان، يەنە ئۇنىڭغا ئېسىل ئەجىر بولىدىغان كىم بۇ؟﴾.

ئايەتنىڭ تەپسىرى مۇنداق:

قەرزنىڭ «ياخشى» بولۇشى ئىككى جەھەتتىن بولىدۇ: بىرى، قىلغان جىھاد ۋە باشقا سالىھ ئەمەللەر ئىخلاس بىلەن پەقەت ئاللاھنىڭ رازىلىقىنىلا كۆزلەپ، رىيادىن خالىي بولغانلىق جەھەتتىن. يەنە بىرى، ئاللاھ يولىدا سەرپ قىلغان مال ھالال ۋە پاك بولۇش جەھەتتىن.

«نۇرغۇن ھەسسىلەپ بېرىش» دېگەن مىقدارىنى بىر ئاللاھلا بىلىدىغان، ئون ھەسسىدىن يەتتە يۈز ھەسسىگىچە، يەتتە يۈز ھەسسىدىن چەكسىز ھەسسىلەرگىچە دېگەنلىكنى بىلدۈرىدۇ.

«ئاللاھ تارمۇ قىلىدۇ، كەڭمۇ قىلىدۇ». يەنى، ئۆز ھېكمىتىنىڭ تەقەززاسى بويىچە بەزىلەرگە تار قىلىدۇ، بەزىلەرگە كەڭمۇ بېرىۋېتىدۇ ياكى گاھ تار، گاھ كەڭ بېرىۋېتىدۇ. ئۇنداق بولغان ئىكەن، بېخىللىق قىلماي، ئۇنىڭغا قەرز بېرىپ تۇرۇڭلار. ئۇنىڭ ئۈچۈن سەرپ قىلىڭلار، كەڭ بەرگىنىگە قارىتا سەرپ قىلىڭلار. كەڭ بەرسە سەرپ قىلماي تۇرۇۋېلىپ تەتۈر ئىش قىلماڭلاركى، ئاللاھمۇ سىلەرگە تەتۈر قىلىپ قويمىغاي.

«ئۇنىڭ دەرگاھىغا قايتۇرۇلىسىلەر». يەنى، شۇ چاغدا سىلەر ئالدىن قىلىپ ماڭغۇزۇۋەتكەن ئەمەللىرىڭلارغا قارىتا سىلەرگە مۇكاپات بېرىدۇ.

«ئېسىل ئەجىر». يەنى، ئەجىر سان جەھەتتىن كۆپ بولغىنىدەك، سۈپەت جەھەتتىنمۇ ئىنتايىن ئېسىل، قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتىشكە لايىق.

دەرۋەقە مال – دۇنيا دېگەن سەرپ قىلىش، خەجلەش بىلەن قولدىن كەتمەيدۇ. چۈنكى، ئاللاھ يولىدا سەرپ قىلغان مال – دۇنيا نەچچە ھەسسىلەپ قايتۇرۇپ ئالىدىغان كاپالەتلىك قەرزدىن ئىبارەتتۇر. ئاللاھ ئۇنى دۇنيادىلا مال – مۈلۈك، بەرىكەت، بەخت – سائادەت ۋە كۆڭۈل ئارامى سۈپىتىدە ھەسسىلەپ قايتۇرسا، ئاخىرەتتە، نازۇ – نېمەت، ھوزۇر – ھالاۋەت، رازىلىق ۋە ئالىي مەرتىۋە سۈپىتىدە ھەسسىلەپ قايتۇرىدۇ. بۇنىڭ سەۋەبى شۇكى، پېقىرلىق بىلەن بايلىقنىڭ مەنبەسى بېخىللىق بىلەن ھېرىسمەنلىك بولماستىن، بەلكى ئاللاھتۇر. ئۇنداق بولغان ئىكەن، ئۆلۈمدىن، پېقىرلىقتىن قورقۇشقا ئورۇن يوق. ھەممە ئاللاھنىڭ ھۇزۇرىغا قايتىپ كېتىپ، پۈتۈن دۇنيا، مال – مۈلۈك ھەممىسى ئاللاھقا قالىدۇ.

 

ھىجرىيە 1436 – يىلى، سەپەرنىڭ 8 – كۈنى

مىلادىيە 2014 – يىلى 30 – نويابىر

—————————————–
([1]) «عمدة القاري»، 8/293؛ «منهاج الطالبين»، 1/95.
([2]) «قەسەس» سۈرىسى، 24 – ئايەت.
([3]) «بۇخارى»، 833 – ھەدىس.
([4]) «بۇخارى»، 2893 – ھەدىس.
([5]) «بۇخارى»، 6368 – ھەدىس.
([6]) «الترمذي»، 3563 – ھەدىس. ئالبانى «ھەسەن» دەپ باھالىغان؛ «صحيح الترمذي»، 2822.
([7]) «مۇسلىم»، 2713 – ھەدىس.
([8]) «مسند أحمد»، 3712 – ھەدىس. ئالبانى «سەھىھ» دەپ باھالىغان؛ «صحيح الترغيب والترهيب»، 1822.
([9]) «الترمذي»، 479 – ھەدىس. ئالبانى «سەنەدى ئاجىز» دەپ باھالىغان؛ «صحيح الترغيب والترهيب»،1822.
([10]) «المعجم الصغير»، للطبراني، 558 – ھەدىس. ئالبانى «ھەسەن» دەپ باھالىغان؛ «صحيح الترمذي»، 1821.
([11]) «بۇخارى»، 6306 – ھەدىس.
([12]) «ئال ئىمران» سۈرىسى، 77 – ئايەت.
([13]) «بۇخارى»، 2515، 2516 – ھەدىسلەر.
([14]) «الترمذي»، 1341 – ھەدىس. ئالبانى «سەھىھ» دەپ باھالىغان.
([15]) «سنن البيهقي الكبرى»، 20990 – ھەدىس. «ھەسەن» دەپ باھالانغان.
([16]) «بەقەرە» سۈرىسى، 280 – ئايەت.
([17]) سەھىھەين: «بۇخارى»، 2287 – ھەدىس؛ «مۇسلىم»، 1564 – ھەدىس.
([18]) سەھىھەين: «بۇخارى»، 457 – ھەدىس؛ «مۇسلىم»، 1558 – ھەدىس.
([19]) سەھىھەين: «بۇخارى»، 2606 – ھەدىس؛ «مۇسلىم»، 1601 – ھەدىس.
([20]) «بۇخارى»، 2076 – ھەدىس.
([21]) «بۇخارى»، باب «لِصَاحِبِ الْحَقِّ مَقَالٌ».
([22]) «نەھل» سۈرىسى، 94 – ئايەت.
([23]) سەھىھەين: «بۇخارى»، 6675 – ھەدىس؛ «مۇسلىم»، 88 – ھەدىس.
([24]) «ئال ئىمران» سۈرىسى، 77 – ئايەت.
([25]) «نەھل» سۈرىسى، 95 – ئايەت.
([26]) «ئال ئىمران» سۈرىسى، 77 – ئايەت.
([27]) «بۇخارى»، 2515 -، 2516 – ھەدىسلەر.
([28]) «تبيين الحقائق»، 1/300؛ «المغني»، 1/281؛ «المجموع»، 6/200؛ «حاشية الدسوقي»، 1/496.
([29]) «سنن البيهقي الكبرى»، 20990 – ھەدىس. «ھەسەن» دەپ باھالانغان.
([30]) سەھىھەين: «بۇخارى»، 457 – ھەدىس؛ «مۇسلىم»، 1558 – ھەدىس.
([31]) «فقه الزكاة»، 2/901؛ «المغني»، 2/272؛ «المجموع»، 6/199؛ «الذخيرة»، للقرافي، 3/153؛ «الإبراء من الدين»، د وهبة الزحيلي، ص17؛ «ندوات اللجنة العلمية بالمؤتمر الأول للزكاة»، هيئة الزكاة المعاصرة، الكويت، 1984م.

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز