شەرىئەتتە قەرز ئەھكاملىرى(3)

دوكتور ئابدۇلئەزىز رەھمەتۇللاھ

 

بانكىدا قويغان، ئالغان پۇللار قەرزمۇ ياكى ئامانەتمۇ؟

مۇددەتلىك بولسۇن ياكى مۇددەتسىز بولسۇن، ئادەتتىكى جازانىخور بانكىلاردا قويۇلغان پۇللار ئامانەت ئەمەس، قەرزدۇر. چۈنكى، بۇ پۇللارنى بانكا خالىغانچە تەسەررۇپ قىلالايدۇ، پايدىسىنى ئالالايدۇ. ئەگەر ئۇ پۇل ئامانەت بولسا ئىدى، بانكا ئۇنى ساقلاشتىن باشقا ئىشنى قىلمىسا بولاتتى.

بەزىلەر: «بىز بانكىغا قەرز بەرمىدۇق، بانكىدا ئامانەت قويدۇق» دېيىشى مۇمكىن. لېكىن، ئامانەت بىلەن قەرزنىڭ پەرقىنى ئايرىغىنىمىزدا بۇ مەسىلە ئايدىڭلىشىدۇ. قەرزدە پۇلنىڭ ئىگىدارچىلىقى قەرزدارغا يۆتكىلىدۇ. قەرزدار ئۇنى خالىغانچە تەسەررۇپ قىلالايدۇ، خەجلىۋېتەلەيدۇ. كېيىن پۇلنىڭ ئۆزىنى ئەمەس، ئوخشىشىنى قايتۇرۇشقا كاپالەتلىك قىلىدۇ. قەرز يوقاپ كەتسە قەرزدار ئۇنى چوقۇم تۆلەيدۇ. ئەمما، ئامانەت دېگەن ئامانەت ساقلىغۇچىنىڭ يېنىدا ساقلاپ قويۇلىدىغان، يوقاپ كەتسە ساقلىغۇچى تۆلىمەيدىغان پۇلدىن ئىبارەتتۇر. چۈنكى، ئامانەت قويۇش ئارقىلىق پۇلنىڭ ئىگىدارچىلىقى ئامانەت ساقلىغۇچىغا يۆتكەلمەيدۇ، ئامانەت ساقلىغۇچى ئۇنىڭدىن پايدىلىنالمايدۇ. شۇڭا، ئامانەت ساقلىغۇچى ئۇنىڭ يوقاپ كېتىشىگە سەۋەب بولمىغان ئەھۋالدا ئۇنى تۆلىمەيدۇ.

بۇنىڭغا ئاساسەن بانكىدا قويۇلغان پۇللار ئامانەت ئەمەس، قەرز بولىدۇ. چۈنكى، بانكا ئۇ پۇلنىڭ ئۆزىنى ساقلاپ قويۇپ، پۇل ئىگىسىگە قايتۇرمايدۇ، بەلكى ئۇنى خالىغانچە ئىشلىتىپ، ئۇنىڭ ئوخشىشىنى قايتۇرۇپ بېرىدۇ. مۇددەت بەلگىلەپ قويۇلغان پۇللارنىڭ قەرزلىكىدە گەپ يوق. چۈنكى، بانكا ئامانەت ساقلاپ بەرگەنلىكى ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى پۇلنى ئىشلىتىۋالغاچقا ئۆسۈم بېرىدۇ.

مۇددەت بەلگىلىمەي قويغان پۇللارغا كەلسەك، بانكا بىلەن مۇئامىلە قىلىپ باققان ھەرقانداق كىشى بانكىنىڭ بۇ تۈرلۈك قويۇلغان پۇللارنىڭ كۆپ قىسمىنى ئىشلىتىدىغانلىقىنى بىلىدۇ. يەنە مۇددەت بەلگىلىمەي قويغان پۇللارنىمۇ ھەرقانداق ئەھۋال ئاستىدا بانكا تۆلەيدۇ. ئەگەر بۇ پۇل ئامانەت بولىدىغان بولسا، بانكا ئۇنى ئىشلىتەلمەسلىكى، يوقاپ كەتسە تۆلىمەسلىكى كېرەك ئىدى.

«مۇددەت بەلگىلىمەي قويغان پۇللارنى پۇل ئىگىسى قاچان خالىسا بانكا قايتۇرۇپ بېرىدىغۇ؟ قاچان تەلەپ قىلسا قايتۇرۇپ بېرىش ئۇنى ئىشلىتىپ ئۇنىڭدىن پايدىلىنىۋېلىشنى توسىدىغۇ؟» دېيىلسىمۇ، ھەم بۇ نەزەرىيە جەھەتتىن توغرا كۆرۈنسىمۇ، ئەمەلىيەتتە، ئۇنداق ئەمەس. بانكا مۇددەت بەلگىلىمەي قويغان پۇللارنى ئىگىسى تەلەپ قىلغان ۋاقىتنىڭ ئۆزىدە ياكى تەلەپ قىلىپ ئازغىنە بىر مۇددەتتىن كېيىن قايتۇرۇپ بېرىدىغانلىقى بانكىنى بۇ تۈرلۈك پۇللارنىڭ كۆپ قىسمىنى ئىشلىتىۋېلىشتىن توسۇپ قالالمايدۇ. چۈنكى، پۇل قويغانلارنىڭ ھەممىسى بىرلا ۋاقىتتا پۇلىنى تەلەپ قىلمايدۇ. بەزىلەر پۇلىنى قايتۇرۇپ ئالىدىغان ۋاقىتتا يەنە بەزىلەر يېڭىدىن پۇل قويغان بولىدۇ. يېڭى قويۇلغان پۇللارنى ياكى تۈرلۈك يوللار بىلەن كەلگەن پۇللارنى قايتۇرۇپ ئالىدىغانلارغا بېرىپ يولغا سالىدۇ([1]).

بۇنىڭ قەرزلىكىنىڭ يەنە بىر ئىسپاتى شۇكى، بۇ پۇلنى ئامانەت دەپ پەرەز قىلغىنىمىزدا، بۇ ئامانەتنى ساقلاپ بەرگەنلىكى ئۈچۈن بانكا ھەق ئېلىشى كېرەك ئىدى. چۈنكى، بانكا بىكارغا ئامانەت ساقلاپ بېرىدىغان خالىسانە خىزمەت قىلمايدۇ. ئەمەلىيەتتىچۇ؟ بانكا ئىش ھەققى ئېلىش ئۇ ياقتا تۇرسۇن، پۇل ئىگىسىگە پۇلنى بانكىدا قويغانلىقىغا قارىتا پايدا يەتكۈزىدۇ.

يۇقىرىقىلاردىن بانكىدا قويۇلغان مۇددەتلىك ۋە مۇددەتسىز پۇللارنىڭ ھەممىسى ئامانەت ئەمەس، قەرز ئىكەنلىكى مەلۇم بولىدۇ. بۇنى قەرز دەپ مۇئەييەنلەشتۈرۈشتە تۈرلۈك دۆلەتلەرنىڭ قانۇنلىرىمۇ شەرىئەت ھۆكمى بىلەن بىردەك قاراشتا([2]).

شۇنداقلا بانكىدىن ئالغان پۇللارمۇ ئامانەت ئەمەس، قەرزدۇر. چۈنكى، بۇ پۇل قەرزنى ئالغان كىشىنىڭ مۈلكى بولۇپ، ئۇنى خالىغانچە تەسەررۇپ قىلالايدۇ، پايدا ئالسا يانچۇقىغا سالالايدۇ. شۇڭا، بانكىدىن ئالغان ياكى بانكىدا قويغان پۇللارغا قوشۇپ قايتۇرىدىغان ياكى قوشۇپ ئالىدىغان ئۆسۈملەرمۇ شەرتلەشكەن ئەھۋالدا جازانە بولىدۇ.

بانكىدا مۇددەت بەلگىلىمەي قويغان (قاچان ئالسا ئالالايدىغان قەرز) پۇل ئىگىسى بانكا چېكى، پۇلئالغۇ (ATM) قاتارلىقلاردىن پايدىلانسا بولىدۇ. چۈنكى، بۇ ئىككى تەرەپكە ئورتاق بولغان مەنپەئەتتۇر.

بانكىدا پۇل قويغان كىشىگە بانكا بىر نەرسە ساتقاندا ئالاھىدە ئېتىبارلىق باھا بىلەن مۇئامىلە قىلسا، خېرىدارغا ھەدىيە بەرسە، بۇ قەرز ئۈچۈن بېرىلگەن ئۆسۈم ھېسابلىنىدۇ.

بانكىدا مۇددەتلىك ھەم مۇددەتسىز قويغان بارلىق پۇللارنىڭ ئۆسۈمىنى ئېلىش ھارام بولىدۇ. بۇنداق ئەھۋالدا، قولغا كەلگەن ئۆسۈم پۇللارنى ئۆزى ئىشلەتمەي، نامراتلارغا تارقىتىۋېتىش لازىم. بانكا باشقىلارغا ئۆسۈمى بىلەن قايتۇرۇش شەرتى بىلەن بەرگەن قەرزلەرنىڭ ئۆسۈمىمۇ جازانىدۇر.

قەرز بەرگەنلىكى ئۈچۈن كېيىن ئۆزىگىمۇ قەرز بېرىشىنى شەرت قىلغان ئەھۋالدا ئىككى تەرەپنىڭ بىر – بىرىگە قەرز بېرىپ تۇرۇشى ھارام، شەرتلەشمىگەن ئەھۋالدا جائىزدۇر. مەسىلەن، سىز بىرسىدىن 100 سوم قەرز ئالدىڭىز. كېيىن ھېلىقى كىشىگە پۇل لازىم بولۇپ قالغاندا سىزدىن قەرز ئالسا مەيلى. ئەمما، «مەن ساڭا ھازىر قەرز بېرىپ تۇرىمەن، كېيىن سەن ماڭا قەرز بېرىپ تۇرىسەن» دەپ شەرت قىلغان بولسا، بىز يۇقىرىدا بايان قىلغاندەك جائىز بولمايدۇ.

تۈرلۈك زايوم ھۆججەتلىرى جازانىلىك قەرز بولغاچقا ھارامدۇر. بۇ سەۋەبتىن، ئۇنى ئېلىپ – سېتىشمۇ ھارام بولىدۇ.

خەلقئارالىق تىجارەتتە ئەگەر ئىمپورت قىلغۇچى سودا مەبلىغىنى تولۇق تاپشۇرمىغان ياكى بىر قىسمىنى تاپشۇرمىغان ئەھۋالدا، ئىمپورت قىلغان دۆلەتتىكى بانكا ۋاسىتىچىلىك قىلغانلىقى ئۈچۈن ئالىدىغان پايدا ھارام ئۆسۈم دائىرىسىگە كىرىدۇ. شۇنداقلا ئىمپورت قىلغۇچى مەبلەغنى تاپشۇرۇشتا كېچىكىپ قالغانلىقى ئۈچۈن بانكىغا تاپشۇرىدىغان ئۆسۈممۇ ھارام ئۆسۈم دائىرىسىگە كىرىدۇ.

ئەمدى «ئىسلام بانكىلىرى» دەپ ئاتالغان شەرىئەت ئەھكاملىرى بويىچە ئىش قىلىمىز دېگەن بانكىلاردا قويۇلغان پۇللارنىڭ ھۆكمىگە كەلسەك، ئۇ بانكىلاردا خالىغان چاغدا ئالغىلى بولىدىغان ئوچۇق ھېسابتا قويۇلغان پۇللار جازانە بانكىلىرىدىكىگە ئوخشاشلا ئامانەت ئەمەس، قەرزدۇر. چۈنكى بانكا بۇ پۇللارنى خالىغانچە تەسەررۇپ قىلالايدۇ، خەجلىۋېتەلەيدۇ. كېيىن پۇلنىڭ ئۆزىنى ئەمەس، ئوخشىشىنى قايتۇرۇشقا كاپالەتلىك قىلىدۇ([3]).

بۇ تۈرلۈك ھېسابلارغا قارىتا ئىسلام بانكىسى سۇنىدىغان بەزى ئىمتىياز ياكى خىزمەتلەردىن پۇلئالغۇ (ATM) كارتىسى، بانكا تارماقلارنىڭ مۇلازىمىتىدىن بەھرىمەن بولۇش، چەك دەپتىرى قاتارلىق ماددىي مەنپەت دائىرىسىگە كىرمەيدىغان قىسمى جائىز، چۈنكى بۇ قەرزدىن كەلگەن ماددىي مەنپەئەت ئەمەس. بەلكى قەرز ئىگىسى قەرزىنى تاپشۇرۇپ ئېلىشنى قولايلاشتۇرىدىغان خىزمەتلەردۇر. يېڭى ھېساب ئاچقانلارغا بېرىلىدىغان ماددىي مۇكاپات دائىرىسىدىكى بۇيۇملارمۇ جائىز، چۈنكى بۇلار يېڭى خېرىدار جەلب قىلىش دائىرىسىگە كىرىدۇ.

ئەمما خالىغان چاغدا ئالغىلى بولىدىغان ئوچۇق ھېساب ئۈچۈن بېرىلىدىغان تۈرلۈك بۇيۇم ياكى پۇل ياكى ماددىي ئەشيالار قەرزگە قونغان ئۆسۈم بولغاچقا، مەيلى توختامدا شەرتلەشكەن بولسۇن ياكى شەرتلەشمىگەن بولسۇن بانكىدا ئوچۇق ھېسابتا پۇل قويغانلىقى سەۋەبىدىن بولغانلىقى ئۈچۈن چەكلىنىدۇ. چۈنكى، بۇمۇ قەرز ئالغۇچى قەرز ئىگىسىگە قەرزگە قوشۇپ بېرىدىغان نەرسە قاتارىغا كىرىدۇ. پۇل ئالماشتۇرۇشتا ياكى ھاۋالە ئىشلىرىدا ياكى بىخەتەرلىك ئىشكاۋى تەمىنلەشتە باھادا ئېتىبار قىلىشمۇ ئوخشاشلا چەكلىنىدۇ([4]).

ئەمما مەبلەغ سېلىپ تىجارەت قىلىش ئۈچۈن «ئىسلام بانكىلىرى»غا پايدىنى ئىككى تەرەپ مەلۇم پىرسەنت بويىچە ئۈلۈشىدىغانغا، زىيان چىقسا زىياننىڭ ھەممىنى پۇل ئىگىسى كۆتۈرىدىغانغا تاپشۇرۇلغان پۇللار بولسا بۇ شەرىئەتتىكى «مۇزارەبە» يەنى «پۇل – كۈچ شېرىكچىلىكى» توختامىنىڭ قائىدىسىگە بويسۇنىدۇ. ئىسلام بانكىسى كۈچ ئىگىسى، مەبلەغ سالغۇچى پۇل ئىگىسى بولىدۇ. بۇنىڭغا ئاساسەن، مەبلەغ سېلىنغان بۇ پۇللار مەيلى مەلۇم تۈردە تىجارەت قىلىشقا شەرت قىلىنغان بولسۇن ياكى شەرت قىلىنمىغان بولسۇن، ئىسلام بانكىسىنىڭ قولىدا ئامانەت ھېسابلىنىدۇ. ئەگەر ئىسلام بانكىسى تىجارەت قىلىش جەريانىدا خاتالىق ئۆتكۈزمىسە ياكى زايە قىلىۋەتمىسە ئۇ پۇلنى تۆلىمەيدۇ. بۇنىڭدا ئالىملار ئىتتىپاق([5]).

 

قەرزنى ئادا قىلىۋېتىش زۆرۈرمۇ، پەرز ھەجگە بېرىشمۇ؟

قەرزنى تۆلەش ۋاقتى كېيىن كېلىدىغان بولسا، ھەجگە بېرىۋەرسە بولىدۇ. ئەمما، ھەجگە بارسا كېيىن قەرزنىڭ ۋاقتى توشقاندا قەرزنى قايتۇرالمايدىغان بولسا، بارسا بولمايدۇ. قەرزنىڭ ۋاقتى كەلگەن بولسا، قەرز ئىگىسى رۇخسەت قىلغان ئەھۋالدا ھەجگە بارسا بولىدۇ. رۇخسەت قىلمىسا، قەرزنى ئادا قىلىۋېتىپ ئاندىن بېرىش كېرەك.

 

ئالدىن شەرتلەشمىگەن ئەھۋالدا، قايتۇرۇش ۋاقتى كېلىشتىن بۇرۇن قەرزنى قايتۇرۇۋېلىش ئۈچۈن قەرزنىڭ بىر قىسمىنى كۆتۈرۈۋېتىشكە بولامدۇ؟

قەرزنى قايتۇرۇش ۋاقتى كېلىشتىن بۇرۇن قەرزدار پۇل ئىگىسىگە يا ئاغزاكى، ياكى يېزىپ: «قەرزنىڭ مۇنچىلىكىنى كۆتۈرۈۋەتكىن، قالغىنىنى ھازىرلا نەق بېرەي» دېگەن ياكى پۇل ئىگىسى قەرزدارغا: «قەرزنىڭ مۇنچىلىكىنى كۆتۈرۈۋېتەي، قالغىنىنى ھازىرلا نەق بەرگىن» دېگەن تەقدىردە، بۇ، قەرزنىڭ بىر قىسمىنى تاشلىۋېتىپ، يەنە بىر قىسمىنى ۋاقتى كېلىشتىن بۇرۇن تاپشۇرۇپ ئېلىشتىن ئىبارەت بولۇپ، تۆت مەزھەپنى ئۆز ئىچىگە ئالغان كۆپچىلىك ئالىملار: «بۇنىڭدا ۋاقىتقا قارىتا پۇل تۆلەش مەزمۇنى بولغانلىقى ئۈچۈن جازانە شەكىللىنىدۇ» دېگەن. بۇ ئەھۋالدا ۋاقىتقا قارىتا پۇل تۆلەش مۇنداق ئىككى يول بىلەن ۋۇجۇدقا چىقىدۇ:

بىرى، پۇل ئىگىسى كېيىنچە، تاپشۇرۇپ ئالىدىغان قەرزنى ۋاقتىدىن بۇرۇن تاپشۇرۇپ ئېلىش ئۈچۈن قەرزنىڭ بىر قىسمىنى قەرزدارغا تۆلىگەن بولدى. يەنە بىرى، مىسالغا مىڭ دوللار قەرزىدىن بەش يۈز دوللارنى ۋاقتى كېلىشتىن بۇرۇن نەق بېرىپ، قالغىنىنى كۆتۈرۈۋېتىشكە پۈتۈشسە، بەرگەن بەش يۈز دوللار قەرزنىڭ يېرىمىنىڭ ئورنىنى تولدۇرسا، ئاشۇ بەش يۈزنى نەق بەرگەنلىكى نېسى بەش يۈزنىڭ ئورنىنى تولدۇرىدۇ. چۈنكى، نەق پۇل نېسى پۇلدىن ياخشى. باشقىچە ئىپادىلىسەك، قەرزدار پۇل ئىگىسىگە پۇلنىڭ يېرىمىنى قەرز بېرىش ئارقىلىق گەدىنىدىكى قەرزنىڭ بىر قىسمىنى پايدا ئالغان. نەتىجىدە، مەلۇم مۇددەتكە قارىتا بەدەل ئالغان بولدى. يەنە مۇنداق دېيىشمۇ مۇمكىن: بۇ مۇئامىلىدە نېسى بىر پۇل، نەق بىر پۇل بار. بىرى يەنە بىرىدىن ئارتۇق، شۇڭا، جازانە بولىدۇ([6]).

ئاز بىر قىسىم ئالىملار بۇرۇن قەرز بەرگەندە «قەرزنى ۋاقتى كېلىشتىن بۇرۇن قايتۇرسام مۇنچىلىكىنى كۆتۈرۈۋېتىسەن» دەپ شەرتلەشمىگەن بولسا ياكى ئالدىن شەرتلەشمىگەن تەقدىردىمۇ، ئەشۇ جەمئىيەتتە ۋاقتىدىن بۇرۇن قايتۇرسا بىر قىسمىنى تاشلىۋېتىش ئادىتى شەكىللەنمىگەن بولسا، «جائىز» دەپ قارايدۇ. ئەلۋەتتە، كۆپچىلىك ئالىملارنىڭ قارىشىغا كۆڭۈل خاتىرجەم بولىدۇ. ساھابە – تابىئىنلاردىن خېلى كۆپ قىسمى بۇنداق قىلىشنى يامان كۆرگەن ۋە زەيد، ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇلار بۇنى جازانە دەپ ئاتىغان([7]).

ئەمما، قەرز بەرگەندە ۋاقتى كېلىشتىن بۇرۇن «قەرزنى قايتۇرسام مۇنچىلىكىنى كۆتۈرۈۋېتىسەن» دەپ شەرتلەشمىگەن بولسا ياكى ئالدىن شەرتلەشمىگەن تەقدىردىمۇ، جەمئىيەتتە ۋاقتىدىن بۇرۇن قايتۇرسا بىر قىسمىنى كۆتۈرۈۋېتىش ئادىتى شەكىللەنمىگەن بولسا، قەرزدار قەرزنى قايتۇرۇش ۋاقتى توشۇشتىن بۇرۇن قەرزنى تولۇق قايتۇرۇش ئۈچۈن كەلگىنىدە، پۇل ئىگىسى: «مۇنچىلىكىنى كۆتۈرۈۋەتتىم، قالغىنىنى بەرگىن» دېسە، جائىز بولىدۇ. بۇ بولسا ياردەم، ھەدىيە ياكى سۈلھى دائىرىسىگە كىرىدۇ.

قەرز بەرگەندە شۇنداق شەرتلەشكەن بولسا ياكى ئالدىن شەرتلەشمىگەن تەقدىردىمۇ، جەمئىيەتتە ۋاقتىدىن بۇرۇن قايتۇرسا بىر قىسمىنى تاشلىۋېتىش ئادىتى شەكىللەنگەن بولسا، بارلىق ئالىملارنىڭ قارىشىدا، جازانە بولىدۇ.

ئەگەر قەرزدار ياكى پۇل ئىگىسى قەرزنى تۆلەيدىغان ۋاقىتتىن بۇرۇن تۈگەپ كەتسە، ياكى قەرزدار ۋەيران بولسا، ياكى قەرزنى تېنىپ تۇرۇۋالغانلىقتىن دەۋالىشىپ قالسا، بۇ ئەھۋاللاردا، ئىككى تەرەپ رازىلىشىپ، قەرزنىڭ بىر قىسمىنى چۈشۈرۈۋەتسە بولىدۇ. بۇ سۈلھىلىشىش دائىرىسىگە كىرىدۇ([8]).

 

قەرز قايتۇرغاندا قەرز ئالغان پۇلنىڭ قىممىتى تۆۋەنلەپ كەتسە، قەرزنى شۇ پۇلدا قايتۇرامدۇ ياكى ئەسلىدىكى قىممىتى بويىچە قايتۇرامدۇ؟

ئالتۇن – كۈمۈش ياكى تاۋار قەرز بەرگەن بولسا، باھا ئۆرلىسۇن ياكى چۈشۈپ كەتسۇن ئوخشىشىنى قايتۇرۇشى كېرەك. بىر كىلو ئالتۇنغا بىر كىلو ئالتۇن، بىر تاغار بۇغدايغا بىر تاغار بۇغداي دېگەندەك. قەغەز پۇل قەرز ئالغان بولسا، مەسىلەن، يۈەن قەرز ئالغان بولسا ياكى يۈەن ھېسابىدا قەرز ئالغان بولسا ۋە يۈەننىڭ قىممىتى ئۆزگەرمىگەن بولسا، قايتۇرغاندا شۇنچە يۈەن ئەينەن قايتۇرىدۇ. دوللار ئالغان بولسا، شۇنچە دوللار قايتۇرىدۇ. ئەگەر يۈەن ئېلىپ، كېيىن دوللار قايتۇرماقچى بولغان بولسا، قايتۇرىدىغان كۈندىكى باھا بويىچە ھېسابلاپ، ئالماشتۇرۇپ قايتۇرىدۇ.

ئەگەر قەغەز پۇلنىڭ قىممىتى ئادەتتىكى ئەھۋالدىكىدەك ئېگىز – پەس بولغان بولسا، بۇ ئەھۋالدا ئالغان قەغەز پۇلنى ئەينەن قايتۇرىدۇ. مەسىلەن، بەش يىل بۇرۇن مىڭ يۈەن قەرز ئالغان بولسا، بۇ مىڭ يۈەنگە شۇ چاغدا ئون گىرام ئالتۇن كېلىدىغان، ئەمما ھازىر سەككىز گىرام كېلىدىغان بولسا، مىڭ يۈەننى ئەينەن قايتۇرىدۇ. چۈنكى، بۇ پۇل قىممىتىدىكى نورمال ئېگىز – پەس بولۇش ھېسابلىنىدۇ. قەرز بەرگۈچىمۇ بۇنداق ئېگىز – پەس بولۇش ئېھتىماللىقىنى كۆزدە تۇتۇپ تۇرۇپ قەرز بەرگەن.

ئەمما، ئادەتتىن تاشقىرى ئېگىز – پەس بولۇپ كەتكەن بولسا، بۇنىڭدا مەشھۇر قاراشلاردىن بىر قانچىسى بار. كۆپچىلىك ئالىملار ئەينەن قايتۇرىدۇ، ئارتۇق ئېلىۋالسا جازانە بولىدۇ. لېكىن، قەرزدار خالىسا پۇل ئىگىسىگە كېلىدىغان زىياننى تولۇقلاپ بېرىدۇ. بۇ ئۆزىنىڭ ئىختىيارى، دەپ قارايدۇ. يەنە بەزىلەر قەرز بەرگەن چاغدىكى ئالتۇن باھاسى بويىچە قەغەز پۇلنىڭ قىممىتىنى قايتۇرىدۇ، دەپ قارايدۇ. يەنە بىر قاراشتا پۇلنىڭ قىممىتى ئۈچتىن بىرىدىن كۆپرەك چۈشۈپ ياكى ئۆسۈپ كەتكەن بولسا، پۇل ئىگىسى ياكى قەرزدار ئېغىر زىيانغا ئۇچراپ كېتىدىغان بولغاچقا، ئالاھىدە ئەھۋال سۈپىتىدە مۇنداق بىر تەرەپ قىلىنىدۇ: زىياننى ئىككى تەرەپ بۆلۈشۈپ كۆتۈرۈش ئارقىلىق سۈلھىلىشىش. سۈلھىگە كېلىشەلمىسە، بىر كىشىنىڭ ئوتتۇرىدا ھۆكۈم پىچىپ قويۇشىغا رازى بولۇش. بۇنىڭغىمۇ كېلىشەلمىسە سوتتا دەۋالىشىش([9]).

پۇل پاخاللىشپ كېتىش ئېھتىماللىقى كۈچىيىپ كەتكەن ئەھۋالدا، قەرز بەرگۈچى يا ئالتۇن – كۈمۈش، يا «قىممىتى چۈشۈپ كەتمەيدۇ» دەپ قارىغان باشقا بىر پۇل ياكى تاۋار قاتارلىق نەرسىلەرنى تاللاپ، شۇ نەرسىلەرنى قەرز بەرسە بولىدۇ. قەرزدارمۇ قەرزنى قولىغا تاپشۇرۇپ ئالغان تۈر بويىچە قايتۇرىدۇ. ئەمما، قەرزنى بىر پۇلدا ئېلىپ، كېيىن قايتۇرغاندا باشقا بىر پۇلدا قايتۇرۇش ياكى تۇرمۇش سەۋىيەسىگە باغلاپ، ھېسابلاپ قايتۇرۇش ياكى ئالتۇن – كۈمۈش قىممىتىگە قاراپ قايتۇرۇش ۋە ياكى مەلۇم تاۋارنىڭ باھاسىغا باغلاپ قايتۇرۇشقا پۈتۈشسە توغرا بولمايدۇ. چۈنكى، بۇنداق باغلاپ قويغان ئەھۋالدا، ئېغىر نامەلۇملۇق كېلىپ چىقىدۇ ھەم ئىككىلا تەرەپ كېيىنچە، ئەھۋالنىڭ قانداق بولىدىغانلىقىنى بىلمەيدۇ. نەتىجىدە، توختامنىڭ توغرا بولۇشى ئۈچۈن شەرت قىلىنغان «ئېنىق بولۇش شەرتى» تېپىلمىغان بولىدۇ. يەنە بىر تەرەپتىن، قەرزنى باغلاپ قويغان نەرسە ئۆرلەشكە قاراپ ماڭسا، گەدەندىكى قەرزدىن ئارتۇق نەرسە قايتۇرۇشى تەلەپ قىلىنىدۇ ۋە بۇ ئارتۇق نەرسە جازانە بولىدۇ.([10]) مەسىلەن، مىڭ يۈەن قەرز بەرگەن بولسا، بۇ پۇلغا ئۆز ۋاقتىدا ئون گىرام ئالتۇن، ياكى 50 تۇياق قوي، ياكى ئون ئايلىق مائاش ۋە ياكى بىر توننا بۇغداي كېلىدىغان بولسا، قەرزنى قايتۇرىدىغان چاغدا ئەينى چاغدىكى مىڭ يۈەنگە توغرا كېلىدىغان شۇ نەرسىلەرنىڭ بىرىنى قايتۇرۇپ ئېلىشقا پۈتۈشسە بولمايدۇ.

قەرزنى بىر خىل پۇلدا ئېلىپ، كېيىن قايتۇرغاندا باشقا بىر خىل پۇلدا قايتۇرۇش مۇنداق ئەھۋالدا جائىز بولىدۇ:

قەرز بەرگەندە يۈەن بويىچە 6 مىڭ يۈەن قەرز بەرگەن، كېيىن قەرز قايتۇرۇش ۋاقتى كەلمىدى ياكى كېچىكىپ كەتتى، بۇ ئەھۋالدا، پۇل ئىگىسى پۇلىنىڭ پاخاللىشىشىدىن ئەنسىرىسە، قەرزداردىكى قەرزىنى بىرەر مۇقىم پۇلغا ياكى ئالتۇنغا ئايلاندۇرۇپ قەرزنى يېڭى تۈر بويىچە تاپشۇرۇپ ئېلىشقا پۈتۈشسە بولىدۇ. بۇنداق قىلغاندىمۇ يۈەننى بېرىپ ئۇنى دوللارغا ئايلاندۇرۇشتىن ئىبارەت «پۇل ئالماشتۇرۇش» مۇئامىلىسى بولغان بولىدۇ. بۇنىڭ ئۈچۈن ئىككى تەرەپ رازى بولۇشى، قەرز ئالغان چاغدىكى باھا بويىچە ئەمەس، دوللارغا ئايلاندۇرغان چاغدىكى باھا بويىچە ھېسابلىشى كېرەك.

قەرز قايتۇرۇش ۋاقتى كەلگەن چاغدىمۇ ئىككى تەرەپ خالىسا قەرزنى باشقا پۇلغا ئايلاندۇرۇپ قايتۇرسا بولىدۇ. بۇنداق قىلغاندىمۇ «پۇل ئالماشتۇرۇش» مۇئامىلىسى بولغان بولىدۇ. بۇنىڭ جائىز بولۇشى ئۈچۈن قەرزنى شۇ چاغدا تولۇق بېرىشى، ئۇنىڭ بىر قىسمى نېسىي قالماسلىقى، قەرز ئالغان چاغدىكى باھا بويىچە ئەمەس، بەرگەن چاغدىكى باھا بويىچە ھېسابلىشى شەرت.

بەزىدە، قەرز قايتۇرىدىغان چاغدا يېنىدا قەرز ئالغان پۇل تۈرى بولماي باشقا تۈر بولسا، شۇ كۈنكى باھا بويىچە باشقا تۈردە قايتۇرسا بولىدۇ.

 

مېيىتنىڭ قەرزىنى ئادا قىلىشنىڭ زۆرۈرلىكى

رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم قەرزى بار ھالەتتە ئۆلۈپ كەتكەن ساھابىلەرنىڭ نامىزىنى ئۆزى چۈشۈرمەي، باشقا ساھابىلەرنى ناماز چۈشۈرۈشكە بۇيرۇيتتى. قەرزى ئادا قىلىنىپ كەتسە ئاندىن ئۆزى نامىزىنى چۈشۈرەتتى.

ئەبۇ سەلەمە ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىدۇكى، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ئالدىغا قەرزى بار ئادەمنىڭ جىنازىسى ئېلىپ كېلىنسە: «بۇ ئادەم قەرزنى تۆلىگۈدەك بىر نەرسە قالدۇردىمۇ؟» دەپ سورايتتى. ئەگەر ئۇ ئادەم قەرزنى تۆلىگۈدەك بىر نەرسە قالدۇردى، دېيىلسە، ئۇنىڭ نامىزىنى چۈشۈرەتتى. ئەگەر قەرزنى تۆلىگۈدەك بىر نەرسە قالدۇرمىدى، دېيىلسە، ساھابىلەرغا: «ھەمراھىڭلارغا ئۆزۈڭلار ناماز چۈشۈرۈۋېلىڭلار» دەيدىغان ئىدى. ئاللاھ تائالا رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمگە نۇرغۇن شەھەرلەرنى ئازاد قىلىپ بەرگەندە: «مەن مۆمىنلەرگە ئۆزلىرىدىنمۇ بەكرەك ئىگە بولىمەن. شۇڭا، مۆمىنلەردىن كىم ئۆلۈپ كېتىپ قەرز قالدۇرسا، ئۇنى تۆلەش ماڭا كېلىدۇ. كىمكى مال – دۇنيا قالدۇرسا، ۋارىسلىرىغا قالىدۇ» دېگەن([11]).

بۇنىڭدىن قەرزى بار ئادەمنىڭ نامىزىنى ئىمام ۋە پەزىلەتلىك كىشىلەر چۈشۈرمەي، ئادەتتىكى كىشىلەر چۈشۈرۈپ قويىدىغانلىقى مەلۇم بولىدۇ. چۈنكى، جىنازا نامىزىنى چۈشۈرۈش پەرزى كۇپايە.

ھەدىستە قەرزنى قايتۇرماسلىقنىڭ سەۋەبى بايان قىلىنمىغان. شۇڭا، قەستەن قايتۇرماي تۇرۇۋالغان بولسۇن، ياكى ئىمكانىيىتى يەتمەي قايتۇرۇشقا قۇربى يەتمىگەن بولسۇن، ھەممىسى ئوخشاش. چۈنكى، بۇنىڭدىن مەقسەت قەرزنى قايتۇرماي ئۆلۈپ كېتىشتىن ئاگاھلاندۇرۇشتۇر. ياكى ئىمام نەۋەۋىي دېگەندەك: «كىشىلەرنى ھايات ۋاقتىدىلا قەرزلەرنى ئادا قىلىۋېتىشكە تەرغىب قىلىشتىن ئىبارەتتۇر»([12]).

بۇنىڭ سەۋەبىنى قازى بەيزاۋىي مۇنداق دەپ كۆرسەتكەن: «رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم قەرزنى تۆلىگۈدەك بىر نەرسە قالدۇرمىغان ئادەمنىڭ جىنازا نامىزىنى چۈشۈرمەي تۇرۇۋالغانلىقى بەلكىم قەرزنىڭ خەتىرىدىن ئاگاھلاندۇرۇش، قەرزنى قايتۇرماي سۆرەلمىلىك قىلىشتىن توسۇش ياكى ئۇنىڭغا قىلغان دۇئاسىنىڭ كىشىلەرنىڭ ھەققىنى قايتۇرماي زۇلۇم قىلغانلىقى سەۋەبىدىن ئىجابەت قىلىنماي قېلىنىشىنى يامان كۆرگەنلىكىدىن بولسا كېرەك»([13]).

 

ئاتا – ئانىسىنىڭ قەرزىنى تۆلەش ۋاجىپمۇ؟

ئاتا – ئانا ۋاپات بولۇپ، مال – دۇنيا قالدۇرۇپ كەتكەن بولسا، ھايات چاغدا ئالغان قەرزى قالدۇرۇپ كەتكەن مال – دۇنياسىدىن تۆلىنىدۇ. پەرزەنتلىرىنىڭ مىراسنى تەقسىم قىلىشتىن بۇرۇن ئۇ قەرزنى ئاتا – ئانىسى قالدۇرۇپ كەتكەن مال – دۇنيادىن دەرھال تۆلىۋېتىشى ۋاجىپتۇر. تۆلىمىسە ياكى تۆلەشنى ئارقىغا سۈرسە ھارام بولىدۇ. چۈنكى، ئاللاھ تائالا مىراس تەقسىماتى توغرىسىدا ھەربىر مىراسخورنىڭ نېسىۋىلىرىنى بەلگىلەپ بەرگەندىن كېيىن: ﴿(بۇ تەقسىمات) مېيىتنىڭ ۋەسىيىتى ئورۇنلانغان ياكى قەرزى تۆلىنىپ بولغاندىن كېيىن ئېلىپ بېرىلىدۇ﴾([14]) دېگەن.

ئاتا – ئانىسى قالدۇرۇپ كەتكەن مال – دۇنيا بار تۇرۇپ، ئۇ قەرزنى پەرزەنتلىرى ئۆز يېنىدىن تۆلىۋەتسە، بۇ ياخشى ئىشلار قاتارىغا كىرىپ، ئاتا – ئانىغا سىلە – رەھىم قىلغانلىقنىڭ ساۋابى بولىدۇ.

ئىمام ئىبنى تەيمىيە رەھمەتۇللاھى ئەلەيھى مۇنداق دېگەن: «مېيىتنىڭ قەرزىنى مىراسخورلىرىنىڭ يېنىدىن تۆلىۋېتىشى ۋاجىپ بولمايدۇ، ئۇ قەرز قالدۇرغان مال دۇنياسىدىن تۆلىنىدۇ»([15]).

ئاتا – ئانىسى مال – دۇنيا قالدۇرۇپ كەتمىگەن بولسىمۇ، پەرزەنتلىرى ئاتا – ئانىسىنىڭ قەرزىنى ئۆز يېنىدىن تۆلىۋەتسە، بۇ ئاتا – ئانىغا قارىتا سىلە – رەھىم بولغانلىقى ئۈچۈن ئاللاھتىن كاتتا ساۋابقا ئېرىشىدۇ.

پەرزەنتلەردىن بىرى بۇ قەرزنى ئۆزلۈكىدىن تۆلىۋەتمىگەن ئەھۋالدا، قەرزنىڭ تۈرىگە قارىلىدۇ. ئەگەر ئاتىسىنىڭ بوينىدىكى قەرزنى ھايات ۋاقتىدا يېمەك – ئىچمەك، كىيىم – كېچەك، تۇرالغۇ جاي، قاتناش ۋاسىتىلىرى ۋە داۋالىنىشقا ئوخشاش تۇرمۇش چىقىملىرى ئۈچۈن ياكى پەرزەنتلىرىگە خىراجەت قىلىپ بېرىش ئۈچۈن ئالغان بولسا، بۇنى پەرزەنتلىرىنىڭ تۆلىۋېتىشى ۋاجىپ بولىدۇ. چۈنكى، شەرىئەت پەرزەنتلەرگە ئاتا – ئانىلىرىنىڭ تۇرمۇش خىراجەتلىرىنى قىلىپ بېرىشنى، ئۇلارنى بېقىشنى ۋاجىپ قىلغان. بۇ قەرزلەر بولسا شۇ چىقىملارنى قىلىش ئۈچۈن ئېلىنغان قەرزلەر بولۇپ، بۇ خۇددى پەرزەنتلىرىنىڭ نامىدا ئېلىنغان قەرزلەرگە ئوخشاش.

تىجارەت ۋە باشقا تۈرلۈك ئىشلار ئۈچۈن ئېلىنغان قەرز بولسا، بۇنى پەرزەنتلىرىنىڭ تۆلىۋېتىشى ۋاجىپ بولمايدۇ، بەلكى مۇستەھەپ بولىدۇ. چۈنكى، شەرىئەت ئۇنىڭغا ئاتا – ئانىسىنىڭ قەرزىنى تۆلەشنى ۋاجىپ قىلمىغان. لېكىن، قەرز قىيامەتتە بىر تەرەپ قىلىنىدىغان، باشقا تۈرلۈك ياخشى ئەمەللەر ئۇنى يۇيۇۋېتەلمەيدىغان بولغاچقا، پەرزەنتلەرنىڭ ئاتا – ئانىلىرىغا سىلە – رەھىم قىلىش يۈزىسىدىن ئۇنى تۆلىۋېتىشى تولىمۇ زۆرۈر بولىدۇ.

 

ۋاپات بولغان ئاتا – ئانىسىنىڭ قەرزىنى زاكات پۇلدىن تۆلىۋەتسە بولامدۇ؟

يۇقىرىدا بايان قىلغىنىمىزدەك، ئەگەر ئاتا – ئانىسى ۋاپات بولۇپ كېتىپ مال – دۇنيا قالدۇرمىغان، پەرزەنتلىرىدىن بىرى ئاتىسىنىڭ قەرزىنى ئۆزلۈكىدىن تۆلىۋەتمىگەن ئەھۋالدا قەرزنىڭ تۈرىگە قارىلىدۇ. ئەگەر ئاتا – ئانىسىنىڭ بوينىدىكى قەرز ھايات ۋاقتىدا يېمەك – ئىچمەك، كىيىم – كېچەك، تۇرالغۇ جاي، قاتناش ۋاسىتىلىرى، داۋالىنىش دېگەندەك تۇرمۇش چىقىملىرى ئۈچۈن ئالغان قەرز بولسا، بۇنى پەرزەنتلىرىنىڭ تۆلىۋېتىشى ۋاجىپ بولىدۇ. چۈنكى، بۇ چىقىملار پەرزەنتلىرىنىڭ بوينىغا ۋاجىپتۇر. باشقا تۈردىكى قەرز بولسا تىجارەت ياكى شۇنىڭدەك مۇباھ ئىشلار ئۈچۈن ئالغان قەرزنى پەرزەنتلىرىنىڭ تۆلىشى ۋاجىپ بولمايدۇ. ۋاجىپ بولمىغان ئىكەن، ئىككىنچى تۈرلۈك قەرزنى، يەنى، تۇرمۇش چىقىملىرى ئۈچۈن ئېلىنمىغان قەرزنى پەرزەنتلىرى ئۆزلىرىنىڭ زاكات پۇللىرىدىن تۆلىۋەتسە جائىز بولىدۇ. چۈنكى، ئۇ بۇ ئارقىلىق ئۆزىنىڭ بوينىدىكى چىقىمنى تۆلىگەن بولمايدۇ. ئاتا – ئانىسى «تەۋبە» سۈرىسىنىڭ 60 – ئايىتىدىكى زاكات بېرىلىدىغان سەككىز خىل كىشىنىڭ بىرى بولغان «قەرزدارلار» تۈرىگە چۈشىدۇ. ھاراق، قىمار ۋە شۇنىڭدەك گۇناھ – مەئسىيەتكە خەجلەش ئۈچۈن ئالغان قەرز بولسا، بۇنى تۆلەش ئۈچۈن زاكاتتىن بېرىشكە بولمايدۇ. ئەلۋەتتە، بۇ مەسىلىدە ئالىملارنىڭ قاراشلىرى ئوخشاش بولماسلىقى مۇمكىن، لېكىن بۇ كۈچلۈك قاراشتۇر.

ئاتا – ئانىسى ھايات ۋاقتىدا ئۇلارنىڭ قەرزلىرىنى تۆلىۋېتىشنىڭ ھۆكمىمۇ يۇقىرىقى ئىككى تۈرگە ئايرىش ئاساسىدا بولىدۇ. بەلكى، تېخى قەرزدار ئاتا – ئانىغا زاكات بېرىش سىلە – رەھىم قىلغانلىق جەھەتتىن باشقىلارغا بەرگەندىن ياخشىراقتۇر.

زاكات بېرىشكە بولمايدىغان خوتۇن ۋە پەرزەنت – نەۋرىلەرمۇ قەرزلىرىنى تۆلىيەلمىگەن ئەھۋالدىلا بولىدىكەن، ئاتا – ئانىغا ئوخشاش ھۆكۈمدە بولىدۇ. ئۇلار ھايات بولسۇن ياكى ئۆلۈپ كەتكەن بولسۇن، يېقىن تۇغقانلىرى ئۇلارنىڭ قەرزلىرىنى زاكات پۇلدىن تۆلىۋەتسە بولىدۇ([16]).

 

مېيىتنىڭ قەرزىنى تۆلەش ئۈچۈن مىراسخورلارنىڭ رازىلىقىنى ئېلىش كېتەمدۇ؟

مېيىتنىڭ قەرزىنى مىراس تەقسىم قىلىنىشتىن بۇرۇن تۆلىۋېتىش لازىم. مېيىتنىڭ قەرزىنى تۆلەش ئۈچۈن مىراسخورلارنىڭ رازىلىقىنى ئېلىش كەتمەيدۇ.

 

قەرزگە بوغۇلۇپ قېلىپ تۆلىيەلمىگەن كىشىنىڭ قەرزىنى پۇلۇمنىڭ زاكىتىدىن ئۇ كىشىگە ئۇقتۇرمايلا تۆلەپ قويسام بولامدۇ؟

قەرزگە بوغۇلۇپ قالغانلار زاكات بېرىلىدىغان سەككىز تۈرلۈك كىشىنىڭ بىرسىدۇر. زاكاتنى ئۇنىڭ قولىغا بەرسە ياكى ئۇنىڭ بۇيرۇقى بىلەن قەرزنى تۆلىۋەتسە، بارلىق ئالىملارنىڭ نەزىرىدە توغرا بولىدۇ. قولىغا بەرمەي ياكى ئۇنىڭ بۇيرۇقى بىلەن تۆلىۋەتمەي، بىۋاسىتە قەرز ئىگىسىگە تۆلىۋەتكەن ئەھۋالدا، ئىمام ئىبنى تەيمىيە رەھمەتۇللاھى ئەلەيھى تەرجىھ قىلغان قاراش بويىچە، قەرزدار كىشىگە ئۇقتۇرماستىن زاكات پۇلىدىن قەرزىنى تۆلىۋەتسە بولىدۇ. ئۇنىڭ قولىغا تۇتقۇزۇش كېرەك ئەمەس.([17]) تۆلەپ بولغاندىن كېيىن ئۇ كىشىگە بۇنى خەۋەرلەندۈرۈپ قويۇش كېرەك. بولمىسا، ئۇ كىشى قايتا تۆلەيمەن دەپ ئاۋارە بولىدۇ، غەمدىن خالاس بولمايدۇ. قەرزدارنىڭ قولىغا تۇتقۇزغاندا، قەرزنى تۆلىمەي خەجلىۋېتىدىغان بولسا مۇشۇ قاراش مۇۋاپىق، ئەلۋەتتە.

 

قەرەللىك سودا قىلغاندا خېرىدار پۇلنى بەلگىلەنگەن قەرەلدە تۆلىگىلى ئۇنىمىسا، شەرىئەت بويىچە قانداق چارە قوللىنىش كېرەك؟

ئالدى بىلەن شۇنى تەكىتلەپ قويۇش كېرەككى، نېسى سودىنىڭ باھاسى نەق سودىنىڭكىدىن يۇقىرى بولۇشى تەبىئىي ئەھۋال. ئادەتتە، سودا قىلغاندا كۆپىنچە تاۋارنىڭ نەق باھاسىمۇ، نېسى ياكى قەرەللىك باھاسىمۇ تىلغا ئېلىنىدۇ. يەنى، «نەق ئالساڭ مۇنچە پۇل، نېسى ياكى قەرەللىك ئالساڭ مۇنچە پۇل» دېيىلىدۇ. ئەگەر خېرىدار ئىككىنىڭ بىرىنى تاللىسا، سودا يا نەق باھاغا مۇقىمدالسا، يا نېسى ياكى قەرەللىك باھاغا مۇقىمدالسا، ئەھلى سۈننەت ئالىملار ئارىسىدا، بۇ سودىنىڭ جائىزلىقىدا ئاساسەن تالاش – تارتىش يوق. بۇنى پەقەتلا شىئە تائىپىسى جازانە بولىدۇ، دەپ قارىغان.([18]) بەزى ئۇيغۇر ئەھلى ئىلىملەر بۇنىڭغا دىققەت قىلماي، شىئەلەرنىڭ قارىشىنى سىڭدۈرۈۋالغان. ئەمەلىيەتتە، دەلىللەر بۇ سودىنىڭ توغرا بولىدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ.

ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دېگەن: رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مەدىنىگە كەلگەندە كىشىلەر ئىككى يىلنىڭ ۋە ئۈچ يىلنىڭ خورمىسىغا ئالدىنئالا پۇل تاپشۇراتتى. شۇڭا، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «كىمكى بىرەر نەرسىگە ئالدىنئالا پۇل تاپشۇرماقچى بولسا، مىقدارىنى، ۋەزىنىنى ئېنىق قىلىپ، مەلۇم مۇددەتكە پۇل تاپشۇرسۇن» دېدى.([19]) بۇ ھەدىستە رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم تاپشۇرغان پۇلنىڭ بۈگۈنكى باھادا بولۇشىنى شەرت قىلمىغان.

ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دېگەن: «رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بىر يەھۇدىيدىن نېسى ئاشلىق سېتىۋېلىپ، ئۇنىڭغا تۆمۈردىن ياسالغان ساۋۇتىنى رەنىگە قويغان»([20]).

بۇنىڭدىن كۆرۈنۈپ تۇرىدۇكى، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بۇ ئاشلىقنى نەق باھاسىدىن يۇقىرى سېتىۋالغان، چۈنكى ئۇ يەھۇدىينىڭ ئۇ ئاشلىقنى نەق باھادا نېسى بېرىشى ئېھتىمالدىن يىراق.

قەرزگە ئۆسۈم قوشۇش بىلەن قىممەترەك باھادا نېسى سېتىشنىڭ پەرقىنىمۇ بىلىۋېلىشىمىز كېرەك. «قەرزگە ئۆسۈم قوشۇش» دېگەن بوينىمىزدىكى بار قەرزنى ئاشۇرۇشتىن ئىبارەت. ئەمما، قىممەترەك باھادا نېسى سېتىشتا بولسا، ئارتۇق پۇل بوينىمىزدىكى قەرزنى ئارقىغا كېچىكتۈرۈش ئۈچۈن بولماستىن، بەلكى سېتىلغان تاۋارنىڭ نېسى بولغانلىقى ئۈچۈندۇر. يەنە بىر پەرقى نېسى سودىدا ئارتۇقلۇق سودىغا ئەگىشىپ كەلگەن بولسا، ئۆسۈملۈك قەرزدە ئۆز ئالدىغا مۇستەقىل ھالدا كەلگەن. نېسى سودىدا پۇل كېچىكسە ئۆسۈم كەلمەيدۇ. ئۆسۈملۈك قەرزدە بولسا بۇ ئۆسۈم ئەسلىدە كېچىكىشتىن كەلگەن. يەنە كېچىكسە يەنە ئۆسۈم كېلىدۇ. شۇڭا، ئىمام شەۋكانى ھەزرەتلىرىمۇ بۇ سودىنىڭ توغرىلىقىنى دەلىللىرى بىلەن بايان قىلىپ، بۇ ھەقتە مەخسۇس بىر رىسالە يازغان([21]).

سودا نېسى ياكى قەرەللىك باھاغا مۇقىمدالسا، خېرىدار پۇلنى بەلگىلەنگەن قەرەلدە تۆلىيەلمەي قالغان ئەھۋالدا، ئۇنىڭغا مۆھلەت بېرىش كېرەك. قولىدا پۇل بار تۇرۇپ تۆلىگىلى ئۇنىمىسا، ھەق – تەلەپ قىلىش يوللىرى ئارقىلىق ھەققىنى ئېلىش كېرەك. ئەمما، سودا قىلغاندا توختام تۈزۈپ، «قەرەلى كەلگەندە پۇلنى ۋاقتىدا تاپشۇرمىسا مۇنچىلىك تۆلەم تۆلەيدۇ» دەپ رازىلاشسا، بۇ تۆلەم ساپ جازانە ھېسابلىنىپ، ئۇنى ئېلىش ھارام بولىدۇ. شۇڭا، بۇنداق سودا قىلغاندا جازانىگە ياكى بوزەك بولۇشقا ئۇچرىماسلىق ئۈچۈن، قەرزگە بىرەر كىشىنى كېپىل قىلىش ياكى بىرەر نەرسىنى رەنىگە ئېلىپ تۇرۇش لازىم.

قەرەللىك سودا قىلغاندا، بەزىدە توختامدا تاۋارنىڭ باھاسىنى ئايرىم، نېسىلىككە قارىتا ئۆسۈمىنى ئايرىم بېكىتىشمۇ بار. مەسىلەن، «بۇ ماشىنىنىڭ باھاسى 50 مىڭ دوللار، توختاملاشقاندا 5 مىڭنى بېرىدۇ. ئاندىن 50 مىڭنى ھەر ئايدا 5 مىڭدىن ئون ئايغا بۆلۈپ بېرىدۇ» دەيدۇ. بۇنداق توختاملاردا ئادەتتە، ئارتۇق باھانى قەرز ۋە ئۇنىڭ مۇددىتىگە باغلاپ بېكىتىدۇ. بەزىدە پۇلنى قەرەلىدىن بۇرۇن بېرىدىغان بولسا، ئۆسۈمنى چۈشۈرۈۋېتىشى مۇمكىن. بەزىدە پۇلنى ئۆز قەرەلىدە تاپشۇرالمىسا، ئۈستىلەپ ئۆسۈم تۆلەيدۇ. بۇنداق سودا قىلىشنىڭ جازانە ۋە ھاراملىقى ئېنىق([22]).

—————————————-
([1]) «قرار مجلس مجمع الفقه الإسلامي» رقم (90/3/د9) في دورة مؤتمره التاسع بأبو ظبي بدولة الإمارات العربية المتحدة من 1إلى6 ذي القعدة (1415هـ) الموافق 1_6 إبريل 1995م، انظر: «مجلة مجمع الفقه الإسلامي»، العدد 9، 1/667.
([2]) «موسوعة القضايا الفقهية المعاصرة والإقتصاد الإسلامي»، الدكتور علي أحمد السالوس، 120، 123 – بەتلەر.
([3]) «قرار مجلس مجمع الفقه الإسلامي» رقم (90/3/د9) في دورة مؤتمره التاسع بأبو ظبي بدولة الإمارات العربية المتحدة من 1إلى6 ذي القعدة (1415هـ) الموافق 1_6 إبريل 1995م، انظر: «مجلة مجمع الفقه الإسلامي»، العدد 9، 1/667.
([4]) «قرار مجلس مجمع الفقه الإسلامي» رقم (222/6/23) في دورة مؤتمره الثالثة والعشرين في المدينة المنورة خلال الفترة من 19-23 صفر 1440هـ الذي يوافقه 28 أكتوبر 1 نوفمبر 2018م.
([5]) «المغني»، 6/436. «ضمان الودائع في المصارف الإسلامية في الأردن»، منذر قحف، 21 –، 22- بەتلەر.
([6]) «الموسوعة الفقهية الكويتية»، مادة أجل. «مجلة الشريعة والدراسات الإسلامية»، المجلد 13، العدد 34.
([7]) «موسوعة القضايا الفقهية المعاصرة والاقتصاد الإسلامي»، الدكتور علي أحمد السالوس، 451، 454 – بەتلەر.
([8]) «مجلة مجمع الفقه الإسلامي»، العدد 6، 1/193، والعدد 7، 2/9.
([9]) القرار رقم: 42 (4/5) بشأن تغير قيمة العملة، مجلس مجمع الفقه الإسلامي المنعقد في دورة مؤتمره الخامس بالكويت من 1 – 6 جمادى الأولى 1409هـ، الموافق10 – 15، كانون الأول (ديسمبر) 1988م. توصيات «الندوة الفقهية الاقتصادية لدراسة قضايا التضخم» التي عقدها مجمع الفقه الإسلامي بجدة بالتعاون مع مصرف فيصل الإسلامي بالبحرين في عام (1420 هـ – 1999م)
([10]) القرار رقم: 115 (9/12) بشأن موضوع التضخم وتغير قيمة العملة. مجلس مجمع الفقه الإسلامي المنعقد في دورته الثانية عشرة بالرياض من 25 جمادى الآخرة غلى غرة رجب 1421هـ، الموافق23 – 28 (سبتمبر) 2000م.
([11]) سەھىھەين: «بۇخارى»، 2298 – ھەدىس؛ «مۇسلىم»، 1619 – ھەدىس.
([12]) «شرح النووي على صحيح مسلم»، 11/60.
([13]) «عمدة القاري»، 12/113.
([14]) «نىسا» سۈرىسى، 12 – ئايەت.
([15]) «منهاج السنة النبوية»، 5/232.
([16]) «الموسوعة الفقهية الكويتية»، 23/177.
([17]) «الفروع»، 2/468؛ «مختصر الإنصاف والشرح الكبير»، 1/253.
([18]) «نيل الأوطار»، 5/250.
([19]) سەھىھەين: «بۇخارى»، 2240 – ھەدىس؛ «مۇسلىم»، 1604 – ھەدىس.
([20]) سەھىھەين: «بۇخارى»، 2251 – ھەدىس؛ «مۇسلىم»، 1603 – ھەدىس.
([21]) «شِفَاءَ الغلل في حُكْمِ زِيَادَةِ الثَّمَنِ لِمُجَرَّدِ الْأَجَلِ».
([22]) «موسوعة القضايا الفقهية المعاصرة والإقتصاد الإسلامي»، الدكتور علي أحمد السالوس، 440، 441 – بەتلەر.

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز