شەرىئەتتە قەرز ئەھكاملىرى(2)

دوكتور ئابدۇلئەزىز رەھمەتۇللاھ

قانداق نەرسىلەرنى قەرز بېرىپ تۇرۇشقا بولىدۇ؟

قەرزنى قايتۇرغاندا قىممىتىدە ئالاھىدە پەرق بولمايدىغان، سۈپىتى ۋە مىقدارى ئېنىق نەرسىلەرنى قەرز بېرىشكە بولىدۇ. مەسىلەن، ئېغىرلىقى بىلەن ئۆلچىنىدىغان ئالتۇن – كۈمۈش ۋە ئاشلىقلاردەك نەرسىلەرنى، سانى بىلەن ئۆلچىنىدىغان پۇل، ياڭاق، تۇخۇم قاتارلىقلارنى، ئۇزۇنلۇقى ياكى ھەجىمى بىلەن ئۆلچىنىدىغان رەخت، قەغەز ۋە تاختىلارنى قەرز بېرىپ تۇرۇشقا بولىدۇ.

يەنە كۆپچىلىك ئالىملارنىڭ قارىشىدا، بىر قوي ياكى بىر موزاي دېگەندەك چارۋا – ماللارنى، بارلىق ھايۋاناتلارنى قەرز بېرىشكە، قەرز ئېلىشقا بولىدۇ. شۇنىڭدەك، چوڭ – كىچىكلىكى خېلى پەرقلىنىدىغان ئۆي ياكى تاۋۇزغا ئوخشىغان سانىلىدىغان نەرسىلەرنىمۇ قەرز بېرىپ تۇرۇشقا بولىدۇ.

ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دېگەن: «رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ بىر ئادەمگە مەلۇم بىر ياشتىكى تۆگە بېرىشى بار ئىدى. ئۇ ئادەم رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ يېنىغا تۆگىسىنى سۈيلەپ كەلگەن ئىدى، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ساھابىلىرىگە: ›بۇ ئادەمگە تۆگىسىنى بېرىڭلار‹ دېدى. ساھابىلەر ئىزدەپ، ئۇنىڭ تۆگىسىگە ئوخشاش ياشتىكى تۆگىنى تاپالماي، ئۇنىڭ تۆگىسىدىن يېشى چوڭراق بىر تۆگىنى تاپتى. رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: ›ئۇنىڭغا بېرىۋېتىڭلار‹ دېگەندە، ئۇ ئادەم: ›ھەققىمنى تولۇق بەردىلە، ئاللاھ سىلىگىمۇ تولۇق بەرگەي‹ دېدى. رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: ›ھەقىقەتەن ياخشىراقىڭلار قەرزنى ئەڭ ياخشى ئادا قىلغىنىڭلاردۇر‹ دېدى»([1]).

ئوخشىشى تېپىلمايدىغان تارىخىي ئەسەر، گۆھەر ياكى قاشتېشىدەك نەرسىلەرنى قەرز بېرىپ تۇرۇشقا بولمايدۇ. چۈنكى، بۇ نەرسىلەرنى قايتۇرغاندا دەل ئوخشىشىنى تاپماق قىيىن بولغاچقا، قەرزنى قايتۇرالماي قالىدۇ([2]).

 

قەرز بەرگۈچى ۋە ئالغۇچىنىڭ سالاھىيىتى

قەرز بېرىپ تۇرۇش ياردەم خاراكتېرلىك كېلىشىم بولغاچقا، بارلىق ئالىملارنىڭ نەزىرىدە ياردەم قىلىش ۋە سەدىقە بېرىش سالاھىيىتى بولغان، ئەقلى – ھوشى جايىدا، بالاغەتكە يەتكەن كىشى قەرز بېرەلەيدۇ. كىچىك بالىلار، ساراڭ، بەغەرەز كىشىلەر قەرز بېرەلمەيدۇ. قەرز ئالغۇچىدىمۇ شۇنداق سالاھىيەت تېپىلىشى كېرەك([3]).

 

زاكىتىنى قەتئىي ئايرىمايدىغان كىشىدىن قەرز ئېلىشقا بولامدۇ؟

بۇ تۈرلۈك كىشىلەرنىڭ بارلىق كىرىمى ھارامدىن بولمىغان ئەھۋالدا زاكىتىنى بەرمەيدىغانلىقىنىڭ ئۆزى ئۇنىڭدىن قەرز ئېلىشنى، سودا – مۇئامىلە قىلىشنى توسۇپ قويالمايدۇ. زاكىتىنى ئايرىمايدىغان كىشىنىڭ مال – مۈلكى ھالال بىلەن ھارام ئارىلىشىپ كەتكەن مال – مۈلۈك بولغاچقا، زاكات ئايرىيدىغان، ھالال كىرىم قىلىدىغانلاردىن قەرز پۇل تاپقىنى ئەۋزەل. ئەگەر زاكات ئايرىيدىغان، ھالال كىرىم قىلىدىغانلاردىن قەرز پۇل تاپالمىغان ياكى بەزى سەۋەبلەر تۈپەيلى قەرز سورىيالمىغان ئەھۋالدا، زاكىتىنى ئايرىمايدىغان كىشىلەردىن قەرز ئالسا مەكرۇھ بولمايدۇ.

 

قەرزنى ھۆججەتلەشتۈرۈشنىڭ زۆرۈرلۈكى

مۇسۇلمان كىشى باشقا بىر كىشىگە قەرز بېرىپ تۇرغاندا بەرگەن قەرزىگە ھۆججەت ئېلىشى ياكى قەرزىنى باشقىلارغا گۇۋاھلىقتىن ئۆتكۈزۈپ بېرىشى زۆرۈر. ئۇنداق قىلمىغان تەقدىردە، ئاللاھنىڭ كۆرسەتمىسىگە خىلاپلىق قىلغان بولىدۇ، ئاللاھتائالا قەرزنى يېزىشقا بۇيرۇپ، قۇرئان كەرىمدىكى ئەڭ ئۇزۇن ئايىتىنى نازىل قىلغان. ئۇنىڭدا مۇنداق دېگەن: ﴿ئى ئىمان ئېيتقانلار! مۇددەت بەلگىلەپ ئۆزئارا قەرز بېرىشسەڭلار، ئۇنى يېزىڭلار﴾([4]).

ئىمام قۇرتۇبى مەزكۇر ئايەتنىڭ تەپسىرىدە مۇنداق دەيدۇ: «﴿ئۇنى يېزىڭلار﴾، يەنى، قەرز بىلەن مۇددەتنى دېمەكچى. بۇ ئايەتتە يەنە ئۇنىڭ بارلىق ئىزاھلىغۇچى سۈپەتلىرىنى تولۇق يازىدىغانلىقىغا ئېنىق ئىشارەت بار. مۇشۇ ئايەتكە ئاساسەن بەزى ئالىملار: «مەيلى سودا – سېتىق بولسۇن، مەيلى قەرز بولسۇن، تېنىۋېلىنماسلىق ياكى ئۇنتۇپ قېلىنماسلىق ئۈچۈن قەرزلەرنى يېزىش ۋاجىپ» دەپ قارىغان. كۆپچىلىك ئالىملار بولسا: «يېزىشقا قارىتا قىلىنغان بۇيرۇق مۇستەھەپلىكىنى بىلدۈرىدۇ» دەپ قارىغان، مۇشۇ توغرا قاراشتۇر».

مەزكۇر ئايەتتە يەنە گۇۋاھلىقتىن ئۆتكۈزۈشكە بۇيرۇغان: ﴿ئەر كىشىڭلاردىن ئىككى كىشىنى گۇۋاھلىققا تەكلىپ قىلىڭلار. ئەگەر ئىككى ئەر كىشى يوق بولسا، سىلەر رازى بولىدىغان كىشىلەردىن بىر ئەر، ئىككى ئايالنى گۇۋاھلىققا تەكلىپ قىلىڭلار. بۇ ئىككى ئايالنىڭ بىرسى ئۇنتۇپ قالسا، ئىككىنچىسى ئېسىگە سالىدۇ﴾.

يەنە شۇ ئايەتتە مۇنداق دېگەن: ﴿قەرز مەيلى ئاز بولسۇن، مەيلى كۆپ بولسۇن، ئۇنى قايتۇرۇش ۋاقتى بىلەن قوشۇپ يېزىشتىن ئېرىنمەڭلار. ئاللاھنىڭ نەزىرىدە بۇ ئەڭ ئادالەتلىك ۋە ئەڭ ئىسپاتلىقتۇر، گۇمانلانماسلىقىڭلارغا ئەڭ يېقىندۇر﴾.

ھەقىقەتەن قەرزلەرنى يازماسلىق ھەقلەرنىڭ زايە بولۇپ كېتىشىگە، گۇمان ۋە شەك – شۈبھىلەرگە يول ئاچىدۇ. شۇڭا، مۇمكىنقەدەر چوڭراق مىقداردىكى قەرزلەرنى كۆڭۈل ئاغرىقى دېمەي يېزىپ قويۇش ياخشى. چۈنكى، ئىشەنچلىك، كىشىلەرنىڭ ھەققىنى يەپ كەتمەيدىغان كىشىمۇ تۇيۇقسىز ئۆلۈپ كېتىپ، ۋارىسلىرى قەرزنى ئېتىراپ قىلماي قالىدىغان ئەھۋاللار كۆپ ئۇچرايدۇ. بەزىدە ئىشەنچلىك دەپ قارالغان كىشىلەر پۇل – مۇئامىلىگە كەلگەندە ئىشەنچسىز چىقىپ قالىدۇ. قەدىمكىلەر مۇنداق ئېيتقان: «ۋەلىينىڭ گېلى بار، ئەۋلىيانى پۇلدا سىناڭ».

بىز يۇقىرىدا قەرزنى ھۆججەتلەپ قويۇشنىڭ يازما ھۆججەت بىلەن گۇۋاھلىقتىن ئۆتكۈزۈش ئىبارەت ئىككى تۈرىنى تىلغا ئالدۇق. قەرزنى ھۆججەتلەپ قويۇشنىڭ يەنە ئىككى تۈرى بار: بىرى، قەرز بەرگەندە قەرزداردىن كېپىل تەلەپ قىلىش. بۇ ئەھۋالدا قەرز ئىگىسىنىڭ قەرزنى قەرزداردىن تەلەپ قىلىش ھەققى بولغىنىدەكلا، كېپىلدىنمۇ تەلەپ قىلىش ھەققى بولىدۇ. يەنە بىرى، رەنە ئېلىش. رەنە ئېلىش قەرز ئىگىسىنىڭ ھەققىنى قوغداشتا ئىنتايىن ئۈنۈملۈك چارىدۇر. چۈنكى، قەرزدار قەرزنى تولۇق قايتۇرماي تۇرۇۋالغان تەقدىردە، قەرز ئىگىسى رەنىگە قويۇلغان نەرسىنى قەرزدارنىڭ ياكى قازىنىڭ رۇخسىتى بىلەن سېتىپ، ھەققىنى تولۇق ئالالايدۇ ۋە ئاشقىنىنى قەرزدارغا قايتۇرىدۇ. يۇقىرىقى ئايەتنىڭ ئاخىرىدا ئاللاھتائالا قەرزنى يېزىپ، ھۆججەتلەپ قويالمىغان ئەھۋالدا رەنىگە ئېلىشنى تاپىلىغان. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەممۇ بىر يەھۇدىيدىن نېسى ئاشلىق سېتىۋېلىپ، ئۇنىڭغا تۆمۈردىن ياسالغان ساۋۇتىنى رەنىگە قويغان([5]).

ئەگەر ئىككى تەرەپ رەنىنى ئۈچىنچى بىر شەخسنىڭ قولىدا قويۇشقا كېلىشسىمۇ بولىدۇ. بۇ ئەھۋالدا رەنە ئۇ كىشىنىڭ قولىدا ئامانەت بولۇپ تۇرىدۇ. ئىككى تەرەپنىڭ ماقۇللىقى بىلەن ياكى قازىنىڭ رۇخسىتى بىلەن رەنىنى سېتىپ، قەرزنى تۆلەيدۇ.

 

قەرزدىكى مەنپەئەت

قەرزدىكى مەنپەئەت يا قەرز بېرىپ تۇرغۇچىغا، يا قەرز ئالغۇچىغا، ياكى ھەر ئىككىسىگە ۋە ياكى ئۈچىنچى بىر تەرەپكە بولىدۇ.

مەنپەئەتنىڭ تۈرى تۆۋەندىكىدەك ئۈچ خىل بولىدۇ: ماددىي، تاسادىپىي، مەنىۋى.

شەرت قىلىش – قىلماسلىق جەھەتتىن، شەرت قىلىنغان ۋە شەرت قىلىنمىغان مەنپەئەتكە ئايرىلىدۇ.

 

قەرزگە شەرت قىلىنغان مەنپەئەت

بۇ مەنپەئەت قەرزنىڭ ئۆسۈمى، ياكى پايدىسى، ياكى ئاۋۇشى دەپ ئاتىلىدۇ. بۇنى قەرز ئالغۇچى قەرز ئالغان پۇلنى ئىشلىتىپ پايدىلىنىۋالغانلىقى ئۈچۈن تۆلەيدۇ. بۇ دەل جاھىلىيەت دەۋرىدە قىلىنغان قەرز جازانىسى بولۇپ، بارلىق ئالىملار قەرزنى قايتۇرغاندا ئارتۇق قايتۇرۇشنى شەرت قىلىشقا بولمايدىغانلىقىدا، بۇ ئارتۇق نەرسىنىڭ جازانە بولىدىغانلىقىدا ئىتتىپاق. بۇنى شەرت قىلىش قەرز بەرگەن چاغدا بولسۇن ياكى قەرزنى كەينىگە سۈرگەندە بولسۇن، ئوخشاش.

شەرت قىلىنغان ئارتۇق نەرسە «100 سومغا 110 قايتۇرۇش» دېگەندەك مىقداردا بولۇشىمۇ مۇمكىن. «ئورۇق قوينىڭ ئورنىغا سېمىز قوي قايتۇرۇش» دېگەندەك تەرىقىدە بولۇشىمۇ مۇمكىن. «مۇنداق قىلىپ بېرىسەن» دېگەندەك مەلۇم مەنىۋى مەنپەئەت بولۇشىمۇ مۇمكىن. ھەممىسى، ئومۇمەن، «مەنپەئەت شەرت قىلىنغان ھەرقانداق قەرز ــ جازانە» دېگەن قائىدە دائىرىسىگە كىرىدۇ.

ئىمام ئىبنۇلمۇنزىر مۇنداق دېگەن: «بارلىق ئالىملار بىرلىككە كېلىپ ئىجما قىلدىكى، قەرز بەرگۈچى قەرز ئالغۇچىغا بىرەر ئارتۇق نەرسىنى ياكى ھەدىيە بېرىشنى شەرت قىلىپ، ئاشۇ شەرت بويىچە قەرز بەرگەن بولسا، قەرزنى قايتۇرغاندا ئارتۇق شەرت قىلغان نەرسىنى ئېلىشى جازانىدۇر».

 

قەرزنى كەم تۆلەشكە كېلىشىشنىڭ ھۆكمى

قەرزنى كەم تۆلەشكە كېلىشىشنىڭ ھۆكمى كۈچلۈك قاراشتا جائىزدۇر.

 

قەرزنى باشقا يۇرتتا قايتۇرۇشنى شەرت قىلىشنىڭ ھۆكمى

ئادەتتە، باشقىچە شەرتلەشمىگەن ئەھۋالدا، قەرزنى قەرز ئالغان يۇرتتا قايتۇرىدۇ. ئەگەر قەرز بېرىلگەن نەرسە يۆتكەش ياكى قوغداش ئۈچۈن چىقىم كەتمەيدىغان نەرسە بولسا، ئۇنى ئىگىسىگە قەيەردە قايتۇرسا بولىدۇ. چىقىم كېتىدىغان ياكى خەۋپلىك ئەھۋالدا باشقا يۇرتتا قايتۇرسا، ئىگىسى قوبۇل قىلماي تۇرۇۋالسا بولىدۇ([6]).

ئەمما، باشقا يۇرتتا قايتۇرۇشقا كېلىشكەن ئەھۋالدا، بۇ قەرز بەرگۈچىگىمۇ، قەرز ئالغۇچىغىمۇ تەڭ پايدىلىق ئىش بولۇپ، بۇنىڭدىن بەزىدە قەرز بەرگۈچى پايدىلانسىمۇ، لېكىن قەرز ئالغۇچىنىڭ ھاجىتىنى قامداشنى كۆزدە تۇتقىنىمىزدا، بۇ ئىش كۈچلۈك قاراشتا جائىزدۇر. چۈنكى، ساھابە – كىراملاردىن شۇنداق قىلغانلىقى يېتىپ كەلگەن ھەمدە بۇنىڭدىن ھەر ئىككى تەرەپ تەڭ پايدىلىنىدۇ، ھېچبىرىگە زىيان يەتمەيدۇ. بۇ جەھەتتىن، بۇ پايدىلىق ئىشتا ھەمكارلاشقانلىق بولىدۇ. بۇنى چەكلەيدىغان ئايرىم بىرەر كۆرسەتمە كەلمىگەنلىكىمۇ بۇ ئىشنى ئەسلىدىكى مۇباھلىق ھالىتىدە قالىدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ.

 

قەرزنى قايتۇرۇشقا ۋاقىت بەلگىلەش

كۆپچىلىك ئالىملارنىڭ نەزىرىدە، قەرزدار قەرزنى قاچان قايتۇرسا بولىدۇ. قەرز ئىگىسى ئۇنى تاپشۇرۇپ ئېلىشى كېرەك. ئەمما، «قەرز ئىگىسى قەرز بېرىپ تۇرغاندىن كېيىن يېنىۋالسا بولامدۇ؟» دېگەن مەسىلىدە بەزى ئالىملار: «قەرزنى قايتۇرۇشقا ۋاقىت بەلگىلىمىسە قەرزدار قەرزنى قايتۇرالايدىغانلا بولسا، قەرز ئىگىسى قەرزىنى قاچان خالىسا تەلەپ قالالايدۇ» دەيدۇ. يەنە بەزىلەر: «ئادەتتە، قەرزدىن پايدىلىنىۋالغۇچىلىك ۋاقىت ئۆتمىگۈچە قەرزىنى قايتۇرۇۋالالمايدۇ» دەيدۇ.

قەرز بەرگەندە «قەرزنى پالانى چاغدا قايتۇرىسەن» دەپ ۋاقىت بەلگىلىسە بولامدۇ؟ بەلگىلىگەن ۋاقىت كېلىشتىن بۇرۇن قەرزىنى خالىغان چاغدا تەلەپ قىلالامدۇ؟ بۇنىڭدىمۇ ئالىملارنىڭ قاراشلىرى ئوخشاش ئەمەس. كۈچلۈك قاراشتا قەرزنى قايتۇرۇشقا ۋاقىت بەلگىلەش جائىز. بۇنىڭغا ئاساسەن قەرزنى قايتۇرۇش بەلگىلەنگەن ۋاقىتقا قەدەر كېچىكىدۇ. ئۇ ۋاقىت كېلىشتىن بۇرۇن قەرز ئىگىسى قەرزىنى تەلەپ قىلماستىن كۈتۈپ تۇرىدۇ. چۈنكى، قەرزنى بەرگەندە شۇنداق دېيىشكەن. ۋاقىت كېلىشتىن بۇرۇن قەرزنى قايتۇر دېسە، قەرز بېرىشتىن مەقسەت ھاسىل بولماي، قەرزدار زىيان تارتىشى مۇمكىن. ([7])

ئاللاھتائالانىڭ بۇ ئايىتىمۇ بۇنىڭ جائىزلىقىنى كۆرسىتىدۇ: ﴿ئى ئىمان ئېيتقانلار! مەلۇم مۇددەت بەلگىلەپ ئۆزئارا قەرز بېرىشسەڭلار، ئۇنى يېزىپ ھۆججەتلەپ قويۇڭلار.﴾([8])

 

«قەرزنى قايتۇرۇشقا بەلگىلەنگەن ۋاقىتتىن ئۆتكۈزۈۋەتسە تۆلەم تۆلەيدۇ» دەپ شەرت قىلىش

قەرزنى قايتۇرۇشقا بەلگىلەنگەن ۋاقىتتىن ئۆتكۈزۈۋەتسە، مەلۇم مەبلەغنى ياكى قەرز پۇلنىڭ مەلۇم پىرسەنتىنى ياكى باشقا نەرسىنى تۆلەم تۆلەشنى شەرت قىلىش جازانىدۇر.

 

قەرز كېلىشىمىدە سودا – سېتىق شەرت قىلىشنىڭ ھۆكمى

قەرز كېلىشىمىدە «مۇنچىلىك قەرز بېرىپ تۇراي، سەن ماڭا ماۋۇ ئۆينى سېتىپ بېرىسەن» دېگەندەك سودا – سېتىق شەرت قىلىش جائىز بولمايدۇ. شۇنداقلا «مۇنچىلىك قەرز بېرىپ تۇراي، ماشىنامنى كىرالايسەن» دېگەندەك ئىجارىگە ئېلىش ۋە كىرالاش قاتارلىق كېلىشىملەرنىمۇ شەرت قىلىۋېلىشقا بولمايدۇ. يەنە «قەرز بېرىپ تۇرغان پۇلنىڭ زاكىتىنى بېرىپ قويىسەن» دەپ شەرت قىلىشقىمۇ بولمايدۇ. يەنە «ساڭا قەرز بېرىپ تۇراي، ئاندىن سەن ماڭا قەرز بېرىپ تۇرغىن» دەپ شەرتلىشىشكىمۇ بولمايدۇ.

يۇقىرىقىدەك مەنپەئەت شەرت قىلغان ئەھۋاللاردا قەرز كېلىشىمىنىڭ ھۆكمى توغرا بولىدۇ، ئەمما شەرت ئەمەلدىن قالىدۇ.

قەرز بېرىپ تۇرغان پۇلنىڭ زاكىتى

قەرز بېرىپ تۇرغان پۇلنىڭ زاكىتىنى پۇل ئىگىسى بېرىدۇ. چۈنكى، بۇ قەرز بەرگۈچىنىڭ مال – مۈلكىدۇر؛ قەرز ئالغۇچى بەرمەيدۇ. چۈنكى، بۇ قەرز ئالغۇچىنىڭ مال – مۈلكى ئەمەس.

ئىسلام قۇرۇلتىيىغا تەۋە «ئىسلام فىقھى ئاكادېمىيەسى» 1985 – يىلىدىكى جىددە شەھىرىدە ئاچقان 2 – قۇرۇلتىيىدىكى قارارىدا مۇنداق كەلگەن: «1. ئەگەر قەرز ئالغۇچى قايتۇرۇپ بېرىدىغان بولسا، قەرزنىڭ زاكىتى ھەر يىلى قەرز بەرگۈچىگە كېلىدۇ. 2. ئەگەر قەرز ئالغۇچى قەرزنى قايتۇرۇپ بېرەلمەيدىغان ياكى قايتۇرۇپ بەرمەي سۆرەپ تۇرۇۋالىدىغان بولسا، قەرزنى قايتۇرۇپ ئالغان كۈندىن تارتىپ بىر يىل ئۆتكەندە قەرز بەرگۈچى قەرزنىڭ بىر يىللىق زاكىتىنى بېرىدۇ».

 

مەنپەئەتنى قەرز بېرىپ تۇرۇشنىڭ ھۆكمى

ئېھتىياج بولغاندا مەلۇم مەنپەئەتنى قەرز بېرىپ تۇرۇشقا بولىدۇ، مەسىلەن، بېلەت قەرز بېرىپ تۇرغاندەك.

 

قەرزنى قايتۇرغاندا ئارتۇقراق قايتۇرۇش

قەرزنى قايتۇرغاندا شەرتلەشمىگەن ھالەتتە ئارتۇقراق قايتۇرسا جائىز. ئارتۇقلۇق مىقداردا بولسۇن ياكى سۈپەتتە بولسۇن مەيلى. «سەھىھۇل بۇخارى»دىكى ھەدىستە پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «ياخشىراقىڭلار قەرزنى ياخشى ئادا قىلغىنىڭلار» دېگەن. ئەمما، شەرتلەشكەن بولسا ئېنىق جازانە بولىدۇ.

 

قەرزنى قايتۇرۇشتىن بۇرۇنقى شەرتلەشمىگەن پايدا – مەنپەئەتلەرنىڭ ھۆكمى

قەرزنى قايتۇرۇپ بولغۇچە قەرز ئىگىسىگە تۈرلۈك پايدا – مەنپەئەتلەرنى يەتكۈزۈش مەسىلىسىدە تەپسىلىي توختىلىش لازىم. ئەگەر بۇ پايدا – مەنپەئەتلەرنى يەتكۈزۈش پەقەتلا قەرز بېرىپ تۇرغانلىقى ئۈچۈن بولسا جائىز بولمايدۇ. قەرز ئۈچۈن بولماي، ئادەتتە، يەتكۈزۈپ كېلىۋاتقان پايدا – مەنپەئەت بولسا جائىز بولىدۇ. مەسىلەن، قەرز بېرىشتىن بۇرۇنمۇ شۇنداق ئادەت بولسا مەيلى. ياكى پەۋقۇلئاددە بىر سەۋەب پەيدا بولۇپ، شۇنىڭ ئۈچۈن پايدا – مەنپەئەت يەتكۈزگەن بولسا مەيلى. پايدا – مەنپەئەت يەتكۈزۈش سەۋەبى ئېنىق بولمىسا، تاكى ئېنىق بولغانغا قەدەر چەكلىنىدۇ.

 

قەرز بەرگۈچىگە رەھمەت ئېيتىش، دۇئا قىلىش

قەرز ئالغۇچىنىڭ بەرگۈچىگە رەھمەت ئېيتىشى، دۇئا قىلىشى مۇستەھەپ ئىشتۇر. رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: «ئىنسانلارغا رەھمەت ئېيتمىغانلار ئاللاھتائالاغا رەھمەت ئېيتمايدۇ»([9]).

 

قەرز بېرىشتىن مەقسەت قەرز ئالغۇچىنىڭ ھاجىتىنى راۋا قىلىش ئەمەس، ئۆزىنىڭ پۇلىنى سالامەت ساقلاش بولسا قەرز جائىزمۇ؟

قەرزدە قەرز بەرگۈچىنىڭ پۇلىنىڭ ساق قايتۇرۇلۇشى قەرز ئىگىسى ئالىدىغان بىر پايدا ھېسابلىنىدۇ. لېكىن، قەرز بەرگۈچى قەرز ئالغۇچىنىڭ ھاجىتىنى راۋا قىلىشنى مەقسەت قىلغان بولسا، بۇ ئىشىغا ساۋاب ئالىدۇ. ئۇنىڭ ھاجىتىنى راۋا قىلىش ئۈچۈن ئەمەس، ئۆزىنىڭ پۇلىنى سالامەت ساقلاپ قېلىش ئارقىلىق ئۆز مەنپەئەتىنى كۆزلىگەن بولسا، بۇ ئىشىغا ساۋاب ئالالمايدۇ. لېكىن، شۇنداقتىمۇ، بۇ قەرز يەنىلا جائىز.

قەرز ئالغۇچىنىڭ يۈز – ئابرۇيى ياكى يان بېسىشىدىن پايدىلىنىپ، ناھەق ئىشنى ۋۇجۇدقا چىقىرىش ياكى باشقىلارنىڭ ھەققىنى بىكار قىلىش ئۈچۈن قەرز بېرىپ تۇرۇش ھارامدۇر. چۈنكى، بۇ ئەھۋالدا قەرز بېرىپ تۇرۇش بىرخىل پارا ھېسابلىنىدۇ.

 

«مەنپەئەت ئەكەلگەن ھەرقانداق قەرز جازانىدۇر» دېگەن قائىدە توغرىىسىدا

بۇ سۆزنى بەزىلەر ھەدىس دەپ قارىسىمۇ، ئەمەلىيەتتە، بۇ بىر خىل فىقھىي قائىدە بولۇپ، كۆپ ئەھۋاللاردا مەنپەئەت ئەكەلگەن قەرز جازانە بولسىمۇ، ئەمما ھەممە ئەھۋاللاردا ئۇنداق ئەمەس. مەسىلەن، بىز يۇقىرىدا ئارتۇق قايتۇرۇشنى شەرتلەشمىگەن ئەھۋالدا قەرزنى قايتۇرغاندا ئارتۇقراق قايتۇرسا بولىدىغانلىقىنى بايان قىلىپ ئۆتتۇق. دېمەك، بۇ قائىدىنى مۇنداق دەپ چۈشىنىش كېرەك: قەرز بەرگۈچىگە قەرز ئالغۇچى تەرىپىدىن كېلىدىغان، شەرت قىلىنغان ياكى شەرت قىلىنغاننىڭ ھۆكمىدە بولغان ئارتۇقچە مەنپەئەت جازانە ھېسابلىنىدۇ.
—————————————————
([1]) سەھىھەين: «بۇخارى»، 2305 – ھەدىس؛ «مۇسلىم»، 1601 – ھەدىس.
([2]) «حاشية ابن عابدين»، 5/161؛ «المغني»، 4/209؛ «الفقه الإسلامي وأدلته»، 4/723.
([3]) «بدائع الصنائع»، 7/394.
([4]) «بەقەرە» سۈرىسى، 282 – ئايەتنىڭ بىر قىسمى.
([5]) سەھىھەين: «بۇخارى»، 2251 – ھەدىس؛ «مۇسلىم»، 1603 – ھەدىس.
([6]) «الفقه الإسلامي وأدلته»، 4/724.
([7]) «بدائع الصنائع»، 7/396؛ «المغني»، 4/208؛ «المهذب»، 1/303؛ «شرح مختصر خليل»، 5/232.
([8]) «بەقەرە» سۈرىسى، 282 – ئايەتنىڭ بىر قىسمى.
([9]) «الترمذي»، 1954 – ھەدىس؛ «أبو داود»، 4811 – ھەدىس. حَدِيثٌ حَسَنٌ صَحِيحٌ.

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز