ئانانىزم ھەققىدە ئومۇمىي بايان

دوكتور ئابدۇلئەزىز رەھمەتۇللاھ
يېقىندىن بۇيان كەڭ ياشلىرىمىزدىن «قول بىلەن مەنىي چىقارسا بولامدۇ؟» «شەھۋىتىنى قاندۇرۇش ئۈچۈن قولى بىلەن لەززەتلىنىشنىڭ ھۆكمى نېمە؟» «يالىڭاچ رەسىملەرگە قارىسا قانداق بولىدۇ؟» دېگەندەك قول بىلەن لەززەتلىنىش ھەققىدە كەلگەن سوئاللار كۆپ بولغاچقا، بۇ مەسىلىدە ياشلىرىمىزغا يېتەرلىك مەلۇمات بېرىش ئۈچۈن بۇ بايان تەييارلاپ سۇنۇلدى.

 

شەپقەتلىك، ناھايىتى مېھرىبان، ئاللاھنىڭ نامى بىلەن باشلايمەن

جىمى ئالەمنىڭ ياراتقۇچىسى جانابىي ئاللاھقا سانسىز ھەمدۇسانالار، ئاخىرقى پەيغەمبەر مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمگە ۋە ئۇنىڭغا ئەگەشكەنلەرگە دۇئايى – سالاملار بولسۇن.

ئانانىزمنىڭ ئېنىقلىمىسى

ئانانىزم جىنسىي مۇناسىۋەت قىلماستىن، ئويغاق چاغدا قولى ياكى باشقا ئەزاسىنى جىنسىي ئەزاسىغا سۈركەش ئارقىلىق مەنىي چىقىرىشتىن ئىبارەت. بۇنىڭدا قىز – ئوغۇل ھەر ئىككىسى ئوخشاش. بۇ ئىش «مەخپىي ئادەت»، «ئانانىزم قىلماق» ياكى «جەلىق» دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ئانانىزم ئادەتتە، قول بىلەن سۈركەش ئارقىلىق بولغىنىدەك، قۇچاقلىشىش، سۆيۈش، قاراش ۋە خىيال قىلىپ ئويلاش بىلەنمۇ بولىدۇ.

 

جىنسىي مەسىلە ھەققىدە كىرىش سۆز

ئەسلىدە ئاللاھتائالا ئىنساننى يارىتىشتا پەرىشتە تەبىئەتلىكمۇ ئەمەس، ھايۋانىي تەبىئەتلىكمۇ ئەمەس، بەلكى ئۆز ئالدىغا ئالاھىدە بىر ئىنسانىي تەبىئەت ۋە مايىللىق بىلەن ياراتقان بولۇپ، جىنسىي ھېس – تۇيغۇ ئىنساندا يارىتىلىشىدىن تارتىپ مەۋجۇت بولغان نورمال تەبىئەتتۇر. ئاللاھتائالا مۇنداق دەپ كۆرسەتكەن: ﴿ئىنسانلارغا ئاياللار، ئوغۇل پەرزەنتلەر، ئالتۇن – كۈمۈشتىن توپلانغان كۆپلىگەن ماللار، گۈزەللەشتۈرۈلگەن ئاتلار، چارۋىلار ۋە باغۇ – بوستانلاردىن ئىبارەت كۆڭۈل تارتىدىغان نەرسىلەرنىڭ مۇھەببىتى چىرايلىق كۆرسىتىلدى. بۇلار دۇنيا ھاياتىنىڭ راھىتىدۇر﴾([1]).

ئەلۋەتتە، ئىنسان ئىسلامغا ئۇيغۇن بىر مۇھىتتا ياشىسا، بۇ تەبىئەت ئارقىلىق ئۇنىڭ ھاياتى ئۆزئارا دوستلۇق ۋە سۆيگۈ ئىچىدە كۆڭۈللۈك ئۆتۈپ، روھى ئارام تاپاتتى. ئىسلام دىنىمىز بۇنىڭغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن ئەر – ئايال ئوتتۇرىسىدىكى جىنسىي مۇناسىۋەتنى ئىنسان تەبىئىتىگە ماس كېلىدىغان ئەر – خوتۇنلۇق شەرئى نىكاھ مۇناسىۋىتى بىلەن قوغدىغان، شۇنداقلا ئائىلە تۈزۈمىنى جەمئىيەتنىڭ تۈپ ئاساسى قىلغان. بۇنىڭغا زىيان يەتكۈزىدىغان بارلىق ئىش – ھەرىكەتلەرنى چەكلىگەن. ئەخلاقسىزلىقنى يايىدىغانلارغا ئېغىر جازالارنى بەلگىلىگەن.

بىراق ئەتراپىدىكى مۇھىت ئېغىر بۇلغۇنۇش تۈپەيلى ئىنساندىكى بۇ تۇغما تەبىئەت بىنورماللىشىپ، بۇزۇلۇشقا باشلىغان. ئەتراپتىكى بېسىم ئۇنىڭ ھوزۇرىنى بۇزغان. نەتىجىدە، ئەسلىدە ئاللاھتائالا ھۇزۇر ۋە سائادەت، شۇنداقلا ھاياتلىقنىڭ داۋاملىشىش سەۋەبى قىلىپ ياراتقان ئىنساندىكى جىنسىي ئىستەك ئىنساننىڭ بىئارام بولۇشىغا سەۋەب بولۇپ، ئۇنى ئازابلاشقا، شۇنداقلا ئۇنىڭ يۈكىنى ئېغىرلاشتۇرۇشقا باشلىغان.

مانا ھازىر ئەتراپتىكى بارلىق كۆرۈنۈشلەر ئىنساننى ئۆز تەبىئىتىنى بۇزۇشقا زورلىماقتا. كوچىدىكى يالىڭاچ قىز – ئاياللار ياكى ئازراق كىيىم كىيگىنى بىلەن كىيمىگەنلەردىن بەكراق ئىنساننى جەلپ قىلىدىغان، بەدىنىنىڭ ئېگىز – پەس يەرلىرىنى تېخىمۇ گۈزەل كۆرسىتىدىغان نېپىز ۋە پاسونلۇق كىيىملەر، تۈرلۈك ماي، بوياق، ئەتىر، گىرىم ۋە ھۆسن تۈزەش بۇيۇملىرى، سېرىق مەزمۇنلۇق ناخشا – مۇزىكا، ئەدەبىيات، كىنو – تېلېۋىزىيە كۆرۈنۈشلىرى، ئۈنئالغۇ، سىنقويغۇ، تور ۋە ئۇچۇر ۋاستىلىرىنى زىيانلىق ۋە ھارام تەرەپكە كۆپرەك ئىشلىتىش قاتارلىق سەلبىي ۋە ناچار ئىشلارنى ئەخلاقسىزلىقنىڭ يامراپ كېتىشى، پەزىلەت ۋە شەرم – ھايانىڭ جەمئىيىتىمىزدىن تەس تاپقىلى بولىدىغان ئەتىۋار گۆھەر بولۇپ قېلىشىنىڭ سەۋەبلىرى دېسەك خاتالىشىپ كەتمەيمىز.

شۇنىسى ئېنىقكى، ئىسلام كۆرسەتمىلىرى پەقەتلا ئىسلام تۈزۈمى ۋە ئىسلام كۆرسەتمىلىرى رىئايە قىلىنىدىغان، ئىسلامغا زىت كەلمەيدىغان مۇناسىپ مۇھىتتىلا ئەڭ ياخشى ئۈنۈم بېرىدۇ. بۈگۈنكىدەك زىنا قىلىش نىكاھ قىلىشتىن ئاسانراق بولۇپ قالسا، بۇ ئەھۋال ۋەزىيەتنىڭ ھەقىقەتەن ئېغىرلىقىنى، ئىسلام كۆرسەتمىسى بويىچە ياشاشنىڭ نەقەدەر قىيىنلىقىنى بىلدۈرىدۇ. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بۇندىن 14 ئەسىر ئىلگىرى كۈنىمىزدىكى ئەخلاق ۋە دىيانەت جەھەتتىكى سۇسلۇق ۋە بوشاڭلىقتىن ئالدىن خەۋەر بېرىپ مۇنداق دېگەن: «ئىسلام غېرىبانە باشلانغان، ئۇ يەنە پات يېقىندا باشلانغان چېغىدىكىدەكلا غېرىبانىلىققا قايتىدۇ. شۇڭا، (كۆپچىلىك سۇسلىشىپ كەتسىمۇ) دىنىدا چىڭ تۇرغان غېرىبانىلارغا ›تۇبا‹ دېگەن جەننەت بولسۇن»([2]).

بۇنىڭدىن بىلىۋالىدىغىنىمىز شۇكى، ھازىرقى بۇزۇق جەمئىيەت ۋە ۋەزىيەتتە دىن كۆرسەتمىلىرىگە تولۇق رىئايە قىلىش ئىنتايىن قىيىنلىشىپ كېتىۋاتىدۇ. ئانانىزممۇ توي قىلالماسلىق بىلەن مۇھىتنىڭ يامان تەسىرى ۋە بېسىمى ئاستىدا قالغان ياشلاردا كۆپ كۆرۈلىدۇ. شۇڭا، پەتىۋا بېرىشتىمۇ بۇ ئەھۋال كۆزدە تۇتۇلۇشى كېرەك.

 

ئانانىزمغا سەۋەب بولىدىغان ئامىللار

ئانانىزمغا جىنسىي ئىستەك، ئەتراپىدىكى يالىڭاچ ۋە سېرىق مەزمۇنلۇق كۆرۈنۈشلەر ۋە ھالال يول ئارقىلىق جىنسىي تەشنالىقنى قاندۇرۇشنىڭ قىيىنلىشىپ كېتىشى سەۋەب بولىدۇ. ئۇندىن باشقا ئۇزۇن مۇددەت بويتاق ياشاش، ئائىلىدىن يىراق تۇرۇش، تۇرمىدە ئۇزۇن مۇددەت يېتىش قاتارلىقلار سەۋەب بولىدۇ.

 

ئانانىزم بىنورمال قىلىقتۇر

شەكسىزكى، بۇ قىلىق ئىنساننىڭ يارىتىلغان نورمال تەبىئىتىگە يات كېلىدۇ. چۈنكى، بۇ قىلىق ئارقىلىق ئىنساندىكى جىنسىي ئىستەك تولۇق قانمايدۇ، بەلكى بۇ ئىش ئارقىلىق شەھۋەت ئوتى تېخىمۇ ئۇلغىيىشى ياكى ئەۋج ئېلىشىمۇ يىراق ئەمەس. ئەلۋەتتە، بۇ ئستەكنى قاندۇرۇشنىڭ بىردىنبىر نورمال ۋە تەبىئىي يولى ئەر – خوتۇنلۇق نىكاھ مۇناسىۋىتى ئاستىدىكى جىنسىي مۇناسىۋەتتۇر. بۇنداق شەرئى قاندۇرۇش شەخس، ئائىلە ۋە جەمئىيەتنىڭ سالامەتلىكى ئۈچۈن زۆرۈر. لېكىن، بىز يۇقىرىدا ئېيتقاندەك ھازىر ئىنسان تەبىئىتى بۇزۇلغان مۇھىتنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىماقتا. شۇڭا، بۇنداق بىنورمال مۇھىتتا ياشىغانلاردا ئۇنىڭدەك بىنورمال قىلىقنىڭ سادىر بولۇپ تۇرۇشى نورمال ئەھۋالدەك ھېسابلىنىدىغان بولۇپ قېلىۋاتىدۇ.

ئانانىزمنىڭ زىيىنى

ئانانىزم دەۋرىمىزدىكى كىشىلەردە ۋە تۇرمۇشىمىزدا كۆرۈلۈپ تۇرىدىغان ئەھۋال بولغاچقا، بۇنىڭ زىيىنى ۋە شەرئى ھۆكمىنى بىلىۋېلىشىمىز زۆرۈر.

تېببىي جەھەتتىن دوختۇرلار بۇنىڭ زىيىنى بار، دەپ قارايدۇ. ئۇلارنىڭ قارىشىچە، ئۇنىڭ زىيىنى دەرھال كۆرۈلمىگىنى بىلەن ئۇزۇن مۇددەتتىن كېيىن ئۆزىنى ئاشكارىلاشقا باشلايدىكەن. مەسىلەن، بۇنى بەك كۆپ مىقداردا قىلغانلاردا روھىي ۋە ئىجتىمائىي جەھەتتىن ۋىجدان ئازابى ۋە ئۆزىنى ئەيىبلەش، جىمغۇرلۇق، كىشىلەرگە ئارىلاشماسلىق، جىنسىي ئاجىزلىق، بۆرەك ئاجىزلاپ كېتىش… دېگەندەك ئاقىۋەتلەر كېلىپ چىقىدىكەن. بۇ ئىللەتلەر ئانانىزمنى كۆپ قىلغانلاردا كۆرۈلىدىكەن. شۇڭا، ھەربىر كىشىنىڭ ئەھۋالىغا قاراپ زىيىنى ئاز ياكى كۆپ بولىدىكەن. لېكىن، بۇ ئىشنى ئاندا – ساندا ياكى بىرەر قېتىم قىلىپ سالغانلارغا ئۇنىڭ زىيىنىنى بەك مۇبالىغىلەشتۈرۈۋېتىش ئىلمىي جەھەتتىن توغرا ئەمەس ئىكەن.

بەزى قىزلارنىڭ ئانانىزم ئادىتى ئارقىلىق قىزلىقىنى يوقىتىپ قويغانلىق ئەھۋاللىرىمۇ يۈز بەرگەن. بىر مۇتەخەسسىس دوختۇر مۇنداق دەيدۇ: «ئانانىزمدىكى ئېغىر مەسىلە شۇكى، ئۇنىڭ جىسمانىي ئاقىۋەتلىرىنى دورىلار بىلەن داۋالاش ئاسان بولغىنى بىلەن، ئۇزۇن مۇددەتلىك پىسخىكىلىق تەسىرىنى بىر تەرەپ قىلىش ئاسانغا چۈشمەيدۇ».

 

شەرئى زىيىنى

بۇ ماقالىدىن مەقسەت بۇ ناچار ئادەتنىڭ شەرئى ھۆكمىدۇر. شەرئى ھۆكمىنى بەلگىلەشتە تەسىر كۆرسىتىدىغان ئىككى نەرسە بار: بىرىنچىسى، بۇ ئىشنىڭ زىيىنى. بۇنى يۇقىرىدا بايان قىلىپ ئۆتتۇق.

ئىككىنچىسى، ھۆكۈم بەلگىلەشتە ئاساس قىلىنىدىغان قۇرئان ۋە ھەدىس، شۇنداقلا قۇرئاننى ئەڭ ياخشى چۈشەنگەن ۋە تەتبىقلىغان ساھابە ۋە تابىئىنلارنىڭ ئىش – ھەرىكىتىدۇر.

بۇ يەردە بۇ مەسىلىگە مۇناسىۋەتلىك ئايەت ۋە ھەدىسلەر تۆۋەندىكىچە:

﴿ھەقىقەتەن مۆمىنلەر نىجاتلىققا ئېرىشتى، ئۇلار نامازلىرىدا خۇشۇ بىلەن ئەيمىنىپ تۇرغۇچىلاردۇر. ئۇلار بىھۇدە سۆز، بىھۇدە ئىشتىن يىراق بولغۇچىلاردۇر، ئۇلار زاكات بەرگۈچىلەردۇر، ئۇلار ئەۋرەتلىرىنى پەقەتلا خوتۇنلىرى ۋە چۆرىلىرىدىن باشقىلاردىن ساقلىغۇچىلاردۇر. بۇنىڭ سىرتىدىن (جىنسىي تەلەپنى قاندۇرۇشنى) تەلەپ قىلغۇچىلار ھەددىدىن ئاشقۇچىلاردۇر﴾([3]). ﴿ئۆيلىنەلمەيدىغانلار ئاللاھ ئۇلارنى ئۆز كەرىمى بىلەن باي قىلغۇچە، ئۆزلىرىنى ئىپپەتلىك تۇتسۇن﴾([4]).

ئەلقەمە رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: «مەن ئابدۇللاھ ئىبنى مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بىلەن بىللە مېڭىپ كېتىۋاتقىنىمدا ئۇ مۇنداق سۆزلەپ بەردى: بىز رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بىلەن بىللە ئىدۇق، ئۇ زات مۇنداق دېگەن: ›ئۆيلىنىشكە قادىر بولالىغان ئادەم ئۆيلەنسۇن، چۈنكى ئۆيلىنىش كۆزنى قاراشتىن، ئەۋرەتنى زىنادىن تېخىمۇ ياخشى ساقلايدۇ. قادىر بولالمىغان ئادەم روزا تۇتسۇن، چۈنكى روزا شەھۋىتىنى كېسىشتە ئۇنىڭغا نىسبەتەن ئاختا قىلىش ھېسابلىنىدۇ‹ »([5]).

لېكىن، بەزىلەر «قولىغا زىنا قىلغان مەلئۇندۇر» دېگەندەك ھەدىسلەرنى بايان قىلغان بولسىمۇ، بۇ ئەسلى يوق، يالغان، توقۇلما سۆزلەردۇر. ھەدىسشۇناسلار بۇنى «يالغان ھەدىس» ياكى «ئەسلى يوق» دېگەن. ئىمام ئىبنى كەسىر يۇقىرىقى «ئەلمۇمىنۇن» سۈرىسىدىكى ئايەتنىڭ تەپسىرىدە مۇشۇ ھەدىسنى رىۋايەت قىلىپ: «بۇ غەلىتە بىر ھەدىس، سەنەدىدە تونۇلمىغان كىشى بار» دېگەن.([6]) شۇڭا، ئانانىزم ھۆكمىدە ۋە باشقا بارلىق ھۆكۈملەردە بۇنداق ئاساسى يوق ھەدىسكە تايانماسلىق كېرەك.

بۇ كۆرسەتمىلەرگە ئاساسەن، ئىسلام ئالىملىرى ئانانىزمنى ئومۇمەن، يامان كۆرگەن دېيىشكە بولىدۇ. چۈنكى، يۇقىرىقى ئايەت – ھەدىسلەر شەھۋىتى بار بولۇپ، توي قىلىشقا قادىر بولغانلارنى توي قىلىشقا بۇيرۇغان. (قادىر بولالمىغانلارنى كېنىزەكلىرى ئارقىلىق جىنسىي مۇناسىۋىتىنى قاندۇرۇشقا بۇيرۇغان. ئەلۋەتتە، ھازىر كېنىزەك بولمىغاچقا، بۇ ھەقتە سۆز قىلىش ھاجەتسىز).

توي قىلالمىغانلارنى بولسا ئىپپىتىنى ساقلاپ، سەۋر قىلىشقا بۇيرۇغان. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم شەھۋەتنى پەسەيتىشكە روزا تۇتۇش چارىسىنى كۆرسىتىپ، توي قىلالمىغان ياشلارنى روزا تۇتۇشقا بۇيرۇغان. بۇنىڭغا قاراپ بەزىلەر توي قىلىشنى «ۋاجىپ» دەپ قارىغان. بەزىلەر: «شەھۋىتى كۈچلۈك بولۇپ، زىنا قىلىپ سالىدىغان بولسا توي قىلىشى ۋاجىپ، نورمال بولسا، سۈننەت» دەپ قارىغان.

ئەمدى ئۆزىمىزنىڭ مەسىلىسىگە قايتايلى. بىر قىسىم ئالىملار يۇقىرىقى كۆرسەتمىلەرگە ئاساسلىنىپ، ئانانىزم ئارقىلىق جىنسىي ھەۋىسىنى قاندۇرغانلارنى «ھەددىدىن ئاشقۇچىلار» قاتارىغا سېلىپ، ئانانىزمنى ھارام دەرىجىسىدە يامان كۆرگەن.

باشقىلار: «زىنا ۋە بەچچىۋازلىق قاتارلىقلار بۇ ئايەتتىكى ›ھەددىدىن ئېشىش‹قا كىرىدۇ، ئانانىزم بۇنىڭغا كىرمەيدۇ» دەپ، بۇ قىلىقنىڭ تەبىئىتىگە قاراپ ئۇنى «مەكرۇھ» دېگەن. يەنە بەزىلەردىن «مۇباھ» دېگەندەك قاراشمۇ رىۋايەت قىلىنغان. يەنە بەزىلەر: «زۆرۈرىيەت ئەھۋاللىرىدا مۇباھ» دېگەن. يەنە بىر قىسىم ئالىملار: «بۇنى قىلمىسا زىنا قىلىشى ئېنىق بولسا، بۇنى قىلىپ زىنادىن ساقلىنىشى كېرەك ۋە ۋاجىپ» دېگەن.

بۇ قاراش ئوخشاشماسلىقىنىڭ سەۋەبى ئايەت ۋە ھەدىستىن ھارام ھۆكمىنىڭ چىقىشى كەسكىن ياكى ئېنىق بولمىغانلىقى بولۇپ، بۇ قاراشلارنىڭ ھەممىسى ئايەت ۋە ھەدىسلەردىن، شۇنداقلا ساھابە ۋە تابىئىنلاردىن كەلگەن خەۋەرلەرنىڭ مەزمۇنىغا قاراپ يەكۈنلەپ چىققان ھۆكۈم ۋە قاراشلاردۇر. يەنە بىر تەرەپتىن، بۇ قاراش ئوخشاشماسلىقىغا ئانانىزمنى زىناغا ئوخشاش ئورۇندا قويۇش ياكى قويماسلىق، بۇنى ئۇنىڭغا قىياس قىلىش – قىلماسلىق مەسىلىسى سەۋەب بولغان.

بىرىنچى ئايەتتىكى «ھەددىدىن ئاشقۇچىلار» دېگەن سۆز «چېكىدىن ئاشقان، زۇلۇم قىلغۇچىلار» دېگەنلىكتۇر. ئاللاھتائالا يا ئايالى، يا دېدىكى بىلەن مۇناسىۋەت ئۆتكۈزۈشنى ھالال قىلغان، باشقىنى ھارام قىلغان. لېكىن، بۇ ئايەتتىكى ھارام قىلىنغان «باشقا نەرسە» ئىچىگە ئانانىزم كىرەمدۇ ياكى كىرمەمدۇ؟ ياكى بۇنىڭدىن مەقسەت زىنا ۋە بەچچىۋازلىقتەك ھارام مۇناسىۋەتلا مەقسەت قىلىنغانمۇ؟ ھەر ئىككى خىل ئېھتىماللىق بار. شۇڭا، ئالىملىرىمىز بۇ ھەقتە ئوخشىمىغان قاراشلاردا بولغان، بولمىسا، ھەممە بىردەك قاراشتا بولغان بولاتتى.

تۆۋەندە ھەر خىل قاراشتىكىلەرنىڭ سۆزلىرىنى ۋە ئۇلارنىڭ تايانغان دەلىللىرىنى بىرقانچە ئۆرنەك مەنبەدىن نەقىل كەلتۈرۈپ ئۆتەيلى:

ئىمام شافىئىي رەھمۇتۇللاھى ئەلەيھى يۇقىرىقى ئايەتلەرگە ئاساسەن مۇنداق دېگەن: «ئايەتتىكى ‹ئەۋرەتلىرىنى پەقەتلا خوتۇنلىرى ۋە چۆرىلىرىدىن باشقىلاردىن ساقلىغۇچىلار› دېگەندىن خوتۇنلىرى ۋە چۆرىلىرىدىن باشقىنى ھارام قىلىۋېتىش ئېنىق مەلۇم بولىدۇ. ‹بۇنىڭ سىرتىدىن (جىنسىي تەلەپنى قاندۇرۇشنى) تەلەپ قىلغۇچىلار ھەددىدىن ئاشقۇچىلاردۇر›. دېمەك، ئەر كىشى ئەۋرىتىنى پەقەتلا ئايالى ياكى چۆرىسىگە ئىشلىتىشى كېرەك، ئانانىزم ھالال بولمايدۇ. ۋەللاھۇتائالا ئەئلەم»([7]).

ئىمام شافىئىي رەھمۇتۇللاھى ئەلەيھى يەنە مۇنداق دېگەن: «مۇباھ قىلىنغان (ئايالى ياكى چۆرىسىدىن ئىبارەت) ئىككى تۈردىن بولمىغانلىقى ئۈچۈن، ئانانىزم قىلىشنىڭ ھارام بولۇپ قېلىشىدىن ئەنسىرەيمەن»([8]).

ئىمام ئىبنى ئەرەبى مۇنداق دەيدۇ: «ئىمام ئەھمەد شۇ دەرىجىدىكى تەقۋادارلىقى بىلەن بۇنى ›جائىز‹ دەپ قارايدۇ، ئۇ: ›بۇ خۇددى قان ئالدۇرغانغا ئوخشاش بەدەندىكى ئارتۇق ماددىنى چىقىرىۋېتىشتىن ئىبارەت‹ دەپ قارايدۇ. كۆپچىلىك ئالىملار ئۇنى ھارام دەپ قارايدۇ، مۇشۇ قاراش توغرىدۇر»([9]).

ئىمام ئىبنى ئابىدىين مۇنداق دەيدۇ: «شەھۋەت قوزغاش ئۈچۈن ئالىقان بىلەن ئانانىزم قىلىش ھارام، ئەمما كىشىنىڭ شەھۋىتى غالىب كېلىپ ئايالى ياكى دېدىكى بولمىسا، ئۇنى شەھۋىتىنى پەسەيتىش ئۈچۈن قىلغان بولسا، ئۇنىڭغا گۇناھ بولماسلىق ئۈمىد قىلىنىدۇ. زىنا قىلىپ سالىدىغان بولسا، ئۇنى قىلىش ۋاجىپ بولىدۇ»([10]).

ئىمام سەنئانى مۇنداق دېگەن: «بەزى مالىكىي ئالىملار يۇقىرىقى ھەدىسنى (روزا تۇتۇشقا بۇيرۇغان ھەدىسنى دېمەكچى) ئانانىزمنىڭ ھاراملىقىغا دەلىل قىلغان. چۈنكى، ئۇ مۇباھ بولغان بولسا، ئەڭ قولاي بولغاچقا، ئۇنى كۆرسىتىپ قويغان بولاتتى. ئەھۋال مۇشۇنداق تۇرۇقلۇق، بەزى ھەنبەلىي ۋە ھەنەفىي ئالىملار ئانانىزمنى ›مۇباھ‹ دېگەن»([11]).

ئىمام ئىبنى تەيمىيە رەھمەتۇللاھى ئەلەيھى ئالىملارنىڭ بۇ ھەقتىكى قاراشلىرىنى خۇلاسىلەپ مۇنداق دەيدۇ: «كۆپچىلىك ئالىملار ئانانىزمنى ھېچقانداق بىر سەۋەب بىلەن ›مۇباھ‹ دېمەيدۇ. بىر بۆلۈك ساھابە ۋە تابىئىنلاردىن زۆرۈرىيەت ئۈچۈن ئانانىزمغا رۇخسەت قىلغانلىقى رىۋايەت قىلىنغان. مەسىلەن، زىنا قىلىپ سېلىشىدىن ئەنسىرىگەن ئەھۋالدا، شۇنى قىلمىسا زىنا قىلىپ سالىدىغان بولسا ياكى ئۇنى قىلمىسا ئاغرىپ قالىدىغان بىنورمال ئەھۋال بولسا. بۇمۇ ئىمام ئەھمەد ۋە باشقا ئالىملارنىڭ قارىشىدۇر. ئەمما، زۆرۈرىيەتسىز ئەھۋالدا بۇنىڭغا بىرەرسىنىڭ رۇخسەت قىلغانلىقىنى بىلمەيمەن، ۋەللاھۇ ئەئلەم»([12]).

ئىمام ئىبنى رەجەب زۆرۈرىيەت قائىدىسىنى شەرھلەپ مۇنداق دەيدۇ: «112 – قائىدە: مەجبۇر بولۇپ قالغان كىشى زۆرۈرىيەتتىن باشقا چاغدا مۇباھ بولمايدىغان ئىككى ھارام ئىشقا دۇچ كەلسە، ئۇ ئىككىسىنىڭ زىيىنى ئەڭ يەڭگىل ۋە ئاز بولغىنىنى تاللاش ۋاجىپ بولىدۇ. چۈنكى، ئارتۇق زىياننى تارتىشقا زۆرۈرىيەت يوق. بۇ قائىدىگە تۆۋەندىكى مەسىلىلەر كىرىدۇ… دېدەكنى ئېلىش بىلەن ئانانىزم قىلىش ھەر ئىككىسى زۆرۈرىيەت ئۈچۈن مۇباھ بولىدۇ، دېدەكنى ئېلىش ئانانىزمنىڭ ئالدىدا تۇرىدۇ»([13]).

ئىمام ئىبنى ھەزم مۇنداق دەيدۇ: «ئەر كىشىلەرنىڭ ئانانىزم قىلىشىمۇ ئوخشاشلا مەكرۇھتۇر. چۈنكى، ئەر كىشىنىڭ سول قولى بىلەن ئەۋرىتىنى تۇتۇشى بارلىق ئىسلام ئۈممىتىنىڭ بىرلىككە كەلگەن قارىشىدا، مۇباھ. تۇتۇش مۇباھ بولىدىكەن، بۇ ئىشتا مەنىي چىقىرىشنى مەقسەت قىلىشتىن باشقا ئارتۇق ئىش يوق. ئۇنداق بولغان ئىكەن، بۇ ھەرگىزمۇ ھارام ئىش ئەمەس. ئاللاھتائالانىڭ بۇ سۆزى بۇنىڭ ئاساسىدۇر: ﴿ئاللاھتائالا سىلەرگە زۆرۈرىيەت بولمىغىچە يېيىش ھارام قىلىنغان نەرسىلەرنى تەپسىلىي ئوچۇق بايان قىلغان تۇرسا﴾([14]). بۇ ئىش بولسا بىزگە ھارام دەپ تەپسىلىي بايان قىلىپ بەرگەن ئىشلاردىن ئەمەس. دېمەك، ئۇ ھالال. ئاللاھتائالا مۇنداق دەيدۇ: ﴿سىلەرگە زېمىندىكى بارلىق نەرسىلەرنى يارىتىپ بەردى﴾ ([15]). لېكىن، بىز بۇنى ›مەكرۇھ‹ دەپ قارايمىز. چۈنكى، بۇ ئېسىل پەزىلەت ياكى ئالىيجاناب ئەخلاقمۇ ئەمەس. بۇ مەسىلە توغرىسىدا ئالىملار ئۆز قاراشلىرىنى بايان قىلىشقان بولۇپ، ئۇلارنىڭ بىر قىسمى بۇنى مەكرۇھ دەپ قارىغان، يەنە بىر قىسمى مۇباھ دەپ قارىغان. ھەزرىتى ئەتائنىڭ ›مەكرۇھ‹ دېگەنلىكى سەھىھتۇر. ›مۇتلەق مۇباھ‹ دېگەن قاراش ھەزرىتى ھەسەن بەسرى، ئەمر ئىبنى دىينار، زەيد ئىبنى ئەبى ئەلا ۋە مۇجاھىد قاتارلىق كاتتىلىرىمىزدىن سەھىھ رىۋايەت بىلەن كەلگەن. قەتادە ۋە ھەسەن بەسرى مۇنداق دېگەن: ›ئۇلار (ساھابىلەر) بۇنى غازاتقا چىققان چاغلاردا قىلاتتى‹. جابىر ئىبنى زەيد مۇنداق دېگەن: ›ئۇ سېنىڭ سۈيۈڭ، ئېقىتىۋەتسەڭ مەيلى‹. مۇجاھىد مۇنداق دېگەن: ›بۇرۇن ئۆتكەنلەرنىڭ ھەممىسى ياشلىرىنى زىنادىن ساقلىنىش ئۈچۈن ئانانىزم قىلىشقا بۇيرۇيتتى‹. بۇ سۆزنى ئىمام ئابدۇرراززاقمۇ ئەييۇب ئەسسەخنىيائىيدىن رىۋايەت قىلغان. ئۇ يەنە ھەسەن بەسرىنىڭ: ›ئانانىزم قىلىشتا چاتاق يوق‹ دەپ قارايدىغانلىقىنى رىۋايەت قىلغان. يەنە ئەمر ئىبنى دىينار مۇنداق دېگەن: ›ئانانىزم قىلسا ھېچ گەپ يوق‹. بۇ رىۋايەتلەرنى ئۇلاردىن رىۋايەت قىلغانلار ئۇلار بىلەن بىللە ياشاپ، ئۇلاردىن ئاڭلىغانلاردۇر. يۇقىرىقى زاتلار ئاساسىي جەھەتتىن ساھابىلەردىن – ئاللاھ ئۇلاردىن رازى بولسۇن – باشقا كىشىلەردىن رىۋايەت قىلمايدىغان تابىئىنلارنىڭ چوڭلىرىدۇر»([16]).

مەلۇمكى، ئانانىزمنى زىناغا قىياس قىلىشقا ھەر جەھەتتىن بولمايدۇ. چۈنكى، زىنا ئەر بىلەن ئايال ئىككىيلەننىڭ ھارام شەكىلدە جىما قىلىشىدۇر، ئانانىزم بولسا بۇنداق ئىككى تەرەپلىك مۇناسىۋەت ئەمەس. يەنە بىر تەرەپتىن، زىنانىڭ شەرىئەتتە يۈز دەررە ياكى چالما – كېسەك قىلىشتەك ئېغىر جازاسى بار، ئانانىزمنىڭ جازاسى بولسا زىنانىڭكىگە ئوخشىمايدۇ. چۈنكى، ئانانىزمنىڭ جازاسى بارلىق ئالىملارنىڭ بىردەك قارىشىدا، «تەئزىر» دەرىجىلىك بولۇپ، بۇ زىنانىڭ جازاسىدىن بەكلا تۆۋەن تۇرىدۇ. تەئزىر جازاسىنى([17]) قازى ئۆزى جەمئىيەت ۋە شەخس ئەھۋالىغا قاراپ مۇۋاپىق بەلگىلەيدۇ.

تېببىي جەھەتتىن ئېلىپ ئېيتقاندا يۇقىرىدا بايان قىلغىنىمىزدەك بۇ ئىشنى بەك كۆپ قىلغانلارغا جىسمانىي ۋە روھىي زىيان بولىدۇ، بەك ئاز قىلغانلارغا زىيان بولمايدۇ.

يۇقىرىقى ئايەت – ھەدىستىن ئىبارەت دەلىللەرگە، شۇنداقلا ساھابە ۋە تابىئىنلارنىڭ قاراشلىرىغا ئاساسەن، مۇنداق دېيىشكە بولىدۇ:

1. بۇ قىلىقنىڭ كەسكىن ۋە ئېنىق ھارام ئىش ئەمەسلىكى چىقىپ تۇرىدۇ. بىز بۇنى خاتىرجەم ھالدا ئىمام ئىبنى ھەزم ۋە باشقا ئالىملار قارىغاندەك مەكرۇھ دەپ قارايمىز. دېمەك، ئانانىزم نورمال ئەھۋالدا قىلسا بولمايدىغان ئىش دېيىشكە بولىدۇ، چۈنكى بۇ ئېسىل پەزىلەت ياكى ئالىيجاناب ئەخلاقمۇ ئەمەس. ئۇنىڭ ئۈستىگە كۆپ قىلسا زىيىنىمۇ بار.

2. بۇنى بەك كۆپ قىلىۋەتسە زىيىنى ئېغىر بولۇشى مۇمكىن. بۇ زىياننى دوختۇرلارمۇ تەكىتلىگەن. بۇنداق زىيان ئېنىق ۋە كەسكىن بولسا، «بۇ قىلىق شۇ كىشى ئۈچۈن ھارام بولىدۇ» دېسەكمۇ ئېغىر كەتمەيدۇ. چۈنكى، ئىسلامدا ئۆزىگە ۋە ئۆزگىلەرگە زىيان ئۇرۇش ھارام قىلىنغان.

3. زىنا قىلىپ سالغۇدەك دەرىجىدە شەھۋەت قاتتىق كۈچىيىپ كەتكەن ئەھۋالدا روزا تۇتقىنى ياخشى. روزا تۇتسىمۇ يەنىلا شۇ قىلىقنى قىلمىسا زىنا قىلىپ سالىدىغان بولسا، شەھۋىتىنى پەسەيتىش ۋە جىمىقتۇرۇش ئۈچۈن بۇنداق قىلىش شۇ كىشىگە قارىتا جائىز. تېخى بەزىلەر بۇنداق ئەھۋالدا، ۋاجىپ دەپمۇ قارىغان. چۈنكى، بۇنداق ئەھۋالدا، بۇ ئىشنى قىلىش زۆرۈرىيەت مۇباھ قىلغان ئىشنى قىلىش دائىرىسىگە كىرىدۇ، شۇنداقلا ئىككى زىياننىڭ يەڭگىلراقىنى تارتىش دائىرىسىگە كىرىدۇ. ساھابىلەرمۇ – يۇقىرىدا ئىمام ئىبنى ھەزم سەھىھ سەنەد بىلەن رىۋايەت قىلغاندەك – غازاتقا چىققاندەك مەلۇم مۇددەت ئاياللىرىدىن يىراق تۇرىدىغان كۈنلەردە بۇنداق قىلىقلارنى قىلغانلىقى مەلۇم. ھالبۇكى، ساھابىلەر بۇ ئىشنى ھارام دەپ قارىغان بولسا ئۇنى قىلماس ئىدى، تابىئىنلارمۇ ئۇنى ھارام دەپ قارىغان بولاتتى. بۇ ھەقتە يا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن، يا ھېچبىر ساھابە ياكى تابىئىندىن بۇ قىلىقنى ئېنىق ھارام دەپ سەھىھ بىر ھەدىس كەلمىگەن، ھەتتا ھەزرىتى ئىبنى ئابباس ۋە باشقا تابىئىنلاردىن بۇنى مەكرۇھ دەپ قارىغانلىقى ھەققىدىكى رىۋايەتلەرنى ئىمام ئىبنى ھەزم «ئاجىز» دەپ قارىغان، ئەكسىچە، بۇ ئىشنىڭ قىلىنغانلىقى ۋە ئۇنى مۇباھ دەپ قارىغانلىق ساھابە ۋە تابىئىنلاردىن سەھىھ سەنەد بىلەن رىۋايەت قىلىنغان. بۇمۇ بۇ ئىشنىڭ ھارام ئەمەس، مەكرۇھلىقىنى تەكىتلەيدۇ.

يېقىنقى دەۋر ئالىملىرىمىزدىنمۇ بۇنى ھارام دەيدىغانلىرى بولغاندەك مەكرۇھ دەيدىغانلارمۇ، شۇنداقلا زۆرۈر ئەھۋالدا مۇباھ دېگەنلەرمۇ بار. شەيخ يۈسۈف قەرداۋى بۇ ھەقتە مۇنداق دېگەن: «شەھۋەت كۈچىيىپ كېتىپ زىنا قىلىپ سېلىش خەۋپى بولغان ئەھۋاللاردا ئىمام ئەھمەدنىڭ قارىشى بويىچە ئىش قىلساقمۇ بولىدۇ. مەسىلەن، ئۆز ۋەتىنىدىن ئايرىلىپ غۇربەتچىلىكتە ئىشلەيدىغان ياكى ئوقۇيدىغان، گۇناھ قىلىشقا قىزىقتۇرىدىغان نەرسىلەرگە كۆپ دۇچ كېلىدىغان، بۇ سەۋەبتىن، ھارام ئىش قىلىپ سېلىشتىن ئەنسىرەيدىغان بىر يىگىت چېكىدىن ئاشۇرۇۋەتمىگەن ھالدا، شەھۋىتىنى بېسىقتۇرۇش ئۈچۈن بۇ چارىنى قوللانسا بۇنىڭدا ھېچ گەپ يوق. بۇنىڭدىن ياخشىراق چارە شۇكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ توي قىلىشقا كۈچى يەتمىگەن مۇسۇلمان ياشلارغا بەرگەن كۆرسەتمىسى بويىچە ئىش قىلىشتۇر. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئۇلارنى كۆپرەك روزا تۇتۇشقا بۇيرۇغان. چۈنكى، روزا تۇتۇش ئىرادىنى مۇستەھكەملەيدۇ، سەۋرچانلىقنى ئۆگىتىدۇ، تەقۋادارلىقنى ۋە «ئاللاھ كۆرۈپ تۇرىدۇ» دېگەن تۇيغۇنى كۈچلەندۈرىدۇ. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ياشلارغا خىتاب قىلىپ مۇنداق دېگەن: «ئى ياشلار جامائەسى! سىلەردىن ئۆيلىنىشكە قادىر بولالىغان ئادەم ئۆيلەنسۇن، چۈنكى ئۆيلىنىش كۆزنى قاراشتىن، ئەۋرەتنى زىنادىن تېخىمۇ ياخشى ساقلايدۇ. قادىر بولالمىغان ئادەم روزا تۇتسۇن. چۈنكى، روزا شەھۋىتىنى كېسىشتە ئۇنىڭغا نىسبەتەن ئاختا قىلىش ھېسابلىنىدۇ»([18]).

دوكتور مۇستافا ئەززەرقا مۇنداق دەيدۇ: «ئانانىزمنى بارلىق ئەھۋالدا جائىز دېيىشكە بولمايدۇ. چۈنكى، بىرىنچىدىن، ئۇنداق قىلىش ھەممە ئەھۋالدا زۆرۈر ئەمەس. ئىككىنچىدىن، كۆپ قىلسا زىيانلىق. زىيانلىق بولسا شەرئى جەھەتتىن چەكلىنىدۇ، بۇ ھەممە ئالىملار ئىتتىپاقلاشقان مەسىلە. ئانانىزم تۆۋەندىكى شەرتلەر بىلەن جائىز بولىدۇ:

1. توي قىلمىغان شەخس بولۇشى.

2. بۇنى قىلمىسا زىنا قىلىپ سېلىشىدىن قورققان بولۇشى.

3. بۇنى لەززەتلىنىش ئۈچۈن ئەمەس، شەھۋىتىنى جىمىقتۇرۇش ئۈچۈن قىلغان بولۇشى.

4. توي قىلىش ئىمكانىيىتى بولماسلىقى.

5. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم كۆرسەتكەن روزا تۇتۇش چارىسىنى قىلالمايدىغان بولۇشى ياكى روزا تۇتۇپ باققان بولسىمۇ شەھۋىتىنى يەنىلا بېسىقتۇرالمىغان بولۇشى.

ئومۇمەن قىلىپ ئېيتقاندا، ئىسلامنىڭ ئومۇمىي قائىدىلىرى بۇ قىلىقنى چەكلەشنى تەقەززا قىلىدۇ. چۈنكى، بۇ جىنسىي ئېھتىياجنى قاندۇرىدىغان تەبىئىي چارە ئەمەس، بەلكى بىنورماللىقتۇر. بۇ ئۇنىڭ زىناغا ئوخشاش كەسكىن ھارام ئىشلار قاتارىغا كىرىشىگە يېتەرلىك بولمىسىمۇ، ئۇنى چەكلەش ۋە مەكرۇھ دەپ يامان كۆرۈشكە كۇپايە قىلىدۇ»([19]).

 

خۇلاسە: مەلۇم قىيىن شارائىت ۋە زۆرۈرىيەت ئەھۋاللىرىدىلا بۇ ئىش مۇباھ، نورمال ئەھۋالدا مەكرۇھ، روھىي، ئىجتىمائىي ۋە جىسمانىي زىيان تارتىدىغان دەرىجىدە كۆپ قىلغان تەقدىردە ھارامدۇر. ۋەللاھۇ ئەئلەم.

 

ئانانىزمغا مۇناسىۋەتلىك بەزى شەرئى ئەھكاملار:

ئايالى ئارقىلىق (ئايالىنىڭ قولى ياكى بەدىنى ئارقىلىق) ئانانىزم قىلىشنى كۆپچىلىك ئالىملار جائىز دەپ قارايدۇ. چۈنكى، ئايالى ھۇزۇرلىنىش ھالال بولغان كىشى بولغاچقا، بۇ خۇددى ئۇنىڭ بىلەن قۇچاقلاشقانغا ئوخشاش. بەزى ھەنەفىي ۋە شافىئىي ئالىملار بۇنى مەكرۇھ تەنزىھى، دەپ قارىغان([20]).

ئانانىزم ئارقىلىق مەنىي چىققان بولسا يۇيۇنۇش ۋاجىپ بولىدۇ. بەزى ئالىملار: «مەنىي ئېتىلىپ شەھۋەت ۋە لەززەت بىلەن چىقسا يۇيۇنۇش ۋاجىپ» دېگەن. بەزىلەر: «ئېتىلىپ چىقسۇن، چىقمىسۇن لەززەتلىنىش بىلەن چىقسىلا يۇيۇنۇش ۋاجىپ بولىدۇ» دېگەن.

ئانانىزم قىلىش بىلەن روزا سۇنىدۇ، لېكىن كەفارەت كەلمەيدۇ. بەزى ئالىملار: «كەففارەت كېلىدۇ» دېگەن ([21]).

ئەمما، قاراش ياكى تىكىلىپ قاراش بىلەن ۋە ياكى تەپەككۇر، خىيال قىلىش بىلەن مەنىي چىقارغان بولسا كۆپچىلىك ئالىملار روزا سۇنمايدۇ، دەپ قارىغان.

ئېتىكاپتا ئولتۇرغاندا قولى ياكى باشقا ئەزاسى بىلەن مەنىي چىقارغان بولسا، ئېتىكاپ بىكار بولىدۇ. ئەمما، ئويلاش ياكى قاراش بىلەن چىقارغان بولسا ئېتىكاپ بۇزىلىدۇ دېگەنلەرمۇ، بۇزۇلمايدۇ دېگەنلەرمۇ بولغان.

كۆپچىلىك ئالىملارنىڭ نەزىرىدە ئانانىزم قىلىش بىلەن ھەج ۋە ئۆمرە بۇزۇلۇپ كەتمەيدۇ، چۈنكى بۇ قۇچاقلىشىشقا ئوخشاش ئىش. لېكىن، بىر قوي فىدىيە كېلىدۇ. مالىكىي مەزھەپتىكىلەر ھەجى بۇزۇلۇپ كېتىدۇ، ئۇ كىشى ھەجنىڭ قازاسىنى قىلىشى ۋە قان قىلىشى كېرەك، چۈنكى ئۇ چەكلەنگەن ئىش ئارقىلىق مەنىي چىقارغان، دەپ قارىغان([22]).

ئەمما، قاراش ۋە ئويلاش بىلەن مەنىي چىقارغان بولسا ھەنەفىي ۋە شافىئىي مەزھىپىدە ھەج، ئۆمرە بۇزۇلمايدۇ، قانمۇ كەلمەيدۇ. باشقىلارنىڭ قارىشىدا، قان كېلىدۇ. يەنە بەزىلەر: «ھەج – ئۆمرە بۇزۇلىدۇ» دېگەن.

بۇ قىلىقنى قىلىپ سالغان كىشىگە مەلۇم مىقداردا كەفارەت ياكى تۆلەم كەلمەيدۇ، بەلكى، تەۋبە قىلىپ، ئىستىغپار ئېيتسا بولىدۇ ياكى سەدىقە بەرسە گۇناھنىڭ يۇيۇلىشىغا سەۋەب بولىدۇ.

بېرىلىدىغان جازا جەھەتتىن، بارلىق ئالىملارنىڭ بىردەك قارىشىدا، زۆرۈرىيەتتىن تاشقىرى ئەھۋالدا ئانانىزم قىلغان كىشىگە تەئزىر جازاسى بېرىلىدۇ.

 

ئانانىزمنى تاشلاش زۆرۈر

بىز يۇقىرىدا بايان قىلغىنىمىزدەك، بۇ قىلىق نورمال قىلىق ئەمەس. بۇ پەقەت بىنورمال شارائىت ۋە ۋەزىيەت كەلتۈرۈپ چىقارغان بىنورمال قىلىقتۇر. ئىسلام دىنىمىز تەشەببۇس قىلىپ كېلىۋاتقان ئەخلاق ۋە ئالىيجانابلىق بۇ ئىشنى يامان كۆرىدۇ. ھىممەتلىك كىشى بۇنداق قىلىقلاردىن ئۆزىنى يىراق تۇتۇشقا تىرىشىدۇ، ئاقىل كىشى بۇنىڭ تېببىي ۋە ئىجتىمائىي زىيانلىرىنى تارتىشنى خالىمايدۇ. تۆۋەندە ئىختىساس ئىگىلىرىنىڭ ئانانىزمنى تاشلاش ئۈچۈن كۆرسەتكەن ئۈنۈملۈك چارىلىرىنى ۋە مەسلىھەتلىرىنى بۇ ئىشقا مۇپتىلا بولغان ياشلىرىمىزنىڭ پايدىلىنىشى ئۈچۈن سۇنىمەن:

1. توي قىلىش

ئاللاھتائالا قۇرئان كەرىمدە مۇنداق دەيدۇ: ﴿ئەگەر يېتىم قىزلارغا (ئۆيلىنىپ) ئادىل مۇئامىلىدە بولالماسلىقىڭلاردىن (مەھرىنى تولۇق بېرەلمەسلىكىڭلاردىن) قورقساڭلار، سىلەرگە ھالال بولغان ئاياللاردىن ئىككىنى، ئۈچنى ۋە تۆتنى نىكاھلاپ ئېلىڭلار. ئەگەر ئادىل بولالماسلىقىڭلاردىن قورقساڭلار، بىرلا خوتۇن، ياكى ئىگە بولغان چۆرىلەر بىلەن كۇپايىلىنىڭلار، بۇ زۇلۇم قىلماسلىقىڭلارغا ئەڭ يېقىندۇر﴾([23]).

بۇ چارىنى كۆرسىتىۋاتقان زات بىز ئىنسانلارنى يوقتىن ياراتقان، ھەممە تۇيغۇ ۋە ئەھۋالىمىزنى ئوبدان بىلىدىغان، بىزگە نېمىنىڭ پايدىلىق، نېمىنىڭ زىيانلىق ئىكەنلىكىنى ئوبدان بىلىدىغان ئىگىمىز جانابىي ئاللاھتۇر. توي قىلىشقا ئىقتىسادىي ياكى ئىجتىمائىي جەھەتتىن قۇربى يەتمەيدىغانلار بولسا توي قىلىشقا شارائىت ۋە مۇھىت ھازىرلاشقا تىرىشىشى كېرەك. پۇل ياكى ئۆي بولمىسا پۇل تېپىشقا تىرىشىشى كېرەك. توي قىلىشقا بەكرەك ئېھتىياجى بارلار ياشلار بولغاچقا، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەممۇ ياشلارغا خىتاب قىلىپ مۇنداق دېگەن: «ئى ياشلار جامائەسى! سىلەردىن ئۆيلىنىشكە قادىر بولالىغان ئادەم ئۆيلەنسۇن، چۈنكى ئۆيلىنىش كۆزنى قاراشتىن، ئەۋرەتنى زىنادىن تېخىمۇ ياخشى ساقلايدۇ. قادىر بولالمىغان ئادەم روزا تۇتسۇن، چۈنكى روزا شەھۋىتىنى كېسىشتە ئۇنىڭغا نىسبەتەن ئاختا قىلىش ھېسابلىنىدۇ»([24]).

2. توي قىلىشقا قادىر بولالمىغاندا ئىپپەتلىك بولۇشقا تىرىشىش

بۇ تىرىشىش ئىسلام چەكلىگەن نامەھرەمگە قاراش، يات ئەر، يات ئايال بىلەن خالىي يەردە ئولتۇرۇش، بىھۇدە پاراڭلىشىش، بىھۇدە ئارىلىشىش، سېرىق ناخشا، سېرىق سۈرەت، سېرىق ئەدەبىياتلاردىن يىراق تۇرۇش، يامان كىشىلەر بىلەن ئارىلاشماسلىق قاتارلىق پۈتۈن يامان ئىشلارنى قىلماسلىققا تىرىشىشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. شۇنداق تىرىشىپ تۇرغاندىمۇ، ھازىرقى كوچىلاردىكى ناچار مۇھىت سەۋەبىدىن ئىپپىتىنى ساقلىيالمايدىغان ياكى ئىپپىتىنى ساقلاشتا بەك قىينىلىپ قالغاندا، شەھۋەت ئوتىنى سەل پەسەيتىش ئۈچۈن ئىنسانلارغا ھىدايەت ئېلىپ كەلگەن، ئىنسانلارغا ئۆز ئاتا – ئانىسىدىنمۇ مېھىر – شەپقەتلىك پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق ئۈنۈملۈك يولنى كۆرسەتكەن: «قادىر بولالمىغان ئادەم روزا تۇتسۇن. چۈنكى، روزا شەھۋىتىنى كېسىشتە ئۇنىڭغا نىسبەتەن ئاختا قىلىش ھېسابلىنىدۇ».

بۇ ھەقىقەتەن ئۈنۈملۈك چارە. چۈنكى، شەھۋەتنىڭ كۈچلۈكلۈكى ئارتۇق يېمەك – ئىچمەك، شۇنداقلا ئارتۇق ئېنېرگىيىدىن بولىدۇ. روزا بۇ ئېنېرگىيەنى، ئازايتىدۇ، شۇنىڭ بىلەن شەھۋەتنىڭ ئوتى سەل پەسىيىدۇ. روزا تۇتۇش نامەھرەملەرگە قارىماسلىق ۋە يات ئاياللار بىلەن بىھۇدە ئارىلاشماسلىقتەك باشقا كۆرسەتمىلەرگە بىللە رىئايە قىلىنسا ئاندىن ياخشى ئۈنۈم بېرىدۇ. چۈنكى، بۇ كۆرسەتمىلەر ھەممىسى بىردەك بىر «دوختۇر»نىڭ رېتسېپىدىن ئىبارەت. بۇنىڭ بەزىسىگە رىئايە قىلىپ، بەزىسىگە رىئايە قىلمىسا، ئۈنۈمسىز بولۇشى تەبىئىي. ئۇنىڭ ئۈستىگە روزا ئىبادىتى ئاللاھتائالانىڭ كۆزىتىپ تۇرۇشىنى ھېس قىلىشقا ئاساسلىنىدىغان بىر ئىبادەت. شۇڭا، روزا تۇتقان كىشى باشقا بارلىق ئىش – ھەرىكەتلىرىدە ئاللاھتائالانىڭ كۆرسەتمىلىرىگە رىئايە قىلىشى، ھەقىقىي ئۆلچەملىك روزا تۇتۇشى كېرەك. بولمىسا، دوختۇرنىڭ دورىسىنى يەپ تۇرۇپ چەكلىگەن نەرسىلەرنىمۇ بىللە ئىستېمال قىلغاندەك بولىدۇ – دە، چارە ئۈنۈم بەرمەيدۇ. ئۆلچەملىك روزا دېگەن يەپ – ئىچىشتىنلا ئۆزىنى تۇتۇش دېگەنلىك بولمايدۇ، بەلكى ئاللاھتائالا چەكلىگەن بارلىق نەرسىلەردىن ئۆزىنى چەتكە ئېلىش دېگەنلىك بولىدۇ.

3. ئاللاھنى ياد ئېتىش

شەكسىزكى، ئاللاھنى ياد ئېتىپ تۇرۇش ئىنساننىڭ ئاللاھقا باغلىنىشنى كۈچەيتىدۇ. مۇسۇلمان كىشى ھەرقانداق ئەھۋالدا ئاللاھنى ياد ئېتىپ تۇرۇشى كېرەك، شۇنداقلا پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنى ۋە ساھابىلىرىنى، ئۇلارنىڭ بىزگە ئىسلامىيەت ۋە ھەق دىننى يەتكۈزۈش ئۈچۈن تارتقان جاپا – مۇشەققەتلىرىنى، ئىسلام ئالىملىرىنى، ھىممەتلىك زاتلارنى ئەسلەپ، ئۇلارنى ئۈلگە قىلىشقا، ئۇلاردەك ئۈممەتكە پىداكارلىق قىلىشنىڭ مۇھىملىقىنى ھېس قىلىشقا ۋە شۇنداق قىلىشقا تىرىشىشى كېرەك.

4. ئەقلىي ۋە ئەمەلىي پائالىيەت دائىرىسىنى كېڭەيتىش

ياشلاردىكى ئېنېرگىيەنى، سەرپ قىلىش ۋە ۋاقىت بوشلۇقىنى تولدۇرۇش ئۈچۈنلا ئەمەس، بەلكى بۇ تۈرلۈك پائالىيەتلەرنىڭ ئىنتايىن زۆرۈر بولغانلىقى ئۈچۈنمۇ بۇلار بىلەن شۇغۇللىنىش كېرەك. مەسىلەن، بىرەر كەسىپ ياكى ماھارەت ئۆگىنىپ قويۇش، كىتاب ئوقۇش، خەتتاتلىق، شېئىرىيەت، ئەدەبىيات، پىكىر ۋە ئېقىم مەسىلىلىرى، ھەر تۈرلۈك پەننىي بىلىملەر، كومپيۇتېر، تۈرلۈك تىللارنى ئۆگىنىش، پۇتبول، چېلىش قاتارلىق پائالىيەت ۋە تەنھەرىكەتلەرنى قىلىش. بۇنداق پائالىيەتلەر ئىنسان كۆڭلىنى ئاچىدۇ. نەتىجىدە، جىنسىي مەسىلىنى ھاياتتىكى بىردىنبىر مەسىلە دەپ قارايدىغان، پۈتۈن ئوي – خىيالى شەھۋەت بىلەن مەشغۇل بولۇپ كېتىدىغان ياشلار ھەرتۈرلۈك پائالىيەتلەرنى قىلىش ئارقىلىق جىنسىي مەسىلىنىڭ ھاياتتىكى نۇرغۇنلىغان مەسىلىلەردىن بىرى ئىكەنلىكىنى، ئۇنىڭغا ئۆز لايىقىدا ئەھمىيەت بېرىش بىلەن بىللە باشقا مەسىلىلەرگىمۇ ئۆز لايىقىدا ئەھمىيەت بېرىش كېرەكلىكىنى ھېس قىلىدۇ.

5. نامەھرەمگە قارىماسلىق

كوچىدا، تېلېۋىزوردا ۋە باشقا يەرلەردە يالىڭاچ بولسۇن ياكى كىيىنگەن بولسۇن، قىز – ئاياللارغا قاراشتىن ئۆزىڭىزنى تورمۇزلىشىڭىز كېرەك. ئەلۋەتتە، قىز – ئاياللارمۇ يات ئەرلەرگە قاراشتىن ئۆزىنى تورمۇزلىشى كېرەك.

ئاللاھتائالا مۇنداق دەيدۇ: ﴿مۆمىن ئەرلەرگە ئېيتقىنكى، نامەھرەملەرگە تىكىلىپ قارىمىسۇن، ئەۋرەتلىرىنى ساقلىسۇن. مۇنداق قىلىش ئۇلار ئۈچۈن ئەڭ ياخشىدۇر، ئاللاھ ھەقىقەتەن ئۇلارنىڭ قىلمىشلىرىدىن تولۇق خەۋەردار. مۆمىن ئاياللارغا ئېيتقىنكى، نامەھرەملەرگە تىكىلىپ قارىمىسۇن، ئەۋرەتلىرىنى ياپسۇن، تاشقى زىننەتلىرىدىن باشقا زىننەتلىرىنى ئاشكارىلىمىسۇن، لېچەكلىرى بىلەن كۆكرەكلىرىنى ياپسۇن﴾([25]).

بۇ ئايەتلەر ئەرلەرنى ئاياللارغا تىكىلىپ قاراۋېرىشتىن توسقاندەك، ئاياللارنىمۇ ئەرلەرگە قاراۋېرىشتىن توسقان. قاراش دېگەن شەيتاننىڭ ئەلچىسىدۇر، ھەممە ئىش قاراشتىن باشلىنىدۇ. شۇڭا، نامەھرەملەرگە كۆزىمىز چۈشۈپ قالغاندا، دەرھال كۆزىمىزنى باشقا يەرگە قاچۇرۇشىمىز كېرەك. ئانانىزمدىن ساقلىنىشتىمۇ بۇ ئىنتايىن زۆرۈر، چۈنكى ئانانىزم كۆرگەن كۆرۈنۈشلەرنىڭ تەسىرىدە يۈز بېرىدۇ.

6. يامان دوستلاردىن نېرى تۇرۇپ، ياخشى دوستلار بىلەن ئارىلىشىش

بەزى قىز – ئوغۇللار، ھەتتا يېشى خېلىلا چوڭ بولۇپ ئۆزىنى توختاتقان بىر قىسىم كىشىلەرنىڭ پاراڭلىرىدا جىنسىيەت بىرىنچى ئورۇننى ئىگەللەيدۇ. بۇلار دۇنيادا بۇنىڭدىن باشقا ئىش يوقتەك شۇ ھەقتىلا پاراڭلىشىدۇ. سېرىق مەزمۇن پاراڭ ئوبيېكتى بولۇپ قالىدۇ. ئانانىزمدىن (شۇنداقلا زىنا ۋە باشقا بىنورماللىقتىن) ساقلىناي دېگەن كىشى بۇنداق پاراڭ سالىدىغان دوستلاردىن نېرى تۇرۇپ، ئىلىم – پەن ۋە باشقا تېخىمۇ ئەھمىيەتلىك پائالىيەتلەرگە كۆڭۈل بۆلىدىغان ھىممەتلىك دوست – بۇرادەرلەرگە ئارىلىشىشى زۆرۈر.

7. كۈندىلىك ۋە ھەپتىلىك جەدۋەل تۈزۈش

ھەربىر ياش قىز ياكى ئوغۇل ئۆزىنىڭ كۆزلىگەن غايىسىگە يېتىش ئۈچۈن ئىلمىي، ئىقتىسادىي، جىسمانىي ۋە مەدەنىيەت ساپاسىنى ئۆستۈرۈش ئۈچۈن تىرىشىشى كېرەك. بۇنىڭ ئۈچۈن كۈندىلىك ياكى ھەپتىلىك پىروگرامما ياكى پىلان تۈزۈپ، بۇنى ۋاقتىدا ئىجرا قىلىشقا تىرىشسا، ئانانىزمدىن قۇتۇلۇشقا پايدىسى بولىدۇ.

ئاخىرىدا بۇ ناچار قىلىققا مۇپتىلا بولغان ياكى بولمىغان ھەربىر قىز – ئوغۇل ياشلارغا شۇنى تەكىتلەيمەنكى، كۇچلۈك بولسۇن، ئاجىز بولسۇن، ھەربىر مۆمىندە ياخشىلىق بولىدۇ. ئاللاھتائالا ئاجىز مۆمىنگە قارىغاندا كۈچلۈك مۆمىننى بەكرەك ياخشى كۆرىدۇ. ئۆزىڭىزگە پايدىلىق نەرسىلەرگە ھېرىسمەن بولۇڭ، زىيانلىق نەرسىلەرنى دەرھال تاشلاڭ. بۇنى قىلالمايمەن دېمەي، ئاللاھتائالادىن ياردەم تىلەڭ. ئۆزىڭىزنى ئائىلىڭىز ۋە جەمئىيىتىڭىز ئۈچۈن ئېغىر مەسئۇلىيەتلەرنى ئۈستىڭىزگە ئېلىش ئۈچۈن تەربىيەلەپ يېتىشتۈرۈڭ. ئاللاھ ھەممىمىزنى خەيرلىك ئىشلارغا مۇۋەپپەق قىلسۇن.

 

ھىجرىيە 1425 – يىلى، زۇلھەججەنىڭ 22 – كۈنى

مىلادىيە 2005 – يىلى 1 – فېۋرال

———————————
([1]) «ئال ئىمران» سۈرىسى، 14 – ئايەت.
([2]) «مۇسلىم»، 2735 – ھەدىس.
([3]) «ئەلمۇئمىنۇن» سۈرىسى، 1 – 7 – ئايەتلەر.
([4]) «نۇر» سۈرىسى، 33 – ئايەتنىڭ بىر قىسمى.
([5]) سەھىھەين: «بۇخارى»، 1905 – ھەدىس؛ «مۇسلىم»، 1400 – ھەدىس.
([6]) «تفسير ابن كثير»، 3/240.
([7]) «الأم»، 5/94.
([8]) «الأم»، 5/145.
([9]) «أحكام القرآن»، لابن العربي، 3/315.
([10]) «حاشية ابن عابدين»، 4/27.
([11]) «سبل السلام»، 3/110.
([12]) «مجموع الفتاوى»، 34/230.
([13]) «القواعد»، 1/281.
([14]) «ئەنئام» سۈرىسى، 119 – ئايەتنىڭ بىر قىسمى.
([15]) «بەقەرە» سۈرىسى، 29 – ئايەتنىڭ بىر قىسمى.
([16]) «المحلى»، 11/393.
([17]) تەئزىر ــ شەرىئەتتە جازا ياكى كەفارەت بەلگىلەنمىگەن جىنايەت ۋە قىلمىشلارغا قارىتا ئەدەبلەش يۈزىسىدىن بېرىلىدىغان بەش – ئون دەررە ئۇرۇشتەك ياكى جەرىمانە ئېلىشتەك يەڭگىلرەك جازادىن ئىبارەت. بۇ جازانى ھاكىم ياكى قازى ئۆزى جەمئىيەت ۋە شەخس ئەھۋالىغا قاراپ مۇۋاپىق بەلگىلەيدۇ.
([18]) «ئىسلامدا ھالال ۋە ھارام»، 162 – بەت.
([19]) دوكتور مۇستافا ئەززەرقا پەتىۋاسىدىن قىسقارتىپ ئېلىندى. 340 -، 341 – بەتلەر.
([20]) «حاشية ابن عابدين»، 4/27.
([21]) «المجموع»، 6/378.
([22]) «المجموع»، 7/306.
([23]) «نىسا» سۈرىسى، 3 – ئايەت.
([24]) سەھىھەين: «بۇخارى»، 1905 – ھەدىس؛ «مۇسلىم»، 1400 – ھەدىس.
([25]) «نۇر» سۈرىسى، 30 -، 31 – ئايەتلەرنىڭ بىر قىسمى.

Please follow and like us:

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز