دۇئانىڭ ئەدەب – قائىدىلىرى

دوكتور ئابدۇلئەزىز رەھمەتۇللاھ

 

 

دۇئانىڭ ئىجابەت بولۇشى ئۈچۈن تۆۋەندىكى ئەدەب – قائىدىلىرى ۋە شەرتلىرىگە رىئايە قىلىشقا تىرىشىش لازىم:

1. خاسىيەتلىك ۋاقىتلارنى غەنىيمەت بىلىپ دۇئا قىلىش. مەسىلەن، سەھەر ۋاقتى، ئەزان بىلەن تەكبىر ئارىلىقى، جۈمە كۈنى، ئەرەفات كۈنى، رامىزان ئېيى، سەپەر ئۈستىدىكى ۋاقىت… قاتارلىق چاغلارغا ئوخشاش.

2. خاسىيەتلىك ئەھۋاللارنى غەنىيمەت بىلىپ دۇئا قىلىش. مەسىلەن، سەجدە قىلغان ھالەت، سەپەر ئۈستىدىكى ھالەت، يامغۇر ياغقان ھالەت، روزىدار ھالەت، ئىپتار قىلىشتىن ئىلگىرى، ناماز ئوقۇپ بولغاندىكى ھالەتلەرگە ئوخشاش.

3. ئاللاھتائالاغا ۋە دۇئاسىنى ئىجابەت قىلىدىغانلىقىغا كەسكىن ئىشەنچ بىلەن دۇئا قىلىش. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: «سىلەر ئاللاھتائالانىڭ ئىجابەت قىلىشىغا كەسكىن ئىشەنگەن ھالدا دۇئا قىلىڭلار»([1]).

4. دىلى بىلەن تولۇق بېرىلىپ پۈتۈنلەي ئاللاھتائالاغا يۈزلىنىپ ۋە يېلىنىپ تۇرۇپ دۇئا قىلىش. غەپلەتتە بىپەرۋالىق بىلەن دۇئا قىلماسلىق. قولىنى كۆتۈرۈپ، تىزلىنىپ ئولتۇرۇپ دۇئا قىلىشمۇ يېلىنىپ دۇئا قىلىشنىڭ بىر شەكلىدۇر.

بەزى ياشلىرىمىز نادانلىق قىلىپ، قولنى كۆتۈرۈپ دۇئا قىلىشنى «بىدئەت» دەپ تۇرۇۋالغان ئەھۋاللارمۇ مەۋجۇت. ئەمەلىيەتتە، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەممۇ يامغۇر تەلەپ قىلغاندا قولتۇقىنىڭ ئېقى كۆرۈنۈپ قالغۇدەك دەرىجىدە قولىنى كۆتۈرۈپ دۇئا قىلاتتى([2]).

ئىمام بۇخارى يەنە «رفع اليدين في الصلاة» (نامازدا قوللارنى كۆتۈرۈش) دېگەن كىتابىدا پەيغەمبىرىمىزنىڭ بىرقانچە ئورۇندا قولىنى كۆتۈرۈپ دۇئا قىلغانلىقىنى كۆپ ساھابىلەردىن سەھىھ رىۋايەت قىلغان. يەنە بىر ھەدىستە پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: «ئاللاھتائالا ھايالىق ۋە سېخىدۇر، بىر كىشى ئىككى قولىنى كۆتۈرۈپ دۇئا قىلسا ئۇنىڭ ئىككى قولىنى قۇرۇق ياندۇرۇشتىن ھايا قىلىدۇ»([3]).

يەنە پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بەقىي قەبرىستانلىقىغا كېچىدە بارغاندا، قولىنى ئۈچ قېتىم كۆتۈرۈپ دۇئا قىلغان([4]).

يەنە شەيتانغا تاش ئاتقاندا قولىنى كۆتۈرۈپ دۇئا قىلغان.([5]) يەنە ھەزرىتى ئەبۇ مۇسا ئەشئەرىي رەزىيەللاھۇ ئەنھۇغا دۇئا قىلغاندا قولىنى كۆتۈرۈپ دۇئا قىلغان([6]).

يەنە باشقا نۇرغۇن سەھىھ ھەدىسلەرمۇ بار.

1. دۇئانى ئارقا – ئارقىدىن قىلىش. بىر قېتىم قىلىپ توختاپ قالماسلىق، بەلكى دۇئانى ئۈچ قېتىم تەكرارلاش. «پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەممۇ دۇئا قىلسا ئۈچ قېتىم تەكرارلاپ قىلاتتى، ئاللاھتائالادىن تىلىسە ئۈچ قېتىم تەكرارلاپ تىلەيتتى»([7]).

«پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئۈچ قېتىم تەكرارلاپ دۇئا قىلىشنى، ئۈچ قېتىم تەكرارلاپ ئىستىغپار ئېيتىشنى ياقتۇراتتى»([8]).

2. ھالال كىرىم بىلەن ياشاش، ھالال يەپ، ھالال ئىچىش، ھالال كىيىش. ھەدىستە پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئۇزۇن مۇددەت سەپەرگە چىقىپ، يۈز – بېشى توپا بولۇپ كەتكەن ھالدا ئىككى قولىنى كۆتۈرۈپ: «ئى پەرۋەردىگارىم! ئى پەرۋەردىگارىم!» دەپ دۇئا قىلغان ئادەم ھەققىدە مۇنداق دېگەن:« ئۇنىڭ يېيىشى ھارام، ئىچىشى ھارام، كىيىشى ھارام، ھارام بىلەن غىزالانغان تۇرسا دۇئاسى قانداقمۇ ئىجابەت قىلىنسۇن!»([9]).

3. ئاللاھتائالاغا ھەمدۇسانا، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمگە دۇرۇت – سالاملار ئېيتىش. دۇئاسىنى يەنە ئاللاھتائالاغا ھەمدۇسانا بىلەن ئاياغلاشتۇرۇش.

4. تاھارەت بىلەن پاك ھالەتتە دۇئا قىلىش.

5. باشقىلارغا زۇلۇم قىلغان بولسا دەرھال باشقىلارنى رازى قىلىپ ھەققىنى قايتۇرۇش. گۇناھ قىلغان بولسا دەرھال تەۋبە قىلىپ، گۇناھ ئىشنى قايتا قىلماسلىققا بەل باغلاش.

6. تائەت – ئىبادەتنى توغرا ۋە كۆپ قىلىش، ئاسىيلىق قىلماسلىق.

7. قىبلىگە قاراپ تۇرۇپ دۇئا قىلىش. پەيغەمبىرىمىزمۇ ئۇلۇغ ئەرەفات كۈنىدە قىبلىگە قاراپ تۇرۇپ دۇئا قىلغان.

8. دۇئا قىلىپ بولغاندىن كېيىن يۈزىنى سىلاش. ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، ئۇ مۇنداق دېگەن: «رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم دۇئادا قولىنى كۆتۈرگىنىدە يۈزىنى سىلىمىغۇچە قولىنى چۈشۈرمەيتتى»([10]).

9. ۋارقىراپ توۋلىماي پەسرەك ئاۋازدا دۇئا قىلىش. ئاللاھتائالا مۇنداق دەپ بۇيرۇغان: ﴿پەرۋەردىگارىڭلارغا يېلىنىپ تۇرۇپ پەس ئاۋازدا دۇئا قىلىڭلار، توۋلاپ ھەددىدىن ئاشۇرۇۋەتكەنلەرنى ئاللاھ ياقتۇرمايدۇ﴾([11]).

10. دۇئانىڭ ئىجابەت قىلىنىشىغا ئالدىراپ كەتمەسلىك. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دەيدۇ: «ئالدىراپ كەتمىسەڭلار دۇئايىڭلار ئىجابەت قىلىنىدۇ. بەزىلەر ئالدىراپ كېتىپ: ›دۇئا قىلسام ئىجابەت بولمىدى‹ دەپ قالىدۇ»([12]).

11. خالىس ئەمەللىرىنى تىلغا ئېلىپ تۇرۇپ دۇئا قىلىش. ھەدىستە غارغا سولىنىپ قالغان ئۈچ كىشى قىلغان خالىس ئەمەللىرىنى شىپى كەلتۈرۈپ دۇئا قىلغاندا غارنىڭ ئېغىزى ئېچىلغانلىقى بايان قىلىنغاندۇر([13]).

 

ھىجرىيە 1426 – يىلى

مىلادىيە 2005 – يىلى
——————————————————
([1]) «مسند أحمد»، 6655 – ھەدىس؛ «الترمذي»، 3479 – ھەدىس. حديث حسن.
([2]) سەھىھەين: «بۇخارى»، 1031 – ھەدىس؛ «مۇسلىم»، 895 – ھەدىس.
([3]) «أبو داود»، 1488 – ھەدىس. حديث حسن.
([4]) «مۇسلىم»، 974 – ھەدىس.
([5]) «بۇخارى»، 1752 – ھەدىس.
([6]) سەھىھەين: «بۇخارى»، 4323 – ھەدىس؛ «مۇسلىم»، 2498 – ھەدىس.
([7]) «مۇسلىم»، 1794 – ھەدىس.
([8]) «مسند أحمد»، 3744 – ھەدىس.
([9]) «مۇسلىم»، 1015 – ھەدىس.
([10]) «تىرمىزى»، 3386 – ھەدىس. حديث حسن لغيره.
([11]) «ئەئراف» سۈرىسى، 55 – ئايەت.
([12]) «مۇسلىم»، 2735 – ھەدىس.
([13]) سەھىھەين: «بۇخارى»، 2215 – ھەدىس؛ «مۇسلىم»، 2743 – ھەدىس.

Please follow and like us:

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز