سېھىر قىلىنغان كىشى قانداق قىلىشى كېرەك؟

دوكتور ئابدۇلئەزىز رەھمەتۇللاھ

ئاللاھتائالاغا ھەمدۇسانالار بولسۇن، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمگە ۋە ئۇنىڭغا ئەگەشكەنلەرگە دۇرۇت – سالاملار بولسۇن.

سېھىر ھەقىقەتەن مەۋجۇتتۇر. سېھىر قىلىنغان كىشى سېھىرنى بىكار قىلىش ئۈچۈن ئىسلام كۆرسەتكەن چارىلەرنى قىلىدۇ. سېھىرنى بىكار قىلىش ئۈچۈن سېھىرگەرگە يول مېڭىش ۋە سېھىر ئارقىلىق سېھىرنى بىكار قىلىش ھارامدۇر.

سېھىرنى بىكار قىلىش ئۈچۈن ياكى سېھىردىن مۇداپىئە قىلىش ئۈچۈن ئىسلام كۆرسەتكەن ئەڭ ئۈنۈملۈك يول بولسا تۆۋەندىكىچە:

1.  ئاللاھتائالاغا يۈزلىنىش، ئۇنىڭغا تايىنىش ۋە تەۋەككۇل قىلىش، ئۇنىڭغا يېلىنىپ تۇرۇپ دۇئا قىلىش، ئاللاھتائالانى ياد ئېتىپ زىكىر قىلىپ تۇرۇش، ئاللاھتائالاغا ئىلتىجا قىلىپ، سېھىر ۋە بارلىق مەخلۇقلارنىڭ زىيانكەشلىكىدىن پاناھ تىلەش ۋە پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم كۆرسەتكەن مەخسۇس دۇئا – ئايەتلەرنى ئوقۇشتۇر. بۇ، سېھىرنى بىكار قىلىشقىلا پايدىلىق بولماستىن، تۈرلۈك زىيانكەشلىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىپ ساقلايدىغان مۇداپىئە خاراكتېرلىك مۇستەھەپ بولغان ياخشى ئىشتۇر. ئاللاھتائالا مۇنداق دېگەن: ﴿ئاللاھقا تەۋەككۈل قىلغىن، ئاللاھ تەۋەككۈل قىلغانلارغا يېتەرلىكتۇر﴾ ([1]).

﴿ئاسمانلاردىكى ۋە زېمىندىكى غەيبنى بىلىش ئاللاھقا خاستۇر، ھەممە ئىش ئاللاھتائالانىڭ ئىلكىدىدۇر. شۇڭا، ئاللاھقا ئىبادەت قىلغىن ۋە ئاللاھقا تەۋەككۈل قىلغىن. پەرۋەردىگارىڭ قىلىۋاتقان ئىشلىرىڭلاردىن غاپىل ئەمەستۇر﴾ ([2]).

﴿قۇرئاننى ئوقۇساڭ ئاخىرەتكە ئىشەنمەيدىغانلار بىلەن سېنىڭ ئاراڭدا يوشۇرۇن پەردە پەيدا قىلىمىز﴾([3]).

2.  سېھىر قىلىشقا ئىشلىتىلگەن ماددىنى تاپقىلى ياكى ئورنىنى بىلگىلى بولسا، شۇنى تېپىپ يوق قىلىۋېتىش. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەممۇ بىر يەھۇدىي تەرىپىدىن سېھىر قىلىنغاندىن كېيىن، جانابىي ئاللاھتىن شىپالىق سورىغان، ئاللاھتائالا سېھىرگە ئىشلىتىلگەن تاغاقنىڭ ئورنىنى پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمگە بىلدۈرۈپ، تاغاقنى قۇدۇقنىڭ ئىچىدىن ئالدۇرۇۋەتكەندىن كېيىن سەللىمازا ساقىيىپ كەتكەن([4]).

بىمار ئالدى بىلەن دوختۇرغا كۆرۈنۈپ، جىسمانىي كېسەللىك بار يوقلىقىنى بىلىشى زۆرۈر. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم كېسەللىكلەردىن داۋالىنىشقا بۇيرۇغان، داۋالىنىش بىلەن بىللە دۇئا ۋە ئايەتلەر بىلەن ئاللاھتائالاغا يۈزلىنىپ، ئۇنىڭدىن شىپالىق سورىشى كېرەك.

ئەمما، بىنورماللىقنىڭ سەۋەبى جىسمانىي كېسەل بولماي سېھىر تەسىرى ئىكەنلىكى ئېنىقلانسا، بىمار ئۆزى ئايەت ۋە دۇئالارنى ئوقۇسىمۇ بولىدۇ ياكى ئۇلارنى سۇ ۋە باشقا يېمەكلىكلەرگە دەمىدە قىلىپ ئىستېمال قىلسىمۇ بولىدۇ.

زۇھرى ئۇرۋەدىن رىۋايەت قىلىدۇكى، ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا مۇنداق دېگەن: «رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ۋاپات بولغان كېسىلىگە گىرىپتار بولغاندا پاناھلىق تىلەش سۈرىلىرى (ئىخلاس، فەلەق ۋە ناس قاتارلىق)نى ئوقۇپ، ئۆزىگە ئۆزى سۈفلەيتتى. كېسىلى ئېغىرلىشىپ كەتكەندىن كېيىن ئۇ سۈرىلەرنى مەن ئوقۇپ، ئۇنىڭغا سۈفلەپ قوياتتىم. بەرىكەتلىك بولغانلىقى ئۈچۈن رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ئۆز قولى بىلەن بەدىنىنى سىلىتىپ قوياتتىم». مەئمەر مۇنداق دەيدۇ: زۆھرىدىن:

قانداق سۈفلەيدۇ؟ – دەپ سورىسام، ئۇ:

ئىككى قولىغا سۈفلەيتتى، ئاندىن ئىككى قولى بىلەن يۈزىنى سىلايتتى، – دېدى([5]).

ھەزرىتى ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا «سۇغا ئايەت ۋە دۇئا ئوقۇپ دەمىدە قىلىپ كېسەلگە سەپسە بولىدۇ» دەپ قارايتتى([6]).

ئىمام نەۋەۋىي مۇنداق دېگەن: «بارلىق ئالىملار (تۈكۈرۈكسىز) سۈفلەپ دۇئا ۋە ئايەت ئوقۇشنى ›جائىز‹ دەپ قارايدۇ. ساھابە ۋە تابىئىنلار ۋە ئۇلاردىن كېيىنكىلەرنىڭ كۆپچىلىكى سۈفلەشنى ›مۇستەھەپ‹ دەپ قارىغان»([7]).

سېھىردىن ساقلىنىشقا ۋە سېھىر زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىغاندا تۆۋەندىكى دۇئا، ئايەتلەر ئوقۇلىدۇ:

1. «فاتىھە» سۈرىسى. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم «فاتىھە» ئوقۇپ بىمارنى داۋالىغان بىر ساھابىگە: «بۇنىڭ شىپالىق دۇئا ئىكەنلىكىنى قانداق بىلدىڭ؟» دېگەن([8]). «فاتىھە»نى ئۈچ ياكى يەتتە قېتىم ئوقۇسا بولىدۇ.

2. «بەقەرە» سۈرىسى، 255 – ئايەت (ئايەتۇلكۇرسى). ﴿اللّهُ لاَ إِلَهَ إِلاَّ هُوَ الْحَيُّ الْقَيُّومُ لاَ تَأْخُذُهُ سِنَةٌ وَلاَ نَوْمٌ لَّهُ مَا فِي السَّمَاوَاتِ وَمَا فِي الأَرْضِ مَن ذَا الَّذِي يَشْفَعُ عِنْدَهُ إِلاَّ بِإِذْنِهِ يَعْلَمُ مَا بَيْنَ أَيْدِيهِمْ وَمَا خَلْفَهُمْ وَلاَ يُحِيطُونَ بِشَيْءٍ مِّنْ عِلْمِهِ إِلاَّ بِمَا شَاء وَسِعَ كُرْسِيُّهُ السَّمَاوَاتِ وَالأَرْضَ وَلاَ يَؤُودُهُ حِفْظُهُمَا وَهُوَ الْعَلِيُّ الْعَظِيمُ﴾ بۇ قۇرئان كەرىمدىكى ئەڭ ئۇلۇغ ئايەتتۇر. بۇ ئايەتنى ھەر پەرز نامازدىن كېيىن، شۇنداقلا ئۇخلاشتىن ئىلگىرى ئوقۇيدۇ. سەھىھ ھەدىستە مۇنداق دېيىلگەن: «ئايەتۇلكۇرسىنى كەچتە ئوقۇسا شۇ كېچە ئاللاھتائالا ئۇنى قوغدايدۇ، ئۇنىڭغا تاڭ ئاتقۇچە شەيتان يېقىن كېلەلمەيدۇ»([9]).

3. «كافىرۇن» سۈرىسى، (109 – سۈرە). ﴿قُلْ يَا أَيُّهَا الْكَافِرُونَ. لَا أَعْبُدُ مَا تَعْبُدُونَ. وَلَا أَنتُمْ عَابِدُونَ مَا أَعْبُدُ. وَلَا أَنَا عَابِدٌ مَّا عَبَدتُّمْ. وَلَا أَنتُمْ عَابِدُونَ مَا أَعْبُدُ لَكُمْ دِينُكُمْ وَلِيَ دِينِ﴾ ئۈچ قېتىم ئوقۇيدۇ.

4. ئىخلاس سۈرىسى، (112 – سۈرە). ﴿قُلْ هُوَ اللَّهُ أَحَدٌ. اللَّهُ الصَّمَدُ. لَمْ يَلِدْ وَلَمْ يُولَدْ. وَلَمْ يَكُن لَّهُ كُفُواً أَحَدٌ﴾ ئۈچ قېتىم ئوقۇيدۇ.

5. «فەلەق» سۈرىسى، (113 – سۈرە). ﴿قُلْ أَعُوذُ بِرَبِّ الْفَلَقِ. مِن شَرِّ مَا خَلَقَ. وَمِن شَرِّ غَاسِقٍ إِذَا وَقَبَ. وَمِن شَرِّ النَّفَّاثَاتِ فِي الْعُقَدِ. وَمِن شَرِّ حَاسِدٍ إِذَا حَسَدَ﴾ ئۈچ قېتىم ئوقۇيدۇ.

6. «ناس» سۈرىسى، (114 – سۈرە). ﴿قُلْ أَعُوذُ بِرَبِّ النَّاسِ. مَلِكِ النَّاسِ. إِلَهِ النَّاسِ. مِن شَرِّ الْوَسْوَاسِ الْخَنَّاسِ. الَّذِي يُوَسْوِسُ فِي صُدُورِ النَّاسِ. مِنَ الْجِنَّةِ وَ النَّاسِ﴾ ئۈچ قېتىم ئوقۇيدۇ.

7. «ئەئراف» سۈرىسى، (7 – سۈرە)، 117 – 119 – ئايەتلەر. ﴿وَأَوْحَيْنَا إِلَى مُوسَى أَنْ أَلْقِ عَصَاكَ فَإِذَا هِيَ تَلْقَفُ مَا يَأْفِكُونَ. فَوَقَعَ الْحَقُّ وَبَطَلَ مَا كَانُواْ يَعْمَلُونَ فَغُلِبُواْ هُنَالِكَ وَانقَلَبُواْ صَاغِرِين. وَأُلْقِيَ السَّحَرَةُ سَاجِدِينَ. قالُواْ آمَنَّا بِرِبِّ الْعَالَمِينَ. رَبِّ مُوسَى وَهَارُونَ﴾

8. «يۇنۇس» سۈرىسى، (10 – سۈرە)، 79 – 82 – ئايەتلەر. ﴿وَقَالَ فِرْعَوْنُ ائْتُونِي بِكُلِّ سَاحِرٍ عَلِيمٍ فَلَمَّا جَاء السَّحَرَةُ قَالَ لَهُم مُّوسَى أَلْقُواْ مَا أَنتُم مُّلْقُونَ فَلَمَّا أَلْقَواْ قَالَ مُوسَى مَا جِئْتُم بِهِ السِّحْرُ إِنَّ اللّهَ سَيُبْطِلُهُ إِنَّ اللّهَ لاَ يُصْلِحُ عَمَلَ الْمُفْسِدِينَ وَيُحِقُّ اللّهُ الْحَقَّ بِكَلِمَاتِهِ وَلَوْ كَرِهَ الْمُجْرِمُونَ﴾

9. «تاھا» سۈرىسى، (20 – سۈرە)، 65 – 69 – ئايەتلەر. ﴿قَالُوا يَا مُوسَى إِمَّا أَن تُلْقِيَ وَإِمَّا أَن نَّكُونَ أَوَّلَ مَنْ أَلْقَى قَالَ بَلْ أَلْقُوا فَإِذَا حِبَالُهُمْ وَعِصِيُّهُمْ يُخَيَّلُ إِلَيْهِ مِن سِحْرِهِمْ أَنَّهَا تَسْعَى فَأَوْجَسَ فِي نَفْسِهِ خِيفَةً مُّوسَى قُلْنَا لَا تَخَفْ إِنَّكَ أَنتَ الْأَعْلَى وَأَلْقِ مَا فِي يَمِينِكَ تَلْقَفْ مَا صَنَعُوا إِنَّمَا صَنَعُوا كَيْدُ سَاحِرٍ وَلَا يُفْلِحُ السَّاحِرُ حَيْثُ أَتَى﴾

10. «بەقەرە» سۈرىسىنىڭ ئاخىرقى ئىككى ئايىتى. يەنى، (285 – 286 – ئايەتلەر). ﴿آمَنَ الرَّسُولُ بِمَا أُنزِلَ إِلَيْهِ مِن رَّبِّهِ وَالْمُؤْمِنُونَ كُلٌّ آمَنَ بِاللّهِ وَمَلآئِكَتِهِ وَكُتُبِهِ وَرُسُلِهِ لاَ نُفَرِّقُ بَيْنَ أَحَدٍ مِّن رُّسُلِهِ وَقَالُواْ سَمِعْنَا وَأَطَعْنَا غُفْرَانَكَ رَبَّنَا وَإِلَيْكَ الْمَصِيرُ لاَ يُكَلِّفُ اللّهُ نَفْسًا إِلاَّ وُسْعَهَا لَهَا مَا كَسَبَتْ وَعَلَيْهَا مَا اكْتَسَبَتْ رَبَّنَا لاَ تُؤَاخِذْنَا إِن نَّسِينَا أَوْ أَخْطَأْنَا رَبَّنَا وَلاَ تَحْمِلْ عَلَيْنَا إِصْرًا كَمَا حَمَلْتَهُ عَلَى الَّذِينَ مِن قَبْلِنَا رَبَّنَا وَلاَ تُحَمِّلْنَا مَا لاَ طَاقَةَ لَنَا بِهِ وَاعْفُ عَنَّا وَاغْفِرْ لَنَا وَارْحَمْنَا أَنتَ مَوْلاَنَا فَانصُرْنَا عَلَى الْقَوْمِ الْكَافِرِينَ﴾

ھەدىستە مۇنداق كۆرسىتىلگەن: «كىمكى كېچىسى ›بەقەرە‹ سۈرىسىنىڭ ئاخىرىدىكى ئىككى ئايەتنى ئوقۇيدىكەن، ئۇنىڭغا كېچىچە كۇپايە قىلىدۇ»([10]).

11. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم كۆرسەتكەن بۇ دۇئا: «اللَّهُمَّ رَبَّ النَّاسِ أَذْهِبْ الْبَاسَ اشْفِ وَأَنْتَ الشَّافِي لَا شِفَاءَ إِلَّا شِفَاؤُكَ شِفَاءً لَا يُغَادِرُ سَقَماً»(ئى پۈتۈن ئىنسانلارنىڭ پەرۋەردىگارى! ئاغرىقنى كەتكۈزۈۋەتكىن، ئۇنىڭغا شىپالىق بەرگىن. سەن شىپالىق بەرگۈچىسەن، سېنىڭ شىپايىڭدىن باشقا شىپا يوقتۇر. شۇنداق شىپالىق بەرگىنكى، كېسەللىك قالمىغاي)([11]).

12. جىبرىئىل ئەلەيھىسسالامنىڭ پەيغەمبىرىمىزگە ئوقۇپ قويغان بۇ دۇئاسى: «بِاسْمِ اللَّهِ أَرْقِيكَ من كل شَيْءٍ يُؤْذِيكَ من شَرِّ كل نَفْسٍ أو عَيْنِ حَاسِدٍ الله يَشْفِيكَ بِاسْمِ اللَّهِ أَرْقِيكَ» (ئاللاھنىڭ ئىسىم – شەرىپى بىلەن ساڭا ئازار بېرىدىغان ھەر قانداق نەرسىنىڭ زىيىنىدىن ساڭا دەم سالىمەن. ھەرقانداق بىر نەپسنىڭ ياكى ھەسەت قىلغان كۆزنىڭ زىيىنىدىن ساڭا ئاللاھ شىپالىق بەرسۇن، ئاللاھنىڭ ئىسىم – شەرىپى بىلەن ساڭا دەم سالىمەن).([12])

13. «تەۋبە» سۈرىسى، 129 – ئايەتتىكى بۇ دۇئا. ﴿حَسْبِيَ اللهُ لاَ إِلَهَ إِلاَّ هُوَ عَلَيْهِ تَوَكَّلْتُ وَهُوَ رَبُّ الْعَرْشِ الْعَظِيْمِ﴾ (ئاللاھ ماڭا كۇپايە قىلىدۇ، ئۇنىڭدىن باشقا ھېچ ئىلاھ يوقتۇر. ئۇنىڭغا تەۋەككۈل قىلدىم. ئۇ بۈيۈك ئەرشنىڭ پەرۋەردىگارىدۇر).

14. ئەتىگىنى ۋە ئاخشىمى بۇ دۇئانى ئۈچ قېتىم. ﴿أَعُوذُ بِكَلِمَاتِ اللّهِ التَّامَّاتِ مِنْ شَرِّ مَا خَلَقَ﴾ (ئاللاھنىڭ ئۇلۇغ كەلىمىلىرى بىلەن مەخلۇقاتلارنىڭ شەررىدىن پاناھ تىلەيمەن).([13]) بۇنى ئەتىگىنى، ئاخشىمى، كېچە – كۈندۈز، ئۆيگە كىرگەندە ياكى تالاغا چىققاندا ئوقۇيدۇ.

15. ئەتىگىنى ۋە ئاخشىمى بۇ دۇئانى ئۈچ قېتىم. ﴿بِسْمِ الله الَّذِي لا يَضُرُّ مَعَ اسْمِهِ شَيْءٌ في الأرْضِ وَلا في السَّمَاءِ وَهُوَ السَّمِيعُ العَلِيمُ﴾ (نامى بىلەن ئاسمان ۋە زېمىندە ھېچنەرسە زىيان يەتكۈزەلمەيدىغان ئاللاھنىڭ نامى بىلەن پاناھلىنىمەن، ئاللاھ ھەممىنى ئاڭلاپ ۋە كۆرۈپ تۇرغۇچىدۇر».([14])

16. بۇ دۇئا: ﴿اللَّهُمَّ إِني أَسأَلُكَ الْعَافِيَةَ في الدُّنْيَا وَالآخِرَةِ. اللَّهُمَّ إِنِّي أَسأَلُكَ الْعَفْوَ وَالْعَافيَةَ في دِينِي وَدُنْيَايَ وَأَهْلِي وَمَالِي. اللَّهُمَّ استُرْ عَوْرَتِي وَآمِنْ رَوْعَاتِي اللَّهُمَّ احْفَظْنِي مِنْ بَيْنِ يَدَيَّ وَمِنْ خَلْفِي وعن يميني وَعن شِمَالِي وَمِنْ فَوْقِي وَأَعُوذُ بِعَظَمَتِكَ أَنْ أُغْتَالَ مِنْ تَحْتِي﴾. (ئى ئاللاھ! سەندىن دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە سالامەتلىك تىلەيمەن. ئى ئاللاھ! سەندىن گۇناھلىرىمغا مەغپىرەت، دىنىمدا، دۇنيالىقىمدا، ئائىلەمدە، پۇل – مېلىمدا سالامەتلىك تىلەيمەن. ئى ئاللاھ! ئەۋرەتلىرىمنى ياپقىن، قورقۇنچلىرىمنى تۈگىتىپ خاتىرجەم قىلغىن. ئى ئاللاھ! مېنى ئالدىمدىن، كەينىمدىن، ئوڭ تەرىپىمدىن، سول تەرىپىمدىن ۋە ئۈستى تەرىپىمدىن قوغدىغىن. سېنىڭ ئۇلۇغلۇقۇڭ بىلەن ئاستى تەرىپىمدىن سۈيقەستكە ئۇچرىشىمدىن پاناھ تىلەيمەن».([15])

17. ئەييۇب ئەلەيھىسسالامنىڭ بۇ دۇئاسى: ﴿أَنِّي مَسَّنِيَ الضُّرُّ وَأَنتَ أَرْحَمُ الرَّاحِمِينَ﴾ (ھەقىقەتەن مېنى بالا (يەنى، قاتتىق كېسەل) ئورىۋالدى، سەن ئەڭ مەرھەمەتلىكسەن)([16])

بۇ بەك خاسىيەتلىك، ئۇلۇغ دۇئا بولۇپ، ھەزرىتى ئەييۇب ئەلەيھىسسالام مۇشۇ دۇئانى قىلغان ھامان ئاللاھتائالا ئۇنى ئىجابەت قىلغان. قۇرئان كەرىمدە ئاللاھتائالا بۇنى مۇنداق بايان قىلغان: ﴿ئۇنىڭ دۇئاسىنى دەرھال ئىجابەت قىلدۇق، ئۇنىڭ بېشىغا كەلگەن بالانى كۆتۈرۈۋەتتۇق﴾.([17])

يۇقىرىقى دۇئا ۋە ئايەتلەرنى ئەتىگىنى ۋە ئاخشىمى ۋە باشقا بارلىق چاغلاردا ئۆزىگە ئوقۇپ، ھۈرۈپ سۈفلىسە بولىدۇ، قولىغا سۈفلەپ، بەدىنىنى سىلىسا بولىدۇ ياكى سۇغا ئوقۇپ سۈفلەپ، دەمىدە قىلىپ ئىچسىمۇ بولىدۇ ياكى شۇ سۇدا يۇيۇنۇپ تاھارەت ئالسىمۇ بولىدۇ. بۇلارنى مۇمكىن بولسا ئەرەبچە توغرا تەلەپپۇزدا ئوقۇغىنى ئەۋزەل. ئۇنداق ئوقۇيالمىسا ئۇيغۇرچىسىنى قېتىرقىنىپ ئىخلاس بىلەن ئوقۇسىمۇ ياكى بۇ دۇئا ۋە ئايەتلەرنى ياخشى ئوقۇيالايدىغان تەقۋادار كىشىنىڭ يېنىغا بېرىپ، بۇلارنى بىمارغا ئوقۇتۇپ سۈفلەتسىمۇ بولىدۇ. بۇ ئەھۋالدا ئوقۇپ قويىدىغان كىشى سېھرىگەر، پالچى، داخان، رەممال بولماسلىقى، ئايال كىشى بىلەن مەھرەمسىز خالىي يەردە بولماسلىقى، ئايالنىڭ تولۇق كىيىمى بىلەن بولۇشى قاتارلىق شەرتلەرگە رىئايە قىلىش كېرەك.

بۇرۇنقىلاردىن ۋەھب ئىبنى مۇنەببىھ، كېيىنكىلەردىن ئال شەيخ «فەتھۇل مەجىيد» دېگەن كىتابىدا ۋە شەيخ ئابدۇللاھ ئىبنى باز قاتارلىق بەزى ئالىملار: «سىدىر دەرىخىنىڭ يەتتە يوپۇرمىقىنى سۇغا چىلاپ، شۇ سۇغا يۇقىرىقى ئايەتلەرنى ئوقۇپ، ھۈرۈپ ئىچسە ۋە ئۇنىڭدا تاھارەت ئالسا سېھىردىن ساقىيىدۇ» دېگەن گەپنى ئوتتۇرىغا قويغان بولسىمۇ، بۇنداق قىلىشنىڭ سەھىھ ياكى ئاجىز بىر ھەدىستىن دەلىلى يوقتۇر.

 

ھىجرىيە 1432 – يىلى، جامادىيەلئەۋۋەلنىڭ 4 – كۈنى

مىلادىيە 2011 – يىلى 7 – ئاپرېل

—————————-
([1]) «ئەھزاب» سۈرىسى، 48 – ئايەت.
([2]) «ھۇد» سۈرىسى، 123 – ئايەت.
([3]) «ئىسرا» سۈرىسى، 45 – ئايەت.
([4]) سەھىھەين: «بۇخارى»، 6391 – ھەدىس؛ «مۇسلىم»، 2189 – ھەدىس.
([5]) سەھىھەين: «بۇخارى»، 5735 – ھەدىس؛ «مۇسلىم»، 2192 – ھەدىس.
([6]) «مصنف ابن أبي شيبة»، 5/40، برقم: 23509.
([7]) «نيل الأوطار»، 9/106.
([8]) سەھىھەين: «بۇخارى»، 2276 – ھەدىس؛ «مۇسلىم»، 2201 – ھەدىس.
([9]) «بۇخارى»، 2311 – ھەدىس.
([10]) سەھىھەين: «بۇخارى»، 4008 – ھەدىس؛ «مۇسلىم»، 807 – ھەدىس.
([11]) سەھىھەين: «بۇخارى»، 5743 – ھەدىس؛ «مۇسلىم»، 2191 – ھەدىس.
([12]) «مۇسلىم»، 2186 – ھەدىس.
([13]) «مۇسلىم»، 2708 – ھەدىس.
([14]) «أبو داود»، 5088 – ھەدىس؛ «الترمذي»، 3388 – ھەدىس. قال هذا حَدِيثٌ حَسَنٌ صَحِيحٌ غَرِيبٌ.
([15]) «أبو داود»، 5074 – ھەدىس. صححه الحاكم.
([16]) «ئەنبىيا» سۈرىسى، 83 – ئايەت.
([17]) «ئەنبىيا» سۈرىسى، 84 – ئايەتنىڭ بىر قىسمى.

Please follow and like us:

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز