ئىستىخارە سېلىش ۋە ئۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك ئەھكاملار

دوكتور ئابدۇلئەزىز رەھمەتۇللاھ

 

«ئىستىخارە» دېگەن سۆز ئەرەب تىلىدا «بىر ئىشتا تاللاپ بېرىشنى تەلەپ قىلىش»دېگەن مەنىدە.

ئىسلام فىقھىسىدىكى مەنىسى: ناماز ۋە ئىستىخارە دۇئاسى دەپ ئاتالغان مۇئەييەن دۇئانى ئوقۇش ئارقىلىق ئاللاھتىن ئىشلارنىڭ ياخشىراقىنى تاللاپ بېرىشنى تەلەپ قىلىشتىن ئىبارەتتۇر([1]).

 

ئىستىخارە سېلىشنىڭ ھېكمىتى

ئاللاھتائالا مۆمىنلەرنى «بۇ ئىشنى قىلسام نەتىجىسى قانداق بولار، ياكى بۇ ئىشنى قىلسام ياخشىمۇ؟ قىلمىساممۇ؟» دەپ، ئىشلىرىدا ئىككىلىنىپ قېلىپ نېمە قىلىشىنى بىلەلمەي قالغاندا، بۇرۇن جاھىلىيەت دەۋرىدىكىلەر قىلىپ كەلگەن پال سېلىش ۋە شۇملۇق ھېس قىلىشتەك ناچار ئىشلارنىڭ ئورنىغا ئىستىخارە سېلىشقا بۇيرۇغان.

ئىستىخارە ئىسلام ئەقىدىسى بىلەن زىچ باغلانغان. چۈنكى، مۇسۇلمان بەندە پۈتۈن ئىشلارنىڭ جانابىي ئاللاھنىڭ ئىلكىدە ئىكەنلىكىگە، جانابىي ئاللاھنىڭ ھەممە ئىشلارنى خالىغىنى بويىچە تەقدىر قىلىپ، خالىغىنى بويىچە بىر تەرەپ قىلىدىغانلىقىغا كەسكىن ئىشىنىدۇ. ئىنسان بولسا جانابىي ئاللاھ ياراتقان ئاجىز بىر مەخلۇق، غەيبنى بىلەلمەيدۇ، قايسى ئىشتا پايدا، قايسى ئىشتا زىيان بارلىقىنىمۇ ئايرىيالمايدۇ. شۇڭا، ئاللاھتائالا ئىستىخارە سېلىشنى كۆرسىتىپ بېرىش ئارقىلىق بىر تەرەپتىن بەندىلىرىنى ئۆزىگە يېلىنىشنى ئۆگەتسە، يەنە بىر تەرەپتىن، ئۇلارنى تېخىمۇ خەيرلىك يوللارغا مۇيەسسەر قىلىش پۇرسىتىنى بەرگەن.

جانابىي ئاللاھ مۇنداق دەيدۇ: ﴿ئاللاھ خالىغىنىنى يارىتىدۇ ۋە تاللايدۇ، تاللاش ھوقۇقى ئۇلاردا ئەمەس. ئاللاھ پاكتۇر، ئۇلارنىڭ شېرىك كەلتۈرگەنلىرىدىن ئۈستۈندۇر، پەرۋەردىگارىڭ ئۇلارنىڭ دىللىرىدا يوشۇرۇن تۇتقانلىرىنى ۋە (ئېغىزلىرىدا) دېگەنلىرىنى بىلىپ تۇرىدۇ، ئۇ ئاللاھدۇر، ئۇنىڭدىن بۆلەك ھېچ مەبۇد (بەرھەق) يوقتۇر، دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە جىمى ھەمدۇسانا ئاللاھقا مەنسۇپتۇر، ھۆكۈم چىقىرىش ئاللاھقا خاستۇر، سىلەر ئاللاھنىڭ دەرگاھىغا قايتۇرۇلىسىلەر﴾.([2]) شۇڭا، بەزى ئالىملار: «كىشى دۇنيالىق ھەرقانداق بىر ئىشقا ئىككى رەكئەت ئىستىخارە نامىزى ئوقۇماي تۇرۇپ قەدەم قويسا بولمايدۇ» دېگەن([3]).

ئەلۋەتتە، ھازىرقى زاماندا مۇسۇلمانلارنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشىدىن بۇ ئالاھىدە ئىبادەتنىڭ يوقاپ كېتىشى ئۇلارنىڭ ئىسلام كۆرسەتمىلىرىدىن ئومۇمەن، يىراقلىشىپ كەتكەنلىكىنىڭ بىر ئالامىتى بولسا كېرەك، بولمىسا، ئۇلار بۇنداق پايدىلىق بىر ئىبادەتنى تاشلاپ قويارمىدى؟ بۇ ئىبادەتنىڭ پايدىسىنىڭ نەقەدەر چوڭ ئىكەنلىكىنى چۈشەنگەندە ئادەتتىكى ئىشلاردىلا ئەمەس، بەلكى تۇرمۇشىمىزدا بۇرۇلۇش خاراكتېرلىك ئۆزگىرىش پەيدا قىلىدىغان مۇھىم قارارلارنى ئالغاندا ئىستىخارە سالمىغانلىقتىن تارتىۋاتقان زىيىنىمىزنىڭ ئېغىرلىقىنى ھېس قىلغىلى بولسا كېرەك.

ئەسرى سائادەتتىكى پېشقەدەم سەلەف – سالىھلىرىمىز ئىستىخارە سېلىشنىڭ قەدرىگە يەتكەن ۋە پايدىسىنى كۆرگەن. بۇنىڭ بەزىبىر مىساللىرىنى ئېلىپ ئۆتەيلى:

ھەزرىتى ئەنەس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىشىچە، زەينەب رەزىيەللاھۇ ئەنھانىڭ ئىددىتى توشقاندىن كېيىن پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم زەيد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇغا: «ماڭا ئەلچى بولۇپ بارغىن» دېگەن. زەيد بېرىپ ئۇنىڭغا: «ئى زەينەب، خۇشخەۋەر! مېنى رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم سىزگە ئەلچىلىككە ئەۋەتتى» دېگەن، زەينەب: «مەن ئىگەمگە ئىستىخارە سالمىغۇچە ھېچنەرسە قىلمايمەن» دەپ ناماز ئوقۇيدىغان ئورنىغا بېرىپ نامازغا تۇرغان. شۇنىڭ بىلەن بۇ ھەقتە قۇرئان ئايىتى نازىل بولغان، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم كېلىپ، ئىجازەت ئالماستىن زەينەبنىڭ قېشىغا كىرگەن([4]).

بۇنىڭدىن ئايال كىشىنىڭ ئەلچىگە جاۋاب بېرىشتىن بۇرۇن ئىستىخارە سېلىپ، دۇئا قىلىشىنىڭ مۇستەھەپلىكى چىقىدۇ. شۇنداقلا، قايسىبىر كىشى ئىشلىرىنى ئاللاھتائالاغا تاپشۇرسا، ئاللاھتائالا ئۇنىڭغا ئەڭ پايدىلىق، دۇنيا ۋە ئاخىرەتلىكى ئۈچۈن ئەڭ خەيرلىك ئىشنى ئاسانلاشتۇرۇپ بېرىدىغانلىقى مەلۇم بولىدۇ.

ئىمام نەۋەۋى رەھمەتۇللاھى ئەلەيھى بۇ ھەدىسنى شەرھلىگەندە مۇنداق دەيدۇ: «بۇ ھەدىس پايدىلىق كۆرۈنگەن ئىش بولسۇن ياكى ئۇنداق بولمىسۇن، ھەرقانداق بىر ئىشنى قىلماقچى بولغان كىشىنىڭ ئىستىخارە نامىزى ئوقۇشىنىڭ مۇستەھەپلىكىنى كۆرسىتىدۇ»([5]).

 

ئىستىخارە سېلىش دائىرىسى

ئىستىخارە چوڭ بولسۇن، كىچىك بولسۇن بارلىق ئىشلاردا بولىدۇ. چۈنكى، كۆزگە ئىلمىغان كىچىك ئىشلاردىن چوڭ ئاقىۋەتلەر كېلىپ چىقىشى مۇمكىن. يەنە جائىز ياكى مۇستەھەپ ئىشلاردىن بىرىنى تاللاشتا ياكى ئىككى ئوخشاش دەرىجىدىكى ئىشتىن بىرىنى تاللاشتا بولىدۇ. مەسىلەن، بۇ ئۆينى ئالايمۇ ئالمايمۇ، بۇ قىزغا ئۆيلىنەيمۇ ياكى باشقىسىغىمۇ؟… دېگەندەك. لېكىن، پەرز، ۋاجىپ، ھارام ياكى مەكرۇھ بىر ئىشنى قىلىشتا ئىستىخارە سېلىنمايدۇ. چۈنكى، پەرز بىلەن ۋاجىپنى مەسلىھەت سالماستىن قىلىشقا ئالدىراش، ھارام بىلەن مەكرۇھنى مەسلىھەت سالماستىن تاشلاش كېرەك.

دېمەك، «ۋاجىپ بىلەن مۇستەھەپ ئىشنى قىلىشتا ئىستىخارە سېلىنمايدۇ، ھارام بىلەن مەكرۇھنى قىلىش – قىلماسلىقتىمۇ ئىستىخارە سېلىنمايدۇ. ئۇنداق بولغان ئىكەن، پەقەتلا مۇباھ ئىشلاردا، شۇنداقلا بىر – بىرىگە زىت كېلىپ قالغان مۇستەھەپ ئىشلارنىڭ قايسىسىنى قىلىش ياكى قايسىسىنى بۇرۇن باشلاشتا ئىستىخارە سېلىشقا بولىدۇ. لېكىن، ھەج ئادا قىلايمۇ ياكى ئىلىم تەھسىل قىلىۋالايمۇ؟… دېگەندەك بىرقانچە پەرز ياكى ۋاجىپتىن بىرىنى تاللاش ئىختىيارى بولغان ئەھۋالدا ياكى ۋاقتى كەڭرى بولغان پەرز، ۋاجىپلارنى ھازىرلا قىلىش – قىلماسلىقتا ئىستىخارە سالسا بولىدۇ»([6]).

 

ئىستىخارە سېلىشنىڭ ھۆكمى

بارلىق مۇسۇلمانلارنىڭ قارىشىدا، ئىستىخارە سېلىش سۈننەت بولۇپ، بۇنىڭدا ھېچ ئىختىلاپ يوقتۇر.

 

ئىستىخارە سېلىشنىڭ دەلىلى

ھەزرىتى جابىر ئىبنى ئابدۇللاھ رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما مۇنداق دېگەن: «پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بىزگە ھەرقانداق ئىشتا ئىستىخارە سېلىشنى خۇددى قۇرئاندىكى بىر سۈرىنى ئۆگەتكەندەك ئۆگىتەتتى، ئۇ مۇنداق دەيتتى: ›سىلەرنىڭ بىرىڭلار بىر ئىش توغرۇلۇق باش قاتۇرغاندا، پەرز نامىزىدىن باشقا ئىككى رەكئەت ناماز ئوقۇپ مۇنداق دېسۇن: اللَّهُمَّ إِنِّي أَسْتَخِيرُكَ بِعِلْمِكَ وَأَسْتَقْدِرُكَ بِقُدْرَتِكَ، وَأَسْأَلُكَ مِنْ فَضْلِكَ الْعَظِيمِ، فَإِنَّكَ تَقْدِرُ وَلاَ أَقْدِرُ وَتَعْلَمُ وَلاَ أَعْلَمُ وَأَنْتَ عَلاَّمُ الْغُيُوبِ، اللَّهُمَّ إِنْ كُنْتَ تَعْلَمُ أَنَّ هَذَا الأَمْرَ خَيْرٌ لِي فِي دِينِي وَمَعَاشِي وَعَاقِبَةِ أَمْرِي ـ أَوْ عَاجِلِ أَمْرِي وَآجِلِهِ ـ فَاقْدُرْهُ لِي وَيَسِّرْهُ لِي ثُمَّ بَارِكْ لِي فِيهِ، وَإِنْ كُنْتَ تَعْلَمُ أَنَّ هَذَا الأَمْرَ شَرٌّ لِي فِي دِينِي وَمَعَاشِي وَعَاقِبَةِ أَمْرِي ـ أَوْ فِي عَاجِلِ أَمْرِي وَآجِلِهِ ـ فَاصْرِفْهُ عَنِّي وَاصْرِفْنِي عَنْهُ، وَاقْدُرْ لِي الْخَيْرَ حَيْثُ كَانَ ثُمَّ أَرْضِنِي يەنى: ئى ئاللاھ! مەن سېنىڭ ئىلمىڭ بىلەن تاللاپ بېرىشىڭنى، ئۆز قۇدرىتىڭ بىلەن قۇدرەت ئاتا قىلىپ، ياخشىراق ئىشنى قىلدۇرۇشىڭنى ھەمدە ماڭا سېنىڭ ئۇلۇغ پەزلىڭدىن بېرىشىڭنى سورايمەن. چۈنكى، سەن قادىر بولالايسەن، مەن قادىر بولالمايمەن؛ سەن بىلىسەن، مەن بىلمەيمەن؛ سەن غەيبلەرنى بىلگۈچىدۇرسەن. ئى ئاللاھ! ناۋادا سېنىڭ ئىلمىڭدە بۇ ئىش (قىلماقچى بولغان ئىشنى ئاتايدۇ) مېنىڭ دىنىم، دۇنيايىم، تۇرمۇشۇم ۋە ئىشىمنىڭ ئاقىۋىتى ئۈچۈن (ياكى ھازىرقى ۋە كېيىنكى ئىشلىرىمغا دېسىمۇ بولىدۇ) خەيرلىك بولسا، ماڭا ئۇنى تەييارلاپ، ئوڭايلاشتۇرۇپ بەرگىن. ئاندىن ماڭا ئۇ ئىشتا بەرىكەت ئاتا قىلغىن. ناۋادا سېنىڭ ئىلمىڭدە بۇ ئىش ماڭا دىنىمدا، دۇنيايىمدا، تۇرمۇشۇمدا ۋە ئىشلىرىمنىڭ ئاقىۋىتىدە يامانلىق بولىدىغان بولسا، مېنى ئۇنىڭدىن يىراق قىلغىن، ئۇنىمۇ مەندىن نېرى قىلغىن، ئۇنى كاللامدىن چىقىرىۋەتكىن، قەيەردە بولسا بولسۇن ماڭا خەيرلىكنى پۈتكىن، كېيىن مېنى شۇ خەيرلىك ئىشنى قىلىشقا رازى قىلغىن ‹»([7]).

بۇ ھەدىستە «ئىستىخارە سېلىشنى خۇددى قۇرئاندىكى بىر سۈرىنى ئۆگەتكەندەك ئۆگىتەتتى» دەپ، قۇرئان سۈرىسىگە ئوخشىتىشتىكى سەۋەبنى ئالىملار مۇنداق ئىزاھلىغان: «بارلىق نامازلاردا قۇرئان ئوقۇشقا ئېھتىياج بولغاندەك، پۈتۈن ھاياتتا ئىستىخارە سېلىشقا ئېھتىياج بارلىقىنى بىلدۈرۈش ۋە يەنە ئىستىخارە دۇئاسىنى ئەينەن بەلگىلەپ بېرىپ، كىشىلەرنىڭ ئىستىخارە سالغاندا ئۆزلىرى خالىغانچە دۇئا قىلماي، بەلگىلەنگەن دۇئانى قىلىشىنى بېكىتىشتۇر. بۇ ئىستىخارەنى قۇرئان ۋە نامازغا ئوخشاتقانلىقتۇر. بۇ ئىستىخارىنىڭ ئەھمىيىتىنى كۆرسىتىدۇ»([8]).

بۇنىڭدىن ئىستىخارە دۇئاسىنىڭ ئەينەن بەلگىلەنگەنلىكى مەلۇم بولىدۇ. ئەمەلىيەتتىمۇ ئىستىخارە دۇئاسى مەزمۇن جەھەتتە مول ۋە تولۇق بولغاچقا، ئۇنىڭغا بىرەر جۈملە سۆز ياكى ئىبارە قېتىش ھاجەتسىزدۇر. ياكى مۇنداقچە قىلىپ ئېيتقاندا، ئىستىخارە سېلىش ئاللاھتائالادىن خەيرلىك ئىشنى تاللاپ بېرىشنى تەلەپ قىلىش تۇرۇقلۇق، ئاللاھتائالا ئىستىخارە سېلىشقا ئەڭ خەيرلىك كەلىمىلەرنى پەيغەمبىرى ئارقىلىق بىزگە تاللاپ بەرسە، ئۇنىڭ ئورنىغا باشقىچە ئىبارىلەرنى ياكى ئۇسۇللارنى تاللىۋېلىش بىمەنىلىك بولىدۇ.

 

ئىستىخارە سېلىش ئۇسۇلى

ئىستىخارە سېلىش نىيىتى بىلەن ئىككى رەكئەت نەپلە ناماز ئوقۇپ، نامازدىن كېيىن ياكى نامازنىڭ ئىچىدە يۇقىرىقى دۇئانى ئوقۇش ئارقىلىق ئىستىخارە سېلىنىدۇ.

ئىستىخارە دۇئاسىنى نامازنىڭ ئىچىدە سالام بېرىشتىن بۇرۇن ئوقۇسىمۇ ياكى سالام بەرگەندىن كېيىن ئوقۇسىمۇ جائىزدۇر. ئىمام ئىبنى تەيمىيە رەھمەتۇللاھى ئەلەيھى قاتارلىق بەزى ئالىملار: «پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم دۇئانى كۆپىنچە سالامدىن بۇرۇن قىلاتتى» دەپ قاراپ، ئىستىخارە دۇئاسىنى ئەتتەھىياتۇنى ئوقۇپ بولۇپ دۇرۇت ئوقۇغاندىن كېيىن ئوقۇپ ئاندىن سالام بېرىشنى مۇۋاپىق، دەپ تاللىغان. يەنە بەزى ئالىملار: «سالام بېرىپ بولغاندىن كېيىن ئوقۇيدۇ» دېگەن([9]).

ھاپىز ئىبنى ھەجەر مۇنداق دەيدۇ: «ھەدىستىن دۇئانىڭ نامازدىن كېيىن ئوقۇلىدىغانلىقى كۆرۈنىدۇ، ناماز ئىچىدە ئوقۇسىمۇ توغرا بولۇش ئېھتىماللىقى بار. يەنە نامازدا قىلىش كېرەك بولغان دۇئادىن كېيىن قىلىش ئېھتىماللىقىمۇ بار. چۈنكى، نامازدا سەجدىدە ۋە تەشەھھۇدتىمۇ دۇئا قىلىنىدۇ»([10]).

بۇنىڭدىن نامازدىكى سەجدە ۋە تەشەھھۇدتا ئادەتتە، قىلىدىغان دۇئالارنى قىلىپ بولغاندىن كېيىن، بولۇپمۇ، سەجدە قىلغاندا ئىستىخارە دۇئاسىنى ئوقۇسا بولىدىغانلىقى چىقىدۇ.

ياخشىسى، ھەدىسنىڭ «ئاندىن» دېگەن ئىپادىلىشى بويىچە ئىستىخارە دۇئاسىنى نامازدىن كېيىن قىلىشتۇر. ئۇنىڭ ئۈستىگە كۆپىنچە كىشىلەر ئىستىخارە دۇئاسىنى يادا بىلمەيدۇ. يۇقىرىدا ئىستىخارە دۇئاسىنىڭ قۇرئان سۈرىلىرىگە ئوخشىتىلغانلىقى، ئۇنى خالىغان يوسۇندا قىلىۋېلىشقا بولمايدىغانلىقى بايان قىلىندى. ئۇنداق بولغان ئىكەن، كىشىلەر نامازدىن سالام بېرىپ بولغاندا، بىرەر قەغەزگە يېزىۋالغان ئىستىخارە دۇئاسىنى ئەينەن ئوقۇپ ئىستىخارە سالسا مۇۋاپىق، بولمىسا، نامازدا ئىستىخارە دۇئاسىنى يادا ئوقۇيالماي، يا قەغەزگە قاراپ ئوقۇيالماي قالىدۇ.

ئىستىخارە دۇئاسىنى نامازنى ئوقۇپ بولۇپ، بىرئاز زىكىر – تەسبىھ ئېيتىپ بولۇپ ئوقۇسىمۇ بولىدۇ، يەنى، ناماز ئوقۇپ بولۇپ ئازراق ۋاقىت ئۆتكەن بولسىمۇ ئىستىخارە دۇئاسىنى ئوقۇپ، ئىستىخارە سالسا بولىدۇ. ئىمام ئەينى مۇنداق دەيدۇ: «ھەدىستىكى (ئاندىن) دېگەن سۆز بەك ئۇزىراپ كەتمىگەن ھالدا، نامازدىن كېيىن سەل كېچىكىپ دۇئا قىلسىمۇ ئىستىخارەگە تەسىر قىلمايدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ»([11]).

 

ئىستىخارە نامىزىدا ئوقۇلىدىغان ئايەتلەر

ئىستىخارە نامىزىدا مۇئەييەن بىر سۈرە ياكى ئايەت ئوقۇش بەلگىلەنمىگەن، بۇنىڭغا ئاساسەن، ھەر ئىككى رەكئەتتە «فاتىھە»دىن كېيىن بىر سۈرە ياكى ئۈچ ئايەت مىقدارىدا، بىلگىنىچە ئايەت ئوقۇسا بولىدۇ.

بەزى ئالىملار: «بىرىنچى رەكئەتكە فاتىھەدىن كېيىن كافىرۇن سۈرىسىنى، ئىككىنچى رەكئەتكە ئىخلاس سۈرىسىنى ئوقۇش مۇستەھەپ» دېگەن. چۈنكى، بۇ سۈرىلەر بىلەن يۇقىرىدىكى ئىستىخارە دۇئاسى ئاللاھقا ئىخلاس قىلىش، يېلىنىش ۋە ئۇنىڭغا موھتاج ئىكەنلىكىنى ھېس قىلدۇرۇش قاتارلىق جەھەتلەردىن بىردەكلىككە ئىگە بولغاچقا، ئاللاھتىن ياردەم تەلەپ قىلىشقا تېخىمۇ مۇناسىپ بولىدۇ.

ناماز بىلەن ئىستىخارە سېلىش ناماز ئوقۇش مەكرۇھ بولغان چاغلاردىن باشقا ھەرقانداق ۋاقىتتا جائىز بولىدۇ، ئەمما پەقەت دۇئا بىلەنلا ئىستىخارە سېلىش ھەرقانداق ۋاقىتتا جائىزدۇر.

 

ئىستىخارەنى ناماز ئوقۇماي دۇئا بىلەنلا سېلىش

ئەگەر ئىستىخارەنى ناماز ئوقۇپ، دۇئا قىلىپ سالالمىسا، پەقەت دۇئا قىلسىمۇ بولىدۇ، بەزىدە ھەيزدار ئاياللار شۇنداق ئەھۋالغا دۇچ كېلىدۇ، چۈنكى ھەيز مەزگىلىدە ناماز ئوقۇيالمايدۇ. يەنە ناماز ئوقۇش چەكلەنگەن ۋاقىتلاردا ناماز ئوقۇشقا بولمايدۇ. بۇنداق دەرھال ئىستىخارە سېلىشقا دۇچ كەلگەن ئەھۋالدا، پەقەت ئىستىخارە دۇئاسىنىلا ئوقۇپ سالسىمۇ بولىدۇ.

ئىمام نەۋەۋىي مۇنداق دەيدۇ: «ناۋادا ناماز ئوقۇيالمىسا دۇئا بىلەنلا ئىستىخارە سالسا بولىدۇ»([12]).

بەزى ئالىملار ئىستىخارە سالغاندا نېمە ئۈچۈن ئالدىن ئىككى رەكئەت ناماز ئوقۇلىدىغانلىقى ھەققىدە مۇلاھىزە قىلىپ مۇنداق دېگەن: «ئىستىخارە سېلىش دېگەن دۇئادىن ئىبارەت بولغاچقا، ئالدى بىلەن ئىشىكنى قېقىپ ئاندىن تىلەكنى ئوتتۇرىغا قويۇش مۇناسىپ. يەنى، بۇ بىر دۇئانىڭ مۇقەددىمىسى. دۇئاغا مۇقەددىمە بولۇش ئۈچۈن نامازدەك ئۇلۇغ ئىبادەت يوق، چۈنكى نامازدا ئاللاھتائالانى زىكىر قىلىش، ئۇلۇغلاش ۋە موھتاجلىقنى ئىزھار قىلىش بار»([13]).

 

ئىستىخارە سالغاندىن كېيىنكى ئىشلار

ئىستىخارە سالغاندىن كېيىن چۈش كۆرۈشى شەرت ئەمەس، بەلكى كۆڭلى قايسى ئىشتا ئارام تاپسا ياكى خاتىرجەم بولسا، شۇ ئىشنى قىلسا بولىدۇ، كۆڭلى ئارام تاپمىسا ئۇنى قىلمايدۇ.

بۇ يەردە دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك ئىش شۇكى، ئىستىخارە سالغان كىشى ئۆز كۆڭلى بۇرۇندىنلا تارتقان ۋە كۈچلۈك ھەۋەس قىلغان ئىشنى تاللىماي، ئىستىخارە سالغاندىن كېيىن تاللىماقچى بولغان بىرقانچە ئىشتىن قايسىبىر ئىش ئۇدۇل كەلسە شۇنى قىلىشى كېرەك، بولمىسا، ئۆز ھاۋايى – ھەۋىسىگە ئەگەشكەن بولىدۇ. شۇڭا، بەزى ئالىملار: «كۆڭلى ئارام تاپقان ئىشنى قىلمايدۇ» دېگەن.

لېكىن، ھاپىز ئىبنى ھەجەر ئېيتقاندەك: «توغرىسى، ئىستىخارە سېلىشتىن بۇرۇنقى كۈچلۈك ھاۋايى – ھەۋىسىگە مۇۋاپىق كەلگەن ئىشنى كۆڭلى ئارام تاپسىمۇ قىلمايدۇ»([14]).

بۇنىڭغا ئاساسەن، كۆڭلى بۇرۇن ياقتۇرغان ۋە ياكى ياقتۇرمىغان ئىشنى ئىستىخارە سالغاندىن كېيىن ئوخشاش دەرىجىدە قويۇپ، ئاندىن ئۇدۇل كەلگەن، قولاي بولغىنىنى قىلىش كېرەك بولىدۇ.

 

ئىستىخارەنى قايتا – قايتا بىرقانچە قېتىم سېلىش

ئىستىخارە سالغاندىن كېيىن ئەگەر بىر ئىشقا توختىلالمىسا، قايتىلاپ بىرقانچە قېتىم ئىستىخارە سالسىمۇ بولىدۇ. ئىمام ئەينى مۇنداق دېگەن: «ئىستىخارە نامىزىنى ۋە دۇئاسىنى قايتا – قايتا تەكرارلاش مۇستەھەپتۇر»([15]). پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەممۇ دۇئا قىلسا قايتا – قايتا ئۈچ قېتىم تەكرارلاپ قىلاتتى. ئابدۇللاھ ئىبنى زۇبەير رەزىيەللاھۇ ئەنھۇمامۇ كەئبىنى يېڭىلاپ، قايتا ياسىماقچى بولغاندا مۇنداق دېگەن: «…مەن پەرۋەردىگارىمغا ئۈچ قېتىم ئىستىخارە سالىمەن، ئاندىن قارار قىلىمەن…([16]). ئىستىخارەمۇ بىرخىل دۇئا، شۇڭا، ئۇنى تەكرارلاپ سېلىش مۇستەھەپ بولىدۇ.

 

ئىستىخارە سېلىش بىلەن ئاقىللارنىڭ مەسلىھەتىنى ئېلىش

بەزى كىشىلەر يەنە بەزىلەرگە قارىغاندا تېخىمۇ ئاقىل، تېخىمۇ بىلىملىك، ھايات تەجرىبىسى مول، ھېكمەتلىك ۋە تەدبىرلىك بولىدۇ، بۇ ئاللاھتائالانىڭ بەزى بەندىلىرىگە بېرىدىغان پەزلىدۇر. ئاللاھ ئۆز پەزلىنى خالىغان بەندىسىگە بېرىدۇ، شۇڭا، ئىستىخارە سېلىش بىلەن بىللە يۇقىرىقىدەك مەسلىھەتكە يارايدىغان كىشىلەرنىڭ مەسلىھەتىنى ئېلىشمۇ ياخشى ئىشتۇر.

ئىمام ماۋەردى مۇنداق دەيدۇ: «ھەرقانداق بىر ئىشقا قەدەم قويۇشتىن، قارار ئېلىشتىن ئىلگىرى سەمىمىي نەسىھەت قىلىدىغان مەسلىھەتچىلىك سالاھىيىتى بار زاتلارنىڭ رايىنى ئېلىش ھەربىر ئاقىل كىشىگە يارىشىدىغان بىر ئىشتۇر. چۈنكى، ئاللاھتائالا ئۆز پەيغەمبىرىگە قارىتا تولۇق يېتەكلەش ۋە ياردەم قىلىشقا كاپالەتلىك قىلغان تۇرۇقلۇق، ئۇنى مەسلىھەت سېلىشقا بۇيرۇپ: ﴿ئىشتا ئۇلار بىلەن كېڭەشكىن﴾([17]) دېگەن»([18]).

ئىمام نەۋەۋىي مۇنداق دەيدۇ: «ئىستىخارە سېلىشتىن بۇرۇن خالىس نەسىھەت قىلىدىغان، تەجرىبىلىك، دىندار، بىلىملىك كىشىگە مەسلىھەت سېلىش مۇستەھەپتۇر. ئاللاھتائالا: ﴿ئىشتا ئۇلار بىلەن كېڭەشكىن﴾ دېگەن. مەسلىھەت سېلىپ ئۇنىڭ پايدىلىق ئىش ئىكەنلىكى مەلۇم بولسا، ئاندىن ئىستىخارە سالىدۇ»([19]).

 

مەسلىھەتىنى ئېلىشقا بولىدىغان كىشىلەرنىڭ سۈپەتلىرى تۆۋەندىكىچە:

1.   ئەقلى كامىل، تەجرىبىلىك كىشى. شۇڭا، جاھىل، پىشمىغان، نادانلار بۇ ئىشقا يارىمايدۇ.

2.   دىندار ۋە تەقۋادار كىشى. دىيانەتلىك، تەقۋادار كىشىگە مەسلىھەت سالغاندىلا كۆڭۈل خاتىرجەم بولىدۇ، چۈنكى ئۇ سىر ئاشكارىلىمايدۇ، خاتا يول كۆرسەتمەيدۇ.

3.   دوست – بۇرادەرلەردىن بولۇشى. چۈنكى، دوستلۇق بولغاندا قارشى تەرەپنىڭ ئەھۋالىنى ياخشى چۈشىنىش پۇرسىتى بولغانلىقتىن توغرا مەسلىھەت بېرەلەيدۇ.

4.   كۆڭلى خاتىرجەم كىشى بولۇشى. دىققىتى چېچىلغان، غەمگە چۆمگەن بىر كىشىگە مەسلىھەت سالسا توغرا مەسلىھەت بېرەلمەي قالىدۇ.

5.   غەرەزلىك بولماسلىقى. چۈنكى، مەسلىھەت بەرگەن ئىشىدا بىرەر غەرەز يوشۇرۇنغان ئەھۋالدا، ئۇ كىشى ئۆز مەنپەئىتىنى كۆزلەپ مەسلىھەت بېرىدۇ.

يۇقىرىقى بەش سۈپەت تېپىلغان كىشى مەسلىھەت سېلىشقا سالاھىيەتلىكتۇر. شۇڭا، بۇنداق بىر كىشىنى تاپالىساڭ، ئۆزۈڭنىڭ قارىشىنى توغرا دەپ تۇرۇۋالماي، ئۇنىڭ مەسلىھەتىنى ئالغىنىڭ ئەڭ توغرىدۇر([20]).

 

ھىجرىيە 1428 – يىلى، رەبىيئۇلئاخىرنىڭ 7 – كۈنى

مىلادىيە 2007 – يىلى 24 – ئاپرېل
——————————————————————
([1]) «لسان العرب»؛ «المعجم الوسيط»، مادة» يمم»؛ «الموسوعة الفقهية الكويتية»، مادة» التيمم».
([2]) «ئەلقەسەس» سۈرىسى، 68 -، 70 – ئايەتلەر.
([3]) «تەپسىرى قۇرتۇبى»، 13/202.
([4]) «سەھىھى مۇسلىم»، 3488 – ھەدىس.
([5]) «شەرھى مۇسلىم»، 9/229.
([6]) «فتح الباري»، 11/184.
([7]) «سەھىھۇل بۇخارى»، 1162 – ھەدىس.
([8]) «فتح الباري»، 11/220.
([9]) «مجموع الفتاوى»، للإمام ابن تيمية، 23/177.
([10]) «فتح الباري»، 11/222.
([11]) «ئۇمدەتۇل قارى»، 7/224.
([12]) «الأذكار»، 112 – بەت.
([13]) «المدخل»، 4/38.
([14]) «فتح الباري»، 11/223.
([15]) «ئۇمدەتۇل قارى»، 7/225.
([16]) «مۇسلىم»، 1333 – ھەدىس.
([17]) «ئال ئىمران» سۈرىسى، 159 – ئايەت.
([18]) «موسوعة الفقه الكويتية»، 3 – جىلد، 243 – بەت.
([19]) «الأذكار»، 112 – بەت.
([20]) «المدخل»، 4/41 – 42.

Please follow and like us:

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز