ئىسلامدا روزا ھېيت ئەنئەنىسى

(مۇناسىۋەتلىك ئەھكاملار ۋە قائىدىلەر)

دوكتور ئابدۇلئەزىز رەھمەتۇللاھ

 

بارلىق ھەمدۇسانا جانابىي ئاللاھقا بولسۇن، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمگە، ئائىلە – تاۋابىئاتىغا ۋە ئۇنىڭغا تاكى قىيامەتكىچە ياخشى ئەگەشكەنلەرگە دۇرۇت – سالاملار بولسۇن.

«ھېيت» دېگەن ئەرەبچە سۆز بولۇپ، «قايتىلاش، تەكرارلىق» دېگەن مەنىلەرنى بىلدۈرىدۇ. ھەربىر مىللەتنىڭ مەلۇم مۇناسىۋەت بىلەن تەبرىكلەيدىغان ھېيت – ئايەملىرى بولىدۇ. بۇ بارلىق ئىنسانلار جەمئىيەتلىرىدە بار ئەنئەنە. چۈنكى، ئىنسان تەبىئىتى مەلۇم كۈنلەردە توپلىشپ، خۇشال – خۇرام ئۆتكۈزۈشنى خالايدۇ. مۇسۇلمانلارنىڭ تەبرىكلەيدىغان بايرىمى روزا ۋە قۇربان ھېيتىدىن ئىبارەت پەقەت ئىككى ھېيتتۇر. بۇنىڭدا مۇسۇلمانلار باشقا مىللەتلەردىن ئالاھىدە ئايرىلىپ تۇرىدۇ. مۇسۇلمانلار بۇ ھېيتلارنىڭ مەنىسىنى چۈشىنىشى، روھىنى ھېس قىلىشى كېرەك. چۈنكى، بۇ ئىسلام ئەنئەنىلىرىنىڭ بىرىدۇر.

 

كاتتا مۇكاپات كۈنى

روزا ھېيت كۈنى روزا تۇتقان مۇسۇلمان -ئەھلى ئىمانلارغا جانابىي ئاللاھ تەرىپىدىن ئاتا قىلىنغان كاتتا مۇكاپات كۈنىدۇر. رامىزاندا بىر ئاي ئاللاھتائالانىڭ ئەمرى بويىچە كۈندۈزى روزا تۇتۇپ، كېچىسى ناماز ئوقۇپ تەقۋادارلىق قىلىش، ئۆز نەپسىنى تىزگىنلەش، ئاللاھتىن باشقىغا قۇل بولۇپ قالماسلىق مەشىقىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملىغان مۆمىنلەر رامىزاندىن كۆزلەنگەن نەتىجىگە ئېرىشكەنلىكى ئۈچۈن، شاد – خۇراملىققا چۆمۈش، تەنتەنىلىك بايرام قىلىش ئۇلارنىڭ ھەق – ھوقۇقىدۇر.

شەھۋانىي لەززەتلەرگە چۆمگەن، نەپسىنىڭ ئارقىسىدىن يۈرىدىغان، ئەخلاقسىزلىق ئەۋج ئالغان بۇ دەۋردە، پۈتۈن پەزىلەتلەرنىڭ خېمىرتۇرۇچى بولغان تەقۋادارلىقنى يېتىلدۈرۈۋالغانلىقى، نەپس ۋە شەھۋەتكە قارىتا قىلغان ھەل قىلغۇچ جەڭدىكى غەلىبىسى مۆمىنلەرنىڭ بىر – بىرىنى تەبرىكلىشىگە ئەرزىيدىغان چوڭ غەلىبىدۇر.

ھېيت كۈنى نامازغا چىققاندا جامائەتلەر توپ – توپ بولۇپ: «ئاللاھۇ ئەكبەر، ئاللاھۇ ئەكبەر، لا ئىلاھە ئىللەللاھۇ ۋەللاھۇ ئەكبەر، ئاللاھۇ ئەكبەر ۋەلىللەھىلھەمد» دەپ تەكبىر ئېيتىشى، مۇسۇلمانلار دىيارىدىكى ھەربىر كوچا – رەستىلەرنىڭ تەنتەنە شادلىقىدىن خالىي قالماسلىقى ئۈچۈن، جامائەتنىڭ نامازغا بارغاندا بىر كوچىدىن، قايتقاندا باشقا بىر كوچىدىن قايتىشى، ھېيت نامىزىنى چوڭ مەيدانلاردا يىغىلىپ ئوقۇشى، ئەر بولسۇن، ئايال بولسۇن، چوڭ بولسۇن، كىچىك بولسۇن، ھەتتا ھەيزدار قىز – ئاياللارغا قەدەر ھەممەيلەننىڭ ھېيت نامىزى سورۇنىغا قاتنىشىپ، بىرلىكتە تەبرىكلىشى… مانا بۇ ئۇلۇغ غەلىبىنىڭ شادلىقىنى ئىزھار قىلىشتۇر.

مۆمىنلەر رامىزاندا قەلبلىرىنى يېڭىلىغاندىن كېيىن، روزا ھېيتتتا يۇيۇنۇپ، ئەڭ چىرايلىق كىيىملىرىنى كىيىپ، ئىچكى ۋە تاشقى جەھەتتە تولۇق يېڭىلانغانلىقنى ئىزھار قىلىشىدۇ.

بۇ غەلىبىنىڭ شاد – خۇراملىقى نامراتلارغىمۇ يېتىپ، مۇسۇلمانلار جەمئىيىتى ئومۇميۈزلۈك تەنتەنىگە چۆمۈشى ئۈچۈن ھېيت نامىزى ئوقۇلۇپ بولغۇچە سەدىقە فىتىر ئادا قىلىنىپ، بۇ خۇشاللىقتىن مۇسۇلمانلار جەمئىيىتىدىكى ھەربىر شەخسنىڭ بەھرىمەن بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىنغان.

جانابىي ئاللاھنىڭ ھېيت كۈنىدە روزا تۇتۇشنى ھارام قىلغانلىقى مۇسۇلمانلارغا قىلغان مەرھەمىتى ۋە ئىلتىپاتىنىڭ جۈملىسىدىندۇر. بۇ شۇنى كۆرسىتىدۇكى، ئاللاھتائالا بۇ ھېيت كۈنىدە ئېغىز ئېچىش ياكى ئاچماسلىقنى ئىنساننىڭ ئۆز مەيلىگە قويۇپ بەرمەي، بەلكى ئۇنىڭغا ئېغىز ئېچىشنى مەجبۇرىي بېكىتىۋەتكەن. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بۇنى تەكىتلەش ئۈچۈن روزا ھېيت نامىزىغا چىقىشتىن بۇرۇن ناشتا قىلىۋېتىپ ماڭغان ۋە بىزگە بۇنى سۈننەت قىلغان.

ئىسلام ئۈممىتى پۈتۈن ئىنسانىيەتكە قارىتا شەرەپلىك ۋەزىپىنى ئۆز ئۈستىگە ئالغان ئوتتۇرھال ئۈممەتتۇر. شۇڭا، يېڭى، چىرايلىق كىيىملەرنى كىيىش، پەزىلەتنى قولدىن بەرمىگەن ھالدا كۆڭۈل ئېچىش، لەززەتلىك، ھالال نازۇ – نېمەتلەردىن بەھرىمەن بولۇش قاتارلىق خۇشاللىقتىن، ھايات لەززىتىدىن ئۆزىنى مەھرۇم قىلماسلىقى كېرەك. بۇ ئىسلام دىنىدا شاد – خۇراملىقنىڭ ئىبادەت بىلەن بولغان گىرەلەشمە مۇناسىۋىتىنى كۆرسىتىدۇ. بۇ مەنىنى ئېنىق ئىزھار قىلىش ئۈچۈن بىزنىڭ ئۈلگىمىز پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئايەم كۈنلىرىدە ھەزرىتى ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا بىلەن بىللە ھەبەشلەرنىڭ (ھارام ئارىلاشمىغان) ئويۇنىنى كۆرۈپ تاماشا قىلغان. پاكىز ناخشا – قوشاق ئاڭلىغان، ھېيت كۈنىدە: «يەھۇدىيلار بىزنىڭ دىنىمىزدا كەڭچىلىك بارلىقىنى بىلىپ قالسۇن، مەن كەڭچىلىك دىنى بولغان ئىسلام دىنى بىلەن ئەۋەتىلدىم» دېگەن([1]).

«تەقۋادارلىق خاپا چىراي بولۇشتا، قوشۇمىنى تۈرۈپ يۈرۈشتە» دەپ ئويلاپ قالغانلارمۇ ئىسلام دىنىمىزنىڭ كۆرسەتمىسىدىن يىراقلاشقانلاردۇر. ئەكسىچە، كۆڭۈل ئاچىمىز دەپ، ھارام تاماشا، ئەيش – ئىشرەت ۋە ئىسراپخورلۇق قىلغانلارمۇ ئوخشاشلا ئىسلام دىنىمىزنىڭ كۆرسەتمىسىدىن يىراقلاشقانلاردۇر.

ئەمەلىيەتتە، بىر ئاي داۋاملاشقان بۇ ئېغىر مەشىق يىلنىڭ قالغان 11 ئېيىدا نەپسىنى يېڭىش ئۈچۈن چېنىقىش بولغاچقا، رامىزان چىقىپ كېتىشى بىلەنلا بىر ئاي ئىچىدە قىلىپ كېلىۋاتقان پەزىلەتلەرنى تاشلىۋېتىشكە بولمايدۇ، بەلكى بۇ پەزىلەتلەرنى يىلبويى ھەمرا قىلىپ مېڭىشقا توغرا كېلىدۇ.

رامىزاندا قىلىنغان مەشىق ئاشقازان مەشىقى ئەمەس، ئىرادە مەشقىدۇر. رامىزاندا تاۋلانغان بۇ ئىرادە باشقا ئايلاردا چوقۇم ئۆزىنىڭ چېنىققانلىقىنى كۆرسىتىشى، گۇناھ – مەئسىيەتلەرگە يېقىن كېلىپ قالماي، رامىزاندىكى پەزىلەتلىك كەيپىياتىنى ساقلاپ قېلىشقا تىرىشىشى لازىم.

بىز رامىزاننىڭ كۈندۈزىدە روزا تۇتقان، كېچىسى نامازدا تۇرغان بارلىق مۆمىن مۇسۇلمانلارنى بۇ چوڭ ئۇتۇق ئۈچۈن قىزغىن تەبرىكلەيمىز. ئاللاھتائالا ھەممىمىزنىڭ روزىلىرىمىزنى، نامازلىرىمىزنى، رۇكۇلىرىمىزنى ۋە سەجدىلىرىمىزنى قوبۇل قىلغاي، ئاي ئاخىرىدا ھەقىقىي شاد – خۇراملىققا چۆمۈشىمىز ئۈچۈن ھەممىمىزنى جەننىتىگە مۇيەسسەر قىلغاي، دوزاختىن ئازات قىلىۋەتكەي، ئامىن!

ئايەم مۇناسىۋىتى بىلەن مىللىتىمىزنى، شۇنداقلا ئاللاھنىڭ زېمىنىدىكى بارلىق مۇسۇلمان قېرىنداشلىرىمىزنى قىزغىن تەبرىكلەيمىز. ئاللاھتائالا بارلىق مۇسۇلمانلارنى بىرلىك – باراۋەرلىككە، ھەقىقىي شادلىققا ئېرىشتۈرگەي، تېخىمۇ كۆپ سالىھ ئەمەللەرنى قىلىشقا، تىرىشىپ قولدىن كەتكەن ئىززىتىنى قايتۇرۇۋېلىشقا مۇۋەپپەق قىلغاي! بۇ ئۇلۇغ ئايەم ئىسلام ئۈممىتىگە خەيرلىك بولغاي، بەرىكەت ئېلىپ كەلگەي، ئامىن!

 

روزا ھېيتقا مۇناسىۋەتلىك مۇھىم ئەھكاملار ۋە قائىدىلەر تۆۋەندىكىچە:

مۇسۇلمانلار ھېيت – ئايەملىرىدە باشقىلاردىن پەرقلىنىپ تۇرۇشى كېرەك

پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: «ئى ئەبۇ بەكرى! ھەرقانداق بىر قەۋمنىڭ بايرىمى بولىدۇ، بۇ بولسا بىزنىڭ بايرىمىمىزدۇر» دېگەن([2]).

بۇنىڭغا ئاساسەن، مۇسۇلمانلار ھېيت – ئايەمنى تەبرىكلەش پائالىيەتلىرىدە باشقا يات مىللەتلەردىن پەرقلىق ۋە ئالاھىدە بولۇشى، كىيىم كىيىشتە، ياسىنىشتا، يېمەك – ئىچمەكتە ۋە خۇشاللىق ئىزھار قىلىش قاتارلىق بارلىق جەھەتلەردە يات مىللەتلەرنىڭ ھېيت – بايراملىرىدىكى ئەھۋاللارنى دورىماسلىقى ۋە ئۇلارغا قېتىلماسلىقى كېرەك. كىچىك بالىلارنىمۇ باشقىلارنىڭ ھېيتلىرىغا قاتناشتۇرماسلىق كېرەك.

پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مەدىنىگە بارغاندىن كېيىن مەدىنىلىكلەرگە: «ئاللاھتائالا سىلەرنىڭ بۇرۇنقى ئىككى ھېيتىڭلارنىڭ ئورنىغا ئۇنىڭدىنمۇ ياخشىراق ئىككى ھېيتنى ئالماشتۇرۇپ بەردى، ئۇلار قۇربانلىق كۈنى ۋە روزا ھېيت كۈنىدۇر» دېگەن([3]).

 

ھېيت كۈنلىرىدە روزا تۇتۇش ھارام. چۈنكى، بۇ يەپ – ئىچىش ۋە كۆڭۈل ئېچىش كۈنلىرىدۇر

ئىبنى ئەزھەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ ئازادگەردىسى ئەبۇ ئۇبەيدتىن زۇھرىي رىۋايەت قىلىدۇكى، ئۇ قۇربان ھېيت كۈنى ئۆمەر ئىبنى خەتتاب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بىلەن بىللە بولغان ئىدى. ئۇ ھېيت نامىزىنى خۇتبىدىن بۇرۇن ئوقۇدى، ئاندىن جامائەتكە خۇتبە سۆزلەپ: «ئى خالايىق! رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم سىلەرنى بۇ ئىككى كۈندە روزا تۇتۇشتىن چەكلىگەن: بىرى، روزاڭلاردىن ئېغىز ئاچقان (روزا ھېيت) كۈنىدە، يەنە بىرى، قۇربانلىقىڭلارنى يەيدىغان (قۇربان ھېيت) كۈنىدە» دېدى([4]).

يەنە مۇنداق دېگەن: «تەشرىق كۈنلىرى (ھېيتنىڭ ئىككىنچى كۈنىدىن تۆتىنچى كۈنىگە قەدەر) يەپ – ئىچىش ۋە ئاللاھنى زىكىر قىلىش كۈنلىرىدۇر»([5]).

 

ھېيت نامىزى ئوقۇش

ھېيت نامىزى ئوقۇش ۋاجىپتۇر. ئاللاھتائالا مۇنداق دەپ بۇيرۇغان: ﴿پەرۋەردىگارىڭ ئۈچۈن ناماز ئوقۇغىن ۋە قۇربانلىق قىلغىن﴾.([6]) شۇڭا، ھەربىر مۇسۇلمان كىشى ھېيت نامىزىغا قاتنىشىشى ۋە ئۇنىڭدىكى ساۋاب ۋە بەرىكەتكە نائىل بولۇشى كېرەك. ھېيت نامىزىنى ئوقۇيالمىغان كىشى كېيىن ئۇنىڭ قازاسىنى قىلىدۇ. ئاياللارمۇ چىقىپ قاتناشسا سۈننەتكە مۇۋاپىق بولىدۇ، چۈنكى پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئاياللارنىمۇ ئېلىپ چىقىشقا بۇيرۇغان. ھەتتا كىيىمى يوقلارنى باشقىلاردىن ئۆتنە ئېلىپ كىيىپ چىقىشقا، ھەيزدارلارنىڭمۇ چىقىپ، يىراقراق تۇرۇپ نامازنى كۆرۈشىنى ۋە خۇتبە ئاڭلىشىنى بۇيرۇغان.

ھەفسە بىنتى سىرىن رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: «بىز ياش قىزلىرىمىزنى ئىككى ھېيت نامىزىغا چىقىشىدىن توساتتۇق. بەنى خەلەفنىڭ قەسىرىگە چۈشكەن بىر ئايالنىڭ سۆزلەپ بېرىشچە، ئۇ ئايالنىڭ ھەمشىرىسىنىڭ ئېرى رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بىلەن ئون ئىككى غازاتقا قاتنىشىپتىكەن، ھەمشىرىسىمۇ ئېرى بىلەن بىرلىكتە ئالتە غازاتقا قاتناشقان ئىكەن. ھەمشىرىسى ئۇنىڭغا مۇنداق دېگەن: ›بىز يارىدارلارنى داۋالايتتۇق. مەن رەسۇلۇللاھدىن:

ـ بىرەرىمىزنىڭ پۈركەنجىسى بولمىسا ھېيت نامازلىرىغا چىقمىسىمۇ بولامدۇ؟ – دەپ سورىسام، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم:

ـ دوستى ئۇنىڭغا پۈركەنجىسىدىن كىيدۈرۈپ قويسۇن – دە، ئۇمۇ ياخشى سورۇنلارغا ۋە مۇسۇلمانلارنىڭ دۇئالىرىغا قاتناشسۇن، – دېدى. ئۇممۇ ئەتىييە رەزىيەللاھۇ ئەنھا كەلگەندە، ئۇنىڭدىن:

ـ سىز رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمدىن بۇ ھەدىسنى ئاڭلىغانمۇ؟ – دەپ سورىساق، ئۇ:

ـ ھەئە، ئاتام پىدا بولسۇن، (ئۇممۇ ئەتىييە قاچانلا رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنى تىلغا ئالسا «ئاتام پىدا بولسۇن» دەيدىغان ئىدى) رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: ›چىمىلدىقتا ئولتۇرىدىغان بويىغا يېتىپ قالغان قىزلار (ياكى بويىغا يېتىپ قالغان قىزلار ۋە چىمىلدىقتا ئولتۇرىدىغان قىز – چوكانلار) ۋە ھەيزدارلار چىقىپ ياخشى سورۇنلارغا، مۆمىنلەرنىڭ دۇئالىرىغا قاتناشسۇن، ھەيزدارلار ناماز ئوقۇيدىغان جايدىن ئايرىلىپ تۇرسۇن‹ دېگەن، – دېدى. مەن:

ـ ھەيزدارلارمۇ چىقامدۇ؟ – دېسەم، ئۇ:

ـ ھەيزدارلار ئەرەفاتقا، مۇنداق، مۇنداق يەرلەرگە چىقىدىغۇ؟ – دېدى»([7]). بۇمۇ ھېيت نامازنىڭ ۋاجىپلىقىنى بىلدۈرىدۇ.

ھېيت نامىزىنى كۈن نەيزە بويى كۆتۈرۈلگەندە ئوقۇيدۇ. ئەڭ كەچ بولغاندا كۈن تىكلەشكۈچە ئوقۇسا بولىدۇ. ھېيت نامىزى ئىككى رەكئەت بولىدۇ، نامازدىن كېيىن خۇتبە ئوقۇلىدۇ. خۇتبە ئوقۇلۇۋاتقاندا ئالدىراش ئىشى بارلار قايتىپ كەتسە بولىدۇ. ھەدىستە بۇنىڭغا رۇخسەت قىلىنغان.

 

يۇيۇنۇش

بارلىق ئالىملار ھېيت نامىزى ئۈچۈن يۇيۇنۇشنى «مۇستەھەپ» دەپ قارىغان. روزا ھېيتتا ناشتا قىلىۋېتىپ ئاندىن نامازغا مېڭىش، قۇربان ھېيتتا ناشتا قىلماي تۇرۇپ ناماز ئوقۇپ، ئاندىن قۇربانلىقىنىڭ گۆشى بىلەن ناشتا قىلىش مۇستەھەپ.

«پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم روزا ھېيت كۈنى ناشتا قىلماي نامازغا ماڭمايتتى، قۇربان ھېيت كۈنى نامازدىن قايتمىغىچە ناشتا قىلمايتتى»([8]).

ئەنەس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ ئوغلى ئەبۇ بەكرى رىۋايەت قىلىدۇكى، ئۇنىڭ ئاتىسى ئەنەس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دېگەن: «رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم روزا ھېيت نامىزىغا بىرنەچچە تال خورما يېمەستىن ماڭمايتتى»([9]).

مۇرەججە ئىبنى رەجا مۇنداق دەپ رىۋايەت قىلغان: «ئۇبەيدۇللاھ ماڭا سۆزلەپ بەردىكى، ئەنەس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ماڭا رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمدىن ›ئۇ خورمىلارنى تاق يەيتتى‹ دەپ سۆزلەپ بەرگەن».

بۇ كۈنلەردە روزا تۇتۇش چەكلەنگەن بولغاچقا، بۇنى تەكىتلەش ئۈچۈن ناشتا قىلىۋېتىش كېرەك.

 

ھېيت كۈنىدە تەكبىر ئېيتىش

روزا ھېيتنىڭ ھارپىسى كەچ، يەنى، رامىزاننىڭ ئاخىرقى كۈنى كۈن ئولتۇرغاندىن تارتىپ تاكى ھېيت نامىزى ئوقۇلۇپ بولغۇچە تەكبىر ئېيتىش مۇستەھەپ بولىدۇ. ھېيت نامىزىدىن كېيىن تەكبىر ئېيتىلمايدۇ، بۇ مۇھىم سۈننەتلەرنىڭ بىرى. بۇ تەكبىر كوچا – بازارلاردىن تارتىپ ھەممە جايلاردا ئۈنلۈك ئېيتىلىدۇ. ئۈنلۈك ئېيتىشتىن مەقسەت ئىسلام پائالىيەتلىرىنى ئېلان قىلىش ۋە ئاللاھنى ئۇلۇغلاشنى ئىزھار قىلىش، شۇنداقلا غاپىللارنى ئويغىتىشتۇر.

جانابىي ئاللاھ قۇرئان كەرىمدە مۇنداق دېگەن: ﴿ئاللاھ رامىزان روزىسىنىڭ سانىنى تولدۇرۇشۇڭلارنى، سىلەرنى ھىدايەت قىلغانلىقىغا ئاللاھنى ئۇلۇغلاپ تەكبىر ئېيتىشىڭلارنى، شۈكۈر قىلىشىڭلارنى خالايدۇ﴾([10]).

ئىمام زوھرى رىۋايەت قىلغان ھەدىستە مۇنداق كەلگەن: «كىشىلەر ئۆيلىرىدىن چىقىپ ناماز ئوقۇيدىغان جايغا كەلگۈچە ۋە ئىمام نامازغا چىققۇچە تەكبىر ئېيتىشاتتى، ئىمام ناماز ئوقۇشقا چىقسا جىم بولۇشاتتى»([11]).

تەكبىرنى مۇنداق دەپ ئېيتىدۇ: «ئاللاھۇ ئەكبەر ئاللاھۇ ئەكبەر، لا ئىلاھە ئىللەللاھۇ ۋەللاھۇ ئەكبەر، ئاللاھۇ ئەكبەر ۋەلىللەھىلھەمد»، بۇ ئابدۇللاھ ئىبنى مەسئۇد قاتارلىق بەزى ساھابىلەردىن رىۋايەت قىلىنغان([12]). ساھابىلەردىن يەنە باشقىچە تەكبىر ئېيتىش ئۇسۇللىرىمۇ كەلگەن.

 

ئۆزئارا تەبرىكلىشىش

«ئايەملىرىگە مۇبارەك بولسۇن، ئاللاھ قوبۇل قىلسۇن!» دېگەندەك سۆزلەر بىلەن تەبرىكلىشىش بۇ ھېيتتا قىلىنىدىغان پائالىيەتلەرنىڭ مۇھىملىرىدىن بىرىدۇر. بۇنىڭ ئىجتىمائىي رولى كۆپ. ساھابىلەرمۇ بىر – بىرىنى «ئاللاھ بىزدىنمۇ، سىلەردىنمۇ قوبۇل قىلسۇن!» دەپ تەبرىكلەشكەن.([13]) بۇ كۈنلەردە يەنە سىلە – رەھىم قىلىنىدۇ، كىشىلەر ئۆزئارا ئاداۋەتلىرىنى يۇيۇپ سالاملىشىدۇ.

 

ھېيت كۈنىدە چىرايلىق ياسىنىش ۋە پاكىزلىنىش

جابىر ئىبنى ئابدۇللاھ رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما رىۋايەت قىلىدۇكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ئىككى ھېيت ۋە جۈمە كۈنىدە كىيىدىغان بىر تونى بار ئىدى([14]).

ھەزرىتى ئابدۇللاھ ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇمامۇ ھېيت كۈنىدە ئەڭ چىرايلىق كىيىملىرىنى كىيەتتى([15]).

شۇڭا، ھەربىر مۇسۇلمان كىشى ھېيت نامىزىغا چىقىشتىن بۇرۇن ئەڭ ياخشى كىيىملىرىنى كىيىشى كېرەك. لېكىن، ئاياللار زىننەتلىنىپ چىقسا بولمايدۇ، ئەتىر چېچىپ چىقسا بولمايدۇ، بەلكى تولۇق يۆگىنىپ، گىرىم قىلماي چىقىشى، تار ۋە يېرىم يالىڭاچ كىيىم كىيمەسلىكى، ئەرلەردىن يىراق تۇرۇشى كېرەك.

 

ھېيت نامىزىغا بېرىشتا بىر يولدىن بېرىپ، باشقا بىر يولدىن قايتىش سۈننەتتۇر

سەئىد ئىبنى ھارىس رىۋايەت قىلىدۇكى، جابىر ئىبنى ئابدۇللاھ رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما مۇنداق دېگەن: «رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ھېيت نامىزىدىن قايتقاندا يولنى ئۆزگەرتەتتى»([16]).

ئالىملار نېمە ئۈچۈن بۇنداق قىلىدىغانلىقى ھەققىدە نۇرغۇن يەكۈنلەرنى چىقىرىپ باققان. مەسىلەن، يول بىلەن پەرىشتىلەر، جىنلار بۇلارغا گۇۋاھلىق بېرىدۇ، پەرىشتىلەر ئۇچراپ دۇئا قىلىشىدۇ…دېگەندەك. قانداقلا بولمىسۇن باشقا يولدىن قايتىش مۇستەھەپ ئىشتۇر.

 

كىشىلەرنى سەدىقە بېرىشكە بۇيرۇش سۈننەتتۇر

ھەسەن ئىبنى مۇسلىم تاۋۇستىن رىۋايەت قىلىدۇكى، ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما مۇنداق دېگەن: «مەن روزا ھېيت نامىزىنى رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم، ئەبۇ بەكرى، ئۆمەر ۋە ئوسمانلار بىلەن بىللە ئوقۇغان، ئۇلارنىڭ ھەممىسى نامازنى ئوقۇپ ئاندىن كېيىن خۇتبە سۆزلەيتتى. مەن قاراپ تۇرسام رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم (مۇنبەردىن چۈشۈپ) جامائەتكە قولى بىلەن قوزغالماسلىققا ئىشارەت قىلىپ، بىلال بىلەن سەپلەرنى يېرىپ ئۆتۈپ، ئاياللار تەرەپكە كېلىپ: ﴿ئى پەيغەمبەر! مۆمىن ئاياللار ساڭا كېلىپ، ئاللاھقا ھېچ نەرسىنى شېرىك كەلتۈرمەسلىككە، ئوغرىلىق قىلماسلىققا، زىنا قىلماسلىققا، بالىلىرىنى ئۆلتۈرمەسلىككە، باشقىلارنىڭ بالىسىنى يالغاندىن ئەرلىرىنىڭ بالىسى قىلىۋالماسلىققا، سەن بۇيرۇغان ياخشى ئىشلاردىن باش تارتماسلىققا ساڭا بەيئەت قىلسا، ئۇلارنىڭ بەيئىتىنى قوبۇل قىلغىن، ئۇلار ئۈچۈن ئاللاھتىن مەغپىرەت تىلىگىن، ئاللاھ ھەقىقەتەن ناھايىتى مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، ناھايىتى مېھرىباندۇر﴾([17]) دېگەن ئايەتنى ئاخىرغىچە ئوقۇپ، ئاندىن ئۇلارغا: «سىلەر ئاشۇلارغا بەيئەت قىلدىڭلارمۇ؟» دېۋىدى. ئۇلارنىڭ ئىچىدىن باشقا ھېچكىم جاۋاب بەرمەي بىر ئايال: ›ھەئە، ئى رەسۇلۇللاھ! ‹دېدى _ ھەسەن ئۇ ئايالنىڭ كىملىكىنى بىلمەيدۇ _ ئاندىن رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئاياللارغا: ›ئۇنداق بولسا سەدىقە قىلىڭلار‹ دېدى، بىلال كىيىمىنى يايدى، ئاياللار كۆزسىز ۋە كۆزلۈك ئۈزۈكلىرىنى بىلالنىڭ كىيىمىگە تاشلىغىلى تۇردى»([18]).

 

ھېيت نامىزىدىن ئىلگىرى ياكى كېيىن نەپلە ناماز ئوقۇلمايدۇ

سەئىد ئىبنى جۇبەير ئابدۇللاھ ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇمادىن رىۋايەت قىلىدۇكى، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بىلال بىلەن روزا ھېيت نامىزىغا چىقىپ، ئىككى رەكئەت ھېيت نامىزى ئوقۇدى، ھېيت نامىزىنىڭ ئالدى – كەينىدە ناماز ئوقۇمىدى([19]).

ئەبۇل مۇئەللا مۇنداق دەپ رىۋايەت قىلغان: «مەن سەئىدتىن ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇمانىڭ ھېيت نامىزىدىن ئىلگىرى نەپلە ناماز ئوقۇشنى يامان كۆرگەنلىكىنى ئاڭلىغان»([20]).

ھېيت نامىزى ئوچۇق مەيداندا ئوقۇلسا يۇقىرىقىدەك بولىدۇ. ئەمما، مەسجىدتە ئوقۇلسا، ئالدىدا ئىككى رەكئەت تەھىييەتۇل مەسجىد نامىزىنى ئوقۇيدۇ.

ھىجرىيە 1427 – يىلى، شەۋۋالنىڭ 1 – كۈنى

مىلادىيە 2006 – يىلى 23 – ئۆكتەبىر

([1]) «مسند أحمد»، 24899 – ھەدىس. ئىسنادى ھەسەن.
([2]) سەھىھەين: «بۇخارى»، 952 – ھەدىس؛ «مۇسلىم»، 892 – ھەدىس.
([3]) «ئەبۇ داۋۇد»، 1134 – ھەدىس. ھاپىز ئىبنى ھەجەر «ئىسنادى سەھىھ» دېگەن.
([4]) سەھىھەين: «بۇخارى»، 5571 – ھەدىس؛ «مۇسلىم»، 1137 – ھەدىس.
([5]) «مۇسلىم»، 1143 – ھەدىس.
([6]) «كەۋسەر» سۈرىسى، 2 – ئايەت.
([7]) سەھىھەين: «بۇخارى»، 1652 – ھەدىس؛ «مۇسلىم»، 890 – ھەدىس. بۇخارىدىن نەقل قىلىندى.
([8]) «تىرمىزى»، 542 – ھەدىس. ئىبنى ھىببان «سەھىھ» دەپ باھالىغان.
([9]) «سەھىھۇل بۇخارى»، 953 – ھەدىس.
([10]) «بەقەرە» سۈرىسى، 185 – ئايەتنىڭ بىر قىسمى.
([11]) «مۇسەننەفى ئىبنى ئەبى شەيبە»، 1/488 – بەت، 5629 – نومۇر. ئىسنادى سەھىھ.
([12]) «مۇسەننەفى ئىبنى ئەبى شەيبە»، 1/490 – بەت، 5653 – نومۇر.
([13]) «فتح الباري».
([14]) «سەھىھۇ ئىبنى خۇزەيمە»، 3/132 – بەت، 1766 – ھەدىس.
([15]) بەيھەقى سۈنەنۇل كۇبرادا رىۋايەت قىلغان. 3/281 – بەت، 5938 – نومۇر.
([16]) «سەھىھۇل بۇخارى»، 986 – ھەدىس.
([17]) «مۇمتەھىنە» سۈرىسى، 10 -، 11-، 12 – ئايەتلەر.
([18]) سەھىھەين: «بۇخارى»، 4895 – ھەدىس؛ «مۇسلىم»، 884 – ھەدىس.
([19]) سەھىھەين: «بۇخارى»، 989 – ھەدىس؛ «مۇسلىم»، 884 – ھەدىس.
([20]) «بۇخارى»، «بَاب الصَّلَاةِ قبل الْعِيدِ».

 

Please follow and like us:

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز