ئېتىكاپتا ئولتۇرۇشقا دائىر ئەھكاملار(1)

 

دوكتور ئابدۇلئەزىز رەھمەتۇللاھ

 

پۈتۈن ھەمدۇسانا ئىبادەت قىلىشقا لايىق بولغان ھەق سۇبھانەھۇ ۋەتائالاغا بولسۇن. پۈتۈن دۇنياغا رەھمەت قىلىپ ئەۋەتىلگەن ئاخىرقى پەيغەمبىرى مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمگە ۋە قىيامەتكە قەدەر ئۇنىڭغا ئەگەشكەنلەرگە ئالىي ئېھتىرام ۋە سالاملار بولسۇن.

رامىزاننىڭ ئاخىرقى ئون كۈنىدە ئېتىكاپتا ئولتۇرۇشتىن ئىبارەت پەزىلەتلىك سۈننەت ئەمەلنىڭ بىز ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىدا تاشلىنىپ قېلىۋاتقانلىقى ھەممىگە ئاياندۇر. مۇسۇلمانلار مەسجىدلەردە ئېتىكاپتا ئولتۇرۇپ، ئىبادەتنىڭ پەيزىنى سۈرۈپ، ئاللاھتائالانىڭ مەغپىرىتىگە لايىق بولۇشنىڭ ئورنىغا، رېستورانلارنىڭ ئايرىمخانىلىرىدا ئولتۇرۇپ، ئەيش – ئىشرەتنىڭ پەيزىنى سۈرۈپ، ئاللاھتائالانىڭ غەزىپىگە لايىق بولماقتا. بۇ ئېغىر ئەھۋالغا ئېچىنماي تۇرالمايمىز. شۇڭا، بىز بۇ ماقالىمىزدا مۇبارەك رامىزان ئېيى مۇناسىۋىتى بىلەن، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ بۇ ئالاھىدە سۈننىتىنى ئەھيا قىلىش مەقسىتىدە، ئېتىكاپتا ئولتۇرۇشتىن ئىبارەت بۇ مەخسۇس ئىبادەت ۋە ئۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك ئەھكاملار بىلەن يېقىندىن تونۇشۇپ چىقىشقا تىرىشىمىز.

 

ئېتىكاپنىڭ ئېنىقلىمىسى

«ئېتىكاپ» دېگەن سۆز ئەرەب تىلىدا «بىر جايدا مۇقىم تۇرۇش، ئۆزىنى بىر جايغا قاماپ تۇرۇش» دېگەنلىكنى بىلدۈرىدۇ. ئىسلام شەرىئىتىدە بولسا «جامائەت نامىزى ئوقۇلىدىغان مەسجىد – جامەلەردە روزا تۇتقان ھالەتتە مۇقىم تۇرۇش»تىن ئىبارەتتۇر.

 

ئېتىكاپتا ئولتۇرۇشنىڭ ھۆكمى

ئېتىكاپتا ئولتۇرۇش ئادەتتىكى ئەھۋالدا سۈننەتتۇر. چۈنكى، بۇ پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئىزچىل داۋاملاشتۇرغان ئىبادەتتۇر. ئەمما، ئېتىكاپتا ئولتۇرۇشنى نەزىر قىلغان ئەھۋالدا، ئۇنىڭ ھۆكمى ۋاجىپ بولىدۇ. «سەھىھەين»دىكى ھەدىستە ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا مۇنداق دېگەن: «پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مەدىنىگە كەلگەندىن تارتىپ تاكى ۋاپات بولغانغا قەدەر رامىزاننىڭ ئاخىرقى ئون كۈنىدە ئېتىكاپتا ئولتۇراتتى»([1]).

ئېتىكاپتا ئولتۇرۇش ئىلگىرىكى ئۈممەتلەردىمۇ تونۇلغان بىر ئىبادەت بولۇپ، ئاللاھتائالا قۇرئان كەرىمدە مۇنداق دېگەن: ﴿ئىبراھىم بىلەن ئىسمائىلغا ئۆيۈمنى (يەنى، كەئبەمنى) تاۋاپ قىلغۇچىلار، ئېتىكاپتا ئولتۇرغۇچىلار، رۇكۇ قىلغۇچىلار، سەجدە قىلغۇچىلار ئۈچۈن پاك تۇتۇشنى بۇيرۇدۇق﴾([2]).

ئېتىكاپتا ئولتۇرۇش ئىبادىتى جاھىلىيەتتىكى ئەرەبلەرگىمۇ ئىلگىرىكى ئىبراھىم ۋە ئىسمائىل ئەلەيھىسسالاملار شەرىئىتىدىن مىراس قالغان بولۇپ، ئابدۇللاھ ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما رىۋايەت قىلىدۇكى، ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمدىن:

ــ مەن جاھىلىيەتتە مەسجىدى ھەرەمدە بىر كېچە ئېتىكاپ قىلىشقا نەزىر قىلغان ئىدىم، – دەپ سورىغان ئىدى، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم:

ــ نەزىرىڭنى ئادا قىل، – دېدى([3]).

 

ئېتىكاپتا ئولتۇرۇشتىن مەقسەت

«ئاللاھتائالا مېنى كۆرۈپ تۇرىدۇ» دېگەن تۇيغۇ بىلەن بوش ۋاقىتلاردا ئاللاھتائالاغا پۈتۈنلەي يۈزلىنىش ئارقىلىق دىلنىڭ ساپلىقىنى قولغا كەلتۈرۈش بولۇپ، بۇ ئىبادەت روزا تۇتقان ھالەتتە ئىخلاس بىلەن ئادا قىلىنسا ئاللاھتائالا ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان ئىبادەتلەرنىڭ بىرى بولىدۇ.

بەزى ئالىملار بۇ ئىبادەتكە مۇنداق دەپ مىسال كەلتۈرگەن: «ئېتىكاپتا ئولتۇرغان كىشى خۇددى بىر ھاجەت بىلەن بىرىنىڭ دەرۋازىسىغا كېلىپ: ›مېنى مەغپىرەت قىلمىغۇچە بۇ جايدىن زادى كەتمەيمەن‹ دەپ تۇرۇۋالغان كىشىگە ئوخشايدۇ».

ئېتىكاپتا ئولتۇرغان كىشى تىجارىتىدىن، بالا – چاقىلىرىدىن، ئويۇن – تاماشالىرىدىن، دوست – يارەنلىرىدىن، ئومۇمەن، پۈتۈن دۇنيادىن مېھرىنى تولۇق ئۈزۈپ، بارلىق ۋۇجۇدى بىلەن ئاللاھتائالاغا قۇللۇق ئىزھار قىلىپ، ئاللاھنىڭ بەيتىگە ئۆزىنى قاماپ، ھەممە ۋاقتىنى ئاللاھنىڭ ھوزۇرىدا تۇرۇپ زىكىر – تىلاۋەت، تەسبىھ ۋە نەپلە ئىبادەتلەرنى قىلىشقا سەرپ قىلىپ، جانابىي ئاللاھنىڭ مەغپىرىتى، پەزلى ۋە رەھمىتىگە لايىق بولىدۇ. بىر مۇددەت شۇنداق روھانىي پەيتلەرنىڭ پەيزىنى سۈرگەن، ياراتقان پەرۋەردىگارغا قۇللۇق قىلىشنىڭ تەمىنى تېتىغان كىشى ئېتىكاپتىن چىققاندىن كېيىن دۇنياغا بېرىلىش، پايدا – مەنپەئەتكە ئۆزىنى ئۇرۇش، ۋىجدانسىزلىق قىلىش، ئومۇمەن، ئاللاھتائالاغا ئاسىيلىق قىلىدىغان پەس ئىشلارغا ئاسانلىقچە يېقىن يولاپ قالمايدۇ. ئېتىكاپتا ئولتۇرغان چاغلاردىكى گۈزەل تۇيغۇ، ئىمانىي كەيپىياتلار ئۇنىڭ بارلىق ئىش – ھەرىكەتلىرىگە ئۆچمەس ئىزلارنى قالدۇرىدۇ.

ئېتىكاپتا ئولتۇرغان كىشى ھاياتىدا ئادەتلەنگەن بارلىق ئوسال ئادەتلىرىنى تولۇق تاشلاپ، ئادەت قۇللۇقىدىن ئازاد بولۇپ، ئىبادەتنىڭ تەمىنى تېتىيدۇ. ئۇنداق ناچار ئادەتلەرنى قىلمايمۇ ياشىغىلى بولىدىغانلىقىنى چۈشىنىپ يېتىدۇ. جەمئىيەتتىكى كىشىلەر ئارىسىدا بولۇۋاتقان تەكەببۇرلۇق، مەنمەنچىلىك، كۆز – كۆز قىلىش، شۆھرەتپەرەسلىك، نەيرەڭۋازلىق، پەسكەشلىك، مۇناپىقلىق، خائىنلىق، كەيپ – ساپا، رىقابەت، ساختىپەزلىك، رىياكارلىق، پىخسىقلىق، ئۆچ – ئاداۋەت… ۋەھاكازالارنىڭ ھەممىسىنىڭ ئەخمىقانە ئىشلار ئىكەنلىكىنى، ھەقىقىي بەسلىشىش دېگەن تائەت – ئىبادەتلەرنى، سالىھ ئەمەللەرنى قىلىشتا، ئاللاھتائالانىڭ رەھمەت ۋە رىزۋانىغا ئېرىشىش ئۈچۈن تىرىشىشتا ئىكەنلىكىنى تونۇپ يېتىدۇ.

بىرەر بەندە ياراتقان ئىگىسىنىڭ ئۆيى بولغان مەسجىدكە مېھمان بولۇپ كېلىپ بارلىقى بىلەن ئىگىسىگە بەندىچىلىك ئىزھار قىلسا، پەزلى – كەرەمى چەكسىز، ئىلتىپاتى ھەددى ھېسابسىز، رەھمىتى ھەممە نەرسىنى قاپلىغان، كەچۈرگۈچى، رەھىم – شەپقەتلىك ئاللاھ ئۇ بەندىسىنى قۇرۇق ئۇزۇتۇپ قويارمۇ؟ ھەرگىز ئۇنداق بولمايدۇ. ئۇنى چوقۇم ئوتتىن ئازاد قىلىپ، تىلىگىنىنى ۋە جەننەتتىن ئورۇن بېرىپلا قالماستىن، بەلكى يەنە جەننەتتىن يۇقىرى مەرتىۋە – ماقام بېرىپ ئۇزۇتۇشى تۇرغانلا گەپ.

 

ئېتىكاپتا ئولتۇرۇشتىن قولغا كېلىدىغان پايدىلار

 

ئېتىكاپتا نۇرغۇنلىغان ھېكمەت ۋە سىرلار شۇنداقلا خاسىيەتلەر باردۇر. ئىنساننىڭ بارلىق ئەمەللىرى دىلىغا باغلىق. ئىنساننىڭ دىلىنى پايدىسىز ئىشلار ئىگىلەپ، مەشغۇل قىلىپ، ئۇنى ئاللاھتائالاغا تولۇق يۈزلىنىشتىن توسۇپ قويىدۇ. خوتۇن، بالا – چاقا، ئويۇن – تاماشا، رېستوران زىياپەتلىرى، بىھۇدە پاراڭلىشىپ ئولتۇرۇش… قاتارلىقلار بىلەن مەشغۇل بولۇش دىلىنىڭ دىققىتىنى چېچىۋېتىدۇ. دىلىنى ئاخىرەتلىكى ئۈچۈن ئويلاشتىن مەھرۇم قىلىپ قويىدۇ، غەپلەتكە سالىدۇ. ئىنسان ئېتىكاپتا ئولتۇرۇش ئارقىلىق بۇ نەرسىلەرنىڭ قامال قىلىۋېلىشىدىن خالاس بولىدۇ.

ئېتىكاپتا ئولتۇرۇشتىن قولغا كەلتۈرگىلى بولىدىغان پايدىلارنى تۆۋەندىكىدەك خۇلاسىلەشكە بولىدۇ:

1. قەدر كېچىسىنى كۆزلەش. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئاساسەن قەدر كېچىسىنى كۆزلەپ ئېتىكاپ قىلغان.

2. ئىنسانلاردىن ئۈزۈلۈپ، ئاللاھتائالاغا مۇناجات قىلىش.

3. قەلبنى ئاللاھتائالاغا تولۇق يۈزلىنىدىغان قىلىپ تۈزەش.

4. ساپ تائەت – ئىبادەت بىلەنلا مەشغۇل بولۇش.

5. روزىنى ئۇنىڭغا تەسىر يەتكۈزىدىغان بارلىق نەپسانىي ھەۋەسلەرنىڭ تەسىرىدىن قوغداش.

6. مۇباھ بولغان دۇنيا ئىشلىرىنى ئازايتىپ، پايدىسىز ئىشلارنى تاشلاشقا، راھەت – پاراغەتتىن سەل يىراقلاپ، ئاددىي – ساددىلىققا ئادەتلىنىشكە، غېرىبانە يەپ – ئىچىش ۋە يېتىپ – قوپۇشقا، ئىسسىق يوتقان – كۆرپىسىنى تاشلاپ، قاتتىق يەردە ئۇخلاشقا ئاللاھ رازىلىقى ئۈچۈن ماقۇل كېلىدۇ.

7. مەسجىدتە ئولتۇرۇشقا كۆنۈش. ئىنسان دەسلەپتە مەسجىدتە ئۇزۇن ئولتۇرالماسلىقى مۇمكىن. كېيىن كۆنۈپ، ئاللاھنىڭ ئۆيىدە كۆڭلى ئارام تاپىدۇ، مەسجىدنى سۆيىدۇ. مەسجىدنى سۆيگەن كىشى قىيامەت كۈنى ئاللاھ سايىدىتىدىغان يەتتە كىشىنىڭ بىرى بولالايدۇ.

8. مەسجىدتە نامازنى كۈتۈپ ئولتۇرغان كىشىگە ناماز ئوقۇپ تۇرغاننىڭ ساۋابى يېتىدۇ ۋە پەرىشتىلەر ئىستىغپار ئېيتىپ تۇرىدۇ. ئىمام بۇخارى رىۋايەت قىلغان سەھىھ ھەدىستە پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دەيدۇ: «سىلەرنىڭ بىرىڭلار تاھارىتىنى سۇندۇرۇۋەتمەستىن ناماز ئوقۇغان جايىدىلا ئولتۇرىدىكەن، ئۇنى بالا – چاقىلىرىغا قايتىشتىن پەقەت نامازلا توسۇپ قالغان بولسا، پەرىشتىلەر ئۇنىڭغا: ›ئى ئاللاھ! ئۇنى مەغپىرەت قىلغىن، ئۇنىڭغا رەھمەت قىلغىن‹ دەپ دۇئايى – سالام يوللايدۇ»([4]).

9. ئېتىكاپتا ئولتۇرغاندا جەمئىيىتىمىزدە كەڭ تارقالغان تاماكا چېكىش، ناخشا – مۇزىكا ئاڭلاش، تېلېۋىزور كۆرۈش، ئەقىدە ۋە ئەخلاققا زىت پاراڭلارنى سېلىش… قاتارلىق ناچار ئادەتلەرنىڭ دىن ۋە جەمئىيەتكە زىيانلىق ھەقىقىي ئەپتى – بەشىرىسى ئېچىلىدۇ. ئېتىكاپتا ئولتۇرغان كىشى تالاغا چىقىپ تاماكا تۇتاشتۇرمايدۇ، ئامراق ناخشىسىنى ئاڭلىمايدۇ. دېمەك، ئېتىكاپتا ئولتۇرۇش يامان ئادەتلەردىن قۇتۇلىدىغان، تەۋبە قىلىدىغان مۇھىم بىر پۇرسەت.

10. ئېتىكاپتا ئولتۇرۇش سەۋرچانلىقنى يېتىلدۈرىدۇ، نەپسىنى تىزگىنلىتىدۇ، كۆنگەن نۇرغۇن ھۇزۇر – ھالاۋەتلىك ئىشلاردىن ۋاز كېچەلەيدىغان قىلىدۇ.

11. ئېتىكاپتا ئولتۇرغاندا قۇرئاننى بىر قېتىم تۈگىتىپ ئوقۇۋالغىلى بولىدۇ. قۇرئان ئوقۇشنى بىلمەيدىغانلار ئۆگىنىۋالغىلى، ھېچ بولمىسا، قۇرئاننىڭ ئۇيغۇرچە تەرجىمىسىنى بولسىمۇ بىر قېتىم باشتىن – ئاخىر ئوقۇپ چىقىش پۇرسىتىگە ئىگە بولغىلى بولىدۇ.

12. ئېتىكاپتا ئولتۇرغاندا كېچىدە تەھەججۇد نامىزى ئوقۇش پۇرسىتى قولدىن كەتمەيدۇ.

13. ئېتىكاپتا ئولتۇرغاندا بەش ۋاخ نامازنى جامائەت بىلەن ئوقۇش پۇرسىتىگە ئېرىشىدۇ.

14. ئېتىكاپتا ئولتۇرغاندا تەراۋىھ نامىزىنى ئىمام بىلەن تولۇق ئوقۇش پۇرسىتىگە ئىگە بولىدۇ. ئەبۇ زەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلغان ھەدىستە پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: «كىمكى تاكى ئىمام قايتقانغا قەدەر ئۇنىڭ بىلەن تەراۋىھ نامىزىنى بىللە ئوقۇسا، ئۇنىڭغا پۈتۈن بىر كېچە تەھەججۇد ناماز ئوقۇغاننىڭ ساۋابى يېزىلىدۇ»([5]).

 

پەيغەمبىرىمىزنىڭ بۇ سۈننىتىنى ياشارتايلى

 

ئېتىكاپتا ئولتۇرۇشتىن ئىبارەت پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم قالغان بۇ مۇھىم سۈننەتنىڭ دىيارىمىزدا تاشلىنىپ قالغانلىقى ھەقىقەتەن ئەپسۇسلىنارلىق ئىشلارنىڭ بىرىدۇر. شۇڭا، ئىمكانىيەت تېپىلغان تەقدىردە، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ بۇ سۈننىتىنى ياشارتىشىمىز، بۇ ئىبادەتتىن قولغا كېلىدىغان جانابىي ئاللاھنىڭ ئىنئاملىرىدىن مەھرۇم قالماسلىقىمىز كېرەك.

تابىئىنلاردىن زۇھرى مۇنداق دەيدۇ: «كىشىلەرنىڭ ئېتىكاپتا ئولتۇرۇش سۈننىتىنى تاشلاپ قويغانلىقى ھەقىقەتەن ئەجەبلىنەرلىك ئىش. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئېتىكاپتا ئولتۇرۇشنى مەدىنىگە كەلگەندىن تارتىپ تاكى ۋاپات بولغانغا قەدەر قەتئىي تاشلاپ باقمىغان»([6]).

بۇ سۆزنى ئېيتقان تابىئىنلار بۈگۈنكى ئەھۋالىمىزنى كۆرگەن بولسا نېمە دەر ئىدىكىن، تاڭ؟

بىز تۆۋەندە بۇ پەزىلەتلىك ئىبادەتنىڭ ئەھكاملىرىنى بايان قىلىپ ئۆتىمىز.

 

پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ئېتىكاپتا ئولتۇرۇش ئۇسۇلى

ئىمام ئىبنى قەييىم رەھمەتۇللاھى ئەلەيھى مۇنداق دەيدۇ: «پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم تاكى ۋاپات بولغانغا قەدەر رامىزاننىڭ ئاخىرقى ئون كۈنلىرىدە ئېتىكاپتا ئولتۇراتتى، بىر قېتىم رامىزاندا ئولتۇرماي شەۋۋالدا ئولتۇردى، يەنە بىر قېتىم رامىزاننىڭ دەسلەپكى ئون كۈنىدە ئولتۇردى، ئاندىن ئوتتۇرىدىكى ئون كۈندە ئولتۇردى، ئاندىن ئاخىرقى ئون كۈندە قەدر كېچىسىنى كۆزلەپ ئولتۇردى، ئاخىرىدا قەدر كېچىسىنىڭ رامىزاننىڭ ئاخىرقى ئون كۈنىدە ئىكەنلىكى مەلۇم بولغاندىن كېيىن تاكى ۋاپات بولغانغا قەدەر رامىزاننىڭ ئاخىرقى ئون كۈنىدە ئېتىكاپتا ئولتۇردى. ئۇ مەسجىدتە چېدىر تىكىشكە بۇيرۇپ، چېدىردا خالىي ئولتۇرۇپ ئىبادەت قىلاتتى. ئېتىكاپقا كىرمەكچى بولسا بامداتنى ئوقۇپ بولۇپ باشلايتتى، ھەر يىلى ئون كۈن ئېتىكاپتا ئولتۇراتتى، ۋاپات بولغان يىلى يىگىرمە كۈن ئېتىكاپتا ئولتۇرغان… ئېتىكاپتا ئولتۇرغاندا چېدىرىغا يالغۇز كىرىپ ئولتۇراتتى، زۆرۈر ھاجەت بولمىسا ئۆيىگە كىرمەيتتى، بەزى ئاياللىرى ئۇنى زىيارەت قىلاتتى، ئاياللىرىنى ئۆزىگە تەككۈزمەي، سۆيمەي ئولتۇراتتى، ئېتىكاپتا ئولتۇرغاندا كارىۋات ۋە كۆرپىسىنى ئېتىكاپگاھىغا قويغۇزاتتى»([7]).

 

روزا تۇتمىغان ئەھۋالدا ئېتىكاپتا ئولتۇرۇشقا بولامدۇ؟

ئېتىكاپتا ئولتۇرۇش ئىبادىتى پەقەتلا روزا تۇتقان ئەھۋالدا ۋۇجۇتقا چىقىدۇ، بۇ كۆپچىلىك ئالىملارنىڭ قارىشى.

ئاللاھتائالا «بەقەرە» سۈرىسى، 187 – ئايەتتە مۇنداق دەپ كۆرسەتكەن: ﴿تاكى تاڭ يورۇغانغا قەدەر يەڭلار، ئىچىڭلار، ئاندىن كەچ كىرگۈچە روزا تۇتۇڭلار. سىلەر مەسجىدتە ئېتىكاپتا ئولتۇرغان چېغىڭلاردا ئۇلارغا يېقىنچىلىق قىلماڭلار﴾. ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا مۇنداق دېگەن: «سۈننەتتە روزىسىز ئېتىكاپ بولمايدۇ»([8]).

يەنە پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ۋە ساھابە – كىراملارمۇ روزا تۇتقان ھالەتتە ئېتىكاپتا ئولتۇرغان. ئىمام ئىبنى قەييىم مۇنداق دەيدۇ: «پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ روزا تۇتمىغان ھالەتتە ئېتىكاپتا ئولتۇرغانلىقى ھېچ رىۋايەت قىلىنمىغان»([9]).

ئەلۋەتتە، ئىنسان قەلبىنى ھەرتۈرلۈك ئىشلاردىن ئۈزۈپ، ئاللاھتائالاغا يۈزلەندۈرۈپ تەربىيەلەش يېمەك – ئىچمەكلەردىنمۇ توختىغاندا قولغا كېلىدۇ. شۇڭا، روزا تۇتقان ھالەتتە ئېتىكاپتا ئولتۇرۇش ئەۋزەلدۇر.

بەزى ئالىملارنىڭ قارىشىدا، ئېتىكاپتا ئولتۇرۇش ئۈچۈن روزا تۇتۇش شەرت ئەمەس، لېكىن روزا تۇتۇپ ئېتىكاپتا ئولتۇرۇش ئەۋزەل. بۇلارنىڭ دەلىلى «سەھىھ مۇسلىم»دا كەلگەن مۇنۇ ھەدىستۇر: «پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم شەۋۋال ئېيىنىڭ ئالدىنقى ئون كۈنىدە ئېتىكاپتا ئولتۇرغان»([10]).

يەنە ئېتىكاپتا ئولتۇرۇش روزا تۇتمايدىغان كېچە ۋاقىتلىرىدىمۇ ۋۇجۇتقا چىقىدىغان تۇرسا، ئۇنىڭغا روزا تۇتۇشنى شەرت قىلىۋېلىشقا بولمايدۇ.

بۇ قاراشقا ئاساسەن، رامىزاندىن باشقا چاغلاردا روزا تۇتماي ئېتىكاپتا ئولتۇرسا بولىدۇ.

لېكىن، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم شەۋۋال ئېيىدا ئېتىكاپتا ئولتۇرغاندا روزا تۇتقان ھالەتتە ئىدىمۇ ياكى تۇتمىغان ھالەتتە ئىدىمۇ، بۇنىسى نامەلۇم. ئەمما، روزا تۇتمىغان كۈنلەرنىڭ كېچىسىدە ئېتىكاپتا ئولتۇرسا ئېتىكاپ ھېساب بولىدۇ، چۈنكى كېچىدە روزا تۇتۇلمايدۇ.

 

ئۆيدە ئېتىكاپتا ئولتۇرسا بولامدۇ؟

ئېتىكاپتا ئولتۇرۇش ئۈچۈن مەسجىد بولۇشى شەرتتۇر. ئاللاھتائالا قۇرئان كەرىمدە «بەقەرە» سۈرىسى، 187 – ئايەتتە مۇنداق دەيدۇ: ﴿سىلەر مەسجىدتە ئېتىكاپتا ئولتۇرغان چېغىڭلاردا ئۇلارغا يېقىنچىلىق قىلماڭلار﴾. بۇ ئايەت ئېتىكاپتا ئولتۇرۇش ئۈچۈن مەسجىد شەرت ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ. شۇنداقلا چوڭ بولسۇن، كىچىك بولسۇن، جۈمە ئوقۇلىدىغان بولسۇن ياكى ئوقۇلمايدىغان مەسجىد بولسۇن، مەسجىدلا بولسا ئېتىكاپتا ئولتۇرۇشقا بولىدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مەسجىدتىن باشقا جايدا ئېتىكاپتا ئولتۇرمىغان.

بەزى ئالىملار جامائەت نامىزى ئوقۇلىدىغان مەسجىد بولۇشىنى شەرت قىلغان. چۈنكى، جامائەت ناماز ئوقۇلمايدىغان مەسجىدتە ئېتىكاپتا ئولتۇرسا يا جامائەتكە قاتناشماي ناماز ئوقۇشى كېرەك بولىدۇ، ياكى جامائەت نامىزىغا قاتنىشىش ئۈچۈن ئېتىكاپتا ئولتۇرغان مەسجىدتىن جامائەت نامىزى ئوقۇلىدىغان باشقا مەسجىدكە چىقىشى كېرەك بولىدۇ. ئەمما، كۆپ قېتىم سىرتقا چىقىۋېرىش ئېتىكاپنىڭ روھىغا زىت كېلىدۇ.

«سەھىھەين»دە كېلىشىچە، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم پەيغەمبەرلىك كېلىشتىن بۇرۇن بىر مۇددەت ھىرا غارىدا ئىستىقامەت قىلىپ ئولتۇرغان ئىدى، كېيىن جىبرىئىل ئەلەيھىسسالام ئۇنىڭغا ۋەھىي ئېلىپ كېلىپ، «ئوقۇ» دەپ بۇيرۇغان([11]).

ئۇ چاغلار تېخى ئىسلام كۆرسەتمىلىرى مۇئەييەنلەشمىگەن ۋاقىت ئىدى. كېيىنچە، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مەدىنىگە بارغاندىن كېيىن مەسجىد بىنا قىلغان. قەدر كېچىسىنىڭ پەزىلىتىگە ئېرىشىش ئۈچۈن ئېتىكاپتا ئولتۇرۇشقا باشلىغان. رامىزاننىڭ ئالدىنقى ئون كۈنىدە ئولتۇرۇپ، كېيىن ئوتتۇرىدىن ئون كۈنىدە ئولتۇرۇپ، كېيىن قەدر كېچىسىنىڭ رامىزاننىڭ ئاخىرقى ئون كۈنىدە ئىكەنلىكىنى بىلگەندىن كېيىن ئاخىرقى ئون كۈندە ئېتىكاپتا ئولتۇرغان. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ۋەھىي كەلگەندىن كېيىن مەدىنىگە بارغانغا قەدەر ئۆيىدە ۋە ياكى خىلۋەت جايلاردا ئىستىقامەت قىلغانلىقى مەلۇم ئەمەس، ئۈممىتىنى بۇيرۇغانمۇ ئەمەس. ئۇنداق بولغان ئىكەن، بەزى كىشىلەرنىڭ ياكى بەزى تەسەۋۋۇپ ئەھلىنىڭ پەيغەمبىرىمىزگە ۋەھىي كەلگەندىن كېيىنكى ئاخىرقى ئىشىنى تاشلاپ قويۇپ، ۋەھىي كېلىشتىن بۇرۇنقى ئىشىغا ئېسىلىۋېلىپ، خىلۋەت جايلاردا، مازارلاردا ئىستىقامەت قىلىپ ئولتۇرۇشى، ياكى جامائەت نامازلىرىغا مەسجىدكە چىقماي ئۆيلەردە ئىستىقامەت قىلىپ ئولتۇرۇشى سۈننەتكە خىلاپ ئىشتۇر.

ئەمما، ئاياللار مەككە ياكى مەككىدىن باشقا بارلىق ئورۇنلاردا ئېتىكاپتا ئولتۇرسا، ئىستىقامەت قىلسا بولىدۇ. چۈنكى، ئاياللارنىڭ جامائەت نامازغا قاتنىشىشى تەلەپ قىلىنمايدۇ. ھەزرىتى ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھانىڭ مۇزدەلىفەدىكى سەبىر تېغىدا تۈركچە چېدىر تىكىپ ئىستىقامەت قىلغانلىقىنى ئىمام بۇخارى «سەھىھ»ىدە رىۋايەت قىلغاندۇر([12]).

 

ئاياللار مەسجىدتە ئېتىكاپتا ئولتۇرامدۇ؟

ھەرقانداق ئەمەللەردە ئەر، ئايالنىڭ ئوخشاش بولۇشى قۇللۇقنىڭ تەقەززاسىدۇر. لېكىن، ئاياللارنىڭ ئالاھىدە تەبىئىتىنى كۆزدە تۇتقانلىق جەھەتتىن ئۇلارنىڭ مەسجىدلەردە ناماز ئوقۇشى ئەرلەرگە ئوخشاش تەكىتلەنمىگەن بولغاچقا، ئۇلارنىڭ مەسجىدلەردە ئېتىكاپتا ئولتۇرۇشىمۇ ئەرلەرگە ئوخشاش سۈننەت ۋە مۇستەھەپ ئىش ئەمەس، بەلكى مۇباھ ئىشتۇر. خۇددى ئاياللار مەسجىدكە بېرىپ ناماز ئوقۇسا جائىز بولۇپ جامائەت ساۋابىغا ئېرىشكەندەكلا، ئاياللار مەسجىدتە ئېتىكاپتا ئولتۇرسا ئېتىكاپ ساۋابىغا ئېرىشىدۇ.

بەزى ئالىملارنىڭ قارىشىدا، ئاياللار ئۆز ئۆيلىرىدىكى ناماز ئوقۇيدىغان جايلاردا، يەنى، ئۆيلىرىدىكى مەسجىد قىلىنغان جايلاردا ئولتۇرۇپ ئېتىكاپ قىلىدۇ. ئېرى بار ئاياللار ئەرلىرىنىڭ رۇخسىتىنى ئېلىپ ئېتىكاپتا ئولتۇرىدۇ، مەسجىدلەردە ئېتىكاپتا ئولتۇرسا ئېتىكاپ ھېساب بولسىمۇ مەكرۇھ بولىدۇ. چۈنكى، سەھىھ ھەدىستە پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ھەزرىتى ئائىشە قاتارلىق ئاياللىرىنىڭ مەسجىدكە قۇرغان چېدىرلىرىنى چۇۋۇتۇۋەتكەن. ناۋادا ئاياللارنىڭ مەسجىدلەردە ئېتىكاپتا ئولتۇرۇشى مەكرۇھ بولمايدىغان بولسا، ئاياللار ئېتىكاپقا كىرگەندىن كېيىن ئۇلارنىڭ ئېتىكاپىنى بۇزۇۋەتمىگەن بولاتتى([13]).

ئاياللارنىڭ ناماز ئوقۇش ئەۋزەل بولغان جايى ئۆيى بولغاچقا، ئۆيىدە ئادەتتە، ناماز ئوقۇيدىغان جايدا ئېتىكاپتا ئولتۇرىدۇ، بۇ ئاياللارنىڭ مەسجىدى ھېسابلىنىدۇ. ئۇلار ئېتىكاپتا ئولتۇرغاندا بۇ يەردىن ئايرىلماي ئولتۇرۇشى كېرەك بولىدۇ. ناۋادا ئۆيىدە ناماز ئوقۇيدىغان مۇئەييەن بىر جاي بولمىسا، ئۆيىدە ئېتىكاپتا ئولتۇرسا بولمايدۇ.

بۇرۇن ئاياللار ئۆيلىرىدە بىر ھۇجرا ياكى بىر ئورۇننى داۋاملىق ناماز ئوقۇيدىغان مەخسۇس ئورۇن قىلىپ تەييارلىغان ئىكەن، ھازىر ئۇنداق ئادەت يوقىلىپ كەتتى. شۇنداقتىمۇ، ئايال كىشى مەسجىدتە ئېتىكاپتا ئولتۇرۇش پۇرسىتى تولۇق بولمىغان ئەھۋالدا، ئۆيىدىكى بىرەر ھۇجرىغا كىرىپ چىقماي ئېتىكاپتا ئولتۇرسا بولىدۇ.

بۇ قاراشقا ئاساسەن، مەسجىدى ھەرەم قاتارلىق ئاياللارغا مەخسۇس ئورۇن تەييارلانغان مەسجىدلەردە ئاياللار ئېتىكاپتا ئولتۇرسا بولىدۇ، مەكرۇھ بولمايدۇ. ئۇخلىماي بىرەر سائەت ئېتىكاپتا ئولتۇرماقچى بولسا يېتىپ ئۇخلاش بولمىغاچقا، ئادەتتىكى مەسجىدلەردە ئېتىكاپتا ئولتۇرسا بولۇۋېرىدۇ. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ئاياللىرى ئۇنىڭ ۋاپاتىدىن كېيىن ئېتىكاپتا ئولتۇرغان.

كۆپچىلىك ئالىملار: «ئاياللار مەسجىدلەردە ئېتىكاپتا ئولتۇرسا بولۇۋېرىدۇ، مەكرۇھ بولمايدۇ» دېگەن. بۇلار «سەھىھەين»دە كەلگەن: «پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ئاياللىرىمۇ ئۇنىڭدىن كېيىن ئېتىكاپتا ئولتۇرغان» دېگەن ھەدىسنى([14]) دەلىل قىلغان.

بۇ يەردە شۇنى ئەسكەرتىش كېرەككى، ئېرى بار ئاياللار ئېرىنىڭ رۇخسىتىنى ئېلىپ ئاندىن ئېتىكاپتا ئولتۇرۇشى كېرەك. ئېرى رۇخسەت قىلمىغان تەقدىردە، ئېتىكاپتا ئولتۇرسا بولمايدۇ. ئولتۇرۇپ بولغان ئەھۋالدا ئېرى ئۇنىمىسا، ئېتىكاپتىن چىقىپ كېتىشى كېرەك بولىدۇ. ئەرنىڭ رۇخسىتىنى شەرت قىلىپ قويۇشتىن كۆزلەنگەن مەقسەت بولسا ئائىلە قۇرۇلمىسىنى قوغداشتىن ئىبارەت. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۆي ئادەتتە، ئەردىن بەكراق ئايالغا موھتاج بولىدۇ، ئېرىنىڭ ئايالىغا ئېھتىياجى بولىدۇ، بالىلار ئانىسىدىن بىھاجەت بولالمايدۇ. دېمەك، ئەر ۋە ئايال ھەر ئىككىيلەننىڭ ئۆيدە تۇرۇشى ئىنتايىن زۆرۈر بولسىمۇ، ئايال كىشىنىڭ ئۆيدىن يوقاپ كېتىشى تىرىكچىلىك تەقەززاسى بويىچە داۋاملىق سىرتلاردا يۈرىدىغان ئەرنىڭ يوقاپ كېتىشىگە ئوخشىمايدۇ.

توي قىلمىغان قىزلار، ياكى تۇل ئاياللار، ياكى ئېرى رۇخسەت قىلغان، ئۆيدە كۆپ ئىشى يوق ئاياللار ۋە ياكى ئايال كىشىنىڭ ئېرى بولمىغان ئەھۋالدا ئېتىكاپتا ئولتۇرسا ئىنتايىن ياخشى بولىدۇ. چۈنكى، ئېتىكاپتا ئولتۇرۇش روھىي تەربىيە ئالىدىغان، ئاللاھتائالاغا يېقىن تۇرۇشنى ئۈگىنىدىغان مەكتەپتۇر. ھازىرقى ماددىيلىشىپ كەتكەن تۇرمۇشىمىزدا ئاياللارمۇ بىرقانچە كۈن بولسىمۇ ئايىغى چىقمايدىغان دۇنيا ھەلەكچىلىكىدىن تولۇق ئۈزۈلۈپ، ئاخىرەت سەپىرى ئۈچۈن ئوزۇقلىنىشقا، ئېتىكاپ مېۋىلىرىدىن بەھرىمەن بولۇشقا ئەرلەرگە ئوخشاشلا ھەقلىق ۋە موھتاجدۇر.

مەسجىد دېگەن ئاللاھنىڭ ئۆيىدۇر. مەسجىدتە ئولتۇرغان كىشى ئاللاھتائالانىڭ ھوزۇرىدا ئولتۇرغانلىقىنى ھېس قىلىدۇ، قۇللۇق ئىزھار قىلىدۇ، ئۆزىدىن ھېساب ئالىدۇ، قىلغان ئىشلىرىنىڭ توغرا – خاتالىرىنى تەكشۈرۈپ چىقالايدۇ، نۇرغۇن تائەت – ئىبادەتلەر بىلەن شۇغۇللىنالايدۇ، بۇ ئارقىلىق ئاياللار ھاياتتىكى يولىنى تۈزلەپ مېڭىش ئۈچۈن ئالاھىدە ئېنېرگىيە ھاسىل قىلالايدۇ.

ئەلۋەتتە، ئاياللار مەسجىدلەردە ئېتىكاپتا ئولتۇرغان ئەھۋالدا پەردە ياكى باشقا نەرسە بىلەن توساق پەيدا قىلىپ ئولتۇرۇشى كېرەك بولىدۇ. مەسجىدلەردە بۇنداق ئالاھىدە شارائىت تېپىلمىغان تەقدىردە، دەسلەپكى قاراش بويىچە، ئاياللار ئۆز ئۆيلىرىدىكى مەسجىدلىرىدە ئېتىكاپتا ئولتۇرسا بولىدۇ. چۈنكى، مەسجىدلەرگە ئەرلەر كېلىدىغان بولغاچقا، ئاياللار ئۇلارغا ئېتىكاپتا ئولتۇرغان ھالەتتە كۆرۈنمىگىنى تۈزۈك. ئېتىكاپتا ئولتۇرغاندا كىشى ئولتۇرىدۇ، ئۇخلايدۇ، ياتىدۇ، تاماق يەيدۇ. بۇنداق ئەھۋاللاردا ئەر – ئاياللار ئارىلىشىپ قالسا، ئېتىكاپتىن كۆزلەنگەن مەقسەت ئادا بولماي، ئەكسىچە ھەرخىل بولمىغۇر خىياللارنى پەيدا قىلىپ قويىدۇ. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ئاياللىرىمۇ مەسجىدتە ئېتىكاپتا ئولتۇرغاندا چېدىر تىكىپ، توساق پەيدا قىلىپ ئولتۇرغان.

داۋامى بار.
—————————————————-
([1]) سەھىھەين: «بۇخارى»، 1922 – ھەدىس؛ «مۇسلىم» 1172 – ھەدىس.
([2]) «بەقەرە» سۈرىسى، 125 – ئايەت.
([3]) سەھىھەين: «بۇخارى»، 2032 – ھەدىس؛ «مۇسلىم»، 1656 – ھەدىس.
([4]) سەھىھەين: «بۇخارى»، 434 – ھەدىس؛ «مۇسلىم»، 649 – ھەدىس.
([5]) «مسند أحمد»، 21485 – ھەدىس؛ شەيخ ئالبانى «سەھىھ» دېگەن.
([6]) «فتح الباري»، 4/285.
([7]) «زاد المعاد»، 2/88.
([8]) «ئەبۇ داۋۇد»، 2473 – ھەدىس. شەيخ ئالبانى «ئىسنادى ھەسەن سەھىھ» دېگەن.
([9]) «زاد المعاد»، 2/87.
([10]) «مۇسلىم»، 1172 – ھەدىس.
([11]) سەھىھەين: «بۇخارى»، 3 – ھەدىس؛ «مۇسلىم»، 160 – ھەدىس.
([12]) «بۇخارى»، 1539 – ھەدىس.
([13]) «مۇسلىم»، 1172 – ھەدىس.
([14]) سەھىھەين: «بۇخارى»، 1926 – ھەدىس؛ «مۇسلىم»، 1172 – ھەدىس.

 

Please follow and like us:

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز