«پاكىستان ئاتوم بومبىسى»نىڭ ئاتىسى ئابدۇلقەدىرخان

﴿دۈشمىنىڭلار (بىلەن ئۇرۇش قىلىش) ئۈچۈن، قولۇڭلاردىن كېلىشىچە، قورال كۈچى، جەڭ ئېتى تەييارلاڭلار. بۇنىڭ بىلەن، ئاللاھنىڭ دۈشمىنىنى، ئۆزۈڭلارنىڭ دۈشمىنىڭلارنى ۋە ئۇلاردىن باشقا سىلەر بىلمەيدىغان، ئاللاھ بىلىدىغان دۈشمەنلەرنى قورقۇتىسىلەر﴾.

_ «ئەنفال» سۈرىسى، 60 – ئايەت

«ئەمدى ھىندىستان بىزنىڭمۇ ئاتوم قوراللارغا ئىگە ئىكەنلىكىمىزنى بىلىدۇ – دە، بىزگە ھۇجۇم قىلىشتىن بۇرۇن ئون قېتىم ئويلىنىپ كۆرىدۇ»

_ دوكتور ئابدۇلقەدىرخان، 1998 – يىلى پاكىستاننىڭ ئاتوم تەجرىبىسىدىن كېيىن

 

ئىلگىرى دەپ ئۆتكىنىمىزدەك، چوڭ ھىندىستان نەچچە يۈز يىل مۇسۇلمانلارنىڭ ھاكىمىيىتى ئاستىدا بولغان ئىدى. لېكىن، مىلادى 1498 – يىلى پورتۇگالىيەلىك ئەھلىسەلىپ ئۇرۇش جىنايەتچىسى ۋاسكودا گاما ھىندىستاننىڭ ئىسلام تۇپراقلىرىدا بىر خىرىستىيان زېمىن پەيدا قىلىش ۋە پورتۇگالىيەلىكلەرگە سودا بازارلىرىنى ئېچىش ئۈچۈن، ھىندىستان ساھىللىرىغا كېلىشى بىلەن ۋەزىيەت ئۆزگەردى. شۇنىڭدىن كېيىن ئىنگىلىزلار «شەرقىي ھىندىستان شىركىتى (company honourable east India)» نامى ئاستىدا ھىندىستانغا كىردى ۋە بۇ شىركەت ھىندى قىتئەسىدە ئۇزۇنغا سوزۇلغان قانلىق مۇستەملىكە مەزگىلىنىڭ يادروسى بولغانىدى.

19 – ئەسىرنىڭ ئاخىرىدا، ھىندىلار ئۆزلىرىنىڭ ۋەتىنىنىڭ ھەق – ھوقۇقلىرىنى قايتۇرۇۋېلىش ئۈچۈن ھەرىكەتلەندى. ئەنە شۇ ئازادلىق ھەرىكەتلىرىگە ھىندى بۇتپەرەسلەر قېتىلىشتىن بۇرۇن، مۇستەقىللىق دەۋاچىلىرى ھىندى مۇسۇلمانلار ئىدى. مۇسۇلمان ھىندىلار بىلەن بۇتپەرەرس ھىندىلار مۇستەقىللىق تەلەپ قىلىشنى باشلاش ئۈچۈن، مىلادى 1884 – يىلى ئېلان قىلغان «ھىندىستان ۋەتەن قۇرۇلتىيى»نى قۇرۇپ چىقتى. مۇسۇلمان رەھبەرنىڭ ئومۇم ھىندىلارنىڭ رەھبىرى سۈپىتىدە پارلاپ چىقىشىدىن ئەنسىرەپ، ئىنگىلىزلار ئىشىكلىرىنى «ماھاتما گەندى» نامى بىلەن مەشھۇر بولغان «موھاندەس كارامچاند گەندى»گە ئېچىشتىن بۇرۇن، مۇستەقىللىق تەلەپ قىلىش ساھەسىدە ئىككى مۇسۇلمان رەھبەر ئوتتۇرىغا چىققانىدى، ئۇلارنىڭ بىرى، ئەھمەدخان، يەنە بىرى، مۇھەممەد ئەلى جەناھ. مۇسۇلمانلار ئىشنىڭ دەسلىپىدە بىرلىككە كەلگەن، ھوقۇقلىرى باراۋەر بىر ھىندى دۆلىتى قۇرۇشقا چاقىرغان ئىدى. لېكىن، بۇتپەرەس ھىندىلار مۇسۇلمانلارغا ئۆزلىرى بىلەن باراۋەر ھۇقۇق بېرىشنى رەت قىلدى. مۇسۇلمانلار بېرىتانىيەنىڭ ھىندى بۇددىستلىرىغا يان باسقانلىقىنى كۆرگەندىن كېيىن، «ئىسلام جامائىتى» قۇرۇشنى ئېلان قىلدى. مىلادىيە 1930 – يىلى ھىندىستاننىڭ ئەڭ بۈيۈك شائىرى مۇھەممەد ئىقبال ھىندى قىتئەسىدىن بىر پارچە ئىسلام زېمىنىنىڭ مۇستەقىل بولۇش ئىدىيىسىگە چاقىرىق قىلدى. 1933 – يىلى تارىختا تۇنجى قېتىم «پاكىستان» دېگەن سۆز كەلگۈسىدىكى مۇستەقىل بىر ئىسلامىي دۆلەتنىڭ ئىسمى سۈپىتىدە پەيدا بولدى.

ئۇزۇن كۈرەشلەردىن كېيىن، مۇسۇلمانلار پاكىستان ئىسلام دۆلىتى قۇرۇش ئارقىلىق ئىنگىلىزلاردىن ۋە ھىندى بۇتپەرەسلىرىدىن مۇستەقىل بولۇشنى تەلەپ قىلدى. 1947 – يىلى 14 – ئاۋغۇست پاكىستان دۆلىتىنىڭ تۇغۇلغانلىقى ئېلان قىلىندى. شۇنىڭدىن بىر كۈن كېيىن ھىندىستان مۇستەقىل بولدى. شۇنىڭ بىلەن ھىندىستان ۋە پاكىستان ئوتتۇرىسىدا مۇسۇلمان كەشمىر رايونى توغرىسىدا تارىخىي كۈرەش باشلاندى. بۇ ئىش ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدا چوڭ ئىككى قېتىملىق ئۇرۇشنىڭ پارتلىشىغا ئېلىپ باردى. شۇ ۋاقىتنىڭ ئۆزىدە يەنە، ھىندىستان ئۆتكەنكى ئەسىرنىڭ 40 – يىللىرىدىن باشلاپ، تىنچلىق ئىشلىرىغا ئىشلىتىش باھانىسى بىلەن ئاتوم سېستىمىسىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئۈچۈن جىددىي ھەرىكەت قىلغانىدى. ھىندىستان تارىخىدىكى تۇنجى ھىندىستان باش مىنىستىرى جەۋاھىر لال نەھرۇ ھىندىستاننىڭ دەسلەپكى قۇرۇلۇش كۈنلىرىدىلا مۇنداق جاكارلىغانىدى:

«ھەربىي ھازىرلىقلىرىمىزنىڭ قانچىلىكلىكىدىن قەتئىينەزەر، ئاتوم ئېنېرگىيىسىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشىمىز كېرەك. مەن ئۇنى تىنچلىق غەرەزلىرى ئۈچۈن تەرەققىي قىلدۇرۇشىمىز كېرەك دەپ قارايمەن، لېكىن بىز بىر خەلق بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن ئۇنى باشقا غەرەزلەر ئۈچۈنمۇ ئىشلىتىشكە مەجبۇر بولۇشىمىز مۇمكىن».

1974 – يىلى 18 – مايدا ھىندىستان پاكىستان چېگرىسىغا يېقىن جايدا تۇنجى ئاتوم سىنىقىنى ئوڭۇشلۇق يۈرگۈزدى. ھىندىستان بۇ ھەرىكەتنى «كۈلۈمسېرىگەن بۇددا (Smiling Buddha)» دېگەن دىنىي مەزمۇننى ئۆز ئىچىگە ئالغان سىمۋوللۇق بىر ئىسىم بىلەن ئاتىدى. بۇددا ھىندى دىنىدا ھىندى تەڭرىسى «ۋىشنو»نىڭ سىمۋوللۇق سۈرىتى دەپ قارىلىدۇ. ۋىشنو ھىندى دىنىدىكى ئەڭ يۈكسەك تەڭرىدۇر.

ھىندىستاننىڭ ئۆز قوشنىسى پاكىستاننى چۆچۈتۈۋەتكەن ئاشۇ ئاتوم تەھدىتىدىن كېيىن، پاكىستان مەسئۇللىرى گوللاندىيەدە مېتال مۇتەخەسسىسى بولۇپ ئىشلەۋاتقان پاكىستانلىق بىر ياش ئەۋەتكەن بىر پارچە مەخپىي خەتنى تاپشۇرۇپ ئالدى. ئۇ خېتىدە پاكىستان ھۆكۈمىتىگە خىزمەت قىلىدىغانلىقىنى، پاكىستان ئاتوم ئېنېرگىيىسى ئورگىنى ((PAEC غا قوشۇلۇشى ئۈچۈن، گوللاندىيەنى، تەرك ئېتىشكە تەييار ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەنىدى. لېكىن، پاكىستان مەسئۇللىرى بۇ قىزىققان ياشنى بوش چاغلىدى ۋە بىر مېتال مۇتەخەسسىسىنىڭ پاكىستان ئاتوم ئېنېرگىيىسى ئورگىنىدا نېمىلەرنى قىلالايدىغانلىقىنى سۈرۈشتۈرۈپ كۆردى. شۇنداقتىمۇ، بۇ جۈرئەتلىك ياش ئۈمىدسىزلەنمىدى ۋە يەنە بىر قېتىم مەخپىي خەت ئەۋەتتى. بۇ قېتىم ئۇ پاكىستان باش مىنىستىرى زۇلپىقار ئەلى بوتۇنىڭ ئۆزىگە ئەۋەتىپ، خېتىدە ئۇنىڭغا ئۆزى ئىشلىگەن شىركەتتە قولغا كەلتۈرگەن تەجرىبىلىرى ۋە خىزمەتلىرىنى سۇنۇشقا تەييار ئىكەنلىكىنى ئېيتتى. خەتنى تاپشۇرۇپ ئالغان پاكىستان باش مىنىستىرى بۇ نائېنىق ياش توغرىسىدا كۆپرەك مەلۇمات ئىگىلەشنى ئىستىدى – دە، پاكىستان ئاخبارات ئىدارىسى (ISI) نى بۇ ياش ھەققىدە مەلۇمات توپلاپ، ئۇنىڭ ئىقتىدارى توغرىسىدا ئېنىق بىر باھا دوكلاتى سۇنۇشنى تەلەپ قىلدى. سۇنۇلغان دوكلات:

«بۇ ياش 1936 – يىلى بېرىتانىيە ئىشغالىيىتى مەزگىلىدە، پاكىستان ھىندىستاندىن ئايرىلىشتىن بۇرۇن ھىندىستاننىڭ بوپال شەھىرىدە تۇغۇلغان. ئۇنىڭ دادىسى ئابدۇلغەفۇرخان مىلادىيە 1935 – يىلى پىنسىيەگە چىققان ئوقۇتقۇچى ئىدى. شۇڭا، بۇ ياش ئۇنىڭ تەربىيىسى ۋە پەرۋىشىگە ئاجرالغان ئاتىسىنىڭ قوينىدا چوڭ بولغان. ئانىسى بەش ۋاقىت نامازنى چىڭ تۇتىدىغان، تەقۋادار ھەم ئوردۇ ۋە پارس تىلىدىن پىششىق خەۋەردار ئايال ئىدى. شۇڭا، ئۇنىڭ بالىسى نامازلىرىنى چىڭ تۇتىدىغان، دىندار ھالدا چوڭ بولغان. ئۇ بوپال ھامىدىيە تولۇق ئوتتۇرا مەكتىپىنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن 1952 – يىلى ئىسلام زېمىنى پاكىستاندا ياشاش ئۈچۈن، پاكىستان جۇمھۇرىيىتىگە ھىجرەت قىلغان. ئاندىن 1960 – يىلى كاراچى ئۇنېۋىرسىتېتى تەبىئىي پەنلەر فاكۇلتېتىنى پۈتتۈرۈپ، ئېغىرلىق ۋە ئۆلچەم مۇپەتتىشىلىك خىزمىتىدە ئىشلىگەن. ھالبۇكى، بۇ خىزمەت ئىككىنچى دەرىجىلىك ھۆكۈمەت خىزمىتى ئىدى. لېكىن، شۇنىڭدىن كېيىن خىزمىتى ئۆزىنىڭ ئارزۇسىغا ۋە ئۆز ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇش قىزىقىشىغا ماس كەلمىگەنلىكى ئۈچۈن خىزمىتىدىن ئىستىپا بېرىپ، بېرلىن تېخنىكا ئۇنېۋىرسىتېتىدا بىلىم ئاشۇرۇش ئۈچۈن، گىرمانىيەگە سەپەر قىلغان ۋە ئۇ يەردە مېتاللورگىيە پېنى جەھەتتە ئىككى يىللىق كۇرسنى پۈتتۈرگەن. ئاندىن 1967 – يىلى گوللاندىيەدىكى دېلفت تېخىنىلوگىيە ئۇنېۋىرسىتېتى تەرىپىدىن ماگىستىرلىققا ئېرىشكەن. شۇ ئارىدا بۇ ياش بىر قانچە قېتىم پاكىستانغا قايتىپ، ئۆز خەلقىگە خىزمەت قىلىشقا ئۇرۇنغان بولسىمۇ، مەقسىتىگە يېتەلمىگەن. چۈنكى، ئۇ ماگىستىرلىق ئۇنۋانىغا ئېرىشكەندىن كېيىن، كاراچىدىكى تۆمۈر زاۋۇتلىرىدا ئىشلەش ئۈچۈن تەلەپ سۇنغان. لېكىن، ئەمەلىي تەجرىبىسى ئاز بولغانلىقتىن تەلىپى رەت قىلىنغان. شۇ رەت قىلىنىش سەۋەبىدىن، ئۇ بىلجىكىدا بىلىم ئاشۇرۇپ، 1972 – يىلى بىلجىكا لوۋېن ئۇنېۋىرسىتېتى تەرىپىدىن دوكتورلۇق ئۇنۋانى ئالغان. شۇنىڭدىن كېيىن ئاتوم يېقىلغۇسى ۋە ئوران قويۇلدۇرۇش ئىستانسىسىلىرىنى باشقۇرۇشقا ئالاقىدار يۇرېنكو (Urenco) تەشكىلاتى بىلەن قويۇق مۇناسىۋىتى بار FDO شىركىتىدە ئىشلەش ئۈچۈن كېلىشىم ھاسىل قىلغان».

ئەنە شۇ مەلۇماتلاردىن كېيىن، پاكىستان ئاخبارات ئىدارىسى پاكىستان باش مىنىستىرلىكىگە سۇنماقچى بولغان ئۇ ياش توغرىسىدىكى دوكلاتىنى ئۇنىڭ پاكىستاننىڭ يوشۇرۇن ئاتوم سېستىمىسىدا ئىشلەشكە لايىق كەلمەيدىغانلىقى بىلەن تۈگەتتى.

لېكىن، پاكىستان باش مىنىستىرى بۇ ياشنىڭ خەتتىكى سۆزلىرىدە بىر خىل قەتئىيلىكنى ۋە مۇۋەپپەقىيەتكە بولغان زور ئىشەنچنى سەزگەن چېغى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ نەۋقىران بىر ياشنى ياۋروپادىكى بىر بەلەن خىزمىتىنى تاشلاپ، ئۈچىنچى دۇنيا ئەللىرىدىن سانىلىدىغان دۆلىتىگە قايتىشقا ئۈندىگەن سەۋەبنى سۈرۈشتۈردى ۋە پاكىستان ئاتوم ئېنېرگىيىسى ئورگىنىنىڭ باشلىقىدىن ئۇنىڭ ئىلتىماسىنىڭ قانچىلىك چىن ئىكەنلىكىنى ئۇقۇپ بېقىش ئۈچۈن، گوللاندىيەدە ئۇنىڭ بىلەن كۆرۈشۈشكە مەخپىي بىر ئۆمەك ئەۋەتىشنى تەلەپ قىلدى. دەرۋەقە، پاكىستان ئاتوم ئېنېرگىيىسى ئورگىنىدىن مەخپىي بىر ئۆمەك ئۇ ياشاۋاتقان گوللاندىيەنىڭ ئالمېلو (Almelo) شەھىرىگە ئاتلاندى. ئۇچرىشىپ بىر نەچچە سائەت ئۆتمەيلا، مەزكۇر ئۆمەك گوللاندىيەدىن ئايرىلدى ۋە پاكستان باش مىنىستىرىگە ئۇ ياشنىڭ تىرىشچانلىقلىرىدىن پايدىلىنىش كېرەكلىكىنى ئېيتىپ جىددىي تەۋسىيەدە بولدى. زۇلفىقار ئەلى بوتو ئۆزى بىلەن كۆرۈشۈش ئۈچۈن پاكىستانغا كېلىشنى تەلەپ قىلىپ، ئۇنىڭغا بىر مەخپىي خەت يوللىدى. دەرۋەقە، پاكىستاندا مەخپىي كۆرۈشۈش ئېلىپ بېرىلدى. شۇنىڭدىن كېيىن بۇ ياش تۇيۇقسىزلا گوللاندىيەنى، تەرك ئەتتى. قەھرىمانىمىز پاكىستان ئاتوم ئېنېرگىيىسى ئورگىنىغا قېتىلغان چاغدا، گوللاندىيە دائىرىلىرى ئۇنىڭ مەخپىيلىكى يۇقىرى، خەتەرلىك ئاتوم ئۇچۇرلىرىنى پاكىستانغا يۆتكەش مۇمكىنچىلىكى ھەققىدە ئۇنىڭغا قارىتا قويۇق تەكشۈرۈشلەرنى قىلغان بولسىمۇ، ئۇنىڭغا ھېچبىر تۆھمەت ئارتالمىدى. ئەنە شۇ ياش «ئابدۇلقەدىرخان» دەپ ئاتىلاتتى. شۇنىڭدىن بىر نەچچە يىل كېيىن «پاكىستان ئاتوم بومبىسىنىڭ ئاتىسى» دەپ ئاتالغان شەخس دەل ئۇدۇر.

ئابدۇلقەدىرخان پاكىستان ئاتوم ئېنېرگىيىسى ئورگىنىدا خىزمەت ئۇسلۇبىنى تەرەققىي قىلدۇردى ۋە 1976 – يىلى كاھۇتا شەھىرىدە ئىنژېنېرلىق تەتقىقات لابوراتورىيەلىرىنى قۇردى. كېيىن 1981 – يىلى شۇ چاغدىكى پاكىستان رەئىسى زىيائۇلھەق ئۇنىڭ پاكىستاننىڭ مىللىي بىخەتەرلىكى ساھەسىدىكى تىرىشچانلىقلىرىنى ئالقىشلاش ئۈچۈن، مەزكۇر لابوراتورىيەلەرنىڭ ئىسمىنى «دوكتور ئابدۇلقەدىرخان تەتقىقات لابوراتورىيەلىرى»گە ئۆزگەرتكەن بولۇپ، نەتىجىدە، بۇ لابوراتورىيەلەر پاكىستاننىڭ ئاتوم قوراللىرى سىستېمىسى مەخپىي پىلانىنى يۈكسەلدۈرۈش ئۈچۈن، ئوران قويۇلدۇرۇشنى تەرەققىي قىلدۇرۇش بازىسىغا ئايلاندى. بۈيۈك ئىسلام ئالىمى ئابدۇلقەدىرخان ئاتوم رېئاكسىيەلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشتا يېڭىچە ئۇسۇللارنى قوللىنىپ، پاكىستانغا ئون نەچچە يىلنى قىسقارتتى. چۈنكى، ئابدۇلقەدىرخان پەقەت ئالتە يىلدىلا تاماملىغان پاكىستان ئاتوم سىستېمىسىگە ئاتوم سانائىتى ساھەسىدە چوڭقۇر ئەنئەنىگە ئىگە غەرب دۆلەتلىرىدە ئادەتتە، يىگىرمە نەچچە يىل سەرپ قىلىناتتى. بۇلا ئەمەس، بەلكى ئالىم ئابدۇلقەدىرخان رىياسەتچىلىك قىلغان تەجرىبىخانىلار دۇنيادىكى ئەڭ ياخشى قويۇلدۇرۇلغان ئوران ئىشلەپچىقىرىدىغان بولۇپ كەتتى. 1981 – يىلى ئابدۇلقەدىر ئىنگىلىزچە «ئىسلامىي بومبا» ناملىق كىتابىنى نەشر قىلدى، شۇنداقلا يەنە خەلقئارالىق ئىلمىي ژۇرناللاردا 150 ئەتراپىدا ئىلمىي تەتقىقاتلارنى نەشر قىلدى. بۇ بۈيۈكىمز راستتىنلا ھەرخىل ئورگان ۋە ئىنىستىتۇتلاردىن 13 ئالتۇن مىدال مۇكاپات ئالدى ۋە 1989 – يىلى «ئىمتىياز ھىلالى» ئوردېنى ئاندىن 1996 – يىلى «ئىمتىياز نىشانى» ئوردېنى بېرىلدى. ئۇ ئىككى ئوردېننى پاكىستان ئۇنىڭغا كۆرسەتكەن تىرىشچانلىقلىرىنى تەقدىرلەش يۈزىسىدىن بەرگەنىدى.

1998 – يىلى 11 – مايدا ھىندىستان «شىكتى ھەرىكىتى» دەپ ئاتىغان، ئىككىنچى قېتىملىق ئاتوم تەجرىبىسىنى يۈرگۈزۈشكە باشلىدى. «شىكتى» ئىلگىرىكىسىگە ئوخشاشلا بىر دىنىي ئىسىمنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولۇپ، شىكتى ھىندى دىنى مۇرىتلىرى تائىپىلىرىدىن بىرىنىڭ ئىلاھلىرى ئىدى. بۇ ئىسىم كۈچ – قۇۋۋەت مەنىسىنى بىلدۈرەتتى ۋە ھىندى دىنىدا ئىلاھلارنىڭ ئاياللىق تەرىپىگە سىمۋول قىلىنىپ، گاھىدا ئىلاھىي ئانا دەپ ئىشارە قىلىناتتى.

ئەنە شۇ چاغدا ھەقىقەت ۋاقتى كەلدى

ھىندىستاننىڭ شۇ ھەرىكىتىدىن ساناقلىقلا كۈنلەردىن كېيىن، كونكېرىت ئېيتساق 1998 – يىلى 28 – ئاپېرىل پاكىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتى ئىسلام ئۈممىتى تارىخىدىكى تۇنجى قېتىملىق پارچىلانما ئاتوم بومبىسىنى پارتلىتىش سىنىقى ئېلىپ باردى. بۇ ھەرىكەت سىناق ئېلىپ بېرىلغان جايغا نىسبەت بېرىلىپ «چاغاي ھەرىكىتى» دەپ ئاتالدى. ئاندىن ئۇنىڭغا ئۇلاپلا پەقەت ئىككى كۈندىن كېيىن، ئۇنى ئىككىنچى قېتىم سىناق قىلدى. شۇنىڭ بىلەن بۇ ھەرىكەتنىڭ قەھرىمانى دوكتور ئابدۇلقەدىرخان پۈتۈن دۇنياغا پاكىستاننىڭ ئاتوم بومبىسىنىڭ ھىندىستاننىڭ بومبىسىنى بېسىپ چۈشىدىغانلىقىنى جاكارلىدى. چۈنكى، ئابدۇلقەدىرخان ئاتوم بومبىسىغا قويۇلدۇرۇلغان ئوران ئىشلەتكەنىدى. ھالبۇكى،ھىندىستان ئىشلىتىلگەن يېقىلغۇدىن ئىبارەت «پىلۇتونىي plutonium))»غا تايىنىدىغان كونا تېخنىكىنى قوللانغانىدى. ئاندىن بۇ كاتتا ئىسلام قەھرىمانى ئاخباراتچىلار ئالدىدا، ئۆزىگە بىر سىياسىي بۇيرۇق كەلسىلا شۇ ھامان پاكىستان ئاتوم ئۇچلىرىنى بىر نەچچە كۈن ئىچىدە «Hatf 5 (Ghauri 1)» ناملىق باللىستىك راكىتاغا قۇراشتۇرىدىغانلىقىنى جاكارلىدى.

لېكىن، پاكىستان راكىتاسى دېگەن نېمە؟ ئۇنىڭ بۇ قىزىقارلىق ئىسىم بىلەن ئاتىلىشىنىڭ سەۋەبى نېمىدۇ؟

«Hatf 5 (Ghauri 1)» بولسا دوكتور ئابدۇلقەدىرخان «دوكتور ئابدۇلقەدىرخان تەتقىقات لابوراتورىيەسى»دە پىلانلاپ چىققان، ئۇچۇش مۇساپىسى 1500 كىلومېتىرغا يېتىدىغان، ھىندىستاننىڭ چوڭ شەھەرلىرىگىچە يېتىپ بارالايدىغان، ئوتتۇرا مۇساپىلىق باللىستىك راكىتادۇر. دوكتور ئابدۇلقەدىرخان ئۇنىڭغا زور مەنىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بۇ قالتىس ئىسىمنى تاللىغانىدى. مەسىلەن، «Hatf» بولسا رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ قىلىچىنىڭ ئىسمى. شۇنىڭ بىلەن بىرگە يەنە ئۆلۈم ۋە ھالاكەت دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ. «Ghauri» بولسا تارىختىكى ئىسلام قەھرىمانى شىھابۇددىن مۇھەممەد غۇرىنىڭ ئىسمى بولۇپ، بۇ كىشى مىلادىيە 12 – ئەسىر، ھىجرىيە 6 – ئەسىرنىڭ ئاخىرىدا مەيدانغا كېلىپ، ھىندىستاندىكى ھىندى بۇتپەرەسلەرگە قارشى ئۇرۇش قىلغان ۋە بىر ئىسلامىي دۆلەت قۇرغان. ئۇ دۆلەت قۇرغان دەسلەپكى چاغدا، بۇتپەرەس پۈتۈن ھىندى پادىشاھلىرى ئۇنىڭغا قارشى ئىتتىپاق تۈزۈپ ئۇنى يېڭىۋالغان ھەم ئۇ كۆپلىگەن تالاپەتلەرگە ئۇچرىغان. شۇنداقتىمۇ، ئۇ قايتىدىن كۈچىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈپ، تەييارلىق كۆرگەن ۋە بۇتپەرەس ھىندى قوشۇنلىرى ئىتتىپاقى بىلەن كەسكىن جەڭگە چۈشۈپ، ئۇلارنى ئېغىر مەغلۇپ قىلغان. بۇ غەلىبىدە ئۇ بۇتپەرەس ھىندىلارنىڭ پادىشاھلىرىنىڭ پادىشاھى بەرىتى باشچىلىقىدىكى بىرلەشمە قوشۇندىن ئون مىڭلارچە كىشىنى ئۆلتۈرگەن. شۇنىڭدىن كېيىن مۇسۇلمان پادىشاھ شىھابۇددىن غۇرى ھىندىستاندا غۇرىيلار ئىسلام دۆلىتىنى قۇرۇپ چىققان.

گۈزەل ئىسىملارنى تاللاشقا قاراڭ!

ئەنە شۇ ئوڭۇشلۇق ئېلىپ بېرىلغان پاكىستان ئاتوم تەجرىبىسىدىن كېيىن، مۇسۇلمان پاكىستان خەلقى پاكىستاننىڭ جىمى شەھەرلىرىدە ئۆز دۆلىتىنىڭ ئىككى قېتىملىق ئاتوم سىنىقىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك بولغانلىقىنى تەبرىكلەپ كوچىلارغا چىقىشتى. زېمىننىڭ شەرق ۋە غەربلىرىدە مۇسۇلمانلار بۇ زور ئىسلامىي ئۇتۇقنى قۇتلىدى. بۈيۈك ئىسلام قەھرىمانى ئابدۇلقەدىرخان بۇتپەرەس قوشنا ھىندىستان بىلەن قورقۇنچ تەڭپۇڭلۇقى پەيدا قىلغاندىن كېيىن، پۈتكۈل ئىسلام ئۈممىتىنىڭ قەھرىمانى دەپ قارىلىپ، بويۇنلارغا ئېلىپ كۆتۈرۈلدى. دوكتور ئابدۇلقەدىرخاننىڭ ئىسمى ھەر ماكان ۋە ھەر زاماندىكى مۇسۇلمانلارنىڭ بالىلىرىغا ئىلھامبەخش بىر ئىسىمغا ئايلاندى، شۇنداقلا ئۇنىڭ ئۆز خەلقىگە ۋە ئۆز دىنىغا خىزمەت قىلىشتا چىڭ تۇرۇش ۋە كۈرەش قىلىش ھېكايىلىرى ھەر يەردىكى مۇسۇلمان ياشلار ئۈچۈن گۈزەل ئۆرنەككە ئايلاندى.

 

مەنبە: جىھاد تۇربانىينىڭ «مائة من عظماء امة الاسلام غيروا مجرى التاريخ» ناملىق كىتابى.

تەرجىمىدە: قاراخانىي

Please follow and like us:

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ