شېھىت ئەدىب ۋە مۇتەپەككۇر سەييىد قۇتۇب

(ھىجرىيە 1324 – 1386 / مىلادىيە 1906 – 1966)

 

تۇغۇلۇشى ۋە ئۆسۈپ يېتىلىشى

«‹قۇرئان›سايىسىدا» ناملىق كىتابنىڭ ساھىبى سەييىد قۇتۇب ئىبراھىم ھىجرىيە 1324 – يىلى (مىلادىيە 1906 – يىلى 10 – ئاينىڭ 9 – كۈنى) ئۈستۈنكى مىسىرنىڭ ئاسيۇت ئۆلكىسىگە تەۋە مۇشە دېگەن يېزىدا تۇغۇلغان. 1912 – يىلى يېزىدىكى باشلانغۇچ مەكتەپكە ئوقۇشقا كىرىپ، 1918 – يىلى مەكتەپنى پۈتتۈرگەن، ئاندىن 1919 – يىلىدىكى قوزغىلاڭ سەۋەبىدىن ئىككى يىل ئوقۇشتىن توختاپ قالغان. 1920 – يىلى ئوقۇش ئۈچۈن قاھىرەگە بېرىپ قىلىپ، 1922 – يىلى باشلانغۇچ پىداگوگىكا مەكتىپىگە ئوقۇشقا كىرگەن، ئاندىن 1925 – يىلى دارىلئۇلۇم تەييارلىق مەكتىپىدە ئوقۇغان، شۇنىڭدىن كېيىن 1929 – يىلى (قاھىرە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ) دارىلئۇلۇم فاكۇلتېتىغا قوبۇل قىلىنىپ، 1933 – يىلى مەكتەپنى پۈتتۈرگەن ۋە ئەدەبىياتتا باكلاۋۇرلۇق دىپلومىغا ئېرىشكەن.

مەكتەپ پۈتتۈرگەندىن كېيىن، مائارىپ مىنىستىرلىكى تەرىپىدىن داۋۇدىيە مەكتىپىگە ئوقۇتقۇچىلىققا تەيىنلەنگەن. كېيىن 1935 – يىلى دىميات مەكتىپىگە، ئاندىن 1936 – يىلى ھەلۋانغا يۆتكەلگەن. 1940 – يىلى مائارىپ مىنىستىرلىكىگە يۆتكىلىپ، باشلانغۇچ مائارىپىنىڭ مۇپەتتىشلىك خىزمىتىنى قىلغان. 1945 – يىلى مىنىستىرلىككە تەۋە مەدەنىيەت باش ئىدارىسىغا يۆتكەلگەن. شۇ يىلى ئۇ تۇنجى ئىسلامچە كىتابى بولغان «‹قۇرئان›دىكى سەنئەتلىك تەسۋىر»نى يېزىپ چىققان ۋە ئەققاد ئەدەبىيات يۆنىلىشىدىن يىراقلاشقان.

ھىجرىيە 1368 – يىلى، مىلادىيە 1948 – يىلى مائارىپ مىنىستىرلىكى تەرىپىدىن ئامېرىكىنىڭ ئوقۇتۇش پىروگراممىلىرى ۋە تۈزۈملىرىنى ئىگىلەپ كېلىشى ئۈچۈن، ئامېرىكىغا ئەۋەتىلگەن. ئۇ يەردە ئىككى يىل تۇرۇپ، 1950 – يىلى 8 – ئاينىڭ 20 – كۈنى، ھىجرىيە 1370 – يىلى مىسىرغا قايتىپ كەلگەن. ئاندىن ئۇ تاكى 1952 – يىلى 10 – ئاينىڭ 18 – كۈنى خىزمىتىدىن ئىستىپا بەرگۈچە مائارىپ مىنىستىرى ئىشخانىسىدا ئىلىم – پەن تەتقىقات ئىشلىرى مۇئاۋىن نازىرى بولۇپ ئىشلىگەن.

ئۇنىڭ ئىسلاھاتقا چاقىرىشى

سەييىد قۇتۇب ياشلىق چاغلىرىدىن تارتىپلا، ژۇرنالچىلىقتا خىزمەت قىلغان بولۇپ، بۇ جەرياندا مىسىرنىڭ «ئەھرام»، «رىسالە» ۋە «مەدەنىيەت» قاتارلىق گېزىت – ژۇرناللىرىدا نەچچە يۈزلىگەن ماقالىلەرنى نەشر قىلغان ۋە «ئەرەب دۇنياسى»، «يېڭىچە ئىدىيە» قاتارلىق ئىككى ژۇرنال چىقارغان. ئاندىن كېيىن ھىجرىيە 1373 – يىلى، مىلادىيە 1953 – يىلى «مۇسۇلمان قېرىنداشلار ھەپتىلىك گېزىتى»نىڭ رەئىسلىكىنى قىلغان. شۇ يىلى ئۇ مۇسۇلمان قېرىنداشلار سېپىگە رەسمىي قېتىلغان بولۇپ، ئۇندىن بۇرۇن ئۇلار بىلەن يېقىن ھەمكارلاشقۇچى بولغانىدى. ئۇ ماقالىلىرىدە مىسىرنىڭ ئىجتىمائىي، سىياسىي ۋە ئىقتىسادىي ھاياتىدىكى چىرىكلىشىش ۋە قايمۇقۇش ھادىسىلىرىگە قارشى تۇرۇپ، بۇ چىرىكلىشىشنىڭ جاۋابكارلىرىنى قاتتىق ئەيىبلىگەن ۋە ئىسلام ئاساسىدا ئىسلاھاتقا چاقىرغان. ئۇ مۇشۇ ۋە ئۇنىڭدىن باشقا ئىشلىرى بىلەن مىسىرنىڭ مەدەنىي، ئىجتىمائىي، سىياسىي ۋە ئىسلاھات ھاياتىدىكى دائىملىق جامائەت ئەربابىغا ئايلانغانىدى. سەييىد قۇتۇب ئىنگلىزلارنى ھەمدە دۆلەت رەئىسلىرى، ئالمىشىپ تۇرۇۋاتقان ھۆكۈمەتلەر، ھەر قايسى پارتىيە رەھبەرلىرى ۋە چوڭ سودىگەرلەردىن ئىبارەت ئىنگلىز غالچىلىرىنى مىسىرنىڭ قالاق قېلىشىدىكى ئاساسلىق ئامىل دەپ قارايتتى.

سەييىد قۇتۇب ئەدەبىيات ۋە ئوبزورچىلىقتا يۇقىرى چوققىغا يەتكەن بولۇپ، ئەدەبىي ئوبزورچىلىقتا يېڭىچە ئوبزور نەزەرىيىسىگە دەۋەت قىلغانىدى. ئۇنىڭغا ئۇ «سۈرەت ۋە كۆلەڭگە نەزەرىيىسى» دەپ ئات قويغان ئىدى. شۇنداقلا يەنە، سەنئەت ئۇسلۇبى، تارىخ ئۇسلۇبى، تىل ئۇسلۇبى ۋە پىسخىكا ئۇسلۇبى قاتارلىقلارنى بىرلەشتۈرۈش ئارقىلىق «ئەدەبىي ئوبزورچىلىقتىكى مۇكەممەل مېتود»قا چاقىرىق قىلغان ئىدى.

ھىجرىيە 1367 – يىلى، مىلادىيە 1947 – يىلى سەييىد قۇتۇب ئىسلامغا تولۇق يۈزلىنىپ، ئىسلامىي ئىسلاھاتچى بولدى. ئاندىن ھازىرقى زامان ئىسلام ئىدېئولوگىيىسىنىڭ ئەڭ كۆزگە كۆرۈنگەن نامايەندىلىرىدىن بىرىگە ئايلاندى. ئۇ ئىسلام تىرىلىشىگە ۋە ھاياتلىقنى ئىسلام ئاساسىدا قايتىدىن باشلاشقا چاقىراتتى. مۇشۇنىڭ ئۈچۈن ئۇ «قۇرئان كەرىم»نى ئۆزىنىڭ «‹قۇرئان›سايىسىدا» ناملىق كاتتا كىتابى ئارقىلىق يېڭىچە شەكىلدە تەپسىرلىدى. ئۇ، بۇ ئارقىلىق تەپسىر ساھەسىدە يېڭىچە يۆنىلىش ھاسىل قىلغان ئىدى. ئۇ يۆنىلىش بولسىمۇ، ھەرىكەت ۋە تەربىيەگە ئائىت پىكىر – مەنىلەر قوشۇلغان «ھەرىكەتلىك تەپسىر يۆنىلىشى»دۇر.

سەييىد قۇتۇب كىشىلەرگە شەرئى ھۆكۈم چىقارغان ئەمەس. كىشىلەرنى كاپىرغا چىقىرىش توغرىسىدا بىر نەرسە دېگەنمۇ ئەمەس. شۇ ۋەجىدىن ئۇنىڭ بۇ تەرەپنى مۇنۇ سۆزى بىلەن تەكىتلىگەنلىكىنى كۆرىمىز: «بىزنىڭ ۋەزىپىمىز ئىنسانلارغا ھۆكۈم چىقىرىش ئەمەس، بەلكى ۋەزىپىمىز ئۇلارغا ‹لا ئىلاھە ئىللەللاھ›نىڭ ھەقىقىتىنى تونۇشتۇرۇشتۇر، چۈنكى كىشىلەر ئۇنىڭ ھەقىقىي تەقەززاسىنى بىلمەيدۇ. ئۇنىڭ تەقەززاسى بولسا ئاللاھنىڭ شەرىئىتىنى ھاكىم قىلىشتۇر».

سەييىد قۇتۇبنىڭ ئەقىدىسى سەلەف – سالىھلارنىڭ ئەقىدىسىدۇر. ئۇنىڭ ئىدىيىسى بۇلغانمىلاردىن خالىي سەلەفلەرچە ئىدىيە بولۇپ، ساپ تەۋھىد تېمىسىنى چۆرىدىگەن ھەمدە «لا ئىلاھە ئىللەللاھ»نىڭ ھەقىقىي مەنىسىنى بايان قىلىش، «قۇرئان» ۋە سۈننەتتە كەلگەن ئىماننىڭ ھەقىقىي ئۆلچەملىرىنى ئوچۇقلاشتۇرۇشقا مەركەزلەشكەن. شۇنداقلا يەنە، يازمىلىرىدا ھاكىمىيەت ۋە سۆيگۈنىڭ يالغۇز ئاللاھقىلا خاس بولۇشى توغرىسىدا كۆپ توختالغان.

سەييىد قۇتۇب يازغان كىتابلىرىدا ھازىرقى زامان جاھىلىيىتىگە قارشى تۇرغان ۋە ئۇنىڭ ماھىيىتىنى ئېچىپ تاشلاپ، ئۇنىڭ يەككە ھالەت ئەمەسلىكىنى بەلكى جەمئىيەتلەشكەن بىر ھالەت ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان. شۇنداقلا، يەر – جاھاننى پىتنە – پاسات قاپلاپ كەتمەسلىكى ئۈچۈن مۇسۇلمان جەمئىيەتنىڭ بۇ جاھىلىيەتكە تاقابىل تۇرۇشىنى تەلەپ قىلغان.

سەييىد قۇتۇب جاھىلىيەت جەمئىيىتىگە مۇنداق تەبىر بەرگەن: «قۇلچىلىقنى يالغۇز ئاللاھقىلا خاس قىلمايدىغان ھەرقانداق جەمئىيەت جاھىلىيەت جەمئىيىتىدۇر. بۇ قۇلچىلىق ئېتىقاد ئېڭىدا، دىنىي پائالىيەتلەردە ۋە قانۇنىي بەلگىلىمىلەردە گەۋدىلىنىدۇ».

شېھىت سەييىد قۇتۇب نۇرغۇنلىغان ئەسەرلەرنى يازغان بولۇپ، ئەسەرلىرىگە ئۇنىڭ ئىلمىي ھاياتىنىڭ دەسلىپىدىكى ئوبزورچىلىق، ئەدەبىيات، شېئىر ۋە قىسسىلەردىن ئىبارەت ئەدەبىي يۆنىلىش غالىب كەلگەن. شۇنىڭدىن كېيىن ئۇ پۈتۈنلەي ئىسلام ئىدېئولوگىيىسىگە ئائىت نەرسە يېزىشقا يۆتكەلگەن. بۇ ئۆزگىرىش ئۇنىڭ ئىزچىل ھاياتى ۋە مۇبارەك ئىش – ئىزلىرىدا زور بۇرۇلۇش ھاسىل قىلغان. ئۇ شام دىيارىدا ئۆتكۈزۈلگەن «قۇدۇس ئىسلام قۇرۇلتىيى»غا كەلگەندە ئۆزىنىڭ ئىسلامچە لېكسىيەلىرى بىلەن كۆپچىلىك ئاممىنىڭ، بولۇپمۇ، ئۇنىۋېرسىتېت ياشلىرىنىڭ كۆڭۈللىرىدە ناھايىتى چوڭ تەسىرلەرنى قالدۇرغان ئىدى. ئۇلار ئۇشبۇ چوڭ ئەدەبىياتشۇناستىكى بۇ ئىسلامىي يۈزلىنىشكە ئالقىش ياڭراتقان ئىدى.

ئۇستاز ئەھمەد ھەسەن سەييىد قۇتۇبنىڭ «دەۋەت فىقھىسى» ناملىق كىتابىغا يازغان مۇقەددىمىسىدە مۇنداق دەيدۇ: «تارىخ سەھىپىسىگە شۇنداق خاتىرىلەندىكى، سەييىد قۇتۇب دەۋەت تۇپرىقىنى ئۆز قېنى بىلەن سۇغىرىپ، ئۆز پىكرى بىلەن ئوزۇقلاندۇردى. ئۇنىڭغا ۋاقتى، نېرۋىلىرى ۋە راھىتىنى سەرپ قىلدى. سەييىد قۇتۇب ئۆلدى، لېكىن ئۇنىڭ ئىزلىرى ئۆلمىدى. ئۇ ئۆزىدىن كېيىن تارىخ بويى ئۆچمەي ساقلىنىدىغان كىتاب – ئەسەرلەرنى قالدۇردى. چۈنكى، ئۇ ئۇشبۇ كىتابلىرىنى ئىككى قېتىم يېزىپ چىقتى: بىر قېتىم دۇنيانىڭ سىياھى بىلەن، يەنە بىر قېتىم شېھىتلىك قېنى بىلەن».

ئۇ مۇشۇ كىتابلىرى ئارقىلىق كىشىلەرنى «قۇرئان»نى تۇنجى چۈشكەن يېپيېڭى يۇمران ھالىتىدە تېتىيالايدىغان دەرىجىدىكى قويۇق «قۇرئان» مۇھىتىغا قايتىدىن يۆتكەشنى كۆزلىگەن ئىدى. ئۇ ئۆزىنىڭ ئەپچىل ئۇسۇلى ۋە سۆز – ھەرپلەرنىڭ ئارقىسىدىكى جەۋھەرلەرنى قېزىشچانلىقى ئارقىلىق، كىشىلەرگە ئېچىلمىغان سىر – مەنىلەرنى ئېچىپ بەردى ھەمدە مۇسۇلمانلارنى «قۇرئان»نىڭ خۇش ھىدىنى پۇراپ جانلىرى راھەت ئالالايدىغان، 20 – ئەسىردىمۇ «قۇرئان»نىڭ سايىسىدا ياشىيالايدىغان ھالەتتىكى قايناق «قۇرئان»ىي كەيپىياتقا باشلىدى. ئۇ ئىنسانلارنىڭ ئۇچرىغان ھازىرقى دەۋر مۈشكۈلاتلىرى ۋە جىددىي مەسىلىلىرى توغرىسىدا توختىلاتتى ھەم توغرا دەپ قارىغان چارىلەرنى ئوتتۇرىغا قوياتتى.

كوممۇنىزم ۋە كاپىتالىزمنىڭ زەھەرلىرىگە قارشى تۇرۇش ئۈچۈن «ئىسلامدىكى ئىجتىمائىي ئادالەت»، «دۇنيا تىنچلىقى ۋە ئىسلام»، «ئىسلام ۋە كاپىتالىزم ئۇرۇشى» قاتارلىق كىتابلارنى، مەدەنىيەت قايمۇقۇشلىرى ۋە خاتالىقلىرىغا قارشى تۇرۇش ئۈچۈن «ئىسلام ۋە مەدەنىيەت مۈشكۈلاتلىرى» ناملىق كىتابىنى، ئازغۇن ئەقىدە – تەسەۋۋۇر يوللىرىغا قارشى تۇرۇش ئۈچۈن، «ئىسلام تەسەۋۋۇرىنىڭ ئالاھىدىلىكلىرى ۋە قۇرۇلمىلىرى»، «بۇ دىن»، «كېلەچەك بۇ دىنغا مەنسۇپ!» قاتارلىق كىتابلارنى، ھەرىكەت نۇقتىسى ۋە قەدەم باسقۇچلىرى ھەققىدە «يول بۇ يەردە» ناملىق كىتابىنى يازغان ئىدى.

ئۇنىڭ مۇھىم ئەسەرلىرى

ئۇنىڭ ئەڭ مۇھىم ئەسەرلىرى تۆۋەندىكىچە:

«في ‏ظلال القرآن»، «هذا الدين»، «المستقبل لهذا الدين»،« ‏خصائص التصور الإسلامي ومقوماته»، «معالم في الطريق»، «التصوير الفني في القرآن»، «مشاهد القيامة في القرآن»، «‏الإسلام ومشكلات الحضارة»،«العدالة الاجتماعية في الإسلام»،« السلام العالمي والإسلام»، «كتب وشخصيات»، «‏أشواك»، «‏النقد العربي ‏أصوله ومناهجه»،«نحو مجتمع إسلامي»، «طفل من القرية»، «‏الأطياف الأربعة»، «مهمة الشاعر في الحياة»، «معركة الإسلام والرأسمالية»، «تفسير آيات الربا»، «تفسير سورة الشورى»، «‏دراسات إسلامية»، «معركتنا مع اليهود»، «‏فى التاريخ فكرة منهاج»، «‏لماذا أعدموني؟» قاتارلىقلار.

ئۇ بۇ كىتابلارنىڭ بەزىسىنى ھاياتىنىڭ ئاخىرىغىچە چىڭ تۇتۇپ ماڭغان ئىسلامىي يۈزلىنىشىگە يول ئېلىشتىن بۇرۇن يازغان بولۇپ، ئۇ كىتابلارنىڭ ھەربىرى ئۇنىڭ ھاياتلىق باسقۇچلىرىدىن بىر باسقۇچقا ۋەكىللىك قىلىدۇ.

مېنىڭ ئۇنىڭ بىلەن تونۇشلۇقۇم

ئۇ ئامېرىكىدىن قايتىپ كەلگەندىن كېيىن 50 – يىللارنىڭ باشلىرىدا ئۇنىڭ بىلەن تونۇشۇپ بەختىيار بولغانىدىم. مەن ئۇنى بىر تۈركۈم يېقىن ساۋاقداشلىرىم بىلەن ھەلۋاندىكى ئۆيىگە يوقلاپ بارغانىدىم. ئۇنىڭ بىلەن ئۇچرىشىشتىن بۇرۇن، بىز ئۇنىڭ 1947 – يىلى نەشر قىلىنغان كىتابى «العدالة الاجتماعية في الإسلام»نى ئوقۇغان ئىدۇق. شۇ ۋاقىتتا بىز ئۇنىڭ ئىسلامغا يۈزلىنىشى توغرۇلۇق ئۇنىڭ بىلەن قىزغىن پاراڭلاشتۇق. ئۇنىڭ ئۆيىدىكى سۆھبەتلەرگە مىسىرلىق قېرىنداشلاردىن سىرت سۇدانلىق، سۈرىيەلىك، ئىراقلىق ۋە ئىئوردانىيەلىك بىر تۈركۈم قېرىنداشلار، بەھرەين، ئەرەب يېرىم ئارىلى ۋە قولتۇق دۆلەتلىرىدىن كەلگەن بىر نەچچە قېرىنداشلار ھازىر بولاتتى. ئۇلار ئىسلام مېتودى بىلەن تەربىيىلىنىپ، ئىلگىرىكى «قۇرئان»چە ياشىغان يېگانە ئەۋلادقا ئوخشاش ئۆزلىرىنى «قۇرئان كەرىم»نىڭ تەلىماتلىرى بويىچە يېتىشتۈرۈپ چىققاندىن كېيىن، ئاۋانگارت مۆمىنلەر سۈپىتىدە جەمئىيەتنى ئۆزگەرتىش كېرەكلىكىنى بىردەك تونۇپ يەتكەن ئىدى.

سەييىد قۇتۇب ئامېرىكا قوشما شتاتلىرىدىكى كىشىلەرنىڭ ئىمام ھەسەن بەننانىڭ ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى ئاڭلىغان چاغلىرىدا، كوچىلارغا چىقىپ ئۇسسۇل ئويناپ ناخشا ئېيتىشقانلىقى ۋە ئۆزئارا تەبرىكلەشكەنلىكىنى، ئۇ نېمىش بولغانلىقىنى سورىغاندا، ئۇنىڭغا: «مىسىردا غەرب ۋە ئامېرىكىنىڭ ئەڭ خەتەرلىك دۈشمىنى ئۆلتۈرۈلدى» دېيىلگەنلىكىنى، ھالبۇكى، ئۇ دۈشمەننىڭ مۇسۇلمان قېرىنداشلارنىڭ باش يېتەكچىسى ھەسەن بەننا ئىكەنلىكىنى سۆزلەپ بەرگەن ئىدى.

سەييىد قۇتۇب ھەسەن بەننانىڭ بۇنچىلىك داغدۇغا قوزغىيالىشىنى يىراق سانىغان. چۈنكى، ئۇ مىسىردىكى چېغىدا ھەسەن بەننانىڭ ئۇنچىلىك يۇقىرى مەرتىۋىسى بارلىقىنى بىلمەيتتى. نەتىجىدە، ئۇ مىسىرغا قايتقاندا چوقۇم ھەسەن بەننا قۇرغان مۇسۇلمان قېرىنداشلار جامائىتى بىلەن ئالاقىلىشىپ، ئۇلار بىلەن ھەمكارلىق ئورنىتىشنى قارار قىلىدۇ. ئاللاھقا شۈكۈرلەركى، ئىش ئۇ قارار قىلغاندەك بولىدۇ.

قېرىندىشىمىز ئىيسا ئال خەلىپە ۋە ئۇنىڭ بەھرەينلىك قېرىنداشلىرى، قېرىندىشىمز مۇھەممەد مەدەنىي ۋە ئۇنىڭ سۇدانلىق قېرىنداشلىرى ھەلۋاندا تۇرىدىغانلىقى ئۈچۈن، سەييىد قۇتۇبنى كۆپ زىيارەت قىلاتتى. بىز بولساق ئۇنىڭدىن يىراقراق بولغاچقا، ئۇنى گاھى – گاھى زىيارەت قىلاتتۇق. لېكىن، بىز ئۇنىڭ ئىسلامغا يۈزلەنگەن ئاخىرقى كىتابلىرىنى ئوقۇشقا ئامراق ئىدۇق. مەن تولۇق ئوتتۇرىدا ئوقۇۋاتقان چېغىمدا، سەييىد قۇتۇب (ئەدەبىياتتا) «ئەققاد يۆنىلىشى»گە تەۋە بولغاچقا، ئۇنىڭغا قىزىقمايتتىم، بەلكى «رافىئىي يۆنىلىشى»گە قىزىقاتتىم. مىسىرغا كېلىپ، ئۇنىڭ «يېڭى پىكىر» ژۇرنىلىدىكى يازمىلىرىنى ھەمدە «دەۋەت» ژۇرنىلىدا ھەسەن بەننا ۋە مۇسۇلمان قېرىنداشلار توغرىسىدىكى ماقالىلىرىنى ئوقۇغىنىمدىن كېيىن، شۇنداقلا ئۇنىڭ ئۆيىدىكى سۆھبەتلەرگە ھازىر بولۇپ، ھەم ئۇنىڭ مۇسۇلمان ياشلار جەمئىيىتىدە سۆزلىگەن فرانسىيەگە قارشى قالتىس لېكسىيەلىرى، شىمالىي ئافرىقىدىكى مۇسۇلمان قېرىنداشلىرىمىزغا ياردەم بېرىش ئۈچۈن فرانسىيەگە ئائىت ئۇنۋان ۋە دىپلۇملارنى چۆرۈپ تاشلاش چاقىرىقلىرىنى ئاڭلىغىنىمدىن كېيىن ھەم تۇل ئاياللار دولقۇنى ھەققىدىكى ماقالىلىرىنى ئوقۇپ چىققىنىمدىن كېيىن، ئۇنىڭ يازغان ھەربىر ماقالىلىرىنى ياكى نەشر قىلغان كىتابلىرىنى زوق ۋە ئىشتىياق بىلەن ئوقۇشقا يۈزلەندىم. كېيىن ئۇ «مۇسۇلمان قېرىنداشلار» قاتارىغا قوشۇلۇپ، تەشكىلاتنىڭ مەدەنىيەت ۋە دەۋەت ئىشلىرىغا ئىگە بولغان ھەم «مۇسۇلمان قېرىنداشلار گېزىتى»نىڭ باش مۇھەررىرى بولغان چاغدا، ئۇنىڭ بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىمىز تېخىمۇ كۈچىيىپ چوڭقۇرلاشتى.

ئامېرىكىچە ئىسلام

شېھىت سەييىد قۇتۇب ئېيتىدۇ:

ئامېرىكىلىقلار ۋە ئۇلارنىڭ ئىتتىپاقداشلىرى ئوتتۇرا شەرقتە مۇستەملىكىگە قارشى تۇرىدىغان ئىسلامنى خالىمايدۇ، زۇلۇمغا قارشى تۇرىدىغان ئىسلامنى خالىمايدۇ، بەلكى ئۇلارنىڭ خالايدىغىنى كوممۇنىزمغا قارشى تۇرىدىغان ئىسلامدۇر.

ئۇلار ئىسلامنىڭ ھاكىم بولۇشىنى خالىمايدۇ. ئۇلار ئامېرىكىچە ئىسلامنى خالايدۇ. ئۇلار مۇسۇلمانلارنىڭ سىياسىي، ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي ۋەزىيىتى توغرىسىدا پەتىۋا سورالمايدىغان، بەلكى تاھارەتنى سۇندۇرىدىغان ئاددىي ئىشلار ھەققىدە پەتىۋا سورىلىدىغان ئىسلامنى خالايدۇ. نېمىدېگەن كۈلكىلىك ۋە نېمىدېگەن پاجىئەلىك!

ئۆزىنىڭ پۈتۈن قۇلچىلىقىنى يالغۇز ئاللاھقىلا خاس قىلىدىغان، ئاللاھتىن بۆلەككە قۇللۇق بىلدۈرمەيدىغان، جىمى ھاياتىنى شۇ خالىس قۇلچىلىق ئاساسىدا تۈزۈپ چىقىدىغان بىر توپ كىشىلەر پەيدا بولمىغۇچە بۇ جەمئىيەت تىرىلمەيدۇ.

قوزغىلاڭغا قارشى پىكىردە بولۇش

ئابدۇناسىر رەئىس مۇھەممەد نەجىبكە قارشى ھەربىي ئىسيان قوزغاپ ھاكىمىيەتنى تارتىۋېلىپ، كېڭەشلىك تۈزۈمنى دىكتاتورىلىق تۈزۈمگە ئۆزگەرتىپ، قانۇن خادىملىرى، دەۋەتچىلەر، مۇتەپەككۇرلار ۋە ئالىملارغا زۇلۇم قىلغاندىن كېيىن، سەييىد قۇتۇب بۇ مىسىر ئىسيانچىلىرىغا قارشى چىققانىدى. نەتىجىدە، ئۇمۇ 1954 – يىلىنىڭ بېشىدا تۇنجى قېتىم قاماققا ئېلىنىپ، قاماقخانىدا مۇسۇلمان قېرىنداشلارنىڭ رەھبەرلىرى بىلەن بىرگە ئىككى ئاي تۇردى. ئاندىن 1954 – يىلى 10 – ئاينىڭ 26 – كۈنى ئابدۇناسىر مۇسۇلمان قېرىنداشلارنى ئۆزىگە سۇيىقەست پىلانلىغان دەپ قارىلىغان «مەنشىيە ۋەقەسى» دراممىسىدىن كېيىن يەنە بىر قېتىم قولغا ئېلىنىپ، شۇ يىلى 11 – ئاينىڭ 22 – كۈنى سوتقا تارتىلدى. سوت جامال سالىمنىڭ رەئىسلىكىدە، ئەنۋەر سادات ۋە ھۇسەين شافىئىينىڭ ئەزالىقىدا ئېلىپ بېرىلدى. شۇنىڭ بىلەن سوت ئۇنىڭغا 15 يىللىق قاماق جازاسى پىچتى. كېيىن ئىراق رەئىسى ئابدۇسالام ئارىفنىڭ ئارىلىشىشى ھەم ئۇنىڭ سالامەتلىكىنىڭ ناچارلىشىپ كېتىشى قاتارلىق سەۋەبلەر بىلەن 1964 – يىلى قاماقتىن بوشىتىلدى.

1965 – يىلى موسكىۋانى زىيارەت قىلىۋاتقان ئابدۇناسىر موسكىۋادا تۇرۇپ، سەييىد قۇتۇب باشچىلىقىدا مۇسۇلمان قېرىنداشلارنىڭ ئۆزىنى ئۆلتۈرۈش ۋە ھاكىمىيەتنى ئاغدۇرۇش ئۈچۈن تۈزگەن پىلانلىرىنىڭ ئاشكارىلانغانلىقىنى ئېلان قىلدى. شۇنىڭ بىلەن سەييىد قۇتۇب 1965 – يىلى 8 – ئاينىڭ 9 – كۈنى ئۈچىنچى قېتىم قولغا ئېلىندى. شۇ يىلى 12 – ئاينىڭ 19 – كۈنى ھەربىي سوتتا ئۇنىڭغا قارىتا ئۈچ كۈن تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىلدى. ئۇ 1966 – يىلى 4 – ئاينىڭ 12 – كۈنى فۇئاد دەجۋانىڭ باشچىلىقىدىكى بىر سوتنىڭ ئالدىدا سوتلىنىشقا باشلاپ، شۇ يىلى 8 – ئاينىڭ 21 – كۈنى ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلىندى. ئارقىدىنلا، ئابدۇناسىردىن سەييىد قۇتۇبقا ئۆلۈم ھۆكمىنى ئىجرا قىلماسلىقنى تەلەپ قىلىپ ئەرەب – ئىسلام دۇنياسىنىڭ ھەر ياقىلىرىدىن نۇرغۇن تېلېگراممىلار كەلدى.

ھۆكۈم ئېلان قىلىنىپ بىر ھەپتىدىن كېيىن يەنى، 8 – ئاينىڭ 28 – كۈنى شېھىت پادىشاھ فەيسەل ئىبنى ئابدۇلئەزىز ئال سۇئۇد سەييىد قۇتۇبقا ئۆلۈم جازاسىنى ئىجرا قىلماسلىقنى ئۈمىد قىلىپ، ئابدۇناسىرغا تېلېگرامما يوللىغانىدى. سامى شەرەف تېلېگراممىنى شۇ ئاخشىمى ئابدۇناسىرغا يەتكۈزگەن بولۇپ، ئابدۇناسىر: «ئۇنىڭغا ئۆلۈم جازاسىنى ئەتە سەھەردىلا ئىجرا قىلىڭلار، بۇ تېلېگراممىنى ماڭا جازا ئىجرا قىلىنىپ بولغاندىن كېيىن كۆرسەت» دېگەنىدى. ئاندىن ئابدۇناسىر تېلېگراممىنىڭ جازا ئىجرا قىلىنىپ بولغاندىن كېيىن كەلگەنلىكىنى ئېيتىپ، پادىشاھقا ئۆزرە تېلېگراممىسى يوللىغان ئىدى.

ھۆكۈم ھىجرىيە 1386 – يىلى 5 – ئاينىڭ 13 – كۈنى، مىلادىيە 1966 – يىلى 8 – ئاينىڭ 29 – كۈنى تاڭ ئېتىشتىن بۇرۇن ئىجرا قىلىندى.

ئۆلۈم جازاسى ئىجرا قىلىنغان كۈنى شەيخ مەۋدۇدى

مەۋدۇدىنىڭ كاتىپى شەيخ خەلىل ئەھمەد ھامىدى مۇنداق رىۋايەت قىلىدۇ: شېھىت سەييىد قۇتۇبقا ئۆلۈم جازاسى ئىجرا قىلىنغان كۈنى ئەتىگەندە مەۋدۇدىنىڭ ئىشخانىسىغا كىرگەنىدۇق. شۇ كۈنى سەييىد قۇتۇبنىڭ ئۆلۈم خەۋىرىنى پاكىستان ئاخباراتلىرى گېزىت – ژۇرناللارنىڭ بىرىنچى بېتىگە چىقارغان ئىدى. شۇ چاغدا جامائەت ئەمىرى مەۋدۇدى مۇنداق بىر گەپنى سۆزلەپ بەرگەن: «تۇيۇقسىز، راستتىنلا كانىيىم بوغۇلغانلىقىنى ھېس قىلدىم، لېكىن بۇنىڭ سەۋەبىنى تاپالمىدىم. كېيىن خەۋەرلەردىن كانىيىم بوغۇلغان مىنۇتنىڭ سەييىد قۇتۇب دارغا ئېسىلغان مىنۇتنىڭ دەل ئۆزى ئىكەنلىكىنى بىلىپ يەتتىم».

شەيخ خەلىل ھامىدى سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ ئېيتىدۇ: 1966 – يىلى ئۇستاز مەۋدۇدى مەككە مۇكەررەمەدىكى شىبرا مېھمانخانىسىدا تۇرغىنىدا، ئۇنىڭ قېشىغا مۇسۇلمان بىر ئەرەب ياش كىرىپ، ئۇنىڭغا سەييىد قۇتۇبنىڭ «يول بۇ يەردە» ناملىق كىتابىنى بەردى. شۇنىڭ بىلەن ئۇستاز مەۋدۇدى ئۇنى بىر كېچىدىلا ئوقۇپ بولدى، ئەتىگىنى: «گويا بۇ كىتابنى مەن ئۆزۈم يازغاندەكلا ھېس قىلدىم» دېدى ۋە ئۆزى بىلەن سەييىد قۇتۇب ئارىسىدىكى بۇ پىكرىي يېقىنلىقتىن ھەيران قالغانلىقىنى بىلدۈردى. ئاندىن گېپىنى مۇنداق تاماملىدى: «ھەيران قالارلىقى يوق، چۈنكى ئۇنىڭ پىكىر مەنبەسى بىلەن مېنىڭ پىكىر مەنبەيىم بىر. ئۇ بولسىمۇ، ئاللاھنىڭ كىتابى ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرىنىڭ سۈننىتىدۇر».

شېھىت سەييىد قۇتۇب ئېيتىدۇ: «نامازدا ئاللاھنىڭ يەككە – يېگانىلىكىگە گۇۋاھلىق بېرىدىغان بارماقلىرىم بىلەن زالىم ھۆكۈمراننى رازى قىلىدىغان بىر ئېغىز سۆزنىمۇ يازمايمەن. ئەگەر ھەق قامالغان بولسام، مەن ھەقنىڭ ھۆكمىگە رازى، ئەگەر ناھەق قامالغان بولسام، مەن ناھەقتىن رەھىم تىلەشتىن بۈيۈكمەن».

دوكتور ئەھمەد ئابدۇلھەمىد غۇراب مۇنداق دەيدۇ: «بىز شېھىت سەييىد قۇتۇبنى ۋە باشقا مۇسۇلمان ئالىم، دەۋەتچىلەرنى مەسۇم دەپ دەۋا قىلمايمىز. مەسۇم پەيغەمبىرىمىزدىن باشقا ھەركىمنىڭ سۆزى يا قوبۇل قىلىنىدۇ، يا رەت قىلىنىدۇ. بىز شېھىت سەييىد قۇتۇبنى مۇقەددەسلىككە كۆتۈرمەيمىز، لېكىن ئۇنى قەدىرلەيمىز ۋە ئۇنىڭغا تېگىشلىك ھەققىنى بېرىمىز، ئۇنىڭغا يولسىزلىق قىلمايمىز ۋە ئەيىبلىمەيمىز. خىزمەتكار ئالىملىرى ۋە مۇجاھىد شېھىتلىرىنىڭ ھەققىنى بىلمەيدىغان مىللەتتىنمۇ ۋەيرانە مىللەت بولماس. ھالبۇكى، ئاللاھ تائالا ئۇلار ھەققىدە مۇنداق دېگەن: ﴿ئاللاھ يولىدا ئۆلتۈرۈلگەنلەرنىڭ ئەمەللىرىنى ئاللاھ ھەرگىزمۇ بىكار قىلىۋەتمەيدۇ﴾([1]).

شېھىت سەييىد قۇتۇبنىڭ ئۆلتۈرۈلۈشى قاتتىق ئەلەملىك بىر ھادىسە بولغان ئىدىكى، بۇ ھادىسە ئەرەب ۋە ئىسلام دۇنياسىنى تەۋرىتىپ، ئالىملار، دەۋەتچىلەر ۋە كۆپلىگەن ئىسلام خەلقلىرىنى قوزغىۋەتكەن ئىدى. لېكىن، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئۇ ھادىسە ئىسلامنىڭ دۈشمەنلىرى بولغان يەھۇدىيلار، ئەھلىسەلىپ، دىنسىزلار ۋە كوممۇنىستلارنى ئىچ – ئىچىدىن خۇش قىلغان ئىدى.

مۇسۇلمانلار بۇ قەبىھ جىنايەتنى ئەيىبلەپ، شەرق ۋە غەربنىڭ كۆپلىگەن جايلىرىدا ئۇنىڭغا غائىب نامىزى ئوقۇغانىدى. ئەرەبچە ۋە باشقا تىللاردىكى كۆپلىگەن ئىسلامچە گېزىت – ژۇرناللار شېھىت سەييىد قۇتۇب ۋە ئۇنىڭ قېرىنداشلىرى توغرىسىدا مەخسۇس سانلارنى ئاجراتقان ئىدى. نۇرغۇن ئالىم – دەۋەتچىلەر جىنايەتچىلەرگە قارغىش ياغدۇرغان بولۇپ، نەتىجىدە، بىر نەچچە ئاي ئۆتمەيلا، 1967 – يىلى بىر بالا – قازا يۈز بېرىپ ئابدۇناسىر ئېغىر مەغلۇپ بولدى. ماراكەش رەھبىرى ئەللال فاسىي مۇنداق دەپ يازغان ۋە جاكارلىغان ئىدى: «سەييىد قۇتۇبنىڭ قاتىلى رەھبەرلىك قىلغان ھېچبىر ئۇرۇشقا ئاللاھ ياردەم بەرمەيدۇ!».

زالىملار دەۋەتچىلەرنى ئۆلتۈرسەك ئىسلامنى يوق قىلالايمىز، دەپ ئويلاپ قالغانىدى. لېكىن، ئاللاھ بۇنىڭ ئەكسىنى خالىدى. نەتىجىدە، سەييىد قۇتۇبنىڭ ئەسەرلىرى دۇنيانىڭ بۇلۇڭ – پۇچقاقلىرىغىچە كەڭ تارقالدى. كىتابلىرى نۇرغۇن قېتىملاپ بېسىلدى ۋە نۇرغۇن تىللارغا تەرجىمە قىلىندى. ئالەمدە ھېچبىر جاي قالماي، شېھىت سەييىد قۇتۇبنى ۋە ئۇنىڭ پىكىرلىرىنى ھەمدە نېمە ئۈچۈن ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى، بۇنىڭ ئارقىسىدا كىمنىڭ بارلىقى، كىمنىڭ مەنپەئەتى ئۈچۈن ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى بىلىپ يەتتى.

يازغۇچىلار، مۇئەللىپلەر، شائىر ۋە ئوبزورچىلار سەييىد قۇتۇبنىڭ ئىدىيىسىنى تونۇشتۇرۇشقا، ئۇنىڭ تەرجىمىھالى ۋە ئىش – ئىزلىرىنى بايان قىلىشقا ئاتلاندى. ھەرخىل تىللاردا ئۇنىڭ ئۆزى ۋە ئۇنىڭ پىكىر – ئىدىيىسى، ئەسەرلىرى توغرىسىدا يۈزلىگەن ئەسەرلەر نەشر قىلىندى، نەچچە ئونلىغان تەتقىقاتلار يېزىلدى، نەچچە ئونلىغان دوكتورلۇق، ماگىستىرلىق رىسالىلەر ۋە ئاكادېمىك تەتقىقاتلار سۇنۇلدى. نەشرىياتلار ئۇنىڭ كىتابلىرىنى بېسىشتا بەسلىشىدىغان بولۇپ كەتكەن ئىدى. ئۇنىڭ «‹قۇرئان›سايىسىدا» ناملىق كىتابى ھەممە كىتاب يەرمەنكىلىرىدە ئەڭ بازار تاپقان كىتاب بولۇپ، ئومۇم كىشىلەر بولۇپمۇ، مۇسۇلمان ياشلار بۇ شېرىن بۇلاقتىن، بۇ زىلال سۇدىن ئىچىشكە يۈزلەنگەن ئىدى.

ھۆرمەتلىك قېرىندىشىمىز دوكتور سالاھ ئابدۇلفەتتاھ خالىدىي سەييىد قۇتۇب ۋە ئۇنىڭ پىكرىي مىراسلىرى توغرىسىدا ئەڭ كۆپ قەلەم تەۋرەتكەن شاگىرتلىرىدىن بىرى بولۇشى مۇمكىن.

ئەللامە دوكتور يۈسۈف قەرەداۋى گەرچە شېھىت ئەدىب سەييىد قۇتۇبنىڭ بەزى قاراشلىرىغا قوشۇلمايدىغان بولسىمۇ، ئۇنىڭ تۆھپىسىنى، ئىسلام ھەرىكىتى ۋە ئىسلام ئىدېئولوگىيىسىگە كۆرسەتكەن تەسىرىنى تىلغا ئېلىپ مۇنداق دەيدۇ: «سەييىد قۇتۇب ئاللاھ يولىدا نۇرغۇن ئەزىيەت تارتقان بولسىمۇ قەتئىي روھسىزلانمىغان، بوشاشمىغان ۋە باش ئەگمىگەن، ئۆزىنىڭ ئىدىيىسى ئۈچۈن جېنىنى پىدا قىلغان بەردەم ئەركەكتۇر، پاساھەتلىك قەلەم ۋە يۈكسەك ئەدەبىيات ساھىبىدۇر، ئەركىن پەرۋاز قىلغۇچى روھ ۋە يورۇق بايان ئىگىسىدۇر، روشەن مېتود ۋە جۇشقۇن پىكىر سەردارىدۇر، ئىسلام دۇنياسىنىڭ شەرق ۋە غەرب تىللىرىدا تارقالغان ‹سەنئەتلىك تەسۋىر›، ‹ئادالەت›، ‹قۇرئان سايىسىدا›، ‹يول بۇ يەردە› قاتارلىق كىتابلارنىڭ ئاپتورىدۇر، چوڭ ئەدىب ۋە شېھىت دەۋەتچىدۇر».

يەنە مۇنداق دېگەن: «سىز مەندىن: ‹سەييىد قۇتۇب كىم؟› دەپ سورىسىڭىز، مەن شۇنداق جاۋاب بېرىمەنكى، سەييىد قۇتۇب ھەقىقەتەن ئۈممىتىمىز ئىچىدىكى ئەڭ بۈيۈك ئەركەكلەرنىڭ بىرىدۇر. ئەگەر بىز بۈيۈكلۈكنى ئاللاھ يولىدىكى بېغىشلاش ۋە قۇربانلىق بېرىش ئارقىلىق ئۆلچىسەك، ئۇ بىر بۈيۈك مۇسۇلماندۇر. ئەگەر بۈيۈكلۈكنى دەۋەت ۋە ھەرىكەتتىكى تەسىرچانلىق كۈچى بىلەن ئۆلچىسەك، ئۇ بىر بۈيۈك دەۋەتچىدۇر. ئەگەر بۈيۈكلۈكنى پىكىر مۇستەقىللىقى ۋە ئىلىم چوڭقۇرلۇقى مىقدارى بىلەن ئۆلچىسەك، ئۇ بىر ئالىم ۋە بۈيۈك مۇتەپەككۇردۇر. ئەگەر بىز بۈيۈكلۈكنى ئەدەبىيات ۋە ئەدەبىي ئوبزورچىلىقتىكى ئىجادچانلىق ئۆلچىمى بىلەن ئۆلچىسەك، ئۇ بىر بۈيۈك ئەدىبدۇر».

سەئۇدىيلىق ئۇستاز ئىبراھىم ئىبنى ئابدۇررەھمان بەلھى سەييىد قۇتۇب ھەققىدە «سەييىد قۇتۇب ۋە ئۇنىڭ ئەدەبىي – پىكرىي مىراسلىرى» نامىدا مەخسۇس بىر تەتقىقات ئەسىرىنى يېزىپ چىققان ئىدى.

شۇنداقلا يەنە، مۆتىۋەر ئۇستازلاردىن: يۈسۈف ئەزەم، ئابدۇللاھ ئەززام، مۇھەممەد ئەلى قۇتۇب، ئەھمەد ئابدۇلغاففار ئەتتار، ئەبۇلھەسەن نەدۋى، مۇھەممەد ھۇسنى، ئەھمەد ھەسەن فەرھات، ئەھمەد فائىز، سالىم بەھنەساۋى قاتارلىقلار شېھىت سەييىد قۇتۇبنىڭ مىراسلىرىنى تونۇتۇشتا كۆپ ھەسسە قوشقان ئىدى. مانا بۇلار ئۇنىڭ ئۈستىمىزدىكى بىر قىسىم ھەقلىرىدۇر.

ئىنساپلىق پوزىتسىيەلەر

بىز ئابدۇلئەزىز بىن باز، ئابدۇللاھ جىبرىن، بەكىر ئەبۇ زەيد، ئابدۇررەھمان دۇسرى قاتارلىق ماشايىخلارنىڭ سەييىد قۇتۇبقا تۇتقان ئىنساپلىق پوزىتسىيەلىرىنى ھەرگىزمۇ ئۇنۇتمايمىز. ئاللاھ ھەممىسىگە كۆپ ياخشىلىق ئاتا قىلسۇن!

سەييىد قۇتۇب مۇنداق دېگەن ئىدى:

مۇسۇلمان قېرىنداشلارنىڭ دەۋىتى تەئەسسۇپلۇقتىن خالىي دەۋەتتۇر. ئۇنىڭغا قارشى تۇرىدىغانلار بولسا مۇتەئەسسىپلەردۇر ياكى نېمە دەۋاتقانلىقىنى ئۇقمايدىغان جاھىللاردۇر.

ھەسەن بەننانىڭ ئەڭ چوڭ ماھىيىتى بولسا قۇرۇشتۇر، پۇختا قۇرۇشتۇر، بەلكى ئۆزگىچە قالتىس قۇرۇشتۇر.

مەن ئىسلام ئەقىدىسىنى دەۋەتچىلەردىن كۆپ تونۇدۇم، لېكىن ئۇلارنىڭ چاقىرىقى قۇرۇش خاراكتېرلىك ئەمەس. ھەرقانداق بىر دەۋەتچى قۇرغۇچى بولالمايدۇ. ھەرقانداق بىر قۇرغۇچى «مۇسۇلمان قېرىنداشلار»دىن ئىبارەت بۇ زور قۇرۇلۇشتا تەجەللى تاپقان كاتتا تالانتقا ئىگە بولالمايدۇ. «مۇسۇلمان قېرىنداشلار» بولسا، جامائەتلەرنى قۇرۇپ چىقىشتىكى ئۇشبۇ زور تالانتنىڭ تەجەللىسىدۇر. ھەسەن بەننا رەببىنىڭ ھۇزۇرىغا كەتتى، ئۇ ھەقىقەتەنمۇ قۇرۇلۇشنىڭ ئۇللىرىنى مۇكەممەل قىلغانىدى. ئۇ كەتتى، ئۇنىڭ خالىغىنى بويىچە بولغان شېھىتلىكى قۇرۇلۇش خىزمەتلىرىدىن ھېسابلىنىدىغان يېڭى بىر خىزمەتتۇر، ئۇلنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش ۋە تاملارنى مەزمۇت قىلىش خىزمىتىدۇر. مەرھۇم شېھىتنىڭ مىڭ بىر خۇتبىسىمۇ، مىڭ رىسالىسىمۇ، قېرىنداشلارنىڭ كۆڭلىدىكى دەۋەتنىڭ ئوتىنى ئۇنىڭ تۆكۈلگەن پاك قان تامچىلىرى يالقۇنجاتقاندەك يالقۇنجىتالماس ئىدى.

بىزنىڭ سۆزلىرىمىز شامقونچاق بولۇپ تۇرىدۇ، قاچانكى، بىز ئۇنىڭ يولىدا ئۆلسەك ئۇنىڭغا جان كىرىدۇ ۋە ئۇنىڭغا ھاياتلىق پۈتۈلىدۇ.

ئېغىزلاردا تۇغۇلۇپ تىللار بىلەن ئېتىلغان، تىرىك ئىلاھىي بۇلاققا تۇتاشمىغان سۆزلەر ئۆلۈك تۇغۇلىدۇ.

بۇ «قۇرئان» ئۆزى بىلەن بىرگە جەڭگاھلارغا كىرگەن ۋە ئۆزى بىلەن بىرگە زور كۈرەش قىلغانلاردىن باشقىسىغا سىرىنى بەرمەيدۇ.

سەييىد قۇتۇب ئۆزىنىڭ ئويغاق يۈرىكى ۋە غۇرۇر – ۋىجدانىنى ئىپادىلەيدىغان، ئىسلام شېئىرىيىتىنىڭ بىر نامايەندىسى سانىلىدىغان تۆۋەندىكى قالتىس شېئىرىنى تۈرمىدىكى چېغىدا يېزىپ چىققان ئىدى.

سەن ئازادسەن توساقلار ئارا،

سەن ئازادسەن كىشەنلەر ئارا.

گەر تېۋىنساڭ بۈيۈك ئاللاھقا،

ساق قالىسەن مىكىرلەر ئارا.

تەڭرىم تاللىدى بىزنى دەۋەتكە،

قايتمايلى بۇ يولدىن تا ئەبەتكە.

شېھىت كەتكەنلەر بىزنىڭ دوستىمىز،

قالغانلار سادىق ۋەزىپىسىگە.

دوستۇم چېكىنمە، داۋاملىك ئالغا!

يولۇڭ تولغان قىزىل قانلارغا.

قارىماي ئۇياق ـ بۇياقلارغا،

تېۋىن پەقەت بۈيۈك ئاللاھقا ([2]).

 

مەنبە: ئابدۇللاھ ئەقىيل سۇلايمان ئەقىيلنىڭ «من أعلام الدعوة والحركة الإسلامية المعاصرة» ناملىق كىتابى.

تەرجىمىدە: قاراخانىي
—————————–
([1]) «مۇھەممەد» سۈرىسى، 4 – ئايەت.
([2]) شېئىرنى ئۇيغۇرچىلاشتۇرغۇچى: مەھزۇن.

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز