مەغرىب قەھرىمانى _ ئەمىر مۇھەممەد ئىبنى ئابدۇلكەرىم خەتتابى

(ھىجرىيە 1301 – 1382 / مىلادىيە 1883 – 1963)

 

«ئى ئەمىر! مەن قاھىرەگە مەخسۇس سەندىن تەلىم ئېلىش ئۈچۈن كەلدىم».

 _ سوتسىيالىزم ئىنقىلابچىسى چې گۇئېۋارا (1960 – يىل)

 

«بۇ كىشى ئۆز نامى بىلەن ئاسىيا، ئافرىقا ۋە ھىندىستان خەلقلىرىگە چاقىرىق قىلىپ، ئۇلارنىڭ ماختىشىغا ئېرىشمەكتە. بۇ كىشى ‏ئىسلام نامى بىلەن ئۇرۇش قىلىپ، ئىسلام خەلىپىلىكى ۋە مۇسۇلمانلارنىڭ ھۆكۈمرانلىقىنى قايتا ئەسلىگە كەلتۈرمەكچى. ئۇ ئېنىقلا ياۋروپا دۆلەتلىرىگە نىسبەتەن زور خەتەردۇر».

_ ئەنگىلىيە ئاۋام پالاتا ئەزاسى سىركورتى (1921 – يىل)

 

«ئالدىمدىكى بىر ئاكوپتا تۇرغان ئابدۇلكەرىمنىڭ قېشىغا كىردىم، ۋەھالەنكى، ئىسپانىيە ۋە فرانسىيە ئايروپىلانلىرى شۇ رايوننى كەڭ كۆلەملىك بومباردىمان قىلىۋاتاتتى. مەن ئۇنىڭ مەغرۇرانە تەبەسسۇم قىلغان ھالدا، دۈشمەن ئايروپىلانلىرىغا توپ ئوقلىرى بىلەن زەربە بېرىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ، بۇ يېگانە ئىنسانىي كۆرۈنۈشتىن ھەيران قالدىم».

_ ئامېرىكا مۇخبىرى فانىسىن شون (1926 – يىل)

 

ئەرەب ئەللىرى ئىتتىپاقىنىڭ تۇنجى باش كاتىپى ئابدۇررەھمان ئەززام پاشا 1947 – يىلى يەمەندىكى پەلەستىنلىك، ئىراقلىق ۋە يەمەنلىك بىر بۆلۈك مۇجاھىدلاردىن ‏كەلگەن بىر مەخپىي تېلېگراممىنى ئوقۇۋېتىپ كۆزلىرىگە ئىشەنمەيلا قالدى.

«ئىنتايىن مەخپىي، جىددىي تېلېگرامما… ‏بۈگۈن زەنجىر – كىشەنلىك بىر بوۋاي ئەسىرنى توشۇغان بىر پاراخوت ئەدنان پورتىدا توختىدى. قارىماققا ئۇ ياشانغان كىشى يىگىرمە يىللاردىن بېرى ئىز – دېرىكى بولماي كەلگەن ھېلىقى قەھرىمان ئىسلام باھادىرىغا ئوخشايدىكەن. پاراخوت ھازىر فرانسىيە تەرەپكە قاراپ يول ئالدى، ئەتە مىسىر بورسەئىد پورتىدىن ئۆتىدۇ، شۇڭا، ئاگاھ بولغايسىلەر!».

ئابدۇررەھمان ئەززام پاشا بۇ تېلېگراممىنى ئوقۇپ بولۇپلا، دەرھال ئۆزىگە يېتىپ كەلگەن بۇ جىددىي تېلېگرامما توغرىسىدا مەسلىھەتلىشىش ئۈچۈن، پادىشاھ فارۇق بىلەن جىددىي ئۇچرىشىشنى تەلەپ قىلدى. ئابدۇررەھمان ئەززام پاشا بىلەن پادىشاھ فارۇق شاھسارايدا ئۆزئارا كېڭەش ئېلىپ بېرىشتى. ئازغىنە ۋاقىت ئۆتە – ئۆتمەيلا، پادىشاھ سۇۋەيش قانىلىدىكى مىسىر ساقچىلىرىغا ئاشۇ پاراخوتنىڭ يولىنى توسۇشنى ۋە ئۇ كىشنىڭ سالاھىيىتىنى ئېنىقلاپ كۆرۈش ئۈچۈن، شاھسارايغا ئېلىپ كېلىشى توغرىسىدا قارار يوللىدى. شۇندىن كېيىن 24 سائەتكە يەتمىگەن ۋاقىت ئىچىدە مىسىر ساقچىلىرى پادىشاھ ھوزۇرىغا ساقاللىرى ئاپئاق ئاقارغان بىر مويسىپىت كىشىنى ئېلىپ كېلىشتى. بۇ مويسىپىت كىشى ئاستا بولسىمۇ سابىت قەدەملەر بىلەن مېڭىۋاتاتتى، ئۇنىڭ ئولتۇرۇشۇپ كەتكەن يۈزلىرى ئارىسىدىن ھېچكىشىگە پىنھان بولمىغان ئۇلۇغلۇق ۋە بۈيۈكلۈكنىڭ سىمالىرى كۆرۈنۈپ تۇراتتى. مويسىپىت كىشى ئاددىيغىنە، ئاپئاق كىيىم كىيىۋالغانىدى، ئۇنىڭ ياداڭغۇراپ كەتكەن قول – پۇتلىرىدىن كويزا – كىشەنلەرنىڭ ئىزنالىرى خۇددى تېرىلىرىگە ئورناپ قۇيۇلۇپ كەتكەندەك نامايان بولۇپ تۇراتتى. مويسىپىت كىشى پادىشاھ فارۇقنىڭ ھۇزۇرىغا كەلتۈرۈلگەن چاغدا، پادىشاھ ئۇنىڭدىن ئۇنىڭ سالاھىيىتىنى سورىۋىدى، ئۇ بېشىنى كۆتۈرۈپ، پادىشاھقا خۇددى يارىلانغان ئوۋ بۈركۈتلىرىدەك ئۆتكۈر كۆزلىرى بىلەن قارىدى – دە، ئاندىن تولۇق ئىشەنچ ۋە مەغرۇرانە قىياپەتتە: «مەن ئەمىر مۇھەممەد ئىبنى ئابدۇلكەرىم خەتتابى بولىمەن» دېدى.

بىز ئەمدى بىرئاز ئىلگىرىكى تارىخقا قايتىپ، قاھىرەنىڭ غەربىگە، كونكرېتراق قىلىپ ئېيتقىنىمىزدا، ھىجرىيە 1301 – يىلى، مىلادىيە 1883 – يىلدىكى مەغرىب يېزا – قىشلاقلىرىدىن ئاغادىر يېزىسىغا يۆتكىلىپ باقايلى. شۇ يەردىكى ئامازون – بەربەر قەبىلىلىرىدىن بولغان بىر قەبىلىنىڭ ئاقساقىلى شەيخ ئابدۇلكەرىم خەتتابى ئاللاھنىڭ ئىلتىپاتى بىلەن بىر پەرزەنت كۆرۈش شەرىپىگە نائىل بولۇپ، پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ نام شەرىپىنى سېغىنىش ۋە سۆيۈنچ يۈزىسىدىن، پەرزەنتىنىڭ ئىسمىنى «مۇھەممەد» قويدى ۋە پەرزەنتىنى گۆدەك چاغلىرىدىن تارتىپلا ياخشى تەربىيىلەشنى كۆزلەپ، كىچىكىدىنلا ئەرەب تىلى ئۆگىتىش، «قۇرئان» يادقا ئالدۇرۇش قاتارلىق بىر قاتار دەسلەپكى تەلىم – تەربىيەلەرنى ئېلىپ باردى. ھەدىس ۋە فىقھى ئىلىملىرىنى ئۆگىتىش ئۈچۈن، فاس شەھىرىدىكى «قەرەۋىيىن» ئۇنىۋېرسىتېتىغا ئەۋەتتى. ئازغىنە يىللار ئۆتە – ئۆتمەيلا مۇھەممەد مەغرىبنىڭ «مەلىللا» شەھىرىنىڭ باش قازىسى بولۇپ قالدى. شۇ كۈنلەردە مەغرىب ئىسلام مەملىكىتىنىڭ ئەھۋالى ئادەم خىيالىغا كەلتۈرۈش قىيىن بولغان بىر ۋەزىيەتكە چۈشۈپ قالغان ئىدى. مۇستەملىكىچى دۆلەتلەر مەغرىب ئىسلام يۇرتلىرىنىڭ تارىخ بويى «قەھرىمانلارنى ئىشلەپچىقىرىش زاۋۇتى» دەپ قارىلىدىغانلىقىنى، ئەندەلۇسنى فەتھى قىلغان «مۇرابىتۇنلار دۆلىتى» مۇجاھىدلىرىنىڭ مۇشۇ يۇرتلاردىن چىققانلىقىنى، «مۇۋەھھىدۇنلار دۆلىتى» كۈچلىرىنىڭ ياۋروپاغا مۇشۇ زېمىنلاردىن ئىچكىرىلەپ كىرگەنلىكىنى، ئىسلام تارىخىدىكى مەشھۇر قوماندان تارىق ئىبنى زىيادنىڭ مۇشۇ دىياردىن چىققانلىقىنى ئوبدان بىلەتتى. شۇڭلاشقا، ئۇلار ئىزچىل داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان بۇ خەتەرگە خاتىمە بېرىش زۆرۈر دەپ قاراپ، 1906 – يىلى ئامېرىكىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 12 دۆلەت «يېشىل ئارال» يىغىنىنى ئۇيۇشتۇردى. بۇ دۆلەتلەرنىڭ ھەممىسى كۆز ئالدىدىكى بۇ قارا چۈشكە مەڭگۈلۈك خاتىمە بېرىش ئۈچۈن توپلانغانىدى. بۇ قېتىمقى يىغىننىڭ ئاخىرقى قارارى مەغرىب ئىسلام يۇرتلىرىنى پارچىلاپ تاشلاش بولغان ئىدى.

‏بۇ دۆلەتلەر مەغرىب ئىسلام مەملىكىتىنى مۇنداقلا پارچىلاپ قالماستىن، بەلكى جاھان ئەھلى ئىلگىرى كۆرۈپ باقمىغان ھەيران قالارلىق رەزىل ئۇسۇللار بىلەن پۈتۈنلەي پارچىلاپ تاشلىدى. فرانسىيە مەغرىب ئىسلام مەملىكىتىدىن ماۋرىتانىيەنى، ئىسپانىيە شىمالدىن غەربىي چۆللۈك ئەتراپىدىكى جايلارنى ئالدى. فرانسىيە يەنە بىر قېتىم چۆللۈكنىڭ شىمالىدىكى ھازىرقى مەغرىبنىڭ مەركىزىي رايونلىرىنى، ئاندىن يەنە ئىسپانىيە شىمالىي ساھىل تەرەپتىكى مەغرىب يېزا – قىشلاقلىرىنى، ئەنگىلىيە بىلەن گېرمانىيە بولسا، شۇ جايلار ئارىسىدىكى بىر قىسىم شەھەرلەرنى بېسىۋېلىشتى. ئۇلار مۇشۇ مۇستەملىكىلىرى ئارقىلىق مەغرىب دىيارلىرىدىكى ئىسلامنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى مەڭگۈگە يوقىتىپ تاشلىدۇق، دەپ ئويلىغانىدى. لېكىن، شەيخ ئابدۇلكەرىم خەتتابى ۋە ئۇنىڭ ئوغلى مۇھەممەد (ئاللاھ ئۇلارنى كۆپ ياخشىلىقلار بىلەن مۇكاپاتلىغاي!) نىڭ باشقىچە ئويى بار ئىدى. شۇنىڭ بىلەن ئاتا – بالا ئىككىسى قۇمدەك چېچىلىپ كەتكەن قەبىلىلەرنى بىر ئىسلام بايرىقى ئاستىغا جۇغلاش ھەمدە خىلاپەت پايتەختىدىكى ئوسمانىيلار خەلىپسى بىلەن ئۆزئارا ئالاقە ئورنىتىش ھەرىكەتلىرىنى ئېلىپ باردى. شۇ پەيتتە ئىسپانلار شەيخ مۇجاھىد ئابدۇلكەرىمنى ئۆلتۈرۈۋەتتى ۋە ئوغلى شەيخ مۇھەممەدنى قولغا ئېلىپ، مەغرىب تاغلىرىدىكى بىر تاغ چوققىسىغا جايلاشقان تۈرمىگە قاماشتى. باھادىر ئوغلى بولمىش بۇ باھادىر تۈرمە تۈڭلۈكى ئارقىلىق قۇتۇلۇپ چىقىش ئۈچۈن، سۈپەتلەشكە تىل ئاجىزلىق قىلغۇدەك ئۇسۇللار ئارقىلىق يوتقان – كۆرپىلىرىنىڭ پاختىلىرىدىن بىر ئارغامچا ياسىدى. لېكىن، ئەپسۇس، ئارغامچا تاغ چوققىسىدىن چۈشۈشكە يەتمەيتتى. شۇ پەيتتە ئۇنىڭ ئالدىدا پەقەت ئىككى خىل تاللاش بار ئىدى: يا تۈرمىگە قايتىش، يا ئېگىز چوققىدىن قورام تاشلار ئۈستىگە سەكرەپ چۈشۈش. شەيخ مۇھەممەد تۈرمە دائىرىلىرى ئۆزىنى بايقاپ قېلىپ تۈرمىگە قايتا قاماشتىن ئىلگىرى قورام تاشلار ئۈستىگە سەكرەشنى تاللىدى. نەتىجىدە، ئۇنىڭ پۇتلىرى سۇنۇپ، تاشلارغا قاتتىق سوقالغانلىقتىن ئەس – ھوشىنى يوقاتقان ئىدى. شۇنداق قىلىپ، ئەمىر مۇھەممەد ئىبنى ئابدۇلكەرىم خەتتابى بىر مەزگىللىك ئەسىرلىكنى باشتىن ئۆتكۈزۈپ قۇتۇلغاندىن كېيىن، مەغرىب يېزا – قىشلاقلىرىدىكى قەبىلىلەردىن 3000 كىشىلىك بىر قوشۇن تەشكىللىدى، ئاندىن يېڭى بىر جەڭ سەنئىتىنى ئىجاد قىلدى. يېڭى زامان تارىخىدا ئۇ خىل جەڭ سەنئىتىنى ئەمىر خەتتابى «پارتىزانلار ئۇرۇشى» نامىدا قوللانغان تۇنجى كىشى ھېسابلىنىدۇ. ئۇشتۇمتۇت ھۇجۇم قىلىش، چېكىنىپ تۇرۇپ قايتۇرما ھۇجۇمغا ئۆتۈش تاكتىكىسىنى ئاساس قىلغان بۇ جەڭ سەنئىتىنى كېيىنچە، دۇنيا ئىنقىلابچىلىرىمۇ قوللاندى. نەتىجىدە، بۇ جەڭ سەنئىتى دۇنيا جەڭ نىزامنامىسىدىن ئورۇن ئېلىشى بىلەن بىرگە خەتتابى ھەم ئىسلام ئۈممىتى مۇشۇ نىشانە بىلەن تونۇلۇپ كەلمەكتە.

شۇندىن كېيىن ئەمىر خەتتابى قارشىلىق كۆرسىتىش رامكىسى ئىچىدە يەنە بىر جەڭ سەنئىتىنى ئىجاد قىلدى. مەزكۇر جەڭ سەنئىتىنى شۇنىڭدىن نەچچە يىللار كېيىن ۋېتنام داھىيسى ۋۇشەيمىن ئامېرىكىغا قارشى ۋېتنام ئۇرۇشىدا شەيخ خەتتابىدىن ئۆگىنىپ قوللانغانلىقىنى ئىتىراپ قىلغان. بۇ جەڭ سەنئىتى يەر ئاستىدىن دۈشمەن تۇرالغۇلىرىغىچە سوزۇلغان ئاكوپ كولاش ئىدى. ئىسلام قەھرىمانى شەيخ خەتتابى ئۇشبۇ جەڭ سەنئىتى ئارقىلىق، ئۇرۇش تاكتېكىلىرى جەھەتتىن ئىسپان ئارمىيىسىگە دەرس بېرىپ قويغانىدى.

ئىسپانلارنىڭ مۇسۇلمان يېزا – قىشلاقلاردا تارتقان تالاپەتلىرى ئۈزلۈكسىز ئېشىپ بارغاندىن كېيىن، ئىسپان پادىشاھى ئالفونسو XIII دوستى گېنېرال سېلۋېسترىنىڭ قوماندانلىقىدا مادرىدتىن زور قوشۇن ئەۋەتتى ۋە ئىككى قوشۇن ئۇنتۇلماس ئەنۋال ئۇرۇشىدا ئۇچراشتى. ئىپتىدائىي مىلتىقلىرىدىن باشقا ھېچنەرسىسى بولمىغان ئۈچ مىڭ مۇسۇلمان مۇجاھىدنىڭ قارشىسىدا جەڭ ئايروپىلانلىرى ۋە تانكىلار بىلەن قوراللانغان 60 مىڭ كىشىلىك ئىسپانىيە ئارمىيىسى تۇراتتى. لېكىن، ئىككى قوشۇننىڭ بىرى، ئاللاھ يولىدا، يەنە بىرى، باتىل كرېستلىرى يولىدا ئۇرۇش قىلاتتى. ئاللاھنىڭ مۆمىنلەرگە قىلغان ۋەدىسى ھەقىقەتتۇركى، باھادىر قوماندان مۇھەممەد خەتتابىنىڭ رەھبەرلىكىدىكى ئۈچ مىڭ مۇجاھىد 60 مىڭ كىشىلىك زور خىرىستىيان قوشۇنى ئۈستىدىن غەلىبە قىلدى. مۇسۇلمانلار بۇ ئۇرۇشتا 18000 تاجاۋۇزچى ئىسپاننى ئۆلتۈرۈپ، يەنە نەچچە 10 مىڭنى ئەسىر ئالدى. بۇ قېتىمقى ھالاكەت ۋە ئەسىرلىكتىن پەقەت 600 ئىسپان ئەسكىرى قۇتۇلۇپ قالغان بولۇپ، ئۇلار ئىسپانىيەگە گويا قورقۇنچاق ئىتلاردەك قېچىپ كېتىشكەن ۋە مەغرىب قىشلاقلىرىدا كۆرگەن ۋەھىمىلەرنى ئاغزى – ئاغزىغا تەگمەي سۆزلەشكەن ئىدى. ئۇشبۇ ئۇرۇشنى ئىسپانلار تا بۈگۈنگىچە «ئەنۋال پاجىئەسى» دەپ ئاتىشىدۇ.

شۇنىڭدىن كېيىن، ئەمىر مۇھەممەد خەتتابى ئىشغالىيەتتىن كېيىنكى تۇنجى ئىسلام ئەمىرلىكىنى مەغرىبنىڭ شىمالىدا قۇرۇپ چىقتى ۋە بەش يىل جەريانىدا خۇراپاتلىقلاردىن خالىي بولغان توغرا ئىسلام تەلىم – تەربىيىسى ئېلىپ باردى ھەمدە دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەرگە تەلىم – تەربىيە ئۆمەكلىرىنى ئەۋەتىش ۋە چېچىلىپ كەتكەن قەبىلە سەپلىرىنى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام بايرىقى ئاستىدا بىرلەشتۈرۈش قاتارلىق بىر قاتار پائالىيەتلەرنى قىلدى.

ھەرقانداق بىر ئىسلام ئويغىنىش ھەرىكىتىدىن كېيىن يۈز بەرگىنىگە ئوخشاش خىرىستىيان دۆلەتلىرى يېڭىلا بارلىققا كەلگەن ئىسلام دۆلىتى مەۋجۇتلا بولسا تارىخ سەھىپىسنىڭ ئۆزگەرتىپ كېتىشىدىن ئىبارەت خەتەرنى ھېس قىلىپ يەتكەندىن كېيىن، يەنە بىر قېتىم يىغىلىشتى ۋە ئازغىنە 20 مىڭ كىشىلىك ئىسلام قوشۇنىغا قارشى ئۇرۇش قىلىش ئۈچۈن ئايروپىلان، تانكا ۋە ھەربىي پاراخوتلىرى بىلەن قوراللانغان يېرىم مىليون ياۋروپا ئىتتىپاقداش ئارمىيىسىنى تەشكىللىدى. ئەمىر مۇھەممەد ئىبنى ئابدۇلكەرىم خەتتابى دۈشمەن قوشۇنىنىڭ كۆپلۈكى ۋە قوراللىرىنىڭ سەرخىللىقىغا قاراپ تەسلىم بولغانمىدۇ؟ ئېنىقكى، مۇھەممەد خەتتابى كىچىكىدە «قۇرئان»دا يادلىغان ئاللاھنىڭ بۇ سۆزى بىلەن ئىشەنچ تېپىشى چوقۇم ئىدى: ﴿ئى مۆمىنلەر! سىلەر ئاللاھقا (يەنى، ئاللاھنىڭ دىنىغا) ياردەم بەرسەڭلار ئاللاھ سىلەرگە (دۈشمىنىڭلارغا قارشى) ياردەم بېرىدۇ، قەدىمىڭلارنى (ئۇرۇش مەيدانىدا) بەرقارار قىلىدۇ﴾([2]). شۇنىڭ ئۈچۈن، باھادىر ئىسلام قوماندانى جىھادتا يېرىم مىليون خىرىستىيانلار قوشۇنى ئالدىدا جېنىنى تىكتى. نەتىجىدە، ئۇرۇش ۋەزىيىتىدە زور ئۇشتۇمتۇتلىق يۈز بېرىپ، مەغرىب مۇسۇلمانلار قوشۇنى بۇ قېتىمقى جەڭلەردە تولۇق غەلىبىگە ئېرىشتى ۋە دۈشمەننى ئارقىمۇئارقا مەغلۇبىيەتكە دۇچار قىلدى. ياۋروپا ئىتتىپاقداش قوشۇنى بۇ ئىسلام قەھرىمانىمىزنى ئەسلا بويسۇندۇرۇپ بولالمايدىغانلىقىنى تونۇپ يەتكەندىن كېيىن، بىر قىسىم بىدئەتچى مۇتەئەسسىپ سوپىلارنى سېتىۋېلىشتى. بۇ بىدئەتچى سوپىلار ئۆزلىرىنىڭ سەكرەپ ئۇسسۇل ئويناش، دەرۋىشلىك ۋە مەۋلۈت ئۆتكۈزۈش قاتارلىق ئاللاھ ھېچبىر دەلىل – پاكىت چۈشۈرمىگەن ھەرخىل سوپىزم بىدئەتلىرىگە قارشى تۇرىدىغان ئەمىر خەتتابىغا خىيانەت قىلىشتى ۋە خەتتابى بىلەن بىر سەپتە تۇرۇپ ئۇرۇش قىلىشنىڭ ھاراملىقى توغرىسىدا پەتىۋا بېرىشتى.

شۇندىن كېيىن فرانسىيە، ئىسپانىيە ئايروپىلانلىرى شەھەرلەرگە خىمىيىلىك بومبىلارنى تاشلاشتى ۋە زەھەرلىك گاز قويۇپ بېرىشتى. دەل شۇ پەيتتە ئىنگىلىز دېڭىز ئارمىيىسى مەغرىب دېڭىز ساھىلىنى مۇھاسىرىگە ئېلىۋالغانىدى. شۇنداقتىمۇ، خەتتابى خىرىستىيان ۋە خائىنلاردىن ئىبارەت جاھان مىللەتلىرىگە قارشى ئۇرۇش قىلىۋاتاتتى. ئەمىر مۇجاھىد خەتتابىنىڭ قوماندانلىقىدىكى مۇجاھىدلاردىن پەقەت شېھىت بولۇشقا ئاللاھقا ئەھدى – پەيمان قىلغان 200 جەڭچىدىن باشقا ھېچكىم تىرىك قالمىدى. بۇ ئازغىنە ئىسلام قوشۇنى تاكى خىرىستىيانلار ئۆزلىرىنىڭ مەغلۇبىيىتى سەۋەبلىك ئۈمىدلىرىنى ئۈزۈشكەنگە قەدەر تەسلىم بولمىدى. خىرستىئانلار بۇ قېتىم يەنە ئۆزلىرىنىڭ كونا بىر ئۇسۇلىنى قوللىنىپ، ئەمىر مۇھەممەد خەتتابى بىلەن ئىتتىپاق كېلىشىمى تۈزۈشنى تەلەپ قىلدى ۋە ھەممە مۇسۇلمانلارغا تىنچلىق كاپالىتى بېرىدىغانلىقى ۋە تولۇق مۇستەقىل ياشاش مۇھىتى ھازىرلاپ بېرىدىغان بولۇشتى. ئۆزلىرىنىڭ كونا ئادەتلىرىدەك، بۇ قېتىمقى كېلىشىمنىمۇ بۇزۇشتى ۋە باھادىر قەھرىمان مۇھەممەد خەتتابىنى تۇتقۇن قىلىشىپ، ھىندى ئوكياندىكى نامەلۇم بىر ئارالغا بىر – ئىككى يىللىق پالاش ئۇياقتا تۇرسۇن، بەلكى 20 يىللىق پالاشتى. بۇ قەھرىمان شۇنچە ئۇزاق يىللارنى كىشىلىك ھەق – ھوقۇقنى جار سېلىشىدىغان ۋە بارچە ئالەمگە فرانسىيە ئىنقىلابىنىڭ ئەركىنلىك، باراۋەرلىك ۋە دوستلۇق ئاساسىدىكى ئىنقىلاب ئىكەنلىكى شوئارىنى كۆتۈرۈپ چىقىشقان شۇ كىشىلەرنىڭ زۇلۇمىدا، ئەسىرلىكتە ئۆتكۈزدى.

‏ھەيھات، ئەي زالىم مۇستەبىتلەر! ياشىنىپ قالغان ئاجىز بىر كىشىنى 20 يىل قاماپ قويۇپ، سىلەر دەۋا قىلىۋاتقان قايسى ئەركىنلىك ئۇ؟ ئاياللار ۋە كىچىك بالىلارنى زەھەرلىك گازلار بىلەن زەھەرلەپ ئۆلتۈرۈپ، سىلەر ھە دەپ جار سېلىۋاتقان قايسى باراۋەرلىك ئۇ؟ ئاجىزلارنىڭ قېنىنى تۆكۈش بەدىلىگە بەرپا بولغان مەدەنىيىتىڭلار ئارقىلىق بەزى نادانلارنى ئۆزۈڭلارغا چاكار قىلىۋاتقان قايسى قېرىنداشلىق ئۇ؟ ‏ئەگەردە ئاجىز ئىنسانلارنى ئۆلتۈرۈش مەدەنىيەت بولىدىغان بولسا، ئۇنداقتا، سىلەر ۋە سىلەرنىڭ شۇ رەزىل مەدەنىيىتىڭلار قۇرۇپ تۈگىگەي، ئىلاھىم!

شۇنداق قىلىپ، ئاللاھ ئۇ مۇستەبىتلەرنى ئەمىر مۇھەممەدتىن ئەمىن تاپقۇزمىدى. ئەگەر ئەمىر مۇھەممەد ئۆلۈپ كېتىپ قالسا ھېچكىم بىلمەيدىغان ئاشۇ نامەلۇم ئارالدىن ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى ئاللاھ ئۆزىنىڭلا قولىدىن كېلىدىغان ھەيران قالارلىق تەدبىرلىرى بىلەن يىگىرمە يىلدىن كېيىن ئۇنىڭ ئازادلىققا چىقىش سەۋەبلىرىنى ئاسان قىلىپ بەردى.

‏1947 – يىلى مەغرىب پادىشاھى مۇھەممەد بەشىنچى مۇستەقىللىق ئېلان قىلدى. شۇنىڭ بىلەن فرانسىيە پادىشاھى چارلېس دېگوللې مۇھەممەد بەشىنچىگە خەتتابىنىڭ ئۆز ۋاقتىدىكى فرانسۇزلار بىلەن تۈزۈشكەن تىنچلىق بېتىمنامىسى بىلەن بېسىم ئىشلىتىش قارارىغا كېلىپ، فرانسىيە پادىشاھى ئەمىر خەتتابىنى پارىژغا ئېلىپ كېلىش بۇيرۇقى چۈشۈردى. فرانسۇزلار ھىيلە – مىكىر قىلىشماقچى بولدى – يۇ، تەدبىر كۆرگۈچىلەرنىڭ ئەڭ ياخشىسى بولغان ئاللاھ ئۇلارنىڭ ھىيلىلىرىنى بىتچىت قىلغانىدى. فرانسىيە پاراخوتى سۇۋەيش قانىلىدىن مىسىرلىقلارنىڭ ئەمىر خەتتابىنى قۇتقۇزۇپ قېلىشىدىن ‏ئېھتىيات قىلىپ، شەپە چىقارماي ئۆتۈپ كەتمەكچى بولۇشقانىدى. لېكىن، ئۇلۇغ ئاللاھ ئۆزىنىڭ ئىلكىدىنلا كېلىدىغان سىرلىق تەدبىرلىرى بىلەن ئۇ زالىم مۇستەبىتلەرگە ئەمىر مۇھەممەدنىڭ ئىشىدا خۇرسەنچىلىك بەرمىدى. پاراخوت سۇۋەيش قانىلىغا كەلگەندىن كېيىن، ئەمىر مۇھەممەد مۇسۇلمان قېرىنداشلىرى تەرىپىدىن فرانسۇز بۇلاڭچىلارنىڭ قولىدىن قۇتقۇزۇۋېلىندى.

‏مانا بۇ، ئىسلام بايرىقىنى ئۈستۈن قىلىش ئۈچۈن ئۆزىنىڭ ياشلىق باھارىنى قۇربان قىلغان بىر بۈيۈك ئىسلام قوماندانىنىڭ زور ئىسلامىي كۈرەشلىرىدىن قىسمەن كۆرۈنۈشلەردۇر. ئادەمنىڭ كۆڭلىنى پەرىشان، يۈرىكىنى غەش قىلىدىغان يېرى شۇكى، بىزنىڭ كۆپىنچە ياشلىرىمىز دۇنيا مەنپەئەتلىرى ۋە كوممۇنىزم پىرىنسىپلىرى ئۈچۈنلا ئۇرۇش قىلغان ئاتالمىش قەھرىمانلارنىڭ تارىخىغا ئاشىق بىقارار بولسىمۇ، بۇ ئىسلام قوماندانىمىزنىڭ نام – شەرىپىنى ئاڭلاپمۇ باققىنى يوق. ئەگەر ياشلىرىمىز كوممۇنىزم ئىنقىلابچىسى چې گۇئېۋارانىڭ رەسىملىرىنى ئېسىۋالغان كىشىلەردىن ئۇنىڭ ئىسلام قەھرىمانى مۇھەممەد خەتتابىدىن تەلىم ئېلىش ئۈچۈن قاھىرەگە كەلگەنلىكىنى بىلىپ يەتسە، ياشلىرىمىزنىڭ ئۇنتۇپ قالغان ياكى باشقىلار تەرىپىدىن ئۇنتۇلدۇرۇلغان ئۆز تارىخىغا بولغان قاراشلىرى ئۆزگىرىپ قالار ئىدى.

 

مەنبە: جىھاد تۇربانىينىڭ «مائة من عظماء أمة الإسلام غيروا مجرى التاريخ» ناملىق كىتابى.

تەرجىمىدە: ئاقيول
————————————————
([1]) ئەسكەرتمە: ماقالىدە سۆزلەنگەن مەغرىب دۆلىتى تارىختىكى ماراكەش، مەۋرىتانىيە ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى رايونلارنى كۆرسىتىدىغان بولۇپ، بۈگۈنكى مەغرىب دۆلىتى بولسا پەقەت ماراكەش دۆلىتىنىلا كۆرسىتىدۇ – ت.
([2]) «مۇھەممەد» سۈرىسى، 7 – ئايەت.

Please follow and like us:

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ