ساجىيە 1- قېتىملىق مۇكاپاتلىق تەرجىمە ماقالە مۇسابىقىسى

ناھايىتى شەپقەتلىك ۋە مېھرىبان ئاللاھنىڭ نامى بىلەن باشلايمەن

ئەزھەردىكى ئوقۇغۇچى ۋە ئۇستازلارنىڭ تەرجىمە ماھارىتىنى ئۆستۈرۈش، يېڭى تالانتلارنى بايقاش ۋە ئۇلارنى ئىسلام دەۋىتى ئۈچۈن خىزمەت قىلىشقا تەييارلاش مەقسىتىدە ساجىيە ئىسلام بىلىملىرى تورى «ساجىيە مۇكاپاتلىق تەرجىمە ماقالە مۇسابىقىسى» نى ئېلان قىلىدۇ.

مۇسابىقىگە قاتناشقۇچىلارنىڭ شەرتى:

ئەزھەردە ئوقۇۋاتقان ۋە ياكى باشقا مەدرىسە ۋە ئالىملاردا ئىلىم تەھسىل قىلغان تالىپ بولۇشى.

مۇسابىقىگە قاتناشتۇرىلىدىغان تەرجىمە ماقالىنىڭ شەرتى:

1. ئىلگىرى ساجىيە ۋە ياكى باشقا ئورۇندا ئېلان قىلىنمىغان بولۇشى.

2. ئەرەبچىدىن تەرجىمە قىلىنغان بولۇشى.

3. ھەجمى 3 بەتتىن كەم بولماسلىق، 7 بەتتىن ئۇزۇن بولماسلىق.

4. ماقالىنىڭ ئەسلى مەنبەسى، ئاپتورى ئېنىق ئەسكەرتىلىشى، ئەسلى ماقالە بىللە يوللىنىشى.

5. ماقالە ئاپتورى ئىلمىي ئۇنۋانى بارلاردىن ياكى مۆتىۋەر ئالىملاردىن بولۇشى.

6. ئىملاغا ئالاھىدە دىققەت قىلىنىشى، ھاشىيە ئىزاھاتى، ئايەتلەرنىڭ سۈرە نامى ۋە نۇمۇرى، شۇنداقلا ھەدىسلەرنىڭ ئەسلى مەنبەسى ۋە سەھىھلىك دەرىجىسى ئەسكەرتىلىشى.

7. مۇسابىقىگە قانتاشتۇرىلىدىغان تەرجىمە ماقالىنىڭ مەزمۇنى تۆۋەندىكى 5 تۈردە بولۇشى كېرەك:

بىرىنچى تۈر: پەيغەمبىرىمىز ۋە ئۈلگىمىز مۇھەممەد سەللاللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ئەخلاقى، ئىش-ئىزلىرى ۋە ئالاھىدىلىكلىرى.

ئىككىنچى تۈر: ئىمانىي ئوزۇقلۇق، روھىي-مەنىۋىيەت تەربىيىسى ۋە نەپسنى پاكلاش.

ئۈچىنچى تۈر: ئىسلام مەدەنىيىتىنىڭ ئالاھىدىلىكلىرى ۋە مۇسۇلمان ئالىملارنىڭ تۈرلۈك پەنلەردىكى تۆھپىلىرى.

تۈتىنچى تۈر: قۇرئان ۋە سۈننەتتىكى، شۇنداقلا رېئال تۇرمۇشتىكى تەسىرلىك قىسسىلەر.

بەشىنچى تۈر: ئىسلام دەۋىتى ئۇسۇلى، ئىسلام دۈشمەنلىرى بىلەن ئىدىيە كۆرىشى.

ماقالىلارنى يوللاش ۋە باھالاش:

ماقالىلار مۇشۇ ئېلان تېمىسىغا يوللىنىدۇ. ئەزھەردىكى تالىپلاردىن تەشكىللەنگەن مەخسۇس باھالاش گورۇپپىسى تەرىپىدىن باھالىنىپ، ساجىيە تورىدا ئېلان قىلىنىدۇ.

مۇكاپات سوممىسى:

بىرىنچى بولغان تەرجىمىگە مىسىر پۇلىدا 1000 جۇنەي.

ئىككىنچى تەرجىمىگە مىسىر پۇلىدا 700 جۇنەي.

ئۈچىنچى تەرجىمىگە مىسىر پۇلىدا 500 جۇنەي.

تۆتىنچى تەرجىمىگە مىسىر پۇلىدا 300 جۇنەي.

يەنە 3 تەرجىمىگە مىسىر پۇلىدا 200 جۇنەي ئىلھاملاندۇرۇش مۇكاپاتى بېرىلىدۇ.

(قوشۇمچە تەقدىرنامە ۋە قىممەتلىك كىتابلارمۇ مۇكاپات بېرىلىدۇ.)

مۇكاپاتلار مۇسابىقىچىلەرنىڭ قولىغا مەخسۇس مۇكاپاتلاش سورۇنىدا تاپشۇرىلىدۇ. قاتنىشالمىغانلارغا يەتكۈزۈپ بېرىلىدۇ.

تەرجىمە ماقالە يوللاش ئاخىرقى مۇددىتى:

2013-12-ئاينىڭ 31-كۈنى.

ئەسكەرتىش: تەرجىمىنى باھالاشتا بۇ تېمىدا تورداشلارنىڭ باھالىرىنىڭمۇ مەلۇم پايدىسى بولىدۇ.

تەرجىمىگە يۇقىرىقى تۈرلەردە ماقالە تاللاشتا تۆۋەندىكى سەھىپىلەردىن تاللىشى تەۋسىيە قىلىنىدۇ:

http://articles.islamweb.net/media/index.php

http://islamstory.com/

http://ar.islamway.net/articles/categories

تالىبۇل ئىلىملەرنىڭ ساجىيە مۇكاپاتلىق تەرجىمە ماقالە مۇسابىقىسىگە پائال قاتنىشىشىنى، ساۋاب بىلەن ماددى مۇكاپاتقا نائىل بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

دوكتور ئابدۇلئەزىز رەھمەتۇللاھ

ھىجرىيە 1434-يىلى 15-زۇلھەججە.

مىلادىيە 2013-يىلى 20-ئۆكتەبىر.

————————————————————————————————-
ساجىيە 1- قېتىملىق مۇكاپاتلىق تەرجىمە ماقالىلەر مۇسابىقىسى

پائالىيەت نەتىجىسى

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ھۆرمەتلىك تورداشلار! تۆۋەندە بىز ئەزھەردىكى ئوقۇغۇچى ۋە ئۇستازلارنىڭ تەرجىمە ماھارىتىنى ئۆستۈرۈش، يېڭى تالانتلىقلارنى بايقاش ۋە ئۇلارنى ئىسلام دەۋىتى ئۈچۈن خىزمەت قىلىشقا تەييارلاش مەقسىتىدە ئۇيۇشتۇرغان ئىلمى تەرجىمە پائالىيتىنىڭ نەتىجىسىنى ئېلان قىلىش ئالدىدا تۇرۇپتىمىز.

ئالدى بىلەن سۆزىمىزنى ماقالىلەرنى باھالاپ چىقىشقا يېقىندىن ماسلاشقان ئۇستازلارغا تەشەككۈرىمىزنى بىلدۈرۈش بىلەن باشلىماقچىمىز. ئەسلى نەتېجە بالدۇرراق ئېلان قىلىنىپ مۇكاپات بويۇملىرى نەتىجىگە ئېرىشكەن ماھىرلارنىڭ قولىغا ئاللىبۇرۇن تېگىپ بولغان بولىشى كېرەك ئىدى. بىراق ئۇستازلارنىڭ دەرس ۋە خىزمەتلىرى ئالدىراش بولغانلىقى تۈپەيلى ئۇلاردىن جاۋاب كېلىپ بولغۇچە بىراز كۈتۈشكە توغرا كەلدى. شۇڭا، ھەرقايسى ئۇستازلارنىڭ ئىنچىكە تەكشۈرۈپ بېكىتىشى ۋە ئەستايىدىل كۆرۈپ چىقىشى بىلەن بۇ قېتىملىق مۇسابىقىنىڭ نەتىجىسىنى تۆۋەندىكى بويىچە ئېلان قىلماقچىمىز.

مۇكاپاتقا جەمئىي 40 تىن ئارتۇق ماقالە يوللانغان بولۇپ، بۇنىڭدىن بىر ماھىر تەرپىدىن يوللانغان تەكرار تېمىلار چىقىرىۋېتىلىپ دەرىجىگە ئايرىلدى. بۇنىڭدىن دەرىجىگە تاللانغانلىرى 15 پارچە، قالغانلىرى بولسا رىغبەتلەندۈرۈش دائىرسىدە بىر تەرەپ قىلىندى. دەرىجىگە ئېرىشكۈچىلەر جەمئىي 15 نەپەر بولۇپ، بۇلاردىن 1- دەرىجىگە ئېرىشكەنلەر جەمئىي 3 نەپەر، 2- دەرىجىگە ئېرىشكەنلەر 5 نەپەر، 3- دەرىجىگە ئېرىشكەنلەر 3 نەپەر، 4- دەرىجىگە ئېرىشكەنلەر 4 نەپەر بولۇپ تاللاندى. قالغان 14 ئىشتىراكچىغا رىغبەتلەندۈرۈش مۇكاپاتى تەسىس قىلىش ئارقىلىق ئۇلارنىڭ پائالىيتىمىزنى يېقىندىن قوللاپ بەرگىنى ئۈچۈن بولسىمۇ كۆڭلىمىزنى ئىپادىلەشنى لايىق تاپتۇق.

ماقالىلەرنى تەكشۈرۈپ بېكىتىش جەريانىدا بىز مۇكاپات ئۆلچىمى ۋە ماھىرلارنى تاللاش ئىشىدا بىر قىسىم ئۆزگەرتىشلەرنى كىرگۈزدۇق. بۇنداق بولىشىدا بىرى ماھىرلارنىڭ ئاكتىپلىق بىلەن پائالىيەتنى قوللاپ بېرىشى، يەنە بىرى مۇكاپاتقا تېگىشلىكلەرنىڭ بىز كۈتكەندىنمۇ كۆپ بولغانلىقى سەۋەب بولدى. شۇ سەۋەب مۇكاپات تەقسىماتىنى باشقىچە ئويلىشىشقا توغرا كەلدى ۋە نېھايەت تۆۋەندىكىدەك ئورۇنلاشتۇرۇش قارارىغا كەلدۇق:

1- دەرىجە مۇكاپات ئالغۇچى ماھىرلارنىڭ مۇكاپات ئۆلچىمى: ھەر بىر ماھىرغا 500 يۈز جۈنەي مىسىر پۇلى ۋە دوكتور ئەتىيە سەقەرنىڭ: «موسوعة الأسرة تحت رعاية الإسلام» ناملىق كىتابى.

2- دەرىجە مۇكاپات ئالغۇچى ماھىرلارنىڭ مۇكاپات ئۆلچىمى: ھەر بىر ماھىرغا 300 جۇنەي مىسىر پۇلى ۋە مىسىر ئەرەب تىل كومتېتى تۈزگەن «المعجم الوسيط» ناملىق قامۇس.

3- دەرىجە مۇكاپات ئالغۇچى ماھىرلارنىڭ مۇكاپات ئۆلچىمى: ھەر بىر ماھىرغا 200 جۇنەي مىسىر پۇلى ۋە ئىمام ئىبن قەييىم ئەلجەۋزىنىڭ: «زاد المعاد» ناملىق كىتابى.

4- دەرىجە مۇكاپات ئالغۇچى ماھىرلارنىڭ مۇكاپات ئۆلچىمى: ھەر بىر ماھىرغا 100جۇنەي مىسىر پۇلى ۋە شەيخ مۇھەممەد غەززالىنىڭ «مائة سؤال عن الإسلام» ناملىق كىتابى… قاتارلىق ئۆلچەملەر ئاساسىدا قىلىپ بېكىتىلدى.

رىغبەتلەندۈرۈش مۇكاپاتىغا نائىل بولغان ماھىرلارغا شەيخ مۇھەممەد غەززالىنىڭ: «عقيدة المسلم» ناملىق كىتابى ھەدىيە قىلىنىدۇ.

يۇقىرىقى تەرتىپ بويىچە 1- دەرىجە مۇكاپاتىنى قازانغۇچى ماھىرلار تۆۋەندىكىچە: زۇلخۇمار ئابدۇرىشىت، گۈلزىرە ۋە پىدا.

2- دەرىجە مۇكاپاتىنى قازانغان ماھىرلار تۆۋەندىكىچە: نەبىيلە، گوگىل تەرجىمانى، موھەددىس، نۇجەيم ۋە مەشئەل 77.

3- دەرىجە مۇكاپاتىنى قازانغۇچى ماھىرلار تۆۋەندىكىچە: تەسنىيم، مېھرى ئەزىم، ئوقۇغىن.

4- دەرىجە مۇكاپاتىنى قازانغۇچى ماھىرلار تۆۋەندىكىچە: م عبد الحميد، turkoglu، رەببانىي، abugufran.

رىغبەتلەندۈرۈش مۇكاپاتىغا نائىل بولغان ماھىرلار تۆۋەندىكىچە:

توغراق، نجوى ، ئەلەمدار، سابرى، ئۇبەيدۇللا، ئەييۇب، نۇرىيە، ئابدۇراھمان يىلدىرىم. ئەبد، جەۋزائى، ئەنسارى، جۇندۇللا، دىنسۆيەر، ئەفىفە.

مۇكاپاتنى ئۇشبۇ پائالىيەتكە قاتناشقان ۋە ئىسمى تىلغا ئېلىنغان قېرىنداشلارنىڭ تېز ۋاقىت ئىچىدە دوكتور ئابدۇلئەزىز بىلەن ئالاقىلىشىپ مۇكاپاتنى تاپشۇرۇپ ئېلىۋېلىشىنى چىن كۆڭلىمىزدىن ئۈمىد قىلىمىز. ۋەتەندىن ياكى مىسىرنىڭ سىرتىدىن پائالىيەتكە قاتناشقان ماھىرلارنىڭ تور ئالاقىسى ئارقىلىق دوكتور ئابدۇلئەزىزدىن مۇكاپات بويۇمىنى ئېلىۋېلىشىنى قارشى ئالىمىز.

خۇلاسە:

ماقالىلەرنى تەكشۈرۈشتە رىغبەتلەندۈرۈش مۇكاپاتى بېرىلگەن تېمىلاردا گەرچە ماقالىلەرنىڭ كۆپىنچىسى ياخشى تەرجىمە قىلىنغان بولسىمۇ، بىر قىسىم ماقالىلەرگە دەرىجە بېرىلمەسلىكىدە ئاساسەن ماقالىلەرنىڭ قىسقا بولۇپ قىلىشى ۋە مۇسابىقە تەلىپىدە كۆرسىتىلگەن تېما، مەزمۇنلارغا ئۇيغۇن كەلمىگەنلىكى ئۈچۈن دەرىجىگە تاللىنالماي قالدى.

شۇنداقلا دەرىجىگە ئايرىلغانلارنىڭ تېمىلىرىدىمۇ تەرجىمىنىڭ ئۆلچەملىك چىقىشىغا كۆڭۈل بۆلگەنلىكىنى، ماھىرلارنىڭ ھەممىسىنىڭ دېگۈدەك ئۆز قابىلىيتىنى ئىشقا سېلىشتا ئالاھىدە ئەھمىيەت بىلەن قارىغانلىقىنى ۋە تەرجىمىنىڭ ئۇمۇمى قۇرۇلمىسىغا كۈچىنىڭ يېتىشىچە ئەجىر قىلغانلىقىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ. بولۇپمۇ ئالاھىدە دەرىجىگە ئېرىشكەن مۇكاپات ئىگىلىرىنىڭ ئىپادىسىنىڭ بۇ جەھەتتە كۆرۈنەرلىك بولغانلىقىنى ئېيتىپ قويۇش ئارتۇقلۇق قىلمىسا كېرەك. بۇنىڭدىن پائالىيەتكە ئىشتىراك قىلغان دوستلاردا ھەقىقەتەنمۇ كەلگۈسىگە نىسبەتەن ئۈمىدلىك كىشىلەر بولالايدىغانلىقىدا ئىشەنچىمىز بارلىقىنى ئېيتماي تۇرالمايمىز. بىز دەرىجىگە ئېرىشكەن ۋە رىغبەتلەندۈرۈلگەن بارلىق قېرىنداشلارنى چىن قەلبىمىزدىن تەبرىكلەيمىز.

ئاللاھ نېسىپ قىلسا، ئۇشبۇ پائالىيىتىمىزنىڭ داۋامىنى يەنىمۇ ئېسىل سوغا-ھەدىيەلەر بىلەن بېيىتىپ بۇ ساھەگە قىزغىنلىقى بار قېرىنداشلارنىڭ ئۆز ئىقتىدارىنى جارى قىلدۇرۇشىغا تېخىمۇ كۆپ پۇرسەتلەرنى يارىتىپ بېرىشنى ئويلىشىپ تۇرۇپتىمىز.

ئاخىردا تەرجىمە پائالىيتىگە قاتناشقان، ئۇنىڭغا يېقىندىن كۆڭۈل بۆلگەن ۋە قىممەتلىك ۋاقىتلىرىنى ئاجرىتىپ تەكلىپ-پىكىرلەرنى بەرگەن قېرىنداشلارغا ۋە ئۇستازلارغا يەنە بىر قېتىم رەھمەت ئېيتىمىز. ماھىرلارنى بولسا، يەنە بىر قېتىم چىن قەلبىمىزدىن تەبرىكلەيمىز!

ھۆرمەت بىلەن:

دوكتور ئابدۇلئەزىز رەھمەتۇللاھ

ھىجرىيە 1434-يىلى 4- جامادىيەلئاخىر

مىلادىيە 2014-04-04

Please follow and like us:

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ