ئاللاھنىڭ ئېيى بۇ رامىزان(1)

ئاللاھنىڭ ئېيى بۇ رامىزان(1)

(مۇبارەك رامىزان ئېيىدىكى ئالاھىدىلىكلەر ۋە ئەھكاملار)

 

دوكتور ئابدۇلئەزىز رەھمەتۇللاھ

 

جىمى ھەمدۇسانالار بارلىق نېمەتلەرنى ئاتا قىلغان، قۇرئاننى نازىل قىلغان، بىزنى ھىدايەتكە باشلىغان يېگانە زات ــ جانابىي ئاللاھقا بولسۇن. ئۇ زات بىزنى ھىدايەتكە نېسىپ قىلمىغان بولسا ئىدى، توغرا يولنى تاپالمىغان بولاتتۇق. ئىمان نېمە، ئىسلام نېمە؟ بىلمىگەن بولاتتۇق.

يەنە بىزگە بۇ ئۇلۇغ دىننى ئېلىپ كەلگەن، ئۇنى تولۇق يەتكۈزگەن، ئاللاھ يولىدا ھەقىقىي جىھاد قىلغان ئاخىرقى پەيغەمبەر مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمگە ۋە ئۇنىڭ ئائىلە  –  تاۋابىئاتلىرىغا، شۇنداقلا ساھابە  –  كىراملىرىغا پۈتمەس  –  تۈگىمەس سالاملار بولسۇن.

بۇ شەرەپلىك پەيغەمبەرنىڭ سۈننىتىگە ئەگەشكەن بارلىق مۇسۇلمان قېرىنداشلىرىمىزغا، ئاتا  –  ئانىلىرىمىزغا، بىزگە ئىسلامنى ئۆگەتكەن، توغرا رەۋىشتە يەتكۈزگەن ئالىملىرىمىزغا ۋە ئۇستازلىرىمىزغا، مۇجاھىد ۋە شېھىدلىرىمىزگە جانابىي ئاللاھنىڭ سالىمى، مەغپىرىتى، رىزۋانى بولسۇن، ئامىن!

ئى ئاللاھ! بىزنى ئىسلام يولىدا مۇستەھكەم مېڭىشقا مۇۋەپپەق قىلغىن! بىزنى دۇنيادىن مۇسۇلمان پېتى كېتىشكە نېسىپ قىلغىن! بىزنى روزا تۇتۇشقا ۋە تەراۋىھ نامىزى ئوقۇشقا نېسىپ قىلغىن! رامىزاننىڭ ئاخىرىدا دوزاختىن قۇتۇلۇپ، جەننىتىڭگە ئېرىشىدىغانلاردىن قىلغىن، ئامىن!

مانا، ئاللاھنىڭ مۇبارەك ئېيى بولغان ئۇلۇغ رامىزانمۇ كېلىپ قالدى. بىز مۇسۇلمانلار ئۇلۇغ رامىزان ئېيىنى كۈتۈۋېلىش تەشنالىقىدا تۇرۇپتىمىز. بۇ ئاي كەلگۈچە تولۇق تەييارلىنىپ، ئۇنىڭدىكى پەزىلەتلەردىن، بەرىكەتلەردىن ئەڭ ئۈنۈملۈك شەكىلدە بەھرىمەن بولۇپ، ئاي ئاخىرلاشقىنىدا دوزاختىن ئازاد قىلىنغانلاردىن بولۇپ چىقالىشىمىز ئىنتايىن مۇھىمدۇر. شۇڭا، بۇ مۇبارەك ئاينىڭ قەدرىگە يېتىشىمىزگە، ئۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك زۆرۈر ئەھكاملارنى بىلىۋېلىشىمىزغا توغرا كېلىدۇ.

دەرۋەقە، بۇ ئاينىڭ پەزلى ۋە بەرىكەتلىرىنى ساناپ تۈگەتكىلى بولمايدۇ. بۇ ئۇلۇغ ئايدا قۇرئان كەرىمدىن ئىبارەت ھىدايەت كىتابىنىڭ نازىل قىلىنغانلىقى، ئۇنىڭدا مىڭ ئايدىن ئەۋزەل بولغان قەدر كېچىسىنىڭ بارلىقى، ئاللاھتائالانىڭ بۇ ئايدا روزا تۇتۇشنى پەرز قىلغانلىقىلا ئۇنىڭ پەزىلىتىنى كۆرسىتىشكە يېتەرلىكتۇر.

 

رامىزان ئېيى قايسى ئاي؟

مەلۇمكى، ھىجرىيە يىلنامىسىنىڭ ئايلىرى 12 بولۇپ، بۇلار تۆۋەندىكىچە:

مۇھەررەم

سەپەر

رەبىيئۇلئەۋۋەل

رەبىيئۇلئاخىر

جامادىيەلئەۋۋەل

جامادىيەلئاخىر

رەجەپ

شەئبان

رامىزان

شەۋۋال

زۇلقەئدە

زۇلھەججە

دېمەك، رامىزان ئېيى ھىجرىيە يىلنامىسى تەرتىپى بويىچە توققۇزىنچى ئاي بولۇپ، مىلادىيە يىلنامىسىغا نىسبەتەن ھەر يىلى 12 كۈن ئەتراپىدا ئالدىغا سۈرۈلگەچكە، ھەر يىلدىكى كېلىش ۋاقتى مىلادىيە يىلنامىسىغا نىسبەتەن مۇقىم بولمايدۇ ۋە تەخمىنەن 33 يىلدا بىر قېتىم ئايلىنىدۇ. شۇڭا، بۇ ئاي بەزىدە باھاردا، بەزىدە قىشتا، بەزىدە كۈزدە ۋە بەزىدە تومۇزدا كېلىدۇ. بۇنىڭدىمۇ ئىلاھىي ھېكمەتلەر بار، ئەلۋەتتە. چۈنكى، بۇنىڭ ئەكسىچە ياز ياكى قىشقا ئوخشاش مۇقىم بىر پەسىلدە كەلگەن بولسا، تۆت پەسىلدە ئالمىشىپ چېنىقىش ۋۇجۇتقا چىقمىغان بولاتتى.

 

رامىزان ئېيى قۇرئان نازىل قىلىنغان ئايدۇر

جانابىي ئاللاھ قۇرئان كەرىمدە رامىزان ئېيىنى ئالاھىدە تىلغا ئېلىپ، بۇ ئۇلۇغ ئاينىڭ دەرىجىسىنى يۇقىرى كۆتۈرگەن: ﴿رامىزان ئېيى بولسا قۇرئان ئىنسانلارغا ھىدايەت ۋە ھەق بىلەن ناھەقنى روشەن ئايرىغۇچى بولۇش سۈپىتىدە نازىل قىلىنغان ئايدۇر، شۇڭا، سىلەردىن قايسىڭلار رامىزاندا مۇقىم تۇرسا، ئۇ ئايدا روزا تۇتسۇن. كىمكى كېسەل ياكى سەپەر ئۈستىدە بولسا، تۇتالمىغان كۈن سانى بويىچە باشقا كۈنلەردە تۇتۇۋالسۇن. ئاللاھ سىلەرگە ئاسانلىقنى خالايدۇ، تەسلىكنى خالىمايدۇ. بۇ، ساننى تولدۇرۇشۇڭلار ۋە سىلەرنى ھىدايەت قىلغانلىقىغا ئاللاھنى ھەمدۇسانا ئېيتقان ھالدا ئۇلۇغلىشىڭلار ۋە شۈكۈر قىلىشىڭلار ئۈچۈندۇر﴾(1).

يۇقىرىقى ئايەتتىكى «شۇڭا» دېگەن سۆز «ف» ھەرپى بىلەن ئىپادىلەنگەن بولۇپ، بۇ ھەرپ ئەرەبچىدە تەرتىپ ۋە سەۋەبنى ئىپادىلەيدۇ. شۇڭا، بۇ جايدا «رامىزان ئېيىدا روزا تۇتۇش بۇ ئايدا قۇرئان نازىل بولغانلىقىغا ئەگىشىپ كەلگەن» دېگەن مەنىنى بىلدۈرۈپ كەلگەن. دېمەك، بۇ ئايدا روزا تۇتۇش جانابىي ئاللاھ سۇبھانەھۇ ۋەتائالانىڭ پۈتۈن مۇسۇلمانلارغا، بەلكى بارلىق ئىنسانىيەتكە قۇرئاننى نازىل قىلىش ئارقىلىق قىلغان زور ئىلتىپاتى ۋە كاتتا نېمىتىگە شۈكۈر قىلىش ۋە ئاللاھنى لايىقىدا ئۇلۇغلاش ئۈچۈن پەرز قىلىنغان دېيىشكە بولىدۇ.

قۇرئان كەرىم ئىنسانىيەتنى ھىدايەتكە باشلايدىغان، بەخت  –  سائادەتكە ئېرىشتۈرىدىغان ئېنىق ئايەتلەرنى ۋە ھۆكۈملەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان، جانابىي ئاللاھ ئۇنى تاكى قىيامەتكىچە ئۆزگەرتىلىشتىن قوغدايدىغان ئۇلۇغ كىتابتۇر. شۇنداق بولغان ئىكەن، رامىزان ئېيىدا بۇ ئۇلۇغ كىتابنىڭ ئىنسانىيەتكە ئاتا قىلىنغان ئىنئام سۈپىتىدە نازىل قىلىنىشىنىڭ شۈكرانىگە لايىق كاتتا نېمەت بولۇشى تەبىئىيدۇر.

ئىمام رازى مەزكۇر ئايەتنىڭ تەپسىرىدە مۇنداق دەيدۇ: «بىلگىنكى، ئاللاھتائالا ئۇشبۇ ئاينى مۇشۇ ئىبادەت بىلەن باشقىلىرىدىن ئالاھىدە قىلغىنىدا، بۇنىڭ سەۋەبىنىمۇ كۆرسىتىپ قويغان. ئۇ بولسىمۇ ئاللاھتائالانىڭ پەرۋەردىگارلىق دەلىل  –  ئىسپاتلىرىنىڭ ئەڭ كاتتىسى بولغان قۇرئاننى مۇشۇ مۇبارەك ئايدا نازىل قىلغانلىقى بولۇپ، ئۇنىڭغا ماس ھالدا بۇ ئاينى بەندىچىلىك ئىسپاتلىرىنىڭ كاتتىسى بولغان روزا تۇتۇش ئىبادىتى بىلەن ئالاھىدە قىلغان بولۇشى يىراق سانالمايدۇ»(2).

 

رامىزان ئېيى مىڭ ئايدىن ئەۋزەل بولغان قەدر كېچىسى بار ئايدۇر

ئاللاھتائالا قەدر كېچىسىنى رامىزان ئېيىدا قىلغان بولۇپ، بۇ ئۇلۇغ كېچىدە قىلغان ئىبادەت قۇرئاننىڭ ئېنىق كۆرسەتمىسى بويىچە مىڭ ئاي يەنى، 83 يىل تۆت ئاي ئىبادەت قىلغاندىنمۇ ئەۋزەلدۇر. ئاللاھتائالا بۇنى قەدر سۈرىسىدە مۇنداق ئېنىق بايان قىلغاندۇر:

﴿بىز ئۇنى (قۇرئاننى) ھەقىقەتەن قەدر كېچىسىدە نازىل قىلدۇق. قەدر كېچىسىنىڭ نېمىلىكىنى ساڭا نېمە بىلدۈردى؟ قەدر كېچىسى مىڭ ئايدىنمۇ خەيرلىكتۇر. پەرىشتىلەر بىلەن روھ (جىبرىئىل) بۇ كېچىدە پەرۋەردىگارىنىڭ ئەمرى بىلەن بارلىق ئىش ئۈچۈن چۈشىدۇ. ئۇ كېچە تاكى تاڭ ئاتقانغا قەدەر پۈتۈنلەي تىنچ  –  ئامانلىقتىن ئىبارەتتۇر﴾.

پەرىشتىلەر بىلەن روھ (جىبرىئىل) نىڭ ھەقىقەتەن قەدر كېچىسىدە چۈشۈشىنى ئىمام ئىبنى كەسىر مۇنداق تەپسىرلەيدۇ: «بۇ كېچىنىڭ بەرىكىتى كۆپ بولغاچقا، پەرىشتىلەر بۇ كېچىدە چۈشىدۇ. پەرىشتىلەر خۇددى قۇرئان تىلاۋەت قىلىنغاندا چۈشكىنىدەك، زىكىر سورۇنلىرىنى چۆرىدەپ، ھەقىقىي ئىلىم تەلەپ قىلغۇچىنى ئىززەتلەپ، ئۇلارغا قاناتلىرىنى پايانداز قىلىپ بەرگىنىدەك، ئادەتتە، بەرىكەت ۋە رەھمەت چۈشسە بىللە چۈشىدۇ» (3).

ئاللاھتائالا يەنە بىر ئايەتتە بۇ كېچىنى «مۇبارەك كېچە» دەپ ئاتىغان:

﴿بىز ئۇنى (قۇرئاننى) ھەقىقەتەن مۇبارەك بىر كېچىدە نازىل قىلدۇق، بىز ھەقىقەتەن ئاگاھلاندۇرغۇچىلارمىز. ئۇ كېچىدە ھەربىر ھېكمەتلىك ئىش ئايرىلىدۇ﴾(4).

﴿ئۇ كېچە تاكى تاڭ ئاتقانغا قەدەر پۈتۈنلەي تىنچ  –  ئامانلىقتىن ئىبارەتتۇر﴾ دېگەن ئىبارىنى مۇپەسسىرلەر: «كېسەللىكتىن، ئەزىيەتتىن، شەيتاننىڭ يامانلىقلىرىدىن خالىي، پەرىشتىلەر ئامانلىق ئېلىپ چۈشىدىغان كېچە» دەپ تەپسىرلەيدۇ(5). بۇ كېچىدىكى ئىبادەت بىلەن كىشىنىڭ ئىلگىرى ئۆتكۈزگەن گۇناھلىرى مەغپىرەت قىلىنىپ كېتىدۇ.

ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىدۇكى، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: «كىمكى ئاللاھنىڭ ئەجىر بېرىدىغانلىقىغا ئىشەنگەن، شۇنداقلا ساۋاب ئۈمىد قىلغان ھالدا رامىزان روزىسىنى تۇتسا، ئۇ كىشىنىڭ ئىلگىرى ئۆتكۈزگەن گۇناھلىرى مەغپىرەت قىلىنىپ كېتىدۇ. كىمكى قەدر كېچىسىدە ئاللاھنىڭ ئەجىر بېرىدىغانلىقىغا ئىشەنگەن، ھەم ساۋاب ئۈمىد قىلغان ھالدا ناماز ئوقۇسا، ئۇ كىشىنىڭ ئىلگىرى ئۆتكۈزگەن گۇناھلىرى مەغپىرەت قىلىنىپ كېتىدۇ»(6).

پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم قەدر كېچىسىنى: «رامىزاننىڭ ئاخىرقى ئونىنىڭ تاق كېچىلىرىدە»، يەنە بەزى ھەدىسلەردە: «ئاخىرقى يەتتە كۈندە» دەپ بايان قىلغان.

ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا رىۋايەت قىلىدۇكى، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: «قەدر كېچىسىنى رامىزاننىڭ ئاخىرقى ئونىنىڭ تاق كېچىلىرىدىن ئىزدەڭلار»(7).

ئابدۇللاھ ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما رىۋايەت قىلىدۇكى، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ساھابىلىرىدىن بىرمۇنچە كىشىلەر چۈشلىرىدە قەدر كېچىسىنىڭ ئاخىرقى يەتتىسىدە بولىدىغانلىقىنى كۆرگەن ئىدى. رەسۇلۇللاھ: «قارىسام سىلەرنىڭ كۆرگەن چۈشۈڭلار ئاخىرقى يەتتە كۈنگە ئۇدۇل كەپتۇ. شۇڭا، كىمكى قەدر كېچىسىنى ئىزدىسە، ئاخىرقى يەتتە كۈندىن ئىزدىسۇن» دېدى(8).

لېكىن، بۇ كېچىنىڭ قانچىنچى كېچىدە بولۇشى ئېنىق ئەمەس. 27  –  كېچىسى بولۇش ئېھتىماللىقى كۈچلۈك. بەزىدە 27  –  كېچىسى، يەنە بەزىدە 21  –  كېچىسى بولۇشىمۇ مۇمكىن. شۇڭا، پۈتۈن رامىزان ئېيىدا، خۇسۇسەن، ئاخىرقى ئون كۈنىدە پۇرسەتنى غەنىيمەت بىلىش، ئىبادەت ۋە دۇئادا ئالاھىدە تىرىشچانلىق كۆرسىتىش زۆرۈردۇر.

بۇ كېچىدە ئىبادەتكە مۇيەسسەر بولغان كىشىنىڭ بۇ كېچىنىڭ قەدر كېچىسى ئىكەنلىكىنى بىلىشىمۇ كېرەك ئەمەس. مۇھىمى ئۇنى تائەت  –  ئىبادەت بىلەن ئۆتكۈزگەن بولۇشىدۇر. بەزىلەر بۇ كېچىنىڭ تۈرلۈك ئالامەتلىرىنى بايان قىلىپ باققان بولسىمۇ، بىراق كۆپىنچىسىنىڭ ئاساسى يوق. پەقەت بىرلا خىل ئالامىتى، يەنى، بۇ كېچە ئاخىرلىشىپ، تاڭ ئاتقاندا قۇياش نۇرىنىڭ ئاجىز بولىدىغانلىقى ھەدىستە كەلگەن. ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما رىۋايەت قىلغان بىر ھەدىستە رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بۇ كېچىنى ۋە ئۇنىڭ كۈندۈزىنى مۇنداق سۈپەتلىگەن: «ئۇ كېچە ئايدىڭ، تىپتىنچ كېچە، ئىسسىقمۇ، سوغۇقمۇ ئەمەس. ئۇ كېچىنىڭ ئەتىسى قۇياش قىزغۇچ ۋە نۇرسىز چىقىدۇ»(9).

ئۇبەي ئىبنى كەئب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ «قەدر كېچىسىنىڭ ئەتىسى قۇياشنىڭ ئاق ۋە نۇرسىز ھالەتتە چىقىشى قەدر كېچىسى بولغانلىقنىڭ ئالامىتىدۇر» دېگەن(10).

يەنە بىر رىۋايەتتە ئۇبەي ئىبنى كەئب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بىزگە: «قەدر كېچىسى ئەتىگىنى قۇياش نۇرسىز ھالەتتە چىقىدۇ» دەپ ئۇقتۇرغان (11).

ئۇبادە ئىبنى سامىت رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: «قەدر كېچىسىنىڭ ئالامىتى شۇكى، كېچە خۇددى نۇر چېچىپ تۇرغان تولۇن ئاي باردىكىدەك سۈپسۈزۈك، ئايدىڭ، جىمجىت بولىدۇ. ھاۋا سوغۇقمۇ، ئىسسىقمۇ بولمايدۇ. تاكى تاڭ ئاتقۇچە شەيتانلارنى كۆيدۈرگۈچى يۇلتۇزلارمۇ ئېتىلمايدۇ. ئۇنىڭ ئالامەتلىرىنىڭ يەنە بىرسى شۇكى، ئەتىسى سەھەردە قۇياش خۇددى ئون تۆت كۈنلۈك تولۇن ئايدەك ئاق ۋە نۇرسىز چىقىدۇ(12).

قۇياش نۇرىنىڭ ئاجىز بولۇشى دېگەنلىك: ئۇنىڭغا كۆز بىلەن قارىسا قارىغىلى بولىدىغانلىقى، قۇياش توقىچى ئېنىق كۆرۈنىدىغان بولۇشى دېگەنلىكتۇر.

ئەتىسى قۇياش نۇرىنىڭ ئاجىز بولۇشىنىڭ سەۋەبىنى ئالىملار «شۇ كېچىسى ئاسماندىن چۈشۈپ  –  چىقىۋاتقان پەرىشتىلەرنىڭ نۇرلىرىنىڭ كۈچلۈك بولغانلىقى» دەپ قەيت قىلغان(13).

 

رامىزان ئېيى روزا تۇتۇش پەرز قىلىنغان ئايدۇر

جانابىي ئاللاھ قۇرئان كەرىمدە مۇنداق دەپ بۇيرۇغان: ﴿شۇڭا، سىلەردىن قايسىڭلار رامىزاندا مۇقىم تۇرسا، ئۇ ئايدا روزا تۇتسۇن﴾(14).

بۇ ئايەتتىكى «مۇقىم تۇرسا» دېگەن سۆز رامىزان ئېيىدا ئۆز يۇرتىدا مۇقىم تۇرغان، روزىغا قادىر بولغان، سەپەر قىلىشتەك باشقا ئۆزرە بولمىغان بولسا روزا تۇتۇشى ۋاجىپ، دېگەن مەزمۇننى بىلدۈرىدۇ.

يەنە جانابىي ئاللاھ مۆمىنلەرگە مۇنداق دەپ بۇيرۇغان: ﴿ئى ئىمان ئېيتقانلار! (دوزاختىن) ساقلىنىشىڭلار ئۈچۈن، سىلەردىن ئىلگىرىكى ئۈممەتلەرگە پەرز قىلىنغاندەك، سىلەرگىمۇ روزا تۇتۇش پەرز قىلىندى﴾(15).

بۇ ئايەت روزا تۇتۇشنىڭ مۇسۇلمانلارغا پەرزلىكىنى بىلدۈرۈش بىلەن بىرگە روزا تۇتۇش ئىبادىتىنىڭ بىزدىن ئىلگىرىكى ئۈممەتلەرگىمۇ پەرز قىلىنغانلىقىنى، شۇنداقلا روزا تۇتۇشتىن كۆزلەنگەن غايىنىڭ دوزاختىن ساقلىنىشتىن ئىبارەت تەقۋادارلىق ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ.

 

روزا تۇتۇشتىن كۆزلەنگەن تەقۋادارلىق نېمىنى كۆرسىتىدۇ؟

ئاللاھتائالا رامىزان ئېيىدا روزا تۇتۇشنىڭ يۇقىرى غايىسىنى «تەقۋادارلىق» دەپ كۆرسەتكەن. بۇ تەقۋادارلىق پۈتۈن ئىبادەتتىن كۆزلىنىدىغان غايىدۇر. ئاللاھتائالا مۇنداق دەپ بۇيرۇغان: ﴿ئى ئىنسانلار! (دوزاختىن) ساقلىنىشىڭلار ئۈچۈن، سىلەرنى ۋە سىلەردىن بۇرۇنقى ئۈممەتلەرنى ياراتقان پەرۋەردىگارغا ئىبادەت قىلىڭلار!﴾(16)

نېمىدىن ساقلىنىمىز؟ ئاللاھنىڭ غەزىپىدىن، ئاللاھنىڭ جازاسىدىن ۋە ئاخىرەت مەنپەئەتىنىڭ قولدىن كېتىشىدىن ساقلىنىمىز. بۇ ساقلىنىش تەقۋادارلىق بولۇپ، تەقۋادارلىق ئاللاھقا ئىتائەت قىلىش ۋە ئاسىيلىق قىلماسلىقتىن ئىبارەتتۇر.

بۇنداق يۇقىرى مەرتىۋىگە ئىگە بولغان تەقۋادارلىقنىڭ مەزمۇنى نېمە؟ بارلىق ياخشىلىقلارنىڭ توپلانمىسى بولغان بۇ تەقۋادارلىقنى شۇنداق خۇلاسىلەشكە بولىدۇكى، ئۇ ئۈمىد ۋە قورقۇشنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى بىر مەنزىلدۇر، ئۇ پۈتۈن ياخشىلىقلارنىڭ يىغىندىسىدۇر. بەزىلەر تەقۋادارلىقنى مۇنداق ئىزاھلىغان: تەقۋادارلىق دېگەن ئاللاھتائالاغا ئىتائەت قىلىش ئارقىلىق ئۇنىڭ جازاسىدىن ساقلىنىشتىن ئىبارەتتۇر. يەنە بەزىلەر مۇنداق ئىزاھلىغان: ئاللاھتائالاغا ئاسىيلىق قىلماي ئىتائەت قىلىش، ئۇنتۇپ قالماي ئەسلەپ تۇرۇش، نېمەتلىرىگە تۇزكورلۇق قىلماي، شۈكۈر قىلىپ تۇرۇشتىن ئىبارەتتۇر.

ئىمام ئىبنى جۇزەي دېگەندەك، تەقۋادارلىقنىڭ بەش دەرىجىسى بار بولۇپ، ئۇلار:

1. كۇپرىدىن ساقلىنىش. بۇ «ئىسلام دەرىجىسى» دەپ ئاتىلىدۇ.

2. مەئسىيەت ۋە ھارام ئىشلاردىن ساقلىنىش. بۇ «تەۋبە دەرىجىسى» دەپ ئاتىلىدۇ.

3. شۈبھىلىك ئىشلاردىن ساقلىنىش. بۇ «ئېھتىياتچانلىق دەرىجىسى» دەپ ئاتىلىدۇ.

4. مۇباھ ئىشلاردىن ساقلىنىش. بۇ «زاھىدلىق دەرىجىسى» دەپ ئاتىلىدۇ.

5. دىلىدا ئاللاھتىن باشقىسىنىڭ بولۇپ قېلىشىدىن ساقلىنىش. بۇ «كۆرۈش دەرىجىسى» دەپ ئاتىلىدۇ(17).

سەيىد قۇتۇب رەھمەتۇللاھى ئەلەيھى مەزكۇر ئايەتنىڭ تەپسىرىدە مۇنداق دەيدۇ: «روزىنىڭ تەقۋادارلىقتىن ئىبارەت چوڭ غايىسى ئېنىق كۆرۈنىدۇ. چۈنكى، تەقۋادارلىق دېگەن ئاللاھقا ئىتائەت قىلىپ، ئۇنىڭ رازىلىقىنى ئەلا بىلىپ، روزا ئىبادىتىنى ئادا قىلىۋاتقان چاغلاردا دىللاردا ئويغىنىدىغان نەرسىدۇر. دېمەك، تەقۋادارلىق دىللارنى ھەتتا كۆڭۈلگە كېلىپ قالىدىغان مەئسىيەتتىنمۇ قوغدايدۇ. مۇشۇ قۇرئان بىلەن خىتاب قىلىنغانلار تەقۋادارلىقنىڭ ئاللاھنىڭ ھۇزۇرىدىكى ئورنىنى، ئۇنىڭ تارازىسىدىكى ۋەزنىنى ياخشى بىلىدۇ. چۈنكى، تەقۋادارلىق ئۇلارنىڭ روھلىرى تەلپۈنىدىغان نىشاندۇر. بۇ روزا بولسا ئۇنى قولغا كەلتۈرۈشنىڭ قورالى ۋە يولىدۇر. بۇ سەۋەبتىن، ئايەتنىڭ ئۇرانى ›ساقلىنىشىڭلار ئۈچۈن‹ دەپ ئىپادىلىنىپ، تەقۋادارلىقنى ئۇلارنىڭ كۆزلىرى ئالدىدا روزا تۇتۇش ئارقىلىق يېتىدىغان ئېنىق بىر نىشان قىلىپ كۆرسىتىدۇ.»(18)

 

روزا تەقۋادارلىققا قانداق يەتكۈزىدۇ؟

بىز روزا ئارقىلىق گۇناھ  –  مەئسىيەتلەردىن ساقلىنالايمىز. چۈنكى، قورساقنىڭ توق تۇرۇشى گۇناھ  –  مەئسىيەتكە تۈرتكە بولىدىغان ئىشلارنىڭ بېشىدۇر. ھەممىمىزگە مەلۇمكى، ئۇسسۇزلۇقى قانغان كىشىدە تېپىلىدىغان شەھۋەت ئۇسساپ كەتكەن كىشىدە تېپىلمايدۇ. بۇ سەۋەبتىن، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بىر ھەدىسىدە «روزا قالقاندۇر» دېگەن(19). يەنى، گۇناھ  –  مەئسىيەتتىن دالدا بولىدىغان دېمەكچى. ئىبراھىم ئىبنى ئەدھەم ھەزرەتلىرىمۇ: «ئاچلىق دىلنىڭ چاقمىقى» دېگەن.

 

رامىزان ئېيى يەنە بىر رامىزان كەلگىچە قىلغان گۇناھلارغا كەفارەت بولىدىغان ئايدۇر

«مۇسلىم»دىكى ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلغان بىر ھەدىستە پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: «بەش ۋاقىت ناماز، جۈمە يەنە بىر جۈمەگىچە، رامىزان يەنە بىر رامىزانغىچە چوڭ گۇناھلار سادىر بولمىسىلا، ئارىلىقتا قىلغان گۇناھلارنى يۇيۇۋەتكۈچى ئەمەللەردۇر»(20).

يەنە بىر ھەدىستە رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: «رامىزان ئېيى كىرسە، جەننەت ئىشىكلىرى ئېچىلىپ، جەھەننەم ئىشىكلىرى تاقىلىدۇ، شەيتانلار باغلىنىدۇ» (21).

 

رامىزان ئېيىدا ئىبادەت قىلىش ئاسان بولىدۇ

ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلغان «سەھىھەين»دىكى بىر ھەدىستە رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: «رامىزان ئېيى كىرسە ئاسماننىڭ ئىشىكلىرى ئېچىلىپ، جەھەننەمنىڭ ئىشىكلىرى تاقىلىدۇ، شەيتانلار باغلىنىدۇ». يەنە بىر رىۋايەتتە: «رامىزان كەلسە جەننەتنىڭ ئىشىكلىرى ئېچىلىدۇ» دەپ كەلگەن(22).

بۇ ھەدىسنىڭ مەنىسى: ئاللاھتائالا بۇ ئۇلۇغ ئايدا بەندىلىرىنى ياخشى ئىشلارنى قىلىشقا مۇيەسسەر قىلىدۇ. نەتىجىدە، ئۇلار روزا ۋە تەھەججۇدتەك ساۋابلىق ئىشلارنى كۆپ قىلىپ جەننەتكە كىرەلەيدۇ. شۇنداقلا كىشىلەردە قەيسەر ئىرادە ۋە «ئاللاھ مېنى كۆرۈپ تۇرىدۇ» دەيدىغان تۇيغۇ كۈچىيىدىغان بولغاچقا، دوزاخقا كىرگۈزىدىغان گۇناھلارنى قىلمايدۇ. دېمەك، بۇ پەزىلەتلىك ئايدا ساۋاب ھەسسىلەپ بېرىلىدۇ، كۆپلىگەن مۇسۇلمانلار گۇناھ ئىشلارنى تاشلايدۇ. مۇسلىم رىۋايىتىدە: «رامىزان ئېيى كەلسە رەھمەت دەرۋازىلىرى ئېچىلىدۇ»(23) دەپ كەلگەنلىكى يۇقىرىقى ھەدىستىكى: «ئاسماننىڭ ئىشىكلىرى ئېچىلىدۇ» دېگەن سۆزنىڭ مەجاز ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ. شەيتانلارنىڭ باغلىنىشىغا كەلسەك، بەزى ئالىملار: «شەيتانلارنىڭ باغلىنىشىنى ھەقىقەت» دەپ قارىسا، يەنە بەزى ئالىملار «مەجاز» دەپ قارىغان.

مەجاز دېگەن ئالىملار مۇنداق دېگەن: «شەيتانلارنىڭ باغلىنىشى ئۇلارنىڭ ئىنسانلارنى ئازدۇرالماسلىقى، ئىنسانلارنىڭمۇ ئۇلارنىڭ ۋەسۋەسە ۋە ئازدۇرۇشىنى قوبۇل قىلمايدىغانلىقى ھەمدە ئۇلارنىڭ ئىنسانلارنى ئازدۇرۇشنى ھېچ تەمە قىلالماسلىقىدىن مەجازدۇر. چۈنكى، رامىزان ئېيى كىرسە كىشىلەر روزا تۇتىدۇ، بۇنىڭ بىلەن كىشىلەردىكى ھايۋانىي شەھۋەت ئاجىزلايدۇ، گۇناھلارغا تۈرتكە بولىدىغان ھايۋانىي شەھۋەت ئاجىزلىغاچقا، كۆڭۈللىرى ئەينەكتەك ساپ ۋە سۈزۈك بولىدۇ، ئەقىللىرى پايدىلىق ۋە ساۋابلىق ئىشلارنى قىلىشقا، گۇناھلارنى قىلماسلىققا ئۈندەيدۇ. نەتىجىدە، ئۇلار بارلىق ياخشى ئەمەل  –  ئىبادەتلەرگە يۈزلىنىپ، گۇناھلاردىن يۈز ئۆرۈيدۇ. شۇڭا، ئۇلارغا جەننەت دەرۋازىلىرى ئېچىلىپ، دوزاخ دەرۋازىلىرى تاقىلىدۇ. شەيتان ئۇلارغا ھېچ تەسىر كۆرسىتەلمەيدۇ، شەيتان ئۇلارغا ۋەسۋەسە سېلىش ئۈچۈن يېقىنلاشسا ئۇلاردىكى ئىمان ۋە تائەت  –  ئىبادەت نۇرى شەيتاننى كۆيدۈرۈپ تاشلايدۇ».

شەيتانلارنىڭ باغلىنىشىنى ھەقىقەت دەپ قارىغان بەزى ئالىملار مۇنداق دېگەن: «شەيتانلارنىڭ ھەممىسى رامىزان ئېيىدا ھەقىقەتەن باغلىنىدۇ، شۇڭا، ئۇلار كىشىلەرگە ۋەسۋەسە سالالمايدۇ، ياكى شەيتانلارنىڭ ئاسماندىن گەپ ئوغۇرلايدىغانلىرى باغلىنىپ، بۇ ئاي ئىچىدە شەيتانلار ئاسماندىن ئۇچۇر ئوغرىلىيالمايدۇ، ياكى شەيتانلارنىڭ يامانلىرى باغلىنىدۇ، كىچىك ۋە ئاجىزلىرى باغلانمايدۇ، دېيىشكىمۇ بولىدۇ، چۈنكى بىر ھەدىستە: «رامىزان كەلسە شەيتانلارنىڭ يامانلىرى باغلىنىدۇ» دېيىلگەن. دېمەك، بۇ ئايدا شەيتانلارنىڭ ھەممىسى ياكى يامانلىرى باغلانغانلىقى ئۈچۈن باشقا ئايلارغا قارىغاندا بۇ ئايدا گۇناھ ئىشلار ئاز بولىدۇ. «شەيتانلار باغلانغانلىقى ئۈچۈن بۇ ئايدا ھېچقانداق گۇناھ سادىر بولماسلىقى كېرەك ئىدى، ئەمما، ئەمەلىيەتتە، بۇ ئايدىمۇ گۇناھلار سادىر بولىدۇغۇ؟» دېيىش ئورۇنسىز. چۈنكى، گۇناھلارنىڭ مەنبەسى شەيتانلارلا ئەمەس، بەلكى پەس كىشىلەر، ناچار ئادەتلەر ۋە ئادىمىي شەيتانلارمۇ گۇناھلارغا سەۋەب بولىدۇ»(24).

بۇنىڭدىن شۇنى كۆرۈۋالالايمىزكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ھەدىسىگە ئەسلىي ياكى مەجازىي مەنە بەرسەك، بۇ ھەدىس ھەر ئىككى ئەھۋالدا ئەمەلىيەتكە زىت كەلمەيدۇ. چۈنكى، يامان ئىشلار ۋە گۇناھلار باشقا ئايلارغا قارىغاندا رامىزاندا ئاز سادىر بولىدۇ. باشقا ئايلاردا ئەمەل  –  ئىبادەتكە يۈزلەنمەي قالغانلارغىمۇ بۇ ئايدا ناماز ئوقۇپ، روزا تۇتۇش ئارقىلىق ئاللاھقا ئىتائەت قىلىش قولاي بولىدۇ. ئادەتتە، باشقا ئايلاردا تائەت  –  ئىبادەت بىلەن شۇغۇللانغانلار رامىزان ئېيى كەلسە تېخىمۇ كۆپ ئەمەل  –  ئىبادەت قىلالايدۇ. قۇرئان ئوقۇش، تەراۋىھ نامىزى ئوقۇش، تەھەججۇد ئوقۇش، خەير  –  ساخاۋەت قىلىش ئىشلىرىنى تېخىمۇ كۆپ قىلالايدۇ. باشقا ئايلاردا ئانچە  –  مۇنچە كىچىك گۇناھلارنى قىلىپ سالىدىغانلار بۇ ئايدا ئاشۇ كىچىك گۇناھلارنىمۇ تاشلىيالايدۇ.

ئەمەلىيەتتە، ھەممىمىز كۆرگەن بۇ ھەقىقەتنى يۇقىرىقى ھەدىس بىلەن بىللە تەھلىل قىلىدىغان بولساق، بۇمۇ ئىلمىي جەھەتتىن پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ئاللاھنىڭ ئەلچىسى ۋە ھەق پەيغەمبەر ئىكەنلىكىگە دەلىل بولالايدىغان بىر مۆجىزە ھېسابلىنىدۇ. چۈنكى، رامىزاندا تائەت  –  ئىبادەتكە يۈزلىنىش ۋە تۈرلۈك گۇناھلارنى تاشلاشمۇ باشقا ئايلاردىن كۆپرەك بولۇۋاتىدۇ ۋە بولماقتا.

 

رامىزان ئېيىدا ئادا قىلىنغان ئۆمرەنىڭ پەزىلىتى

رامىزان ئېيىدا ئادا قىلىنغان ئۆمرەنىڭ باشقا ئايلاردىكىگە قارىغاندا ئالاھىدە پەزىلىتى بار بولۇپ، «سەھىھەين»دىكى ھەدىستە رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «رامىزاندىكى ئۆمرە ھەجگە باراۋەر» دېگەن. «مۇسلىم»نىڭ بىر رىۋايىتىدە: «…مەن بىلەن بىللە قىلغان ھەجگە باراۋەر» دېگەن(25). گەرچە بۇنداق ئۆمرە ساۋاب جەھەتتە شۇنداق ھەجگە باراۋەر بولسىمۇ، لېكىن، پەرز ھەج بۇنىڭ بىلەن گەدىنىدىن ساقىت بولمايدۇ، بارلىق ئالىملار بۇنىڭدا ئىتتىپاق.(26)

رامىزان ئېيىدىن باشقا ئايدىكى ئۆمرەنىڭ ھەجگە باراۋەر بولىدىغانلىقى ھەققىدە ھەدىس كەلمىگەن. بۇ ئۆمرەنىڭ ساۋابىنىڭ نەچچە ھەسسە ئارتۇق بولۇشى رامىزان ئېيىنىڭ پەزىلىتى ۋە شەرىپىدىن كەلگەن. چۈنكى، بۇ ئۆمرە پەقەت رامىزان ئېيىدا ئورۇندالغانلىقى ئۈچۈنلا دەرىجىسى ئەنە شۇنداق كاتتا بولغان.

 

روزا تۇتۇش كامىل بەندىچىلىك ۋە ئىخلاسنى ئىپادىلەيدۇ

ئىبادەت ۋە بەندىچىلىكنىڭ مەزمۇنى تولۇق بويسۇنۇشتىن ئىبارەت بولغاچقا، ئىبادەت روزا تۇتۇش ئارقىلىق بويسۇنۇشنىڭ ئەڭ يۇقىرى پەللىسىدە نامايەن بولىدۇ. چۈنكى، روزا تۇتقان كىشى كۆز ئالدىدا يېمەك  –  ئىچمەك تەييار تۇرسىمۇ ئاللاھنىڭ رازىلىقى ئۈچۈن ئاچ ۋە ئۇسسۇز ھالەتتە چىداپ تۇرىدۇ، شەھۋىتىدىن ۋاز كېچىدۇ.

ئىسلامنىڭ باشقا ئاساسلىق ئىبادەتلىرىدە رىياكارلىق ۋە ئىبادەتنىڭ قىممىتىنى چۈشۈرىدىغان ياكى بىكار قىلىۋېتىدىغان باشقا ئىللەتلەر كۆرۈلسىمۇ، روزا تۇتۇش ئىبادىتىدە ساپ ئىخلاستىن باشقىسى بولمايدۇ. چۈنكى، روزا تۇتقان كىشى ئىخلاس بىلەن روزا تۇتىدۇ، ئۇنى ئاللاھتىن باشقا كۆزىتىپ تۇرغۇچى بولمايدۇ.

ئىخلاس دېگەن ئەمەل  –  ئىبادەتنىڭ ساپلىقىنى بۇزىدىغان ھەرقانداق دۇغدىن ساقلاشتۇر. ناۋادا روزىنى ئاللاھ ئۈچۈن تۇتماي، ئورۇقلاش ئۈچۈن تۇتقان بولسا، بۇ ئىشتا ئىخلاس بولمايدۇ. مانا بۇ سەۋەبتىن، جانابىي ئاللاھ روزا تۇتقانلارنىڭ ساۋابىنى بېرىشنى ئالاھىدە ئۆزىگە مەنسۇپ قىلغان.

ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىدۇكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: «ئادەم بالىسىنىڭ ھەربىر ياخشى ئەمىلىنىڭ ئەجرى ئون ھەسسىدىن يەتتە يۈز ھەسسىگىچە كۆپەيتىپ بېرىلىدۇ. ئاللاھتائالا: لېكىن، روزا ئۇنىڭ سىرتىدا، روزا پەقەت مەن ئۈچۈن بولىدۇ، ئۇنىڭ ئەجرىنى مەن بېرىمەن. ئۇ كىشى مېنىڭ رازىلىقىمنى دەپ تامىقىنى، شەھۋىتىنى تەرك ئېتىدۇ، دېگەن. روزا تۇتقۇچى ئۈچۈن ئىككى خۇشاللىق بار: بىرى، ئىپتار قىلغان چاغدىكى خۇشاللىق، يەنە بىرى، رەببىگە ئۇچراشقاندىكى خۇشاللىق. روزا تۇتقۇچىنىڭ ئېغىزىنىڭ پۇرىقى ئاللاھنىڭ نەزىرىدە ئىپار بۇيىدىنمۇ خۇشپۇراقتۇر»(27).

دېمەك، ئىخلاس قانچە ئارتۇق بولغانسېرى مۇكاپاتمۇ شۇنچە كاتتا بولغان.

ئەبۇ ئۇمامە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: «مەن پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ يېنىغا كېلىپ:

ــ مېنى بىر ئىشقا بۇيرۇسىلا، مەن ئۇنى سىلىدىنلا ئۆگىنەي، ـ دېسەم، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم:

ــ روزا تۇتقىن، ئەجىردە ئۇنىڭ تەڭدىشى يوق، ـ دېدى»(28).

يەنى، ئەجىرنىڭ كاتتىلىقىدا، روھنى ساپلاشتۇرۇشتا، بەندىنى ئىگىسىگە يېقىنلاشتۇرۇشتا، جىسىمنى ساغلاملاشتۇرۇشتا، نەپسانىي شەھۋەتلەرنى سۇندۇرۇشتا ئۇنىڭغا ئوخشايدىغان بىرەر ئىبادەت يوق. ئۇ مىسلىسىزدۇر. ئىنسان روزا ئارقىلىق ئۆزىنى تىزگىنلەيدۇ، قىيىنچىلىقلارغا تاقابىل تۇرالايدۇ. ئىسلامنىڭ كۆزلىگىنىمۇ نەپسى بالا، بوشاڭ ئادەم ئەمەس، بەلكى ئىرادىلىك، چىداملىق مۆمىندۇر. ھاۋايى  –  ھەۋەس قۇللۇقىدىن ئازاد بولغان، پەقەت ئىخلاس سىزىقى بىلەنلا ماڭىدىغان نەپس ھەقىقەتەن كۆڭلى ئىمان بىلەن خاتىرجەم بولىدىغان نەپستۇر.

ئىخلاس بولغاندا ئاللاھنىڭ قوغدىشىغا، ھىمايىسىگە ئېرىشكىلى بولىدۇ. جانابىي ئاللاھ يۈسۈف ئەلەيھىسسالامنى يامان ئىشتىن قوغداپ قالغانلىقىنىڭ سەۋەبى ھەققىدە مۇنداق دېگەن: ﴿ئەنە شۇنداق قىلىپ بىز ئۇنىڭدىن يامانلىق ۋە قەبىھ قىلمىشنى نېرى كەتكۈزدۇق. چۈنكى، ئۇ ھەقىقەتەن بىزنىڭ ئىخلاسمەن بەندىلىرىمىزدىن ئىدى﴾(29). شۇڭا، ھەرقانداق بىر كىشى ئىشلىرى تەتۈر كېلىپ، قىينىلىپ كەتسە ئۇنى چوقۇم بىرەر گۇناھى سەۋەبىدىن، ئىخلاسىنىڭ تولۇق بولمىغانلىقىدىن، دەپ چۈشەنسە بولىدۇ.

 

روزا تۇتۇش ئۆزىنى قىيناش ئەمەس

ئاللاھتائالا روزا تۇتۇشنى ئۆزىمىزنى قىيناش ياكى ئۆز نەپسىمىزدىن ئۆچ ئېلىش ئۈچۈن يولغا قويمىغاندۇر، بەلكى روھنى ئويغىتىش، بەدەننى ساغلاملاشتۇرۇش، ئىرادىنى تاۋلاش، سەۋر  –  تاقەتكە ئادەتلەندۈرۈش، نېمەتنى تونۇتۇش، رەھىم – شەپقەتلىك قىلىپ تەربىيەلەش، شۇنداقلا كامىل بەندىچىلىككە، تولۇق بويسۇنۇشقا ئادەتلەندۈرۈش ئۈچۈن يولغا قويغان. شۇڭا، روزا تۇتۇش ھەققىدىكى «بەقەرە» سۈرىسىنىڭ 185 – ئايىتىنى مۇنداق دەپ ئاياغلاشتۇرغان: ﴿ئاللاھ سىلەرگە ئاسانلىقنى خالايدۇ، تەسلىكنى خالىمايدۇ﴾.

قىيناش مەقسەت قىلىنمىغانلىقى ئۈچۈن جانابىي ئاللاھ «بەقەرە» سۈرىسىنىڭ 184 – ئايىتىدە مۇنداق دەيدۇ: ﴿روزا ساناقلىق كۈنلەردۇر﴾. يەنى، يىلبويى ئەمەس، يېرىم يىلمۇ ئەمەس، پەقەتلا ساناقلىق كۈنلەردىن ئىبارەتتۇر. روزا تۇتىدىغان كۈن 24 سائەت ئەمەس، تاڭ ئاتقاندىن كۈن پاتقانغا قەدەردۇر. دېمەك، كۈندۈزى روزا تۇتىمىز، كېچىسى ئېغىز ئاچىمىز. يەنە تېخى كېسەل ۋە باشقا ئۆزرىلىك كىشىلەردىن روزا تۇتۇش كەچۈرۈم قىلىنغان. ئاللاھتائالا بۇ ھەقتە يۇقىرىقى ئايەتنىڭ ئاخىرىدا مۇنداق دەپ كۆرسەتكەن: ﴿سىلەردىن كىمكى كېسەل ياكى سەپەر ئۈستىدە بولسا باشقا كۈنلەردە تۇتۇۋالسۇن، قېرىلىقى ياكى ئاجىزلىقتىن روزا تۇتۇشتا قىينىلىپ كېتىدىغانلار بىر كۈن روزا ئۈچۈن بىر مىسكىننى تويغۇزسا بولىدۇ﴾.

 

روزا تۇتۇش بارلىق ئىشلىرىمىزنى تۈزەيدۇ

روزا تۇتقان كىشى ئاللاھتائالانىڭ ئۆزىنى كۆرۈپ ۋە كۆزىتىپ تۇرىدىغانلىقىنى ھېس قىلىپ ئادەتلىنىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بارلىق ئىش – ھەرىكەتلىرىدە «ئاللاھ مېنى كۆرۈپ تۇرىدۇ» دېگەن ئاساستا ھەرىكەت قىلىدۇ. بۇنداق كىشى ئۆزىنىڭ جەمئىيىتى، ۋەتىنى ۋە مىللىتى ئۈچۈن پايدىلىق ئادەم بولىدۇ، سۆزلىسە راست سۆزلەيدۇ، ئىش قىلسا ئىخلاس بىلەن قىلىدۇ، ھۆكۈم قىلسا ئادىللىق بىلەن قىلىدۇ، ۋەدە بەرسە ۋاپا قىلىدۇ، ئامانەت ئالسا ساقلايدۇ، سودا – سېتىق قىلسا سەمىمىيلىك بىلەن قىلىدۇ، يالغان گۇۋاھلىق بەرمەيدۇ، ھارام يېمەيدۇ، ناچار ئىش قىلمايدۇ. روزا تۇتقان كىشى بىر ئاي مۇشۇنداق قىلالىسا ئېسىل خىسلەتلەرنى يېتىلدۈرۈپ، يىلبويى شۇنداق ئالىيجاناب ھالىتىدە داۋاملىشالايدۇ.

 

روزا تۇتۇش تەننى ساغلاملاشتۇرىدۇ

روزا تۇتۇشنىڭ تەننى ساغلاملاشتۇرىدىغانلىقى تېببىي جەھەتتىن ئېنىق ۋە كەسكىن هالدا ئىسپاتلانغان. لېكىن، بىز مۇسۇلمانلار «روزا تۇتۇش تەننى ساغلاملاشتۇرىدۇ» دەپ ئەمەس، جانابىي ئاللاھ سۇبھانەھۇ ۋەتائالاغا بەندىچىلىك ۋە قۇللۇق ئىزھار قىلىپ، ئۇنىڭغا تولۇق بويسۇنۇپ، بۇيرۇقىنى ئىجرا قىلىش ئۈچۈن روزا تۇتىمىز. شۇنداقتىمۇ، روزىنىڭ تەن ساغلاملىقى ئۈچۈن زور پايدىسى بارلىقى بىر ھەقىقەتتۇر. بەلكى بۇ جانابىي ئاللاھنىڭ ئىتائەتمەن بەندىلىرىگە ئاتا قىلىدىغان ئىلتىپاتى ۋە مەغپىرىتى بىلەن بىللە كېلىدىغان قوشۇمچە سوۋغىتىدۇر.

 

روزا تۇتۇش ئىرادىنى تاۋلايدۇ

ئىمام قەرداۋى «ئىسلامدا ئىبادەت» ناملىق كىتابىدا مۇنداق دەيدۇ: «ئىسلام دىنى تەسلىمچىلىك ۋە ھۇرۇنلۇقنى تەشەببۇس قىلىدىغان دىن بولماستىن، بەلكى جىھاد ۋە توختاۋسىز كۈرەش دىنىدۇر. جىھادنىڭ بىرىنچى قورالى بولسا سەۋرچانلىق ۋە كۈچلۈك ئىرادىدۇر. چۈنكى، ئۆز نەپسى بىلەن جىھاد قىلالمىغان كىشى قانداقمۇ دۈشمەنگە قارشى جىھاد قىلالىسۇن؟ ئۆز نەپسىنى ۋە نەپسىنىڭ شەھۋەتلىرىنى يېڭەلمىگەن كىشى قانداقمۇ دۈشمىنىنى يېڭەلىسۇن؟ بىر كۈنلۈك ئاچلىققا بەرداشلىق بېرەلمىگەن كىشى چوڭ غايىلەرنى ۋۇجۇتقا چىقىرىش ئۈچۈن قانداقمۇ ئاتا – ئانا، بالا – چاقا ۋە ئەزىز ۋەتىنىنىڭ پىراقىغا چىدىيالىسۇن؟ روزا تۇتۇش سەۋر ۋە نەپسىنى تىزگىنلەشتەك ئالاھىدىلىكى بىلەن ئاللاھ يولىدا قاتتىق – قۇرۇق ھاياتقا ۋە ئاچلىققا بەرداشلىق بېرەلەيدىغان سەۋرچان مۇجاھىدلارنى يېتىشتۈرۈشتىكى ئەڭ مۇھىم ۋاسىتىلەرنىڭ بىرىدۇر».

 

روزا تۇتۇش نېمەتلەرنى تونۇتىدۇ

مەلۇمكى، نېمەتلەر كۆپ بولغانسىرى ئىنساننىڭ ئۇلارنى ھېس قىلىش تۇيغۇسى تۆۋەنلەيدۇ. ئەمما، ئۇلاردىن مەھرۇم بولۇپ قالغاندا ئۇلارنىڭ قەدرىگە ئوبدان يېتىدۇ. روزا تۇتۇش ئارقىلىق جانابىي ئاللاھنىڭ ئىنسانلارغا ئاتا قىلغان سانسىز نازۇ – نېمەتلىرىنىڭ قەدرىگە، نامراتلارنىڭ، يوقسۇللارنىڭ دەردىگە، ئۇلارنىڭ ھالىغا يەتكىلى بولىدۇ. نېمەتلەرنىڭ قەدرىگە يەتكەندىلا ئاندىن ئۇلارغا ئۆز لايىقىدا شۈكۈر قىلىشقا تىرىشقىلى بولىدۇ. مانا بۇنىڭدىن، روزا تۇتۇشنىڭ يەنە بىر ئەھمىيەتلىك تەرىپى ئېنىق كۆرۈلىدۇ.

 

داۋامى بار.

«ساجىيە ئىسلام تەتقىقات مەركىزى»

———————————————————————-

1. «بەقەرە» سۈرىسى، 185 – ئايەت.
2. «تەپسىرۇلكەبىر»، 5/72.
3. «تەپسىرى ئىبنى كەسىر»، 1/532.
4. «دۇخان» سۈرىسى، 1 – 4 – ئايەتلەر.
5. «رۇھۇل مەئانى»، 30/197.
6. سەھىھەين: «بۇخارى»، 2014 – ھەدىس؛ «مۇسلىم»، 759 – ھەدىس.
7. سەھىھەين: «بۇخارى»، 2017 – ھەدىس؛ «مۇسلىم»، 1169 – ھەدىس.
8. سەھىھەين: «بۇخارى»، 2015 – ھەدىس؛ «مۇسلىم»، 1167 – ھەدىس.
9. «صحيح ابن خزيمة»، 2192 – ھەدىس.
10. «سەھىھى مۇسلىم»، 762 – ھەدىس.
11. «تىرمىزى»، 793 – ھەدىس. ئالبانى «سەھىھ» دېگەن.
12. «مسند أحمد»، 22817 – ھەدىس. راۋىيلىرى ئىشەنچلىك.
13. «رۇھۇل مەئانى»، 30/193.
14. «بەقەرە» سۈرىسى، 185 – ئايەت.
15. «بەقەرە» سۈرىسى، 183 – ئايەت.
16. «بەقەرە» سۈرىسى، 21 – ئايەت.
17. «ئەتتەسھىيل لىئۇلۇمىتتەنزىل»، 1/36.
18. «فى زىلال» تەپسىرى
19. «مۇسلىم»، 1151 – ھەدىس.
20. «مۇسلىم»، 233 – ھەدىس.
21. سەھىھەين: «بۇخارى»، 3277 – ھەدىس؛ «مۇسلىم»، 1079 – ھەدىس.
22. سەھىھەين: «بۇخارى»، 1898 -، 1899 – ھەدىسلەر؛ «مۇسلىم»، 1079 – ھەدىس.
23. «مۇسلىم»، 1079 – ھەدىس.
24. «فتح الباري»، 4/114؛ «شەرھى سەھىھى مۇسلىم»، نەۋەۋى، 7/188.
25. سەھىھەين: «بۇخارى»، 1782 – ھەدىس؛ «مۇسلىم»، 1256 – ھەدىس.
26. «شەرھى سەھىھى مۇسلىم»، 9/2.
27. «مۇسلىم» 1151 – ھەدىس.
28. «نەسائى»، 2220 – ھەدىس. ئالبانى «سەھىھ» دېگەن.
29. «يۈسۈف» سۈرىسى، 24 – ئايەت.

Please follow and like us:

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز