ھەققىمىزدە

ناھايىتى شەپقەتلىك ۋە مېھرىبان ئاللاھنىڭ ئىسمى بىلەن باشلايمەن

 «ساجىيە» دېگەن نام مىلادى 926- يىلى تۇنجى ئۇيغۇر ئىسلام خاقانى سۇتۇق بۇغراخاننىڭ يارلىقى بىلەن دىيارىمىزدا قۇرۇلغان قەدىمى ۋە تۇنجى بىلىم-مەرىپەت بۆشۈكىنىڭ نامى بولۇپ، «بىلىم-مەرىپەت بۆشۈكى، ئىلىم تارقىتىش ماكانى» دېگەندەك مەنىلەرگە ئىگە.

ئۆز دەۋرىنىڭ مەرىپەت بۇلىقى بولغان، «بىلىم تارىتىش»تىن ئىبارەت ئۇلۇغ مەسئۇلىيەت ۋە مەجبۇرىيەتنى ئۆزىگە تۇغ قىلغان بۇ مەدرىسە ئۆتمۈش تارىخىمىزدا تالاي قەھرىمانلارنى، ئۇلۇغ ئەللامىلەر ۋە بۈيۈك شەخسلەرنى يېتىشتۈرۈپ چىقىشتەك ئۇلۇغ ۋەزىپىسىنى ئورۇنداپ كەلگەن ئىلىم مۇئەسسەلىرىدىن بىرىدۇر. مىللەتنىڭ ئىلىم-ئىرپان ئۇسسۇزلىقىغا مەلھەم بولۇپ كەلگەن بۇ مۇئەسسەسەنىڭ سىمالىرى كۈنىمىز ئەۋلادلىرىنىڭ ئېڭىدا سۇسلىشىشىغا ئەگىشىپ، ئۆز دەۋرىنىڭ مائارىپ مەشئېلىنى چاقناتقان بىر خەلق ئىكەنلىكىمىز ئەستىن كۆتۈرۈلمەكتە. قىسقىسى، مۇشۇنىڭدەك ئىلمىي مۇئەسسەسەلەرنىڭ مىللىتىمىز كىملىكىنى ساقلاشتىكى رولى، مەدەنىيىتىنى قۇرۇپ چىقىشتىكى تۆھپىلىرى ئۇنتۇلۇپ بارماقتا.

«ساجىيە ئىسلام بىلىملىرى تورى» خاراكتېر جەھەتتىن «مەرىپەت تارىتىشتىن» ئىبارەت ئەجدادلارنىڭ ئۇلۇغۋار روھىغا ۋارىسلىق قىلىشنى كۆزلەپ قۇرۇلغان بولۇپ، تور بېكىتىمىز خەلقىمىزگە دىنىي ۋە شەرئىي بىلىملەرنى ئەڭ ئىشەنچلىك، ئاممىباب ۋە بۈگۈنكى دەۋر تىلى بىلەن چۈشەندۈرۈشنى ئاساس قىلغان، ئۇچرىغان دىنى مەسىلىلەرگە شەرىئەت نۇقتىسىدىن ئىلمىي جاۋاب بېرىش ئارقىلىق دىنىي بىلىم ساھەلىرىدىكى بوشلۇقنى تولدۇرۇشنى ئۆزىگە بۇرچ قىلغان بىر تور مۇئەسسەسەسىدۇر.

تور بېكىتىمىز بۈگۈنكى دەۋر تور تەرەققىياتىدىكى ئەڭ ئىلغار قوراللاردىن پايدىلانغان ئاساستا ئۇيغۇر خەلقىمىزنىڭ ئەرەب تىلى ۋە شەرئىي بىلىملەرنى ئانا تىلىدا ئىگەللىشىنى قۇلايلاشتۇرۇش، كۈندىلىك تۇرمۇشىدا دۇچ كېلىۋاتقان مەسىلىلەرگە توغرا دىئاگنوز قويۇپ ئۇلارنى ئەھلى سۈننەت ۋەلجامائەنىڭ ئوتتۇراھاللىق مەيدانىنى ئەكس ئەتكۈچى شەرئىي پەتىۋالار، دىنىي ۋە ئىلمىي ساپانى يۇقىرى كۆتۈرۈشكە تۈرتكە بولغۇچى كىتاب-ئەسەرلەر ۋە ماقالە-يازمىلار بىلەن تەمىنلەش قاتارلىق خىزمەتلەرنى سۇنۇپ كەلمەكتە.

تور بېكىتىمىز ئەھلى سۈننەت ۋەلجامائە بىرلىكىنى ھىمايە قىلىش، ئىسلام ئەقىدىسى، ئىسلام شەرىئىتى، ئىسلام ئەخلاقىدىن ئىبارەت ئۈچ چوڭ كاتېگورىيە بويىچە ئۇيغۇر ئىسلام مەدەنىيىتىنىڭ قەد كۆتۈرۈشىگە بىر كىشىلىك ھەسسە قوشۇش، دىننىڭ ئالەمشۇمۇللىقىنى، ئوتتۇراھاللىقىنى، ھەر دەۋر ۋە شارائىتقا مۇناسىپلىقىنى گەۋدىلەندۈرۈش ۋە بۇ ئاساستا ئەزىز مىللىتىمىزنىڭ ئۇيغۇرلۇق كىملىكىنىڭ ئايرىلماس بىر تەركىبى بولغان مۇسۇلمانلىق كىملىكىنى ساقلىشىغا ھەمدەم بولۇشتەك ئۇلۇغۋار مەقسەتلەرنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشنى ئۈمىد قىلىدۇ.

 

ھۆرمەت بىلەن: «ساجىيە ئىسلام بىلىملىرى تورى»

 

دوكتور ئابدۇلئەزىز رەھمەتۇللاھنىڭ قىسقىچە تەرجىمىھالى

 

بالىلىق ھاياتى

دوكتور ئابدۇلئەزىز رەھمەتۇللاھ 1971 – يىلى 12 – ئاينىڭ 25 – كۈنى خوتەن شەھىرىدىكى بىر مەرىپەتپەرۋەر ئائىلىدە دۇنياغا كەلگەن. ئۇ تۇغۇلۇپ ئۇزۇن ئۆتمەي ئاتىسى رەھمەتۇللاھ مۇھەممەد ئەلى ئائىلىسىدىكىلەرنى ئېلىپ ئەسلى يۇرتى قەشقەر شەھىرىگە قايتىدۇ ۋە دوكتور ئابدۇلئەزىزنىڭ ئۆسمۈرلۈك ھاياتى قەشقەر شەھىرىدە داۋام قىلىدۇ.

دوكتور ئابدۇلئەزىزنىڭ ئاتىسى مەرھۇم رەھمەتۇللاھ مۇھەممەد ئەلى ئەينى چاغ تىجارەت ساھەسىدە كۆرۈنەرلىك ئىگىلىك تىكلىگەن كىشى بولۇش بىلەن بىرگە، ئىلىمسۆيەر ۋە ئىلىم ئەھلى سۆيەر بىر كىشى بولۇپ، ئۇزۇن يىللىق سەييارە تىجارەت قىلىش داۋامىدىكى ھەر قايسى يۇرتنىڭ كاتتىلىرى ۋە ئىلىم ئەھلىلىرى بىلەن مۇلاقەتتە بولۇش، ئۇلارنىڭ سۆھبەتلىرى ۋە ئىلمى ئەنجۈمەنلىرىگە ئىشتىراك قىلىشتەك ئەۋزەللىكلەر ئۇنىڭدا پەرزەنتلىرىنى ئاشۇ كاتتا ئالىملارنىڭ ئىز باسارلىرى قاتارىدىن قىلىش ئارزۇسىنى شەكىللەندۈرىدۇ ۋە كۈچەيتىدۇ.

1984-يىلى ئۇ بالىلىرى ئىچىدىن كېچىك ئوغلى ئابدۇلئەزىز ۋە ئۇنىڭ ئاكىسىنى بىرگە ئېلىپ سەئۇدىي ئەرەبىستانغا ھەج ئىبادىتىنى ئادا قىلىش ۋە ئوغۇللىرى ئۈچۈن مۇۋاپىق مەكتەپ ئىزدەش ئىستىگىدە سەپەرگە ئاتلىنىدۇ. بۇ سەپەر دوكتور ئابدۇلئەزىزنىڭ ئەينى ۋاقىت قەشقەر شەھىرى 3- ئوتتۇرىدا تولۇقسىز 1- يىللىقنى تۈگەتكەن ۋاقتىغا توغرا كېلىدۇ. ئاتىسى رەھمەتۇللاھ قارىھاجىم ھەج سەپىرىدىن قايتىشتا ئوغۇللىرىنى مىسىر ئەرەب جۇمھۇرىيىتىگە ئېلىپ بېرىپ مىسىر پايتەختى قاھىرەدىكى ئەزھەر ئۇنىۋىرسېتىتىگە قاراشلىق ئەرەب تىلى ئۆگىتىش سىنىپىغا ئورۇنلاشتۇرۇپ قايتىدۇ.

ئوقۇش ھاياتى

دوكتور ئابدۇلئەزىزنىڭ ئەزھەردىكى ئوقۇش ھاياتى ئەنە شۇنىڭدىن باشلىنىدۇ. ئۇنىڭ ئوقۇش ھاياتىنى قىسقىچە قىلىپ تۆۋەندىكىچە بايان قىلىش مۇمكىن: ئۇ 1985 – يىلى تەييارلىق سىنىپىغا ئورۇنلىشىپ بىر يىل ئۆتكەندىن كېيىن 1986 – يىلى ئەزھەر تارمىقىدىكى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپكە كىرىدۇ. 1989 – يىلى تولۇق ئوتتۇرىنى ئەلا نەتىجە بىلەن پۈتتۈرۈپ، شۇ يىلى 9 – ئايدا ئەزھەر ئۇنىۋېرسىتېتى «ئەرەب ئىسلام تەتقىقاتى فاكولتېتى»غا كىرىپ ئوقۇيدۇ. 1993 – يىلى فاكۇلتېتنى ئەلا نەتىجە بىلەن پۈتتۈرۈپ 1994 – يىلى فاكۇلتېتنىڭ ماگىستىر ئاسپىرانتلىقىغا قوبۇل قىلىنىدۇ. 1997 – يىلى ماگىستىر ئاسپىرانتلىق ئوقۇشىنى تاماملاپ 2001 – يىلى ھەنەفىي مەزھەپ فىقھى ئالىملىرىدىن ھىجرىيە 428 – يىلى ۋاپات بولغان مەشھۇر فەقىھ، ئىمام قۇدۇرىي رەھمەتۇللاھى ئەلەيھىنىڭ «ئەتتەجرىيد» ناملىق قوليازما فىقھى كىتابىنىڭ «جىنايى ئىشلار قانۇنى» بۆلۈمىنى مەزھەپلەر ئارا سېلىشتۇرما ئاساسىدا تەھقىقلەپ چىقىپ بۇ ھەقتىكى ئىلمىي ماقالىسىنى تاماملايدۇ ۋە 2001-يىلى 3-ئايدا ماگىستىرلىق ئۇنۋانىنى ئەلا دەرىجە بىلەن ئالىدۇ.

2002-يىلى دوكتورلۇق ئوقۇشقا قوبۇل قىلىنىپ ئۇزۇن ئۆتمەي ۋەتەنگە قايتىدۇ. 3 يىل ئۆتكەندىن كېيىن 2005 – يىلى ئوقۇشنى تاماملاش نىيىتىدە مىسىرغا بارىدۇ ۋە 2008 – يىلى 1 – ئاينىڭ 2 – كۈنى مەشھۇر فىقھىشۇناس ۋە تەپسىرشۇناس ئالىملاردىن ھىجرىيە 375 – يىلى ۋاپات بولغان بۈيۈك ئىسلام فەقىھى «سەمەرقەندلىك بۈيۈك ئەللامە ئەبۇللەيسنىڭ فىقھىي تەرجىھاتلىرى» ناملىق دوكتورلۇق ئىلمىي ماقالىسىنى ياقىلاپ «سېلىشتۇرما فىقھى»دا 1 – دەرىجە دوكتورلۇق ئۇنۋانىنى ئالىدۇ.

نۆۋەتتە ئۇ ئىلمىي تەتقىقات ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللانماقتا.

 

ئىلمىي خىزمەتلىرى

دوكتور ئابدۇلئەزىزنىڭ ئەڭ كۆڭۈل بۆلگەن ساھەلىرىدىن بىرى دىنىي مائارىپنى قانداق قىلغاندا مۇشۇ دەۋر ئېھتىياجىغا ئۇيغۇن شەكىلدە قۇرۇپ چىقىش، دىنىي بىلىم ئىگىلەش ئىستىگىدە بولغانلارغا بۇ ئىلىمنى قايسى ئۇسۇل ۋە قانداق يۆنىلىشتە يەتكۈزۈشتۇر. شۇڭا، ئۇ شارائىت ۋە ئىمكاننىڭ يار بېرىشىچە بۇ ھەقتىكى خىزمەتلەرنى ئىزچىل داۋاملاشتۇرۇپ كەلمەكتە. خۇسۇسەن، ئۇ قۇرغان «ساجىيە ئىسلام بىلىملىرى تورى» بۈگۈنكى دەۋر ئۇچۇر تەرەققىياتى ئارقىلىق ئىلمى ۋە ئەمەلىي خىزمەت ئېلىپ بېرىش، شۇنداقلا دىنى ئىلىم ئۆگەنگۈچىلەر، تەتقىقاتچىلار بولۇپ ھەرساھە ئىلىم ئاشىنالىرىنىڭ پايدىلىنىشى ئۈچۈن قىممەتلىك ۋە مۇھىم كۆۋرۈكلۈك رول ئوينىماقتا.

بولۇپمۇ بۇ يەردە دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى دىنىي بىلىمگە ئىشتىياقى كۈچلۈك ئەمما تېگىشلىك ئىمكانىيەت تاپالمايۋاتقانلارنىڭ مەنپەئەتلىنىشى، شۇنداقلا مۇناسىۋەتلىك ساھەدىكىلەرنىڭ دەرس ۋەياكى ئىزدىنىشلىرىگە پايدىسى بولسۇن ئۈچۈن ئۇ يولغا قويغان «ئاۋازلىق دەرسلەر پروگراممىسى» ئالاھىدە دىققەتكە سازاۋەردۇر. ئۇ يولغا قويغان ئاۋازلىق دەرسلىكلەر قاتارىدا تۆۋەندىكىلەرنى نەمۇنە سۈپىتىدە ساناپ ئۆتۈش مۇمكىن:

1. سېلىشتۇرما فىقھى ساھەسىدىكى مۆتىۋەر ئەسەر «بىدايەتۇلمۇجتەھىد» نىڭ ئاۋازلىق دەرسى.

2. ھەنەفى مەزھەپ فىقھىسىدىكى مۆتىۋەر ئەسەر «ئەلئىختىيار» نىڭ ئاۋازلىق دەرسى.

3. ئەرەب ئەدەبىياتى «ئەلمۇتالەئەتۇل ئەزھەرىييە» يۈرۈشلۈك قىسىملىرى ئاۋازلىق دەرسى.

4. مۆتىۋەر تەپسىرلەردىن «تەپسىرى نەسەفىي»نىڭ ئاۋازلىق دەرسى ۋە باشقىلار…

ئىلمىي ئەمگەكلىرى

دوكتور ئابدۇلئەزىز مەيلى ئوقۇش دەۋرىدە بولسۇن ياكى ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كېيىنكى ئىلمى خىزمەت داۋامىدا بولسۇن، ئىلمىي خىزمەتنى توختىتىپ قويغان ئەمەس. بۇ ئورۇندا ئۇنىڭ ئۆز ئىجتىھادى ۋە ئىلمى ئىستېداتىنىڭ سەمەرىسى بولغان «پەتىۋالار مەجمۇئەسى» يۈرۈشلۈك ئەسىرىنى ئۇنىڭ ئۇيغۇر تارىخىدىكى پەتىۋا خىزمىتى ساھەسىدە مەيدانغا كەلگەن بۆسۈش خاراكتېرىدىكى يېڭىلىقلار قاتارىدا تىلغا ئېلىشىمىزغا ئەرزىيدۇ.

ئۇنىڭ تەرجىمە ساھاسىدىكى ئىلمىي ئەمگەكلىرىنى تىلغا ئىلىشقا توغرا كەلسە، تۆۋەندىكىلەرنى تىلغا ئىلىش مۇمكىن:

1. دوكتور يۈسۈپ قەرەداۋىينىڭ نادىر ئەسەرلىرىدىن بىرى بولغان ھەمدە دۇنيادىكى 100 دىن ئارتۇق تىلغا تەرجىمە قىلىنىش شەرىپىگە نائىل بولغان مەشھۇر فىقھى ئەسەر: «ئىسلامدا ھالال ۋە ھارام» ناملىق كىتابنىڭ ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى.

2. بىرقانچە دىنىي زىيالىيلارنىڭ ئىشتىراك قىلىشى بىلەن روياپقا چىققان «مۇختەسەرى تەفسىرى ئىبنى كەسىر» ناملىق ھەجىملىك ئەسەرنىڭ ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى.

3. قۇرئاندىن قالسا سەھىھلىك دەرىجىسى 2 – ئورۇندا تۇرىدىغان مەشھۇر «سەھىھۇلبۇخارى» ھەدىسلەر توپلىمىنىڭ ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى. (نۆۋەتتە بۇ ئەسەر دوكتورنىڭ يېتەكچىلىكى ئاستىدا تەھرىرلىنىش باسقۇچىدا كېتىۋاتىدۇ).

ئۇنىڭ فىقھى، ئىلمى تەتقىقاتىغا دائىر ئەسەرلىرى ۋە ئاكادېمىك تەتقىقات سۈپىتىدىكى رىسالىلىرى قاتارىدا تۆۋەندىكىلەرنى تىلغا ئېلىشىمىز مۇمكىن:

1. ئاللاھنىڭ ئېيى بۇ رامىزان. (مۇبارەك رامىزان ئېيىدىكى ئالاھىدىلىكلەر ۋە ئەھكاملار).

2. ئېتىكاپتا ئولتۇرۇشقا دائىر ئەھكاملار.

3. شەرىئەتتە قەرز ئەھكاملىرى.

4. شەرىئەتتە قۇربانلىق ئەھكاملىرى.

5. شەرىئەتتىكى مۇزارەبە شىركىتى تۈزۈمى.

6. ئەقىقە ئەھكاملىرى.

7. سەدىقە پىترى ۋە ئۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك ئەھكاملار.

 

ئىلمىي تەتقىقات پىلانى

دوكتور ئابدۇلئەزىزنىڭ بۇندىن كېيىنكى ئەمەلىي خىزمەت پىلانلىرى ئىلگىرىلەش ئىچىدە بولۇپ، پەقەت بۇيەردە ئۇ ئۆز يېتەكچىلىكى ۋە بىۋاسىتە ئىشتىراك قىلىشى بىلەن داۋاملىشىۋاتقان قۇرۇلۇش خاراكتېرلىك ئىلمىي تەتقىقات تۈرىدىكى خىزمەتلەر ئىچىدە تۆۋەندىكىلەرنى تىلغا ئىلىش مۇمكىن:

ئەقىدە تەتقىقاتى

مەزكۇر تەتقىقات تۈرى بۈگۈنكى دەۋر ئۇيغۇر خەلقىگە ئىسلام ئەقىدىسىنى ساپ ۋە ساغلام ھالىتى بىلەن تەقدىم قىلىشنى نىشان قىلغان بولۇپ، مەزكۇر تەتقىقات تۈرى ئىلمىيلىكى كۈچلۈك، بىر قەدەر مۇپەسسەل ۋە ئاكادېمىك تەتقىقات يۆنىلىشىگە ئۇيغۇن بولۇشتەك ئالاھىدىلىكلەرگە ئىگە. مەزكۇر تەتقىقات لايىھىسى شانلىق تارىخقا ئىگە بۇ ئەقىدىلىك مىللەتكە ئۆزىنىڭ مۇقەددەس ئەقىدىسىنى ئۆز ئانا تىلىدا بىۋاسىتە ۋە ئەتراپلىق تونۇشۇپ چىقىش ئىمكانىيىتى ھازىرلاشنى ئاساسى ئورۇنغا قويىدۇ.

فىقھى تەتقىقاتى

مەزكۇر تەتقىقات لايىھىسى ئىسلام شەرىئىتىنىڭ ئىبادەت ۋە مۇئامىلە قىسمىدىن ئىبارەت ئىككى چوڭ كاتېگورىيىسى بويىچە ئاممىباب، ئىلمىي ۋە ئوتتۇراھال يۆنىلىشتە شەرھلەپ چىقىش ھەمدە بۇ ئارقىلىق ئۇيغۇر خەلقىنىڭ شەرىئەت ۋە ئۇنىڭ ئەھكاملىرىغا دائىر مەلۇماتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش ۋە ئىسلاھ قىلىش، شۇنداقلا ئۇلاردا شەرىئەت روھىنى بەرپا قىلىش ھەمدە ئۇلارغا شەرىئەت كۆرسەتمىلىرى ۋە ئىلاھىي قانۇن بويىچە ياشاشنىڭ ئەھمىيىتى ۋە زۆرۈرىيىتىنى تونۇشتۇرۇش قاتارلىقلارنى نىشان قىلىدۇ.

پەتىۋا خىزمىتى

بۇ تۈر دىيارىمىز مۇسۇلمانلىرى نۆۋەتتە دۇچ كېلىۋاتقان ئېتىقاد، شەرىئەت ۋە ئەخلاق جەھەتلەردىكى ھەرخىل مەسىلىلەرگە پەتىۋا بېرىش، بولۇپمۇ قەدىمدە مەۋجۇت بولمىغان، ئەمما دەۋرىمىزدە يېڭىدىن ئوتتۇرىغا چىقىۋاتقان يېڭى – يېڭى مەسىلىلەرگە جاۋاب بېرىش، پەتىۋا يۆنىلىشىنى ئەسلىدىكى ئىخچام جاۋابلاش ھالىتىدىن ئىلمىي ئىزاھلاش ھالىتىگە كۆتۈرۈش ۋە بېرىلگەن پەتىۋالارنى يىغىپ توپلاشنى ئاساس قىلىدۇ. مەزكۇر تۈر «ساجىيە ئىسلام بىلىملىرى تورى» قۇرۇلغاندىن بېرى داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان بولۇپ، نۆۋەتتىكى ئىلمىي لايىھىدە بۇ تۈرنى ئىلمىيلىك ۋە سۈپەت جەھەتلەردە يەنىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈش، كۈچەيتىش پىلانلانماقتا.

ئاللاھدىن دوكتور ئابدۇلئەزىزگە غەيرەت، ئۇتۇق ۋە خەيرلىك نەتىجىلەر يار قىلىشىنى تىلەيمىز!

دوكتور ئابدۇلئەزىزنىڭ ئېلخەت ئادرېسى: aazizrah@gmail.com

 

ھۆرمەت بىلەن «ساجىيە ئىسلام بىلىملىرى تورى»

 

2016. 06. 9