ئايەت، ھەدىسنىڭ مەنبەسىنى ئېنىق بىلەلمەي ياخشى نىيەتتە سۆزلەشنىڭ ھۆكمى

ئايەت، ھەدىسنىڭ مەنبەسىنى ئېنىق بىلەلمەي ياخشى نىيەتتە سۆزلەشنىڭ ھۆكمى

سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ۋەرەھمەتۇللاھى ۋەبەرەكاتۇھۇ، بىر نەچچە ھەمشىرىلەر جەم بولۇپ ئولتۇرغان ۋاقىتتا، ھەممىمىز ياخشى نىيەتتە مۇشۇ ھەمشىرىلىرىمىز مۇنداق – مۇنداق مەسىلىلەرنىڭ بارلىقىنى بىلىۋالسۇن دەپ ياكى بولمىسا يېڭىدىن ھىجابلانغان ھەمشىرىلەرگە ياخشىراق دەۋەت قىلىش ئۈچۈن بەزى نەسىھەتلەر قىلىش جەريانىدا، قۇرئاندىن ۋە ياكى ھەدىسلەردىن ۋە ياكى ساھابەلەرنىڭ ھاياتىنى سۆزلەۋېتىپ، دەماللىققا شۇ سۈرە ياكى ھەدىسلەرنىڭ ئېنىق مەنبەسىنى بىلەلمەي، «قۇرئان كەرىمدە مۇنداقراق گەپ بار»، ياكى «پەيغەمبىرىمىز مۇنداق قىلىپتىكەن»، ياكى «مۇنداق دەپتىكەن» دەپ سۆزلىسە بولامدۇ؟ ئارىمىزدا بۇنداق ئىشلار بولۇپ تۇرىدۇ، ھەممىمىزنىڭ بىلىمى چەكلىك، ئەتراپىمىزدا بىلىملىكرەك ئۇستازلار ۋە ياكى قېرىنداشلار بولمىغاچ، بىلەلمىگەن مەسىلىلەرنى بىر نەچچىمىز بىر يەرگە جەم بولۇپ، بىلگىنىمىزنى دەپ ھەل قىلىشقا تىرىشىمىز. يەنە ئاللاھنىڭ ياردىمى بىلەن باشقا قىزلارغىمۇ ئىسلام ۋە ياخشى – يامان ئىشلار ئۈستىدە نەسىھەتلەر بولۇپ قالىدۇ. مەنبەسىنى ئېنىق بىلمەي تۇرۇپ سۆزلىسەك ياخشى بولمايدىغانلىقىنى بىلىمىز، لېكىن شۇنداق بولسىمۇ، بىلىمىمىز چەكلىك، ئەتراپىمىزدىمۇ پۇرسەت بولمىدى، پەقەت شۇ توردا كۆرگەن ياكى باشقا قېرىنداشلاردىن ئاڭلىغىنىمىزنى يەتكۈزۈش ئارقىلىق ئىسلامغا بولغان چۈشەنچىمىزنى ئاشۇرۇشقا تىرىشىمىز. شۇڭا، مۇشۇ توغرىسىدا ئېنىقراق بىر چۈشەنچە بەرگەن بولسىڭىز.

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھى ۋەبەرەكاتۇھۇ.

بارلىق ھەمدۇسانالار جانابىي ئاللاھقا بولسۇن، دۇرۇد ۋە سالاملار پەيغەمبىرىمىزگە، ئۇ زاتنىڭ ئائىلە – تاۋابىئاتلىرىغا، ئەسھابلىرىغا ۋە ئۇ زاتقا تاكى قىيامەتكىچە ئەگەشكەنلەرگە بولسۇن!

جانابى ئاللاھ ئىسلام دەۋىتى ئۈچۈن كۆرسىتىۋاتقان تىرىشچانلىقىڭلارنى سالىھ ئەمەللەر قاتارىدا قوبۇل قىلسۇن، پەيغەمبەرلەرگە ۋارىسلىق قىلىدىغان دەۋەتچى بولۇش شاراپىتىگە نائىل قىلسۇن. بىر – بىرىگە ھەقنى تەۋسىيە قىلىش ئۈچۈن جەم بولۇپ ئولتۇرىدىغان ھەمشىرىلىرىمىزنى ئىسلامىيەتتە مۇستەھكەم قىلسۇن.

ئابدۇللاھ ئىبنى ئەمر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما رىۋايەت قىلىدۇكى، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: «مەندىن بىر ئايەت بولسىمۇ يەتكۈزۈڭلار. بەنى ئىسرائىل ۋەقەلىكلىرىنى سىقىلماي سۆزلەۋىرىڭلار، كىمكى قەستەن ماڭا يالغاننى توقۇيدىكەن، ئۆزىگە دوزاختىن ئورۇن راسلىۋالسۇن».(1)

بۇ ھەدىسكە ئاساسەن ئىسلام تەشۋىقاتى قىلماقچى بولغان كىشى نۇرغۇن ئايەت – ھەدىسلەرنى بىلىدىغان كاتتا ئالىم بولۇشى شەرت ئەمەس، بىرەر ئايەت، بىرەر ھەدىس بولسىمۇ، بىلگىنىنى يەتكۈزۈپ دەۋەت قىلسا بولىدۇ.

لېكىن، دەۋەت قىلىش ئۈچۈن سۆزلىمەكچى بولغان ئايەت، ياكى ھەدىسنىڭ، ياكى بىرەر دىنىي ھۆكۈمنىڭ مەنىسىنى ئېنىق بىلىپ سۆزلىشى، ئايەت – ھەدىستە ياكى شەرىئەتتە بولمىغاننى بار دەپ سۆزلىمەسلىكى كېرەك. ئايەت ياكى ھەدىسلىكىنى بىرەر كىتابتا ئوقۇپ ئايەت بىلەن ھەدىس مەزمۇنى ئېسىدە قالغان بولسا، ئايەتنىڭ قايسى سۈرىدە، قانچىنچى ئايەتتە ئىكەنلىكىنى بىلىشى، شۇنداقلا ھەدىسنىڭمۇ قايسى كىتابتا رىۋايەت قىلىنغان ھەدىس ئىكەنلىكىنى بىلىشى ياكى ئېسىدە بولۇشى شەرت ئەمەس. بۇنداق مەلۇماتلارنى خېلى چوڭ ئالىملارمۇ ئېسىدە تۇتۇپ بولالمايدۇ.

بۇ يەردە بىرقانچە نۇقتىنى دەۋەتچىلەرنىڭ سەمىگە سېلىپ تەكىتلەپ قويۇش كېرەك:

1.  قۇرئاندا كەلمىگەننى قورقۇتۇش ياكى تەرغىب قىلىش ئۈچۈن «ئاللاھ قۇرئاندا مۇنداق دېگەن» ياكى «مۇنداق ئايەت بار» دەپ تەشۋىق قىلماسلىق لازىم. چۈنكى، بۇ ئاللاھ تائالا نامىدىن يالغاننى توقۇغانلىق بولىدۇ.

2.  ھەدىستە كەلمىگەننى «ھەدىستە مۇنداق كەلگەن» ياكى «رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن» دەپ يۈرمەسلىك لازىم. چۈنكى، بۇمۇ رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمگە يالغاننى توقۇغانلىق بولىدۇ. يالغان ياكى توقۇلما ھەدىسلەرنى قورقۇتۇش ياكى تەرغىب قىلىش ئۈچۈن سۆزلەپ يۈرۈش ھارام.

3.  ئايەتنىڭ ياكى ھەدىسنىڭ لەۋزىلىرىنى ئەينەن يادا بىلمىسىمۇ، مەنىسىنى سۆزلەپ، «مۇشۇنداقراق مەنىدە بىر ئايەت بار»، «مۇنداقراق بىر ھەدىس بار» دەپ سۆزلىسە بولىدۇ. ئاڭلىغۇچىمۇ ئۇنى ئاشۇنداقراق ئېھتىماللىق بىلەن چۈشىنىدۇ. شۇنداقلا بىرەر ئالىمنىڭ پالانى كىتابىدا مۇنداق ئوقۇغان ئىدىم ياكى پالانى ئالىمنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى ئاڭلىغان ئىدىم، دەپ ئېنىق ئېسىدە قالغانلىرىنى سۆزلەپ بەرسە بولىدۇ، ئېنىق ئېسىدە قالمىغان بولسا، «شۇنداقراق دېگەنغۇ دەيمەن»، «مۇشۇنداقراق دېگەنلىكى ئېسىمدە» دېگەندەك ئىبارىلەرنى ئىشلىتىپ سۆزلىسە بولىدۇ. رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمدىن باشقىلارغىمۇ دېمىگەننى دېدى دەپ يالغاننى چاپلاشقا بولمايدۇ.

4.  ئىشەنچلىك، مۆتىۋەر كىتابلارنى ئوقۇشقا ئادەتلىنىش لازىم. ئىشەنچسىز، توردا ياكى ئاپتورى نامەلۇم، ئىلمىيلىكى تۆۋەن، سەۋەنلىكى نۇرغۇن، توغرىلىقىغا خاتىرجەم بولغىلى بولمايدىغان كىتاب، ماتېرىياللارنى ئوقۇماسلىق لازىم. شۇندىلا توغرا بىلەن خاتا كاللىمىزدا ئارىلىشىپ كەتمەيدۇ. ئاپتورى مەلۇم بولغان تەقدىردىمۇ، ئېتىقادى بۇزۇق كىشىلەرنىڭكىنى ئەمەس، بەلكى ئىشەنچلىك، ئىسلام دۇنياسىدا مۆتىۋەر دەپ تونۇلغان، ئەقىدىسى، پىكرى ساغلام ئەھلىسۈننەت ئالىملىرىنىڭ كىتابلىرىنى ئوقۇش لازىم. سەلەفلىرىمىز: «بۇ دېگەن دىن، شۇڭا، دىنىڭنى كىمدىن ئۆگىنىۋاتىسەن ئوبدان قارىغىن» دېگەن.(2) يەنە، تەرجىمە كىتابلارنىڭمۇ سۈپەتلىكلىرىنى ئوقۇش لازىم. بولمىسا تەرجىمىدە بىرەر خاتالىق تۈپەيلىدىن ئوقۇرمەنلەرنىڭ چۈشەنچىسى بۇلغىنىپ كېتىدۇ.

ئاللاھ ھەممىمىزگە ئىخلاس ۋە تەۋپىق ئاتا قىلسۇن! ئامىن.

ۋەللاھۇ ئەئلەم بىسسەۋاب / ئاللاھ ئەڭ توغرىسىنى بىلگۈچىدۇر!

دوكتور ئابدۇلئەزىز رەھمەتۇللاھ

ھ. 1432، 1 – رەجەب / م. 2011، 3 – ئىيۇن

«پەتىۋالار مەجمۇئەسى»، 2 – توم، 121 – نومۇرلۇق پەتۋا.

————————–
1. «بۇخارىي»، (3461).
2. ئەلخەتىب ئەلباغدادىي: «ئەلفەقىھۇ ۋەلمۇتەفەققىھۇ»، 2/191.

Please follow and like us:

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ