قىز - ئاياللارنىڭ سىرتقا چىققاندا ئەتىر ئىشلىتىشى

قىز – ئاياللارنىڭ سىرتقا چىققاندا ئەتىر ئىشلىتىشى

سوئال: ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئۇستاز! قىز – ئاياللارنىڭ سىرتقا چىققاندا ئەتىر ئىشلىتىشىگە شەرىئەتتە قانداق ھۆكۈم بار؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھى ۋەبەرەكاتۇھۇ:

بارلىق ھەمدۇسانالار جانابىي ئاللاھقا بولسۇن، شۇنداقلا پەيغەمبىرىمىز سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمگە، ئائىلە – تاۋابىئاتلىرىغا، ئەسھابلىرىغا ۋە ئۇ زاتقا تاكى قىيامەتكىچە ئەگەشكەنلەرگە دۇرۇد ۋە سالاملار بولسۇن.

قىز – ئاياللارنىڭ ئەرلەرنى جەلپ قىلىش ئۈچۈن گىرىم قىلىپ ۋە ئەتىر چېچىپ سىرتقا چىقىشى سەھىھ ھەدىسلەردە چەكلەنگەن بولۇپ، بۇ ھەقتە ئەبۇ مۇسا رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «قانداق بىر ئايال كىشى پۇرىقىنى پۇرىتىش ئۈچۈن ئەتىر چېچىپ، بىر جامائەت ئارىسىدىن ئۆتسە، ئۇ ئايال زىنا قىلغۇچى بولىدۇ، قارىغان كۆزلەرمۇ زىنا قىلغۇچى بولىدۇ» دېگەن. بۇ ھەدىسنىڭ يەنە بىر رىۋايىتىدە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «ھەر بىر كۆز (ھارام نەرسىلەرگە قاراش بىلەن) زىنا قىلىدۇ. ئەگەر خوتۇن كىشى ئەتىر ئىشلىتىپ، ئەرلەر تۇرغان جايدىن ئۆتسە، (بۇ ھالدا) ئۇ زىنا قىلغۇچى ھېسابلىنىدۇ» دېگەن(1).

ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: يولدا بىر خوتۇن كىشى بىلەن ئۇچرىشىپ قالدىم. كۆڭلىكىنى يەرگە سۆرەپ توپا توزۇتۇپ كېلىۋاتقان بولۇپ، ۋۇجۇدىدىن ئەتىر پۇرىقى كېلىپ تۇراتتى. مەن:

— ئى ئاللاھنىڭ بەندىسى! مەسجىدتىن كېلىۋاتامسەن؟ — دەپ سورىغانىدىم، ئۇ

— ھەئە، — دېدى. مەن:

— مەسجىدكە بېرىش ئۈچۈن ئەتىر ئىشلەتتىڭمۇ؟ — دەپ سورىسام، ئۇ يەنە:

— ھەئە، — دېدى. مەن:

— ھۆرمەتلىك دوستۇم پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ: «مەسجىدكە بېرىش ئۈچۈن خۇشپۇراقلىق نەرسە ئىشلەتكەن ئايال خۇددى جۇنۇبلۇقتىن يۇيۇنغاندەك يۇيۇنمىغۇچە نامىزى قوبۇل بولمايدۇ» دېگەنلىكىنى ئاڭلىغانىدىم، — دېدىم(2).

ھىرات ئالىملىرىدىن تونۇلغان ھەنەفىي فەقىھ، مۇھەددىس، مۇفەسسىر ۋە قىرائەت ئالىمى موللا ئەلى ئەلقارىي (ئۆ: ھ. 1014 / م. 1606) مەزكۇر ھەدىسنى شەرھلەپ: «پۈتۈن بەدىنىنى خۇشبۇيلىغان بولسا خۇشپۇراقنى يوقىتىش ئۈچۈن پۈتۈن بەدىنىنى يۇيۇشى كېرەك، ئەمما بىرەر ئەزاسىنى خۇشبۇيلىغان بولسا، شۇ يەرنىلا يۇيۇۋەتسە بولىدۇ» دېگەن. بەزى ئالىملار: «ھەدىسنىڭ زاھىرى ھەر ئىككى ئەھۋالدا يۇيۇنۇشنى كۆرسىتىدۇ» دەپ قارىغان(3). بۇنىڭغا ئاساسەن، كىيىملىرىگە ئەتىر چاچقان بولسا، سىرتقا چىقماقچى بولغاندا كىيىمىنى ئالماشتۇرۇۋېتىشى كېرەك.

يەنە بىر ھەدىستە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئاياللارغا: «قايسىبىرىڭلار مەسجىدكە بارسا خۇشبۇي ئىشلەتمىسۇن» دېگەن(4). يەنە: «ئاللاھنىڭ ئايال بەندىلىرىنى ئاللاھنىڭ مەسجىدلىرىدىن توسماڭلار» دېگەن(5). بۇ ھەدىسنىڭ ئەبۇ داۋۇد رىۋايىتىدە ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنۇلارنى قوشۇپ رىۋايەت قىلغان: «لېكىن ئۇلار (مەسجىدلەرگە) خۇشبۇي ئىشلەتمىگەن ھالدا چىقسۇن»(6). كېچىسى كوچىلاردا ئادەم ئاز بولغاچقا، كېچە قاراڭغۇلۇقى تېخىمۇ يامان. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام يەنە بىر ھەدىستە: «قانداق بىر ئايال خۇشبۇي ئىشلەتكەن بولسا بىز بىلەن بىللە خۇپتەنگە قاتناشمىسۇن» دەپ ئالاھىدە تەكىتلىگەن(7).

بۇنىڭدىن مەلۇمكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئاياللارنى سىرتقا ئەتىر ئىشلىتىپ چىقىشىنى چەكلىشىدىكى ھېكمەت ئەرلەرنىڭ دىققىتىنى تارتماسلىق بولۇپ، بۇ مەسجىدكە چىقىشتا بولسۇن ياكى باشقا جايلارغا چىقىشتا بولسۇن ئوخشاشلا چەكلەنگەن.

يۇقىرىدا بايان قىلىنغىنىدەك، ھەدىسلەردە سىرتقا چىقىشتا «ئەرلەر پۇرىسۇن» دەپ ئەتىر چېچىپ چىققان ئايال «زىناخور» دەپ سۈپەتلەنگەن بولۇپ، بۇ توغرا سۈپەتلەشتۇر. چۈنكى، ئاياللارنىڭ سىرتقا ئەتىر چېچىپ چىقىشى ئەرلەرنىڭ دىققىتىنى تارتىدىغان، شەھۋىتىنى قوزغايدىغان قىلمىش بولۇپ، ئەتىرنى پۇرىغان ئەر ئۇ ئايالغا قارايدۇ. قاراشنى شەھۋەت بىلەن داۋاملاشتۇرسا كۆز بىلەن زىنا قىلغان بولىدۇ. دېمەك، ئۇ ئايال ئەرلەرنىڭ دىققىتىنى تارتىپ ئۆزىگە قاراتقان ۋە كۆز زىناسىغا سەۋەب بولغاندۇر. ھەتتا، پېئىلىي زىناغىمۇ ئېلىپ بېرىشى مۇمكىن.

ئىمام مەناۋىي مۇنداق دەيدۇ: «(ئايال كىشى) پۇرىتىش ئۈچۈن مەقسەتلىك ھالدا ئەتىرنى راسا چېچىپ، بىر جامائەت ئارىسىدىن ئۆتسە، گەرچە بۇ قىلمىش ھەقىقىي زىنادىن پەرقلىق بولسىمۇ گۇناھكار بولۇشتا ئۇ ئايال زىناخورغا ئوخشاشتۇر. چۈنكى زىنانىڭ سەۋەبىنى قىلغۇچى، ئۇنىڭ نەتىجىسى بولغان زىنانى قىلغانغا ئوخشاشتۇر. ئالىملارنىڭ قارىشىچە، ئاياللارنىڭ ئەتىر چېچىپ سىرتقا چىقىشى ھەدىسلەردە زىنانىڭ باشلىنىش نۇقتىسى ۋە مۇقەددىمىسى بولغان ئەرلەرنىڭ شەھۋىتىنى قوزغايدىغانلىقى يۈزىسىدىن زىناغا ئوخشىتىلغان. بۇ ئاشۇرۇپ قورقۇتۇش ۋە چىڭىتىش ئۈچۈندۇر»(8).

ھەدىسلەردىكى زىناخورغا ئوخشىتىش ھۆكمى ئەتىر چېچىپ چىققان ئايالنىڭ نىيىتىگە باغلىق بولۇپ، ئۇنىڭدىكى ئەرلەرنىڭ دىققىتىنى تارتىشتىكى قەستەنلىك ئۇ ئايالنىڭ ئىچىدە زىناغا مەيلى بارلىقىنى، تەلەپنى رەت قىلمايدىغان خاھىشىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. ئۇ ئايالنىڭ زىناغا قەدەم ئالغانلىقى ۋە تەييارلانغانلىق قىلمىشى زىنا ھۆكمىنى بېرىشكە لايىق بولغان(9).

خۇشبۇي پۇراش، ناز – كەرەشمە ۋە جىلۋە قىلىش كەبى ھەرخىل قىلىقلار بىلەن يات ئەرلەرنى ئۆزىگە جەلپ قىلىش بۇزۇق ئاياللارنىڭ ئىشىدۇر. «قۇرئان كەرىم» بۇ تۈرلۈك قىلمىشلارنى ئېنىق چەكلىگەن. ئاللاھ تائالا: ﴿مۇئمىن ئەرلەرگە ئېيتقىنكى، (نامەھرەملەرگە) تىكىلىپ قارىمىسۇن، ئەۋرەتلىرىنى (زىنادىن) ساقلىسۇن. مۇنداق قىلىش ئۇلار ئۈچۈن ئەڭ ياخشىدۇر. ئاللاھ ھەقىقەتەن ئۇلارنىڭ قىلمىشلىرىدىن تولۇق خەۋەرداردۇر. مۇئمىن ئاياللارغا ئېيتقىنكى، نامەھرەملەرگە تىكىلىپ قارىمىسۇن، ئەۋرەتلىرىنى ياپسۇن، تاشقى زىننەتلىرىدىن باشقا زىننەتلىرىنى ئاشكارىلىمىسۇن، لېچەكلىرى بىلەن كۆكرەكلىرىنى ياپسۇن. (تاشقى زىننەتلىرىدىن باشقا) زىننەتلىرىنى ئەرلىرىدىن، ئاتىلىرىدىن، يا قېيىنئاتىلىرىدىن، يا ئوغۇللىرىدىن، يا ئەرلىرىنىڭ ئوغۇللىرىدىن، يا ئۆز قېرىنداشلىرىدىن، يا قېرىنداشلىرىنىڭ ئوغۇللىرىدىن، يا ھەمشىرىلىرىنىڭ ئوغۇللىرىدىن، يا دىنداش ئاياللاردىن، يا قول ئاستىدىكى چۆرىلىرىدىن، يا خوتۇنلارغا ئېھتىياجى يوق خىزمەتچىلەردىن، يا بالاغەتكە يەتمىگەن بالىلاردىن باشقىلارغا كۆرسەتمىسۇن. زىننەتلىرىنى باشقىلارغا بىلدۈرۈش ئۈچۈن ئاياغلىرىنى يەرگە ئۇرمىسۇن﴾(نۇر: 30، 31). يەنە: ﴿نازلىق بىلەن سۆز قىلماڭلار، چۈنكى كۆڭلىدە نىفاق بار ئادەم تەمەدە بولۇپ قالىدۇ﴾(ئەھزاب: 32) دېگەن.

بۇ ئايەتلەردىكى تىكىلىپ قارىماسلىق ۋە زىنادىن ساقلىنىش توغرىسىدىكى ئىلاھىي كۆرسەتمىلەر ھەدىسلەردىكى ئەرلەرنىڭ دىققىتىنى تارتىش ئۈچۈن ئەتىر چېچىپ چىقماسلىق كۆرسەتمىسى بىلەن بىر يەردىن چىقىدۇ.

ھەقىقىي مۇسلىمە بۇلارنى ئاڭلىغىنىدا بۇ كۆرسەتمىلەرنىڭ نەقەدەر توغرىلىقىنى ھېس قىلىدۇ ۋە باشقا گەپ يورغىلىتىشقا ھاجەت قالمايدۇ.

دېمەك، مەزكۇر قىلىقلار ئايال كىشىنىڭ كۆڭلىدىكى يامان نىيەتنى بىلدۈرىدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئوخشىتىشىمۇ بۇ قىلىقلار زىناغا تەشۋىق قىلىش بولغانلىقتىن كەلگەن بولۇپ، بۇ ھەرگىزمۇ ئۇنداق قىلغان ئاياللارنىڭ قامچىلىنىش ياكى تاش بوران قىلىنىش بىلەن جازالىنىشى كېرەكلىكىنى كۆرسەتمەيدۇ. بەلكى، بۇنىڭ ھەقىقىي زىنادىن تۆۋەن دەرىجىدىكى زىنا ئىكەنلىكىنى، ئۇنىڭغا ئېلىنغان تۇنجى قەدەم ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ.

ئۇنداقتا شۇنداق يامان نىيەتتە بولماستىن، پاكىزلىق ۋە خۇشپۇراقلىق بولۇشنى كۆزلەپ ئەتىر ئىشلىتىپ سىرتقا چىقسىچۇ؟ بۇمۇ گەرچە ئۇ يامان نىيەت يوق بولسىمۇ، لېكىن بۇنىڭدىن ئەرلەرنىڭ دىققىتىنى تارتىش كېلىپ چىقىدىغانلىقى جەھەتتىن چەكلىنىدۇ. بۇنى بەزى ئالىملار يۇقىرىقىدەك چوڭ گۇناھ قاتارىدا بولمىسىمۇ ھارام قىلمىشتۇر دېسە، بەزىلىرى مەكروھ دەيدۇ. قاراشلارنى مۇۋاپىقلاشتۇرساق، يات ئەرلەرگە ئۇچرىشى چوڭ ئېھتىمال بولغان ئەھۋالدا «ھارام» دېيىلسە، ئېھتىماللىق ئاز بولسا «مەكروھ» دېيىش مۇناسىپتۇر(10).

دېمەك، بۇ يەردىكى چەكلىنىش سەۋەبى يات ئەرلەرنىڭ دىققىتىنى تارتىش. ئەگەر ئاياللارلا يىغىلىدىغان سورۇن بولسا، ياكى يات ئەرلەر پۇرىمايدىغان ئەھۋال بولسا، چەكلەنمەيدۇ.

بۇنىڭدىن تەر پۇرىقى ياكى شۇنىڭغا ئوخشىغان غەيرىي پۇراقلارنى يوقىتىش ئۈچۈن قولتۇق ۋە باشقا جايلارغا دېئودورانت (قولتۇق ئەتىرى) ئىشلىتىپ سىرتقا چىقىشنىڭ جائىزلىقى، ھەتتا مۇستەھەبلىكى مەلۇم بولىدۇ. ئەلبەتتە بۇ خىل تەر پۇرىقى يوقاتقۇچى ئەتىرلەرنىڭ پۇرىقى ئەتىر دائىرىسىگە كىرمەيدىغان دەرىجىدە ياكى كىيىم سىرتىغا چىقمايدىغان بولۇشى كېرەك. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ھەيزدىن پاكلىنىپ يۇيۇنماقچى بولغان ئاياللارنى ھەيز كەلگەن ئورۇنغا مۇشكى ئەنبەر ئىشلىتىشكە بۇيرۇغانلىقىمۇ(11) بۇنى كۆرسىتىدۇ. چۈنكى بۇ مۇشكى ئەنبەر پۇرىقى كىيىم ئىچىدە قالىدۇ.

ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دېگەن: «بىز پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بىلەن بىللە مەككىگە چىققىنىمىزدا، پېشانىلىرىمىزغا مۇشكى ئەنبەر سۈركىۋالاتتۇق. تەرلەپ كەتكىنىمىزدە، يۈزىمىزگە ساقىپ چۈشەتتى. بۇنى پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم كۆرەتتىيۇ، بىزنى توسمايتتى»(12). بۇمۇ ئەرلەر بىلەن دوقۇرۇشۇپ قالمايدىغان شارائىتلاردا بولۇپ، ئاياللار كاجۋىلاردا ماڭاتتى. شۇنداقلا ئۇزۇن مۇددەت ئېھرام باغلىغان ھالەتتە ھىجازنىڭ ئىسسىقىدا تەرلەپ تۇرىدىغان، يۇيۇنۇش ناقولاي بولغان ھالەتلەردە شۇنداق بولغان. ھەم بۇ بەدەنگە ئىشلىتىلگەن خۇشبۇي بولۇپ، تەر پۇرىقىنى ۋە غەيرىي پۇراقنى يوقىتىش مەقسىتىدە سۈرۈلگەچكە، كىيىمگە ئىشلەتمىگەن.

بۇ يەردە شۇنىمۇ تىلغا ئېلىپ ئۆتۈش كېرەككى، ئېرى ئۆلۈپ كەتكەن ئايال تۆت ئاي ئون كۈن ئىددەت مۇددىتى ئىچىدە ھازا تۇتۇشى كېرەك. ئەمما، ئاتىسى، بالىسى ياكى ئاكا – ئۇكىلىرى ئۆلۈپ كەتگەن ئەھۋالدا، ئايال كىشىنىڭ ئۇنىڭغا ئۈچ كېچە – كۈندۈزدىن ئارتۇق قارىلىق تۇتۇشى توغرا ئەمەس. مانا بۇ ئىددەت ۋە قارىلىق جەريانىدا ياسىنىش ئۈچۈن ئەتىر ۋە خۇشبۇي ئىشلىتىشى چەكلىنىدۇ.

ئىمام بۇخارىي ھەزرىتى ئەبۇ سەلەمە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ قىزى زەينەب رەزىيەللاھۇ ئەنھانىڭ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئايالى ئۇممۇ ھەبىبە رەزىيەللاھۇ ئەنھادىن رىۋايەت قىلغان ھەدىسىدە مۇنداق دېگەن: ئۇنىڭ ئاتىسى ئەبۇ سۇفيان بىلەن جەھشنىڭ قىزى زەينەب رەزىيەللاھۇ ئەنھانىڭ ئاكىسى ئۆلۈپ كەتكەندە، ئۇلارنىڭ ھەر ئىككىلىسى ئۈچ كۈندىن كېيىنلا ئەتىر ئىشلەتكەن ھەمدە مۇنداق دېگەن: «ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، مېنىڭ ئەتىر ئىشلەتكۈم يوق. بىراق، مەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ: ‹ئاللاھقا ۋە ئاخىرەت كۈنىگە ئىشىنىدىغان بىر ئايال كىشىنىڭ ئۆلگەن كىشىگە ئۈچ كېچە – كۈندۈزدىن ئارتۇق ھازا تۇتۇشى ھارامدۇر. پەقەتلا ئېرىگە تۆت ئاي ئون كۈن ھازا تۇتىدۇ› دېگەنلىكىنى ئاڭلىغان ئىدىم»(13).

بۇ ھەدىس ئېرى ئۆلۈپ كەتكەن ئايالغا تۆت ئاي ئون كۈن، يېقىن تۇغقىنى ئۆلۈپ كەتكەن ئايالغا ئۈچ كېچە – كۈندۈز ياسىنىپ، پەردازلىنىشنىڭ ھاراملىقىنى بىلدۈرىدۇ.

يۇقىرىقى ئەھكاملارنى مۇنداق ئىخچاملاشقا بولىدۇ:

1. ئەرلەرنىڭ دىققىتىنى تارتىش ئۈچۈن ئەتىر چېچىپ سىرتقا چىقىش ھارام؛

2. ئەرلەرنىڭ دىققىتىنى تارتىش نىيەت بولمىسا ئەتىر چېچىپ سىرتقا چىقىش بەزى ئالىملارنىڭ نەزىرىدە ھارام، بەزىلەرنىڭ نەزىرىدە مەكروھ؛

3. يات ئەرلەر پۇرىمايدىغان، پەقەت مەھرەملىرى ياكى ئاياللارلا پۇرايدىغان شارائىتتا ئەتىر ئىشلىتىش مۇباھ؛

4. تەر ۋە غەيرىي پۇراقلارنى يوقىتىش ئۈچۈن بەدەنگە پۇراق يوقاتقۇچى ئىشلىتىش مۇباھ بولۇپلا قالماي مۇستەھەپ؛

5. ھازىدار ئاياللارنىڭ ئەتىر ئىشلىتىشى ھارام؛

6. ئېھرام باغلىغاندا ئەتىر ئىشلىتىش ئەرلەرگىمۇ، ئاياللارغىمۇ ھارام. ئەمما، ئېھرام باغلاشتىن بۇرۇن بەدەنگە ئەتىر سۈرتۈۋېلىش گەرچە ئۇنىڭ تەسىرى ئېھرام باغلىغان چاغلاردا يوقاپ كەتمىسىمۇ ئەرلەرگىمۇ، ئاياللارغىمۇ (يات ئەرلەر بىلەن دوقۇرۇشۇش بولمىغان ئەھۋالدا) سۈننەت؛

7. ئەتىر چاچقان ھالەتتە ئۆيىدە ئوقۇغان نامىزىدا مەسىلە يوق. ئەمما، سىرتقا چىقىپ ئوقۇماقچى بولسا، ئەتىر پۇرىقىنى يوقىتىپ چىقىشى لازىم.

ۋەللاھۇ ئەئلەم.

دوكتور ئابدۇلئەزىز رەھمەتۇللاھ

2020. 11. 27

—————————————–
1. «مۇسنەدۇ ئەھمەد»، 19578 – ھەدىس. باھا بەرگۈچىلەر: «سەنەدى ياخشى» دېگەن. «تىرمىزىي»، 2786 – ھەدىس. تىرمىزىي: «ھەسەن سەھىھ» دېگەن. «نەسائىي»، 5126 – ھەدىس. ئىبنى خۇزەيمەمۇ: (1681 – ھەدىس) «سەھىھ» دېگەن. ئالبانىيمۇ: («غايەتۇل مەرام»، 84 – ھەدىس) «سەھىھ» دېگەن.
2. «مۇسنەدۇ ئەھمەد»، 19578 – ھەدىس. باھا بەرگۈچىلەر: «ھەسەن لىغەيرىھى» دېگەن. «ئەبۇ داۋۇد»، 4174 – ھەدىس. ئالبانىي: («جىلبابۇل مەرئە»، 138 – بەت) «سەھىھ» دېگەن. ھۈسەين سەلىم ئەسەد: («مۇسنەدۇ ئەبى يەئلا»، 11 – توم، 366 – بەت) «ئاجىز» دەپ قارىغان.
3. «ئەۋنۇل مەئبۇد»، 9 – توم، 1193 – بەت.
4. «مۇسلىم»، 980 – ھەدىس.
5. بىرلىككە كېلىنگەن ھەدىس: «بۇخارىي»، 900 – ھەدىس؛ «مۇسلىم»، 442 – ھەدىس. بۇنى ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما رىۋايەت قىلغان.
6. «ئەبۇ داۋۇد»، 565 – ھەدىس. ئالبانىي: «سەھىھ» دېگەن.
7. «مۇسلىم»، 981 – ھەدىس.
8. «فەيزۇل قەدىير»، 5 – توم، 35 – بەت.
9. ئەتىييە سەقر: «موسوعة الأسرة تحت رعاية الإسلام»، 2 – توم، 245 – بەت.
10. ئىبنى رۇشد: «ئەلبايان ۋەتتەھسىل»، 17 – توم، 625 – بەت. ئىبنى ھەجەر ئەلھەيتەمىي: «ئەززەۋاجىر»، 2- توم، 329 – بەت.
11. بىرلىككە كېلىنگەن ھەدىس: «بۇخارىي»، 314 – ھەدىس؛ «مۇسلىم»، 332 – ھەدىس. بۇنى ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا رىۋايەت قىلغان.
12. «ئەبۇ داۋۇد»، 1830 – ھەدىس. ئالبانىي: «سەھىھ» دېگەن.
13. بىرلىككە كېلىنگەن ھەدىس: «بۇخارىي»، 5334 – ھەدىس؛ «مۇسلىم»، 1486 – ھەدىس.

Please follow and like us:

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ