«دۇنيا تارىخىغا تەسىر كۆرسەتكەن 100 مەشھۇر شەخس»نىڭ تۇنجىسى مۇھەممەد

«دۇنيا تارىخىغا تەسىر كۆرسەتكەن 100 مەشھۇر شەخس»نىڭ تۇنجىسى مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ۋە مۇئەللىف مايكىل ھارتنىڭ ئۇ زات ھەققىدىكى ماتېرىيالىستىك باھالىرى

ئابدۇلمۇنئىم ئەدىب

2020 – يىل 27 – ئۆكتەبىر

شۇ كۈنلەردە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا قارشى ئۇ يەر بۇ يەردە چىقىۋاتقان بىمەنە ھاڭراشلارنى ئاڭلىغىنىمىزدا 40 يىل بۇرۇن ياۋروپالىقلار ۋە ئامېرىكىلىقلارنى تاڭ قالدۇرغان بىر كەچمىشنى ئەسلەپ ئۆتەيلى. ئۇ بولسىمۇ مايكىل ھارتنىڭ «دۇنيا تارىخىغا تەسىر كۆرسەتكەن يۈز مەشھۇر شەخس» ئىسىملىك كىتابىدا ئىنچىكە ۋە ئىلمىي تەتقىقاتلار نەتىجىسىدە رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ دۇنيا تارىخىدىكى تەسىرى ئەڭ ئۇلۇغ 100 كىشىنىڭ ئەڭ ئالدىغا تىزىلىشىدۇر.

«نېمىشقا مۇھەممەد (ئەلەيھىسسالام) بۇ 100 كىشنىڭ ئەڭ ئالدىدا؟» دېگەن بۇ سوئال غەرب دۇنياسىدا مۇشۇ كىتاب ۋە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا قىلىنغان ھاقارەتلەر سەۋەبلىك ئۇزۇن تالاش – تارتىش قىلىندى. ھەر ئىككىلا خىل يول بىلەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ نام – شەرىپىنى مۇتلەق ئۈستۈن قىلغان ئاللاھ پاكتۇر. بىز تۆۋەندە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنى دۇنيا تارىخىدىكى تەسىرى ئەڭ ئۇلۇغ 100 كىشىنىڭ ئەڭ كاتتىسى قىلغان ئۇ تەتقىقات ۋە سەۋەبلىرى ھەققىدە توختىلىپ ئۆتىمىز.

«دۇنيا تارىخىغا تەسىر كۆرسەتكەن يۈز مەشھۇر شەخس» ئاتلىق كىتابنىڭ مۇئەللىفى

ئۇشبۇ كىتابنى قەلەمگە ئالغۇچى مايكىل H. ھارت (Michael H. Hart) بولۇپ، ئۇ 1932 – يىلى 27 – ئاپرېل ئا ق ش نيۇيورك شەھرىدە تۇغۇلغان، بۇ يىل 88 ياشتا. ئۇ ئاستروفىزىكچى ۋە ماتېماتىك بولۇپ «NASA»دا ئىشلەيدۇ. ئۇنىڭ كەڭ دائىرىدە ئىلمىي تەتقىقاتلىرى ۋە تۈرلۈك سىياسىي پائالىيەتلىرى بار. ئۇ يەھۇدى بولۇپ ئىنتايىن مۇتەئەسسىب ئەسلىيەتچى شەخس. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇ رادىكال ئىرقچىلاردىن بولۇپ، ئاق تەنلىكتىن باشقا ئىرقلارنى ئېزىش خاھىشىغا مايىل، ھەم بۇ ھەقتە سىياسىي ساھەدە تىنىمىسز كۈرەش قىلىدۇ.

ئۇنىڭ بىر ئامېرىكىلىق يەھۇدىي ۋە ئىرقچى كىشىلىكى دەل مەزكۇر كىتابتىكى تەتقىقاتىنىڭ ئەھمىيىتىنى ھەسسىلەپ ئاشۇرغان ئامىلدۇر. ئۇنىڭ ئۇشبۇ كىشىلىكلىرى بىرلىشىپ ئۇنى سەييىدىمىز، خاجەمىز مۇھەممەد مۇستافا ئەلەيھىسسالام بىلەن دۈشمەنلەشتۈرگەن. مانا بۇ سالاھىيەتلەر بىزنى ئۇنىڭ ئەڭ ئەشەددىي دۈشمىنىنى ئىنسانىيەتكە تەسىرى ئەڭ كاتتا بولغانلارنىڭ بىرىنچىسىگە تىزىشىنىڭ سەۋەبىنى بىلىشكە قىزىقتۇرىدۇ. يەنە بىر تەرەپتىن، ئۇنىڭ ئۆز ساھەسىدىكى ئىلمى ئورنى بۇ باھاسىنى تېخىمۇ قىممەتكە ئىگە قىلىدۇ. خۇددى شېئىردا دېيىلگەندەكلا:

دۈشمەن ئېتىراپ قىلغىنى بەرھەق

ئەمەلىيەتتە، بۇ تاللاش ھەققىدىكى ئەڭ مۇھىم ئامىل مايكىل ھارتنىڭ خاراكتېرىنى شەكىللەندۈرگەن ئەشەددىي ماتېرىيالىزم (ماددىچىلىق)تۇر. ئۇ نوقۇل ماتېرىيالىزمچى ئادەم – بۇنى ئۇنىڭ ئىرقچىلىقى، بىلىمى ۋە خىزمىتىنىڭ خاراكتېرى كۆرسەتمەكتە – بولۇپ، ئۇ قولى بىلەن تۇتالايدىغان، كۆزى بىلەن كۆرەلەيدىغان ماددىي شەيئىلەردىن باشقا ھېچنىمىنى ئېتىبارغا ئالمايدۇ. قىسقىسى، ئۇ غەربلىك، غەربنىڭ ماتېرىيالىزملىق قارىشىنىڭ رەھىمسىزلىكى ۋە ياتلارغا سوغۇق قاراشنى ئۆزىگە مۇجەسسەملەشتۈرگەن. شۇڭلاشقا، ئۇنىڭ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنى ئەڭ باشقا تاللىشى مۇنداقلا ئېتىراپ قىلىش بولماستىن، بەلكى كىتابىدا ئوتتۇرىغا قويغان ئامىللار ئاساسىدا يەكۈنلەنگەن خۇلاسىدۇر.

«دۇنيا تارىخىغا تەسىر كۆرسەتكەن يۈز مەشھۇر شەخس» ئاتلىق كىتاب ھەققىدە

كىتابنىڭ ئىسمى ئىنگلىزچە (100 (The 100: A Ranking of the Most Influential Persons in History) بولۇپ، «يۈز: دۇنيا تارىخىغا تەسىر كۆرسەتكەن يۈز مەشھۇر شەخس» دېگەن مەنىدە. بۇ كىتابنىڭ تۇنجى نەشرى مىلادى 1978 – يىلى بەش يۈز ئەللىك بەتلىك نەشر قىلىنغان. ئۇنىڭ ئىككىنچى نەشرى 1992 – يىلى بېسىلغان بولۇپ – مەن يازمامدا مۇشۇ نۇسخىنى مەنبە قىلدىم –، ئۇ كىتابنى دادىسىغا يازغان بېغىشلىما بىلەن باشلىغان. ئاندىن «كىرىش سۆز»ىدە ئۇ ئۆزىنىڭ كىتابنىڭ تۇنجى نەشرىدىن بۇيان تېخىمۇ كۆپ نەرسىلەرنى ئۆگەنگەنلىكىنى، خىتاي كومپارتىيەسى قۇرغۇچىسى ماۋ زېدوڭنى (89.) مىسالغا ئېلىپ دۇنيانىڭمۇ ئۆزگەرگەنلىكىنى ۋە شۇ سەۋەبلەردىن دەرىجىگە تىزىشنى مەلۇم دەرىجىدە ئۆزگەرتكەنلىكىنى يازغان.

ئاندىن نۆۋەت بىلەن كىتابنىڭ تۇنجى نەشرىدىكى كىرىش سۆزى، كىتابقا قويۇلغان خەرىتە ۋە رەسىملەر مۇندەرىجىسى، ئومۇمىي تارىخ سخېمىسى بېرىلىپ ئاخىرىدا شەخسلەر تونۇشتۇرۇلغان. كىتابنىڭ دادىل ھەم يېڭى بىر تەتقىقات سەمەرىسى ئىكەنلىكىدە شەك يوق، چۈنكى ئۇ تارىخنى ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ، شەخسلەرنىڭ تەسىرىنى بىر – بىرىگە بىۋاسىتە سېلىشتۇرغان.

شەخسلەرنى تاللاشتىكى ئۆلچىمى

ئۇ كىتابىدىكى شەخسلەرنى ئېنىق ئۆلچەملەرگە ئاساسەن تاللىغان. بۇلاردىن بىرىنچىسى بۇ شەخسلەرنىڭ ئىنسانىيەت تارىخىغا قانچىلىك تەسىرى بولغانلىقىدۇر. شۇڭلاشقا ئۇ بۇ شەخسلەرنىڭ تارىختا ئۆتكەن ھەقىقىي شەخسلەردىن بولۇشىنى شەرت قىلىدۇ. بەلكىم كۆپىنچىمىز ئىنسانىيەت تارىخىدا داڭق چىقارغان بەزى ئەسەرلەرنىڭ ئىگىلىرىنىڭ نامەلۇم ئىكەنلىكىنى بىلمىسەك كېرەك. مەسىلەن، «ئىلليادا» ۋە «ئودېسسا» دېگەندەك ئەسەرلەر. ئۇ داستانلارنىڭ ئاپتورى دەپ قارىلىدىغان ھومېر بولسا مەجھۇل بىر كىشى بولۇپ، كۆپىنچە ئوبزورچىلار ئۇنى ئەپسانىۋى بىر ئىسىم دەپ قارايدۇ. «كەلىلە ۋە دىمنە»، «مىڭبىر كېچە» قاتارلىق كاتتا ئەسەرلەرنىڭمۇ مۇئەللىفلىرى نامەلۇم. يەنە مىسالەن ئوت يېقىشنى كىمنىڭ بايقىغانلىقىمۇ ئېنىق ئەمەس. شۇڭا نەمەلۇملارنىڭ بۇ تىزىملىككە كىرىشكە شەرتى توشمىغان.

ئۇنىڭ يەنە بىر ئۆلچىمى بولسا شەخسلەرنىڭ تەسىرىنىڭ ئېتىراپ قىلىنىشى، يەنى شۇ شەخسنىڭ ئالەمشۇمۇل تەسىرىنىڭ شۈبھىسىز، ئىنكار قىلىنمايدىغان بولۇشى كېرەك. يەنە بىر ئۆلچىمى بولسا شۇ شەخسنىڭ تەسىرىنىڭ ئۇزۇن تارىخقا ئىگە، بۈگۈنگىچە داۋاملىشىشىدۇر. شۇڭا ئۇ ھايات شەخسلەرنى (95. نومۇردا 1931 – يىلى توغۇلغان ۋە ھازىرغىچە ھايات بولغان مىخائىل گورباچېۋدىن باشقا) ھەممىنى چىقىرىۋەتكەن . چۈنكى ئۇلار ئۆلگەندىن كېيىن تەسىرى تېزلا يوقۇلۇشى مۇمكىن.

ئاخىرىدا شۇنى كۆرسىتىپ ئۆتمەكچىمىزكى، مۇئەللىف كىشىلەرنىڭ ياخشى ياكى پەزىلەتلىك ئىكەنلىكىگە ئەمەس، بەلكى ئىنسانىيەتكە بولغان تەسىرىگە ئاساسەن دەرىجىگە تىزىدۇ. ئۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنى باشقا جەھەتتە ھېچقانداق ئالاھىدە كۆرمەيدۇ، ئۇنىڭ تىزىملىكنىڭ ئەڭ ئالدىدا كېلىشىدىنمۇ سۆيۈنمەيدۇ، ئەلۋەتتە. بەلكى ئۇنى «مەجبۇر» قېلىپ ئالدىغا تىزغاندۇر. تىزىملىكتىكى تەسىر كۈچى بار شەخسلەر ئىچىدە ياخشى تەسىرى بارلارمۇ، يامان تەسىرى بارلارمۇ بار. شۇڭا بۇنى ئېيتىپ ئۆتىشىمىز زۆرۈردۇر.

مەزكۇر ئەسەرنىڭ ئەرەبچە تەرجىمىسى ئەنىس مەنسۇر تەرىپىدىن قىلىنغان بولۇپ، «زەھرا ئەرەب مېدىياسى» نەشرىياتى تەرىپىدىن «100 ئۇلۇغ كىشى ۋە ئۇلارنىڭ ئەڭ كاتتىسى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام» نامى بىلەن نەشر قىلىنغان. تەرجىمان مەزكۇر تەرجىمىنىڭ دېگەندەك دەل تەرجىمە ئەمەسلىكىنى ئېتىراپ قىلغان: «مەن بۇ كىتابقا قوشۇمچە قىلدىم دېيەلمەيمەن، ئەمما بەزى مۇرەككەپ ئىلمىي ئاتالغۇلارنى ئەسلى مۇئەللىفنىڭ مەقسىتىگە تەسىر يەتكۈزمىگەن ئاساستا چىقىرىۋەتتىم. ئەسلى كىتابنىڭ مەزمۇنىغا ئەينەن سادىق قالالمىدىم. لېكىن نېمىلا بولمىسۇن، بۇ كىتاب مەن كۆزۈمنى ئۈزەلمەي قالغان بىر كىتابتىن ئېلىنغاندۇر.»

مەزكۇر تەرجىمىدە خېلى يەرگە ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈلگەن بولۇپ، ھەتتا مۇئەللىفنىڭ ئەسلى كىرىش سۆزىمۇ چىقىرىۋېتىلگەن. بولۇپمۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ھەققىدىكى 5. بابمۇ ھەجىم جەھەتتىن تولۇق تەرجىمە قىلىنغان بولسىمۇ، لېكىن تەرجىمە ئەسلىگە پۈتۈنلەي سادىق ئەمەس.

مۇئەللىف تۇنجى نەشردىلا ئوقۇرمەنلەرنىڭ مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ بىرىنچى ئورۇنغا تاللىنىشىنى قوبۇل قىلالماسلىقىنى پەرەز قىلغان.

مەسىلەن، كىتابنىڭ كىرىش سۆز قىسىمدا مۇئەللىپ شۇنداق دەيدۇ:

«مۇھەممەد (ئەلەيھىسسالام)نى بۇ تىزىملىكنىڭ ئەڭ بېشىغا تىزدىم. كۆپىنچە كىشى بۇنىڭدىن ھەيران قېلىشى مۇمكىن. ھەيران قېلىشمۇ ئەجەبلىنەرلىك ئەمەس. لېكىن مۇھەممەد (ئەلەيھىسسالام) ئىنسانىيەت تارىخىدا دىن ۋە دۇنيا بارىدا تەڭلا ئۇتۇق قازانغان بىردىنبىر كىشىدۇر.

ئۇ ئىنسانلارنى دۇنيادىكى ئەڭ كاتتا دىنلارنىڭ بىرى بولغان ئىسلامغا دەۋەت قىلدى. سياسىي، دىنىي ۋە ھەربىي جەھەتتىن يېتەكلىدى. مۇھەممەد (ئەلەيھىسسالام) ۋاپات بولۇپ 13 ئەسىردىن كېيىنمۇ ئۇنىڭ تەسىرى ھېلىھەم كۈچلۈك تۇرماقتا.»

بۇ يەردە شۇنى ئەسكەرتىپ ئۆتۈش كېرەككى، ئەسىرلەر بويىچە بۇرمىلاش، سەت كۆرسىتىش، ئويدۇرۇش ۋە تۆھمەتلىك يازمىلار تەسىرىدە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ غەربتىكى ئوبرازى خۇنۈكلەشتۈرۋېتىلگەن. شۇنداقلا غەربتە ئارقىدا خېلى كۆپ رەسمىي ئورگانلار ۋە ئۆز ئالدىغا پرىنسىپلىرى بار بىر پىلانلىق سۈيىقەست نەتىجىسىدە ئىسلام تارىخىمۇ پۈتۈنلەي بۇرمىلانغان. بۇ كىتابنىڭ مۇئەللىفىمۇ بۇلارنىڭ تەسىرىدىن مۇستەسنا ئەمەس، يەنى كىتاب مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى ياخشى دەپ قارىمايدۇ، يەنىلا غەربنىڭ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا بولغان قاراشلىرى ئاساس قىلىنغان.

دېمەك، مۇناسىۋەتلىك ساھەلەردىكى (دىنىي، سىياسىي ۋە بەزى ئاكادېمىك ساھەلەر) بۇ رەزىل نىيەت ۋە غەربتىكى مەيلى ئىسلام ۋە ياكى باشقا دىنلارغا بولسۇن پەرۋاسىز قارايدىغان كەيپىياتنى ئېتىبارغا ئالغاندا، مۇئەللىفىنىڭ بۇ ئەندىشىسىنى توغرا چۈشىنىشكە بولىدۇ. ئۇ غەرب دۇنياسىدا رەسمىي ئورگانلار ۋە پۇقرالار ئېڭىدا (نەئۇزۇبىللاھ) ئوغرى، ئالدامچى دەپ قارىلىدىغان پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنى ھەزرىتى ئىيسا ۋە مۇسا ئەلەيھىسسالاملاردىنمۇ ئۈستۈن ئورۇنغا قويۇپ، ئۇنى دۇنيادىكى ئەڭ تەسىرلىك شەخس، دەپ باھالىغان كىتابنى خرىستىئان دۇنياسىنىڭ مەركىزىدە نەشر قىلغىنىدا قاتتىق تەنقىدكە ئۇچرىشىنى پەرەز قىلغان. ھالبۇكى ئۇ ئۆزى مۇسا ئەلەيھىسسالامغا ئەگەشكەن يەھۇدىي، ئەتراپىدىكىلەر بولسا ئىيسا ئەلەيھىسسالامغا ئەگەشكەن خرىستىيانلاردىن ئىدى.

مۇئەللىف كىتابنىڭ بېشىدىلا تەنقىد قىلغۇچىلارنىڭ ھەيرانلىقىنى توغرا چۈشىنىدىغانلىقىنى دەپ ئۆتكەن. لېكىن بارلىق ماددىي پاكىتلار ئۇ چىقارغان يەكۈن تەرەپتدرى تۇرسا، ئۇ قوبۇل قىلماي نېمىمۇ قىلالىسۇن؟

مۇئەللىپ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ تەسىرىنىڭ ئامىللىرىنى تەتقىق قىلىش بىلەن بىرگە ئۇنىڭ ھاياتىنى خۇلاسىلەپ چىققان. بىز تۆۋەندە ئۇنىڭ خۇلاسىسىنى يەنىمۇ خۇلاسىلەيمىز.

تۆۋەندىكى جۈملىلەردىكى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا ئاتالغان ھۆرمەت سۆزلىرىنى كەمىنە تىرناق ئىچىدە قوشتۇم. شۇنداقلا ئۇ ئىشلەتكەن سەلبى ئىبارىلەرنىمۇ ئىتالىك (يانتۇ) خەت بىلەن ئەينەن سۇندۇمكى، ئوقۇرمەن مۇئەللىفنىڭ راستچىل ۋە ئوبېيكتىپ ئىكەنلىكىگە گۇۋاھ بولسۇن. پېقىر ئەنىس مەنسۇردەك مۇئەللىفنىڭ سۆزىنى بۇرىۋەتمەيمەن.

مايكىل ھارتنىڭ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنى ئەڭ باشقا تىزىشىدىكى ئامىللار

ئاپتورنىڭ كىتابىدا تاللانغان شەخسلەرنىڭ كۆپى تونۇلغان مەدەنىيەت مەركەزلىرى ياكى داڭلىق شەھەرلەردە تۇغۇلغان. بۇ ئۇلارنىڭ تونۇلۇشىغا ۋە نام قازىنىشىغا ئىجابىي ھەسسە قوشقان. بۇنىڭ ئەكسىچە مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام بولسا شۇ زاماندا قالاق بولغان مەككە شەھرىدە دۇنياغا كەلگەن.

تۇغۇلغان ۋەزىيەتمۇ ئىنتايىن ناچار بولۇپ، دادىسى ئۇ تۇغۇلۇشتىن بۇرۇن ئۆلۈپ كەتكەن، ئانىسىمۇ ئۇ 6 ياشقا كىرگەندە ئۆلۈپ كەتكەن. يېتىملىك ۋە كەمبەغەللىكتە چوڭ بولغان. ئۇ 25 ياشقا كىرىپ باي چوكان خەدىچە بىلەن ئۆيلىنىپ ئاندىن بۇ ناچار ئەھۋالدىن قۇتۇلغان.

شەكسىزكى، يۇقىرىقى جۈملىنىڭ قۇرۇلمىسى پەيغەمبەر ئەلەيھسىسسالامنى پۇرسەتپەرەس بىر ئوبرازدا تەسۋىرلىمەكتە.

مۇھەممەد (ئەلەيھىسسالام) 40 ياشقا كىرگەندە، دۇنيادا ئاللاھدىن ئىبارەت يېگانە بىر ئىلاھنىڭ بارلىقىغا ئىشەنگەن. ئۇ ئىلاھ ئۇنىڭغا جىبرىل ئارقىلىق خىتاب قىلاتتى ۋە ئۇنى بۇ دىننى تارقىتىشقا بۇيرۇيتتى.

 (When he was forty years old, Muhammad became convinced that this one true God (Allah) was speaking to him through the Arch­ angel Gabriel)

ئۇ مەككىدە بۇ دىننى تارقىتىشتا قىيىنچىلققا ئۇچراپ، «ئۆزىدىن ئەنسىرەپ قالغان» بولۇپ، بۇ ئۇنىڭ «ھىجرەت» نامى ئاستىدا مەدىنىگە «قېچىش»ىغا سەۋەب بولغان.

 (In 622, fearing for his safety, Muhammad fled to Medina).

مۇھەممەد (ئەلەيھىسسالام) مەدىنە مۇنەۋۋەرەدە ئۆزى يالغۇز ھالدا ئۇ يەردىكى بەدەۋىي چارۋىچىلارنى تەشكىللەپ بارغانسېرى كېڭەيگەن بىر دۆلەت ھالىتىگە كەلتۈرگەن.

شەكسىزكى، ئۇ بۇ يەردە ئەرەبلەرنى چۆللۈكتە ياشايدىغان مەدەنىيەتسىز كۆرۈپ «بەدەۋىي» دەپ ئاتىغان.

مۇھەممەد (ئەلەيھىسسالام) قەبىلىلەر ئارىسىدىكى نىزالارنى تۈگىتىپ، ئۇرۇشلارنى ئېلىپ بېرىپ، كىشىلەرنى ئۆزىگە جەلپ قىلغان بولۇپ، ئاخىرىدا مەككىنى فەتىھ قىلىپ كىرىپ، ۋاپات بولغۇچە ئەرەب يېرىم ئارىلىنى ئىلكىگە ئالغان.

مۇھەممەد (ئەلەيھىسسالام )مەدەنىيىتى يوق ئاز ساندىكى بۇ قەۋمنى ئىنسانىيەت تارىخىدىكى ئەڭ كاتتا ئىمپېراتورلۇقنى قۇرۇپ چىقىش بىلەن ئۇلۇغ بىر ئۈممەتكە ئايلاندۇرغان. بۇ ئىمپېراتورلۇق ھىندىستاندىن تاكى ئاتلانتىك ئوكيانغىچە قاپلىغان بولۇپ، ئۆلگەندىن كېيىنمۇ ئۇنىڭ مەنىۋى يولباشچىلىقىدا گۈللەنگەن. شۇڭلاشقا ئۇ ئىنسانىيەت تارىخىدىكى ئەڭ چوڭ دۆلەتنىڭ قۇرغۇچىسى ھېسابلىنىدۇ.

مۇھەممەد (ئەلەيھىسسالام)نىڭ تەسىر كۈچى رايونلۇق ئەمەس بەلكى ئ‍الەمشۇمۇلدۇر. چۈنكى ئىسلام پۈتۈن دۇنياغا تارالغان. ھېلىھەم شەرقى ئاسىيا، ھىندونېزىيە ۋە باشقا كۆپ قىسىم رايونلاردا مەۋجۇت بولۇپ تۇرماقتا. ئۇ يەنە ئۆلگەندىن كېيىن تەسىرى تېزلا يوقىغان چىڭگىزخان، ئورنىغا باشقا ھەرقانداق كىشى چىقسا ئوخشاش نەتىجە قازىنىدىغان سىمون بولىۋار قاتارلىقلاردىن ئالاھىدە پەرقلىق. چۈنكى مۇھەممەد (ئەلەيھىسسالام)نىڭ ئورنىنى ھېچكىم ئالالمايدۇ.

مۇھەممەد (ئەلەيھىسسالام) ئىسلامنى يەتكۈزگۈچى بىردىنبىر شەخس بولۇش سۈپىتى بىلەن ئىيسا (ئەلەيھىسسالام) دىنمۇ پەرقلىق، چۈنكى ئىيسا (ئەلەيھىسسالام) پەقەت تۇنجى ئەقىدە ۋە خرىستىئانلىقنى بەرپا قىلغان بولسا، مۇھەممەد (ئەلەيھىسسالام) ئىسلام ئەقىدىسى، ئىسلام شەرىئىتى ۋە بىر پۈتۈن ئىسلام ئەخلاقىنى بەرپا قىلغاندۇر.

مۇھەممەد (ئەلەيھىسسالام) قۇرئاننى تۈزۈپ چىققۇچىدۇر

 (He is the author of the Muslim holy scriptures, the Qur’an)

ئۇ ئىسلام ئەقىدىسىنى شۇنداقلا پۈتۈن ئىسلام دىنىنى بەرپا قىلغۇچىدۇر.

بۇ يەردە ئىلمىي ئامانەت نۇقتىسىدىن شۇنى دەپ ئۆتىشىمىز كېرەككى، ئۇ «يېڭى ئەھد»نىڭ كۆپ قىسىمىنى يېزىپ چىققان پائۇلنىمۇ تۈزۈپ چىققۇچى دەپ تەرىپلىگەن. ئۇ بۇ جەھەتتە غەرب پرىنسىپلىرىدىن يىراقلاپ كەتمىگەن بولۇپ، دەل مۇشۇ ئۇنىڭ باھالاشلىرىنى قىممەتكە ئىگە قىلغان.

مۇھەممەد (ئەلەيھىسسالام) (سېكۇلار ۋە ئەمەلىيەتچىل) دۇنيالىق يېتەكچىدۇر. ئىيسا (ئەلەيھىسسالام) پەقەت مەنىۋى يېتەكچى ئىدى. شۇڭا مۇھەممەد (ئەلەيھىسسالام) يالغۇز دىنىي يېتەكچىلىككىلا ئەمەس بەلكى دۆلەتنى يېتەكلەشكىمۇ سالاھىيىتى توشقان ئىدى.

شۇ ۋەجىدىن دۇنيادا خرىستىئانلار مۇسۇلمانلاردىن كۆپ بولسىمۇ مۇئەللىف مۇھەممەد (ئەلەيھىسسالام)نى ئەڭ ئالدىغا تىزغان.

مۇھەممەد (ئەلەيھىسسالام) 13 ئەسىر ئۆتۈپمۇ تەسىرى يوقالمىغان بىردىنبىر شەخستۇر. قۇرئان ۋە باشقا ئامىللار بىلەن ئەرەبلەر ۋە مۇسۇلمانلارنى مۇۋەھھىد (ئاللاھنىڭ يېگانىلىكىگە ئىشەنگەن)لەردىن قىلغان. بۇ ئامىللار بولسا مەدەنىيەت، تىل ۋە دىن باغلىرىدۇر. بۇ ئالاھىدىلىك 1973 – يىلىدىكى ئۇرۇشتا گەۋدىلەنگەن بولۇپ، ئەرەبلەر ئىسرائىلىيەگە ياردەم بەرگۈچى دۆلەتلەرنى جازالاش ئۈچۈن ياۋروپاغا نېفىت بېرىشنى توختىتىۋەتكەن. لېكىن ھىندونېزىيە ۋە ئىرانغا ئوخشاش مۇسۇلمان دۆلەتلەرگە ئىمبارگو يۈرگۈزمىگەن. بۇ ئەرەبلەر ۋە مۇسۇلمانلارنىڭ ئارىسىدىكى باغلىنشنىڭ كۈچلۈكلۈكىنى كۆرسىتەتتى.

مۇئەللىف (41 يېشىدا) بۇ ئىشلارغا شاھىد بولغان بولۇپ، مۇھەممەد (ئەلەيھىسسالام)نىڭ دۇنيادا قويۇپ كەتكەن تەسىرىدىن ھەيرانۇھەس قالغان. بۇ خۇددى بۇرۇنقى زامانلاردىكى (بىر غايە ئۈچۈن ئۇيۇشۇلغان) غازات ۋاقىتلىرىدەك كەيپىيات ئىدى.

يۇقىرىقى سەۋەبلەرگە ئاساسەن مايكىل ھارت دۇنيادا پەقەت بىرلا شەخس (مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام) دۇنيا (سېكۇلار) ۋە دىن يېتەكچلىكىنى تەڭ تۇتۇشتا ئۇتۇق قازانغان دەپ قارىغان.

(but he was the only man in history who was supremely successful on both the religious and secular level(

مايكل ھارت مۇھەممەد (ئەلەيھىسسالام) ئىسىملىك بۇ كىشى ئىنسانىيەت تارىخىدىكى تەسىرى ئەڭ كاتتا ئىنسان ئىكەنلىكىگە مۇتلەق ئىشەنگەن.

مەنبە: عبد المنعم أديب – https://tipyan.com/why-was-the-noble-prophet-ranked-michael-hart

تەرجىمىدە: قارلۇق

Please follow and like us:

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ