بالىلارنىڭ تۇغۇلغان كۈنىنى تەبرىكلەش

 

سوئال: ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم. مەن 8 يىلدىن بېرى ياۋروپادا. ئىككى بالام بار. 8 ياش ۋە 3 ياش. مېنىڭ يولۇققىنىم: كىچىك بالىلارنىڭ تۇغۇلغان كۈنىنى تەبرىكلەش. مەن دىنىمىزنىڭ شەرىئەت ئەھكاملىرىدا مۇستەھكەم مېڭىشنى ئويلايمەن. بىراق، بالىلىرىم ياۋرۇپا شارائىتىدا مەكتەپ، يەسلىدە بۇ كۈننى تەبرىكلەپ ماڭىدۇ. مەنمۇ بالىلارنىڭ خۇشاللىقى، بالىلىقىغا ئەسلىمە دەپ سوۋغات بېرىمەن. ئوغلۇم چوڭ بولدى. چۈشەندۈرۈپ ئاستا – ئاستا بۇ خىل تەبرىكلەش بىزگە مۇناسىپ ئەمەسلكىنى سۆزلەپ بېرىمەن. لېكىن ئەتراپتىكى ئەرەب، تۈرك دوستلىرى تۇغۇلغان كۈن پائالىيىتى قىلسا تەكلىپ قىلىدۇ. بالام كۆپ سورايدۇ. بۇ تېمىدا زادى دىنىمىزنىڭ كۆرسەتمىسى قانداق؟ كىچىك بالىلار ئۈچۈنمۇ پەرز يېشىغىچە قەتئىي چەكلىشىمىز كېرەكمۇ؟ ئەگەر توغرا بولمىسا بالىلارغا بۇخىل شارائىتتا قانداق چۈشەندۈرۈپ ماڭساق توغرا بولىدۇ؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھى ۋەبەرەكاتۇھۇ:

بارلىق ھەمدۇسانالار جانابىي ئاللاھقا بولسۇن، شۇنداقلا پەيغەمبىرىمىز سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمگە، ئائىلە – تاۋابىئاتلىرىغا، ئەسھابلىرىغا ۋە ئۇ زاتقا تاكى قىيامەتكىچە ئەگەشكەنلەرگە دۇرۇد ۋە سالاملار بولسۇن.

ئىنساننىڭ دۇنياغا كۆز ئاچقان كۈننى ئەسلىشى خالىقىنىڭ ئۇنى ئاپىرىدە قىلغانلىقىدىن ئىبارەت كاتتا نېئمىتىنى ئەسلىشىنىڭ جۈملىسىدىن بولۇپ، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ دۈشەنبە كۈنى روزا تۇتۇشى ھەققىدە سورالغاندا: «ئۇ، مەن تۇغۇلغان، ماڭا قۇرئان نازىل قىلىنغان كۈندۇر» دەپ جاۋاب بەرگەن(1). ئەقىقىمۇ ھەربىر ئائىلە ئىگىسى پەرزەنت يۈز كۆرگەندە ئاللاھ تائالاغا شۈكۈر ئېيتىش يۈزىسىدىن قىلىدىغان سۈننەت پائالىيەتلەردىندۇر.

ئاللاھ تائالا زەكەرىيا ئەلەيھىسسالامغا يەھيا ئەلەيھىسسالامنى ئاتا قىلىدىغانلىقى بىلەن بېشارەت بەرگەندە: ﴿ئۇ تۇغۇلغان كۈنىدە، ۋاپات بولغان كۈنىدە، تىرىلىپ (قەبرىدىن) تۇرغۇزۇلغان كۈنىدە ئامانلىققا ئېرىشكەي»﴾(مەريەم: 15) دېگەن. ئىيسا ئەلەيھىسسالاممۇ تۇغۇلغان كۈنىنى ئاللاھىدە تىلغا ئېلىپ: ﴿»مەن تۇغۇلغان كۈنۈمدە، ۋاپات بولغان كۈنۈمدە، تىرىلىپ قەبرەمدىن تۇرغۇزۇلغان كۈنۈمدە ئامانلىققا ئېرىشكەيمەن»﴾(مەريەم: 33) دېگەن.

مانا بۇ پەيغەمبەرلىرىمىزنىڭ تۇغۇلغان كۈنلىرىنى ئەسلەش ۋە خاتىرىلەش ئۇسۇلى. ئىيسا ئەلەيھىسسالام تۇغۇلغان كۈنىنى تىلغا ئېلىپ، ئاللاھ ئۇنى دۇنياغا كۆز ئاچقۇزغىنىدا شەيتاننىڭ نوقۇشىدىن ۋە باشقا خېيىم – خەتەردىن ساقلىغانلىقىنى ئەسلىگەن ۋە ۋاپات بولغاندا، قەبرىدىن تىرىلىپ قوپقاندا سالامەت قىلىشىنى تىلىگەن.

پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بولسا تۇغۇلغان كۈنى دۈشەنبىدە روزا تۇتۇش ئارقىلىق بۇ كاتتا نېئمەتكە شۈكۈر قىلىپ ئۆتكەن. ئەلۋەتتە پەيغەمبىرىمىزنىڭ تۇغۇلغانلىقى ئالاھىدە بىر نېئمەت بولۇپ، ئاللاھ ئۇ زاتنى پۈتۈن ئالەملەرگە رەھمەت قىلىپ ئەۋەتكەندۇر. بۇ جەھەتتىن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ تۇغۇلغان كۈنى ئادەتتىكى كىشىلەرنىڭ تۇغۇلغان كۈنىدىن پەرقلىقتۇر. شۇنداقتىمۇ ئادەتتىكى كىشىلەر پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ تۇغۇلغان كۈنى دۈشەنبىدە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا ئەگىشىش ۋە ئۇ كۈنلەردىكى باشقا پەزىلەتلەرگە ئېرىشىش يۈزىسىدىن روزا تۇتۇپ ماڭسا، بۇ پەزىلەتلىك ئىشتۇر. شۇنداقلا ئۆزلىرىنىڭ ھەپتىدىكى ياكى يىل ئىچىدىكى تۇغۇلغان كۈنىدە روزا تۇتۇش ئارقىلىق شۈكۈر قىلسا بۇمۇ ياخشى ئىشتۇر.

ئىمام ئىبنى رەجەب مۇنداق دەيدۇ: «پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ دۈشەنبە كۈنى روزا تۇتۇشى ھەققىدە سورالغاندا: ‹ئۇ، مەن تۇغۇلغان، ماڭا قۇرئان نازىل قىلىنغان كۈندۇر› دەپ جاۋاب بېرىشى، ئاللاھ تائالانىڭ نېئمەتلىرى يېڭىلىنىپ تۇرىدىغان كۈنلەردە روزا تۇتۇشنىڭ مۇستەھەپلىكىنى كۆرسىتىدۇ. ھەقىقەتەن، ئاللاھ تائالانىڭ بۇ ئۈممەتكە ئاتا قىلغان نېمەتلىرىنىڭ ئەڭ كاتتىسى، ئۇلارغا مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنى ئەۋەتىشىدۇر. چۈنكى، ئۇ زاتنى ئۈممەتكە ئەۋەتىش ئۇلارغا ئاسمان – زېمىننى ۋە باشقا نەرسىلەرنى پەيدا قىلىپ بېرىش نېئمىتىدىن كاتتىدۇر… دېمەك، ئاللاھ تائالادىن بەندىلىرىگە مۇشۇنداق كاتتا نېمەتلەر ئاتا قىلىنغان كۈنلەردە روزا تۇتۇش ئىنتايىن ياخشىدۇر. ئۇ، نېئمەت ئاتا قىلىنغان كۈنلەرنى شۈكۈر بىلەن قارشى ئېلىشتىن ئىبارەت. ئاشۇرا كۈنى روزا تۇتۇشمۇ نوھ ئەلەيھىسسالامنى سۇ ئاپىتىدىن قۇتۇلدۇرغان، مۇسا ئەلەيھىسسالام بىلەن قەۋمىنى پىرئەۋندىن قۇتۇلدۇرغان كۈن بولغاچقا، نۇھ ئەلەيھىسسالام بىلەن مۇسا ئەلەيھىسسالاملار ئۇ كۈندە ئاللاھقا شۈكۈر قىلىپ روزا تۇتقان. رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەممۇ پەيغەمبەرلەرگە ئەگىشىپ ئۇ كۈندە روزا تۇتقان»(2).

يۇقىرىقىلار دىنىمىزدا ۋە تارىخىمىزدا كۆرسىتىلگىنى بولۇپ، ھەر ھەپتە ئىچىدە ياكى خاھلىغان بىر ھەپتىدە، كىشىنىڭ ئۆزىنىڭ تۇغۇلغان كۈنىدە نەپلە ئىبادەت بىلەن تۇغۇلغان كۈنىنى ئەسلىشى ئاللاھقا ۋە ئاللاھنىڭ نېئمىتىگە شۈكۈر قىلىشتۇر. ئەمما، ھازىر دۇنيا مىقياسىدا كاپىرلاردىن سىڭدۈرۈۋالغان تۇغۇلغان كۈننى تەبرىكلەش ئادىتى بولسا، يىلدا بىر قېتىم دوستلار ۋە يېقىنلارنى چاقىرىپ يېمەك – ئىچمەك زىياپىتى قىلىنىدۇ ۋە تورت كېسىش، شام ئۆچۈرۈش، مەخسۇس ناخشىنى ئېيتىش ۋە سوۋغات تەقدىم قىلىشلار بىلەن ئۆتكۈزۈلىدۇ. بۇنى ئادەتتە چوڭلارمۇ، كىچىكلەرمۇ ئۆتكۈزىدۇ. لېكىن كىچىكلەرنىڭ ئۆتكۈزۈشى كەڭرەك تارقالغان ئادەتتۇر. بۇ ئادەت پۈتۈن دۇنيادا دېگۈدەك ئومۇملاشقان بولسىمۇ، لېكىن بۇنىڭ ھۆكمىدە ئالىملارنىڭ قاراشلىرى ئوخشاش ئەمەس.

بىر قىسىم ئۆلىمالار تۇغۇلغان كۈننى بۇ خىل تەرىقىدە تەبرىكلەشنى يېڭى ھېيت پەيدا قىلىش تۈرىدىن ساناپ بىدئەت ۋە ھارام، شۇنداقلا كاپىرلارغا ئوخشىۋېلىش، دەپ قارىغان(3). يەنە بىر قىسىم ئالىملار ئۇنى: «ھارام ئەمەس، چۈنكى بۇ ئىش كاپىرلارنىڭ ئېتىقادىغا مۇناسىۋەتسىز، دۇنياۋى ئىشلاردا ئەسلىي قائىدە مۇباھلىق. ئۇنىڭدا دىنغا زىت بىرەر ئىش بولمىسىلا مۇباھ سۈپىتىنى ساقلايدۇ، يىغىلىپ سوۋغات تەقدىم قىلىش ۋە ئۆمرىگە بەرىكەت تىلەشتەك ئىشلار بولسا بولۇۋېرىدۇ» دەپ قارىغان(4). يەنە بىر قىسمى جائىز ئەمەس(5)، دېسە، يەنە بىر قىسمى مەكروھ، دېگەن(6). بۇ قاراشلارنى بولىدۇ – بولمايدۇ دەپ ئىككىگىلا ئىخچاملاش مۇمكىن.

ئەلۋەتتە بۇنى بىدئەت دېيىش ئۈچۈن بۇ ئىبادەت دائىرىسىدىكى ئىش بولۇشى كېرەك. ھازىر بالىلىرىنىڭ تۇغۇلغان كۈنىنى ئۆتكۈزىدىغانلار بۇنى ئىبادەت مەقسىتىدە قىلمايدۇ. بەلكى ئىجتىمائىي پائالىيەتلەر قاتارىدا قىلىدۇ. شۇڭا بۇ ئۆرپ – ئادەت دائىرىسىگە كىرىدۇ. شۇنداقلا بۇنى يېڭى ھېيت پەيدا قىلىش، دېگىلىمۇ بولمايدۇ، چۈنكى «ھېيت» دېگەن ئىبادەت مەزمۇنى بار ھەم كۆپچىلىك خالايىق ھەر يىلى ئىزچىل تەبرىكلەيدىغان كۈننى كۆرسىتىدۇ. شۇڭا بۇنى «ھېيت» دېگەندىن، «خاتىرە كۈنى» دېگەن تۈزۈك.

ئەمما، كاپىرلارغا ئوخشىۋېلىش مەسىلىسىگە كەلسەك، بۇ ئادەت ئەسلىدە كاپىرلارنىڭ ئادىتى ئىكەنلىكى ئېنىق، ئوخشىۋېلىش بولسا شۇ كۈننى ئۆتكۈزىدىغانلارنىڭ نىيىتىگە باغلىق بولۇپ، كۆپلىگەن مۇسۇلمانلار بۇنى كاپىرلارنى دوراپ ئۆتكۈزمەيدۇ، لېكىن بۇنى بۇرۇنراق ئۆتكۈزۈپ كۆنگەن مۇسۇلمانلار بۇ ئادەتنى كاپىرلاردىن يۇقتۇرۇۋالغان. شۇڭا، نىيەت جەھەتتىن بەزى مۇسۇلمانلاردا ئوخشىۋېلىش نىيىتى بولمىسىمۇ، بەزىسىدە ئەلۋەتتە بار. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «بىر قەۋمگە ئوخشىۋالغان ئادەم شۇلاردىندۇر»(7) دېگەن. يەنە بىر ھەدىستە: ئەبۇ سەئىد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىدۇكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم:

ــ سىلەر چوقۇم ئۆزۈڭلاردىن ئىلگىرىكىلەرنىڭ يوللىرىغا غېرىچمۇغېرىچ، گەزمۇگەز ئەگەشمەي قالمايسىلەر، ھەتتاكى ئۇلار كېلەرنىڭ ئۇۋىسىغا كىرگەن بولسا، سىلەرمۇ چوقۇم ئۇلارغا ئەگىشىپ كىرمەي قالمايسىلەر، ــ دېگەن ئىدى. بىز:

ــ يا رەسۇلۇللاھ! (بىز ئەگىشىدىغانلار) يەھۇدىيلار بىلەن ناسارالارمۇ؟ ــ دېسەك،

ــ ئۇلار بولماي كىم؟ ــ دېدى(8).

مەزكۇر ھەدىستىكى «يەھۇدىي – ناسارالارنىڭ يوللىرى»دىن مەقسەت ئۇلارنىڭ دىننى ئۆزگەرتىش، گۇناھ – مەئسىيەتلەرنى پەيدا قىلىش، ئۆرپ – ئادەت، ھايات تەرزى ۋەھاكازا ئەدەب – قائىدىلىرىدە پەيغەمبەرلەرنىڭ يولىنى تۇتماسلىق كەبى ئۇلار ئۆزلىرىگە تاللىغان تۇرمۇش ئۇسۇللىرى كۆزدە تۇتۇلىدۇ ۋە بۇ تۈرلۈك دورامچىلىقتىن ئاگاھلاندۇرۇلىدۇ. بىر تەرەپتىن قارايدىغان بولساق، بۇ ھەدىسمۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ كېلەچەكتە يۈز بېرىدىغان ۋەقەلەرنى ئالدىن خەۋەر بەرگەنلىكى جەھەتتىن نۇبۇۋۋەتىنىڭ بىر ئىسپاتى بولالايدۇ.

لېكىن، ئەسلىدە كاپىرلارنىڭ ئادىتى بولۇپ، كېيىن مۇسۇلمانلار ئۇلاردىن يۇقتۇرۇۋېلىپ، مۇسۇلمانلاردا ئومۇملىشىپ كەتكەن تەقدىردە، ئوخشىۋېلىش دېگەن نەرسە بولامدۇ – بولمامدۇ؟ ئوخشىۋېلىش بولسا ھارام بولسا، ئوخشىۋېلىش بولمىسا ھارام بولمايدۇ. مەسىلەن، كىيىم – كېچەكلەر ئىچىدە ئۆز زامانىسىدا خرىستىيان راھىبلارنىڭ كىيىمى بولغان ئۇزۇن بۆكلۈك پۈتۈن كۆڭلەك مۇسۇلمانلاردا كەڭ تارقالغاندا، ئۇنىڭ كاپىرلارغا خاسلىقى يوقۇلۇپ كەتكەن، شۇندا ساھابە كىراملاردىن ھۇزەيفە ئىبنى يەمان ۋە ئەنەس ئىبنى مالىك قاتارلىق ساھابىلەر شۇنداق تونلارنى كىيگەن. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالاممۇ ئېھرام باغلىغۇچىلارنىلا قالپاقلىق تون كىيىشتىن (تىكىلگەن كىيىم بولغانلىقتىن) توسقان، باشقىلارنى توسمىغان. غەربلىكلەرنىڭ ئادىتى بولغان گالاستۇكمۇ ھازىر ئومۇم مۇسۇلمانلار ئارىسىغا تارقالدى. يازلىق تەتىل ۋە ھەپتىلىك دەم ئېلىش كۈنى قاتارلىقلارنىمۇ شۇ قاتاردىن ساناشقا بولسا كېرەك. لېكىن، شۇنداقتىمۇ تۇغۇلغان كۈننى تەبرىكلەش ئادىتى مۇسۇلمانلاردا ئومۇملىشىپ كەتتىمۇ – كەتمىدىمۇ؟ بەلكىم بەزى دۆلەتلەردە ئومۇملىشىپ كەتكەندۇ، لېكىن يەنە بەزىسىدە تېخى ئومۇملاشمىدى، دېگىلىمۇ بولىدۇ.

مەسىلىگە بۇ تەرەپتىن قارىساق، بالىلارنىڭ تۇغۇلغان كۈنىنى تەبرىكلەش مەسىلىسىنى بىدئەت ياكى ھارام ياكى كاپىرلارغا ئوخشىۋېلىش دەپ كېسىۋېتىشتىن بەكرەك، بۇنى مەدەنىيەت ۋە جىمى ساھەلەردە ئاجىزلاپ كەتكەن ئىسلام دۇنياسىنىڭ چېكىنىشىنىڭ تەبىئىي نەتىجىسى ۋە ئۆرپ – ئادەتلەردە غەربلىكلەرگە ئەگىشىشى، شۇڭا ھۆكمى جائىز بولمايدۇ، دېگەن قاراشلار مۇناسىپ بولسا كېرەك. بۇ تەسىردىن مۇمكىنقەدەر قۇتۇلۇش ۋە ئۇنى ئەۋلادلىرىمىزغا سىڭدۈرۈشتىن كۈچىمىزنىڭ يېتىشىچە ساقلىنىشىمىز لازىم.

ئېسىل ئىشلاردا، ئىلىم – مەرىپەتتە يات مىللەتلەرنى دوراش ئەيىبلەنمىسىمۇ، ھەممە ئىشتا قارىغۇلارچە دورامچىلىق قىلىش ئەخلاقشۇناس، پېداگوگ ۋە جەمئىيەتشۇناسلار زىيانلىق، دەپ قارىغان قىلمىشتۇر. ۋەتىنىمىزدە خىتتايلار بىلەن، مۇھاجىرەتتە خرىستىيانلار ۋە ئۇلارنىڭ ئادەتلىرىنى يۇقتۇرۇۋالغان مۇسۇلمانلار بىلەن ئارىلىشىپ ياشايدىغان بىزگە ئوخشاش مىللەتلەرگە نىسبەتەن ئېيتقاندىمۇ تۇغۇلغان كۈننى تەبرىكلەشتەك ئادەتلەرنى سىڭدۈرۈۋېلىش بىزگە ئىنتايىن زىيانلىق. بۇ جەھەتتىن ھارام، دېگەن ھۆكۈممۇ ئورۇنلۇق چىقىدۇ.

دورامچىلىقنىڭ دورىغۇچىنىڭ ئۆزىنى زەئىپ، دورالغۇچىنى مۇكەممەل ھېس قىلىشىدىن باشقا زىيىنى بولمىسا ئىدى، بۇ نومۇس قىلىشقا يېتەرلىك ئىدى. ھالبۇكى، ئىسلام ئۈممىتى ئاللاھ ئەززە ۋە جەللە ئۆزى ﴿سىلەر ئىنسانلارغا چىقىرىلغان ئەڭ ياخشى ئۈممەتسىلەر﴾(ئال ئىمران، 110) دەپ سۈپەتلىگىنىدەك، ئازغان كاپىرلارنى دورايدىغان ئەمەس، ئۇلارغا ئۆرنەك بولىدىغان ئۈممەت بولۇشى كېرەك.

ئىمام ئىبنى خەلدۇن مۇنداق دەيدۇ: «ئىنسان نەپسى ھەردائىم ئۆزى ئۈستىدىن غالىپ كەلگەن ۋە ئۆزى بويسۇنغانلارنى مۇكەممەل، دەپ قارايدۇ… شۇڭلاشقا مەغلۇپلار داۋاملىق كىيىم – كېچەك، ئات -ئۇلاغ ۋە قورال – ياراق قاتارلىقلاردا شەكىل ۋە پاسۇنلىرىدا غالىبلارغا ئوخشىۋېلىشقا تىرىشىدۇ. بۇنى ئاتا – بالا مۇناسىۋىتىدىمۇ كۆرەلەيسەن، بالىلار داۋاملىق ئاتىلارغا ئوخشىۋېلىشقا تىرىشىدۇ. چۈنكى، ئۇلار ئاتىلىرىنى مۇكەممەل، دەپ قارايدۇ»(9).

ئەلۋەتتە بالىلارنىڭ تۇغۇلغان كۈن ئۆتكۈزۈش ئىشىدا ئۇلار ھۆكۈم ياكى ياتلارنى دوراش زىيىنىنى ئاڭقىرىپ بولالمايدىغانلىقى ئۈچۈن، مەسئۇلىيەت ئاتا – ئانىلارغا يۈكلىنىدۇ. پەرزەنتلەر بۇ ئادەتلەرگە ئادەتلىنىپ چوڭ بولۇپ قالسا كېيىن بىراقلا چەكلىگەن تەقدىردە، چوڭلار بىلەن پەرزەنتلەر ئوتتۇرىدا كۆڭۈل ئاغرىقى بولماسلىقى ئۈچۈن، ئاتا – ئانىلار بۇ ئىشقا دەسلەپكى چاغلاردىلا ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلۈشى، بۇ ئىشنىڭ مۇسۇلمانلار ئەنئەنىسى ئەمەسلىكىنى پەرزەنتلەرىگە چۈشەندۈرۈش بىلەن بىللە، تۇغۇلغان كۈننى تەبرىكلەش ئورنىنى توغرا ئىشلار بىلەن تولدۇرۇشى كېرەك.

ئالىملار مۇنداق دەيدۇ: «تۇغۇلغان كۈننى ئىبادەت ۋە مۇسۇلمانلارنىڭ بەلگىسى بولغان روزا ۋە قۇربان ھېيتلىرىغا قىياس قىلىش توغرا بولمايدۇ. چۈنكى، بۇ ھېيتلار ھەممىگە ئومۇم بولغان ھېيتلاردۇر. تۇغۇلغان كۈن بولسا ئۇنداق ئەمەس. بۇ تەبرىكلەشنىڭ دىنىمىزدا ئاساسى بولمىغاچقا، شۇنداقلا، مەدەنىيەت ۋە كۈلتۈر جەھەتتىن ياتلارغا ئەگىشىش نەتىجىسى بولغاچقا، تۇغۇلغان كۈننى تەبرىكلەش مەكروھ ئىشتۇر. مۇسۇلمانلار بۇنىڭدىن ئۆزىنى تارتىشى تەۋسىيە قىلىنىدۇ. بۇنىڭ ئۈچۈن تۈرلۈك مۇناسىۋەتلەردە بالىلارنىڭ كۆڭلىنى ياتلارنىڭ ئادەتلىرىنى يۇقتۇرۇۋېلىشقا ياتمايدىغان ۋە دىنىمىزدا يوللۇق، دەپ قارالغان ئۇسۇلدا خۇش قىلىش تەكىتلىنىدۇ. مەسىلەن، ھەر قېتىم ئۇتۇق قازانغىنىدا، بىرەر پارە قۇرئان يادلاپ بولغىنىدا، مەكتەپتە ئەلاچى بولغىنىدا، يەتتە ياكى ئون ياشقا كىرگىنىدە، بۇ ياشلاردا شەرىئەت كۆزدە تۇتقان ناماز ئوقۇش ۋە خەتنە قىلىنىش قاتارلىق بىر خىل ھاياتىي بۇرۇلۇش يېڭىلىقى بولغانلىقى ئۈچۈن تەبرىكلەش ئېلىپ بېرىلسىمۇ بولىدۇ. تۇغۇلغان كۈننى تەبرىكلەپ كۆنگەن يۇرتلاردا بالىلارغا تەدرىجىي ھالدا بۇ ئادەتنى ئۇنتۇلدۇرۇش ئۈچۈن باشقا مۇناسىۋەتلەرنى بۇنىڭ ئورنىغا دەسسىتىپ بولغۇچە ئۇلارغا ۋە بىر تۇغقانلىرىغا بەزىبىر ھەدىيەلەرنى ئېلىپ بېرىشكىمۇ بولىدۇ»(10).

ھەقىقەتەن، بۇ مەسىلىدە يۇقىرىقىدەك ئۈنۈملۈك ھەم مۇۋاپىق ئۇسۇلدا تەدبىر ئېلىنمىسا بولمايدۇ. چۈنكى، پەرزەنتلىرىمىز ياۋروپا – ئامېرىكا قاتارلىق خرىستىيان ياكى غەيرى مۇسۇلمان ئەللەردە، ھەتتا تۈركىيە قاتارلىق مۇسۇلمان دىيارلىرىدىمۇ مەكتەپلەردە ساۋاقداشلىرى تۇغۇلغان كۈن ئۆتكۈزىدىغان بولغاچقا، بۇ ئىشتا خۇددى ئانا ۋەتىنىمىزدە خىتتايلارنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغاندەك، تەبىئىي ھالدا مەلۇم دەرىجىدە ساۋاقداشلىرىنىڭ تەسىرىگە ئۇچراۋاتىدۇ. ئاتا – ئانا دىنىي جەھەتتىن ئۆتكۈزۈپ بېرىشنى خاھلىمىغىنىدا، بۇ بالىلارنىڭ پىسىخىكىسىدا يامان ئىز قالدۇرۇش خەۋپى كۈچلۈك بولماقتا. بۇ بارىدا ھەربىر ئاتا – ئانا ئۆزى مۇناسىپ پەيتلەرنى تاللاپ تۇغۇلغان كۈنىنىڭ ئورنىغا پەرزەنتى ئانا تىلدا ئوقۇش – يېزىش ساۋادىنى چىقارغاندەك بىرەر كۈننى ئالماشتۇرۇۋەتسە بولىدۇ. يەنە غەربلىكلەر ئادەتلەنگەن تۇغۇلغان كۈندىكى تورتقا شام قاداپ يېقىش، مەخسۇس ناخشا قاتارلىقلارنىمۇ پۈتۈنلەي باشقا مۇباھ ۋە مىللىي پائالىيەتلەرگە ئالماشتۇرۇۋەتسە بولىدۇ.

ئىمام قەرەداۋىي بۇ ھەقتە سورالغان سوئالغا مۇنداق جاۋاب بېرىدۇ: «بۇ سوئال قارىغۇلارچە ئەگىشىشتىن كېلىپ چىققان بولۇپ، ھەقتائالا بىزنى باش بولۇشقا ياراتقان تۇرۇقلۇق، بىز باشقىلارغا قۇيرۇق بولۇشنى خاھلايمىز، ئاللاھ بىزنى ھۆر ياراتقان تۇرۇقلۇق، بىز غەربنىڭ قۇلى بولۇشنى خاھلايمىز. غەربلىكلەر چوڭلارغىمۇ، بالىلارغىمۇ تۇغۇلغان كۈنى ئۆتكۈزىدۇ. بىز بولساق غەربلىكلەرنى دورايمىز ۋە چوڭ بولغاندىمۇ تۇغۇلغان كۈنى ئۆتكۈزىمىز. سېنىڭ ئۆمرۈڭدىن بىر يىل ئۆتكەن بولسا سەن ئۆزۈڭدىن بۇ بىر يىلنىڭ ھېسابىنى سورىشىڭ كېرەك. شام ياندۇرۇپ تەبرىكلەپ ئولتۇرماي قولدىن بېرىپ قويغان بىر يىل ئۈچۈن قايغۇرۇشۇڭ كېرەك. بالىلار ئۈچۈن ئېيتقاندىمۇ ئۇلارنىڭ ھەر يىلى بۇ خىل ئادەت بويىچە تەبرىكلىشى جائىز ئەمەستۇر. مەن دەيمەنكى، بالىلارغا تۈرلۈك مۇناسىۋەتلەردە تەبرىكلەش زىياپەتلىرى ئورۇنلاشتۇرۇپ بەرسەك بولىدۇ. مەسىلەن، بوۋاق تۇغۇلغاندا، تەبرىكلەپ ئەقىقە قىلىپ بېرىمىز. يەتتە ياشقا كىرگەندە، بۇ ‹ناماز يېشى› دەيمىز ۋە ‹ناماز زىياپىتى› ئۆتكۈزۈپ بېرىپ: بۈگۈندىن تارتىپ ناماز ئوقۇشۇڭ كېرەك، دەيمىز. تورت ياكى ئىچىملىكلەرنى يەپ – ئىچىمىز. مانا بۇ ناماز زىياپىتى. 10 ياشقا قەدەم قويغاندا، ‹تاياق زىياپىتى› ئۆتكۈزۈپ بېرىپ ئۇنىڭغا: ساڭا 3 يىل بۇرۇن ناماز ئوقۇشنى ئۆگىنىشىڭ ئۈچۈن ناماز زىياپىتى بەرگەن، ئەمدى چوڭ بولدۇڭ، ناماز ئوقۇمىساڭ، تاياق يەيسەن، دەيمىز. 15كە كىرگەندە، ناماز پەرز بولۇش يېشىغا يەتكەنلىكى ئۈچۈن زىياپەت ئۆتكۈزۈپ بېرىمىز. بۇ تۈرلۈك مۇناسىۋەتلەردە ئۆتكۈزۈلىدىغان زىياپەتلەر بولۇپ، ھەربىر ياشتا بىر زىياپەت قىلىپ بەرمەيمىز. يەنە باشقا مۇناسىۋەتلەرگە ئۇدۇللاپ زىياپەتلەرنى ئۆتكۈزۈپ تۇرساق بولىدۇ. مەسىلەن، سىنىپ ئاتلىسا، مۇۋەپپەقىيەتلىك بىر ئىشنى تاماملىسا. قىزلار ئۈچۈنمۇ شۇنداق. يەنە قىزلار ياغلىق ئارتقاندىمۇ تەبرىكلەپ زىياپەت ئۆتكۈزۈپ بەرسەك بولىدۇ. بۇلارنىڭ ھەممىسى تۈرلۈك مۇناسىۋەتلەر بىلەن بولىدۇ، ئەمما يىلدا بىر قېتىم ئەمەس»(11).

ۋەللاھۇ ئەئلەم.

دوكتور ئابدۇلئەزىز رەھمەتۇللاھ

2020. 11. 14

—————————-
1. «مۇسلىم»، 1162 – هەدىس.
2. قىسقارتىپ ئېلىندى. «لەتائىفۇل مەئارىف»، 189 – بەت.
3. «فتاوى اللجنة الدائمة للبحوث العلمية والإفتاء»، 2 – توم، 260 – بەت. 20834 – نومۇرلۇق پەتۋا.
4. دوكتور سالمان ئەلئەۋدىنىڭ mbc قانىلىدىكى «ھايات بىر كەلىمىدۇر (برنامج الحياة كلمة)» دېگەن پروگراممىدىكى پەتۋاسى.
5. https://archive.islamonline.net/531
6. قرار «مجمع فقهاء الشريعة بأمريكا» بشأن أعياد الميلاد، المؤتمر السنوي العاشر المنعقدة بدولة الكويت، هـ 1435 /م. 2014، 1 – توم، 21 -، 75 – بەتلەر.
7. «مۇسنەدۇ ئەھمەد»، 5115 – ھەدىس؛ «ئەبۇ داۋۇد»، 4031 – ھەدىس. سۇيۇتىي: («ئەلجامىئۇسسەغىر»، 8593 – ھەدىس) «ھەسەن» دېگەن. ئالبانىي «غايەتۇل مەرام»دا: (109 – ھەدىس) «سەھىھ» دېگەن.
8. بىرلىككە كېلىنگەن ھەدىس: «بۇخارىي»، 7320 – ھەدىس؛ «مۇسلىم»، 1162 – هەدىس.
9. «ئىبنى خەلدۇن مۇقەددىمەسى» (ئەرەبچە)، 137 – بەت.
10. قرار «مجمع فقهاء الشريعة بأمريكا» بشأن أعياد الميلاد، المؤتمر السنوي العاشر المنعقدة بدولة الكويت، ھ. 1435 /م. 2014، 1 – توم، 21 -، 75 – بەتلەر.
11. https://archive.islamonline.net/531

Please follow and like us:

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز