پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنى ياخشى كۆرۈشنىڭ ئالامەتلىرى

پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنى ياخشى كۆرۈشنىڭ ئالامەتلىرى

ئاللاھ تائالا پەيغەمبىرى مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمگە نۇرغۇنلىغان خۇسۇسىيەتلەرنى ئاتا قىلغان بولۇپ، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئادەم بالىلىرىنىڭ يولباشچىسى، پەيغەمبەرلەرنىڭ تۈگەنچىسى ۋە بارلىق ئىنسانلارغا ئاللاھ تائالا تەرىپىدىن ئەۋەتىلگەن ئاللاھنىڭ ئەلچىسىدۇر. ئاللاھ تائالا بۇ ھەقتە مۇنداق دېگەن: ﴿(ئى مۇھەممەد!) ئېيتقىنكى، ئى ئىنسانلار! مەن ھەقىقەتەن سىلەرنىڭ ھەممىڭلارغا ئاللاھ تەرىپىدىن ئەۋەتىلگەن ئەلچىمەن﴾(ئەئراف: 158).

شەك شۈبھىسىزكى، بىزنىڭ پەيغەمبىرىمىز سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئالدىدا ئورۇنداشقا ۋە ئەمەلگە ئاشۇرۇشقا تېگىشلىك نۇرغۇن مەجبۇرىيەتلىرىمىز بار. شۇڭا، بىز پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ خەۋەر بەرگەنلىرىنى تەستىقلىشىمىز، بۇيرۇغانلىرىغا ئىتائەت قىلىشىمىز، چەكلىگەن ۋە توسقانلىرىدىن يىراق تۇرۇشىمىز كېرەك.

شۇنىڭدەك پەيغەمبىرىمىز سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ئالدىدا قىلىشىمىز لازىم بولغان مەجبۇرىيەتلەرنىڭ بىرى پەيغەمبىرىمىز سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنى ياخشى كۆرۈشنى ئېتىقاد ۋە سۆز – ھەرىكەتلىرىمىزدە ئەمەلگە ئاشۇرۇشىمىز، بۇ ياخشى كۆرۈشنى ئۆزىمىز، بالىچاقىلىرىمىز ۋە ئاتا – ئانىلىرىمىزنى ياخشى كۆرۈشنىڭ ئالدىدا قويۇشىمىزدۇر. بۇ ھەقتە پەيغەمبىرىمىز سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: «سىلەردىن ھەرقانداق بىر كىشى مېنى ئۆزىنىڭ ئاتا – ئانىسى، بالا – چاقىلىرى ۋە بارلىق كىشىلەردىن ئارتۇق كۆرمىگىچە ھەقىقىي مۆمىن بولالمايدۇ»(1).

ھەممىمىزگە مەلۇمكى، كىمكى بىرەر نەرسىنى ياخشى كۆرسە شۇ نەرسىنى ۋە شۇ نەرسىگە لايىق بولۇشنى ئارتۇق كۆرىدۇ. ئۇنداق بولمىسا، ئەمەلىيەتتە ئۇ ئۇنى ياخشى كۆرۈشنى دەۋا قىلىپ، ئۇنى ھەقىقىي ياخشى كۆرمىگەن بولىدۇ. دېمەك، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنى ھەقىقىي ياخشى كۆرگۈچىدە پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنى ياخشى كۆرۈشنىڭ ئالامەتلىرى نامايان بولىدۇ.

ئى ئوقۇرمەن قېرىندىشىم! بىز سىزگە پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنى ياخشى كۆرۈشنى ئىپادىلەيدىغان ئالامەتلەر ئارىسىدىن تۆۋەندىكىدەك بىر قىسىم ئالامەتلەرنى بايان قىلىپ ئۆتمەكچىمىز:

1. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنى ئۈلگە قىلىش، سۈننىتىگە چىڭ يېپىشىش، سۆز – ھەرىكەتلىرىگە ئەگىشىش، بۇيرۇقلىرىغا ئىتائەت قىلىش، چەكلىمىلىرىدىن يىراق تۇرۇش، قاتتىقچىلىق، ئاسانچىلىق، روھلۇق ۋە روھسىز ۋاقىتلاردىمۇ ئۇنىڭ ئەدەب – ئەخلاقى بىلەن زىننەتلىنىش. بۇنىڭ دەلىلى «قۇرئان كەرىم» ۋە ھەدىس شەرىپلەردە كەلگەن بولۇپ، ئۇلاردىن تۆۋەندىكىلەرنى كەلتۈرۈش بىلەن كۇپايىلىنىمىز. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: ﴿(ئى مۇھەممەد! ئۇلارغا) ئېيتقىنكى، ئەگەر سىلەر ئاللاھنى دوست تۇتساڭلار، ماڭا ئەگىشىڭلاركى، ئاللاھ سىلەرنى دوست تۇتىدۇ﴾(ئال ئىمران: 31).

ۋە يەنە مۇنداق دەيدۇ: ﴿سىلەرگە – ئاللاھنى، ئاخىرەت كۈنىنى ئۈمىد قىلغان ۋە ئاللاھنى كۆپ ياد ئەتكەنلەرگە – رەسۇلۇللاھ ئەلۋەتتە ياخشى ئۈلگىدۇر﴾(ئەھزاب: 21).

پەيغەمبىرىمىز سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: «سىلەرنىڭ بىرىڭلارنىڭ نەپسى – خاھىشى مەن ئېلىپ كەلگەن نەرسىلەرگە ئەگەشمىگىچە ھەقىقىي مۆمىن بولالمايدۇ»(2).

2. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنى كۆپ تىلغا ئېلىش ۋە ئۇنى كۆرۈشكە ئىنتىزار بولۇش. كىمكى بىرەر نەرسىنى ياخشى كۆرسە شۇ نەرسىنى كۆپ تىلغا ئالىدىغان ۋە ئۇنى كۆرۈشنى خاھلايدىغان بولۇپ قالىدۇ. ئىبنى قەييىم رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دېگەن: «كىشى مەھبۇبىنى تىلغا ئالغانسېرى، ئۇنى قەلبىگە مەھكەم جا قىلىپ، يېقىملىق خۇي – ئادەتلىرى ۋە ياخشى تەرەپلىرىنى كۆز ئالدىغا كەلتۈرگەنسېرى مەھبۇبىغا بولغان مۇھەببىتى ھەسسىلىنىدۇ، ئۇنىڭغا بولغان ئىشتىياقى ئېشىپ، بۇ مۇھەببەت پۈتۈن قەلبىنى ئىگەللەيدۇ».

3. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمگە لايىق شەكىلدە مەدھىيە ئوقۇش. بۇ مەدھىيەلەرنىڭ ئەڭ ياخشىسى ئۇلۇغ، بۈيۈك ئاللاھ تائالا ئۇنى مەدھىيىلىگەن ئايەتلەر ۋە ئۆزى ئۆزىنى مەدھىيىلىگەن ھەدىسلەردىكى سۆزلەردۇر. بۇلارنىڭ ئەڭ ئەۋزىلى «سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم (ئاللاھ ئۇنىڭغا رەھمەت قىلسۇن ۋە ئامان قىلسۇن!)» دېيىشتۇر. چۈنكى، ئاللاھ بۇنىڭغا بۇيرۇپ ۋە تەكىتلەپ مۇنداق دېگەن: ﴿ئاللاھ ھەقىقەتەن پەيغەمبەرگە رەھمەت يوللايدۇ (يەنى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا رەھمەت قىلىدۇ، شەنىنى ئۇلۇغ قىلىدۇ، دەرىجىسىنى ئۈستۈن قىلىدۇ)، پەرىشتىلەرمۇ ھەقىقەتەن (پەيغەمبەرگە) مەغپىرەت تەلەپ قىلىدۇ، ئى مۆمىنلەر! سىلەر پەيغەمبەرگە دۇرۇت ئېيتىڭلار ۋە ئامانلىق تىلەڭلار (چۈنكى، رەسۇلۇللاھنىڭ سىلەرنىڭ ئۈستۈڭلاردىكى ھەققى چوڭدۇر، ئۇ سىلەرنى گۇمراھلىقتىن ھىدايەتكە، زۇلمەتتىن يورۇقلۇققا چىقارغۇچىدۇر)﴾(ئەھزاب: 56). بۇ ئايەتتە مۇسۇلمانلار پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمگە دۇرۇت ئېيتىشقا بۇيرۇلغان. شۇڭا، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: «مەن يېنىدا تىلغا ئېلىنىپ، ماڭا دۇرۇت ئېيتمىغان كىشى بېخىلدۇر»(3).

4. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ سۈننىتى بىلەن ھۆكۈم قىلىشقا رازى بولۇش. ئاللاھ تائالا مۇنداق دېگەن: ﴿(ئى مۇھەممەد!) پەرۋەردىگارىڭ بىلەن قەسەمكى، ئۇلار (يەنى، مۇناپىقلار) ئۆز ئارىسىدىكى دەتالاشقا سېنى ھۆكۈم چىقىرىشقا تەكلىپ قىلمىغۇچە، ئاندىن سېنىڭ چىقارغان ھۆكمىڭگە ئۇلارنىڭ دىللىرىدىكى قىلچە بولسىمۇ غۇم يوقالمىغۇچە ۋە ئۇلار پۈتۈنلەي بويسۇنمىغۇچە ئىمان ئېيتقان بولمايدۇ﴾(نىسا: 65).

5. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ياخشى كۆرگەن ئائىلە – تاۋابىئاتلىرىنى ۋە مۇھاجىر، ئەنسارلاردىن بولغان ساھابىلىرىنى ياخشى كۆرۈش، ئۇلارغا قارشى تۇرغانلارغا قارشى تۇرۇش، ئۇلارنى ئۆچ كۆرگەن ۋە ئەيىبلىگەن كىشىلەرنى يامان كۆرۈش، ئۇلارنى قوغداش، ئۇلارنىڭ توغرا يولىدا مېڭىش ۋە ئۇلارنىڭ سۈننىتىگە ئەگىشىش.

6. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ سۈننىتىنى قوغداش ۋە مۇداپىئە قىلىش. بۇ، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ سۈننىتىنى ئاشقۇنلارنىڭ ئۆزگەرتىشىدىن، ئازغۇنلارنىڭ بۇرمىلىشىدىن، نادانلارنىڭ خاتا تەۋىل قىلىشىدىن قوغداپ، زىندىقلار ۋە ھەددىدىن ئاشقانلارنىڭ شۈبھىلىرىگە رەددىيە بېرىپ، ئۇلارنىڭ يالغانچىلىقلىرىنى بايان قىلىش ئارقىلىق بولىدۇ.

7. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنى تىلغا ئالغاندا ئەدەپلىك بولۇش، ئۇ زاتنىڭ پەقەت ئىسمىنىلا تىلغا ئالماستىن، بەلكى پەيغەمبەرلىكى ياكى ئەلچىلىكى بىلەن سۈپەتلەپ: «ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى، ئاللاھنىڭ ئەلچىسى (رەسۇلۇللاھ)» دېگەندەك دېيىش، تىلغا ئالغاندا دۇرۇت ئوقۇش، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمگە دۇرۇت ئوقۇش مۇستەھەپ بولغان ئورۇنلاردا دۇرۇتنى كۆپ ئوقۇش قاتارلىقلار.

8. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ سۈننىتىنى كىشىلەرگە تارقىتىش، يەتكۈزۈش ۋە ئۆگىتىش. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: «مەندىن بىرەر ئايەت بولسىمۇ يەتكۈزۈڭلار»(4).

ئى ئوقۇرمەن قېرىندىشىم! بۇ ئالامەتلەرنى ئويلىنىپ، ئۇلارنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشقا ۋە تەتبىقلاشقا ھېرىسمەن بولغىن! بىلگىنكى، ياخشى كۆرۈش دېگەن ئېيتىپ قويىدىغان بىرەر ناخشا، دېكلاماتسىيە قىلىپ قويۇلىدىغان شېئىر، ئېغىزدا دەپ قويۇلسىلا بولىۋېرىدىغان سۆزلەر ئەمەس، بەلكى ئۇ، ئاللاھ ۋە ئاللاھنىڭ رەسۇلىغا ئىتائەت قىلىش، ئۇلارنىڭ بۇيرۇق ۋە كۆرسەتمىلىرىگە بويسۇنۇش، ئەمەل قىلىش، ئۇلارغا چىڭ يېپىشىش ۋە ئەگىشىش دېگەنلىكتۇر.

ئاللاھتىن بىزگە ۋە قېرىنداشلىرىمىزغا، ھاياتلا بولساق، پەيغەمبىرىمىز سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ سۈننىتىگە ئەمەل قىلىشىمىز ئۈچۈن ياردەم بېرىشىنى سورايمىز! ئامىن!

مەنبەسى: علامات محبة النبي صلى الله عليه وسلم

https://www.islamweb.net/ar/article/143662

تەرجىمىدە: يولۇچى

——————-
1. «سەھىھەين».
2. ئىمام نەۋەۋىي رىۋايەت قىلىپ، سەھىھ دەپ قارىغان.
3. تىرمىزىي رىۋايەت قىلغان.
4. «سەھىھەين».

Please follow and like us:

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ