قاش تېرىش ۋە يۈزدىكى مويلارنى ئېلىۋېتىش توغرىسىدا

سوئال: ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئۇستاز. ئاياللار توغرىسىدا سورايدىغان ئىككى سوئالىم بار ئىدى.

1. ئاياللار ياۋا قاشلىرىمىزنى تېرىۋەتسەك، قاشقا خېنە قاتارلىق ئۇزاقراق تۇرىدىغان (چەكتۈرۈش ئەمەس) نەرسىلەرنى ئىشلىتىپ گۈزەللەشتۈرسەك بولامدۇ؟

2. يۈز ۋە بەدەندىكى مويلارنى پاكىزلىق تەرەپتىن ئېلىۋەتسەك بولامدۇ؟ باشقا ئەللەردىكى نۇرغۇن مۇسۇلمان ئايال قېرىنداشلىرىمنىڭ قاشلىرىنى تېرىپ ياسىنىۋاتقىنىنى كۆردۈم، شۇڭا دىنىمىزدا بۇ ئىشنى قىلىش دۇرۇسمىدۇ، دەپ تېڭىرقاپ سىلىدىن سوراپ ئايدىڭلاشتۇرغۇم كەلدى. كۆپ رەھمەت سىلىگە! ئاللاھ ئىلىملىرىنى تېخىمۇ زىيادە قىلسۇن!

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھى ۋەبەرەكاتۇھۇ:

بارلىق ھەمدۇسانالار جانابىي ئاللاھقا بولسۇن، شۇنداقلا پەيغەمبىرىمىز سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمگە، ئائىلە – تاۋابىئاتلىرىغا، ئەسھابلىرىغا ۋە ئۇ زاتقا تاكى قىيامەتكىچە ئەگەشكەنلەرگە دۇرۇد ۋە سالاملار بولسۇن.

ئاللاھ سۇبھانەھۇ ۋەتائالا ئىنسانلارنى ئەڭ گۈزەل سۈرەتتە يارىتىپلا قالماي، ئۇلارنىڭ فىترىتىگە ۋە تۇغما تەبىئىتىگە گۈزەللىكنى سۆيۈشنى سىڭدۈرۈۋەتكەن. مۇئمىن بەندىلىرىگە بولسا تەقى – تۇرقىدا، كىيىنىشىدە ياسىنىش ۋە زىننەتلىنىشنى شەرىئەت چەك – چېگراسى دائىرىسىدە مۇباھ قىلىپلا قالماستىن، بەلكى ﴿ئى ئادەم بالىلىرى! ھەرقېتىم ناماز ئوقۇماقچى بولغىنىڭلاردا زىننەتلىنىڭلار﴾(ئەئراف: 31) دەپ بۇيرۇغان. ھالال زىننەتلىنىشنى ھارام قىلىۋەتكەنلەرنى قاتتىق ئەيىبلەپ: ﴿ئېيتقىنكى، «ئاللاھ بەندىلىرى ئۈچۈن چىقىرىپ بەرگەن زىبۇ – زىننەتلەرنى، شېرىن، پاك رىزىقلارنى كىم ھارام قىلدى؟»﴾(ئەئراف: 32) دېگەن. يەنە بەزى مەخلۇقاتلارنى ئىنسانلارغا زىننەت ئۈچۈن ياراتقانلىقىنى بايان قىلغان. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالاممۇ: «ئاللاھ گۈزەلدۇر، گۈزەللىكنى ياخشى كۆرىدۇ» دېگەن1. مانا بۇ دىنىمىزنىڭ بۇ ھەقتىكى ئومۇمىي كۆرسەتمىسىدۇر.

بۇنىڭ ئىچىدىكى بەزىبىر ياسىنىش ۋە پەردازلىنىش ئۇسۇللىرى شەرىئەت بەلگىلىگەن چەكتىن ئاشۇرۇۋەتكەنلىك جەھەتتىن چەكلەنگەن بولۇپ، بۇ ھەقتە بىزگە كەلگەن سوئاللار كۆپ بولغاچقا، قاش ۋە بەدەندىكى مويلارنى تازىلاش ئارقىلىق ياسىنىش ۋە پەرداز قىلىشتىكى چەكلەنگەن ۋە چەكلەنمىگەن تۈرلەرنى تۆۋەندە بىر – بىرلەپ بايان قىلىپ ئۆتىمىز:

1. قاش تېرىشنىڭ ھۆكمى

ھەدىستە قاش تەرگەن ۋە تەرگۈزگەنلەرگە لەنەت قىلىنغان بولۇپ، ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما مۇنداق دەيدۇ: «چاچ ئۇلىغۇچى ۋە ئۇلاتقۇچى، قاشلىرىنى تەرگۈچى ۋە تەرگۈزگۈچى، بىرەر كېسەللىك بولمىسىمۇ (ھۆسن تۈزەش ئۈچۈن) گۈل چەككۈچى ۋە چەكتۈرگۈچى ئايالغا لەنەت قىلىنغان»(2).

ئەلقەمە رىۋايەت قىلىدۇكى، ئابدۇللاھ ئىبنى مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ: «يىڭنە سانجىپ گۈل چەككۈچى ۋە چەكتۈرگۈچى ئاياللارغا، قاشلىرىنى تەرگۈزۈپ پەردازلىنىدىغان ئاياللارغا، چىشىغا ئېكەك سالغان ئاياللارغا، ھۆسن تۈزەش ئۈچۈن ئاللاھ ياراتقان ئەزالارنى ئۆزگەرتكۈچى ئاشۇنداق ئاياللارغا ئاللاھ لەنەت قىلسۇن» دېگەن ئىدى، بۇ گەپنى ئەسەد جەمەتىدىن ئۇممۇ ياقۇب دېگەن بىر ئايال ئاڭلاپ ئابدۇللاھ ئىبنى مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ يېنىغا كېلىپ:

− سىلىنىڭ مۇنداق، مۇنداق ئاياللارغا لەنەت ئوقۇغانلىقلىرىنى ئاڭلايمەنغۇ؟ − دېۋىدى، ئۇ:

− مەن رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم لەنەت قىلغان، ئاللاھنىڭ كىتابىدىمۇ لەنەت قىلىنغان كىشىلەرگە نېمە ئۈچۈن لەنەت ئوقۇمايدىكەنمەن؟ − دېدى. ئۇممۇ ياقۇب:

− مەن قۇرئاننى باشتىن ئاخىرىغىچە ئوقۇپ بولغان، شۇنداقتىمۇ سىلى دېگەن ئايەتنى كۆرمىدىمغۇ؟ − دېۋىدى، ئابدۇللاھ ئىبنى مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ:

− قۇرئاننى ئوقۇغان بولسىڭىز ئەلۋەتتە ئۇ ئايەتنى كۆرەتتىڭىز، سىز ﴿پەيغەمبەر سىلەرگە بەرگەننى ئېلىڭلار، سىلەرنى نېمىدىن توسقان بولسا، ئۇنىڭدىن چەكلىنىڭلار﴾(ھەشر: 7) دېگەن ئايەتنى ئوقۇمىدىڭىزمۇ؟ − دەپ سورىۋىدى، ئۇممۇ ياقۇب:

− ھەئە، ئوقۇدۇم، − دېدى. ئابدۇللاھ ئىبنى مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ:

− ئۇنداقتا ئاللاھ ئۇنىڭدىن توسقاندۇر، − دېۋىدى. ھېلىقى ئايال:

− ئۇنداق بولسا مەن سىلىنىڭ ئاياللىرىنىڭ ئاشۇنداق ئىشنى قىلىۋاتقانلىقىنى كۆرگەندەك قىلدىمغۇ؟ − دېدى. شۇندا ئابدۇللاھ ئىبنى مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ:

− بېرىپ قاراپ بېقىڭچۇ!؟ − دېدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئايال بېرىپ قارىغاندىن كېيىن، ئۆزى ئويلىغاندەك بىرەر ئىشنى كۆرمىدى. شۇنىڭدىن كېيىن، ئابدۇللاھ ئىبنى مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ:

− ناۋادا ئاشۇنداق بولغان بولسا، بىزنىڭ ئەمرىمىزدە تۇرمىغان بولاتتى، − دېدى(3).

يۇقىرىقى ۋە ئۇنىڭدىن باشقا ھەدىسلەرگە ئاساسەن قاشلارنى ئىنچىكىلىتىش ئۈچۈن (يىپ، مۇچىن ۋە شۇنىڭدەك نەرسىلەر بىلەن) يۇلۇش ئىسلام چەكلىگەن ياسىنىش بولۇپ، بارلىق ئالىملار ئىككى قاشنىڭ تۈكىنى يۇلۇش لەنەت قىلىنغان ۋە چەكلەنگەن ئىش، دەپ قارىغان(4).

«لەنەت» سۆزى – ئاللاھنىڭ رەھمىتىدىن قوغلىنىشنى كۆرسىتىدىغان بولۇپ(5)، كەچۈرۈشكە بولمايدىغان ئەيىبى، قەبىھ ھەرىكىتى، ئېغىر گۇناھى ئۈچۈن بىلدۈرۈلگەن قاتتىق قەرغىشتۇر(6). پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ لەنەت قىلىشى ئۇ ئىشنى قىلغۇچىنى ئاللاھنىڭ رەھمىتىدىن قوغلىنىشى ئۈچۈن قارغاشنى كۆرسىتىدۇ. بۇ مانا شۇ دەرىجىدىكى ئېغىر سۆز بولغاچقا، ئايەت ۋە ھەدىسلەردە بىرەر قىلمىشقا لەنەت قىلىنغان بولسا، بۇ شۇ قىلمىشنىڭ چوڭ گۇناھ ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ.

گۈزەل ھۆسن ئۈچۈن ئاللاھ ياراتقان ئەزالارنى ئۆزگەرتىش قىلمىشى ئايەتلەردىمۇ قاتتىق ئاگاھلاندۇرۇلغان ئىش بولۇپ ئاللاھ تائالا بۇنى «شەيتانغا ئەگەشكەنلىك» دەپ مۇنداق دەيدۇ: ﴿ئۇلار (يەنى مۇشرىكلار) ئاللاھنى قويۇپ، پەقەت (ئۆزلىرى) چىشى (ناملار بىلەن ئاتىۋالغان) بۇتلارغا ئىبادەت قىلىدۇ، پەقەت ئاللاھنىڭ ئىبادىتىدىن باش تارتقان شەيتانغا ئىبادەت قىلىدۇ. ئاللاھ شەيتاننى رەھمىتىدىن يىراق قىلدى، شەيتان ئېيتتى: «مەن ئەلۋەتتە سېنىڭ بەندىلىرىڭدىن مۇئەييەن ساندىكىلەرنى ئىگىلەيمەن. شۇنداقلا چوقۇم ئۇلارنى ئازدۇرىمەن، ئۇلارنى خام خىيال قىلدۇرىمەن (يەنى ھايات ئۇزۇن، قىيامەت، ھېساب ئېلىش يوق، دېگەندەك باتىل ئەقىدىلەرنى كۆڭلىگە سالىمەن)، ئۇلارنى چوقۇم چاھار پايلارنىڭ (بۇتلارغا نەزىر قىلىپ بەلگە ئۈچۈن) قۇلاقلىرىنى پۇچۇشقا بۇيرۇيمەن، ئۇلارنى چوقۇم ئاللاھنىڭ مەخلۇقاتىنى ئۆزگەرتىۋېتىشكە (يەنى قۇللارنى ئاختا قىلىش، ئۇلارغا مەڭ ئويدۇرۇشقا ئوخشاش) ئىشلارغا بۇيرۇيمەن». كىمكى ئاللاھنى قويۇپ شەيتاننى دوست تۇتىدىكەن، ئۇ (دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە) ئوپئوچۇق زىيان تارتقان بولىدۇ. شەيتان ئۇلارغا (يالغان) ۋەدىلەرنى بېرىدۇ ۋە ئۇلارنى خام خىيالغا سالىدۇ (يەنى ئەمەلدە ئىشقا ئاشمايدىغان ئارزۇلارنى كۆڭلىگە سالىدۇ)، شەيتان ئۇلارغا پەقەت يالغاننىلا ۋەدە قىلىدۇ. ئەنە شۇلارنىڭ بارىدىغان جايى جەھەننەمدۇر، ئۇلار جەھەننەمدىن قاچىدىغان جاي تاپالمايدۇ﴾(نىسا: 117 – 121).

ئىمام تەبەرىي (ھ. 224 – 310 / م. 839 – 923)، ئىمام زەججاج (ھ. 241 – 311 / م. 855 – 923) ۋە ئىمام ئەبۇ مەنسۇر ماتۇرىيدىي (ھ. 238 – 333 / م. 852 – 944) قاتارلىق كۆپلىگەن مۇپەسسىرلەر يوقىرىقى ئايەتتىكى «ئاللاھنىڭ ياراتقىنى»نى «ئاللاھنىڭ دىنى» دەپ تەپسىرلەشنى تەرجىھ قىلىپ: بۇنىڭ ئىچىگە ئاللاھ چەكلىگەن گۈل چېكىش ۋە قاش تېرىش قاتارلىق ھەممە مەئسىيەتلەر كىرىدۇ، بىر نەرسىنى يارىتىلغىنىغا ئىشلەتمەي، باشقا ئىشقا ئىشلىتىش ئاللاھنىڭ دىنىنى ئۆزگەرتىش جۈملىسىدىندۇر، دەپ قارىغان(7).

ئىمام فەخرۇررازىي (ھ. 544 – 606 / م. 1150 – 1210) ئاللاھنىڭ ياراتقىنىنى ئۆزگەرتىشنى ئىماندىن كۇپۇرغا ئۆتۈش ۋە فىترەتنى بۇزۇشتىن ئىبارەت ئېتىقاد ۋە تەبىئەت جەھەتتىن ئۆزگەرتىش، ھالال – ھارامنى ئاستىن – ئۈستۈن قىلىش، يەنە گۈل چېكىش ۋە قاش تېرىشتەك سىرتقى كۆرۈنۈشنى ئۆزگەرتىش، دەپ ئايرىپ، بۇلارنى ھەممىسىنى شەيتاننىڭ ئىنسان كۆڭلىگە سالغان خام خىياللار بىلەن باغلاپ تەھلىل قىلغان(8).

ئىمام ئەبۇ مەنسۇر سەئالىبىي (ھ. 350 – 429 / م. 961 – 1038)، ئىمام ئىبنى ئەتىييە (ھ. 481 – 542 / م. 1088 – 1148) قاتارلىق بىر قىسىم مۇپەسسىرلەر ئاللاھنىڭ ياراتقىنىنى ئۆزگەرتىشنىڭ تەپسىرلىرىنى خۇلاسىلەپ مۇنداق دەيدۇ: «مۇپەسسىرلەر ئاللاھنىڭ ياراتقىنىنى ئۆزگەرتىش دېگەننىڭ مەنىسىدە ئوخشىمىغان قاراشلاردا بولغان. بۇ ئايەتنىڭ تەپسىرىنىڭ خۇلاسىسى، زىيانلىق ئۆزگەرتىشلا بولىدىكەن بۇ ئايەت دائىرىسىگە كىرىدۇ. پايدىلىق ھەرقانداق ئۆزگەرتىش مۇباھتۇر»(9).

ئىمام مۇھەممەد رەشىد رىزا (ھ. 1282 – 1354 / م. 1865 – 1935) مۇ مۇپەسسىرلەرنىڭ قاراشلىرىنى مۇنداق خۇلاسىلەيدۇ: «يىغىپ ئېيتقاندا، تەنقىدكە سازاۋەر شەكىل ئۆزگەرتىش شەيتاننىڭ ئېزىقتۇرۇشلىرىنىڭ جۈملىسىدىن سانىلىدۇ. ئۇ بولسىمۇ، گۈزەل سۈرەتنى بۇزۇۋېتىشتۇر. بولمىسا خەتنە قىلىش، چاچ – ساقالنى بوياش ۋە تىرناق ئېلىشلارمۇ سۈننەت قاتارىدىن بولماستى»(10).

مانا بۇ مۇپەسسىرلەرنىڭ ئايەتلەرنى ئىزاھلىشى بولۇپ، ھەدىستىكى «ئاللاھنىڭ ياراتقىنىنى ئۆزگەرتىش»نىڭ مەنىسى ھەققىدىمۇ ئالىملارنىڭ قاراشلىرى ئوخشاش ئەمەس. بەزىلەر تۈرلۈك مەنىلەرنى كۆرسىتىپ باققان. يەنە بەزىلەر تېڭىرقىغان.

ئىمام شىھابۇددىن ئەلقەرافىي (ھ. 626 – 684 / م. 1229 – 1285): «مەن ھەدىستىكى ئاللاھنىڭ ياراتقىنىنى ئۆزگەرتىشنىڭ مەنىسىنى چۈشىنەلمىدىم. چۈنكى، خەتنە قىلىش، چاچ – تىرناق ئېلىش، خېنە يېقىش ۋە چاچ بوياش قاتارلىقلارغا ئوخشاش گۈزەللىك ئۈچۈن ئۆزگەرتىش شەرىئەتتە ئەيىبلەنمەيدۇ» دەيدۇ(11).

ئىمام ئىبنۇل جەۋزىي مۇنداق تەھلىل قىلىدۇ: «بۇ ھەدىسلەردىن ھەرقانداق ئەھۋالدا چەكلەنگەن بۇ ئىشلارنىڭ ھارام ئىكەنلىكى كۆرۈنۈپ تۇرىدۇ. ھەزرىتى ئىبنى مەسئۇد شۇنداق ئومۇميۈزلۈك چۈشەنگەن. بۇلارنى يەنە ئۈچ خىل ئېھتىماللىق بىلەن چۈشىنىشمۇ مۇمكىن: بىرى، بۇ ئىشلار ئەخلاقسىز ئاياللارنىڭ قىلىقى بولغاچقا، ئۇنداق قىلىش چەكلەنگەن. يەنە بىرى، ئەرگە تەگمەكچى بولغان ئاياللاردىكى كۆز بوياش، بۇمۇ جائىز ئەمەس. يەنە بىرى، قولنى ئاغرىتىدىغان گۈل چېكىش قىلمىشلىرىدەك ئاللاھنىڭ ياراتقىنىنى ئۆزگەرتىشتۇر»(12).

فۇقاھالىرىمىزنىڭ بۇ تۈرلۈك قىلمىشلارنىڭ چەكلىنىش سەۋەبى ئۈستىدىكى ئىزدىنىشلىرىمۇ ئۇنىڭ يا كۆز بوياشتەك يامان نىيەت، يا جاھىلىيەتنىڭ كۇپۇر ئادەتلىرى، ۋەيا ئەخلاقسىز ئاياللارغا ئوخشاپ قېلىش، يا بولمىسا زىيانلىق بولۇشى قاتارلىق بىرەر تاشقى سەۋەبى بارلىقىنى كۆرسىتىدۇ. چەكلىنىشكە سەۋەب ئىزدەپ يۈرمىگەن ئالىملار بولسا، ئۆزگەرتىشنىڭ ئۆزىنى ئاللاھنىڭ ئىرادىسىگە قارشى چىقىش، دەپ قاراپ، بۇ قىلمىشقا ئاللاھ رۇخسەت قىلمىغان بولغاچقا، ھارام پېتى قالىدۇ، دەپ قارىغان ۋە شەرىئەتتىكى زىيانلىق بولۇش، سۈرەتنى ۋاقىتلىق ياكى دائىملىق بۇزۇش قاتارلىق ئومۇمىي ئۆلچەملەرنى ئاساس قىلغان.

ئەمدى بۇنىڭ ھۆكمىنىڭ ئومۇمىيلىقىغا كەلسەك، مالىكىي ئالىملاردىن بۇ چەكلىمىنى ئېرىگە ھازىدار تۇل ئاياللارغا خاس، دەپ قارايدىغانلىرىمۇ بار(13). يەنە ئىمام ماۋەردىي (ھ. 364 – 450 / م. 974 – 1058) ۋە ئىمام ئىبنۇل جەۋزىي (ھ. 510 – 597 / م. 1116 – 1201) دەك بەزى ئالىملار: «قاش تېرىش ئېرى يوق ئاياللارنىڭ ياتلارغا ياراش ئۈچۈن ياسىنىشتا قېشىنى تۈزۈشى ياكى پاھىشە ئاياللارنىڭ قىلىقى بولغانلىقتىن چەكلىنىدۇ، ئەمما ئېرىگە ياسىنىشتا چەكلەنمەيدۇ» دەپمۇ قارىغان(14). لېكىن، كۆپچىلىك ئالىملار: «ھەدىس ئومۇميۈزلۈك چەكلىگەن بولغاچقا، مەيلى كىمگە ياكى نېمە مەقسەتتە بولسۇن ئوخشاشلا ھارام ئىش ۋە چوڭ گۇناھ» دەپ قارىغان.

توغرىسى كۆپچىلىك ئالىملارنىڭ قارىشىدۇر. چۈنكى، ھەدىستە كەلگەن لەنەت ئېرى بار ياكى يوق، ھازىدار ياكى ئەمەس، ھەممىگە ئومۇميۈزلۈك كەلگەندۇر. بۇنى مەلۇم بىر تۈرگە خاس، دەيدىغان دەلىل يوق، يۇقىرىقى ئىبنى مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ ھەدىسىمۇ بۇنى تەستىقلايدۇ. مادامىكى، بۇ ئىش گۇناھ ئىكەن، ئەرنىڭ رۇخسىتى ئۇنى مۇباھ قىلالمايدۇ.

ئەينى دەۋردە بۇ خىل قاشنى ئىنچىكىلىتىپ پەردازلىنىشنى ئاياللارلا قىلىدىغان بولغاچقا، بۇ بارىدا كەلگەن ھەدىسلەردە ئاياللارلا تىلغا ئېلىنغان. ئەگەر بۈگۈنكىدەك ئەرلەرمۇ بۇ خىل ئۇسۇلدا پەردازلىنىدىغان بولۇپ قالسا، لەنەت دائىرىسىگە ئەرلەرمۇ كىرىدۇ.

كېلەچەكتە ئىنچىكىلىتىش ئورنىغا قاشنى پۈتۈنلەي يۇلۇپ تاشلاش مودا بولۇپ قالسا، بۇمۇ ئەلۋەتتە لەنەت دائىرىسىگە كىرىدۇ.

بۇنىڭدىن پەقەتلا كۆزنى بىئارام قىلىدىغان ياكى باشقىلارنىڭ دىققىتىنى تارتىدىغان دەرىجىدە توم ۋە بىنورمال بولغان قاشلار مۇستەسنادۇر. بۇ ئەھۋالدا داۋالىنىش ياكى دىققەتتىن قېچىش ئۈچۈن (يۇلماستىن) قىرقىپ ياكى ئۇستىرا بىلەن چۈشۈرۈپ ئادەتتىكى قاشلارغا ئوخشاش ھالەتكە كەلگۈچە نورماللاشتۇرسا بولىدۇ(15).

قاشنىڭ بىر قىسمىنى ياكى ھەممىنى تېرىۋېتىش چوڭ گۇناھلار قاتارىدىن بولغاچقا، ھۆسن تۈزەش ئورۇنلىرىدا بۇ خىل خىزمەتنى سۇنۇشمۇ ھارامدۇر. چۈنكى، ھەدىستە قاشنى تەرگۈچىگىمۇ، تەرگۈزگۈچىگىمۇ لەنەت قىلىنغان.

2. ئۇزىراپ كەتكەن قاشنى قىرقىشنىڭ ھۆكمى

ھەنەفىي ۋە ھەنبەلىي مەزھەب ئالىملىرى ئەر ياكى ئاياللارنىڭ قېشى بەكلا ئۇزىراپ كەتكەن ئەھۋالدا ئۇنى قايچىغا ئوخشاش كەسكۈچى ئەسۋابلار بىلەن قىرقىپ سەل قىسقارتىشىنى جائىز دەپ قارايدۇ. ئالىملار ئىمام ئەھمەد (ھ. 164 – 241 / م. 780 – 855) نىڭمۇ قېشىنى قىسقارتقانلىقىنى بايان قىلغان. ئەمما، مالىكىي ۋە شافىئىي ئالىملار بولسا قاشنى قىرقىپ قىسقارتىشنى مەكروھ، دەپ قارىغان(16).

ئەلۋەتتە قاشنى تېرىش ياكى ئىنچىكىلىتىش بولمىغاندىن كېيىن، ئۇزىراپ كۆزىگە چۈشۈۋالغان ياكى باشقىلارنىڭ دىققىتىنى تارتىدىغان دەرىجىدە توم ياكى ئۇزۇن كۆرۈنگەن تەقدىردە، قىسقارتىش جائىز، دېگەن قاراش ئورۇنلۇقتۇر.

3. قاشنى ئۇستىرا بىلەن چۈشۈرۈشنىڭ ھۆكمى

ھەدىستە تېرىش (يۇلۇش) تىلغا ئېلىنغان بولغاچقا، ئۇستىرا بىلەن قاشنىڭ ھەممىنى ياكى بىر قىسمىنى چۈشۈرۈۋېتىشنىڭ ياكى قايچا قاتارلىق ئەسۋابلار بىلەن تۈۋىدىن قىرقىۋېتىشنىڭ ھۆكمىدە ئالىملار ئوخشىمىغان قاراشتا بولغان. كۆپچىلىك ئالىملار قاشنى ئۇستىرا بىلەن چۈشۈرۈۋېتىش يۇلۇشقا ئوخشاشلا ھارام، دەپ قارىغان بولسا، ھەنبەلىي ئالىملار ئۇستىرا بىلەن چۈشۈرۈۋېتىش جائىز، چەكلەنگىنى يۇلۇش، دەپ قارايدۇ(17).

بۇ يەردىكى ھۆكۈمنى بېكىتىشتىكى ئوخشىماسلىق قاشنى تېرىشنىڭ ھارام قىلىنىشتىكى سەۋەبىگە بېرىپ تاقىلىدۇ. چۈنكى، شەرىئەتتە ھۆكۈم سەۋەبىگە باغلىنىشلىقتۇر. بۇ سەۋەبنى بېكىتىشتە ئالىملارنىڭ قاراشلىرى (يۇقىرىدا ئۆتكىنىدەك) ئوخشاش ئەمەس.

ئەگەر چەكلىنىش سەۋەبى بەزى ئالىملار دېگەندەك، پەردازلىنىش ئۈچۈن قاشنى ئىنچىكىلىتىش بىلەن ئاللاھنىڭ ئەيىبسىز ياراتقىنىنى ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن رۇخسەتسىز ئۆزگەرتىش بولسا، ئۇستىرا بىلەن ئىنچىكىلىتىشمۇ ئوخشاشلا چەكلىنىدۇ. لېكىن، ئاللاھ ئەيىبلىك ياراتقاننى ئۆزگەرتىشكە، يەنە پاكىزلىق ۋە ساغلاملىق جەھەتتىن زۆرۈر ۋە پايدىلىق بولسا رۇخسەت قىلغان بولۇپ، خەتنە قىلىش، قۇلاق تېشىش، قولتۇق ۋە ئەۋرەت تۈكلىرىنى تازىلاش ۋە چاچ – تىرناق ئېلىش قاتارلىقلار چەكلەنمەيدۇ. ئېغىر زىيانلىق ياكى شەيتانغا ئەگىشىش ھېسابلىنىدىغان ئىشلار پەردازلىنىش ئۈچۈن بولسىمۇ، لەنەت قىلىنغان دائىرىگە كىرىدۇ.

بۇ مەسىلىدىكى ھۆكۈمنى ئىخچاملىساق، كۆپچىلىك ئالىملارنىڭ قاشنى ئۇستىرا بىلەن چۈشۈرۈۋېتىش يۇلۇشقا ئوخشاشلا ھارام، دېگەن قارىشى ئېغىر باسىدۇ.

يۇلۇش بىلەن چۈشۈرۈش/ چۈشۈرتۈشنىڭ مەقسەت جەھەتتىن پەرقى بولمىسىمۇ، يۇلۇش كېيىنچە زىيانلىق ئىكەنلىكى، قاشنى كۆپ يۇلۇش قاپاق ساڭگىلاپ قېلىشقا سەۋەب بولىدىغانلىقى، قاپاق ساڭگىلاشنى ئوپىراتسىيە بىلەن داۋالىمىسا كۆرۈش قۇۋۋىتىگە تەسىر يەتكۈزۈپلا قالماي، باش ئاغرىقىنىمۇ كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغانلىقى، يۇلۇنغان قاشنىڭ ئورنىغا تېخىمۇ توم ۋە جانلىق قاش چىقىپ يۇلۇش داۋاملاشسا قاش ئۈنمەي ئاللاھنىڭ گۈزەل ياراتقىنى ئۆزگىرىدىغانلىقى، بۇنىڭ ئامالىنى قىلىش ئۈچۈن قاش چەكتۈرۈش ياكى قاش كۆچۈرۈشكە ياكى چاپلاشقا ئېھتىياج چۈشىدىغانلىقى ئىلمىي ئىسپاتلانغان(18).

4. قوشما قاشنى ئايرىۋېتىشنىڭ ھۆكمى

ھەدىستە قاشنى تېرىش تىلغا ئېلىنغان بولۇپ، قاشنى تەرىپلىسەك، بۇ ۋە باشقا ئەھكاملار ئايان بولىدۇ. قاشنىڭ چېكىنى بېكىتىۋېلىش، شەرئىي ھۆكۈمگە ئالاقىدار بولغانلىقتىن، زۆرۈردۇر.

ئۇنداقتا قاش دېگەن نېمە؟ قاش: كۆز قاپىقىنىڭ ئۈستۈنكى قىسمىدىكى تۈكلەردىن تەشكىل تاپقان يايسىمان سىزىق(19) بولۇپ، ماڭلاي سۆڭىكى باشلانغان ئىككى دوقا سۆڭەكنىڭ ئۈستىگە جايلاشقان ئىككى قاش كۆزنى قۇياش نۇرىدىن قوغداش رولىنى ئوينايدۇ. ئادەتتە قاشنىڭ توم ۋە قويۇقلىرى «قارا قاش»، ئىنچىكىلىرى «قەلەم قاش» ۋە تۇتىشىپ كەتكەنلىرى «قوشما قاش» دەپ ئاتىلىدۇ. ھەرقايسى خەلقلەرنىڭ ئېستېتىك زەۋقىگە ۋە دەۋرنىڭ مودىسىغا قاراپ بەزىسى قوشما قاشنى، بەزىسى ئايرىم قاشنى ياقتۇرۇشى مۇمكىن، قەدىمكى ئەرەبلەر قوشما قاشنى ياقتۇرمايتتى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ھەدىسلەردە بايان قىلىنغان سۈپەتلىرى قاتارىدا رەسۇلۇللاھنىڭ قوشما قاش ئەمەسلىكىمۇ بايان قىلىنغان. قەدىمكى رىملىقلار بىلەن ئۇيغۇرلار قوشما قاشنى گۈزەللىك، زېرەكلىك ۋە پاكلىقنىڭ سىمۋولى، دەپمۇ قارايتتى. ۋەتىنىمىزدە بايقالغان قەدىمىي تام رەسىملەردىكى قوشما قاش ئايال رەسىملىرى ۋە ھازىرغىچە ئەل ئارىسىدا ساقلىنىپ كەلگەن ئوسما بىلەن قاشنى ئۇلاش ئادىتى بۇنى كۆرسىتىدۇ.

قوشما قاشنىڭ ئوتتۇرىنى يۇلۇپ ئايرىۋېتىشنىڭ ھۆكمىدە ئالىملارنىڭ قاراشلىرى بىردەك ئەمەس. ئىمام تەبەرىي قاتارلىق بەزى ئالىملار ئىككى قاشنىڭ ئوتتۇرىسى قاشقا تەۋە (ياكى تەۋە ئەمەس، دېگەن تەقدىردىمۇ يۈزدىكى تۈكنى تېرىشمۇ قاشنى تېرىشقا ئوخشاش) ، دەپ قاراپ ھەدىستە چەكلەنگەن قاش تېرىش دائىرىسىگە كىرىدۇ، دەپ قارايدۇ. بۇلارنىڭ ئىچىدە باشقىلارنىڭ دىققىتىنى تارتىدىغان دەرىجىدە بىنورمال بولغان قوشما قاشلارنى نورماللاشتۇرسا بولىدۇ، دەپ قارىغانلارمۇ بار(20).

يەنە بەزىلەر: قوشما قاشنىڭ ئوتتۇرى قاش دائىرىسىگە كىرمەيدۇ، شۇڭا ئوتتۇرىنى يۇلۇپ ياكى چۈشۈرۈپ ئايرىۋەتسە، جائىز، دەپ قارايدۇ(21). كېيىنكى مۇشۇ قاراش ئورۇنلۇقتۇر، چۈنكى، قاش ئىككى كۆزنىڭ قاپاقلىرى ئۈستىدىكى ماڭلاي سۆڭىكى باشلانغان ئىككى دوقا سۆڭەك ئۈستىدىكى تېرىگە ئۈنگەن تۈكلەردىن ئىبارەت. ئىككى قاشنىڭ ئارىلىقىدا ئىككى قاشنىڭ ئاستىدىكىدەك دوقا سۆڭەكمۇ بولمايدۇ. شۇڭا ئۇ جاي قاشقا ئەمەس، يۈزگە تەۋە، دېيىشكە ياكى ئىككى قاشنىڭ ئوتتۇرىدىكى بارلىق ئۇششاق تۈكلەرنى «ياۋا قاش» دېيىشكە بولىدۇ.

قاش ئەتراپىدىكى ياۋا تۈكلەرنى ئېلىشنىڭ ھۆكمىمۇ يۇقىرىقى تەرىپ بىلەن ھەل بولىدۇ. يەنى قاشنىڭ ئۆزىنى ئەمەس، قاشنىڭ ئاستى – ئۈستىدىكى ياكى ئوتتۇرىدىكى بىرەر تال ياۋا تۈكلەرنى ئېلىۋېتىش جائىز. چۈنكى، بۇ دىنىمىزدا چەكلەنگەن ئىش ئەمەس. چەكلىمە كەلگىنى قاشنىڭ ئۆزىنى يۇلۇش بولۇپ، قاشنىڭ ئەتراپى بولسا قاشقا تەۋە ئەمەستۇر.

5. قاشنى پۈتۈنلەي تېرىۋېتىپ ئورنىغا ئىنچىكە قاش چېكىشنىڭ ھۆكمى

قاشنى پۈتۈنلەي تېرىۋېتىپ ياكى چۈشۈرۈۋېتىپ ئورنىغا ئىنچىكە قاش چېكىش ياكى سىزىشمۇ ئوخشاشلا چەكلەنگەن دائىرىگە كىرىدۇ. ئەسلىدىلا پەردازلىنىش ئۈچۈن قاشنى تېرىش لەنەت قىلىنغان ئىش بولغاچقا، ئەگەر ئۇنىڭغا گۈل چېكىشتىن ئىبارەت يەنە بىر ھارام قوشۇلسا تېخىمۇ ئېغىرلىشىدۇ. گۈل چېكىلمەي قاش سىزىش بولسىمۇ، بۇ يەنىلا بار قاشنى تېرىش ۋە تۈزەشتۇر.

6. قاشنىڭ ئەتراپىنى تەن رەڭگىدە بوياپ ئىنچىكە كۆرسىتىشنىڭ ھۆكمى

ھازىرقى قاش تۈزەشنىڭ يېڭى ئۇسۇللىرىدىن بىرى قاشنىڭ ئىنچىكىلىتىلىدىغان قىسمىنىڭ ئىككى تەرىپىنى پېشانە رەڭگىدە بوياپ، قاشنى ئىنچىكە كۆرسىتىش ياكى قاشنى پۈتۈنلەي تەن رەڭگىدە بويىۋېتىپ، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئىنچىكە قاش سىزىشتۇر. بۇنىڭدا قاشنى يۇلۇش ياكى چۈشۈرۈش بولمىسا، ۋەياكى يىڭنە بىلەن گۈل چېكىلمەي سىزىش ياكى بوياشلا بولسا بۇنى جائىز، دېگۈچىلەرمۇ، جائىز ئەمەس، دەپ قارىغانلارمۇ بار(22).

ئەلۋەتتە بۇ قاش تېرىشنى چەكلەشنىڭ سەۋەبىنى بېكىتىشكە بېرىپ تاقىلىدۇ. بىز يۇقىرىدا بۇ ھەقتە ئالىملارنىڭ بىرلىككە كېلەلمىگەنلىكىنى بايان قىلىپ ئۆتتۇق. قاشنى ئىنچىكە كۆرسىتىش جەھەتتىن بۇنى قاشنى تېرىش ئارقىلىق ئىنچىكىلىتىشكە، پەرداز ئۈچۈن ئاللاھنىڭ ياراتقىنىنى ئۆزگەرتىشكە قىياس قىلغىلى بولغىنىدەك، بىر قاراشقا بۇنى قاشنى بوياشقا ئالاقىدار دېيىشكىمۇ بولىدۇ. چۈنكى، بۇنىڭدا ئاللاھنىڭ ياراتقىنى ئەينەن بار، ئۆزگەرتىش يوق، يىراقتىن كۆزگە چېلىقمىسىمۇ يېقىن كېلىپ قارىغاندا كۆرۈنىدۇ. پەقەتلا رەڭگى ئۆزگەرتىلگەن. شۇڭا، بۇنى قاشنى تېرىش قاتارىدا قىياس قىلىشقا بولمايدۇ.

بۇ خىل تەرىقىدە قاشنى بوياپ ئىنچىكىلەتكەن قىز – ئاياللارغا توي قىلىش نىيىتىدە قارىغان يىگىتلەر كۆز بويامچىلىققا ئۇچرىسا، ئۇلارغا قارىغان ئاياللار ئۇلارنى قېشىنى يۇلۇپ ئىنچىكىلىتىپتۇ، دەپ چوڭ گۇناھ قىلغانلار قاتارىدا ئويلاپمۇ قالىدۇ. ئاندىن بوياشنىڭ ئۆزى ھارام ئىش بولمىسىمۇ، قاشنى تېرىپ ئىنچىكىلىتىشتەك مەقسەتتە قىلىنغان بولغاچقا، چەكلىنىش تەرىپى ئېغىر بېسىشىمۇ مۇمكىن. ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ خىل ئۇسۇلنى ئىشلىتىپ كۆنسە قاش تېخىمۇ قويۇق چىقىپ توملىشىپ كېتىدۇ. نەتىجىدە ئۇنى يۇلۇپ ئىنچىكىلىتىشكە مەجبۇر بولۇپ قېلىشمۇ قۇۋۋەتلىك ئېھتىمال. يەنە ئىشلىتىلگەن بوياقلارنىڭ خىمىيىۋىي تەركىبىنىڭ زىيانلىق ئىكەنلىكىنى بەزى دوختۇرلار تەكىتلىگەن.

ئەگەر ئېرىگە ياكى ياتلار كۆرمەيدىغانلار ئۆزى ئۈچۈن بۇنداق پەردازلانسا جائىز، دېيىلسە، ئىشلىتىلگەن بوياق تاھارەت ئالغاندا سۇنى بەدەنگە تېگىشىدىن توسمايدىغان بولۇشى كېرەك. بولمىسا تاھارەت ۋە غۇسۇل كامىل بولمايدۇ. شۇنداقلا توي قىلماقچى بولغان يىگىتكە ياكى ياتلارغا پەردازلىنىش ئۈچۈن جائىز بولمايدۇ.

7. قاشنى بوياشنىڭ ھۆكمى

كۆزگە، قاش – كىرپىككە سۈرمە تارتىش جائىز بولۇپلا قالماي، ئېرى بار ئاياللارغا مۇستەھەبتۇر. سۈرمىنىڭ پەردازلىنىشتىن باشقا شىپابەخش ئالاھىدىلىكىمۇ بار بولغاچقا، ئەرلەرنىڭ كۆزىگە سۈرمە ئىشلىتىشىمۇ جائىز ۋە مۇستەھەبتۇر(23).

پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: «سۈرمە سۈرۈڭلار، سىلەر سۈرىدىغان نەرسىلەرنىڭ ئەڭ ياخشىسى سۈرمىدۇر. چۈنكى ئۇ كۆزنى روشەنلەشتۈرۈپ، كىرپىكنى ئۆستۈرىدۇ«. ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما يەنە پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ بىر سۈرمە قۇتىسى بارلىقىنى، ئۇنىڭ بىلەن ھەر كېچىسى ئوڭ كۆزىگە ئۈچ قېتىم، سول كۆزىگە ئۈچ قېتىم سۈرمە سۈرىدىغانلىقىنى ئېيتقان(24).

ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ يەمەندىن پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ تۆگىلىرىنى ئېلىپ كەلگەندە ئۇ، فاتىمە رەزىيەللاھۇ ئەنھانىڭ ئېھرامدىن چىقىپ، رەڭلىك كىيىم كىيگەن ۋە سۈرمە تارتىۋالغانلىقىنى كۆرگەن. فاتىمە رەزىيەللاھۇ ئەنھا ھەزرىتى ئەلىگە ئۇنى ئاتىسى پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ شۇنداق قىلىشقا بۇيرۇغانلىقىنى ئېيتقان(25).

ئىمام ئىبنۇل قەييىم (ھ. 691 – 751 / م. 1292 – 1350) مۇنداق دەيدۇ: «سۈرمە كۆزنى ئاسرايدۇ، كۆرۈش قۇۋۋىتىنى ئاشۇرىدۇ ۋە روشەنلەشتۈرىدۇ. زىيانلىق ماددىلارنى يۇمشىتىپ تازىلايدۇ. بەزى تۈرلىرى پەرداز قىلىشتىمۇ ئىشلىتىلىدۇ. ئۇخلاشتىن بۇرۇن سۈرتسە كۆز زىيانلىق بولغان ھەرىكەتتىن توختىغانلىقتىن، ھەقىقىي پايدىسىنى كۆرسىتىدۇ«(26).

ئاياللارغا ئوسما ياكى خېنە ۋەياكى قاش قەلىمى بىلەن كۆز، قاش – كىرپىكلەرنى بوياشمۇ ئۆزى ئۈچۈن ياكى ئېرى ئۈچۈن ياكى ئاياللار ئۈچۈن جائىز. لېكىن، يات ئەرلەرگە پەردازلىنىش ئۈچۈن جائىز بولمايدۇ.

يەنە ھازىدار ئاياللارنىڭ پەردازلىنىشى چەكلەنگەنلىكتىن، ھازىدارلىق ۋە قارىلىق مەزگىلىدە سۈرمە ۋە ئۇنىڭدىن باشقا بوياقلار بىلەن پەرداز قىلىشى چەكلىنىدۇ. كۆزىنى داۋالاش ئۈچۈنلا سۈرمە ئىشلىتىشىگە رۇخسەت.

ئۇممۇ ئەتىييە رەزىيەللاھۇ ئەنھا مۇنداق دېگەن: «ئېرى ۋاپات بولغان ئايال تۆت ئاي ئون كۈن ھازا تۇتقاندىن تاشقىرى، باشقا ئادەمگە ئۈچ كۈندىن ئارتۇق ھازا تۇتۇشتىن مەنئى قىلىنغان ئىدۇق، سۈرمە تارتىشتىن، خۇش پۇراق ئىشلىتىشتىن، يەمەننىڭ رەختىدىن ئىشلەنگەن كىيىملەردىن باشقا رەڭدار كىيىملەرنى كىيىشتىن مەنئى قىلىنغان ئىدۇق…»(27).

بىر ئايال پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ھۇزۇرىغا كېلىپ: «قىزىمنىڭ ئېرى ئۆلۈپ كەتكەن ئىدى، قىزىمنىڭ كۆزى ئاغرىپ قالدى، شۇڭا كۆزىگە سۈرمە سۈرسە بولامدۇ؟» دەپ سورىدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇنىڭغا قايتا – قايتا ئىككى ياكى ئۈچ قېتىم «ياق» دەپ جاۋاب بەردى(28).

ئۇممۇ سەلەمە رەزىيەللاھۇ ئەنھا ئېرىگە قارىلىق تۇتۇۋېتىپ كۆزى قاتتىق ئاغرىپ كەتكەن بىر ئايالغا: «كۆزۈڭگە كېچىسى سۈرمە تارتقىن (سۈرمە كۆزۈڭنى رۇشەنلەشتۈرىدۇ)، ئەمما كۈندۈزى سۈرتىۋەتكىن! «دېگەن(29).

8. يۈزدىكى تۈكلەرنى تازىلاشنىڭ ھۆكمى

قاشنى ئىستىسنا قاتارىدا چىقىرىۋەتسەك، ئاياللار يۈزى قىسمىدىكى چېكە، پېشانە، مەڭز، جەغ، بۇرۇت يېرى، ماقال ۋە ئېڭەك قاتارلىق جايلارنىڭ تۈكلىرىنى تېرىپ ياكى چۈشۈرۈپ ۋەياكى لازىردا ئېلىۋەتسە بولامدۇ؟ بۇ ھەقتە قاراشلار ئوخشاش ئەمەس.

بىر قىسىم ئالىملار بۇنى قاش تېرىشنىڭ قاتارىدىن، دەپ ھېسابلاپ ئوخشاشلا ھارام، دېگەن. يەنە بەزىلەر يۇلماي باشقا ئۇسۇلدا ئېلىۋەتسە بولىدۇ، دېگەن. يەنە بەزىلەر ئېرى بار ئاياللار ئېرىگە پەردازلىنىش ئۈچۈن تېرىۋەتسە، چۈشۈرۈۋەتسە بولىدۇ، دېگەن. يەنە بەزىلەر ساقال – بۇرۇت چىقىپ قالسا يۇلۇۋەتسە، شۇنداقلا يۈزدىكى تۈكلەرنى ئېرىنىڭ رۇخسىتى بىلەن يۇلۇۋەتسە بولىدۇ، دېگەن. ھەتتا بەزىلەر ئاياللارغا ساقال – بۇرۇت چىقىپ قالسا تېرىۋېتىشى مۇستەھەب ھەتتا ۋاجىب، دېگەن(30).

بىز يۇقىرىدا كەلتۈرگەن قاشنىڭ تەرىپىدىن مەلۇمكى، قاشتىن باشقا جايلارنىڭ تۈكى ھەققىدە ئايرىم چەكلىمە كەلمىگەنلىكى ئۈچۈن يۈزدىكى تۈكلەرنى يۇلۇش چەكلىمە دائىرىسىگە كىرمەيدۇ. باشقا ئۇسۇلدا ئېلىۋەتسە ھەم بولىدۇ. ئىمام ئەبۇ داۋۇد «سۈنەن» دېگەن كىتابىدا ھەدىستە كەلگەن چەكلىمىنى: «قاش تېرىش قاشنى ئىنچىكىلىتىش ئۈچۈندۇر»(31) دەپ ئىزاھلايدۇ. دېمەك، يۈزىدىكى تۈكلەرنى يۇلۇش ھەدىستە لەنەت قىلىنغان دائىرىگە كىرمەيدۇ.

بۇنى مۇنۇ رىۋايەتمۇ تەستىقلايدۇ: ئەبۇ ئىسھاقنىڭ ئايالىدىن رىۋايەت قىلىنىشىچە، ئۇ ياش ۋە ياسىنىشقا بەك ئامراق ئايال ئىدى. بىر كۈنى ئۇ ھەزرىتى ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھانىڭ ھۇزۇرىغا كىرىپ: «ئايال كىشى پېشانىسىدىكى تۈكلەرنى يۇلۇپ، ئېرى ئۈچۈن ياسانسا بولامدۇ؟» دەپ سورىغاندا، ئائىشە ئانىمىز ئۇنىڭغا: «ئازار بېرىدىغان تۈكلەرنى مۇمكىنقەدەر ئېلىۋەتكىن» دەپ جاۋاب بەرگەن(32).

ھەنبەلىي مەزھىبىدىكى بەزى ئالىملار مۇنداق دەيدۇ: «ئاياللارنىڭ يۈزىدىكى تۈكلەرنى چۈشۈرۈشى، پەرداز قىلىش نىيىتىدە يۈزىنى بويىشى، بارماقلىرىنىڭ ئۇچىغا خېنە قويۇشى جائىزدۇر. بۇنى ئېرى رۇخسەت قىلغان تەقدىردە، ئېرى ئۈچۈن قىلسا بولىدۇ، بولمىسا جائىز بولمايدۇ، چۈنكى بۇ پەردازلىنىشتىن ئىبارەت»(33).

ئەرلەرنىڭمۇ قاش، ساقاللىرىدىن باشقا يۈزىدىكى ياۋا تۈكلەرنى ئېلىۋېتىشنىڭ ھۆكمىدىمۇ بولىدۇ، بولمايدۇ، دېگەن قاراشلار مەۋجۇت(34) توغرىسى، ئاياللارچە ياسىنىش نىيىتى بولمىسا مۇباھ.

9. بەدەندىكى تۈكلەرنى تازىلاشنىڭ ھۆكمى

قولتۇق تۈكلىرىنى يۇلۇش (ياكى چۈشۈرۈش) ۋە ئەۋرەت تۈكلىرىنى چۈشۈرۈش ئارقىلىق تازىلاپ تۇرۇش، تىرناقلارنى ئېلىش ئەر ۋە ئاياللارغا ئورتاق سۈننەتتۇر. بۇرۇتنى قىسقارتىشمۇ ئەرلەرگە سۈننەتتۇر. بۇنىڭدا ئالىملار ئىتتىپاق.

ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىدۇكى، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: «قەدىمىي سۈننەت بەشتۇر: خەتنە قىلىش، ئەۋرەت تۈكلىرىنى چۈشۈرۈش، قولتۇق تۈكلىرىنى يۇلۇش، بۇرۇتنى قىرقىش ۋە تىرناقلارنى ئېلىش»(35).

شۇنداقلا ئەرلەرنىڭ مەيدە ۋە پاچاق قاتارلىق ئەزالىرىدىكى تۈكلەرنى ئېلىشىمۇ مۇباھ بولۇپ، ئاياللارغىمۇ پۇت ۋە قوللىرىدىكى تۈكلەرنى ئېلىش ئەلۋەتتە مۇباھ، بەزى ئالىملار ۋاجىب، دەپمۇ قارايدۇ(36).

10. سۈنئىي كىرپىك تاقاشنىڭ ھۆكمى

سۈنئىي كىرپىك تاقاشنى بەزى ئالىملار چاچ ئۇلاشقا قىياسەن، شۇنداقلا زىيانلىق ياكى كۆز بۇيامچىلىق ۋە ئاللاھنىڭ ياراتقىنىنى ئۆزگەرتىش، دەپ قاراپ ھارام، دېگەن(37).

يەنە بەزىلەر: بۇ چاچنى ئۇلاش دائىرىسىگە كىرمەيدۇ. كۆزگە ياكى باشقا يەرگە زىيانلىق بولمىسىلا ئېرىگە پەردازلىنىش ئۈچۈن تاقىسا بۇ يۈزگە ئۇپا – ئەڭلىك سۈرتكەنگە ئوخشاش جائىز، دەپ قارىغان.

دوكتور سالمان ئەلئەۋدە: «لەنەت قىلىنغىنى چاچنى ئۇلاش بولۇپ، كىرپىكلەر بۇ دائىرىگە كىرمەيدۇ. ئەگەر كىرپىكى ئاز بولۇپ جامالىغا تەسىر يەتكۈزىدىغان بولسا سۈنئىي كىرپىك تاقىسا مەيلى، بولمىسا تاقىمىغىنى تۈزۈك» دەيدۇ.

ئەلۋەتتە، تاقما كىرپىكمۇ تاھارەت ئالغاندا، سۇنى بەدەنگە تېگىشىدىن توسمايدىغان بولۇشى كېرەك. بولمىسا تاھارەت ۋە غۇسۇل كامىل بولمايدۇ. يەنە توي قىلماقچى بولغان يىگىتكە ياكى ياتلارغا پەردازلىنىش ئۈچۈن جائىز بولمايدۇ.

 

ۋەللاھۇ ئەئلەم

دوكتور ئابدۇلئەزىز رەھمەتۇللاھ

2020. 11. 6

———————————————————

1. «مۇسلىم»، 91 – ھەدىس. بۇنى ئىبنى مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلغان.
2. «ئەبۇ داۋۇد»، 4170 – ھەدىس؛ «ئىبنى ھىببان»، 5504 – ھەدىس. شۇئەيب ئەلئەرنائۇت: «سەنەدى سەھىھ» دېگەن؛ ئالبانىي («غايەتۇل مەرام»، 95 – ھەدىس) : «سەھىھ» دېگەن. بۇنى ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما رىۋايەت قىلغان.
3. بىرلىككە كېلىنگەن ھەدىس: «بۇخارىي»، 4886 – ھەدىس؛ «مۇسلىم»، 5695 – ھەدىس.
4. «كۇۋەيت فقھ ئىنسكلوپىديىسى»، 14 – توم، 18 – بەت؛ ئەلمۇسىلىي، «ئەلئىختىيار»، 4 – توم، 174 – بەت؛ ئىبنۇل ئەرەبىي، «ئەھكامۇلقۇرئان»، 1 – توم، 501 – بەت؛ نەۋەۋىي، «ئەلمەجمۇ»، 3 – توم، 140 – بەت؛ ئىبنى قۇدامە، «ئەلمۇغنىي»، 1 – توم، 94 – بەت.
5. قاسىم ئەلقۇنەۋىي، «ئەنىيسۇل فۇقاھا»، 162 – بەت.
6. «ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئىزاھلىق لۇغىتى» (ق – ل)، مىللەتلەر نەشرىياتى، 1994 – يىل، 919 – بەت.
7. «تەپسىرى تەبەرىي»، 9 – توم، 222 – بەت.
8. «تەپسىرى رازىي»، 11 – توم، 39 -، 40 – بەت.
9. «تەپسىرى سەئالىبىي»، 1 – توم، 356 – بەت. ئىبنى ئەتىييە، «ئەلمۇھەررەر ئەلۋەجىز»، 2 – توم، 198 – بەت.
10. «تەپسىرى مەنار»، 5 – توم، 350 – بەت.
11. «تەپسىرى سەئالىبىي»، 1 – توم، 356 – بەت.
12. سەفارىينىي، «غىزاۇل ئەلباب»، 1 – توم، 273 – بەت.
13. ئەننەفراۋىي، «ئەلفەۋاكىھۇددەۋانىي»، 2 – توم، 314 – بەت؛ ئەلغەرناتىي، «ئەتتاجۇ ۋەلئىكلىل»، 5 – توم، 493 – بەت.
14. ماۋەردىي، «ئەلھاۋىي ئەلكەبىر»، 2 – توم، 594 – بەت؛ مىرداۋىي، «ئەلئىنساف»، 1 – توم، 99 – بەت؛ شىربىينىي، «مۇغنىل مۇھتاج»، 1 – توم، 407 – بەت.
15. ئەلغەرناتىي، «ئەتتاجۇ ۋەلئىكلىل»، 5 – توم، 493 – بەت؛ ئىبنى ئۇسەيمىن، «مجموع فتاوى ابن عثيمين»، 11 – توم، 113 – بەت.
16. ئىبنى ئابىدىن، «راددۇلمۇختار»، 6 – توم، 372 – بەت؛ ئىبنى مۇفلىھ، «ئەلفۇرۇ»، 1 – توم، 130 – بەت؛ نەۋەۋىي، «ئەلمەجمۇ»، 1 – توم، 290 – بەت.
17. «كۇۋەيت فقھ ئىنسكلوپىديىسى»، 14 – توم، 18 – بەت.
18. دوكتور مانال جالال ئابدۇلۋاھھاب، «قاش يۇلۇش، گۈل چېكىش ۋە چىش ئىنچىكىلىتىشنىڭ ھارام قىلىنىشىدىكى ئىلمىي ھېكمەت (الحكمة العلمية في تحريم النمص والوشم والتفلج)»، 13 – 15 – بەت. بحث منشور بمجلة الإعجاز العلمي، 33 – سان. ھ. 1430 – يىل.
19. «ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئىزاھلىق لۇغىتى»، «ق – ل»، 102 – بەت.
20. «فەتھۇل بارىي»، 10 – توم، 377 – بەت؛ ئەبىر بىنتى ئەلمۇدەيفىر، «ئەھكامۇززىينە»، 1 – توم، 424 – بەت.
21. «فتاوى اللجنة الدائمة»، 5 – توم، 212 – بەت. 8701 – نومۇرلۇق پەتۋا.
22. «فتاوى اللجنة الدائمة»، 103 – توم، 24 – 104 – بەت. 21778 – نومۇرلۇق پەتۋا؛ ئىبنى ئۇسەيمىن، «مجلة الدعوة»، 1741 – سان. 1430 – يىل. 7 – زۇلھەججە.
23. ئىبنۇل ھۇمام، «فەتھۇلقەدىر»، 2 – توم، 347 – بەت؛ نەۋەۋىي، «رەۋزەتۇتالىبىين»، 2 – توم، 502 – بەت؛ ئىبنى مۇفلىھ، «ئەلفۇرۇ»، 1 – توم، 129 – بەت؛ ئەلھەتتاب، «مواھبۇل جەلىل»، 4 – توم، 230 – بەت.
24. «تىرمىزىي»، 1757 – ھەدىس. ئالبانىي: «سەھىھ» دېگەن. بۇنى ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما رىۋايەت قىلغان.
25. «مۇسلىم»، 1218 – ھەدىس. بۇنى جابىر ئىبنى ئابدۇللاھ رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما رىۋايەت قىلغان.
26. «زادۇلمەئاد»، 4 – توم، 257 – بەت.
27. بىرلىككە كېلىنگەن ھەدىس: «بۇخارىي»، 5341 – ھەدىس؛ «مۇسلىم»، 3813 – ھەدىس.
28. بىرلىككە كېلىنگەن ھەدىس: «بۇخارىي»، 5336 – ھەدىس؛ «مۇسلىم»، 1488 – ھەدىس. بۇنى ئۇممۇ سەلەمە رەزىيەللاھۇ ئەنھا رىۋايەت قىلغان.
29. «ئەلمۇۋەتتا»، 1249 – ھەدىس.
30. «فەتھۇل بارىي»، 10 – توم، 377 – بەت؛ ئەلقۇرتۇبىي، «تەپسىرى قۇرتۇبىي»، 5 – توم، 392 – بەت؛ ئىبنى مۇفلىھ، «ئەلفۇرۇ»، 1 – توم، 130 – بەت؛ ئەلئەينىي، «ئۇمدەتۇل قارىي»، 32 – توم، 104 – بەت؛ نەۋەۋىي، «ئەلمەجمۇ»، 1 – توم، 290 – بەت.
31. «ئەبۇ داۋۇد»، 4170 – ھەدىس.
32. «مۇساننەفۇ ئابدۇرراززاق»، 5104 – ھەدىس؛ «مۇسنەدۇ ئىبنىل جەئد»، 451 – ھەدىس. بۇنى ئىمام ئىبنى بەتتالمۇ «شەرھۇ سەھىھىل بۇخارىي»، 9 – توم، 169 – بەتتە، ئىبنى ھەجەر «فەتھۇل بارىي»، 10 – توم، 378 – بەتتە بايان قىلغان. ئالبانىي: («غايەتۇل مەرام»، 96 – ھەدىس) «ئاجىز» دېگەن. «ھەسەن لىغەيرىھى» دېگەنلەرمۇ بار.
33. «فەتھۇل بارىي»، 10 – توم، 378 – بەت. قەرەداۋىي، «ئىسلامدا ھالال ۋە ھارام»، 99 – بەت.
34. ئىبنى مۇفلىھ، «ئەلفۇرۇ»، 1 – توم، 136 – بەت؛ ئەلئەينىي، «ئەلبىنايە»، 3 – توم، 682 – بەت؛ ئىبنى ئابىدىن، «راددۇلمۇختار»، 6 – توم، 372 – بەت.
35. بىرلىككە كېلىنگەن ھەدىس: «بۇخارىي»، 5889 – ھەدىس؛ «مۇسلىم»، 257 – ھەدىس.
36. ئىبنى ئابىدىن، «راددۇلمۇختار»، 6 – توم، 407 – بەت؛ ئىبنى مۇفلىھ، «ئەلفۇرۇ»، 1 – توم، 131 – بەت؛ ئەننەفراۋىي، «ئەلفەۋاكىھۇددەۋانىي»، 2 – توم، 314 – بەت.
37. «فتاوى اللجنة الدائمة»، 133 – توم، 17 – 134 – بەت. 20840 – نومۇرلۇق پەتۋا؛ «فتاوى علماء البلد الحرام»، 1209 – بەت.

Please follow and like us:

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز