سېنى مەسخىرە قىلغۇچىلارغا بىز چوقۇم تېتىيمىز

 

ئاتالمىش كۆز قاراش ۋە پىكىر ئەركىنلىكىنى قوغداش باھانىسىدە رەسۇلى ئەكرەم مۇھەممەد مۇستافا ھاقارەتلەنگەن ھەجۋىي رەسىملەر قەستەن قايتا – قايتا تارقىتىلىپ ئىسلامغا ۋە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا كۆپ قېتىم ھاقارەت قىلىنغاندىن كېيىن، ئىسلام دۇنياسى تەۋرەپ كەتتى. بۇ ئەدەبسىزلىككە تاقابىل تۇرۇشتا ھەرخىل ئۇسۇل – ۋاسىتىلەر قوللىنىلماقتا.

ئەلۋەتتە، بۇ ئەھۋالدا ھەربىر سەمىمىي مۇسۇلمان نېمە قىلىشىمىز كېرەك؟ قانداق قىلىپ رەسۇلۇللاھنى مەسخىرە قىلىشنى توختىتالايمىز؟ بۇ خىرىسقا قانداق ئىنكاس قايتۇرىمىز؟ بۇ قىلمىشنى سادىر قىلغۇچىلارنى قانداق جازالىيالايمىز؟ غەربنىڭ رەسۇلۇللاھقا ھاقارەت قىلىشىنى مەڭگۈ توختىتالمامدۇق؟ دېگەندەك سوئاللار قويۇلماقتا.

مۇشۇ ئاساستا، بەزىلەر دۇنيادىكى مۇسۇلمانلارنى رەسۇلۇللاھقا قىلىنغان ئەدەبسىزلىككە قارشى ئۆزىنىڭ يوللۇق غەزەپلىرىنى رەسۇلۇللاھنىڭ گۈزەل ئەخلاقلىرىنى، ئېسىل ئۈگۈتلىرىنى ۋە يارقىن ئوبرازىنى غەربكە يەتكۈزۈش ئارقىلىق ئىپادىلەشكە چاقىردى. يەنە بەزىلەر رەسۇلۇللاھنىڭ ئالىي ماقامىغا قىلىنغان ھاقارەتلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن قانۇن يولغا قويغان بارلىق تەدبىرلەرنى قوللىنىشقا چاقىردى. يەنە بىر تۈركۈم مۇسۇلمانلار بولسا ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرىنى مەسخىرە قىلىش جىنايىتىگە جاۋاب بېرىشتە قىلىنىدىغان ئەڭ ئەقەللىي ئىش بۇ ھاقارەتكە ئىشتىراك قىلغان دۆلەتلەرنى ئىقتىسادىي بايقۇت قىلىش، دەپ قارىدى.

ئەگەر بىز قۇرئان كەرىمگە، خاجەمىز پەيغەمبەر ئەلەيسىسسالامنىڭ سىيرەتىگە، ئۇنىڭدىن كېيىنكى خۇلەفائى راشىدىنلارنىڭ ھاياتىغا ۋە ئىسلام دۆلەتلىرىنىڭ تارىخىغا قاراپ چىقىدىغان بولساق، شۇنى كۆرىمىزكى، ئىسلام ئاللىبۇرۇن بۇ مەسىلە بارىدا ھەل قىلىش چارىسىنى ئوتتۇرىغا قويغان. چۈنكى مۇسۇلمانلار بۇرۇنمۇ بۇنداق مەسخىرە ۋە ھاقارەتلەرگە دۇچ كەلگەن. ئىسلام مۇناسىپ ئەھكاملار بىلەن ئۆز ئەقىدىسىنى قوغداپ كەلگەن بولۇپ، ئاكتىپ ھالدا نەچچە ئەسىرلىك تارىختا مەيلى ئىسلام دۆلىتى ئىچىدە بولسۇن، مەيلى سىرتىدا بولسۇن، ئىسلام ۋە ئىسلامنىڭ مۇقەددەساتلىرىغا ھاقارەت قىلىشنىڭ ئۈنۈملۈك ئالدىنى ئالغان.

شۇنىمۇ تىلغا ئېلىشقا ئەرزىيدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مەيلى ھايات ۋاقتىدا بولسۇن ياكى ۋاپاتىدىن كېيىن بولسۇن، مەسخىرە ۋە ھاقارەتلەرگە ئۇچرىغان. ئۇ زاتنىڭ دۈشمەنلىرى تىرىكلىكىدە ئەزىز شىللىسىغا ئۈچەي – قېرىنلارنى ئاتتى، بەرىكەت تۆكۈپ ماڭغان يولىغا تىكەن تاشلىدى، سائادەتلىك ئۆيىنىڭ ئالدىغا ئەخلەت – چاۋار تۆكتى، ھەتتا بەزىلەر مۇبارەك بېشىغا توپا چاچتى. ھالبۇكى، ئارىدىن 14 ئەسر ئۆتۈپ، بۈگۈن كۈندە شۇ ئۆتكۈنچە دۇنيادا قايتىدىن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا ئۆچمەنلىك باش كۆتۈرۈپ، ئۇ زاتقا تەكرار – تەكرار تىل تەككۈزۈش، ھەجىۋ قىلىش، مۇسۇلمانلارنى مۇسۇلمان بولغانلىقى ئۈچۈنلا ئېزىش ئادەتتىكى ئىش بولۇپ قالدى.

 

مۇشرىكلار (نىڭ مەسخىرەلىرىگە) پەرۋا قىلمىغىن

ئەينەن مۇشۇنداق ئەھۋاللارغا قارىتا چۈشكەن ئايەتلەردىن بىرى تۆۋەندىكى ئايەت بولۇپ، قۇدرەتلىك، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچى ئاللاھ مۇنداق دېدى: ﴿ساڭا بۇيرۇلغاننى (يەنى پەرۋەردىگارىڭنىڭ ئەمرىنى) ئاشكارا ئوتتۇرىغا قويغىن، مۇشرىكلار (نىڭ مەسخىرىلىرىگە) پەرۋا قىلمىغىن﴾(ھىجر: 94). ئىمام قۇرتۇبىي بۇ ئايەتنى تەپسىرلەپ مۇنداق دەيدۇ: «ساڭا بۇيرۇلغاننى ئاشكارا ئوتتۇرىغا قويغىن، پۈتۈن خەلقى ئالەمگە يەتكۈز، ئاندىن بۇ ئۇلارغا قىيامەتتە پاكىت بولىدۇ، چۈنكى ئاللاھ سېنى شۇنىڭغا بۇيرىغاندۇر، مۇشرىكلارنىڭ مەسخىرىلىرگە پەرۋا قىلمىغىن، چۈنكى ئاللاھ تائالا سېنى ئۇلارنىڭ ساڭا قىلغان تۆھمەتلىرىدىن پاكلىغاندۇر».

دېمەك، ئاللاھ تائالا بۇ ئايەتتە پەيغەمبىرىگە سەن ئاللاھدىن باشقا ھېچكىمدىن قورقما، ئاللاھ سېنى مەسخىرە قىلغۇچىلارغا، ساڭا دۈشمەنلىك قىلغۇچىلارغا تېتىيدۇ، دەۋاتىدۇ. ئاللاھنىڭ قانۇنىيىتى شۇكى، پەيغەمبىرىگە ئازار بەرگەنلەر بۇ دۇنيادا مۇسۇلمانلارنىڭ قولى بىلەن جازاسىنى تارتمىسا، ئۇ دۇنيادا ئاللاھ ئىنتىقامىنى ئالىدۇ، ئاللاھ ھەممىگە يېتەرلىكتۇر. بۇنداق ۋەقەلەرگە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ھاياتى ۋە كېيىنكى كۈنلەردىن پاكىت كۆپتۇر.

ئەھلى سۈننەت ئەقىدىسى شۇكى، كىمكى ساھابىلەرگە بولۇپمۇ ئىسلامدا تۆھپىسى كاتتا ساھابىلەرگە ئازار بەرسە ئۇ ئىمانى ھالاكەت گىردابىغا بېرىپ قالغان كىشى بولۇپ، بۇنداقلارنى بۇ قىلمىشىدىن چەكلەش ۋە ئەدەبلەش كېرەك. پەيغەمبەرلەرگە، جۈملىدىن سەييىدىنا مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا ئازار بەرگەنلەر تېخىمۇ شۇنداق. ﴿ئاللاھنى ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرىنى رەنجىتىدىغانلارنى ئاللاھ دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە رەھمىتىدىن يىراق قىلىدۇ ۋە ئۇلارغا خار قىلغۇچى ئازابنى تەييارلايدۇ﴾(ئەھزاب: 57).

ئۇلارنى «مەسخىرە قىلغۇچى» دەپ ئىپادىلەش ئۇلارنىڭ ئەڭ چوڭ قىلالايدىغىنىنىڭ مەسخىرە قىلىش ئىكەنلىكىنى كۆرسەتمەكتە. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا مەسخىرىدىن باشقا يوللار بىلەن ھاقارەت قىلىشتىن ئاللاھ ئۇلارنى چەكلىۋەتكەندۇر. بۇ ئاللاھنىڭ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا بولغان لۇتفى كەرەمىدىندۇر.

بۇ ئايەتنىڭ نازىل بولۇش سەۋەبى ۋە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنى مەسخىرە قىلغانلارنىڭ بىردىن – بىردىن ھالاك بولۇش تەپسىلاتى سىيرەت ۋە تارىخ كىتابلىرىدا خاتىرلەنگەن بولۇپ، ھالاك بولغانلاردىن ۋەلىد ئىبنى مۇغىرە، ئاس ئىبن ۋائىل، ئەسۋادان ئىبنى ئابدۇلمۇتتەلىب، ئىبنى ئابدۇ يەغۇس، ھارىس ئىبنى قەيس قاتارلىق قۇرەيش چوڭلىرى بار.

 

سەندىن ئىلگىرى ئۆتكەن پەيغەمبەرلەرمۇ (كاپىرلار تەرىپىدىن) مەسخىرە قىلىندى

پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مەسخىرە قىلىنغان تۇنجى پەيغەمبەر ئەمەستۇر، ئۇ زات مەسخىرە قىلىنغاندا بۇرۇنقى پەيغەمبەرلەردىن تەسەللى تاپتى، چۈنكى ئۆتمۈشتىكى پەيغەمبەرلەرنىڭمۇ ھەربىرى مەسخىرىگە ۋە ھاقارەتكە ئۇچرىغان ئىدى: ﴿سەندىن ئىلگىرى ئۆتكەن پەيغەمبەرلەرمۇ (كاپىرلار تەرىپىدىن) مەسخىرە قىلىندى، مەسخىرە قىلغۇچىلار مەسخىرە قىلغانلىقلىرىنىڭ ئاقىۋىتىنى كۆردى﴾(ئەنئام: 10).

پەيغەمبەرلەر ۋە ئەگەشكۈچىلىرىنى مەسخىرە قىلىش زالىملار قوللانغان ئەڭ تونۇشلۇق ئۇسۇللارنىڭ بىرى بولۇپ، مۇسۇلمانلار ئاجىز ۋاقىتلاردا ئەڭ كۆپ قوللىنىلغان، ئەمما ئاللاھ تائالا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنى بۇ مەسىخىرە قىلغۇچىلار ۋە مەسخىرىلىرىدىن قوغدىغاندۇر.

ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرىنى ھىمايە قىلىشى ھەرزاماندا تۈرلۈك دۈشمەنلەردىن خىلمۇخىل مەقسەتتە سادىر بولغان ھەرقانداق تۈستىكى مەسخىرە ۋە ھاقارەتكە قارىتا ئومۇمىي خىتاب بولۇپ، چۈنكى رەسۇلى ئەكرەم ئەلەيھىسسالام پەيغەمبەرلەرنىڭ ئاخىرقىسىدۇر ۋە ئۇ زاتنىڭ دەۋىتى قىيامەتكىچە باقىيدۇر. ئەبەدىي ئاللاھ ئاخىرەتكىچە داۋاملىشىشىغا ئ‍ىزىن بەرگەندۇر. بىرەر دۈشمەن ئاللاھ ئەززە ۋە جەللە مەڭگۈلۈكىگە ئۆزى كاپالەت بەرگەن بۇ دىنغا زەررە زىيان يەتكۈزەلمەيدۇ. شۇنداقلا بۇنداق مەسخىرىلەر كىشىلەرنى مۇھەممەد مۇستافا ئېلىپ كەلگەن ئۇشبۇ ھەق دىنغا ئەگىشىشتىن توسۇپ قالالمايدۇ. ۋەھالەنكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئۈستۈن نام – شەرىپى ئالدىدا بۇ پۈچەك مەسخىرىلەرنىڭ ھېچ قىممىتى يوقتۇر.

ئاللاھنىڭ بۇ مەسخىرىلەردىن پەيغەمبىرىنى ھىمايە قىلىشىنىڭ ئالامەتلىرىدىن بىرى، ھەرقېتىم بۇنداق مەسخىرىلەر چىققاندا مۇئمىنلەر قەلبىدىكى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا بولغان ئوتلۇق مۇھەببەتنى تېخىمۇ ئۇلغايتىپ، پۈتۈن دۇنياغا ئۇنىڭ گۈزەل نامى قايتىدىن تارايدۇ. ھەر قېتىم پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا ھاقارەت قىلىنغاندا دۇنيا مىقياسىدا تەرەپ – تەرەپتە مۇسۇلمانلارنىڭ ھەرىكەتكە ئاتلىنىشى بولسا، – گەرچە ئاللاھ تائالا ﴿سېنى مەسخىرە قىلغۇچىلارغا بىز چوقۇم تېتىيمىز﴾ دېگەن بولسىمۇ – پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ نام – شەرىپىنى قوغداش قادىر بولالىغان ھەربىر مۇسۇلماننىڭ مەسئۇلىيىتىدۇر. ئاخىرەتلىك ئۇتۇق شۇنىڭغا باغلىقتۇر.

﴿ئۇنىڭغا ئىمان ئېيتقانلار، ئۇنى ھۆرمەتلىگەنلەر، ئۇنىڭغا ياردەم بەرگەنلەر، ئۇنىڭغا نازىل قىلىنغان نۇر (يەنى قۇرئان) غا ئەگەشكۈچىلەر بەختكە ئېرىشكۈچىلەردۇر﴾(ئەئ‍راف: 157).

جانابى ئاللاھ ئۆزىنىڭ پەيغەمبىرىنى قوللايدىغانلىقى، ئۇنىڭغا ئىگە چىقىدىغانلىقى ۋە ئۇنىڭغا قىلىنغان تۆھمەت ۋە ھاقارەتتىن قوغدايدىغانلىقىنى ئەھدە قىلدى. ﴿ئى پەيغەمبەر! پەرۋەردىگارىڭ تەرىپىدىن ساڭا نازىل قىلىنغان ئەھكاملارنىڭ ھەممىسىنى يەتكۈزگىن، ئەگەر تولۇق يەتكۈزمىسەڭ، ئاللاھ تاپشۇرغان ۋەزىپىنى ئادا قىلمىغان بولىسەن. ئاللاھ سېنى كىشىلەرنىڭ زىيانكەشلىكىدىن ساقلايدۇ. ئاللاھ ھەقىقەتەن كاپىر قەۋمنى ھىدايەت قىلمايدۇ﴾(مائىدە: 67).

بەزى كىشىلەر سورايدۇ: پەيغەمبەرلەرگە ھاقارەت ۋە مەسخىرىلەر توختاپ قالغىنى يوق، ئۇنداقتا ئاللاھنىڭ پەيغەمبەرلەرنى يامانلىقتىن ۋە مەسخىرىلەردىن قوغدىدى دېگەننىڭ مەنىسى نېمە؟ بۇنىڭ جاۋابى شۇ: ئاللاھنىڭ قوغدىشىنىڭ دەلىلى شۇكى، بۇ ھاقارەت ۋە مەسخىرىلەر پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا زەرەر يەتكۈزەلمەيدۇ، ئۇنىڭ دەئ‍ۋىتى ۋە دىنىغا تەسىر قىلالمايدۇ. بەلكى دۈشمەنلەر كۆزلىگەن مەقسەتنىڭ ئەكسىچە نەتىجە چىقىدۇ. بۇنداق مەسخىرە ۋە ھاقارەتلەر قاچان چىقسا كىشىلەرنىڭ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا ۋە دىنىغا بولغان قىزىقىشىنى قوزغايدۇ. دۈشمەنلەر يامانلىق قىلماقچى بولۇپ ياخشىلىق قىلىشىدۇ، نەتىجىدە كىشىلەر بۇرۇن تونۇمىغان كاتتا بىر كىشىنى تونۇيدۇ. ئۇنىڭ گۈزەل ئەخلاقلىرىنى، ئالەمگە چۈشۈرۈلگەن ھىدايەت ۋە رەھمەت ئىكەنلىكىنى تونۇيدۇ. ئۇنىڭغا ئىمان ئېيتىدۇ، مۇبادا ئىمان ئېيتمىسىمۇ ھۆرمىتى ئاشىدۇ.

ئاللاھ تائالانىڭ ﴿سېنى مەسخىرە قىلغۇچىلارغا بىز چوقۇم تېتىيمىز. ئۇلار باشقا مەبۇدلارنى ئاللاھقا شېرىك قىلىدۇ، ئۇلار ئۇزاققا قالماي (ئىشنىڭ ئاقىۋىتىنى) بىلىدۇ﴾(ھىجر: 95 -، 96) دېگەن ئايەتنىڭ ئۇمۇمىي مەنىسىگە ئاساسەن، ئۆز زامانىسىدا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنى مەسخىرە قىلغانلار گەرچە قەۋمىنىڭ كاتتىلىرى ۋە نوپۇزلۇق كىشىلىرى بولسىمۇ، ئاللاھ تائالا پەيغەمبىرىگە ئىگە چىقىپ ئۇلارنى ھالاك قىلغان يەردە، ئ‍ۇلاردىن تۆۋەنلەرنىڭ ئىشىنىمۇ ئەلۋەتتە بىر تەرەپ قىلغۇچىدۇر.

بۇ، ئاللاھنىڭ ئۆز ئەلچىسىگە ئۇنى مەسخىرە قىلغۇچىلارنىڭ ئۇنىڭغا ئەسلا زىيان يەتكۈزەلمەيدىغانلىقى ۋە ئۆزى خاھلىغان جازا بىلەن ھىمايە قىلىدىغانلىقى توغرىسىدا بەرگەن ۋەدىسى. ئاللاھ تائالا دەيدۇ: ﴿ئۇلارغا قارشى ئاللاھ ساڭا كۇپايىدۇر. ئاللاھ (ئۇلارنىڭ سۆزلىرىنى) ئاڭلاپ تۇرغۇچىدۇر، (ھىيلە ـ مىكرىنى) بىلىپ تۇرغۇچىدۇر﴾(بەقەرە: 137).

قاراڭ! پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمگە ئەزىيەت بەرمەكچى بولغانلارنىڭ ئاقىۋىتى دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە قانداق بولىدىكەن:

﴿ھەقىقەتەن سېنىڭ دۈشمىنىڭنىڭ نام ـ نىشانى قالمايدۇ﴾(كەۋسەر: 3).

﴿ئاللاھنى ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرىنى رەنجىتىدىغانلارنى ئاللاھ دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە رەھمىتىدىن يىراق قىلىدۇ ۋە ئۇلارغا خار قىلغۇچى ئازابنى تەييارلايدۇ﴾(ئەھزاب: 57).

بىز ئاللاھدىن پەيغەمبىرى ئۈچۈن ئىنتىقامىنى ئەڭ تىز ئېلىشىنى، ئاللاھنىڭ ئۆز رەسۇلىغا خاتىرجەملىق ۋە ئېسەن – ئامانلىق ئاتا قىلىشىنى، ئىسلام ۋە مۇسۇلمانلارنى ئەزىز قىلىشىنى سورايمىز.

 

مەنبە: نۇردىددىن قالالە – إِنَّا كَفَيْنَاكَ الْمُسْتَهْزِئِينَ – https://islamonline.net/38582

تەرجىمىدە: قارلۇق

Please follow and like us:

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز