«قۇرئانچىلار» نەزىرىدىكى ناماز

«قۇرئانچىلار» نەزىرىدىكى ناماز

«قۇرئانچىلار» كۆتۈرۈپ چىققان ئېتىقادىي ۋە فىقھىي مەسىلىلەر

 

1. «قۇرئانچىلار» نەزىرىدىكى ناماز

 

ئۆزلىرىنى «قۇرئانچىلار» دەپ ئاتىۋالغان بىر تائىپە بار بولۇپ، ئۇلار «قۇرئانغىلا ئىشىنىمىز، قۇرئاننىلا تۇتىمىز» دەيدۇ. ھەقىقەتتە ئۇلار ئاڭلىماققا چىرايلىق بۇ سۆزدىن «بىز پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ھەدىسلىرىنى ئېتىراپ قىلمايمىز، ئىشەنمەيمىز، ئۇنى ئالمايمىز»، دېمەكچى، بۇ ئوپئوچۇق ئازغۇنلۇقتۇر.

بۇ تائىپىنىڭ ئالاھىدىلىكى، ئاساسىي پرىنسىپى، ھەتتا ئەقىدىسى – پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ھەدىسلىرىنى ئىنكار قىلىشتۇر. ئۇلار بۇ ئەقىدىدىن قەتئىي ۋاز كېچەلمەيدۇ. ئازراقلا ۋاز كېچىپ قالسا ئۆزىنىڭ ئايرىم تائىپە بولۇپ چىقىشىدىكى ئاساسنى ئاغدۇرغان، يەنى ئۆزىنىڭ پۇتىغا ئۆزى پالتا ئۇرغان بولىدۇ.

ھەممىمىزگە مەلۇم «قۇرئان كەرىم» ناماز، روزا، زاكات… قاتارلىق ئاساسلىق ئىبادەتلەرنىڭ تەپسىلاتى ئۈستىدە توختىلىپ كەتمىگەن. نامازنى مىسالغا ئالساق، رۇكۇغا، سەجدىگە بۇيرۇغان، ئەتىگىنى، ئاخشىمى ۋە كۈن قايرىلغاندا ناماز ئوقۇشقا بۇيرۇغان، بامدات ۋە خۇپتەن نامازلىرىنى تىلغا ئالغان ئايەتلەر بار. ئەمما ھەر ۋاقلىق نامازنىڭ قانچە رەكئەت، رەكئەت تەرتىۋى، ھەر بىر رەكئەتتە قانچە قېتىم سەجدە قىلىمىز، قىيامدا ئايەتلەرنى قانداق ئوقۇيمىز، رۇكۇ – سەجدىلەردە نېمە دەيمىز، تەشەھھۇدتىچۇ؟ سەۋەنلىك سەجدىسى… قاتارلىق تەپسىلاتلار بولسا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئىش – ئىزلىرى ۋە سۆزلىرى بولغان ھەدىس شەرىفلەردە بايان قىلىنىدۇ. ھالبۇكى، ئاللاھ تائالا: ﴿پەيغەمبەر سىلەرگە بەرگەننى ئېلىڭلار﴾(ھەشر: 7)؛ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالاممۇ: «نامازنى مەن قانداق ئوقۇغان بولسام سىلەرمۇ شۇنداق ئوقۇڭلار»([1]) دېگەن بولۇپ، رەسۇلۇللاھ ئەلەيھىسسالام پۈتۈن نامازلارنىڭ ئوقۇلۇش ئۇسۇلى ۋە قائىدىلىرىنى ئەمەلىيىتىدە كۆرسىتىپ ۋە سۆزىدە تەپسىلىي بايان قىلىپ بەرگەن.

بىز ئەھلى سۈننە جامائىتىگە تەۋە شەرقىي تۈركىستان مۇسۇلمانلىرى تا ئىسلام دىنىنى قوبۇل قىلغاندىن تۇنجى دەمدىن بۇيان ناماز ئوقۇشنى دۇنيادىكى باشقا ئومۇم مۇسۇلمانلاردەك، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ھەدىس شەرىفلىرى ئارقىلىق ئادا قىلىپ كېلىۋاتىمىز. ئۇنداقتا نامازنىڭ تەپسىلىي جەريانىنى بايان قىلغان ھەدىس شەرىفلەرنى قوبۇل قىلمايدىغان ئازغۇن «قۇرئانچىلار» تائىپىسى نامازنى قانداق ئوقۇيدىغاندۇ؟ پېشىننى 2 رەكئەتكە، بامداتنى 3 رەكئەتكە ئۆزگەرتىمىز دەمدىغاندۇ؟ ھەربىر رەكئەتتىكى تەرتىپنى قانداق بېكىتىدىغاندۇ؟ ئالدى بىلەن سەجدە قىلىۋېتىپ كېيىن رۇكۇ قىلىپ ئاندىن قىيامدا تۇرۇپلا سالام بېرىشنى تەكلىپ بېرەمدىغاندۇ؟ – ھە راست، سالام بېرىشمۇ قۇرئاندا يوق – ياكى بىر سوتكىدا بەش ۋاقىت ناماز ئورنىغا بىزگە ئۈچ ۋاقىت نامازنى تەكلىپ بېرەمدىغاندۇ؟

ۋەتەندە ئۇزۇن مۇددەت دىنىي ئىلىملەرنى تەھسىل قىلىپ ئەزھەر ئۇنىۋېرستېتى ئۇسۇلىددىن (دىن ئاساسلىرى) فاكولتېتىنى پۈتتۈرگەن، ئىلمىي ئاساسى پۇختا بىر ساۋاقدىشىم ماڭا ئۆزىنىڭ بۇندىن 20 يىلچە بۇرۇن ئىستانبۇلدا «ھەدىسنى ئېتىراپ قىلمايمىز» دەپ تۇرۇۋالغان بىر «قۇرئانچى» ئۇيغۇر بىلەن مۇنازىرىلىشىپ قالغىنىدا، «ئۇنداقتا ئۆزلىرى بەش ۋاقىت نامازنى ھەدىس شەرىفلەرسىز قانداق ئۇسۇلدا ئوقۇيدىلا؟» دېگەن سوئالىغا ئۇ «قۇرئانچى»مۇ جاۋاب بېرەلمەي: «بۇ گەپنى قويۇپ تۇرايلى» دېيىشتىن باشقا جاۋاب تاپالماي مات بولۇپ قالغانلىقىنى سۆزلەپ بەرگەن ئىدى. مەنمۇ ئۇ ساۋاقدىشىمغا: «ئۇ ‹قۇرئانچى›غا رەھىم – شەپقەت قىلماي ئەجەللىك زەربە بېرىپلا»، دېگەن ئىدىم.

ئۇ «قۇرئانچى» بىچارە ئەسلىدە ئۆز تائىپىسىدىكى ئەرەبلەرنىڭ ماتىرىياللىرىنى كۆرۈپ ئۇلارنىڭ جاۋاب بېرىش ئۇسۇلىدىن ۋاقىپ بولغان بولسا، بۇ دەرىجىدە بىچارە ئەھۋالغا چۈشۈپ قالماستى. ئۇنى – بۇنى دەپ قۇتۇلۇپ قالاتتى.

ئۇنداقتا، ئەرەب «قۇرئانچىلار»نىڭ ئۇ سوئالغا بېرىدىغان جاۋابى قانداق؟ بۇ سوئالغا ئۇلار ئىككى خىل جاۋاب بىلەن تاقابىل تۇرۇشقا تىرىشىدۇ:

بىرى، دەرھال ئاللاھنى ئۇلۇغلىغان ۋە قۇرئاننى كەمتۈك دېيىشتىن پاكلايدىغان قىياپەتكە كىرىۋېلىپ، سوئال سورىغۇچىغا: «سەن تەپ – تارتماستىن ئاللاھ سۇبھانەھۇ ۋەتائالانى تولۇق بايان قىلمىدى، قۇرئاندا يېتەرسىزلىك بار، دېمەكچىمۇسەن؟ قۇرئاندىكى ناماز تەپسىلاتلىرى قېنى دەپ سوئال قويۇپ ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىنى يوققا چىقارماقچىمۇسەن؟ سەندەكلەر ھەققىدە ئاللاھ قۇرئاندا: ﴿بىزنى ئاجىز بىلىپ ئايەتلىرىمىزنى يوققا چىقىرىش ئۈچۈن تىرىشقۇچىلار – ئەنە شۇلار ئەھلى دوزاختۇر﴾ (ھەج: 51) دەيدۇ. بىز باشتىنلا تەكىتلەپ قويىمىز. ئايەتلەر ھەرقانچە كۆپ بولسىمۇ ھەرقايسىڭ قۇرئانغا ئىشەنمىگەنلىكىڭ ئۈچۈن سەنلەرنىڭ ئەگرىلىكىڭنى ئوڭشىيالمايدۇ([2])، دېيىش.

ئەلۋەتتە بۇ، ئاقمىسىمۇ ئۇششۇقلۇق قىلىپ ئالدىغا ئۆتۈۋالىدىغان، «سەن دېگۈچە مەن دەۋالاي»لار بېرىدىغان جاۋاب. ھېچ بولمىسا مۇشۇنى دەپ تۇرۇۋالغان بولسىمۇ ئۇ «قۇرئانچى» ئۇيغۇرنىڭ يۈزى سەل سۇسراق قىزارغان بولاتتى.

يەنە بىرى، «ئەرەبلەر جاھىلىيەتتە نامازنى بىلەتتى ۋە بىز ئوقۇغان رەكئەت سانى ۋە شەكلىدە ئوقۇيتتى، لېكىن نامازنى راۋۇرۇس ئادا قىلمايتتى. شۇڭلاشقا مەككىدە ئۇلارغا نامازنى راۋۇرۇس ئادا قىلىش بۇيرۇقى كەلگەن. يەنى نامازنى خۇشۇ بىلەن ئوقۇڭلار دېيىلگەن. مەسىلەن، فاتىر 18 – ، 29 -، شۇرا: 38 -، رۇم: 31 – ئايەتلەردە ﴿ئەقامۇسسالات (نامازنى راۋۇرۇس ئادا قىلىدىغانلار)﴾، ﴿ئەقىيمۇسسالات (نامازنى راۋۇرۇس ئادا قىلىڭلار)﴾، دەپ كەلگەن. ئۇلار ئەسلىدىلا ناماز ئوقۇشنى بىلگەچكە ئۇلارغا ناماز ئوقۇشنى ئۆگىتىپ يۈرمىگەن. پەقەتلا ئۇلار دىققەت قىلمىغان خۇشۇنى بەرپا قىلىشقا بۇيرۇغانكى، ناماز ئۇلارنىڭ ئەخلاقىنى رۇسلىسۇن.

ئۇلارنىڭ نامازنى بىلىدىغانلىقىنىڭ ئىسپاتى شۇكى، ئىبراهىم ئەلەيھىسسالام: ﴿پەرۋەردىگارىم! مېنى ۋە ئەۋلادىمنى نامازنى ئادا قىلغۇچى قىلغىن، پەرۋەردىگارىمىز! دۇئايىمنى قوبۇل قىلغىن﴾ دېگەن.(ئىبراهىم: 40)

ئاللاھ تائالا ئىسمائىل ئەلەيھىسسالام ھەققىدە: ﴿(ئى مۇھەممەد!) كىتابتا (يەنى قۇرئاندا) ئىسمائىل (نىڭ قىسسىسى) نى بايان قىلغىن، ئۇ ھەقىقەتەن ۋەدىسىدە راستچىل، ھەم رەسۇل، ھەم پەيغەمبەر ئىدى. ئۇ ئائىلىسىدىكىلەرنى ناماز ئوقۇشقا بۇيرۇيتتى﴾(مەريەم: 54، 55)، دېگەن.

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالاممۇ ئىبراھىم ۋە ئىسمائىل ئەلەيھىسسالاملاردىن مۇتەۋاتىر كەلگەن بويىچە ۋە بوۋىسى ئىسمائىل ئەلەيھىسسالامنىڭ يۇقىرىقى ۋەسىيىتىنى ئادا قىلغان ئاساستا نامازنى ئوقۇپ كەلگەن. ﴿(ئى مۇھەممەد!) ئائىلەڭدىكىلەرنى (ۋە ئۈممىتىڭنى) نامازغا بۇيرۇغىن، ئۆزۈڭمۇ ئۇنى ئادا قىلىشقا چىداملىق بولغىن﴾(تاھا: 132) ([3])، دېگەن» جاۋابىدۇر.

«قۇرئانچى»نىڭ قۇرئاندا ناماز ئوقۇش شەكلى ھەققىدىكى تەپسىلاتنىڭ يوقلىقى ھەققىدە قىلغان بۇ يېڭى «شەرھى» ھەقىقەتەن ئاجايىب بولۇپ، بۇنى ئىلگىرى بىرەر تائىپە ياكى بىرەر «قۇرئانچى» دەپ باقمىغان. ھېچقانداق بىر لوگىكىغا ياكى ئىلمىي قائىدىگە چۈشمەيدىغان بۇ گېپى ئاجايىب – غارايىبلار قاتارىدىن ئورۇن ئېلىشقا نامزات بولالايدۇ. يوقىرىقىلارنى ئىخچاملايدىغان بولساق، دېمەك پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام زامانىدىكى ئەرەب مۇشرىكلىرىمۇ، مۇسۇلمانلارمۇ نامازغا ئالاقىدار ھەممە تەپسىلاتنى بىلەتتى، شۇڭا ئۇنى قۇرئاندا بايان قىلىپ ئولتۇرۇش ۋاقىت زايە قىلغانلىق بولاتتى.

ھەيھات، بۇ قارىشىچە بولغاندا، ئەبۇ جەھىل، ئەبۇ لەھەب قاتارلىق مۇشرىكلارنىڭ ھەممىسى بىز ئوقۇغاندەك بەش ۋاقىت ناماز ئوقۇيتتى. لېكىن نامازلىرىدا خۇشۇ يوق ئىدى. نامازنى كېچىكتۈرىۋېتەتتى. شۇڭا خۇشۇ بىلەن ۋاقتىدىن كېچىكتۈرمەي ئوقۇشقا بۇيرۇشلا يېتەرلىك ئىدى.

بۇ گەپ بىر قاراشقا خېلى يامان ئەمەس جاۋابتەك كۆرۈنسىمۇ، ئەمەلىيەتتە بۇ «قۇرئانچىلار»نى ئورىغا ئىتتىرىدىغان جاۋابتۇر. ۋەھالەنكى، «قۇرئانچىلار» جاھىلىيەتتىكى مۇشرىكلارنىڭ بىزگە ئوخشاش ناماز ئوقۇشنى بىلىدىغانلىقىنى قانداق بىلگەن؟ قوللىرىدا بىرەر ساماۋى كىتاب بار بولۇپ، شۇ ئارقىلىق بىلگەنمۇ ياكى ئۇلارنىڭ نامىزىنى ئەۋلادمۇئەۋلاد، بىر – بىرىدىن ئاڭلىۋالغان ئىبراھىم ۋە ئىسمائىل ئەلەيھىسسالاملارنىڭ كۆرسەتمىلىرىدىن بىلگەنمۇ؟

ئەلۋەتتە ئۇلار: «پالانى ساماۋى كىتاب ئارقىلىق بىلگەنمىز»، دېيەلمەيدۇ. ئەگەر «پەيغەمبەرلەرنىڭ تەلىماتلىرىدىن بىلگەنمىز» دېسە، ئۇنداقتا، جاھىلىيەتتىكىلەر ئىبراھىم ۋە ئىسمائىل ئەلەيھىسسالاملارنىڭ سۈننىتىگە ئەگەشسە بولىدۇ – يۇ، بىز تۈگەنچى پەيغەمبەرنىڭ سۈننىتىگە ئەگەشسەك نېمە ئۈچۈن بولمايدۇ؟

دەرۋەقە، ئۇلارنىڭ بۇ تەرىقىدە جاۋاب بېرىشىنىڭ ئۆزى «قۇرئانچىلار»نىڭ ئاساسىنى پۈتۈنلەي ئاغدۇرۇپ تاشلايدۇ. چۈنكى جاھىلىيەت مۇشرىكلىرى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئوقۇغاندەك شەكىل ۋە ئۇسۇلدا ناماز ئوقۇيدىغان بولسا، ساماۋىي كىتابتىن بىرەرسىگە تايانماستىن، ئىلگىرىكى بوغۇندىن كېيىنكى بوغۇنغا رىۋايەت قىلىش ۋە ئۆگىنىش ئارقىلىق نەقىل قىلغاننى قوبۇل قىلىش دېگەنلىك بولىدۇ. «قۇرئانچىلار»نىڭ بۇنى بىر قېتىم قوبۇل قىلىشى، بۇ پرىنسىپنى ھەر قېتىمدا قوبۇل قىلىشىنى مۇقەررەر قىلىدۇ. ئەرەب مۇشرىكلىرىنىڭ ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامدىن رىۋايەت ئارقىلىق ئۆگەنگەن سۈننىتىدىن، بىز مۇسۇلمانلارغا نىسبەتەن مۇسۇلمانلارنىڭ مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامدىن رىۋايەت ئارقىلىق ئۆگەنگەن سۈننىتى تېخىمۇ گۈزەل ئەمەسمۇ؟ ئەرەب مۇشرىكلىرى رىۋايەت ئارقىلىق ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامدىن ناماز ئوقۇشنى ئۆگەنسە بولىدىكەنۇ، بىز ناماز ئوقۇشنى مۇھەممەد مۇستافا ئەلەيھىسسالامدىن رىۋايەت ئارقىلىق ئۆگەنسەك بولمامدىكەن؟

خوب، «قۇرئانچىلار»دەك، ئەرەب يېرىم ئارىلىدىكى ئەرەب مۇشرىكلىرى ناماز تەپسىلاتلىرىنى بىلەتتى، دەپمۇ تۇرايلى. ئۇنداقتا، بۇ خىل ناماز ئوقۇشنى ئۇقمايدىغان يۇرتلاردىكى غەيرى ئەرەب مۇسۇلمانلارچۇ؟ ئۇلارمۇ ناماز تەپسىلاتىنى ئۆزلىرىدىن ئىلگىرىرەك ئۆتكەن مۇسۇلمانلاردىن رىۋايەت ۋە نەقىل ئارقىلىق ئۆگەنمىگەنمۇ؟ دېمەك، بۇ يەردە نەقىل يولى مۇنداق بولىدۇ: ئىبراھىم ۋە ئىسمائىل ئەلەيھىسسالاملارنىڭ ئەگەشكۈچىلىرى كېيىنكىلەرگە تاكى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغىچە ئەۋلادمۇئەۋلاد نەقىل قىلغان. ئاندىن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئەگەشكۈچىلىرى ئوخشاش تەرىقىدە دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىغا نەقىل قىلغان. بۇلارنىڭ ھەممىسى ساماۋى بىر كىتابتا بولماستىن، پەقەت نەقىل قىلىنغان. ئۇنداق بولىدىكەن، بۇ ئەھۋال پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئىش- ئىزلىرى ۋە سۆزلىرىنى ئېغىزدىن – ئېغىزغا نەقىل قىلىشقا يەنى ھەدىس شەرىفكە تېخىمۇ ئىشەنچ قوشمامدۇ؟ ھالبۇكى، ھەدىس شەرىف بولسا «قۇرئانچىلار» پۈتۈنلەي ئاغدۇرماقچى بولغان مەنبەدۇر.

ھەتتا مۇنداق دېيىشكىمۇ توغرا كېلىدۇ: ناماز دېگەن رۇكۇ – سەجدە ۋە قىيامدىنلا ئىبارەت ئەمەس. ئۇنىڭدا قۇرئان تىلاۋەت قىلىشمۇ بار. ھەربىر رەكئەتتە ئەقەللىي تەقدىردە «فاتىھە» تىلاۋەت قىلىنىدۇ. «قۇرئانچىلار» ھەقىقەتەن قۇرئان پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا مەككىدە نازىل بولۇشتىن بۇرۇنلا مەككىدە قۇرئان بار ئىدى ۋە ھەممە كىشى «فاتىھە»نى بىلەتتى دەپ قارامدۇ؟ ئەگەر «فاتىھە»نى تىلاۋەت قىلىش ئەرەب مۇشرىكلىرى بىلىدىغان نامازغا قوشۇۋېتىلگەن دەپ قارايدىغان بولسا، ئۇنداقتا «قۇرئانچىلار»نىڭ قائىدىسى بويىچە مۇسۇلمانلارغا بۇنى ئۆگىتىدىغان بىرەر ئايەت بولۇشى كېرەك. «قۇرئانچىلار» فاتىھە ئوقۇش كېرەك دەپ قارايدىغان بولسا مۇشۇنداق دېيىشكە توغرا كېلىدۇ. فاتىھە ئوقۇش كېرەك ئەمەس دېسە بۇ باشقا گەپ.

يۇقىرىقى ئۈچ خىل پەرەز ئەرەب مۇشرىكلىرى بىز ئوقۇۋاتقان نامازنىڭ ئۆزىنى ئەينەن بىلەتتى دېگەن گەپنىڭ ئۈستىگە قۇرۇلغان بولۇپ، بۇلار «قۇرئانچىلار»نىڭ دەۋاسىنى تېگىدىن ئاغدۇرۇپ تاشلاشقا يېتەرلىك. چۈنكى ئەقلى جايىدا بىر كىشىنىڭ بۇ دەۋانى قوبۇل قىلمايدىغانلىقى ئېنىق.

لېكىن ئۇلارنىڭ دەۋاسىنى ئاغدۇرۇشتا يۇقىرىقى پەرەزلەرگىمۇ ھاجەت يوق. چۈنكى:

بىرىنچىدىن، نامازنى راۋۇرۇس ئادا قىلىشتىكى خىتاب مۇئمىن ۋە مۇسۇلمانلارغىلا قىلىنغان. چۈنكى كاپىر، مۇشرىكلار كۇپۇر ۋە شىرىكتىن ئايرىلىپ، قەلبىگە ۋە ئەقلىگە ئىمان ئورنىمىغۇچە ئۇلارنى نامازغا چاقىرىشنى تەسەۋۋۇر قىلغىلى بولمايدۇ.

ئىككىنچىدىن، «ئەرەب مۇشرىكلىرى ناماز ئوقۇشنى بىلەتتى، خۇشۇ بىلەن راۋۇرۇس ئوقۇشلا تەكىتلەنگەن، چۈنكى ئايەتلەر ئىقامەتىسسالات (نامازنى راۋۇرۇس ئادا قىلىش) قا بۇيرۇپ كەلگەن» دېگەنلىك، بۇ نامازنىڭ ئەسلىدە ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامدىنمۇ بۇرۇنقى چاغلاردا مۇشۇ شەكىلدە بار ئىدى، ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامنىڭ كاپىر قەۋمىمۇ مۇشۇ تەرىقىدە ناماز ئوقۇيتتى دېگەنلىك. ئۇنداق بولمىسا، ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامنىڭ دېگەن دۇئاسى مەنىسىز بولىدۇ. چۈنكى ئىبراھىم ئەلەيھىسسالام تۆۋەندىكى دۇئادا نامازنى ئىقامەت قىلىدىغانلاردىن قىلغىن، دېگەن: ﴿«پەرۋەردىگارىم! مېنى ۋە ئەۋلادىمنى نامازنى راۋۇرۇس ئادا قىلغۇچى قىلغىن، پەرۋەردىگارىمىز! دۇئايىمنى قوبۇل قىلغىن» دېگەن﴾(ئىبراهىم: 40). دېمەك، ئىبراھىم ئەلەيھىسسالام ناماز ئوقۇيدىغانلاردىن قىلغىن دېمەي، نامازنى راۋۇرۇس ئادا قىلىدىغانلاردىن قىلغىن، دېگەن. بۇ «قۇرئانچىلار»نىڭ مەنتىقى بويىچە ناماز ئوقۇش ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامنىڭ كاپىر قەۋمىدە ئاللىبۇرۇن بار ئىدى، ھەزرىتى ئىبراھىم ناماز شەكلىنى كاپىر قەۋمىدىن ئۆگەنگەن، دېگەنلىك.

ئۈچىنچىدىن، «قۇرئانچىلار» بىز «قۇرئان ئەھلىمىز»، دەپ دەۋا قىلىدۇ. ھالبۇكى قۇرئاندا: ﴿سىلەرنىڭ دىنىڭلار ئۆزۈڭلار ئۈچۈن، مېنىڭ دىنىممۇ ئۆزۈم ئۈچۈن﴾(كافىرۇن: 6) دەپ خىتاب قىلىنغان. بۇ دېگەنلىك بىرى – بىرىدىن ئايرىم ۋە ئوخشاش بولمىغان ئىككى خىل دىننىڭ بولۇشىدۇر. ھالبۇكى، «قۇرئانچىلار» دەۋا قىلغاندەك پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ۋەزىپىسى بەزىبىر قونغان چاڭ – توزانلارنى تازىلىۋېتىشلا ئەمەس.

تۆتىنچى ۋە ئەڭ مۇھىمى، «قۇرئانچىلار» ئۆزلىرى بىر يالغاننى توقۇپ ئۇنىڭغا ئۆزلىرى ئىشىنىپ قالغان. كىم دەيدۇ ئىسلامىيەت پەقەتلا نامازنى ئۇنداق شەكىلدە ئوقۇماي راۋۇرۇس ئوقۇشقىلا بۇيرۇغان، دەپ. دەسلەپكى چاغلاردا نازىل بولغان ئايەتلەردە: ﴿ناماز ئوقۇۋاتقان بەندىنى (يەنى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى) توسقان ئادەمنىڭ (ھالىنى) ماڭا ئېيتىپ بەرسەڭچۇ؟﴾ (ئەلەق: 9 -، 10)، دەپ كەلگەن. نەئۇزۇبىللاھ، بۇ «قۇرئانچىلار»نىڭ نەزىرىدە مەنىسىز ئىش بولۇپ قالىدۇ. چۈنكى ئۇلارنىڭ نەزىرىدە مەككە مۇشرىكلىرىمۇ ناماز ئوقۇيدىغان تۇرسا، ﴿ناماز ئوقۇۋاتقان بەندىنى (يەنى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى)﴾ قانداقسىگە نامازدىن توسىدۇ؟ دەسلەپكى ئايەتلەردىن يەنە بىر ئايەتتە: ﴿(كاپىر قۇرئانغا) ئىشەنمىدى، ناماز ئوقۇمىدى.﴾(قىيامە: 31) ئەرەب مۇشرىكلىرى بىز ناماز ئوقۇغاندەك ناماز ئوقۇيدىغان بولسا بۇ ئايەتنىڭ نېمە مەنىسى؟ دەسلەپكى ئايەتلەردە يەنە: ﴿ئۇلار جەننەتلەردە بولۇپ، گۇناھكارلاردىن: «سىلەرنى دوزاخقا كىرگۈزگەن نېمە؟» دەپ سورايدۇ. ئۇلار (جاۋابەن) ئېيتىدۇ: «بىز ناماز ئوقۇيدىغانلاردىن ئەمەس ئىدۇق﴾(مۇددەسسىر: 40 – 43)، دەپ كەلگەن. بۇ ئايەت ﴿ناماز ئوقۇيدىغانلاردىن﴾ دەيدۇ. ﴿ئىقامەتىسسالات (نامازنى راۋۇرۇس ئادا) قىلىدىغانلاردىن﴾ دېمىدى. بۇ يەردە سۆز دوزاخقا كىرىدىغان كاپىرلار ھەققىدە بولۇۋاتىدۇ([4]).

ئەلۋەتتە، قۇرئانچىلارنىڭ «مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا قۇرئاندىن باشقا ۋەھىي چۈشمىگەن» دېگەن گېپىنى ئاڭلىغان ھەرقانداق كىشى ناماز مەسىلىسىدە: «قۇرئان نامازنىڭ تەپسىلاتىنى بايان قىلمىغان تۇرسا، ئۇنداقتا نامازنى قانداق ئوقۇيمىز؟ ھازىر مۇسۇلمانلار ئوقۇۋاتقان نامازلارنىڭ شەكلى، ۋاقتى ۋە رەكئەت سانى ئاللاھ رەسۇلىغا قىلغان ۋەھىيمۇ – يوقمۇ؟ بۇنى ئاللاھ بەلگىلىگەنمۇ – ئەمەسمۇ؟» دەپ سوئال قويماي قالمايدۇ.

«قۇرئانچىلار»: بۇنى ئاللاھ بەلگىلىگەن دېسە، ھەدىس شەرىفنى رەت قىلالمايدۇ. ئۇلار ھەرقانچە «بۇ نامازلار ۋە شەكىللىرى ئىبراھىم ئەلەيھىسسالام زامانىدىن بار ئىدى، ئەۋلادمۇئەۋلاد مىراس قالغان»، دەپ گەپ يورغىلىتىپ باقسىمۇ بىكار. چۈنكى بۇ گەپ قۇرئاندا يوق. قۇرئاندا بولمىغاندىن كېيىن ئۇلارنىڭ بۇ گېپىنىڭ تايانچى نېمە؟ ئەلۋەتتە قۇرئاندىن تاپالمىسا بىردىنبىر چارە سۈننەت بىلەن ئىسپاتلاشتۇر. ئۇنداق بولىدىكەن، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ نامازنىڭ تەپسىلاتىنى ئۆگەتكەن ھەدىسلىرىنى تۇتماي ئامال يوق. نەتىجىدە بۇ، پەيغەمبەرگە چۈشكەن، قۇرئاندا بولمىغان ئىلاھىي ۋەھىي بولىدۇ. بۇ يەردىكى مۇقەررەرلىك قۇرئانچىلارنى پۈتۈنلەي تۈگەشتۈرىدۇ.

ھازىرقى بەزى «قۇرئانچىلار» بۇ تۈرلۈك سوئاللارغا جاۋاب بېرىشتىن ئاجىز كېلىپ قالسا پىچاق سېلىنغان قوي تېپچەكلەپ باققانغا ئوخشاش بەزىبىر گەپلەرنى قىلىپ باقىدۇ – يۇ، ئەمما بىھۇدە. مەسىلەن، بەزىلىرى مۇنداق دەپ باقىدۇ: «قۇرئاندا بايان قىلىنمىغان نامازغا ئالاقىدار تەپسىلاتلار پەيغەمبەر سۈننىتى. (پەيغەمبەر سۈننىتى دېگىنى بىز چۈشەنگەن سۈننەت ئەمەس). يەنى پەيغەمبەر ئۆزى بېكىتىۋالغان. بىز خالىساق ئالساق بولىدۇ. ئۇ تەپسىلاتلار قۇرئانغا زىت بولمىغاندىن كېيىن مۇسۇلمانلارنىڭ بىرلىكى ئۈچۈن ۋە پەيغەمبەرگە ئەگىشىپ ئالساق ياخشى. شۇنداقتىمۇ قۇرئاندىكى خۇشۇ ۋە باشقا شەرتلەرگە ئۇيغۇن كېلىدىغان خالىغان بىر شەكىلدە ناماز ئوقۇيدىغانلار بولسا ئىختىيارى. پېشىندىن باشقا نامازلارنىڭ ۋاقتىلىرى قۇرئاندا بايان قىلىنغان. پېشىن ۋاقتىنىڭ دەلىلىنى قۇرئاندىن تاپالمايمىز. ئۇنداقتا پېشىن نامىزى پەرز ئەمەس، سۈننەت بولامدۇ؟ كېسىپ ئېيتالمايمىز. ياخشىسى ئېھتىياتەن ئوقۇش. لېكىن ناماز شەكلى ۋە تەپسىلاتلىرى ھەققىدىكى كاشىلا يەنىلا ھەل قىلىنمىغان بولىدۇ. ئۇنى قۇرئاندىن ئالغىلى بولمايدۇ. نەتىجىدە بۇ تەپسىلاتلار ئىبراھىم ۋە مۇھەممەد ئەلەيھىسسالاملارنىڭ ۋە ئۇلاردىن ئىلگىرىكى پەيغەمبەرلەرنىڭ سۈننىتى، ئىلاھىي پەرز ئەمەس دەپ تۇرۇۋالماي ئامال يوق. شۇڭلاشقا كىشى بىرنەچچە رەكئەت شەكلىدە رۇكۇدىن كېيىن سەجدە قىلىشتەك ياكى بىر رەكئەتتە بىر سەجدە قىلىشتەك، ياكى باشقا بىر شەكىلدە، ئۆزى ئەۋزەل دەپ قارىغان تەرزدە توغرىلاپ ھەل قىلسا بولىدۇ. بىز پەيغەمبەردىن پۈتۈن ئۈممەت قوبۇل قىلغان ناماز ئوقۇش شەكلىنى قوبۇل قىلىشنى ئەۋزەل دەپ قارىساقمۇ، بۇنداق ئۆزى بىلگەن ئۇسۇلدا ناماز ئوقۇغانلارنىڭ نامىزىنى جائىز ئەمەس ياكى مەقبۇل ئەمەس دېيەلمەيمىز. چۈنكى نامازنىڭ بۇ تەپسىلاتلىرى قۇرئاندا يوق. شۇڭا بۇ سەن بىلەن ئاللاھ ئوتتۇرىدىكى ئىش، دەيمىز»([5]).

ھەدىس شەرىفنى رەت قىلىش قۇرئانچىلارنى مانا مۇشۇنداق بىچارە ھالغا چۈشۈرۈپ قويغان. جانابىي ئاللاھ پەيغەمبەرلەرگە ناماز ئوقۇشنى ۋەھىي قىلغان ۋە: ﴿ئۇلارنى بىزنىڭ ئەمرىمىز بويىچە (كىشىلەرنى بىزنىڭ دىنىمىزغا) يېتەكلەيدىغان پېشۋالار (يەنى پەيغەمبەرلەر) قىلدۇق، ئۇلارغا بىز ياخشى ئىشلارنى قىلىشنى، ناماز ئوقۇشنى، زاكات بېرىشنى ۋەھيى قىلىدۇ، ئۇلار بىزگە خالىس ئىبادەت قىلاتتى﴾(ئەنبىيا: 73) دېگەن تۇرسا، ناماز ئوقۇش تەپسىلاتلىرىنى پەيغەمبەرلەر ئۆزلىرى خاھلىغانچە بېكىتكەن دېيىش سېپى ئۆزىدىن بىمەنىلىك. يەنە «نامازنىڭ تەپسىلاتى قۇرئاندا يوق، قۇرئاندا بولمىغاننى ئالمايمىز» دېيىش بىلەن بىللە ئۇنى سۈننەت دەپ بېكىتىش پارادوكس ۋە ئۆزىنى ئىنكار قىلىش. بامدات، ئەسر، شام، خۇپتەن تۆرت نامازنى پۈتۈن ئۈممەت قوبۇل قىلغاچقا ئوقۇش ئەۋزەل دېيىش بىلەن پېشىننىمۇ پۈتۈن ئۈممەت پەرز دەپ قوبۇل قىلغاندىكىن ئۇنى ئېھتىياتەن ئوقۇيمىز دېيىشمۇ ھەم زىتلىق. پۈتۈن ئۈممەت پېشىننى نەدە ئېھتىياتەن دەپتىكەن؟

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ساھابە كىراملىرى ئىبادەت مەسىلىلىرىنى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن سوراپ، ئۇنىڭ ئەمەلىي ئىشلىرىدىن ئۆگىنىپ ئەۋلادمۇئەۋلاد ئۆگىتىپ ۋە رىۋايەت قىلىپ قالدۇرمىغانمۇ؟ ئۇلارنىڭ پەرزەنتلىرى ۋە كېيىنكى ئەۋلادلار پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئىش – ئىزلىرىنى ۋە ناماز ئوقۇش ئۇسۇلىنى سورىسا ئۇلار سۆزلەپ بەرمەي جىم تۇرۇۋالغانمۇ؟ «قۇرئانچىلار» ئۇلارنى رىۋايەت قىلىپ قالدۇرمىغان دېيەلەمدۇ؟ قالدۇرغان بولغاچقا جىمى مۇسۇلمانلار بىردەك ئىتتىپاق بولغان 17 رەكئەتلىك بەش ۋاقىت پەرز ناماز ۋە ھەر بىر رەكئەتتە بىر رۇكۇ، ئىككى سەجدە، ھەر ۋاقلىق پەرز نامازنىڭ رەكئەت سانى قاتارلىق تارىخىي ھەقىقەت مانا مەن دەپ تۇرۇپتۇ. ئۇلار قالدۇرغان ھەدىسلەرنى دەلىل قىلىش قانداقسىگە ئاقماس ئىش بولۇپ قالىدۇ؟ بۇ خەزىنىنى تاشلاپ «قۇرئانچىلار»نىڭ ئازغۇنلارچە جۆيلۈمىلىرىگە قۇلاق سېلىش ئەخمەقلىق ئەمەسمۇ؟

ئىي «قۇرئانچىلار»! مۇشۇ ھالىڭلار بىلەن قۇرئاننى تۇتىمىز دەمسىلەر؟ مۇسۇلمانلارنىڭ ناماز ئوقۇش ئۇسۇلى خاتا بولسا، ناماز ئۇسۇللىرى ۋە ۋاقىتلىرى قاچان ئۆزگىرىپ كەتكەن؟ راستچىل بولساڭلار، ئۆزگەرگەنلىكىنى قۇرئاندىن باشقا مەنبەدىن ئىسپاتلاپ بېقىڭلار؟ ئەسلا مۇمكىن ئەمەس. ئۇنىڭ ئۈستىگە سىلەر نېمىگە ئاساسەن زامانداش مۇسۇلمانلار ئوقۇۋاتقان ناماز شەكلى ۋە تەپسىلاتى قۇرئانغا ئۇيغۇن دەپ يەكۈنلىدىڭلار؟ كىم، نەدە دېگەن؟ كۈنىمىز مۇسۇلمانلار ئوقۇۋاتقان ناماز شەكلى ئەۋزەل دېگىنىڭلارغىمۇ قۇرئاندىن ئۆز قائىدەڭلارغا ماس كېلىدىغان دەلىل يوق. بولسا ھازىر بىز ئوقۇۋاتقان تەرىقىدە مۇشۇنداق ئوقۇسا ياخشى بولىدىغانلىقىغا قۇرئاندىن دەلىل كەلتۈرۈڭلار! ئەلۋەتتە قۇرئاندىن دەلىل كەلتۈرەلمەيسىلەر. ئۇنداقتا ناماز مۇنداق ئوقۇلاتتى، لېكىن مۇسۇلمانلار ئۆزگەرتىۋەتكەن دەيدىغانغا سۈننەتتىن دەلىل كەلتۈرۈڭلار! شۈبھىسىزكى، سۈننەتتىنمۇ دەلىل كەلتۈرەلمەيسىلەر. ئۇنداقتا سىلەرنىڭ نەزىرىڭلاردىكى ناماز شەكلىنى سۈننەتتىن كۆرسىتىپ بېرىڭلار! تارىختا بىرەرسى پالانى ناماز مۇنچە رەكئەت ئىدى، مۇنچە رەكئەتكە ئۆزگىرىپ كەتتى، دېگەنمۇ؟ دېمەك، سىلەرنىڭ نەزىرىڭلاردا ناماز تەپسىلاتى قۇرئاندا يوق، سۈننەتتتىمۇ ئېنىق بېكىتىلمىگەن بولسا، ساھابە كىراملاردىن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ «نامازنى مەن قانداق ئوقۇغان بولسام سىلەرمۇ شۇنداق ئوقۇڭلار»([6]) دېگەن كۆرسەتمىسىگە بىنائەن مۇتەۋاتىر نەقىل قىلىنمىغان تەقدىردە، مۇسۇلمانلار بۈگۈنكى ناماز ئوقۇش شەكلىنى نەدىن تېپىۋالغان؟ مۇنداقچە قىلىپ ئېيتقاندا، دەسلەپكى دەۋردىكى مۇسۇلمانلار قۇرئاندىن ناماز ئوقۇش شەكلىنى قاچان ۋە قەيەردە ئۆگەنگەن؟ ئاللاھ تائالا پەيغەمبىرىگە تۇنجى قېتىم نامازنى ئادا قىل دەپ، مۇسۇلمانلارغىمۇ نامازنى ئادا قىلىڭلار، دەپ بۇيرۇغاندا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام تېخى تولۇق نازىل بولۇپ بولالمىغان نامازغا مۇناسىۋەتلىك باشقا ئايەتلەرنى توپلاپ ھازىرقىدەك ناماز ئوقۇش شەكلىنى پەيدا قىلغانمۇ؟ ياكى باشقا ئايەتلەرمۇ بىراقلا نازىل بولۇپ بولغانمۇ؟ ھالبۇكى، ناماز ئوقۇڭلار دېگەندە سەجدە قىلىڭلار ۋە رۇكۇ قىلىڭلار دېگەندەك باشقا نامازغا ئالاقىدار ئايەتلەر تولۇق نازىل قىلىنىپ بولمىغان، ھەممىسى بىراقلا نازىل بولغان دەيدىغانلار يوق. ئۇنداقتا ئۇلار نامازغا مۇناسىۋەتلىك جىمى ئايەتلەرنى جەملەپ مۇكەممەل ناماز ئوقۇش شەكلىنى بىلمەي تۇرۇپ قانداق ناماز ئوقۇغان؟ قۇرئانچىلاردىن بۇ سوئاللارغا تېخىچە بىرەرسى جاۋاب بېرىپ باققىنى يوق.

«قۇرئانچىلار»نىڭ نامازنى قۇرئانغىلا تايىنىپ قانداق ئوقۇش ھەققىدىكى قولاشمىغان گەپلىرى مانا مۇشۇنچىلىك. ئەلۋەتتە ئۇلار «ئىسرا – مىراج»نىمۇ ئاساسى يوق رىۋايەت دەپ ئىنكار قىلغانلىقتىن، «سەھىھەين» ۋە بارلىق ھەدىس كىتابلىرىدىكى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مىراجغا چىققاندا، نامازنىڭ 50 ۋاقىت پەرز قىلىنغانلىقى، ئاللاھ ھەق سۇبھانەھۇ ۋە تائالانىڭ نامازنى 50 ۋاقىتقا باراۋەر دەپ ھېسابلىنىدىغان بەش ۋاقىتقا چۈشۈرۈپ پەرز قىلىپ بەرگەنلىكى بايان قىلىنغان ھەدىسلەرنىمۇ يالغانغا چىقىرىشىدۇ.

بىر سوتكىدا بەش ۋاقىت ناماز پەرز ئىكەنلىكى يۇقىرىقى ۋە «سەھىھەين»دىكى: «بىر كىشىنىڭ ئىشىكى ئالدىدا بىر ئۆستەڭ بولسا، ئۇنىڭدا كۈنىگە بەش قېتىم يۇيۇنسا، ئۇنىڭ بەدىنىدە كىر قالدۇرامدۇ؟ بەش ۋاقىت ناماز ئەنە شۇنىڭغا ئوخشايدۇ، ئاللاھ شۇ ئارقىلىق (كىچىك) گۇناھلارنى يۇيۇۋېتىدۇ»، «سەندىن ئاللاھ بىلەن سورايمەنكى، ئاللاھ سەن ئارقىلىق بىزنى بىر كېچە – كۈندۈزدە بەش ۋاقىت ناماز ئوقۇشقا بۇيرۇغانمۇ؟» دەپ سورىغۇچىغا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ: «ئەلۋەتتە شۇنداق» دېگەنلىكىدەك، نۇرغۇن ھەدىس شەرىفلەردە ئېنىق. «قۇرئان كەرىم»نىڭ: ﴿پەيغەمبەر سىلەرگە ئەكەلگەننى ئېلىڭلار﴾ (ھەشر: 7) دېگەن بۇيرۇقى بويىچە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام يەتكۈزگەن ۋە مۇسۇلمانلار ئۇنى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن ئالغان. جىمى مۇسۇلمانلار نامازنىڭ بەش ۋاقىت ئىكەنلىكىدە بىردەك ئىتتىپاق. نامازنىڭ بەش ۋاقىتلىقىغا قىل سىغمايدۇ.

ئەلۋەتتە قۇرئانچىلار نەزىرىدە چاشگاھ نامىزى، ھېيت نامىزى ۋە تاراۋىھ نامازلىرى… دەك نامازلار يوق.

مۇسۇلمانلار نەزىرىدە قۇرئاندا بەش ۋاقىت نامازنىڭ بەزىسى بەزى ئايەتلەردە (نۇر: 58) بامدات ۋە خۇپتەن دەپ ئېنىق تىلغا ئېلىنغان، بەزى ئايەتلەر (قاف: 39 -، 40) كۈن چىقىشتىن ۋە كۈن پېتىشتىن بۇرۇن ۋە كېچىدە ناماز ئوقۇشقا بۇيرۇغان، بەزى ئايەتلەر (بەقەرە: 238) نامازلارنى بولۇپمۇ ئوتتۇرا نامازنى قولدىن بەرمەسلىككە بۇيرۇغان. يەنە بەزى ئايەتلەر (رۇم: 17-، 18) ئەتىگىنى – ئاخشىمى، كۈن قايرىلغاندا ۋە كەچ كىرگەندە ناماز ئوقۇشقا بۇيرۇغان، يەنە بەزى ئايەتلەر (ھۇد: 114) ئەتىگىنى – ئاخشىمى ۋە كېچىنىڭ دەسلەپكى قىسمىدا ناماز ئوقۇشقا بۇيرۇغان، شۇنداقلا بەزى ئايەتلەر (ئىسرا: 78) كۈن قايرىلغان ۋاقىتتىن تارتىپ قاراڭغۇ چۈشكەن ۋاقىتقا قەدەر ناماز ئوقۇشقا بۇيرۇغان، ھەزرىتى ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما، رۇم سۈرىسى 17 -، 18 – ئايەتلەرنى «ئاخشامدا شام بىلەن خۇپتەن، ئەتتىگەندە بامدات، كەچتىن بۇرۇن دىگەر ۋە چۈش ۋاقتىدا پېشىن دەپ تەپسىر قىلغان ۋە ئۇ ئايەتلەردە بەش ۋاقىت ناماز جەملەنگەن دېگەن([7]).

ئىمام ئەبۇللەيس سەرمەرقەندىي (ھ. 333 – 373 /م. 944 – 983) گە ئوخشاش بەزى مۇفەسسىرلىرىمىز نامازنىڭ بەش ۋاقىتلىقىنى نوقۇل قۇرئان ئايەتلىرىدىنلا يەكۈنلەپ چىقىرىشقا تىرىشىپ باققان بولسىمۇ، نامازنىڭ بەش ۋاقىتلىقى يوقىرىقى ئايەتلەر ۋە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مۇتەۋاتىر دەرىجىسىگە يەتكەن ھەدىس شەرىفلىرى بىلەن بەرقاراردۇر.

لېكىن ھەدىس شەرىفنى رەت قىلىدىغان «قۇرئانچىلار» دۇچ كېلىدىغان ئەڭ قىيىن مەسىلە نامازنىڭ پۈتۈن تەپسىلاتىنى قۇرئاندىن سۈزۈپ ئېلىش بولغاچقا، ئۆز ئىچلىرىدە ناماز ھەققىدە ئىختىلاپ قىلشقاندەك ئېغىر ئىختىلاپلىشىپ باقمىغان. ئۇلار نامازنىڭ تەپسىلاتىدا ئىختىلاپلىشىپلا قالماي، نامازنىڭ نەچچە ۋاقىتلىقىنى بېكىتىشتىمۇ ئۆزئارا قاتتىق ئىختىلاپلاشقان. نەتىجىدە ئاجايىب كۈلكىلىك يەكۈنلەرنى چىقىرىشقان([8]).

قۇرئانچىلار تائىپىسىنىڭ بىر بۆلۈكى بولغان ھىندىستان (كېيىنكى پاكىستان) لاھوردىكى چاكرالاۋىييە تائىپىسى([9]) نامازنى 3 ۋاقىت دەپ دىگەر بىلەن شامنى ئىنكار قىلغان ۋە ھەربىر ۋاقلىق نامازنى ئىككى رەكئەت، ھەر بىر رەكئەتتە بىرلا سەجدە بار، رۇكۇدىن تۇرمايلا سەجدىگە بارىدۇ، سەجدىدىكى زىكىردىن كېيىنلا ناماز ئاخىرلىشىدۇ دەپ بېكىتىۋالغان([10]).

ئەمما ھىندىستاندىكى ئەھمەدىددىن تائىپىسى([11]) بولسا ئىككى ۋاقىتلا پەرز ناماز بار، خالىسا بىر رەكئەت، خالىسا 4 رەكئەت ئوقۇيدۇ دېگەن بولۇپ، ئۇلار نامازدا نېمە ئوقۇش مۇھىم ئەمەس، قىبلىگە يۈزلىنىشمۇ كېرەك ئەمەس، دەپ قارىغان. لېكىن، يېقىنقى ۋاقىتلاردا بۇلارنىڭ ئەگەشكۈچىلىرى 5 ۋاقىت ناماز ئوقۇماقتا([12]).

يەنە بۇگۈنكى پاكىستاننىڭ مۇلتاندىكى رەفىئۇددىن([13]) تائىپىسى: تەھەججۇد، بامدات، پېشىن ۋە كەچقۇرۇندىن ئىبارەت 4 ۋاقىتلا پەرز ناماز بار، تەھەججۇد بىلەن بامداتتا كۈن چىقىشقا، پېشىن بىلەن كەچقۇرۇندا كۈن پېتىشقا يۈزلىنىمىز، … دەيدۇ. بۇ تائىپىنىڭ قۇيرۇقىنى قۇم بېسىپ يوقىلىپ كەتكەن.

يەنە بىر قىسىم قۇرئانچىلار ناماز تەپسىلاتىدا توختالمىغان ۋە ئومۇم مۇسۇلمانلارغا ئوخشاش ناماز ئوقۇيدىغانلىقىنى ئىپادىلىگەن. ئۇلار رەكئەت سانى ۋە جەريانى ئۈستىدىمۇ ئۇزۇن توختالمىغان. بۇلارنىڭ بەزىلىرى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ بەيتۇلمەقدىسكە يۈزلىنىپ ناماز ئوقۇپ كېيىن مەككىگە يۈزلىنىپ ناماز ئوقۇغانلىقى قۇرئاندا يوق، لېكىن مۇسۇلمانلارنىڭ بىرلىكى ئۈچۈن مەككىگە يۈزلىنىش قۇرئان كۆرسەتمىسىگە ئۇيغۇن، نامازنىڭ تەپسىلاتى ئۈستىدە قۇرئان توختالمىغان، ناماز ئوقۇش ئۇسۇلىنى بىز خالىغانچە ئۆزگەرتىپ، ئالماشتۇرۇش ھوقۇقىمىز بار دېگەندەك جۆيلۈپمۇ باققان([14]).

لىۋىيەلىك سوتچى مۇستافا كامال ئەلمەھدەۋىي (1934 – ؟)، ھەدىس شەرىفنى بىر پۈتۈن رەت قىلمىسىمۇ، ناماز مەسىلىسىدە قۇرئانچىلار نۇقتىسىدىن چىقىپ، بامدات نامىزىدىن باشقا ئىككى ھېيت نامىزىدىن ئىبارەت سۈبھى نامىزى بار. شۇڭا ناماز ئالتە ۋاقىت دەپ قارايدۇ([15]).

قۇرئانچىلاردىن يەنە كۈنىمىزدىكى مەۋجۇد نامازنى تامامەن ئىنكار قىلىپ نامازنى باشقىچە شەرھلەيدىغانلىرىمۇ، يۇقىرىقىلاردىن باشقا ھەر خىل بىرنەرسىلەرنى دەپ باقىدىغانلىرىمۇ كۆپ. بىز پەقەتلا يۇقىرىقلار بىلەن كۇپايىلەندۇق.

«قۇرئانچىلار»نىڭ نەزىرىدىكى ناماز مانا مۇشۇنداق. بەئەينى كىم ئاشتى سودىسىغا تاشلانغان قۇرۇلۇش پىلانىدەك، ھەر كىم ئۆزى خاھلىغانچە تەكلىپ بېرىپ ياساپ پۈتتۈرىۋالىدۇ. بۇ مالىماتاڭ ئەھۋالنىڭ ھەدىس شەرىفنى رەت قىلىشنىڭ تەبىئىي نەتىجىسى ئىكەنلىكىدە شەك يوق. بۇ ئىشتا دەسلەپكى دەۋرلەردىكى قۇرئانچىلار ۋە خاۋارىجلار ئاللىبۇرۇن بۇ يوللارنى بېسىپ بولغان.

ئىمام شافىئىي ھەزرەتلىرى (ھ. 150 / م. 767، غەززە – ھ. 204 / م. 820، مىسىر) «ئىلىمنىڭ ئۇلى» دېگەن كىتابىدا ئۇلار بىلەن مۇنازىرىلەشكەن ۋە ئۇلارنىڭ: «ناماز ۋە زاكاتتا بەلگىلىمە يوق. كۈندە ئىككى رەكئەتتىنلا ناماز ئوقۇسىمۇ، ناماز دېگۈدەك بىر نەرسە ئوقۇسا، زاكات دېگۈدەك بىرنەرسە بەرسە بوينىدىكى ۋاجىبنى ئادا قىلغان بولىدۇ. قۇرئاندا ئايەت بولمىسىلا بىركىمگە پەرز قىلىش بولمايدۇ» دېگەنلىكىنى نەقىل قىلغان([16]).

ئىمام ئىبنى ھەزم ئەلئەندەلۇسىي (ھ. 384 – 456 / م. 994 – 1064) مۇ خاۋارىجلاردىن ئەبۇ ئىسمائىل ئەلبىتتىيھىي (ۋاپاتى ھ. 201 – 210 /م. 816 – 825 ئەتراپىدا) قاتارلىق بىر قىسمىنىڭ: «ئەتىگىنى بىر رەكئەت، كەچقۇرۇن بىر رەكئەت نامازدىن باشقا پەرز ناماز يوق» دېگەنلىكىنى نەقىل قىلغان([17]).

دېمەك، ئۆتكەن ئەسىرلەردىكى ھىندىستان، پاكىستاندىكىلىرى بولسۇن، ياكى زامانىمىزدىكى ئەرەب دىيارلىرىدا ياكى تۈركىيەدە پەيدا بولغانلىرى بولسۇن، «قۇرئانچىلار»نىڭ يىلتىزى ئىمام شافىئىي دەۋرىدىكى ئازغۇن خاۋارىجلارغا بېرىپ تۇتۇشىدۇ.

ناۋادا ئۇلار ھەدىس شەرىفنى قوبۇل قىلغان بولسا، بۇ تۈرلۈك كالامپايلىقتىن، ئازغۇنلىقتىن قۇتۇلغان بولاتتى. چۈنكى ھەدىس شەرىفلەر نامازغا ئالاقىدار ھەربىر ئىشنىڭ تەپسىلاتىنى بىرمۇبىر، ئېنىق بايان قىلغان. ساھابە – كىراملار پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ قانداق ناماز ئوقۇغانلىقىنى كۆرگەن بولسا ئۆزلىرى ئەينەن شۇنداق تەتبىقلىغان ۋە بىزگە ئەينەن يەتكۈزگەن([18]).

ئاللاھ تائالا بىزگە ھەقىقەتەن ئۆز كىتابىدىكى ئەھكاملارنى تەپسىلىي بايان قىلىپ بېرىدىغان پەيغەمبەرنى ئەۋەتىپ بىزلەرگە قۇرئان كەرىمدە: ﴿پەيغەمبەر سىلەرگە ئەكەلگەننى ئېلىڭلار﴾ (ھەشر: 7) دەپ بۇيرۇق قىلغان. «قۇرئانچىلار» بۇ بۇيرۇقنى ئاڭلىمىغانلىقتىن گۇمراھلىققا يۈزلەنگەندۇر.

دوكتور ئابدۇلئەزىز رەھمەتۇللاھ

2020. 09. 05

—————————-
([1]) «بۇخارى»، 631 – ھەدىس.
([2]) «الصلاة بين القرآن الكريم والمسلمين»، آحمد صبحي منصور، 1- توم. كىرىش سۆزى قىسمى.
([3]) «الصلاة فى القرآن الكريم»، أحمد صبحي منصور، الحوار المتمدن- العدد: 5996 – 2018 / 9 / 16. «العودة إلى القرآن (The Return to the Qur’an)»، قاسىم ئەھمەد مالىيزىي، ھەسەن ھەنەفىي ئەرەبچىگە تەرجىمە قىلغان. 83 – بەت.
([4]) ئەھمەد خەيرى ئەلئەمرىينىڭ «القرآنيون (5): أبو جهل متأخرا عن صلاة العصر!» ناملىق ماقالىدىن قىسقارتىپ ئېلىندى: https://darfikr.com/article/
([5]) مەنبە: ئەرەبچە «قۇرئان ئەھلى» توربېتىدىن ئېلىندى.
([6]) «بۇخارى»، 631 – ھەدىس.
([7]) («تەفسىرى تەبەرىي»، 18 – توم، 475 – بەت. «تەفسىرى قۇرتۇبىي»، 14 – توم، 14 – بەت.
([8]) «القرآنيون وشبهاتهم حول السنة»، خادىم ھۇسەين ئىلاھىي بەخش، 368 – بەت.
([9]) بۇ تائىپە مەۋلەۋىي ئابدۇللاھ چاكرالاۋىي Abdullah Chakralawi (1830 – 1914) نىڭ ئەگەشكۈچىلىرى بولۇپ، ئۇ پەنجاب ۋىلايىتىگە تەۋە چاكرالە ناھىيىسىدە تۇغۇلغان. ئۇستازى تەرىپىدىن غۇلام نەبى دەپ ئاتالغان. ھەدىس ئىلىملىرىنى ئوقۇتقان ۋە بۇ ساھەدە تەتقىقات ئېلىپ بارغان. 1899 – يىلى ھەدىس شەرىفنى ۋە سۈننەتنى پۈتۈنلەي ئىنكار قىلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان ۋە بۇ يېڭى ئەسىردىكى قۇرئانچىلارنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشى بولغان. ئۇ سەييىد ئەھمەدخان (1816 – 1898) تەسىرىگە ئۇچرىغان ۋە «ئەھلى قۇرئان جەمئىيىتى»گە 3 يىل ئەزا بولغان. 1902 – يىلى لاھوردا «زىكىر ۋە قۇرئان ئەھلى جامائىتى»نى قۇرۇپ، قۇرئان شەرىئەتنىڭ بىردىنبىر مەنبەسى دەپ جاكارلىغان ۋە بۇ مەزمۇندا «تەرجىمەتۇلقۇرئان بىئاياتىل فۇرقان» قاتارلىق ئەسەرلەرنى يازغان. ئىنگىلىزلار ئۇنىڭغا ياردەم قىلغانلىقتىن بەزى كۆزەتكۈچىلەر ئۇنىڭ ئىنگلىزلار بىلەن ھەمكارلاشقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. ئۆز ۋاقتىدا ھىندىستان ئالىملىرى ئۇنىڭغا تولۇق رەددىيە بېرىپ ئىلمىي ماقالىلارنى ئېلان قىلغان ۋە 1902 – يىلى پۈتۈن ھىندىستان يېرىم ئارىلىدىكى ئالىملارنىڭ بىرلىكتە قىلغان ئىمزاسى بىلەن ئۇنىڭ كاپىرلىقىغا ۋە مۇسۇلمانلار بىلەن ھېچقانداق مۇناسىۋىتى يوقلىقىغا پەتۋا چىقىرىلغان. 1914 – يىلى ئۆلگەندە ئائىلىسىدىكىلەرمۇ ئۇنى دەپنە قىلىشنى رەت قىلغان ۋە ئەگەشكۈچىلىرى تەرىپىدىن يەرلىكىدە قويۇلغان.
([10]) «صلاة القرآن كما علم الرحمن»، محمد رمضان، 32 – 35 – بەتلەر.
([11]) بۇ تائىپە خۇجە ئەھمەدىددىن ئەمرىتسارىي Khwaja Ahmad Din Amritsari (1861 – 1936)نىڭ ئەگەشكۈچىلىرى بولۇپ، ئۇ مىسيونىرلار مەكتىپىدە غەربچە تەلىم ئالغاندىن كېيىن ئىسلام دىنى بىلىملىرىدە ئۆزىنى يېتىشتۈرگەن. شۇ چاغلاردىكى سەييىد ئەھمەدخان (1816 – 1898) ۋە ئابدۇللاھ چاكرالاۋىي (1830 – 1914) قاتارلىق ھەدىس ئىنكارچىلىرىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان. قادىيانىدلار رەھبىرى مىرزا غۇلام قادىيانىي (1835 – 1908) بىلەنمۇ قويۇق مۇناسىۋەتتە بولغان. 1926 – يىلى ئەمرىتساردا «ئۈممەت مۇسلىمە» جامائىتىنى قۇرغان. پاكىستان قۇرۇلغاندىن كېيىن بۇ جامائەتنىڭ مەركىزى 192647 – يىلى لاھورغا يۆتكەلگەن.
([12]) «القرآنيون وشبهاتهم حول السنة»، خادىم ھۇسەين ئىلاھىي بەخش، 375 – بەت.
([13]) بۇ تائىپە ئۆتكەن ئەسىردە ياشىغان سېييىد مۇھەممەد رەفىئۇددىن مۇلتانىي (؟ – ؟) نىڭ ئەگەشكۈچىلىرى بولۇپ، ئۇ «ئەسالاتۇ لىللاھ، ۋەسسىيامۇ لىرراھمان» ۋە «خاتەمۇننەبىييىن» قاتارلىق بىرقانچە ئەسەر يازغان.
([14]) «قرآني فيصلي»، غۇلام ئەھمەد پەرۋىيز، 2 – توم، 18 – بەت.
([15]) «البيان بالقرآن»، مۇستافا كامال ئەلمەھدەۋىي، 1 – توم، 105 – بەت.
([16]) «جماع العلم» (ئەلئۇم ناملىق كىتابى بىلەن بىللە نەشر قىلىنغان)، ئىمام شافىئىي، 7 – توم، 275 – بەت.
([17]) «الفصل في الملل والأهواء والنحل»، ئىبنى ھەزم، 4 – توم، 144 – بەت.
([18]) قىسقارتىپ ئېلىندى. «القرآنيون وشبهاتهم حول السنة»، خادىم ھۇسەين ئىلاھىي بەخش، 375 – بەت.

Please follow and like us:

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ