نەزىرنىڭ پۇلىنى باشقا ئىشقا سەرپ قىلىش

نەزىرنىڭ پۇلىنى باشقا ئىشقا سەرپ قىلىش

سوئال: ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم. قىزى راك كېسىلىگە گىرىپتار بولغان بىر ئاتا: قىزىم ساقىيىپ قالسا، پۈتۈن يېزا ئاھالىسىگە تاماق بېرىمەن دەپ نەزىر قىلغان. 4 يىل داۋالانغاندىن كېيىن ئاللاھنىڭ شىپالىق ئاتا قىلىشى بىلەن قىزى ساقايغان. بۇ ئەھۋالدا، نەزىر ئۈچۈن يېزا ئاھالىسىگە تاماق بېرىدىغان پۇلنى ئافرىقىدا قۇدۇق كولاشتەك باشقا تۈرلۈك خەيرلىك ئىشلارغا سەرپ قىلىشقا بولامدۇ؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھى ۋەبەرەكاتۇھۇ:

بارلىق ھەمدۇسانالار جانابىي ئاللاھقا بولسۇن، شۇنداقلا پەيغەمبىرىمىز سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمگە، ئائىلە – تاۋابىئاتلىرىغا، ئەسھابلىرىغا ۋە ئۇ زاتقا تاكى قىيامەتكىچە ئەگەشكەنلەرگە دۇرۇد ۋە سالاملار بولسۇن.

«نەزىر قىلىش»: كىشىنىڭ شەرىئەت ئۇنىڭغا ۋاجىپ قىلمىغان بىرەر ئىشنى، ئۆز ئىختىيارى بىلەن ئۆزىگە ۋاجىپ قىلىۋېلىشىدىن ئىبارەت. مەسىلەن: مەن چوقۇم ئاللاھ ئۈچۈن 10 كۈن روزا تۇتىمەن، قىزىم ساقىيىپ قالسا، مەن چوقۇم ئاللاھ ئۈچۈن پۈتۈن يېزا ئاھالىسىگە تاماق بېرىمەن، دېگەندەك.

بۇ تۈرلۈك نەزىرنى ئادا قىلىش ۋاجىپ بولۇپ، بارلىق ئالىملارنىڭ بىردەك قارىشىدا ئۇنى ئورۇندىماي تاشلاپ قويۇشقا بولمايدۇ. ئاللاھ تائالا. «ئۇلار ئۆز ئۈستىگە ئالغان ئىبادەتلىرىنى ئادا قىلسۇن» (ھەج، 29) دېگەن. يەنە نەزىرلىرىنى ئادا قىلىدىغان ياخشىلارنى مەدھىيىلىگەن: «ئۇلار ئۆز ئۈستىگە ئالغان ئىشنى ئورۇندايدۇ ۋە دەھشىتى كەڭ دائىرىلىك بولغان كۈندىن (يەنى قىيامەت كۈنىدىن) قورقىدۇ» (ئىنسان، 7).

ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھادىن رىۋايەت قىلىدۇكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: «كىمكى ئاللاھقا ئىتائەت قىلىشقا نەرىز قىلغان بولسا، ئۇنىڭغا ئىتائەت قىلسۇن، كىمكى ئاللاھقا ئاسىيلىق قىلىشقا نەرىز قىلغان بولسا، ئاللاھقا ئاسىيلىق قىلمىسۇن»(1).

يەنە بىر ھەدىستە ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمدىن:

ــ يا رەسۇلەللاھ! مەن جاھىلىيەتتە مەسچىتى ھەرەمدە بىر كېچە ئېتىكاپ قىلىشقا نەزىر قىلغان ئىدىم، ــ دەپ سورىغان ئىدى، رەسۇلۇللاھ:

ــ نەزرىڭنى ئادا قىل، ــ دېدى(2).

مەزكۇر ئايەت ۋە ھەدىسلەر شۇنى كۆرسىتىدۇكى، كىمكى بىرەر ياخشى ئىشنى ئاللاھ ئۈچۈن ئۆز ئۈستىگە ئالغان بولسا، ئۇنى ئورۇنداشقا ئىمكانىيىتى يار بېرىپلا قالسا ئۇنى ئورۇندىشى ۋاجىپ. گەرچە ئۇ تاماق بېرىشتەك ئىشلار ئەسلىدە ۋاجىپ ئىش بولمىسىمۇ، ئۇنى نەزىر قىلغانلىقى ئۇنى ئۆزىگە ۋاجىپ قىلغانلىق بولىدۇ.

سوئالدىكى نەزىر مۇئەييەن بىر يېزا ئاھالىسىگە تاماق بېرىشتىن ئىبارەت ساۋابلىق ئىشنى ئۈستىگە ئېلىشتىن ئىبارەت بولغاچقا، ئۇنى نەزىر قىلغىنى بويىچە ئادا قىلىشى ۋاجىپ. ئۇنىڭ پۇلىنى ئۇنىڭدىن باشقا خەيرلىك ئىشلارغا سەرپ قىلىشقا بولمايدۇ. چۈنكى نەزىرنى ئەسلىدە نەزىر قىلغۇچى بەلگىلىگەن جايغا ئادا قىلىش كېرەك. ئۇنى ئەمەلدىن قالدۇرۇشقا ياكى ئورنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. بۇنىڭدا ئالىملار ئوتتۇرىدا باشقىچە قاراش يوق.

ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇ نەزىر شۇ يېزا ئاھالىسىنىڭ ھەققى بولۇپ كەتكەن. شۇڭا ئۇنى باشقىلارغا يۆتكەشكە بولمايدۇ. بۇ خۇددى مەلۇم بىر شەخسكە قىلىنغان ۋەسىيەتكە، مەلۇم كىشىلەرگە قىلىنغان ۋەقفىگە ئوخشاش.

ۋەللاھۇ ئەئلەم.

دوكتور ئابدۇلئەزىز رەھمەتۇللاھ

2020. 06. 5

———————————
1. «سەھىھۇل بۇخارىي»، 6696 – ھەدىس.
2. «سەھىھۇل بۇخارىي»، 6697 – ھەدىس.

Please follow and like us:

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ