ئەر كىشى ئاكا ياكى ئىنىسىنىڭ ئايالىغا مەھرەم بولالامدۇ؟

ئەر كىشى ئاكا ياكى ئىنىسىنىڭ ئايالىغا مەھرەم بولالامدۇ؟

سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم، مۇسۇلمان ئەر ئاكا ياكى ئىنىسىنىڭ ئايالىغا مەھرەم بولالامدۇ؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھى ۋەبەرەكاتۇھۇ.

بارلىق ھەمدۇسانالار جانابىي ئاللاھقا بولسۇن، دۇرۇد ۋە سالاملار پەيغەمبىرىمىزگە، ئۇ زاتنىڭ ئائىلە – تاۋابىئاتلىرىغا، ئەسھابلىرىغا ۋە ئۇ زاتقا تاكى قىيامەتكىچە ئەگەشكەنلەرگە بولسۇن!

ئەرنىڭ قېرىندىشى ئايالىغا نىسبەتەن مەھرەم بولالمايدۇ. چۈنكى، بۇلارنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى نىكاھلىنالماسلىق ئەھۋالى مەڭگۈلۈك ئەمەس، بەلكى ۋاقىتلىق. شۇڭا، ئايالنىڭ ئېرى ئۆلۈپ كەتسە ياكى ئايالىنى تالاق قىلىۋەتسە، ئۇنىڭ قېرىندىشى ئۇ ئايالنى ئەمرىگە ئالالايدۇ. مەھرەم بولۇش ئۈچۈن مەڭگۈ نىكاھىغا ئالالمايدىغان بولۇشى لازىم.

ئۇقبە ئىبنى ئامىر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىدۇكى، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم:

— يات ئاياللارنىڭ قېشىغا كىرىشتىن ساقلىنىڭلار — دېگەندە، ئەنسارلاردىن بىر كىشى:

— ئى رەسۇلۇللاھ! ئەرنىڭ تۇغقانلىرىنىڭ كىرىشىگە نېمە دەيلا؟ — دەپ سورىۋىدى، رەسۇلۇللاھ:

—ئەرنىڭ تۇغقانلىرى ئۆلۈمدۇر — دېدى.(1)

ئىمام نەۋەۋىي ئېيتىدۇ: «بۇ ھەدىستىكى ئەرنىڭ تۇغقانلىرى ئەرنىڭ ئاتا – بوۋىلىرى ياكى ئوغۇللىرىدىن باشقا تۇغقانلىرىدۇر، چۈنكى ئەرنىڭ ئاتا – بوۋىلىرى بىلەن ئوغۇللىرى ئايالغا مەھرەم ھېسابلىنىدۇ، ئۇلار بىلەن بىللە يالغۇز بولسا بولىدۇ. شۇڭا، ئۇلار ئۆلۈم بىلەن سۈپەتلەنمەيدۇ. بۇ ھەدىستىكى ئەرنىڭ تۇغقانلىرىدىن مەقسەت: ئەرنىڭ ئاكا – ئۇكىلىرى، جىيەنلىرى، تاغىلىرى ۋە تاغىلىرىنىڭ ئوغۇللىرى قاتارلىق ئايالغا مەھرەم بولمىغان كىشىلەردۇر».(2)

بۇنىڭغا بىنائەن، ئەرنىڭ ئاكا – ئۇكىلىرى، جىيەنلىرى، تاغىلىرى ۋە تاغىلىرىنىڭ ئوغۇللىرى قاتارلىق ئايالغا مەھرەم بولمىغان كىشىلەر ئارىلىشىشتا ۋە سەپەر قىلىشتا يات كىشىلەرگە ئوخشاش بولىدۇ.

ۋەللاھۇ ئەئلەم بىسسەۋاب / ئاللاھ ئەڭ توغرىسىنى بىلگۈچىدۇر!

دوكتور ئابدۇلئەزىز رەھمەتۇللاھ

ھ. 1432، 14 – جامادىيەلئاخىر / م. 2011، 17 – ماي

«پەتۋالار مەجمۇئەسى»، 2 – توم، 323 – بەت. 55 – نومۇرلۇق پەتۋا.

—————
1. بىرلىككە كېلىنگەن ھەدىس: «بۇخارىي»، (5232)، «مۇسلىم»، (2172). ئادەتتە بۇ تۈرلۈك تۇغقانلارنىڭ ئۆيلەرگە كىرىپ – چىقىشىغا سەل قارىلىپ، يەڭگىسى بىلەن خالىي ئولتۇرۇپ قالىدىغان ئەھۋاللار يۈز بېرىدىغان بولغاچقا، ھالاكەت گىرداۋىغا ئاپىرىدىغانلىقى جەھەتتىن ئۆلۈمگە ئوخشىتىلغان. ئەينىي: «ئۇمدەتۇلقارىي»، 20/214.
2. نەۋەۋىي: «شەرھۇ سەھىھى مۇسلىم»، 14/154.

Please follow and like us:

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ